• ئويغۇنۇش(ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:07-02-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: admin   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 34 قېتىم   ئىنكاس: 5 پارچە
    پۇل قەرز ئېلىش

     
    (ھېكايە)

    تۇردى ئىسرائىل



    مەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزۈمنىڭ ياشۋە شاشلىقىمغا باقماي، تۇتقان-قويغىنىنى بىلمەيدىغان بىر تېجىمەلگە ئايلاندىم .گاھىدا ئۆزۈمگە : -توۋا !بىراۋ بانكىدىن پۇل قەرز ئالماقچىدىم، كېپىللىكتىن ئۆتۈشۈپ بەرسەڭ ئاغىينە- دەپ يېلەنسىلا ،پۇل قەرز ئالغۇچى قانداق ئادەم، قەرز پۇل قايتۇرۇش ئىقتىدارى بارمۇ-يوق ... دېگەنلەر بىلەن قىلچە ھېسابلاشمايلا قەرز پۇل ئالغۇچىنى بىر ئورۇندا بىللە ئىشلىگەن خىزمەتدىشىم - دەپ قاراپ ، سۆزلىرىگە يىنىكلىك بىلەن ئىشىنىپ كېتىپ،ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە جەراستاندا بىر پۇلغا ئەرزان،ئىككى پۇلغا قىممەت تۇۋاردەك قەدىرسىز ھالغا چۈشۈپ قالغىنىڭغا توي- دېگىنىمچە ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئۈنسىز نىدا قىلىدىغان بولۇپمۇ قالدىم . گاھىدا قانداق ئىشلارنى سادىر قىلىپ قويدۇم مەن ھە –دېگىنىمچە ،ئىككى پىنەك تارتىۋالغان چېكەرمەندەك مىجەزى چۇس، ئۇششاق ئىشلارغىمۇ كىشىلەر بىلەن بىھۇدە ئازارلىشىدىغان بىر تەلۋىگە ئايلىنىپ قالدىم .نېچۈن دەپ سۇراۋاتامسىلەر...؟
    1
    مەن ناسىر ئەپەندى بىلەن بىرگە ئشلەش جەريانىدا بىر-بىرىمىزنى ئاكا –ئىنىدەك ھۆرمەت قىلىشىپ ئۆتۈشكەچكە ، بىز ئىناق دۇستلاردىن بولۇپمۇ قىلىشقان ئىدۇق . گەرچە 3-4يىللاردىن كېيىن ئۇ دۇستۇم خىزمەت ئىھتىياجىدىن يىراقراق بىر ئورۇنغا يۆتكۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىز يەنىلا ئۇچۇرلۇشۇپ بىر-بىرىمىزدىن ھال-ئەھۋال سورۇشۇپ ئۆتىشەتتۇق.
    كېيىنچە مەن تەشكىلنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچىگە « قوش تىل» بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشىىغا كېتىپ قالدىم ، نەتىجىدە بىز بىر نەچچە يىلغىچەتېلېفۇندا كۆرۈشۈپ تۇرساقمۇ بىراق، دىدارلىشىپ باقمىدۇق.
    بىلىم ئاشۇرۇش مۇددىتىم ئاياقلىشىپ يۇرتقا قايتىپ كەلگەن كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن تەساددىپى ئۇچىرىشىپ قالساق، ئۇزۇنغىچە ھال-مۇڭ قىلىشاتتۇق…
    بۈگۈن ئىدارە تەشكىللگەن نوتۇق سۆزلەش پائالىيتىگە قاتنىشىش مۇناسىبىتى بىلەن ،ئۇ بۇرادىرىم بىلەن پائالىيەت سورۇنىدا ئۇچىرىشىپ قالدىم.شۇ تاپتا ئۇنىڭ روھى-ھالىتى تولىمۇ سولغۇن بولۇپ ،كەيپىياتى بەئەينى كېسەل تەگكەن چۈجىدەكلا شۈمشۈيۈپ قالغان ئىدى.
    ئۇ مېنى كۆرۈپ توپتىن ئۇگىسىدىن ئايرىلغان سۇغۇردەك سۇغۇرۈلۈپ چىقتى-دە،غولىچىنى سېرىكۇلدەك ئاچقىنىچە :
    -ۋاي ئاداش ،بارمۇ سەن؟ سېنى كۆرگىلىمۇ بولىدىكەن ھە -دېگىنىچە، يوغان ئالقانلىرى بىلەن قوللىرىمنى قېسىۋىلىپ،ئۇزاققىچە قويۇپ بەرمەي ئەھۋال سوراشقا باشلىدى.
    ئۇنىڭ ئائىلە شارائىتى يانفۇن ئىشلىتىشىكە يار بەرمگەچكە ماڭا تولاراق ئاممىۋى تېلېفون ئارقىلىق ئۇچۇر بېرەتتى.شۇڭىلاشقا بىز « كۆرسە ھالى يوق،كۆرمىسە كارى يوق» دۇستلاردىنمۇ بولۇپ قىلىشقان ئىدۇق. شۇ سەۋەپتىنمىكىن بىز تۇيۇقسىز ئۇچۇرۇشۇپ قالدىغان بولساق ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى تاشلاپ بىر-بىرىمىزدىن قىزغىن ئەھۋال سورۇشۇپ كېتەتتۇق. قىلىشىدىغانھال-مۇڭىمىزنىڭ كۆپۈنچىسى تۇرمۇش ،بالىلارنىڭ ئوقۇشى ، مۇئاش ،كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقان مال باھاسى .... دېگەندەك كۈندۈلۈك تورمۇشقا بىۋاسىتە مۇناسىبەتلىك ئىشلار ئۈستىدە بولاتتى .
    ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى گەپ –سۆزلىرىدىن پات-پاتلا ئېزىپ تۇرغان ھالىتىدىن ماڭا ئېيتالمايۋاتقان ۋە ئېيتىشقىمۇ خىجىل بولۇۋاتقان بىرەر مۇھىم گەپ-سۆزى باردەكلا قىلاتتى … ئۇتەرەپلىرى ماڭا تېخى قاراڭغۇ ئىدى .
    رەھبەرلىك بۈگۈنكى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاممىۋى نوتۇق سۆزلەش پائالىيىتىدە مېنى نوتۇق سۆزلەشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويغاچقا ، ماڭا ئوخشاش سۆز قىلىشقائۇرۇنلاشتۇرۇلغانلار پائالىيەت سورۇنىدىن ئايرىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايتى. سۆز قىلىش نۆۋىتى ماڭىمۇ كېلىپ قالدى . مەن ناسىرغا سائەت ئالتىدە «ئۈمىد»رېستۇرانىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ قويۇپلا، يىغىن سەھنىسىگە قاراپ ماڭدىم .
    * * *
    بىز دېيىشىۋالغىنىمىز بويىچە رېستوران ئايرىم خانىلىرىنىڭ بىرىگە چۈكتۇق-تە، ھال –مۇڭنىمىزنى باشلاپ كەتتۇق . ناسىر مېنىڭ چوڭ-چوڭ ئېلىش ھەققىدىكى ئۆتۈنۈشلىرىمگە پەرۋاسىز ھالدا قورۇمىلارغا تاۋى يوقتەك بىر تەرىزدە :
    -دىلشاد ئاغىينە ،بۈگۈن ئەتتىگەندە تەپسىلىرەك ئەھۋاللىشىشقا پۇرسەت بولمىدى. شۇڭىلاشقا بۇ خالى ئورۇندا ئەھۋاللىرىمدىن ساڭا تەپسىلىرەك چۈشەنچە بېرىشنى تايىن تاپتىم. ئائىلە ئەھۋالىم ئۆزۈڭگە ئايان. ئايالىم ئۇچاق بېشىغا خۇجايىن.چوڭ ئوغلۇمنىڭ ئالى مەكتەب ، ئۈچىنجى يىللىقىغا قەدەم قويغانلىقىنى بىلىسەن. ئىككىنجىسىمۇ بۇ يىل ئالى مەكتەب ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. دۆلەتنىڭ مۇشۇ « پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» كىشىلەر كۆڭلىگە تولىمۇ خۇش ياقىدىغان بەك بەلەن قانۇن ئىكەنتۇق .بولۇپمۇ ماڭا.مەن توي قىلغان يىللاردا دۆلەتنىڭ مۇشۇ« پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ كەتكەن بولسا ،«لاۋزا قوغۇننىڭ ئۇرۇقى جىق»دېگەندەك،بالىنى بۇنچە جىق ئالماسكەنمەن .بالىلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەر دەرىجىلىك مەكتەبلەردە ئوقۇۋاتىدۇ.مۇشۇ كۈنلەردە بالىلىرىمنىڭ ئوقۇش ۋە پارچە خىراجەت راسخۇدلىرىغا ئارانلا ئۈلگۈرىۋاتىمەن.بەزىدە مۇئاشىم بۇ خىراجەتلەرگىمۇ چىقىشماي، ئۆتنە-يىرىم گەدىنىمگە مىقلىنىپ قالىدىغان چاغلارمۇ بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. بالىللىرىم ئوقۇيدىغان كەنت مەكتىپىنىڭ مەسئۇلىمۇ ماڭا كۈيۈنۈپ: سىلىنىڭ مەكتىبىمىزدە ئوقۇيدىغان باللىلىرى كۆپكەن ،مەكتەب مەمۇرىيىتى سىلىنىڭ بۇ ئالاھىدە ئەھۋاللىرىنى نەزەرگە ئېلىپ،سىلىدىن ئېلىشقا تېگشلىك بەزى ھەقلەرنى ئالماسلىقنى قارار قىلدۇق - دەپ،ئۇلارمۇ قۇربىنىڭ يېتىشىچە ماڭا غەمخۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ. راستىنى ئېيتسام باللىرىم جىق بولغاچقا ئۇلارنىڭ مەكتەبكە تۆلەشكە تېگىشلىك شۇنچە كۆپ خىراجەتلىرىگە ئۆلگۈرۈپ بولالمىدىم،ياكى بالىلارنىڭ ماۋۇسى بۇ يىل ئوقۇشقا كىرىپ ،قالغانلىرى بىر- ئىككى يىل تۇرۇپ تۇرسۇن دېگىلى بولمىسا . ئوقۇش يېشىغا تولغان پەرزەندلەرنى سەۋەب كۆرسۈتۈپ مەكتەبكە بەرمەسلىككە ياكى نامىراتلىقنى دەستەك قىلىۋىلىپ ئوقۇۋاتقانلىرىنىمۇ يېرىم يولدا ئوقۇشتىن چىكىندۈرىۋالغىلى بولمىسا.
    ناسىر چايدىن بىر ئوتلىۋىلىپ ،سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
    - پۇلدىن ئىبارەت ئوبۇرۇت بۇيۇمى ھاكىم مۇتلەقلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بازار ئىگىلىگى شارائىتىدا ئەھۋالىم باشقىلارنىڭ قۇۋەتلىك ئۇزۇقلىنىش، چىرايلىق كېيىنىش ،ئەل قاتارى يۈرۈش .....دېگەنلىرى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . ياكى بولارىم شۇ دەپ ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتكىلى بولمىسا .يەنىلا چىمشىزنى چىشلەپ ئەل قاتارى ياشىمىساق، كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالىدىغان گەپكەن .تۇۋارلاشقان بىلىم ئىگىلىگى ئىقتىساد نوقتىسىدىن ھە دەپ ئۆزىنى كۆرسۈتۈۋاتقان شارائىتتا بىز پەرزەندلەرنى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن موپەسسەل قۇراللاندۇرۇپ، نېنىنى تېپىپ يېيەلىگىدەك ئادەملەردىن قىلىپ چىقمىساق بولمايدىكەن .شۇڭا مەن بالىلار ئۈچۈن ئائىلىدىكى بەزى زۈرۈرىيىتى يوق چىقىملارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىپ،تۇرمۇشىمىزنى ئاددى-ساددى ئۆتكۈزۈپ،بالىلارنىڭ غېمىنى كۆپىرەك يېمىسەك بولمايدىكەن.بالىلارنى ياراملىق ئادەملەردىن قىلىپ چىقىش، ئازغىنە ئىقتىساد بىلەنلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغان ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسكەن. زامان كۈنسېرى تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە توي-تۈكۈن،نەزىرە-چىراق،... لارغا لايىقىنى قىلىپ بىرىشقىمۇ پۇل بولمىسا بولمايدىكەن. جېنىم تېنمدىلا بولسا بالىلىرىمنى ئۇبدان ئوقۇتۇپ ، نېنىنى تېپىپ يېيەلىگىدەك ئادەملەردىن قىلىپ چىقمىسام ھېساب ئەمەس . بۇ ئىش تەرتىپلىرىنىڭ ھەممىسىلا خۇددى تېمساخلاردەك ئاغىزىنى يۇغان ئېچىپ ،پۇل-پۇللا دەپ تۇرىدىكەن. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئەندى مەن كاللامنى سېلكىۋىتىپ، ئۇيقۇمنى ئېچىپ،ئىقتىساد ئازادلىقىغا ئېرىشمىسەم ،جەمىيەتنىڭ ئارقىسدا قالىدىغانلىقىم ئېنىقلا گەپ بولۇپ قاپتۇ جىنىم ئاغىينە .
    ناسىر ئەسىلىدىنلا ھاراق،تاماكا دېگەندەك كەيىپلەرنى قىلايدىغان ئادەم ئىدى . ئەندى ئۇ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ، بىر نەچچىنى كۈچەپ شۇرىۋىتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :
    - ئىنسان دېگەن ياخشى ئۇزۇقلىنىپ،چىرايلىق كىيىنىپ،يۈرۈش-تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ ،دەم ئېلىش كۈنلىرىمنى مەنزىرىسى گۆزەل ،ھاۋاسى ساپ ئۇرۇنلاردا سەيلە-ساياھەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ، يامان كېسەلگە تۇتقۇن بولماي،خۇدا بەرگەن تۆت كۈنلۈك ئۆمۈرىمىزنى ئۇزارتسام – دەپ ئويلايدىكەنمىز . بىراق ، ئادەمنى مۇشۇ نامىراتلىق كانىدەك چېقىپ تۈگەشتۈرىۋىتىدىغان ئوخشايدۇ .مەن كىشىلەرنىڭ تۇققۇزى تەل ،تۇرمۇشنى خۇشا-خۇرام ئۆتكۈزۈشكە ئېنتىلىشىنى بۇ ھاياتلىقىدا ئارزۇلايدىغان مۇھىم ئىشلىرى بولسا كېرەك - دەپ ئويلاپ ، يېقىندا مەنمۇ زامانغا لايىق ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ، تۇرمۇشۇمنى باياشاتراق ئۆتكۈزۈپ باقسام نېمىشقا بولمىغىدەك –دېگەن ئويغا كېلىپ « مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق گۈشكە ئامىراق،... » دېگەندەك، غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىمغا قارىماي بىنادىن ئۆي ئالىمەن- دەپ، تېزىملىتىپ كېتىشىملىرىمچۇ.كاشكى ئۇ ئۆيلەرنى بىكارغىلا تۇتقۇزۇپ قويىدىغاندەك.
    مەن مۇشۇ كۈنلەردە ئائىلىدە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۆزۈم جاپا تارتىساممۇ كېرەك يوق ،بالىلارنى ئۇبدان ئوقۇتۇپ، باياشاد تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ، پۇل تاپمىسام زادىلا بولمىغىدەك - دېگەن خىيالغا كېپ قالدىم . باشقىلارمۇ «يەر ئالتۇن قوزۇق»دېگەندەك، يەر تېرىپ تۇرمۇشىنى گۈلدەك قامداپ يۈرۈشىۋاتمامدۇ. ،ھەركەتتە بەرىكەت –دەپ ، ئۇلاردىن نەرىم كام؟ مەنمۇ شۇلارغا ئوخشاش ئىشتىن سىرت ئوقەت قىلىپ ،ئائىلەمنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتەي – دېگەن ئوي بىلەن ، ئۆزۈم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىنىڭ كەنت مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ،تېرىيدىغان يەرنىمۇ تېپىپ قويدۇم.تېرىيدىغان يەرنىغۇ تېپىپ قويدۇم بىراق،«ماڭمىغان يولنىڭ ئوي-چۇڭقۇرى بار »دېگەندەك ،تېرىقچىلىق دېگەنمۇ يەنىلا شۇ پۇل دېگەن غۇجام بىلەن ئوخشايدىكەن ئەمەسمۇ ؟!يەنە كېلىپ يەر ئىجارىسى ،تېرىش دېگەنلەرگىمۇ 20-30مىڭ يۈۋەنچە دەسمى كېتىدىكەن. شۇڭا مەن ئالدىمىزدىكى بىر –ئىككى ھەپتە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تېرىقچىلىققا سالىدىغان مەبلەغنى ھەل قىلمىسام بولمايدۇئاغىينە-دېدى .
    ناسىر مېنىڭ زورۇم بىلەنلا قورۇمىلارغا ئېغىز تەككۈزگەچ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
    - مەن يەر ھۆددە ئالغان كەنت مەسئۇللىرى تولىمۇ پىرىنسىپچان كىشىلەركەن.ئۇلار يەرنىڭ ھۆددە پۇلىنى كۈزلۈككە تاپشۇراي -دېگەن سۆزۈمنى پەقەتلا ئىتىبارىغا ئېلىشمىدى .ئۇلار نېمە دەيدۇ- دېمەمسەن :ئەپەندىم،سىلە يەرنى تېرىشتىن بۇرۇن يەر ھۆددىگەرلىك پۇلىنى كەنت مالىيەسىگە تاپشۇرىۋىتىپ، شۇ يىل ئىچىدە يەرگە نېمە تېرىۋالسىلا ئىختىيارلىرى. بىز كەنت مالىيىسىگە كىرىم بولىدىغان يەر ھۆددە پۇلىنىلا تونۇيمىز. يەر ھۆددىگەرلىك پۇلىنى چۇقۇم يەر تېرىشتىن بۇرۇن تۆلەشلىرى كېرەك . بۇ ئۆزىمىز چىقىرىۋالغان تۈزۈم ئەمەس.بۇ يۇقىرىىنىڭ بىكىتىپ بەرگەن بەلگۇلىمىسى .يۇقىرىنىڭ بەلگۈلىمىسىنى ئۆزىمىز خالىغانچە ئۆزگەرتىۋالىدىغانغا بېشىمىز ئون ئەمەس- دېيشىۋاتىدۇ. ئىش باشلىماي تۇرۇپلا ، ئەشۇ مېھرى ئىسسىق پۇل ھە-ھۇ! دېمەيلا ئۆزىنى كۆرسۈتۈۋاتىدۇ. يەرگە دەسمى سىېلىشقا مەندە ئېشىپ تۇرىدىغان ئۇنچە كۆپ پۇل نېمىش قىلسۇن . پۇل دېگەن مېھرى ئىسسىق قەغەز مەندە بولمىغاچقا ، يەرنىڭ ھۆددە پۇلىنى تۆلىمەي تۇرۇپلا بېشىمنىڭ ئىچى-تېشى قېتىپ ،يەر قاتتق ئاسمان ئېگىزتۇيۇلىۋاتىدۇ. دىلشاد ،سېنىڭ قانداق چارە-ئاماللىرىڭ بار ،نان تېگىدىغان نەق گەپنىلا قىلساڭا ، جېنىم ئاغىينە -دېدى ئۇ ماڭا .
    ئۇنىڭ ئەھۋالى تولىمۇ ناچار بولۇپ،چېھرى خۇددى يامغۇر تۈكۈش ئالدىدا تۇرغان بۇلۇتلۇق ئاسماندەكلا تۇتۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ھازىرچە ئۇنىڭغا مەنمۇ پەقەت كۆڭۈل كۆتىرىدىغان گەپلەرنىلا قىلالايتىم .ئۇنىڭدىن ئارتۇقى مېنىڭمۇ قولۇمدىنمۇ كەلمەيتى . ناسىرنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقۇم ،ھېسىداشلىق قىلغۇم كېلىپ قالدى.مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن:
    - بۇرادەر ،ئۈزۈڭنى ئۇنچىۋالا يۇقۇتۇپ قويما ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىشقا يەنە بىرەر ئايچە ۋاقىت بار . ھازىر بانكىنىڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىغا ئاز سوممىلىق قەرز پۇل تارقىتىدىغان ۋاقتى. يەرگە سالىدىغان مەبلەغنى بانكىدىن قەرز ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپلا ئىشلىرىڭنى يۈرۈشتۈرمەمسەن - دېدىم مەن ئۇنىڭغا.
    ناسىر دېرىزىدىن يىراقلارغا نەزەر سالغىنىچە :
    -ئاغىينە ، بانكىغا بارمىدى دەمسەن؟بانكا دېگەندە بىزگە ئوخشاش كادىر خەقنىڭ موئامىلە قىلمىقىمۇ بەسى مۈشكۈلكەن.ئۇلار نېمە دەيدۇ- دېمەمسەن؟سىلە دېگەن ھۆكۈمەتتىن مۇئاش ئالىدىغان كادىر خەق،بىز دېھقان-چارۋىچىلار ئۈچۈنلا مولازىمەت قىلىمىز.بانكىمىزنىڭ كادىر خەقلەرگە پۇل قەرز بېرىش ۋەزىپىسى يوق . ئەگەر سىلە راسىتىنلا پۇلغا ئىھتىياجلىق بولسىلا يەرگە مۇئاشلىرىنى دەسمىي قىلسىلا ، بانكىدىمۇ سىلىدەك كادىر خەققە قەرز بېرىدىغانغا ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدىغان ئۇنچە كۆپ مەبلەغمۇ يوق.... –دېگەندەك پۇقتىنمۇ سېسىق گەپلەرنى قىلىپ يولغا سالدى. ئۇ يەرگە بېرىپ قالغىنىمغا مىڭ بىر پۇشايمان قىلىپمۇ كەتتىم. بانكىدىن پۇل قەرزئالىدىغان ئىشنى خىزمەتداشلىرىمغا مەسىلھەت سېلىپ باقسام، ئۇلار: ھازىر دېگەن كىشىلەر ئېڭىنى پۇل مونۇپۇل قىلىۋالغان بازار ئىگىلىگى دەۋرى.بۇ مەزگىلدە بارمىقىڭنى بۇرنۇڭغا تېقىپلا قۇرۇق بارساڭ ئەلبەتتە قۇرۇق گەپ ئۇلارنىڭ قولىقىغا خۇش ياقىمىغان ئىش. ھازىر دېگەن بىراۋلارغا ئىھتىياجى چۈشكەن ھەر قانداق بىر ئادەم بىرەر كاللەكنى شۇ ئادەمنىڭ گېلىنى قارارلاپلا ئېتىۋەتسە ،ھېلىغۇ سەن ناھايىتىشۇ ئازىراقلا قەرز پۇل ھەل قىلماقچىكەنسەن. پۇل دېگەن بۇ كارامەتچى شەيتاننى ئۇسۇلغا سېلىپ، كىملەرنىڭدۇر بۇرنىغا چۈلۈك سېلىپ،ئۇلارنى ھەپسىلگە ئىتتىرمىگەن يەنە كىملەرنىدۇر يۇقسۇزچۇلۇقنىڭ ھاڭلىرىدا ھالاك قىلمىغان دەيسەن. ھەر كىمدە مۇشۇ تويمىغۇر گاللا بولىدىكەن ،شۇ نەپسى بالاسى ئىنساننى ھەر كويغا سالىدۇ.سەن بانكا باشلىقىغا پىشكە ئادەمگەرچىلىك قىل.قول قولنى يۇسا ،قول يۈزنى يۇيار –دېگەننى ئاڭلىمىغانمىدىڭ ؟سەن دانالارنىڭ :ئادەمنىڭ شۇ تويمىغۇر گېلى ئىنساننىڭ يۈزىنى چۈشەرگۈچى شەيتاندۇر- دېگەن ئەقلى خولاسىسىنى ئەستە چىڭ تۇتۇشىڭ لازىم.ھاجىتىڭ چۈشكەن ئادەمنى ئەشۇ تويمىغۇر گالدىنلا ئېلىۋالساڭ ، قىلدۇرماقچى بولغان ئىش،يەتمەكچى بولغان نىشانغا ئاسانلا يېتىدىغان زامان بولۇپ كەتتى ھازىر –دېيىشتى. ئائىلە ئەھۋالىمنى يىپتىن-يىڭنىسىگىچە بىلىسەن ،«كانايغا ياغ يوق ،سۇنايغا نەدە…» دەپ، مەندە نەدىمۇ ئۇلارنىڭ نەپسىنى قارىغا ئالغىدەك ئېشىپ-تېشىپ تۇردىغان تۆت تەڭگە بولسۇن دەيسەن. ئۇلارنى قۇرۇق قول ئىزدەپ بېرىشىم ئۇلارنىڭ پىسەنتىگە ياقمىغاندۇ بەلكىم – دېگەن خىيال بىلەن ، پۇل ھەل قىلىشنىڭ ئەپلىك چارىسىنىمۇ تېپىۋالدىم-دە، خىزمەتداشلىرىمنىڭ بىرىدىن مۇئاش تارقىتىلغاندا قايتۇرىدىغانغا كېلىشىپ، ئازراق پۇل ئۆتنە-يېرىم قىلىپ،ئۇنىڭغا يېنىمدىكىسىنى قوشۇپ،« پەيشەنبە بازار»دا بىدىكنىڭ يانچۇقىغا پۇل تىقىپ يۈرۈپ ،بىر مىڭ ئىككى يۈز دېگەن رەڭلىك قەغەزنى بارمىقىمنى ھۆللەپ تۇرۇپ ساناپ بېرىپ، تۆت ياشلىق ئېرىكتىن بىرنى سېتىۋالدىم-دە، قەغەزگە يېزىپ تەييارلىۋالغان مۇددائىيىمنى بېنىت بىلەن قوينىڭ مۈڭگۈزىگە چىڭ يېپىشتۇرۇپ ،قاش قارايغان مەزگىلدە قوينى ئۇدۇللاپ بانكىرنىڭ قۇتىنىغا كىرگۈزىۋىتىپ، ئۆزۈمنى 100،50سوملۇق باغلام-باغلام پۇللارنى ساناۋاتقان بايۋەتچىدەك سەزگىنىمچە ،بانكىرنىڭ كاتتا داچىسىغا ئالدىمچە كىرىپ ئارقامچە قايتىپ چىقتىم.
    ئىشنىڭ دەسلىپىدە يانىۋارنىڭ توڭىدەك قېتىۋالغان بانكىر ،ئەندىلىكتە مايغا چىلانغان پىلىكتەك يۇمشاپ، ماڭىدىغان يولۇممۇ قىسقارغاندەك بولدى .ئەندى ئۇ بانىكىغا دەسلەپ بارغان چاغلىرىمدىكىگە ئوخشاش ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە سىياسەتلىرى،بانكىنىڭ قەرز بىجىرىش پىرىنسىپىلىرى…. دېگەندەك ئىشلار ئۈستىدە ئاغزىدىن كۈپۈك چىقىرىپ سۆزلەپمۇ يۈرمەيدىغان بولدى .«يېگەن بۆرىنىڭ يۈزى تۈۋەن »دېگەندەك ، ئۇنىڭغا قىلغان ئازغىنە ئادەمگەرچىلىكىم مېنى پۇل بېرىلىدىغان تۈشۈككە يېقىنلاشتۇرغاندەكمۇ قىلاتتى ….
    كەمبىغەل سۇغا چىقسا ،چىلىكىگە ئېشەك تېزەكلەپتۇ- دېگەندەك، ئېپى-جېپىغا كېلىپ، ھەل بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئىشىم تۇيۇقسىزلا ئىگىرىش چاقىدىن چىقىپ كەتكەن تانىدەك چىپپىدە توختاپ قالدى . ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ باقسام ، قەرزپۇل بىجىرىشنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق رەسمىيەتلىرى خېلىلا كۆپكەن.مېنىڭ قەرز پۇلغا ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى تولدۇرۇشۇم قەرز پۇل ئېلىش ئۆتكىلىگە ئەندىلا ئاياق باسقىنىم بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
    بانكىر مېنىڭ قەرز پۇل خېيىم –خەتىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ماڭا ئىككى نەپەر ئادەم كېپىل بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ،يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن مۇئاش ئالىدىغان كادىر بولمىسا تېخىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى .بەلكىم مېنىڭ قەرز پۇلنى نەقلەشتۈرۈشىم ئۇلارغا مەن تۇقۇمنى قارنىمغا ئېلىپ، ئىككى توكتوك پۇلنى غانجۇغلاپ ،خوتۇن –باللىرىمنى قولتۇقلاپ ،بىر ئۇبدان خىزمىتىنىمۇ تاشلاپ ،ئالە شەرىڭنى –دەپلا ، يۇرتتىن مەڭگۇ يوقىلىپ كېتىدىغاندەكلا ، مېنى ئەبەدى تاپالمايدىغاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتكەن چېغى.
    ناسىر سۆزلىگەنچە قىزىشىۋاتاتتى
    - ئاغىينە بانكىدىن قەرز پۇل ئېلىشتا كېپىل بولۇپ بېرىدىغان بىر ئادەمنىغۇ تاپتىم، يەنە بىرسى تېخى شۇ پېتىلا تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا سېنى بۇ ئىشقا ياردەم قولىنى سۇنىۋىتەرمىكىن دېگەن ئۈمىد بىلەن ساڭا دەرد ئېيتىپ ئولتۇرۇپتىمەن. كېپىلنىڭ يەنە بىرىگىغۇ خىزمەتداشلار ئارىسىدىن بىرسىنى تاپقان . دەسلىپىدە كېپىل بولۇپ بەرسەم بېرەي- دېگەن ئادەم بىر نەچچە كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا ، تۈگىدەك ئارقىسىغا سېيىۋېلىپ، كېپىللىكتىنغۇ ئۆتۈپ بەرمىدى . كېپىل بولۇپ بەرمىگەننڭ ئۈستىگە، نېمە دەيدۇ -دېمەمسەن؟ مەن بىراۋلارنىڭ ئەپلەپ-سەپلەپ پۇل قەرز ئېلىۋىلىپ ، كوچا سەتەڭلىرىنى قوتۇقلاپ،رېستۇرانلاردا ئەتتىگەندىن تا كەچكىچە مىلىيۇنىرلاردەك پۇل خەژلەپ ،«رەڭلىك سورۇن»لارنىڭ پەيزىنى سۈرىدىغان ئۇنداق ئادەملەرگە كېپىل بولۇپ بېرىدىغانغا بېشىم ئىشىپ قالمىسا. سەنغۇ ئۇنداق قىلماسسەن بۇرادەرلېكىنزە، كىشىنىڭ قۇرسىقىدىكىنى بىلىپ بولمايدۇ. قىلغان گەپلىرىمنى ئۆزۈڭگە ئېلىپ كەتمە يەنە .ئۆتكەن يىلى بىر خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيۈمگە قايتا-قايتا كېلىۋىشىدىن بىزار بولۇپ كېتىپ،خەير بولاپتۇ،بىللە ئىشلەيدىغان خىزمەتدىشىمكەن «ئەلدىن ئەلگە نەپ »دېگەن گىپىمىز بارغۇ ، ئۇنىڭغا ياردەم يۈزىسىدىن ،كېپىل بولۇپ بەرسەم بېرەي- دېگەن ئوي بىلەن ،ئۇنىڭ قەرز پۇل كېپىللىكىدىن ئۆتۈپ بېرىپتىمەن بىراق، قەرز قايتۇرىدىغاندا نېم بولدى دېمەمسەن؟ ئۇ ئاداش قەرز پۇلنى قايتۇرالماي تاس-ماس قالدى .بانكا تەرەپ سود مەھكىمىسىگەئەرز سۇنۇپ، بىنادىكى ئۆيۈمنى مال-باھا تارماقلىرىغا باھالىتىپ ،كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ ئۇنىڭ بانكا قەرزىگە ھېسابلىۋالغىلى. ھېلىمۇ بانكا تەرەپكە كۆپ قېتىم چېپىپ,ھېلە ئىشلىتىپيۈرۈپ،ئۇنىڭ يىللىق مۇ كاپات سوممىسى ۋە ئاخىرقى ئايلىق مۇئاشىنى قەرز پۇلنىڭ كېلەر يىللىق ئالدىن تۇتۇپ قىلىنىدىغان ئۆسۈمىگە تۆلەتكۈزۈپ ،مۇئاش كارتىسىنى بانكىغا رەنىگە تۇتۇپ بېرىپ، قەرز پۇلنى مۇئاشىدىن ئايمۇ –ئاي تۇتۇۋالىدىغانغا كېلىشتۈرۈپ ،ئۇنىڭ بانكا غەۋغاسىدىن ئارانلا قوتۇلدۇم.مەنچە بولغاندا قەرز كېپىللىكتىن ئۆتۈدىغان ئىشنى ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى قاتتىق چىشلىگەن بەندىلەرلا قىلىدىغان ئىشىكەن.بۇندىن ئىتىبارەن ئۆزى بەش تەڭگە ،توقۇمى ئون تەڭگە بولىدىغان قەرز كېپىللىكىدىن ئۆتۈپ بېرىدىغان ئۇنداق ئىشنى بېشىڭنى ئېلىۋىتىمەن- دېسىمۇ قىلماسمىنا –دەپ،بېشىنى ئىچىگە تېقىپ جىم بولىۋالدى. ئىشلىرىم ھىچ بىر بولجىمايۋاتىدۇ. يەنە تېخى يەر ئوسىسىنىڭ ئالدىرىتىۋاتقىنى . دىلشاد ،جىنىم ئاغىينە ،ئۇنداق قىلماي قەرز پۇل ئېلىشمغا بىر قېتىم ياردەم قىلىۋەتكەن بولساڭ ،سەندىن ئۇ دۇنيا،بۇ دۇنيا رازى بولار ئىدىم،مېنىڭمۇ بىلىشىم،ساڭا رەھمەد ئېيتقۇچىلىكىم بار.مەن بىراۋلاردەك كۆزىنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ،ئۆكۈزدەك گۈشۈيۈپ تۇرىۋالدىغان كالۋالاردىن ئەمەسمەن .كۈزلۈككە پاختام چىققاندا ساڭا قىلىدىغان ياخشىلىقىم بار تېخى –دېدى ئۇ ماڭا يېلەنگىنىچە .
    دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان ئىنسان بۇ دۇنيادا نېمىلەرگە دۇچ كەلمەيدۇ ،نېمىلەرنى قىلمايدۇ…..دەيسەن ؟ئۇينىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن،توپاقنىڭ بېشىغىمۇ كەپتۇ- دېگەندەك،تۇرمۇشتا بىر كۈنلەردە مېنىڭ بېشىمغىمۇ مۇشۇنداق كۈنلەر كېلىپ قالسا مەن قانداق قىلار ئىدىم.... ، دېگەندەك خىياللار ئۇنىڭغا بولغان ھېسىداشلىقىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. .
    ناسىر ئۆزىنى يىغىدىن ئارانلا تۇتۇپ تۇرىۋاتاتتى. مېنىڭ شارائىتىم ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە يار بەرگەن بولسا ئىدى ،ئۇ دۇچ كەلگەن مۈشكۈلچىلىكنى ئۆزۈم بىر قوللۇقلا ھەل قىلىپ بېرەركەنمەن- دەپ ئويلاپمۇ قالدىم.ئامال قانچە، مەنمۇ ئەشۇ بۇرادىرىمگە ئوخشاش ، بىر تىيىننىڭ تۈشۈكىدىن مىڭ قېتىم ئۆتۈپ ، بىر سومنى ئون قېتىم سىيلاشتۇرۇپ، ئازغىنە مۇئاشىنى ئۇ ئايدىن بۇ ئايغا ئارانلا ئولاشتۇرۇپ ، جېنىمنى جان ئېتىپ يۈرگەن بەندە تۇرسام.مەندە ئۇنىڭ باش قېتىنچىلىقىغا ياردەم بېرەلىگىدەك بىرەر ياخشى ئامالىمۇ يوق ئىدى…
    تۇيۇقسىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋاقتىمىزدا بىزگە ئەدەبىيات نەزىريىسى ۋە يېزىقچىلىق كەسپىدىن ئىزچىل دەرس بېرىپ ،چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان ،چېھرىنى تال-تال قورۇقلار باسقان بولسىمۇ لېكىن ، بەستىدىن ياشلىقنىڭ جۇشقۇن سىماسى ئۇرغۇپ تۇرغان سىنىپ مودىرىمىزنىڭ جاراڭلىق ئاۋازدا:-سۆيۈملۈك بالىلىرىم ،سىلەر ئانا مەكتەبنى لاياقەتلىك دەرىجىدە پۈتتۈرۈپ، جاپالىق خىزمەت ئۇرۇنلىرىغا ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتسىلەر. ئالدىڭلاردا باسماقچى بولۇۋاتقان ۋە چۇقۇم بېسىپ ئۆتمىسەڭلار بولمايدىغان تولىمۇ ئۇزۇن ۋە جاپالىق ھايات موساپىسى سىلەرنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بۇ جاپا-مۇشەققەتلىك بۇ يول ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىدىن يۈكسەك ئادىمىيلىكنى ، مېھرى- ۋاپا بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىللىق يۈرەك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ .ئاينىڭ ئونبەشى يۇرۇق ،ئونبەشى قاراڭغۇ بولغىنىدەك ، ھايات يوللىرىڭلارنىڭمۇ جۇد-شىۋىرعان ھوۋلاپ تۇرغان داۋانلىرى بار .ئۇ ھايادلىق سەپىرىدە بىزدىن ئادىميلىك پەزىلەتلىرىمىز بىلەن ،بىر-بىرىمىزىگە مەسئۇل بولىشىمىزنى ،چاڭقىغانغا سۇ،ئاچقانغا ئۇزۇق ،مېيىپقا يانتاياق،ئەماغا ھەدىيە دۇختۇردەك رۇشەن كۆز ئاتا قىلىشنى ، خىلۋەتلەردە يول تۇسماقچى بولغان مەلئۇنلارنىڭ ئېبلىس چىشلىرىنى غۇرۇر كۆرەكلىرىمىز بىلەن چېقىپ،ۋېسال شارابىغا قېنىشىمىزنى تەلەپ قىلدۇ،قېنى باللىلىرىم ،سىلەر شۇنداق قىلالامسىلەر؟ »–دەپ سورىغان جۇشقۇن ئاۋازى ۋە بىزنىڭ :- سۆيۈملۈك ئۇستاز بىز ئالى بىلىم يۇرتىدا سىلىنىڭ ئاتىلارچە غەمخۇرلىق،ئانىلارچە مېھرى كەۋسەرلىرىنىڭ شاپائىتى بىلەن، كەسپى بىلىملەرنى قېتىقىنىپ ئىگىلەپ ، ئوقۇشىمىزنى غەلبىلىك تاماملاپ، گۈزەل ھاياد موساپىمىزنىڭ ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە جۇشقۇن تۇنجى قەدىمىنى ئەندىلا بىسىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز .بىز يېڭى خىزمەت ئۇرۇنلىرىغا بېرىپ، ۋەتەن،خەلق ئۈچۈن،نى-نى ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا ئىشەنچىمىز كامىل »-دېگەن جاراڭلىق ئاۋازىمىز بىلەن جاۋاب قايتۇرغان مىنۇتلار ئېسىمگە كېلىپ،ناسىرغا ئۆزۈم بىر قوللۇقلا ياردەم قىلىش ئىستىكى توغۇلدى-دە، ئۇنىڭغا :
    -دۇستۇم ،كۆڭلۈڭنى بۇنچە يېرىم قىلما ،جان بولسا جاھان،ئاش بولسا قازان -دەپ،سېنىڭ مۈشكۈلچىلىكىڭنى ئۆزۈملا ئاسانلاشتۇرىۋىتەي . بىنادىن ئۆي ئالغاندىكى قەرزمىزنى ئۈز گىلىمۇ خىلى يىللار بولۇپ قالدى.ئۆزۈڭنى خار قىلغىچە ،كۈچۈڭنى خار قىل-دېگەن ماقال بارغۇ . سەن شەنبە -يەكشەنبە ۋە يازلىق كانىكۇل ۋاقىتلىرىڭدىكى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىڭدىن پايدىلىنىپ،ئىش ئورنۇڭدا چىڭ تۇرۇپ ئۆزۈڭمۇ قول سېلىپ ئىشلەپ،كېۋەز پەرۋىشىڭنى ئۇبدانراق قىلساڭ ، تارتقان جاپالىرىڭنىڭ قەنىتىنى چاقىدىغان چاغلارمۇ كېلىپ،كىشىلەر ئالدىدا سارغىيىپمۇ يۈرمەسسەن بۇرادەر –دېدىم ئۇنىڭغا.
    2
    «بىر كۈلكىنىڭ ئون يىغىسى بار» دېگەندەك، ناسىرنىڭ قەرز پۇلىغا كېپىل بولۇپ بەرگەندىن كىيىنكى كۈزئايلىرىدىن باشلاپ تۇرمۇش رېتىمىم بىردىنلا بوزۇلۇشقا باشلىدى . توي-تۈكۈن ،نەزىرە-چىراق،دۇستىلار يىغىلىشقان سورۇنلار ئانچە كۆڭۈللۈك ئۆتمەيدىغان بولۇپ قالدى.ئۆزۈڭ تاپقان بالاغا،نەگە باراي دەۋاغا دېگەندەك، ،بۇرادىرىمگە قەرز پۇل بىجىرىپ بەرگەن بانكىر مېنى تولا ئىزلەپ ھەپسىلىمنى قويمىدى. خىزمەت ۋاقىتلىرىدا دەرس تىزىسىنى قۇلتۇقلاپ ئەندىلا دەرسخانىغا ماڭسام ياكى دۇستلار بىلەن كۆڭۈللۈك سورۇنلارغا ئەندىلا جەم بولسام ، بانكىر تولا تېلېفون ئۇرۇپ،قەرز سۈيلەپ دەرسمنى دەرس، كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشلىرىمنى ئايىقى چىقماس غەملەرگە موپتىلا قىلدى.بېشىمغا كەلگەن بۇ كەچۈرمىشلەرنىڭ قايسى بىرىنى سۆزلەپ بولاي ...؟!
    شەنبە ،يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش كۈنلىرىم تولا خىيال قىلىپ تالجىققان نېرۋىلىرىمنى ئارام ئالدۇرۇش مەقسىدىدە كىتابخانا ،باغچا … قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا مېڭىشقا تەمشىلىشىمگە ، ئايالىم :
    - دىلشاد ،بازارغا ماڭدىڭىزما، ئازراق كىر كىيىملەر بار ئىدى. مەن كىرلەرنى غاچ-غۇچ يۇيىۋىتەي،سىز بازاردىن ياناشىڭىزدا كۈكتات ئالغاچ يەنە تۆت كوچا دوقمۇشىدىكى ھېلىقى لەڭپۇڭچى ئۇستامدىن دۇرا-دەرمەكلىرىنى تەڭشىتىپ لەڭپۇڭ ئالغاچ كېلىشنى ئۇنۇتماڭ ،ھە – دەيتى .مەن بولسا رەستىلەردە قاپىقى يامان بانكىرنىڭ ئۇچىراپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، بېخىلنىڭ ھېسابى ئىككى دېگەندەك ،بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ كۆزلىرىنى غەلەت قىلىپ ، ئارقا كوچىلاردا مۈكۈنۈپ يۈرۈپ ،كېنىشكسىز تىجارەت قىلىشىۋاتقان باققال، لەڭپۇڭچى… ھارۋىلىرىنىڭ دالدىسى بىلەن مۈكۈنۈپ يۈرۈپ ،بىر مۇنچە يولنى بىھۇدە مېڭىپ ئۆيگە كەلگىدەك بولسام ، بۇيرۇتمىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرگەن ئايالىم لەڭپۇڭدىن بىر چۇكا ئېغىزىغا سالا-سالمايلا :
    - ۋاي خۇدايىم ،ما دىلشادنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى كۆرمەمدىغان ، ياش تۇرۇپ ئەقىلىدىن ئېزىۋاتامدۇ نېمە بۇ ؟ ئەكەلگىنىڭىز لەڭپۇڭ بولدىما ،لەڭپۇڭغا مۇچ سالدۇرۇپ،سېركە قۇيدۇرمايلا كۆتىرىپ كەپىسىزغۇ .بۇنى قانداق لەڭپۇڭ دەپ يېگىلى بولسۇن . جۈرۈڭ ،ئەر بولغاندىكىن بازارغا يەنە بىر چېپىڭ ،ئەر خەق دېگەن ئىشنى ئەكەكلەرگە ىاس قىياپەت بىلەن،ئىشنى ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇلۇق،.. ، دېگەندەك كوت-كوتلىرىدىن تولىمۇ بىزار بولدۇم .مۇنداق ئىش بىرەر قېتىم سادىر بولسىغۇ مەيلىدىغۇ . بۇ ئىشمۇ نەچچە قېتىم تەكىرارلاندى ئەمەسمۇ.ئۆزۈمگىمۇ ئاز .كىم سېنى :-ۋاي ئاغىينە ، بانكىدىن قەرز پۇل ئالماقچىدىم، كېپىللىكتىن ئۆتۈشۈپ بەرسەڭ دېسىلا ، ئىشنىڭ ئالدى –ئارقىسى ، ئاق – قارىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئالدىراپ- تېنەپ بىراۋلارنىڭ قەرز كېپىللىكىدىن ئۆتۈپ بەرسۇن دەپتۇ؟ .ھەي ... ،ئۆزۈم تاپقان بالاغا،نەگە باراي داۋاغا دەپ، ئەندىلىكتە باشقا كەلگەننى كۆرمەكتىن باشقا چارە يوق ئوخشايدۇ. گاھىدا تېخى تېلېفۇنۇم تۇيۇقسىز چىقىراپ كېتىدىغان بولسا ، خۇددى چېغىر يولداجىن-شاياتۇنغا ئۇچىراپ قالغان نارسىدىدەك ،يۈرۈكىم ئېگىز-پەس سوقۇپ، ھۇش كاللامدىن كېتىشكە تاس-ماسلا قالىمەن.ناۋادا بىراۋلاردىن تېلېفون كېلىپ قالغىدەك بولسا ، تېلېفۇن ئېكىرانىغا زەن سېلىپ قارىۋىتىپ ، تېلېفون ئەشۇ بانكىردىنلا كەلمىگەن بولسىلا يۈرىكىم ئىزىغا چۈشۈپ ،ئاندىن بىمالال سۆزلىشەلەيدىغان ھالەتكىمۇ كېلىپ قالغان ئىدىم .مۇشۇ كۈنلەردە مۇشۇ تېلېفۇن دېگەن كېسپۇرۇچتىمۇ شۇنداق كۆڭلۈم قالدىكى ، بەزىدە تېلېفون دېگەننى قاتتىقلاشتۇرۇلغان يەرگە تاشلاپ،بىرەر يۈزنى دەسسىەپ پارە-پارە قىلىۋەتسەممۇ ئاچچىقىم چىقمايدىغان ھالەتكىمۇ كېلىپ قالاتتىم . گاھى دەم ئېلىش كۈنلىرى ئاچچىق شارابنى قانغىچە ئېچىۋىلىپ ، دۇستلارغا دەردىمنى تۆكۈپ ، ئۆزۈمنى بىر ئاز بولسىمۇ يىنىكلەپ قالغاندەكمۇ ھېس قىلاتتىم. بۇ ئاچچىق كەچمىشلىرىمنى ئاڭلىغان دۇسىت –بۇرادەرلىرىم :
    -ۋاھ دۇستۇم، ئۇدۇل كەلگەن يەردە قۇم چۈگۈندەك قايناپ كېتىدىغان بوپ قاپسەنغۇ ، چۈگۈن قاينىسا بۇيىغا تاشىدۇ –دەپ، ۋاقىت ، ئۇرۇن بىلەن ھېسابلاشماي قىلىپ يۈرگەن گەپ-سۆزلىرىڭ كېيىنكى چاغلاردا بېشىڭغا بالا بولۇپ يۈرمىسۇن يەنە.كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتىراپىڭغا باق،ئاخشىمى گەپ قىلساڭ قولاقنى قولاققا ياق-دەپ ،ئاممىۋى سورۇنلاردا مۇنداق غايىۋانىسىگە سۆزلەپ يۈرمەي ،گەپ-سۆزلىرىڭ بولسا ساق ۋاقتىڭدا دېمەمسەن .مۇبادا دەردلىرىڭگە ئازغىنە ياماق بولۇپ، كۆڭلۈڭنى ئاۋۇندۇرساق ئەجەپ ئەمەس...-دېيىشتى… .
    ھەي…مەن ئۇلارغا يەنە نېمىلەرنى دېيەلەيتىم.ئاخشاملىرى ئۇيقۇم كەلمەيتى.ئۇيقۇم كەلمىگەنچە :-ھە دىلشاد ،ھەي دىلشاد،بىھۇدە باشقىلارنىڭ كەتمىنىنى چاپقانغا توي، ھازىر جەمىيەتتە بىر-بىرىنى قويۇشىدىغان يۈزى قېلىن قويمىچىلار ساماندەك سەككىز بولۇپ كەتكەن چاغدا سېنىمۇ شۇنداق قويمىچىلاردىن بىرەرسى قويوپ كەتتىمۇ.... يا –دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن ئۆزۈمچە .مەن ھايادقا يەنىلا ئۈمىد بىلەن قارىغاچقا : دىلشاد ، كۆڭلۈڭنى ئۇنچىۋالامۇ يېرىم قىلما ، ھاياتلىق ھارۋاڭنى تەڭ تارتىشىدىغان سۆيۈملۈك ئايالىڭ ، ساڭا يان تاياق بولۇپ، غەملىرىڭگە ھە-ھو!دېيىشىدىغان شىر سۈپەت دۇست-بۇرادەرلىرىڭ تۇرسا . گىزى كەلگەندە ئۇلارمۇ قاراپ تۇرماس....دەيتىم ئۆز- ئۆزۈمنى بەزلەپ .
    3
    ئەللەر ھەر نېمە دەيدۇ،دەرد كەلگەننى بىلمەيدۇ دېگەندەك ،ئەينى چاغدا ھېلىقى «ئۆلپەت»نىڭ قەرز پۇل ھۆججىتىگە كېپىل بولۇپ قويۇپ،خىزمەتداشلار ئارىسىدا تۈگىمەس سۆز –چۈچەككە قالغاندىن كېيىن ،«ئاغرىمىغان بېشىمغا ئالتە تاياق »دېگەندەك ،بانكا تەرەپمۇ ناسىر ئەپەندىنىڭ قەرز ماجىراسىنى قانۇنى يول ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تۇتۇش قىلىپ، ئۇنىڭ قەرزىنى مەندىن ئېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدەك.... بىر قاتار ئىشلاردىن ئاللىمىقاچان خەۋەر تاپقان ئايالىم ،بىر كۈنى كەچتە ماڭا چېچىلىپ :
    - دىلشاد،ھەي دىلشاد ، بىنادىن ئۆي ئالغاندىكى قەرزلىرىمىزنى ئەندىلا ئۈزۈپ ئۇھ! دېيىشىمىزگە ،ما نېمە ئىش ئەندى …..–دەپ گەپ باشلاپ، تاماققا تۇتۇش قىلىش ئۈچۈن ئەندىلا قازان بېشىغا ئۆتۈپ تۇرىشىغا، بىر توپ كىشى خۇددى جىنايەت گۇماندارىنى ئىزدەۋاتقان ج خ خادەملىرىدەك سۈرلۈك قىياپەتتە ئۆيگە ئىشكنىمۇ چەكمەستىنلا ئۆسۈپ كىردى.ئۇلار بىزنى نارسىدە بالا كۆرۈشكەن چېغى، سالام –سائەتتىن ھىچ بىر ئەسەر يوق ، كېرىسلۇدا غادىيىپ ئولتۇرۇشقىنىچە:
    -ھە دىلشاد ئەپەندى، بۇرادىرىڭلارنىڭ قەرزقايتۇرۇش سۈرىكىدىن بۈگۈن مانا نەق 41كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئۆز ۋاقىتىدا دۇستىڭلارنىڭ قەرز پۇلىغا سىلە نېمە دەپ كېپىل بولۇپ بەرگەن ؟ئەندى بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز-دېدى ۋە سۆزنى تۈگۈتۈپ رەقىبىنى يېڭىۋالغان غالىب بوكسىيۇرچىدەك ئۆينىڭ تۆت ئەتىراپىغا تەكشى قارىۋىتىپ دىلشادقا مەڭسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى.
    مەن ئەينى چاغدا بىر ئۇچى بىلەككە ، بىر ئۇچى يۈرەككە تۇتىشىدىغان بۇ مۇھىم ئىشنى ئايالىمغا مەسىلىھەت سالمايلا ئۆزۈم بىر ياقلىق قىلىۋەتكەچكە،ئايالىم ۋە بانكىر ئالدىدا كۈن بۇيى قوش سۆرىگەن ئۆكۈزدەك بىچارە ھالغا چۈشۈپ ،ئەسلىدىنلا يۇغان كۆرۈنۈدىغان كۆزلۈرۈم ئەندىلىكتە تېخىمۇ يۇغىناپ ،ئىزادىن تەرگە چۈمۈلۈپ كەتكەن ئىدىم . ئايالىم مېنىڭ ئۇسساپ كەتكىنىمنى بىلىپ قالدىمۇ ، ئۇ سۇنغان چاينى بىر ئوتلاپلا ئىچىۋىتىپ سۆز باشلىدىم:
    - ھۆرمەتلىك بانكىر ئەپەندى ،سىلىنىڭ قىممەتلىك دەم ئېلىش كۈنلىرىنى قۇربان قىلىپ مېنى ئىزدەپ كەلگەنلىرى بەك بەلەن ئىش بوپتۇ.مەن بۇرادىرىمنىڭ قەرز پۇل ئىشىنى ئۈزۈپ بەرگەچ ، سىلىگە ئەسكەرتىپ قويۇدىغان بىر نەچچە كەلىمە سۆزۈمنى قىلىۋىلىشىمغا رۇخسەت قىلغايلا.بوپمۇ بۇرادىرىم ناسىرنىڭ قەرز مۇئامىلىسىدىن تېخىمۇ غەم قىلمىغايلا ، ئۇنى ئۆزۈملا ئۈزۈپ بېرىمەن . ھازىرچە سۆزۈمنى ئەستايدىل ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ بەرسىلە شۇنىڭ ئۆزى كىپايە -دېدىم ۋە چوڭ يىغىندا سۆزلەۋاتقان تەجىربىلىك ناتىقتەك ۋەزمىن ئاھاڭدا سۆزلەشكە باشلىدىم.
    -ھۆرمەتلىك بانكا باشلىقى ،بۇرادىرىم ناسىرنىڭ قەرز رەسمىيىتىگە كېپىل بولۇپ،ئىمىزايىمنى قويۇپ بەرگىنىم بەرھەق راست،بۇنىڭدىن بەسى تېنىپ ئالالمايمەن بىراق ،ئۇ دۆلەت مالىيىسىدىن مۇئاش ئالىدىغان بىر كادىرغۇ.ئۇنىڭ قەرز مۇئامىلىسىنى نىسبەتكە بۆلۈپ مۇئاشىدىن ئايمۇ-ئاي تۇتۇپ ماڭساڭلارلا بولىدىغۇ؟ مۇئامىلدارنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى بار بولغان ئەھۋالدا ، مېنى ئاۋارە قىلىشىڭلار بىر ئارتۇقچە ئىش بولۇپ قالدىمۇ قانداق-دېدىم ئۇلارغا .
    بۇ ئاي- كۈنلەردە ناسىر ئەپەندىدىن قەرز قايتۇرىۋېلىشقا كۆزى يەتمىگەن بانكىر ، ئۇنىڭ قەرز موئامىلىسى ئۈچۈن مېنى تۇتىۋالغىنىغا بەكمۇ خۇشال ئىدى . بانكىر سۆزلۈرۈمنى ئاڭلاپ بولۇپ، كۈكۈن چاققان ئاتتەك كېرىسلۇدىن چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى ۋە سۇقۇشۇشتا غالىب خورازدەك غادىيىپ تۇرۇپ :
    -بولىدۇ ،دىلشاد ئەپەندى،بىز ئاغىينىلىرى بىلەن قىلىشقان قەرز مۇئامىلىمىزنى ئۈزەلمەي ،سىلىنى ئىزدەپ يۈرگىلىمۇ خىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى .بىز قەرز قايتۇرمىغان موئامىلدارلاردىن قەرز سۈيلەپ ئۆيمۇ-ئۆي مېڭىپ يۈرسەكزە ،سىلە بىزنى ئىشى يوق ئادەملەر قاتارىدا كۆرۈپ قالغان ئوخشايلا. دۇستىلىرىغا بەرگەن قەرز پۇلنى بىز ياخشى سۆز تاشنى ئېرىتىدۇ،... -دېگەندەك بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەش ئاساسىدا قايتۇرىۋىلىپلا ئىشنى بولدى قىلايلى - دېيىشكەنىدۇق بىراق ، بۇرادەرلىرى بىزنىڭ ياخشى كۆڭلىمىزنى چۈشەنمىدى.قەرز سۈيلەپ بارساق ئۇ ،ھازىر دەرسىم بار ، بىر ئاز كۈتۈپ تۇرۇڭلار ،دەرسمنى ئۆتۈۋىتىپلا ،قولۇمنى بىكار قىلىپ ئاندىن سىلە بىلەن كۆرۈشەي- دەپ قويۇپلا يوقاپ كېتىپ ،بىزنى قۇرۇق قول قايتىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ بىزنى كىچىك بالا كۆرۈپ، ئېغىزىمىزغا قۇرۇق ئېمىزگە سېلىۋاتقان ئىشى ئۇدا بىر نەچچە قېتىم تەكىرارلاندى .مەن شۇنى ئىزاھلاپ قويايكى دۆلەتنىڭ قانۇن –نىزاملىرى ھەممىمىزنىڭ ھۇقۇق-مەنپەتىنى زور دەرىجىدە قۇغدايدۇ. قانۇن مۇقەددەس ،قانۇن ئادىلدۇر. خەيىر، ناسىر ئەپەندىنىڭ قەرز پۇل ئىشىغا قارىتا سىلىنىڭ بىز بىلەن ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا سودتا كۆرۈشكىلىرى بار ئوخشايدۇ. بىز ئەسلىدە سىلىنى ئاۋارە قىلمايلا «ئوتنى كىم تۇتسا ،شۇنىڭ قولى كۈيىدۇ»دېگەندەك ، قەرز پۇلنى قەرز ئالغۇچىنىڭ ئۆزىدىنلا قايتۇرۇۋىلىپ، ئىشنى بولدى قىلايلى – دېيىشكەن ئىدۇق.بىراق، ئىش بىز ئويلىغاندەك ئىپى- جىپىغا كەلمىدى. ئەندى مەسىلىنى ھېلىلا سىلىگە ئەسكەرتىپ قويغان ئامالنى قوللۇنۇشتىن باشقا بىزنىڭ يەنە ئۆزگىچە بىرەر ئاكتىپ چارە- تەدبىرىمىزمۇ يۇق .
    دىلشاد ئەپەندى، بىز مۇئامىلدارىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمىچە،موئامىلدارنىڭ ئايالى ئىشىسىز ،بالىلىرى كۆپ، پەرزەندلىرىنىڭ ھەممىسىلا ھەر قايسى مەكتەبلەردە ئوقۇيدىكەن. ئۇ كەنتتىن يەر ھۆددىگە ئېلىپ تېرىش جەريانىدا ،كەنتكە يەر ھۆددىگەرلىك راسخۇدىنى تاپشۇرغاندىن باشقا سۇ ، دۇرا ،نېمىكاھنىڭ ئىش ھەققى دېگەنلەرمۇ ئىگىلىرىنىڭ قولىغا تولۇق تەگمەپتۇ. بىز ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ كۆرسەك ،ئۇ :-كېۋەزنىڭ 1-سۈيىنى ئېچىش مەزگىلىدە ، كەنت سۇ ئىشلىرى خادىمى :ھازىر سۇ جىددى ،سىلىنىڭ كېۋەزلىرىگە كېيىنكى قېتىملىق سۇ نۆۋىتى كەلگەندە ئاندىن سۇ بېرىلىدۇ، سۇ يېتەرلىك ئەمەس ....–دېگەندەك سەۋەپلەر بىلەن ، كېۋىزىمنىڭ بىرىنجى سۈيىنى ۋاقتىدا ئېچىشمغا شارائىت يارىتىپ بېرەلمەچكە كېۋەز تومۇز ئىسسىقتا ئۇسساپ، ،يېڭىلا يېتىلىۋاتقان كېۋەز پەرژۈكلىرىنىڭ (كېۋەزنىڭ گۈل ئېچىلىپ غۇزا تۇتىدىغان نوتىسى پەرژۈك دېيىلىدۇ-ئاپتۇردىن) تۆكۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.ئىككىنىجىدىن: 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى مىڭ بىر بالادا (ئەسلىدە كېۋەزنىڭ 1-سۈيى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ،7-ئاينىڭ 10-كۈنلىرىگىچە ،2-سۈيى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 25-كۈنلىرىگىچە ئېچىلسا مۇۋاپىق ) كېۋەزنىڭ بىرىنجى سۈيىنى ئېچىپ تۇرىشىمغا ، تۇيۇقسىز مۆلدۈر ئاپىتى يۈز بېرىپ كېۋەز مەھسۇلاتىمنىڭ كىمىيىپ كېتىشىگە بىۋاسىتە سەۋەب بولغاچقا ، يەرگە سالغان مەبلەغنى ئارانلا تېرىلدۈرەلىدىم .مانا بۇلار مېنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىمنىڭ تۈۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان تۈپكى ئامىللار . مەن بانكىدىن پۇل ئالمىدىم- دەپ،ئالغان پۇلۇمدىن تېنىۋالغىنىم يوق .ھازىر مۇئاشىمىدىن قېتىش-قۇرۇش قىلىپ ، قەرز پۇلنىڭ كېلەر يىللىق ئۆسۈمىنى ئالدىن تاپشۇرىۋەتسەم ،قەرز موئامىلەمنى كېلەر يىلغا ئاغدۇرىۋەتسەك قانداق دەيلا -.... دېگەندەك چويلىدا توختىمايدىغان قۇرۇق پەتىۋالار بىلەن بىزنى ئارتۇق يول ماڭدۇرۇپ،قەرز قايتۇرۇش سۆرىكىنى قەستەن كىچىكتۈرىۋاتىدۇ.بىزئۇنىڭ ئەمەلى ئەھۋاللىرىنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇنى قەرزقايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق- دەپ قارىغىنىمىز ئۈچۈن ،ئۇ ئالغان قەرز پۇلنى سېلىدىن تۆلىتىۋىلىشىمىزدىن باشقا ياخشىراق ئامالىمىزمۇ يوق ...-دېدى ۋە ئىش تامام- دېگەندەك بىر تەرىزدە ئۆي ھاۋاسىنىڭ شۈنچە ئىسسىق بولىشىغا قارىماي،ئالقانلىرىنى ئىشقىلاپ قويدى .
    مەن شىرەدىكى چايدىن ئوتلىۋىلىپ،سالماق ئاھاڭدا :
    -بولىدۇ بانكىر ئەپەندى، مەن ناسىر بىلەن بىر مەزگىل بىللە ئىشلەش جەريانىدا بىر –بىرىمىزنىڭ تۇز –تائامىلىرىمىزغا ئېغىز تېگىشىپ، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك بولۇشۇپمۇ قالغان .كىشىلىك ھاياد ئالىمىدە تۇزنىڭ ھۆرمىتىدىنمۇ ئارتۇق يەنە بىر ھۆرمەت تېپىلماس. مەن تۇز- تائامنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ،ناسىرنىڭ قەرز مۇئامىلىسىنى بىر ياقلىق قىلىۋىتىشكە ئىشەنچىم كامىل . گەپ- سۆزلىرىمنى ئەستايدىل ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن بانكىر ئەپەندىم -دېدىم –دە،سۆزۈمنى يەنە داۋاملاشتۇردۇم.
    -سۆزۈمنى قىسقارتاي.پىقىرمۇ ناسىرنىڭ ئەھۋاللىرىدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئۇنىڭ شۇنچە بولۇق ئۆسۈۋاتقان كېۋەز مايسىلىرىغا كەنت مەسئۇللىرى 1-سۈيىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرەلمىگەننىڭ ئۈستىگە ،كۆتىرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال – دېگەندەك،تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن مۆلدۈر ئاپىتىدە ئۇنىڭ كېۋەز مايسىلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچىراپتۇ. تەبىئەت ئۇنىڭغا ھېسىداشلىق قىلپ قالدىمۇ ، كۈكتىن چۈشكەن تويون ئۆرۈكتەك چوڭلۇقتىكى مۆلدۈر ،ئۇنىڭ كېۋىزىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىلا سۇقۇپ ئۆتۈپتۇ. مۆلدۈر توختاپ ئارقىدىن تەكرار ياققان كۈك يېغىن قولاقلىرى ئۆتلەنگەن كاللىنىلا ئەسلىتىدىغان كېۋەز مايسىلىرىنى لايغا چاپلاپ،باش كۆتىرەلمەس قىلىۋىتىپتۇ. مۆلدۈر سوقۇۋەتكەن كېۋەز مايسىلىرى قايتا باغجانلاشنىڭ ئەكسىچە:- مېنى قوتقۇزىۋال ئىگەم –دېگەندەك بىر مەنادا كۈككە قاراپ ئۈنسىز نىدا قىلىپ ،تومۇزدا ئاستا-ئاستا قۇرۇشقا باشلاپتۇ. .ئەگەر مۆلدۈر ئۇنىڭ كېۋىزىنىڭ ھەممىسىنىلا سۇقۇپ ئۆتكەن بولسا ،ئۇ ھالدا بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ بانكىر ئەپەندى گەپ- سۆزلىرى سەل ئارتۇقچە بولغاندەك قىلامدۇ-نېمە؟ ،سىلە ئۈگەنگەن قانۇنى بىلىملەرنى مەنمۇ ئالى مەكتەبتە تولۇق ئۈگەنگەن.خەلق ئارىسىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مۇنداق ئاز سوممىلىق قەرز ماجىرالىرىنى ئالدىراپ-تىنەپلا قانۇنى يول ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.ئاۋام-پۇقرا سېنىڭ غەمگۇزارىڭ. شۇ ئاۋام بولمىسا ،شۇلارنىڭ سىلە بىلەن قىلىشىدىغان ئېلىم-بېرىم مۇئامىلىلىرى بولمىسا بەلكى سىلىنىڭ پۇل –مۇئامىلىدىن ئىبارەت ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ئورۇندا ئىشلەپ قىلىشلىرىدىن بەسى سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.كاسسىلىرىدىكى شۇنچە ككپ پۇل پۇل ئاۋام –خەلقنىڭ پۇلى .ئاۋام تاپقان پۇل ئاۋام ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىم.
    مېنىڭ بىلىشىمچىمۇ كېۋەز تۇيۇقسىز ئاپەتكە ئۇچىرىغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ يەردىن كىرگەن كىرىمى شۇ يىللىق سۇ پۇلى ،ئۆسۈملۈك ئاسىراش خراجىتى،نېمىكاھ ئىش ھەققى دېگەنلەرگە ئارانلا چىقىش قىلىپ، ئۆزىگە ھىچقانچە بىر نەرسە ئاشماپتۇ . ئۇ قولىغا ئاشقان ئازغىنا كىرىمدىن ئالى مەكتەبتە ئوقۇۋاتقان پەرزەندىنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنىلا تاپشۇرىۋالالاپتۇ. تېخى ئۇ بالىسىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۋالغىنىغا بەكمۇ خۇشال ئىكەن.
    مۇبادا ناسىر بانكىدىن ئالغان قەرز پۇلنى قايتۇرالمىدىم بالام، ئەندى ئوقۇشۇڭ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن… –دەپ ، يۈرەك پارىسىنى ئالى بىلىم يۇرتىدىكى قىممەتلىك بىلىم ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ،يېرىم يولدا ئوقۇشتىن چېكىندۈرىۋىلىپ، پەزەندىنىڭ يېنىش ئالدىدا تۇرغان ئۈمىد شامىنى ئۆز قولى بىلەن ئۈچۈرۈپ ،ھاياد يولىنى خېرەلەشتۈرسۈنمۇ؟ يۇقسۇزچۇلۇقنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا ۋاقىتسىز تەسلىم بولۇپ ،پورەكلەش ئالدىدا تۇرغان بىر غۇنچىنى ۋاقىتسىز نابۇت قىلسۇنمۇ.....؟! ناسىر ئەپەندىنىڭ بانكىدىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرمىغانلىق مەسىلىسىنى دېلۇ تۇرغۇزۇپ ،قانۇنى يول بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىمۇ ئەمەس. سىلىگىمۇ مەلۇم ،ھازىر ئالى مەكتەپلەرگە ئىتىھان بېرىپ ، مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلغانلىق چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدا پەرزەندلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلىگىدەك مادار يوق ،پەرزەندلىرىنى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتالمايۋاتقانلار ،ھەتتا ئوقۇۋاتقانلىرىنىمۇ يېرىم يولدا ئوقۇشتىن چىكىندۈرېۋىلىش ئەھۋاللىرىنىمۇ يوق دەپ قارىغىلى بولمايدۇ.دۆلەت ئائىلىسى نامىرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى چارە-تەدبىر قوللۇنۇپ ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى - ئائىلەڭنىڭ سېنى ئوقۇتۇشقا مادارى يەتمەيدىكەن، ئوقۇشنى مۇشۇ يەردىلا بولدى قىل- دەپ،نامرات ئائىلىلەر پەرزەندلىرىنى ھەرگىزمۇ تاشلىۋەتمىدىغۇ .دۆلەت ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇشقا مادارى يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى «ئوقۇش قەرز پۇلى» بىلەن تەمىنلەۋاتمامدۇ.
    ئېلىپ بەرمىگىنىڭنى كۆرەي،توغۇلۇپ ئۆلمىگىنىڭنى ….دېگەندەك،ناسىر ئەپەندى قەرزىنى بۇيىل ئۈزەلمىسە ، مۇددەتكە بۆلۈپ كېيىنكى يىللاردا قايتۇرسىمۇ بولىۋىرىدۇ . ناسىر ئەپەندىنى : دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى. مەسىلىنى قانۇنى تەرتىپ بۇيىچە بىر تەرەپ قىلماي بولمايدۇ- دېيىلسە، مەنمۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ھۆكۈمەتنىڭ بەش يىل ھور نېنىنى يەپ ، دۆلەت قانۇنلىرىنى موپەسسەل ئۈگەنگەنمەن.ئەگەر سىلەر راسىتنلا ئۇنىڭ مەسىلىسىنى قانۇن ئۇرۇنلىرىغا ئەرز قىلىش يولى بىلەن ھەل قىلماقچى بولساڭلار ، مەن ئۇنى ھەقسىز قانۇن مولازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ،ئادۇۋۇكاد تەكلىپ قىلىپ، قانۇننىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىنىڭ روھى بۇيىچە ئۇنى ئاقلاشقا ۋەدە بېرىمەن. مەن يەنە ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان نوقتىلارنىمۇ قۇشۇپ قوياي:-مۇبادا سىلە يەنىلا ناسىر ئەپەندىنى جىنايەت ئۆتكەزدى –دەپ چىڭ تۇرىۋالساڭلار ، كېسىپ ئېيتىمەنكى: ئۇ ، ئوغىرلىق قىلمىدى ،يول توسۇپ بولاڭچىلىق قىلىمىدى،ئادەم ئۆلتۈرمىدى،زەھەر چېكىپ، ئېلىپ-سېتىپ، ،باشقىلارنى زەھەر چىكىملىك چېكىشكە ،سېتىشقا قۇتىراتمىدى،زەھەر تاشلىمىدى.ئۇ پۇل ئۈچۈن قىز-ئاياللارنى ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا زورلىمىدى..... بىر قىسىم ئەمەلدارلارغا پارە سۈڭگۈتۈپ،ئۇلارنى ھارامدىن بېيىتىش ئۈچۈن«قىزىل چىراق»يېقىپ بەرمىدى. ئۇ پەقەت قول قولنى يۇسا،قول يۈزنى يۇيار دېگەندەك، كىشىلەرگە ئازىراق ئادەمگەرچىلىك يولىنى قىلىپ، شەخسى ئىشلىرىنى ھەل قىلدىغۇ.ئۇنىڭ قەرز قايتۇرمىغانلىق مەسىلىسى- قانۇنغا خىلاپ دېيىلسە ،ئۇ نىڭ قىلغىنى پەقەتلا دۆلەتنىڭ «ئىقتىسادى توختام قانۇنى »نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا خىلاپ .ئۇ قەرز پۇلنى ھازىر قايتۇرالمىسا ، مۇئامىلدارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانغىچە كۈتۈپ تۇرۇپ ، كېيىنكى يىللاردا بىراقلا قايتۇرسىمۇ بولىدىغۇ. بانكا دېگەن نېمە ئىش قىلدىغان ئۇرۇن ؟ بانكا دېگەن ناسىر ئەپەندىگە ئوخشاش تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان كىشىلەرنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ،شۇلارنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان فۇنكېسىيىلىك تارماققۇ . ناسىر ئەپەندىنىڭ مەسىلىسى - سىلەردىن ۋاقىتلىق قەرز پۇل ئېلىپ قايتۇرۇش سۈرىكى تۇشۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئائىلە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، قەرز قايتۇرۇشقا چامى يەتمەي قالغان قالدۇق قەرزنىڭ ئىشى. ئاددى ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈش، تۇرمۇشتا يۈز بېرىپ تۇرىدىغانن كىچىك ئىشلارنى كۈپتۈرۈپ ، قانۇنى يول بىلەن مەسىلە ھەل قىلىشقا مەجبۇرلاشلارنىڭ ھەممىسى ئىلىمىز مۇقەددەس قانۇن-نىزاملىرىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى بىلەن ئەسلا چىقىشالمايدۇ.دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولغان. ئادەملەر – ئىنسانىي مېھرى- مۇھەببىتى ، ئادىمىيلىك غۇرۇرى ،يۈكسەك ئەخلاقى پەزىلىتى، ئەقىل –ئىدىراكى بىلەنلا ئادەم دەپ قارىلىدۇ .ئىنسانلارمۇ مۇشۇ ئالاھىدە خىسلەتلىرى بىلەن باشقا جانلىقلاردىن رۈشەن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. ئادەملەر ئۇزۇن يىللىق تارىخى جەريانلاردا ئانا تۇپىراقنىڭ ھەر چىمدىم تۇپىسىغا قان- تەر ئاققۇزۇپ، بۇ يۇرتنى گۆزەل چاھار باغ قىلىپ قۇرۇپ چىققان ئەمەسمىدى .ئۇلار يۇرت-ماكانىنى مۇشۇنداق گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا نېمىلەرنى…. قىلمىدى دەيسىز؟! يۈكسەك ئەقىل-ئىدىراكقا ئىگە ئادەملەرلا ،تارىختىن بۇيان يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان تۇپان بالاسى، يەر تەۋرەش،ۋابا،سارس .....قاتارلىق ئاپەتلەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ، بۇ جەنەتۇ-رىزىۋاندەك چاھار باغنى قۇرۇپ چىققان ئەمەسمىدى ...!
    دىلشاد سۆزلىگەنچە قىزىشىۋاتاتتى . ئەندى ئۇ تېخىمۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى .
    -بانكىر ئەپەندى ،يەنە شۇنىمۇ قۇشۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ.بىز رادىيۇ-تېلېۋۇزۇرلاردىن :x x x نىڭ بالىسى ئېغىر كېسەلگە موپتىلا بولۇپ قالدى ،x x xنىڭ پەرزەندى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە قالدى، ھەر قايسىڭىزلارنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ،سەبىي يۈرەك پارىمىزغا زەم-زەم كەبى تامچاڭلارنى سۇنۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز … ؟!دېگەن مەزمۇندىكى ئېلانلارنى پات-پات ئاڭلاپ ھەم كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. شۇلارغىمۇ تاپقىنى قوي ئۆلتۈرەر،تاپالمىغىنى بىر باش پىياز....دېگەندەك، قولىمىزدىن كېلىشىچە ئىللىقلىق يەتكۈزمىدۇقمۇ.ئائىلەمنى ئېلىپ ئېيتسام ،10ياشلىق ئېنىم مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋىتىپ تەساددىپى قاتناش ھادىسىگە ئۇچىراپ،ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە قالغاندا جەمىيەتتىكى ئاقكۆڭۈل ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن قىلغان ئىئانىسىنى تاپشۇرۋېلىپ ، ئېنىمنىڭ ئۆچۈش ئالدىدا تۇرغان ھايات شامىنى قايتا ياندۇرمىدىقمۇ .قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغانلارغا ياردەم بېرىش، ئاجىزەلەرگە ھېممەت ياغدۇرۇش،ھەر بىر ئاق كۆڭۈل ئىنساننىڭ زېممىسىدىكى ئادىمىيلىك بۇرچ ۋە ئىنسانىي پەزىلەتلىرى جۈملىسىدىندۇر. تېخى يېقىندىلا ئىلىمىزنىڭ مارالبېشى،ۋېنچىۋەن ، يۇشۇ… قاتارلىق ناھىيە- شەھەرلىرىدە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ،كىشىلەرنىڭ ھاياد بىخەتەرلىگى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچىرىغاندا ، ھەر مىللەت كىشىلىرى بىر ياقىدىن باش،بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، ۋەھشى ئاپەتكە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ،ئاپەت ئۈستىدىن ئۇزۇل-كېسىل غەلبە قىلمىدۇقمۇ؟!
    -بانكىر ئەپەندى، بۇرادىرىم ناسىر سىلەردىن ئالغان قەرز پۇلنى مەيدىسىگە مۇشلاپ قىمار تاۋكالىرىدا سورىۋەتكەن ياكى ئەيشى-ئىشىرەت سورۇنلىرىدا ئىچىپ،چېكىپ كۈلگە ئايلاندۇرىۋەتكەنمۇ ئەمەس.ئۇ پەقەت تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچىراپ، بانكا مۇئامىلىسىنى ھازىرغىچە ئۈزەلمىدى. بانكا موئامىلىسىنى ئۈزەلمىگەنلىكى ھەرگىزمۇ قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ھەرىكەت ئەمەس. ناسىر ئەپەندى يەنىلا مول كىتابى بىلىم ۋە ئەمەلى ئوقۇتۇش تەجىرىبىسىگە ئىگە ئىنسان رۇھىيىتى ئىنژىنىرلىرىنىڭ بىرىدۇر. تەبىئىي ئاپەتكە :سەن ھازىرچە ساقلاپ تۇرۇپ، زىرائەتلىرىمنى يىغىشتۇرىۋالغاندا يۈز بەرسەڭمۇ كېچىكمەيسەن -دېگىلى بولمايدۇ بىراق،ئۇ بۇرادەرنىڭ قەرز تۆلەش سۈرىكىنى ئۇزارتقىلى بولىدىغۇ؟
    بانكىر ئەپەندى،بۈگۈن قەرز پۇل توغرۇلۈق ئېلىپ بارغان سۈھبىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۈن.ئىت ئۇستىخان يېسە ،كۈتىنى چاغلاپ يەپتۇ- دېگەندەك ، ئۇ بۇرادىرىمنىڭ قەرز پۇل ئىشىدا مەن ئوغۇل بالىداچىلىق يۈزىسىدىن كېپىل بولۇپ بەرگەندىكىن، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كۆۋرۈكتىن پۇتى سېپىلىپ كەتكەن جانىۋاردەك يېرىم يولدا تۇقۇمنى قارنىمغا ئېلىپ،گۆشۈيۈپ تۇرىۋالسام بۇ ئەلبەتتە ئادىمىيلىك پەزىلەتلىرىمگە ياد ئىش بولىدۇ.ئەزىز جېنىم تېنىمدىلا بولسا ، دۇستۇمنىڭ قەرز مۇئامىلىسىنى ئون بەش كۈن ئىچىدە تەل -تۈكۈس ئۆزۈپ بېرىمەن.سىلە ئەندى تېلېفۇن قىلىپ مېنى ئاۋارە قىلمىغايلا. مېنىڭمۇ بىجىرىشمنى كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن ئىشلىرىم بار ،ئەمسە دېگىنىمدەك بولسۇن .سىلىنى قۇرۇق يولغا سېلىپ قويىدىغان بولدۇم،ئەيىپكە بۇيرىمىغايلا ،خۇش
    بانكىر دىلشادنىڭ سۆزلىرىنى شۇنچە دېھققەت بىلەن ئاڭلىغان بولسىمۇ ،ئۇ يە ئاچچىقلانمىدى يە رەددىيەمۇ بەرمىدى. پەقەت ئۇنىڭ بەزى سۆزلىرىنى :مۇنۇ سۆزىڭىز توغرا ….دېگەندەك باش لېڭشىتىش بىلەنلا كىپايىلەندى .
    بانكىر خۇشلۇشۇش ئۈچۈن دىلشادقا قول ئۇزاتقاچ :
    -بولىدۇ دىلشاد ئەپەندى ، سۆزلىرىنىڭ ۋەزىنى بار. مېڭىش ئالدىدا مەنمۇ ئىككى كەلىمە سۆز قىلىۋالاي.دېھققەت بىلەن تىڭشىغايلا . تاغنىڭ ئۈستىدە تاغ بار-دېگەندەك ،بىزنىڭ ئۈستىمىزدىمۇ خىزمىتىمىزنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان باشلىقلار بار.بىز يىل بېشىدا ئىدارە چۈشۈرۈپ بەرگەن قەرز تارقىتىش كۆرسەتكۈچىنى تۇتقا قىلىپ ،ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىشتىن بۇرۇن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرى ئۈچۈن ئاز سوممىلىق قەرز پۇل تارقىتىمىز. يىل ئاخىرىدا يەنە شۇ پىلان بويىچە تارقىتىلغان قەرز پۇل سوممىسى سانى بۇيىچە،تارقىتىلغان قەرز پۇللارنى تولۇقى بىلەن يىغىپ غەزنىىلەشتۈرمىسەك، بىزنىڭمۇ ساقىلىمىزنى قېرىدىغان غۇجا ئاكىلىرىمىز بار . بانكىمىز دۆلەت غەزىنىسىدىن بىۋاستە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ بېرىدىغان دۆلەت كارخانىسى.شۇنداق بولغاچقا يىل بېشىدا تارقىتىدىغان قەرز پۇل پىلانى بىلەن تارقىتىلغان ۋە يىغىلغان قەرز پۇل سوممىسى ئوڭ تاناسىپلىق نىسبەت تۈزىمىسە ،بىز تارقىتىلغان قەرز پۇل سوممىسىنى يىغىپ بولغىچە مائاش ئالماي ، ھاك بىلەن زاك يەمدۇق . بىزنىڭمۇ يىل ئاخىرىدا ئومىمىز كېلىپ ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز . ھۇرۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسى ھەم ئۇزۇن ھەم سېسىق -دېگەندەك ،قەز پۇل يىغىشتامۇئامىلدارلارنىڭ رايىغا بېقىپ، ئارغامچىنى ئۇزۇن قويىۋەتسەك ،قەرز يىغىش ئىشىمىز سۇغا چىلىشىپ ،دۇپپىمىز ھۆل بولۇپ ،ئاخرقى ھېسابتا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزىمىز.بىزمۇ ئۈچ ۋاق تامىقىمىزدا شامال تۇتۇپ يەپ ئولتۇرمايمىز-دە ،دىلشاد ئەپەندى . گەپنى ئۇزارتمايلى ،ئەمسە ئىش سىلىنىڭ دېگەنلىرىدەك بولسۇن.بىزمۇ قايتايلى، خۇش ئەمسە.
    4
    مەن ئۇلارنى سالا-سولھى بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغىنىم بىلەن، زېممەمدە بۇرادىرىمنىڭ بانكىدىكى قەرز پۇل مۇئامىلىسىنى ئۈزۈش ئۈچۈن بىجىرىلىدىغان مۇرەككەپ ئىش ھالقىلىرى مېنى كۈتۈپلا تۇراتتى.
    ئويلىسام بۇرادىرىمنىڭ قەرز مۇئامىلىسىنى ئۆزۈم يالغۇزلا ئۈزۈپمۇ بولالمايتىم . مېھرى ئىسسىق شۇ پۇلنى ، ئايالىم بىلەن دەرقەمتەئولتۇرۇپ، ،ئۇنىڭغا ناسىرغا قەرز پۇل بىجىرىپ بېرىش جەريانىمنى ئالدىرىماي چۈشەندۈرۈپ، بۇرادىرىمنىڭ قەرز مۇئامىلىسىنى ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىنمۇ ئۆتكۈزۈپ، ئىجابى مەسىلىھەت بىلەن ئىش ئېلىپ بارمىسام زادى بولمايتتى.
    ھايىت –ھۇيت دېگىچە ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى . دەسلىپىدە ناسىرنىڭ قەرز پۇل ئىشىنى ئايالىمغا مەسىلىھەت سالمايلا بىجىرىپ بەرگەن بولسام ،ئەندىكى قەرز قايتۇرۇشتا ئۇنىڭغا مەسىلىھەت سېلىپ ، ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە توغرا كەلدى.
    ئايالىممۇ ئائىلىدە بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرسە، ئالدىراپلا تۇقۇمنى قارنىغا ئېلىپ، غەۋغا كۆتىرىدىغان ھازازۇللاردىن ئەمەس ئىدى. بىز جاپالىق ئوقۇش شارائىتىدا ىر-بىرىمىزنى سىنىشىپ ، كەلگۈسىدىكى ئۆمۈر مۇساپىلرىمىزنى قولنى قولغا تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئەھدە قىلىشىپ ،خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ،ئاددى-ساددا تۇرمۇش كۆچۈرۈپ، ھەشەم-دەرەمسىزلا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ،بىر ياستۇققا باش قويۇشقان ئىناق بىر جۈپلەردىن ئىدۇق. ئائىلىدە بۇ ئىش تۈپەيلىدىن ئايالىمنىڭ جىدەل چىقىرىشىغا ئەسلا ئىشەنمەيتىم. شۇ ۋەجىدىن مەن ناسىر بىلەن بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا تەپسىلى چۈشەندۈردۈم. مەن ئېيتمىساممۇ بۇ ئىشلاردىن ئاللىمىقاچان خەۋەر تېپىپ بولغان ئايالىم:
    - دىلشاد ،مەن ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردارمەن . ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى كوچىلىسىڭىز ئىناقسىزلىق چىقىدىغىنى كۆزگە كۆرۈنۈپلا تۇرغان ئىش. شامال ئۆتكەندە ئارا كۆتۈرۈش ياخشى ئادەملەرنىڭ ئىشى ئەمەس. مەسىلىگە ئەقىل ئىشلىتىپ ،ئۆزىمىز ۋە دۇستڭىزنىمۇ مۈشكۈلچىلىكتىن قۇتقۇزۇشىمىز كېرەكقۇ ئاخىر -دېدى.
    ئايالىم دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا لىكسىيە سۆزلەۋاتقاندەك جۇشقۇن قىياپەتتە:
    -دىلشاد ،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىدىغان ئىشلار ئاللىمىقاچان يۈزبېرىپ بوپتۇ، بۇنىڭغىمۇ سالىۋات.سىز بۇ ئىشنى دەسلىپىدىلا ماڭا تېنىۋەتكەن بولسىڭىز، مەن بانكىدا ئىشلەيدىغان تاغامغا :- بۇ ئادەم دىلشاد بىلەن بىر ئۇرۇندا ئىشلەيدۇ ،يەنە كېلىپ دىلشادنىڭ يېقىن ئاغىينىسى،يەر تېرىشقا ئازراق قەرز بىجىرمەكچىكەن،ھەل قىلىپ بەرسىڭىز –دەپ، تاغامغا تونۇشتۇرۇپ قويغان بولسام ،ئۇمۇ مۇئاش كارتىسى ،كىملىك، توي خېتى،ئىدارە چىقىرىپ بەرگەن مائاش ئىسپاتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نوسخىسى …قاتارلىق ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ ، بانكا قەرز تۈرىنىڭ توپ ئېلىپ،پارچە قايتۇرۇش تۈرىنى بىجىرگەن بولسا ،ئۇ ھەم بىزمۇ بۇنچىۋالامۇ ھەرەج تارتىپ يۈرمىگەنمۇ بولاتتۇق. باشقىلارمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بىنادىن ئۆي ئېلىش،پەرزەندىلىرىنى ئوقۇتۇش، ...قاتارلىق ئىش ھالقىلىرىنى يۈرۈشتۈرىۋاتمامدۇ. ئىش ھازىرمۇ كىچىكمەيدىكەن . بالىلىرىمىز كىچىك،ئۇلارنىڭ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇش ۋاقتى تېخى بولمىدى . بانكىدا چىشىمىزنىڭ كاۋىكىغا تىقىپ يۈرۈپ يىققان ئازىراق پۇلىمىز بارغۇ .ھازىرچە شۇ پۇلنى دۇستىڭىزنىڭ قەرز مۇئامىلىسىگە ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ، يەتمىگەن قىسمىغا ئاغىينىلىرىڭىزدىن پۇل ئۆتنە- يېرىم قىلىپ ،دۇستىڭىزنىڭ بېشىنى ساقايتىپ تۇرسىڭىز ،شۇ ئارقىلىق بۇ غەۋغادىنمۇ قۇتۇلا يلى . دۇستىڭىزنىڭ بانكىدىن توپ پۇل قەرز ئېلىش ئىشى ھەل بولغاندا، بىز ۋە باشقىلاردىن ئالغان پۇللارنى قايتۇرۇپ بەرسىمۇ بولغىدەك. دۇستڭىزنىڭ بانكىدىن توپ پۇل قەرز ئالىدىغان ئىشىمۇ بىرەر يېرىم ئايلاردا ھەل بولۇپ قالار .دىلشاد ، سىزنىڭ يەنە قانداق ئاكتىۋال چارىلىڭىز بار ؟ ئىجابى ئۇسۇللىرىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ .
    مەن ئايالىم ئوتتۇرىغا قويغان كاۋابمۇ،زىقمۇ كۈيمەيدىغان بۇ ئاقىلانە چارىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ۋە ئۇنىڭدىن چەكسىز مىننەتدار بولۇپ، رەھمەد ئېيتقۇم كەلدى ۋە:
    -خۇتۇن،مەندە سەن ئېيتقان دانا تەدبىردىنمۇ ئارتۇق چارە نېمىش قىلسۇن؟ سەن كۆرسەتكەن ئامالنى قوللانساق ئىشلىرىمىز قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە،باش يېرىلسا بۈك ئىچىدە بىجىرىلگىدەك. ھازىرچە ناسىرنىڭ قەرز موئامىلىسىنى ئۈزۈۋىتىپ ،قالدى ئىشلارنى ئالدىرىماي بىر ياقلىق قىلساقمۇ كىچىكمەيمىز دېدىم ۋە ئۇنىڭغا:
    -خوتۇن ، بىز ئەرلەرنىڭ ئىشنىڭ ئالدى ئارقىسىنى دەڭسەپ باقمايلا ،ئالدىراپ-تېنەپ ئىش قىلىپ ، ئىشلىرىمدا زىيان كېلىپ چىققاندا پۇشايمان قىلىدىغان غەلىتە مىجەزىمىز بار ئىكەن . ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىمنى ھازىرچە كەچۈرۈپ تۇر ،مەن چاچقان ئەخلەتلەرنى بىرلىكتە ئېرىغدىشىپ بەرمىسەڭ،ئۆزۈم يالغۇز بۇ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمىغىدەكمەن - دېدىم خۇشال ھالدا.
    دېمىسىمۇ ھازىرقى كىشىلەر :- قانچە پۇل كەتسە مەيلى ،ئېگىز بىنادىن ئۆي سېتىۋالىمەن چىقىمدىن پەرۋايىم پەلەك ،باللىرىمنى نان تېگىدىغان داڭلىق ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ،ئۆزىنىڭ نېنىنى ئۆزى تېپىپ يېيەلەيدىغان ئادەم قىلىپ چىقمىسام ھېساب ئەمەس . سىنتەبېر ئايلىرىدا چۇقۇم مەنزىرىسى گۆزەل،ھاۋاسى ساپ، يولى راۋان ، ئۆزى داڭلىق ساياھەت ئۇرۇنلىرىغا بېرىپ سەيلى-ساياھەت قىلىپ، نېرۋامنى سەگىتىپ كەلمىسەم بولمايدۇ - دېيىشىپ،ھەميېنىدىكى پۇللىرىنى شەيتان ئەپ قاچىدىغاندەك ئىچكىرى تىقىشىپ، خەد-خىراجەد قىلىدىغان بىر كوي پۇلىنى ئون قېتىم ساناپ خەژلەيدىغان بولۇپ كەتتى. پۇل ئۆزىنى كۆرسۈتۈۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ،ئايالىم كېسەر پىچاق ئەقلى بىلەن دانا يول كۆرسەتمىگەن بولسا، دۇستۇمنىڭ قايتۇرالمىغان قەرزىنى قانداق تۆلەپ بولارمەن - دېگەن مەۋھۇم ئەندىشە كۆڭلۈمنى غەشلىككە سېلىپلا تۇراتتى . مەن ئايالىمغا :
    -بولىدۇ خوتۇن ،مەن دۇچ كەلگەن قىيىن ئىشنى ھەل قىلشنىڭ ئۆنۈملۈك يولىنى كۆرسەتتىڭ ،ساڭا رەخمەد.بۇندىن كېيىن مۇنداق ئاخمىقانە ئىشلارنى ھەرگىزمۇ قىلماسمىنا، مۇبادا ياردەم قىلمىسا زادىلا بولمايدىغان ئىشلار چىقىپ قالسا :- مەن كۆرمىدىم-دەپ، ككزنى يۇمۇپ تۇرىۋالغىلى بولمايدۇ-دە .سەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئەتىلا بانكىدا ئىشلەيدىغان تاغاڭنىڭ ئۆيىگە ماڭ ، مەن مۇئاش كارتىمىزدىكى پۇلىمىزنىڭ قەرز تۆلەشكە يەتمىگىنىگە قارىتا دۇستلىرىمدىن پۇل ئۆتنە ئېلىشنىڭ كويىغا چۈشەي –دېدىم
    5
    بانكىغا قايتۇرىدىغان پۇلمۇ ھەل بولۇپ قالغان ئىدى. مەن تېلېفۇنىمنى ئېلىپ، ناسىر ئەپەندىنىڭ قەرز پۇلىنى قايتۇرىۋىتىدىغانلىقم ھەققىدە بانكىرنىڭ تېلېفون نومىرىنى يۈرەكلىك بېسىشقا باشلىدىم.
    بانكىر ئەپەندىمۇ مەن دېگەن ۋاقىتتىلا ئۆيۈمگەيېتىپ كەلدى.كىممۇ پۇل بېرىمەن دېسە، ئېلىۋالغىلى ئالدىرايدۇ دەيسىز؟
    مەن بانكىرنىڭ ئاياق تېۋىشىدىن ئۇنىڭ پەلەمپەي ۋاقىنىلىرىدىن ھارۋا سۈرەپ جۇلۇقلىرى چىقىپ كەتكەن ئۆكۈزدەك پۇشۇلداپ ، ئېغىر قەدەم ئېلىپ چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قىياس قىلدىم-دە ، ئىشكنى ئۇلۇغ ئېچىۋەتتىم ۋە ئۇنىڭغا چاي سۇنغاچ ، سۆزلىرىمنى بايان قىلدىم:
    -بانكىر ئەپەندى ، ھەممىمىز مۇشۇ زېىمىندا ھالال ئەمگىكىمىزگە تايىنىپ ھاياد كەچۈرىۋاتقان ئادەملەرمىز. شۇغۇللۇنۇۋاتقان كەسپىمىزنىڭ ئۈگىيى يوق .سىلى دكلەتنىڭ ئىش تەقسىماتى بۇيىچە غەزىنە ئۇرۇنلىرىغا تەقسىم بولۇپ، نامىراتلارغا يار-يۈلەك بولۇشتەك خىزمەت مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلۋاتىلا. سىلە شۇغۇللۇنۇۋاتقان بۇ كەسىپ، مەبلەغقە جىددى ئىھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ غەيرى تامادا سىلىگە پۇل-مال شۈڭگۈتۈپ،يانچۇقلىرىنى توملايدىغان ئالاھىدە كەسىپ بولسىمۇ بىراق، مەن ۋە مەن قەرز پۇلىغا كېپىل بولۇپ بەرگەن بۇرادىرىم ئوخشاشلا ياش ئەۋلادلارنىڭ دىلىغا ئىلىم-ئىرپان ئۇرىقى چېچىپ، كەلگۈسىدە ئۇلارنى ۋەتەن،ئەلگە ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيلەشتەك ئۇلۇغۋار خىزمەتنى زېممىزگە ئالغان ئىنسان روھىيىتىنىڭ ئىنژىنىرلىرىمىز .مەن ناسىردىن ھەممە گەپلىرىنى ئاڭلىدىم.سىلەئۇبىكتىپ قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن قەرز قايتۇرالمىغان بۇرادىرىمنىڭ كۆزىگە كىرىۋىلىپ: -زادى مۇشۇ بىر مو چەن پۇلنى ئون قېتىم ساناپ ،بىر پۇڭنىڭ تۈشۈكىدىن ئون قېتىم ئۆتىدىغان ئەپەندى خەق دېگەنلەر بىلەن ئەسلا مىجەزىم كېلىشمەيتى. ئالدىراپ -تېنەپ ئۇلار بىلەن مۇئامىلىمۇ قىلىشمايتىم،بۇ قېتىم مېنى قارا باسقان ئوخشايدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ پېتىر مىجەزىنى ئاڭقىرالمايلا مۇئامىلە قىپ ساپتىمەن . ئەندى ئىككىنجى ئۇنداق ئەپەندى خەق بىلەن مۇئامىلە قىلماسمىنا....دېگەنگە ئوخشاش پۇقتىن سېسىق گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپلا . ئەپەندى خەق سىلىگە :-ۋاي بايۋەتچىم ،ئۆيۈمدە رۇزىغارىم تۈگەپ كەتتى،ماڭا تۆت-بەش تەڭگە سەدىقە قىلىۋەتسىلە –دەپ سىلىنىڭ ئۆيگە كىرىۋالغانمۇ ؟ ئۇلارنى ھاقارەتلەيدىغانغا ئۈچ ۋاق تامىقىنى سىلە بېرەمدىلە ، سىلىدىن خەيىر-ساخاۋەت تېلەپ يۈرىشىدىغانغا ئۇلار ئاقساق-چولاق ،مېيىپ كىشىلەرمۇ ۋە ياكى:-مەن ئاچ قالدىم –دەپ، ئۆيلىرىگە ئۆسۈپ كىرىپ، ئاش-نانلىرىغا ھەسەن شىرىكتەك تەكەللۇپسىزلا ئېغىز تېگىۋالغانمۇ؟!... ، سۆزلىرىمنى دېھققەت بىلەن ئاڭلىغايلا . ئائىلە باشلىقلىرىغا باللىرى تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۈرگەن مەزگىلدە :مۇشۇ ئوقۇغۇچۇم ئالى مەكتەبكە ئوقۇغىلى بارماي ، جەمىيەتتە لاغايلاپ يۈرۈپ،ئاتا-ئانىسىغا ئىش تېرىپ بەرمىسۇن يەنە –دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا :-باللىرى ئالى مەكتەبكە ئۆرلەپ ئوقۇۋالسۇن –دەپ خىزمەت ئىشلىسە،ئۇلار نېمە دەيدۇ دېمەمسىز؟-بولىدۇ ئەپەندىم،بالام ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،باشقىلاردەك كادىر بولالمىسىمۇ ،سىلىگە ئوخشاش ئەپەندى بولۇپ قالسىمۇ ئەجەب ئەمەس -دېيىشىپ، ئوقۇتقۇچىلىقىتىن ئىبارەت راھىتىدىن جاپاسى كۆپ كەسىپنىڭ كورسىنى چۈشۈرىدىغان، ئوقۇتقۇچىلىقنى قۇرسىقى قىچىشسا دۈمبىسىنى تاتلايدىغان خالىغان ھارام تاماقلارمۇ قىلالايدىغاندەكلا كۆرۈشۈپ كېتىشكەنلىرىمۇ يېتىپ ئاشار. ئوقۇتقۇچىلار ھەرگىزمۇ سىلە سۆزلەپ يۈرگەندەك :- چۈپەي، ھەممە ئىشتا ئۆزۈمنىڭكىنى راست دەپ تۇرىۋالىدىغان ،دۇنيا قارىشى ئاددى ،مەسىلىلەرگە باھا بېرىشتە كۆزى كىچىك ،نەزەر دائىرىسى تار كىشىلەر بولماستىن بەلكى، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى قەلىب-كۈكسى كەڭ، كۆڭلىگە ئۇلۇغۋار ئارزۇلارنى پۈكۈپ، تەربىيلەۋاتقان ئۆسمۈرلەرگە تىرىشىپ ئىلىم-ئىرپان ئاتا قىلىپ ، ئۇلارنى ۋەتەن-خەلققە ياراملىق ئادەملەردىن قىلىپ چىقىشتىن ئۆزگىنى ئويلىمايدىغان ، كەسپىنى بىر ئۆمۈر ھاردىم- تالدىم دېمەي ، ئۈن-تېۋىشسىز ئىشلەپ، ئىنسانىيەتكە مەنىۋىي ۋە ماددى بايلىق ئاتا قىلدىغان يۈكسەك غايىلىك كىشىلەردۇر. ئادەتتە يىغىن،تەشۋىقاد ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا «يۈز يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشنىڭ ئاساسى- مائارىپ »،«ئوقۇتقۇچىلار 10مىېتىر يىراقلىقتىن سالام بىرىشكە تېگىشىلك كىشىلەر» دەپ، ئېغىز –ئېغىزغا تەگمەي سۆزلۈشۈپ كېتىمىز،ناھيە-شەھەر ،يېزا-بازار،كەنت ئىشخانىلىرى ۋە ئاھالىلار ئولتۇراقلىرىنىڭ چاقچۇق يېپىشتۇرۇلغان چىرايلىق تاملىرىغا قارىسىڭىز ،قىزىل سىر بىلەن سەد يىزىۋىتىلگەن «ئوقۇتقۇچىلىق- شەرەپلىك كەسىپ»،«خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى سالامغا سازاۋەر كىشىلەردۇر»،«پۈتۈن جەمىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ئۇرنىنى يۇقىرى كۆتىرەيلى »...دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى ماڭدامدا بىر ئۇچۇرۇتىمىز .بىز دەل شۇغۇللۇنۇۋاتقان كەسپىمىزنى باشقىلار ماقتايدىغان ، ئەتەئۈچۈن مۇستەھكەم ئۇل قۇرۇش يولىدا جاپالىق ئىزدىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارمىز. مەن يەنە شۇنىمۇ ئېيتايكى :- دۆلەت شۇ كىشىنىڭ ئوقۇش تارىخى، ئوقۇغان كەسىپىنى چىقىش قىلىپ خىزمەتكە بىر تۇتاش تەقسىم قىلىدۇ.سىلىدەك خىزمەت ئۇرنىنى پەش قىلىپ، ئۆزگىلەرنىڭ كەسپىنى پەس كۆرىدىغان، ئىقتىسادى ئىشلارنى تۇتۇشتىن پايدىلىنىپ، چوڭ يەپ-ئىچىپ،يانچۇق تولدۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلەتلىرىمىز ۋە غورۇرىمىز بىلەن بەسى چېقىشالمايدۇ. بىز كەسىپىمىزنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ،كۆزىمىزنى كەڭ ئېچىپ، يىراققا نەزەر سېلىشىمىز لازىم.بىز ئوقۇتقۇچىلار ئەمەلى خىزمەت داۋامىدا بىرەر ئادەمگە دەرھال مەنپەئەت يەتكۈزەلمىسەكمۇ بىراق، بارلىقىنى ۋەتەن ، خەلققە ئاتاپ ئۆلۈپ كەتكەن مەرھۇملىرىمىز ، ۋەتەن،خەلق ئۈچۈن ئۈن-تېۋىشسىز ئىشلەپ،نۇبېل مۇكاپاتىغا نائىل بولۇۋاتقان فېرۇفىسۇر-ئالىملىرىمىز ، كېچىلىرى شېرىن ئۇيقۇسىنى تەرك ئېتىپ ،تۈننى تاڭغا ئۇلاپ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ، دىلىلىرىغا مەنىۋىي ئۇزۇق ئاتا قىلىۋاتقان يازغۇچى،- شائىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئەشۇ سەبىيلەر دىلىغا ئىلىم-ئىرپان چىراقلىرى يېقىۋاتقان، ئاددى خىزمەت ئورنىدا جاپالىق قان-تەر ئاققۇزىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمۇ؟!بانكىر ئەپەندى،سىلىمۇ بىر كەلىمە سۆزلەپ باقسىلا ،مېنىمۇ ئەشۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار تەربىيلەپ ، نېنىنى تېپىپ يېيەلەيدىغان ئادەم قىلىپ قويۇپتىكەن –دەپ.
    -بىز ئىنسانلار - يۈكسەك ئەقىل ئىدىراكىمىزنىڭ يول باشلىشى ، قەلبىمىزگە پۈككەن ئۇلۇغ ئارزۇ –ئارمانلارنىڭ يولىمىزنى يۇرۇتىشى بىلەن ، ئارزۇلار چۇققىسىغا ئات سېلىپ ،ئۆزىمىزنىڭ ھالال قان-تەرى بىلەن ۋىسال شەربەتلىرىگە ئېغىز تېگىدىغان كىشىلەرمىز. بىرەر دۇستىمىز يۇقسۇزچىلىق دەستىدىن ئېڭراۋاتقاندا ئۇنى قىيىنچىلىقتىن مۇستەسنا قىلماقتا يوق ،پەرۋايىمىز پەلەك ھالدا مايمۇن ئۇيۇنى ئۇيناپ، قول قۇشتۇرۇپ تۇرساق، بۇ ئادىمىيلىك ئەخلاق پەزىلەتلىرىمىگە ئۇيغۇن كېلەرمۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلالمىساق ، ئۈم-ئىناق ،ھاللىق جەمئىيەت قۇرىمىز -دېگەن شۇئارىمىز قۇرۇق ۋەزگە ئايلىنىپ قالماسمۇ ؟!بانكىر ئەپەندى،سۆزلىرىمنىڭ ۋەزنىنى ئۇبدانراق دەڭسەپ كۆرسىلە . سىلىنىڭ قىلغانلىرى ئاقىلانىلىكمۇ، ۋىجدانلىق ئادەملەرنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ ئەمەس.گەپلىرىنىڭ ئورامىغا قارىغاندا ، -سەن ئۆز ۋاقتىدا ناسىر ئەپەندىنىڭ قەرز توختىمىغا تۈشۈڭگە مۇشتلاپ تۇرۇپ كېپىل بولۇپ بەرگەندىكىن،ئەندىلىكتىمۇ شۇ مەردانلىقىڭ بىلەن ، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن قەرزنى ئۈز-دېگەندەك مەنا چىقىۋاتىدۇ.بولدى بەس، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن پۇلنى ئۆزۈملا تاپشۇرىمەن . گىزى كەلگەندە دۇستلار ئۈچۈن ، ئىسسىق جېنىمنى بېرىشكىمۇ رازىمەن .كونىلارنىڭ جان بولسا جاھان،ئاش بولسا قازان دېگەن ھېكىمەتلەرگە تويۇنغان سۆزى بارغۇ. ھېلىغۇ دۇستۇم قەرىزىنى تۆلىيەلمەي مېنىڭ تۆلىشىمگە توغرا كېلىپ قاپتۇ،جېنىم تېنىمدىلا بولسا بۈگۈن كەچ كىرگىچە دۇستۇمنىڭ قەرزلىرىنى تەل-تۈكۈس ئۈزۈپ بېرىمەن ، بەلكىم ئۇ پۇل تاپالىسا قايتۇرار . تاپالمىسا سالىۋات . مۇنۇسى مېنىڭ مۇئاش كارتام .كارتىدا 17مىڭ كوي پۇل بار ،پۇلنى چېقىرىۋىلىپ ،بانكا ئېسچۇدى بىلەن كارتىنى ئەكەپ بەرسىلە ،كارتىنىڭ مەخپى شېفىرىنى دەملا،مۇنۇ قەغەزگە يېزىپ قويدۇم.قالغىنىنى كەچ كىرگىچە ئۈزىۋىتىمەن.
    -بانكىر ئەپەندى ئاخىرىدا سىلىگە ئېيتىۋالىدىغان يەنە ئازىراق سۆزۈم بار،جىندەك ئولتۇرۇپ بەرسىلە .
    - دۆلىتىمىز 3-ئومۇمى يىغىن باھار شامىلىنىڭ تۉرتكىسى بىلەن ، ئىناق ۋە ھاللىق جەمىئەت قۇرۇش ئۈچۈن ، مۈرىنى –مۈرىگە تېرەپ كۆرەش قىلماقتا.سىلىنىڭ ھازىرچە بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بانكىدىن ئېلىپ ،ئوبىكتىپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قايتۇرۇشنى كىچىكتۈرگەن ئازغىنە قەرز مەبلىقىنى تۇتقا قىلىۋىلىپ، كوچا-كويلاردا:- ئۇ كەسىپ مۇندىغەي،بۇ كەسىپ ئۇندىغىيەي،....دېگەندەك ،ئېغىزلىرىغا كەلگەننى بوغۇزلىرىغا يۇتۇۋەتمەي بىلجىرلاپ ئىناق جەمىئەت قۇرۇش ئۈچۈن مۇخالىپ كېلىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ يۈرمەسلىكلىرىنى،ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالماي ، خادەملەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشلىرىنى ھەمىدە بىر شائىرىمىزنىڭ :
    «بىر گۈل ئېچىلسا بولمايدۇ باھار ،
    ھەممە گۈل ئېچىلسا بولىدۇ باھار»دېگەن پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە تۇيۇنغان ئودلۇق مىسىرالىرىنى خىزمەت ئەمىلىيىتىگە تەدبىقلاپ، جەمىيئەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن جان كۈيدۈرۈپ ئىشلەشلىرىنى سەمىمىيىتىم بىلەن ئۈمىد قىلىمەن .سۆزۈم تۈگىدى ،مېنى ئەندى مالال قىلمىسىلا.بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنىمىز ،دەم ئېلىش كۈنى دېگەندە ،ھەر بىر ئادەمنىڭ قىلىشنى ئالدىن پىلانلىۋالغان ئىش-كۈشلىرى بولىدۇ.قېنى، سىلىنى ئۇزۇتۇپ قوياي. قۇرۇقلا ئۇزۇتۇپ قويدۇم ، ئەيىپكە بۇيرۇمىغايلا -دېدىم .
    شۇ تاپتا ئۇ ئالدىرىمىغىنى بىلەن مېنىڭ بىر تەرەپ قىلىشمنى كۈتۈپ تۇرغان بىر دۆۋە تاپشۇرۇق :- مۇئەللىم ، تاپشۇرۇقلىرىمىزنىڭ توغرا –خاتاسىنى تەكشۈرۈشكە قاچانراق چوللىرى تېگەر؟–دېيىشىپ ، ئانىسىغا تەلمۈرگەن يېتىم قۇزىلاردەك بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ ماڭا قاراپ تۇرىشاتتى .
    * * *
    مېنىڭ باش قېتىنجىلىققا قالغىنىمدىن خەۋەر تاپقان دۇست –بۇرادەرلىرىم ،مېنى بۇ ۋەس-ۋەسىدىن تىزىراق قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ،ماڭا ئۆتنە قىلىشىدىغان پۇل سانىنى مەلۇم قىلىشىپ ،تۇشمۇ-تۇشتىن تېلېفۇن قىلىشقا باشلىدى .مەن يەلكەمنى بېسىپ تۇرغان قۇرام تاشتىن بىراقلا قوتۇلۇپ ، ئۆزۈممۇ ئۇچۇش ئالدىدا تۇرغان پەيدەكلا يىنىكلەپ قالغان ئىدىم.



    2010-يىل 31- سىنتەبېر .بۈگۈر


    بۈگۈر ناھيەباغۋەنچىلىك مەيدان باشلانغۇچ مەكتىپىدىن:

    تۇردى ئىسرائىل


    تېلېفۇن:13345454541 (ئۆي) 4695125–0996
     




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    تۇردى ئىسرائىل تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 18:02 02-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 15:05 05-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار