• قىلتاققا چۈشكەن ئەر(ھىكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:20-03-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 6 قېتىم   ئىنكاس: 4 پارچە
    قىلتاققا چۈشكەن ئەر (ھىكايە) ئەركىن بۈگۈن ناھايىتى روھلۇق ئىدى، ئۇ يېڭدىن سېتىۋالغان نىسان ماركىلىق دالا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، خىي

     

    قىلتاققا چۈشكەن ئەر
     
    (ھىكايە)
     
    ئابلەت ئىمىن
     
         ئەركىن بۈگۈن ناھايىتى روھلۇق ئىدى، ئۇ يېڭدىن سېتىۋالغان «نىسان» ماركىلىق دالا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، خىيال بىلەن كېتىۋاتاتتى، ماشىنىنى ناھايىتى ئاستا سېلىق ھەيدەيىتتى، ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقانلارمۇ بىزار بۇلۇپ، قالايمىقان سىگىنال چالاتتى، لىكىن ئەركىننىڭ پەرۋايى پەلەك، بۇنداق ئىسىل ماشىنا دىگەننى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىش كېرەكتە، ئىسل ماشىنا دىگەننى ئاستا ھەيدىسىمۇ ناھايىتى راھەت بۇلىدىكەن، مەن ھازىر كىمدىم؟ ھەيداۋاتقىنىم شىيالى ئەمەس، نىسسان، مانا قۇلۇمدا شىۋىتسارىيەنىڭ ئالىي دەرىجىلىك قول سائىتى، ئىشلەتكىنىم بولسا ئەڭ يېڭىدا چىققان ئالما ماركىلىق 4-ئەۋلات يانفۇن، بۇ كىيملىرىمنى مەخسۇس سېتىش ئورنىدىن بەشمىڭ يۈەنگە سېتىۋالدىم، مېنىڭ سالاپتىم كىمدىنمۇ قېلىشسۇن؟ ئەركىن ماشىنىسىنى قىزىل چىراقتا توختاتتى، ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىر مەھەللىك ساۋاقدېشى تۇرسۇن تۇراتتى، تۇرسۇن بولسا ئەپچېقى چىقىپ كېتەي دەپ قالغان شىيالى ماركىلق ماشىندا ئىدى، ئەركىن ئۆزىنى تۇرسۇنغا كۆرسىتىش ئۈچۈن دەرىزىدىن مەخسىرە نەزىرى بىلەن تۇرسۇنغا قاراۋاتاتتى، تۇرسۇن ئەركىننى كۆرگەندىن كىين ھېجىيپ سالام قىلىش بىلەن قېلىپ يىشىل چىراقنى يانغانلىقىنى بىلمەيلا قالدى، ئارقا تەرەپتىن چېلىنغا ماشىنىڭ سىگىنال ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئەركىن تۇرسۇنغا قاراپ، يىشىل چىراق ياندى قارىم ھەيدىمەمدىلا مەپىنى دەپ مەخسىرە ئارىلاش كۈلۈپ ماشىنىغا كۈچەپ ماينى باستىدە ئۆتۈپ كەتتى، خېجىللىقتىن ئۆلگۈدەك بولغان تۇرسۇن، خەپ سېنى بىر باپلىمايدىغان بولسام دەپ ئويلىدى.
    ئەركىن ماشىنىسىنى پاپالو ئىچىملىك خانىسىنىڭ ئالدىغا توختاتتى، سۇغۇق ئىچملىك خانىغا كىرىپ مىۋە سۈيى بۇيرۇتتى دە ئۆزىنىڭ تۇرسۇننى ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن قويغانلىقتىن خوشال بۇلدى. ئەسلىدە تۇرسۇن بىلەن ئەركىن بىر مەھەللىك ساۋاقداش ئىدى، تۇرسۇن يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇقۇپ مەھەللىدە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلاتتى، ئەركىن داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇقۇيالمىغان ئىدى. تۇرسۇن خىزمەتكە چىقىشمغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن دەپ مائىشىنى يېغىپ شىيالى ماركىلىق ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋالدى، ئۇ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىۋىتىپ پىيادە كېتىپ بارغان ئەركىننى كۆرۈپ قالدى دە، ئۇنى ماشىنىغا سېلىۋالدى، ئەركىن شىيالى ماركىلىق ماشىنىدا ئولتۇرۇپمۇ، ئۆزىنى ناھايىتى راھەتلىك ھېس قىلدى،
    -ئاداش بۇ ماشىنىنى قانچىگە ئالدىڭ؟- 30مىڭ سومغا، ۋاھ –قالتىس ئىكەنغۇ، بىزمۇ مەكتەپتە ئۇقۇپ سىلىگە ئوخشاش كادىر بولغان بولساق، بىزمۇ ماشىنا ئالاتتۇق دېدى ئەركىن. -ھە راست ئاداش ھازىر نىمە قىلۋاتىسەن دەپ سورىدى تۇرسۇن ، شەھەرگە ماڭغانتىم ئاداش، ئانچە-مۇنچە تاش سودىسى قىلىشنى ئۈگىنىۋاتىمەن دېدى ئەركىن، -بۇمۇ ياخشى ئىشقۇ، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر تاش سودىسى قىلىپ بېيىپ كەتتى، سەنمۇ ياخشى كەسپىنى تاللاپسەن ئاداش. ئۇلار گەپ بىلەن بۇلۇپ بىردەمدىلا ئەركىننىڭ چۈشىدىغان تاش بازىرىغا يىتىپ كەلدى، ماشنا تاش بازىرى ئالدىدىن ئۆتكەندە، ماشىناڭنى توختات ئاداش مەن مۇشۇ يەردە چۈشىۋىلاي دېدى ئەركىن، -خالىغان يەردە توختىغىلى بۇلىدىغان بۇ مەپە ئەمەس، ئاۋۇ يەردە ماشنىا توختاتقىلى بۇلىدۇ، شۇ يەردە چۈشۈرۈپ قوياي. ئەركىن بىر ئېغىز گەپمۇ قىلمىدى، ماشىنا توختىشى بىلەن خوش دىمەستىنلا ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭ تۇرقىدىن تۇرسۇننىڭ قىلغان بۇ چاقچىقىنى كۆتۈرەلمىگەندەك قىلاتتى، تۇرسۇنمۇ چاقچاق قىلىمەن دەپ ئاشۇرۋىتكىنى ھېس قىلدى. مانا سۇغۇق ئىچىملىك ئىچىۋاتقان ئەركىن دەل مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاۋاتاتتى، 5يىل بۇرۇن، بىر قوتۇر شىيالىغا ئېرىشىپتىكەنسەن، بۇ مەپە ئەمەس دەپ مېنى تازا زاڭلىق قىلغان ئىدىڭ، مانا ئەمدى ساڭا قايتۇرپ بەردىم.
    ئىزا تارتقان تۇرسۇن، ئەركىننى تازا بىر باپلاشنى پىلانلىدى، تاشچىلىق قىلىپ ئاز-تولا پۇل تاپقىنىڭغا شۇنچىلىك كۆرەڭلەپ كەتمە، ساپاسىز ئادەمدىگەننىزە، ئىككى نان تاپسا بىرتېلىنى داپ قىلىپ چالىدىكەن ئەمەسمۇ، بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر موتىسىكىلتىڭمۇ يوق قەلەندەر ئىدىڭ، ئەمدى« نىسسان » ماركىلىق ماشىنا ئالدىم دەپ نىمە ھال بۇ ساڭا، تېخى ھەيدىمەمسەن مەپىنى دەپ مېنى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ.سەندە پۇل بولغان بىلەن ھەقىچان بىلىم يوق، خەپ توختاپ تۇر سېنى بىر باپلىمىسام. تۇرسۇن بىر تۇنىشىغا تېلىفۇن قىلدى، -ۋەي، رازىيەمۇ، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ھازىر ۋاقتىڭىز بارمۇ؟-ئۇنداق بولسا ئەزىمەت پولو خانىسىغا بىر كىلىڭ، ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كىين رازىمۇ كەلدى، ئۇلار ئايرىم خانىدا پولو يىگەچ پاراڭلاشتى.
    ئەركىن پاپولو ئىچملىك خانىسىدىن چىقىپ ماشىنىنىسى ئوت ئالدۇرۇپ تۇرىشىغا ئالما 4-ئەۋلات تېلفونى يېقىملىق سايراپ كەتتى، قارىسا تۇنىمايدىغان بىر نومۇر ئىدى، ئەركىن بىرەسى تاش خەۋىرى قىلغان چېغى دەپ ئويلاپ قالدى. ئەمما تېلىفۇندا بىر قىزنىڭ ناھايىتى نازۇك ئاۋازى ئاڭلاندى، ۋەي ئەركىنمۇ ياخشىمۇ سىز؟-ھە.. ھە.. ياخشى- سىز كىم بۇلىسز؟ -ۋاي تېخى مېنى تۇنىمىدىڭىزما؟- ھۇ ئەسكى- تۇنىمغان بولسىڭىز بۇپتۇ، كەلگەندە تۇنۇپ قالارسىز، مەن سىزنى بېيجىڭ مېھمانخانىسى405-نومۇرلۇق ياتاقتا ساقلايمەن، كەلمەي  قالماڭ جۇمۇ، بەي بەي.. دەپ تېلىفۇننى قويىۋەتتى. ئەركىن بۇ قىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەقەت ئىسىگە ئالاممىدى، ئۇ پەرۋاسىز كەتمەكچى بۇلىدىىيۇ لىكىن تېلفۇندىن ئاڭلانغان يېقىملىق ئاۋاز، ئالىي مېھمانخانىنىڭ ياتىقى ئۇنى كېتىش نىيتىدىن ياندۇردى. ئۇ ماشىنىسى بۇراپ بېيجىڭ مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا ماشىنىنى توختاتقاندىن كىين 405ياتاقنىڭ ئىشىكىنى چەكتى، دىگەندەك ناھايىتى چىرايلىق ئۇماق بىر قىز ئىشىكنى ئاچتى، قىز شەيتانلىق قىلىپ يەنە ئەركىننى ئېلەشتۈردى، ۋاي ئەركىن ئاكا، ئەجەپمۇ ساقلاتتىڭىزغۇ قېنى كىرىڭ، كىرىڭ دىگەن گەپنى ئاڭلىغان ئەركىن شۇنچە كىرگۈسى بولسىمۇ ئىچىدە ئۇنىڭ لۆكچەكلىرى بولسا پۇللىرىمنى بۇلاپ ئېلىۋىلارمۇ دىگەن ئەندىشە ئۇنىڭ كاللىسىدا بار ئىدى، شۇڭلاشقا ئەركىن كىرىشكە جۈرئەت قىلاممىدى. سىرتقا چىقىپ تاماق يەيلى دېدى ئەركىن. ئاۋازىنى سۇزۇپ، ناھايىتى ناز قىلىق بىلەن،-ۋاي ئەركىن ئاكا تاماقنىڭ گېپىنى قىلىپ قاپسىز ئىچىدە يەيدىغان، ئىچىدىغان ھەممە نەرسە باردېدى قىز. ئىچىدە باشقا ئادەم بارمۇ دېدى ئەركىن، -ۋاي ئەركىن ئاكا ئىچىدە نىمە ئادەم بولسۇن قېنى كېرىڭ دەپ ئەركىننىڭ قۇلىنى تۇتۇپلا ياتاققا تارتتى، ئەركىن ياتاققا كىردى ياتاقتا راستىنلا باشقا ئادەم يوق ئىدى، دەرىزە تۈۋىدىكى يومىلاق ئۈستەلدە بولسا ھەرخىل يەيدىغان ئىچىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى. رازىيە ئەركىننى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، -قېنى ئاكا ئالدى بىلەن تاماق يەۋىلىڭ، -تۇنۇر كاۋىپى، غاز كاۋىپى-يەرلىك تۇخۇملارمۇ بار، ئالدى بىلەن بىر كۈچلىنىۋىلىڭ، قىزنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئەركىننى شەھۋانى نەپسى تاقىلداپ كەتتى، لىكىن ئۇ بۇ قىزنى راستىنلا تۇنىمايىتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ بىرەر توزاققا چۈشۈپ قېلىىشىنى ئويلاپ، يەنىلا كېتىپ قېلىش خىيال بار ئىدى. لىكىن دېدى ئەركىن قىزغا قاراپ، مەن سىزنى ئەزەلدىن تۇنىمايدىغان تۇرسام، نىمىشقا مېنى بۈگۈن تۇيىقسىزلا چاقىرىپ قالدىڭىز، تېلىفۇن نومۇرىمنى قانداق بىلدىڭىز؟-ۋاي ئەركىن ئاكا سىز مىنى تۇنىمىغان بىلەن مەن سىزنى تۇنۇيمەن، ئىشقى پىراقىڭىزدا كۈيىۋاتقىلى خېلى بولدى، شۇڭلاشقا بۈگۈن قەتئى ئىرادىگە كېلىپ سىزنىڭ نومۇرىڭىزنى ئىزدەپ تاپتىم ۋە بۈگۈنلا سىزگە ئۆزۈمنى ئاتا قىلىپ مۇردىمغا يىتەي دېدىم، قانداق بولماپتىمۇ؟- قىز ئۆزىنى ناھايىتى قىززىق گەپ قىلدىم دەپ ئويلاپ قالدىمۇ ياكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەنلىكىدىن خوشال بولدىمۇ زىل،نازۇك ئاۋازى بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈپلا كەتتى. ئەركىن قىزغا قارىدى، ئۇ قىز ناھايىتى چىرايلىق ئىدى، ئۇنىڭ ئوغاقتەك قاپقارا قاشلىرى، ئىھ رەنا ئېلانىدىكى قىزنىڭ كىرپىكىدەك كىرپىكلىرى،بەدىنىگە چىڭ يېپىشقان كىيملىرى، قىزغا ناھايىتىمۇ ياراشقان ئىدى. ئەركىن بۇرۇن خېلى قىزلار بىلەن ئارىلاشقان بولسىمۇ ھازىرغىچە مۇنداق چىرايلىق قىزنى ئۇچرتىپ باقمىغان ئىدى. بەلكىم دەپ ئويلىدى ئەركىن مۇۋاپىقىيەت قازانغانلارنى قىزلار ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغانتتىم، ھازىر مەن خېلى بېيىپ قالدىم بەلكىم مېنى راستىنلا يۇشۇرۇن ياخشى كۆرگەن بۇلىشى مۇمكىن. ئەركىن ئەمدى گۇمانىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. قىز بىر شۆبى ئىچىملىكنىڭ ئېغىزىنى ئاچتى دە ئەركىنگە سۇندى ئەركىن بىر يۇتۇم ئىچىپ شۆبى ئىچملىكنى قويۇپ قويدى. بولدى بىر دەم ئارام ئېلىۋالغاندىن كىين يىمەيمىزمۇ  دېدى ئەركىن، ۋاييەي ئەسكىلىكىنى بۇنىڭ، ئاپتاپتا بەك قارىداپ كېتىپسىز، ئاۋال يۇيۇنۇپ چىقىۋىلىڭ دېدى، ئەركىن ھېجىيپ يۇيۇنغىلى مونچىغا كىرىپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي يۇيۇنۇپ يېنىپ چىقىتى، ئەركىن شىرەدە ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ شۆبىسىنى گۈپلا قېلىپ ئىچىۋەتتى. ئۇ يۇيۇنۇپ چىققاندىن كىين باياتتىنقى ئوت كەتكەن تېنى سەل سۇغىغاندەك قىلدى، شۇڭلا ھامىنى مىنڭغۇ دەپ ئويلاپ بىردەم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشنى لايق كۆردى.-تېخى ئىسمىڭىزنى بىلمىدىم ئىسمىڭىز نىمە؟-ئىسمىم گۈلمىرە، -ئىسمىڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئوخشاش چىرايلىق ئىكەن.-سىز نىمە ئىش قىلىسىز؟-ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسدا ئىشلەيمەن،-قالتىسقۇ، خىزمەت ئورنىڭىزمۇ بەك ياخشى ئىكەن. ئەركىننىڭ شۇ گەپنى قىلغىنى ئىسىدە تۇردى، ئۇ كۆزىنى ئېچىپ قارىسا يەنىلا شۇ ياتاق ئىكەن، ئەركىننىڭ بەدىنىدە بىرتال كالتا ئىشتانمۇ يوق ئىدى، پورتمال، ئالما ماركىلىق تېلىفۇن، قاتارلىق نەرسىلىرى يوق ئىدى، پەقەت ئىنساپ قىلىپ كىمىلىكىنى تاشلاپ قويۇپ كەتكەن ئىدى. ئەركىن خىجىللىقىدا يېغلىۋىتىشكە تاس قالدى، كېينىدىن قوغلاپ يىتىششىنى ئويلايتتى لىكىن ئۇ توغما ھالەتتە يالىڭاچ ئىدى. ئۇ قانداق قىلىشنى بىلەممىدى، شۇنىڭ بىلەن دوستىغا تېلىفۇن ئېلىشنى ئويلىدى لىكىن ئۇنىڭ يانفۇنىمۇ يوقتە، مېھمانخانا تېلىفۇنى پەقەت ئىچكى لىنىيەگىلا ئورغىلى بۇلاتتى. ئەركىن ئەمدى راستىنلا يېغلىۋەتتى. دەرىزىنى ئېچىپ قارىسا يېرىم كىچە بولغاندەك قىلاتتى، ئۇ تاڭنىڭ ئېتىشىنى كۈتتى، بىردەممۇ ئۇخلىيالمىدى، ئۇ سەھەردە ئىشىك تۈۋىگە قۇلىقىنى يېقىپ تۇردى، بىرسىنىڭ ماڭغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ ئاستا ئىشكتىن بېشىنىلا چىقىرىپ كېتىپ بارغان كىشىنى چاقىردى. كېتىپ بارغان كىشى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى قارىغاندا ئۇ ساياھەتچىدەك قىلاتتى. جېنىم ئاكا تېلىفۇنىڭىزنى بىرمىنۇت ئىشلىتۋالغان بولسام بۇپتىكەن،-تېلىفۇنۇم ياتاقتا قالدى تۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن ھازىر ئېپ چىقىپ بىرەي، بىردەمدىن كىين ھېلىقى كىشى ئەركىنگە تېلفۇنىنى ئەچىقىپ بەردى. ئەركىن تېلىفۇننى ئېلىپلا بىر دوسىتغا تېلىفۇن قىلدى، تەلىيگە يارىشا تېلفۇن ئۇلاندى، ۋەي كىما دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، ۋاي ئاداش مەن ئەركىن، ئاداش جىق گەپ قىلىشقا ۋاقتىم يوق، سەن دەرھال كەيگىلى بۇلىدىغان كىيملىرڭدىن بىر قور ئېلىپ، ئاياغ ئېلىۋىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالما، دەرھال بېيجىڭ مېھمانخانىسى 405-ياتاققا كەلگىن، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، قالغان گەپنى كىين دىيشەيلى. ئەركىن تېلىفۇننى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىپ ئىسەدەپ يېغلىۋاتتى، ئالتە مىڭ يۈەن پۇل دىگەنغۇ كاراىتى چاغلىق ئىدى لىكىن ئادەم دىگەن شۇنداقمۇ شەرمەندە بۇلغان بارمۇ؟ بىر سائەتتىن كىين ئەركىننىڭ تېلىفۇندا كۆرۈشكەن دوستى نىياز يىتپ كەلدى، ئەركىن مۇنچىنىڭ لۆڭگىسىنى يۆگىۋالغان ئىدى. ئەركىن نىيازنىڭ قولىدىكى كىيمنى ئېلىپلا دەرھال كىيشكە باشلىدى، كىيملەرنى كىيپ بولغاندىن كىين، بولغان ئىشلارنى نىيازغا سۆزلەپ بەردى. نىياز دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئېيىتتى، ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا بولمايدۇ دېدى ئەركىن،-نىمىشقا؛ ھەي ئاداش بۇ دىگەن ھەممىسى ئۆزەمنىڭ شورى، ئويلاپ باقسام بۇ ئىش ماڭا قاتتىق ئاچچىق ساۋاق بولدى ۋە ھاياتىمدىكى ئەڭ ياخشى بىر دەرس بولدى. كىيمىمدىن ئايرىلىپ كېتىپ ناھايىتى قورقتۇم، بىرەسى مېنى كېپەنلاۋاتقان بىلىنىپ كەتتى. ھەممە گۇناھ ئۈزەمدە ئاداش، مەن ئاز-تولا پۇل تېپىپ كۆرەڭلەپ كەتتىم، بىھۇدە پۇل خەجلەپ ئالىي دەرجىلىك ماشىنا ئالدىم، بىر ئوبدان تېلىفۇنۇم بولسىمۇ قىممەت باھالىق تېلىفۇن سېتىۋالدىم، بۇلارنى شۇنداق سېتىۋالسامغۇ مەيلىيتتى، مەنمۇ ئادەم بالىسى بولغاندىن كىين راھەت كۆرۈشۈم كېرەك ئىدى. لىكىن شۇ نەرسىلەرگە ئېرىشكەندىن كىين ئۆزۈمدىن نامرات كىشىلەرنى كەمسىتتىم، نامرات دوستلىرىمنى كۆزگە ئىلمىدىم، مەخسىرە قىلدىم، ئۆزەمنى بەك چوڭ چاغلاپ كېتىپتىمەن، ھەتتا تۈنۈگۈن ساۋاقدېشىمنىڭ شىيالى ماشىنىسى مەپە دەپ زاڭلىق قىلپتىمەن، مەن مەخسىرە قىلغان كىشىلەر دەرىزىدىن قاراپ مېنىمۇ مەخسىرە قىلىۋاتقاندەك بېلىندى. بۇ كۈنلەردە مەن بىلەن جاپا-مۇشەقەتلىك كۈنلەردە بىرگە بولغان مېھرىبان ئايالىممۇ كۆزۈمگە سىغمايۋاتقاندى، قۇلۇمغا پۇل كىرىپ كۆزۈمگە ماي تولۇپ قالغان ئىدى، بۈگۈن بۇ ماي تازىلاندى. ئۆزەمنىڭ كىملىكىمنى تۇنۇدۇم، ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن نادان، ئەخمەت، بىلىمسىزلىكىمنى تۇنۇدۇم. ئەگەر مەن ئۈجمە كۆڭۈل بولمىغان بولسام، مېھرىبان ئايالىم ماڭا ئۆيدە ساقلاۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان بولسام ئۇ قىز مېنى ھەرگىزمۇ ئالدىيالمايتتى. ھەممىسى ئۆزەمنىڭ شورى ئاداش، بۇ قىزنى ئىزدەشنمۇ خالىمايمەن ۋە بەلكىم ئۇنىڭغا ئىچىمدە مىننەتدار بۇلىشىم مۇمكىن. مەن بۇنىڭدىن كىين يېڭى باشتىن ئادەم بۇلىمەن.جۈر ئاداش كېتەيلى.

    ئاپتۇرى:خوتەن ناھىيە لايقا يېزىلق ئەمگەك كاپالەت ئورنىدىن:13319035222




    ھالقىلىق سۆزلەر : قىلتاققا چۈشكەن ئەر


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    ئابلەت ئىمىننىياز تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 17:03 18-03-2012 كىرگەن ۋاقتى: 15:04 06-04-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار