• ئەدەبى ئىجادىيەت ۋە ‹‹ دەۋىر ساداسى ››(ئوبزور ماقالە)

    يوللانغان ۋاقتى:30-04-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    ئەدەبى ئىجادىيەت ، تۇرمۇش ،ئەدەبى ئىجادىيەت باسقۇچلىرى،ئەخەت تۇردىنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت تەجرىبىللىرى

          ئەدەبى ئىجادىيەت ۋە ‹‹دەۋر ساداسى›           تۇردى قېييۇم ئىمىن  

     

    ‹‹دەۋر ساداسى››-ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پروزىچىلقىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرنەرلىك تۆھپە قۇشۇپ كىلىۋاتقان پىشقەدەم يازغۇچى،ژورنالىست ئەخەت تۇردىنىڭ 50 يىللىق ئەدەبى ئىجادىيەت ۋە 20 يىللىق تەھرىرلىك خىزمىتىنىڭ تەجىرىبىسى يەكۈنلىنىپ ،جەۋھىرى بايان قىلىنغان ئەدەبى ئويلار ۋە ئەسلىمىلەر توپلىمى.بۇ توپلامنى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى  دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ60 يىللىقىغا سوۋغا قىلىش ۋە ئەخەت تۇردى ئىجادىيتىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزسىدىن نەشىر قىلغان‹‹ئۇنتۇلغان كىشىلەر ››،‹‹ھايات شۇنداق››،‹‹ئاي يامغۇرى ››،‹‹يىراقتا قالغان مۇھەببەت››،‹‹سەرسان روھ››،     ‹‹بەخىتسىز سەئدىيە››، ‹‹قاباھەت››،  ‹‹يەكچەشمە››، ‹‹مۇزلىغان يۈرەك››قاتار-

    لىق ئەسەرلىرى قاتارىدا نەشىر قىلغان. مەن ‹‹دەۋر ساداسى››نى ئۇقۇپ، تالانتلىق ، پىشقەدەم ئۇستاز يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان  ئۆگىنىش ،ئىزدىنىش،پىشىپ يىتىلىش جەريانىلىرنى شۇنداقلا ،پىنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن ‹‹تارىم ›› ژورنىلدا ئىشلەش جەريانىدىكى خىزمىتدىن تەھرىر، مۇھەررىرلەرنىڭ مەسئۇلىيەت، بۇرۇچ تۇيغۇسىنىڭ  كۈچلۈك، خىزمىتىنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.ئەڭ مۇھىمى كىتابتا يازغۇچىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەدەبى ئىجادىيەت تەجىرىبىلىرى ،ئەدەبىيات ھەققىدىكى قاراشلىرى ئوتتورغا قۇيۇلغان بۇلۇپ، بۇ توپلام  ياش يازغۇچىلارنى ،   ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرنى تەربىلەشتە،يازغۇچىمىز ئەخەت تۇردىنىڭ ئەسەرلىرنى تەتقىق قىلىشتا، ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئىگەللەشتە  تۆۋەندىكىدەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    بىرىنجى،‹‹دەۋر ساداسى››دا يازغۇچى ئەخەت تۇردى  ئەدەبىتات بىلەن تۇرمۇش،تۇرمۇش بىلەن يازغۇچى ئوتتۇرسىدىكى دىيالىكتىكىلىق مۇناسىۋەتنى ئوتتورغا قۇيۇپ،تۇرمۇشتىن ئايرىلغان يازغۇچىنىڭ سۇدىن ئايرىلغان بېلىققا ئوخشايدىغانلىقىنى ئەمىلى مىساللار ئارقىلىق ئېنىق چۈشەندۈرگەن. بۇ جەھەتتىن  كىتابنى رېئالىققا يۇزلەنگەن پروزا نەزىريە  دەرسلىكى دىيىشكە بۇلىدۇ.كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئەمىلى بايانلار  ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە يېڭىدىن ئەدەىبى ئىجادىيەتكە كىرىشكەن ياشلار ئۈچۈن بەلگىلىك پايدىلنىش قىممىتىگە ئىگە. يازغۇچى كىتابىدا يەنە يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش ئۆگنىشى،قانداق ئۆگنىشى ، قەيەردىن ئۆگنىشى كىرەكلىگىنى ،يېزىقچىلىقتا ئىپادىلەش ئۇسلۇبى، تىل ئىشلىتىش جەھەتلەردە قانداق تەربىلىنپ،  ئالاھىيدىلىكلەرنى قانداق جارى قىلدۇرۇش لازىملىقىنى،  جوڭگۇ ۋە چەتئەللەرنىڭ يازغۇچى، ئەدىبلىرىدىن لۈشۈن، بالزاك، گوركى، ل.تولسىتوي،  چىخوف، نەجىب مەھ بۇز ،ياشاركامال قاتارلىقلارنىڭ تۇرمۇشنى ئۆگىنش،تۇرمۇشنى قېزىش، خەلقنىڭ  ھالىنى چۈشۈنىش،ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش، ئۇسلۇب يارتىش ئالاھىيدىلىكى بىلەن  بىرلەشتۈرۈپ،  جانلىق بايان قىلىپ بەرگەن. ئۇ، يازغۇچى بىلەن تۇرمۇش ئۈستىدە توختىلىپ،‹‹ھەرقانداق بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر ئۇقۇم-مەيلى ئۇ سىياسى بولسۇن،تارىخ بولسۇن ياكى رېئاللىق بولسۇن –جەزمەن تۇرمۇشقا ئايلىنىش كىرەك››-دەيدۇ.بۇ قاراش ئەخەت تۇردىنىڭ ‹‹تۇرمۇشتىن ئايرىلغان ئەدەبىيات، ئەدەبىتات ئەمەس›› دېگەن ئىددىسىنى ئىسپاتلايدۇ.

    ئىككىنجى،‹‹دەۋر ساداسى›› دا ئەدەبى  ئىجاديەتنىڭ  باسقۇچلىرى، يازغۇچىنىڭ  ھېكايە، پوۋىست، رومانلارنى يېزىش جەرياندىكى ئەمىلىيتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا بايان قىلىنغان. بۇلۇپمۇ، يازغۇچىلار ئەدەبى ئىجادىيەتتە  تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈپ، ھادىسدىن ماھايەتىنى ئىگەللەپ، كۆپ ماتىريال توپلاش،  پىكىر يۈرگۈزۈش،پىلان تۈزۈش،پىلاننى ئىجرا قىلىشتىن ئبارەت باسقۇچلار بۇيچە يازغاندا،قارۇغۇلارچە يېزىشتىن ساقلىنىپ ئەمىلى  ئۈنۇمنى  قۇلغا كەلتۈرگىلى   بۇلۇدىغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىقتا  تېما تاللاش، پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارتىش،خاراكتىرنى ئېچىپ بىرىشتەك ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن   زىچ بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرگەن. مەسىلەن،‹‹خەير-خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان››،  ‹‹ئەلۋىدا كۆز يېشىم›› ،  ‹‹ئاي يامغۇرى››،  ‹‹ھايات شۇنداق››،  ‹‹ئۇنتۇلغان كىشىلەر›› قاتارلىق ھېكايە،پوۋىست،رومانلىرنى يېزىش ئۈچۈن ئاپتۇر كۆپ ئىزدەنگەن.بۇلۇپمۇ،ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىغا بېغىشلانغان  ‹‹سەرسان روھ ›› رومانىنى  يېزىش  ئۈچۈن ئىككى قېتىم  سەئۇدى ئەربىستانغا بېرىپ، زىيارەت قىلغان، تۇرمۇش ئۈگەنگەن، كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن. پاكستانغىمۇ بارغان، ئەھۋال ئىگەللىگەن. چەتئەللەردىن  قايتىپ كىلىپ،   يەنە  قەشقەر، خۇتەن، ئاقسۇ،مارالبېشى قاتارلىق يۇرتلارنى كىزىپ،ئەينى يىللاردا  ھېج قىلىپ، ھايات قايتىپ كەلگەنلەر،كارۋان بېشى بۇلغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇققان،ئەۋلاتلىرىغىچە كۆرشىپ،ماتىريال توپلاپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، رومان  ئىسمنى، سىيوژىت قۇرۇلمىسنى،  پېرسوناژلار خاراكتىرنى، تەقدىرنى تەتقىق قىلش ئاساسىدا يېزىپ، روياپقا چىقارغان. يېڭى دەۋىر تېمىسدىكى‹‹ قاباھەت›› رومانىنى يېزىش ئۈچۈنمۇ  ياشىنىپ  قالغىنىغا  قارماي جەنۇبى جۇڭگۇغا سەپەر قىلىپ،شىنجىن،گوۋاڭجۇ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، تەكشۈرۈش، سۆھبەتلىشىش، تۇرمۇش ئۆگنىش، تەتقىق قىلىش ئېلىپ بارغان.يازغۇچى بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي، يەنە قەشقەرگە كىلىپ،  باللىرىنى يوقۇتۇپ  قۇيغان نۇرغۇن ئاتا –ئانىلارنىڭ  ئېچىنشلىق مۇڭ-زارىنى تىڭشىغان.ئاخىر بۇ ماتىرياللار ئاساسىدا پېرسوناژلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتىر، قىسمەتلىرىنى تەبىئى يارتىپ، روماننى مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىپ چىققان. يازغۇچىنىڭ بۇ ئىجادىيەت جەريانلىرىدىن يېزىقچىلىقنىڭ ئىنتايىن جاپالىق مەنىۋى خىزمەت ئىكەنلىكىنى كۆرۋالالايمىز. يازغۇچىنىڭ بۇ تەجىرىبىلەرنى ‹‹دەۋر ساداسى››نى ئوقۇغانلار ھېس قىلالايدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە شۇنى دەپ ئۆتۈش زۆرۈر بۇلدىكى، ھازىر ئۇيغۇر پېروزاچىلقىدا   خېلى ياخشى ئەسەرلەر مەيدانغا كىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ھېچقانچە قىممىتى يوق، پۈچەك،چىنلىقتىن ئايرىلغان ، پاخال ئەسەرلەرمۇ يوق ئەمەس. مېنىڭچە بۇنىڭدىكى ئاساسى تۈپكى سەۋەپ ، يەنىلا ئاپتۇرلارنىڭ تۇرمۇش بىلىمى تۆۋەن ،تۇرمۇشنى ئۆگنىشكە، تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بىرشى كەمچىل.كىلاسسىك ئەسەرلەردىن، پىشقەدەم  ئۇستاز يازغۇچى، ئەدىبلەرنىڭ  ئىجادىيەت تەجىرىبىلىردىن، چەتئەل يازغۇچىللىرنىڭ نەمۇنىلىك  ئەسەرلىردىن ئۆگنىشى يىتەرلىك ئەمەس. بۇ جەھەتتىن ئەخەت تۇردىنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىش روھىدىن، ئىزدىنىش روھىدىن، يېزىقچىلىقتىكى مەسئۇلىيەتچانلىق رۇھىدىن ئۆگنىشىمىزگە تامامەن ئەرزىيدۇ.                                    ئۈچىنجى ، يازغۇچى ئەخەت تۇردى      ‹‹دەۋر ساداسى›› دا يەنە مەرھۇم ،ئاتاقلىق شائىر تىيىپجان ئېلىيۇپ،مەرھۇم يازغۇچى زۇردىن سابىر بىلەن بىرگە بۇلغان،پىكىر ئالماشتۇرغان جەريانلارنى ئەسلەپ ئىنچىكە بايان قىلىپ ،ئۇلارغا بۇلغان ھۆرمىتىنى بىلدۇرۇپ، ئولارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قۇشقان تۆھپىسىگە، يېزىقچىلىقتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىغا، تالانتىغا بۇلغان قايىللىقىنى ئپادىلگەن. شۇنداقلا يەنە    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان  رومانچىلىقىدىكى  نەتىجە ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا ئۇتتۇرغا  قۇيغان.  بۇلۇپمۇ، ئۇيغۇر رۇمانچىلىقىمىزدىكى ئوبراز  يارتىش،  تىل ئشلىتىش،چىنلىقنى ئىپادىلەش، ئىجادىيەت  ئۇسۇلى  قاتارلىق تەرەپلەردىكى ساقلانغان تەرەپلەرنى  نۇقتىلىق  كۆرسىتىپ ، ياش يازغۇچىلارغا يېڭى ، ئەھمىيەتكە ئىگە تەلەپلەرنى قۇيغان. ئۇ: ‹‹ھەقىقىتەنمۇ ھېسسىياتسىز، ھاياجانسىز يېزىلغان ئەسەر ئوقۇرمەن كۆڭلىدىن، قەلبىدىن جاي تاپالمايدۇ. ئەدەبى ئەسەر يازغۇچى كۆڭلىدىن،قەلبىدىن بەئەينى ناخشىدەك ئېتىلىپ چىققاندىلا،ئۇقۇغۇچى قەلبىدىكى نازۈك تارلارنى تىترىتەلەيدۇ. ئۇنى ھاياجانغا سالىدۇ، ئويلاندۇرىدۇ،ئاھ ئۇرغۇزىدۇ، كۈلدۈرىدۇ، يىغلىتىدۇ››-دەپ قارايدۇ .               ئومۇمەن ،  ‹‹دەۋر ساداسى››  دا   ئەخەت تۇردىنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت ئەمىلىيتىنىڭ جەۋھىرى بايان قىلىنغان بۇلۇپ، بۇ كىتاب، يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرنى، ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى تەتقىق قىلىشتا، شۇنداقلا ئىجادىيەت تەجىرىبىلىرنى ئۆگنىپ، يېزىقچىلىقتا ئۆرنەك قىلشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن يازغۇچىنىڭ بىزنى مول ئىجادىيەت تەجىرىبىلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلىشنى،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن تېخىۇ كۆپرەك تۆھپە قۇشۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن                                 

     

    ئاپتۇر قەشقەر پەيزاۋات جانباز ئوتتۇرا مەكتەپتىن    

    تۇردى قېييۇم ئىمىن


     




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    تۇردى قېييۇم ئىمىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 21:04 11-04-2012 كىرگەن ۋاقتى: 00:05 03-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار