ۋەھىمە
(ھېكايە)
تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار
پۇت-قوللىرىم ئىسسىق، ئۆزەم راھەتتە، توك تېجەيدىغان لامپىنىڭ ئۆيۈمنىڭ بۇلۇڭ -پۇشقاقلىرىغىچە كۈندۈزدىنمۇ يورۇق يۇرۇتۇپ تۇرغىنىغا قارىماي، ۋەھىمىلىك بىر تىترەك ئىچ-ئىچىمدىن تېپىۋاتىدۇ. نېمىشقىدۇر تېلىۋېزورنى ئاچقۇم كەلمەيدۇ، تۇرۇستىكى لەمپىنىڭ ئارىسىدا،ئىشكاپلاردىكى ئىسىل كىيىملەرنىڭ ئارىسىدا، ئايالىم قەن-ناۋات، شېكەر، گېزە كلەرنى ساقلايدىغان ئەينەك ئىشكاپلارنىڭ ئىچىدە، توك مەنبەسىدىن ئۈزۈۋېتىلمىگەن توڭلاتقۇ نىڭ ئاستىدا ئادەمگە زادى ئارام بەرمەيدىغان چاشقانلارنىڭ كۈندەكىدەك كىتىرلاشلىرىنى شۇنداق سېغىندىم. گەرچە ئۆزەڭنىڭ ئۆيى بولسىمۇ، ئىشىك، دەرىزىلىرى شۇقەدەر ھىم ئېتىلگەن ئۆيۈڭ بولسىمۇ، تىرىق قىلغان بىرەر ئاۋاز بولمىسا بولمايدىكەن. شۇڭا ئايالىمنىڭ بازاردىن بىرنى ئەمەس، ئىككى تاختامۈشۈكنى ئەكىلىپ، شۇنداق بودەك، ئاپئاق ياڭاق مېغىزىنى مەشنىڭ ئاستىغا سېلىپ سارغايىتىپ، ياغلىرىنى تەپچىرىتىپ، تاختامۈشۈكنىڭ داچۇكىغا ئىلدۈرۈپ ئۆيۈمدىكى چاشقانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ تۈگىتىۋەتكىنىگە شۇنداق ئاچچىغىم كەلدى.
چوڭلار بەزىدە«بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار»دېسە، «كۆتۈر ئۇنداق گېپىڭنى»دەپ تىكەنمەن ئىچىمدە. مۇشۇ نداق توغرا گەپنىڭ ھەممىسىنى چوڭلارنىڭ قىلىپ بولغانلىقىغا مانا ئەمدى ئىشەنمىدىم. ئەسلى،تېخى ئاشۇ يەسلىدە،«ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ» سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان مۇشتەك قىزىمنىڭ كۈندۈزلىرى ئىشتىن ھېرىپ- ئېچىپ كەلگىنىمىدە توختىماي ۋىچىرلاپ، گاھىدا ئانىسى بىلەن مەنمۇ بىلمەيدىغان گەپلەرنى سوراپ قۇلاق-مېڭەمنى، ئاشۇ رەھمىتى چاشقانلار ساراغايتىلغان ياڭاق مېغىزىنى يىگەندەك غاجاپ يىيىشلىرىلا ئەمەس، كېچىد ىكى ئۇيقۇنىڭ تازا شېرىن يېرىگە كەلگەندە ئۈنلۈك-ئۈنلۈك جۆيلۈشلىرىمۇ شۇنداق سۈيۈملۈك ئىكەندۇق. بۇنداق تىمتاسلىقتىن، بۇنداق ۋەھىيمىلىك راھەتتىن، ئاۋۇ ئوغلۇمنىڭ سىڭلىسىنى قىقىتىپ، ئوينىشىمەن دەپ، قوغلۇشۇپ شىرە دىكى تاماق قاچىلىرىنى ئۆرۈپ، ئىستاكان، پىيالىلەرنى جاراڭ-جۇرۇڭ قىلىپ چېقىشلىرى شۇنداق يېقىملىق ئىكەن، يۈرىكىڭ پات-پات ئاقسىپ تۇرسا، پات-پات چۆچۈپ تۇرساڭ ئاندىن قورقۇمايدىغان بولىدىغان ئوخشايسەن، بىر ئۆي دېگە ندە،ئۆي ئۆزەڭنىڭ بولغاندىكىن، ئۇنىڭ قىشلىرىنى پۇلغا ئېلىپ، ئىشك، دەرىزىلەرنى بىكىتىپ، تېخى بىخەتەر قۇلۇپنىڭ ئەڭ ئىشىەنچىلىكىنى تاللاپ ئېلىپ بىكىتكەندىكىن، ئۇنى پۇختا تاقاپ ياتقاندىكىن قورۇقمىسام بولاتتى.
راسىت گەپنى دېگەندە، بىز ئەرلەرنىڭ كۆپۈنچىسى خوتۇنىمىزنىڭ كوتۇلداشلىرىدىن بىزار، راسىت شۇ كوتۇلداشلاردىن بەكمۇ بىزار بولىمىز، بولۇپمۇ مائاش چىقىدىغانغا ئاز قالغان كۈنلەردە بۇ خوتۇن دېگەننى بوغۇپلا ئۆلتۈرۋەتكىمىز كېلىدۇ. ئەسلى مۇشۇنداق خىيال ئەڭ قورقۇنۇشلۇق بولسا بولاتتى. ئەمما خوتۇنسىز، قىزىڭ، ئوغلۇڭىسىز، چاشقانلىرىمۇ ئۆلتۈرۋېتىلگەن ئۆي بەك قورقۇنۇشلۇق بولىدكەن. تىرىق قىلغان ئاۋازمۇ يوق، تىمتاسلىق،تىمتاسلىقتىكى گۈزەل خىياللىر ىڭمۇ قوشقۇنۇشلۇق بولدىكەن.
جىن دېگەن قورقۇنۇشلۇق نەرسىمىدۇ؟ مەن دېمەكچى،ئۆيۈمدە جىن بارمىدۇ؟ ئۆيۈمدە جىن بولسا، ئۇ مېنى قانداق قىلا، مەن ئۇنى قانداق قىلارمەن؟ ئەسلى ئۆيدىن قورۇققاندا تالاغا چىقىپ كېتىش كېرەك. ئەمما مۇشۇ كىچىككىنە ئۆي شۇدەرىجىدە دەھشەتلىك قورقۇنۇشلۇق تۇرسا، تالاد ىكى پايانى يوق جىملىق بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنۇشلۇق ئەمەسمىدۇ؟! ئىچىمدىكى تىترەك، سوغۇق، مۇدھىش تىترەك مانا ئەمدى سىرتقا تەپتى. جالاقلاپ تىرەپ كەتكە ندىمەنمۇ؟ مەن بۇ ئۆيۈمدە يالغۇز قالسام بولمايدىكەن. بۇنى بىلىپ قويدۇم. ئەمما تەرلەپ كەتتىم ھەقاچان، قۇلىقىمنىڭ تۈۋىگە سۇ ئېقىۋاتىدۇ. ھەي، كىچىگىمدە ئانام«يالغۇز ئۇخلىغان ۋاقتىڭدا بېشىڭغا پىچاق قويۇپ ياتقىن»دېگەن. شۇنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن قورقىۋاتقان ئوخشايمەن. بولمىسا ئۆيۈمنىڭ چىرىقى ئۆچۈرۈلمىگەن،كۆزۈم يۇرۇقلىقنى كۆرىدۇ. ئەمما قورقىمەن. مەن تاملاردىن تىرىق قىلغا نچىلىك بىر ئاۋازنىڭ، يىڭنىنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكىنىچىلىك بولسىمۇ بىر ئاۋازنىڭ چىقىشىنى شۇنداق ئارزۇ قىلىپ كەتتم. بىراق تاملاردىن ئاۋاز ئەمەس، شۇنداق ۋەھىمىلىك قۇرقۇنۇشلار قوللىر ىنى سوزۇپ چىقىپ كېلىشىۋاتاتتى. ئۆزۈمنىڭ ئالىيىپ، چانىقىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتكەن كۆزلىرىمنى ئۆزۈم كۆردۈم. شۇنچە قاتتىق قەھرىتان سوغۇقمۇ كىرەكمەيدىغان ئىشىك،دەرىزىلەرنىڭ قىلدەك يوچۇقلىرىدىن شۇنداق يوغان، بەھە يۋەت، دېۋىدەك چوڭ قورقۇ نۇشلار ئۇسۇل ئويناپ كرىپ كېلىشمەكتە ئىدى. مەن بۇنداق گۈزەل، ئاجايىپ گۆزەل چىرايلارنىڭ بۇ قەدەر قورقۇنۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى بۇ ئۆمرۈمدە بىر قېتىممۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. ئۇلار كېلىپ مېنى بېسىۋالدى. پۇت-قوللىرىمنى خۇددى تۈگمەن تېشىدەك ئېغىر گەۋدىسى بىلەن چىڭ بېسىۋالدى. قورقۇنۇشلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بار كۈچۈم بىلەن بۇدۇڭشىيىمەن، يۇلقۇنىمەن، ئەمما بېشىمدىكى چېچىمنىڭ ئۇچچىمۇ تەۋرىمەيدۇ. ئەگەر ئىگىزرەك يەرگە چىقىپ ۋاقىرىسام، نە-نەلەرگىچە كېتىدىغان راڭراق ئاۋازىم بىلەن ۋاقىرايمەن، ئەمما ئاۋازىمنى ئۆزەمنىڭ قولىقىمۇ ئاڭلىمايدۇ. ئەمدى قورقۇنۇش نەق گېلىمغا ئېسىلغان ئىدى، تىنالماي قېلىۋاتاتتم. تېنىق بولمىسا ئۆلىدغان گەپ. مېنې قورقۇتىۋاتقىنى مۇشۇ ئۆلۈممۇ يا؟ مۇشۇ تىمتاسلىق، جىملىق، قاراڭغۇلۇق، يۇرۇقلۇق، ئاۋاز، سادا...ھەممىسى مۇشۇ ئۆلۈم قورقۇنۇشىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان بولغىيمىدى...تىنمىغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. خۇددى بۇ ئۆمرۈمدە كۆكسۈمنى تولدۇرۇپ بىر قېتىم تىنىپ باقمىغاندەك چىڭقىلىپ كەتتىم. ئەمدى ئېتىلىمەن، پارتلايمەن...
چىلىق-چىلىق تەرلەپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئانام بىلەن ئايالىم مېنى ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن دېگەندەك،بوش پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ چۆچۈرە تۈگىۋېتىپتۇ، قىزىم، ئوغلۇم قوشنىلارنىڭ بالىلىر ىنى باشلاپ كىرىپ ھويلىدا ئويناۋېتىپتۇ، مەن پىشانەمدىكى چىلىق-چىلىق تەرلەرنى سۈرتۈپ، ئۆيۈمنىڭ ئاپئاق ئاقارتىلغان تاملىرىغا، قىيا ئوچۇق تۇرغان ئىشىككە قارىدىم. ھەممىسى جايىدا، لېكىن ئۆيۈم نېمىشقىدۇر سوغۇق كۆرندى.
2012-يىل 13-فىئورال
ئاپتۇر: قاراقاش ناھىيلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە
|


|