يانجۇقچىلىق قىل (ھېكايە) پەرھات جەمشىت قۇياش كۆيدۈرگۈچ نۇرلىرىنى جاي تاللىمايلا چاچماقتا،دەل-دەرەخلەر خۇددى قاراۋۇللاردەك قەددىنى تىك تۇتۇشۇپ ئېغىر تىنىشماقتا.گويا دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان قازاغىلا ئوخاشايدىغان بۇ شەھەر خۇددى داش قازانغا ئوخشاش قاينىماقتا،كۆك بىلەن بوي تالىشىپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك بىنالار خۇددى ھازىرلا ئېرىپ كېتىدىغاندەك يېلىنجىماقتا.سەرەڭگە قېپىدەك سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرىدىن ئىسسىق ھاۋا كىرىشمەكتە .بوۋاقلار تىجىق دەستىدىن يېغلاشماقتا ،بوۋاي -مومايالار توختىماستىن تەرلىرىنى سۈرۈتۈشكەچ.
|


|