• چىن سۆيگۈ(ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:01-05-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    چىن سۆيگۈ(ھېكايە) پەرھات جەمشىت خېلىدىن بېرى ئۆي ئىچىدە كۆتۈرۈلگەن بوران توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.خەلچىخان ھەدىنىڭ ۋارقىراش،تىلل

                                                                           چىن سۆيگۈ(ھېكايە)

                                                                              پەرھات جەمشىت

    خېلىدىن بېرى ئۆي ئىچىدە كۆتۈرۈلگەن بوران توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.خەلچىخان ھەدىنىڭ ۋارقىراش،تىللاش،قارغاش،يېغلاشتەك ئاۋازى قىيامىغا يەتتى.
    ــ زادى سالام بىلەن توي قىلساڭمۇ قىلىسەن،قىلمىساڭمۇ قىلىسەن،قىلمايمەن دەپ بويۇنتاۋلىق قىلىپ باققىنىڭنى مەن بىر كۆرۈپ باقاي.
    ـــ قىلمايمەن، ھەدە...
    ــ نېمە ھەددىڭ ئەمەس،ھەممە ئىشنى توغۇرلاپ بولغاندا مەن مېنى بىر پارچە سېسىق پوققا ئايلاندۇرماقچىمۇ-ھە،تۇزى كور...
    ــ مەن بىلەن مەسلىھەت قىلماي تۇرۇپ توي قىلىسەن دىسىڭىز قانداق بولىدۇ ھەدە.
    ــ نېمە،تېخى مەن سەن بىلەن مەسلىھەت قىلىمەنما ،ئۇقۇپ قوي،مەندىگەن سېنىڭ ئاناڭنىڭ ئورنىدا ئانا،قانداق سالامغا تېگەمسەن، يوق؟
    ــ تەگمەيمەن ھەدە!
    ــ كۆزۈمدىن يوقال تۇزىكور قانجۇق...
    ئۆستەڭ بويىدىكى ئاسفالىت يولنىڭ ئىككىى قاسنىقىغا قاتار تىكىلگەن قۇيۇق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى مەيىن شامالدا يىنىك سېلكىنەتتى،دەرەخ شاخلىرىغا قونۇشىۋالغان تۈرلۈك قۇشلار،يېقىملىق ناخشىلىرى بىلەن ئىززەتگۈلنىڭ كۆڭلىنى ئېچىشقا ئۇرۇنۇشاتتى بىراق بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا كار قىلمىدى.قىزنىڭ مەسۈم قەلبىدە ئەمدىلا بىخ سۈرۈشكە باشلىغان
    بىر ئوت يەنى مۇھەببەت ئوتى لاۋىلدايتى .ئۇ مەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ياتلىق بولمايمەن ،ئۆلسەممۇ ياتلىق بولمايمەن مېنىڭ قەلبىمدە ئۇنىڭغا ئورۇن يوق ،پەقەت ئاسىملا بار،مەيلى ئۇنىڭ نامرات بولۇشىدىن قەتئىنەزەر مەن ئۇنىڭغا تەۋە،ئۇلار مېنىڭ يتىملىكىمدىن پايدىلىنىم شۇنداق قىلىشىۋاتىدۇ.
    رەھمەتلىك دادام ،بىلەن ئانام ھايات بولغان بولسا چوقۇم ئۇنداق قىلمىغان ،مېنىڭ تاللىشىمغا يول قويغان بولاتتى.قىز ئۆز –ئۆزىگە پىچىرلايتتى بىر دەم-بىردەم تېلىفونىنىڭ سائىتىگە قاراپ قوياتتى.ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتۈپ كەتتى لېكىن ئۇنىڭ كۈتكەن ئادىمىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى .
    قۇياش ئۆزىنى ئاستا-ئاستا تاغ كەينىگە يوشۇرۇشقا باشلىدى، قارىغاندا ئۇ سەيلىگە بارىدىغاندەك قىلاتتى .قانداق قىلىش كېرەك تېلىفون قىلايمۇ؟قىز بىردىنلا ئەقلىگە كەلگەندەك بولدى-دە،كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ئۇدۇل ئېتىزلىق تەرەپكە يول ئالدى، ئۇ خېلى ماڭغاندىن كېيىن ئېتىز بېشىدا كىتمىنىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ توپا ئېتىۋاتقان ئاسىمنى كۆردى بىلەن ئۇنىڭ يۈرەكلىرى گويا كىچىك بالىغا ئوخشاش تىچەكلەشكە باشلىدى.
    قىز يېقىن كەلگەندە ئاسىم ئۇنى كۆردى بولغاي كەتمىنىنى ئاستا يەرگە قويۇ تۇرۇپ.
    _قانداقراق ئەھۋالىڭىز ؟مەن ھازىرلا سىزنىڭ يېنىڭىزغا باراي دەپ تۇرغاندىم،سۇنى ۋاقتىدا باشلىۋەتمىسەم بولمىغۇدەك شۇڭلاشقا ساقلىتىپ قويدۇم كەچۈرۈڭ دىدى ئۈرە ئېيتىپ .
    _نىمىشقا خاپا بولغۇدەكمەن دىدى قىز پەرىشان ھالدا.
    _سىزگە نېمە بولدى؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ،چىرايىڭىز باشقىچىلا كۆرۈنىدۇغۇ؟دىدى ئاسىم قىزدىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ ۋە يېقىنلاپ كېلىپ ئۇنىڭ پىشانىسىنى تۇتتى.قىزنىڭ يۈزى ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى :
    _باشىقىلار كۆرۈپ قالىدۇ ئۇنداق قىلماڭ دىدى تۆۋەن ئاۋازدا.
    _كۆرسە كۆرمەمدۇ .
    _ئۇنداق دىگىنىڭىز بىلەن ئەتىلىككىلا پۈتۈن يېزىغا ھەتتا ناھىيىگە بىر كېتىدۇ دىدى قىز.
    _ھېلىغۇ ناھىيەگە بىر كەتكۈدەك،پۈتۈن يەر شارىغا بىر كەتسىمۇ پەرۋايىم پېلەك دىدى يىگىت كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
    _سىزگە دەيدىغان گېپىم بارئىدى.
    _ھە دەڭە قۇلىقىم سىزدە .
    _ئاچام نېمە دەيدۇ بىلەمسىز؟
    _نېمە دىدى؟
    _ئەتە ئەتىرەت باشلىقى سالاملارنىڭ ئۆيىدىكىلەر چاي ئەكىرىدۇ دەيدۇ.
    _ئەكىرسە ئەكىرمەمدۇ؟ئۇنىڭ يېشىمۇ كىچىك ئەمەس دىدى ئاسىم ئويلاشمايلا.
    _قىزنىڭ يۈزلىرى ئاچچىقتىن پۇكاندەك قىزىرىپ كەتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ قەلبىدە غەزەپ ئوتى لاۋىلداشقا باشلىغاندى.ۋە بۇ نېمە دىگىنىڭز؟ئەكىرسە ،ئەكىرمەمدۇ دېگىنىڭىز نېمىسى؟ئۇنىڭ كىمگە چاي ئەكىرمەكچى بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟
    -كىمگە ئەكىرىشى بىلەن مېنىڭ كارىم نېمە؟دىدى ئاسىم قىلچە ئويلاشمايلا.قىزنىڭ كۆزلىرىدىن نەپرەت ئۇچقۇنلىرى ئۇچقۇنداشقا باشلىدى.
    _ئۇ قېرى كالا بىزنىڭ ئۆيگە چاي ئەكىرىدىكەن دىدى غەزەب بىلەن.
    _نېمە سىلەرنىڭ ئۆيگە ئاسىم بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى ۋە قايتىلاپ سوراشقا باشلىدى.كىم شۇنداق دەيدۇ؟
    _ئاچام .
    _سىز نېمە دىدىڭىز ؟
    _مەن قوشۇلمايمەن ئەگەر شۇنداق دەپ تۇرۇۋالساڭلار ئۆلۈپلا تۈگىشىمەن دىدىم.ئاسىم چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋالدى .
    _بۇندىن كېيىن مۇنداق گەپلەرنى دىگۈچە بولماڭ دىدى قىزغا تىكىلىپ تۇرۇپ.
    _مەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئاچامغا ئېيتتىم لېكىن ئۇ قەتئىي يېقىن كەلگىلى ئۇنىمىدى.نېمە دىگەنلىكىنى دەپ بەرسەم خاپا بولامىسز؟
    _خاپا بولمايمەن دەڭڭە قېنى.
    _ئاسىم ياخشى بالا بولغىنى بىلەن بەك نامىرات،چوڭ دادىسى كېسەل ،سەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساڭ كۈنىڭ ياخشى ئۆتمەيدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سېلىم بوۋايغا قارىمىساڭلا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىساڭلار بولمايدۇ،ئۆزۈڭلارنى باقامسىلە بوۋاينىمۇ ؟.سالام بىلەن توي قىلساڭ جاپا تارتمايسەن ئاتا –ئانىسىنىڭ قول ئىگىلىكىدە بار دەيدۇ دىدى قىز يېغلامسىراپ تۇرۇپ.
    ــ شۇنداق قىلامسىز يە دىدى چاقچاق ئارىلاش ئاسىم.
    _قىز ئاسىمنىڭ دۈمبىسىگە مۇشتلاپ تۇرۇپ.ئەمدى مېنى بوزەك قىلمىغان سىز قالدىڭىزمۇ؟دىدى زەردە بىلەن.
    _ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟
    _ئوغۇل بالا بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىز بىر نەرسە دەپ بېقىڭ، قىز ئاسىمغا مەنىلىك قاراپ قويدى.
    _ئەمىسە ئەتە تاڭ ئېتىشىغىلا بوۋامنى سىلەرنىڭكىگە ئەلچىلىككە كىرگۈزەيمۇ.قىز پاتتىڭىغىچە قىزىرىپ كەتتى ۋە ئەركىلىگەن قىياپەتتە.
    _ئەمدى سىز ھەقىقى ئاسىمغا، مېنىڭ ئاسىمىمغا ئوخشاش گەپ قىلدىڭىز دىدى خۇشال ھالدا.مانا ئىككىيلەننىڭ مەسلىھەتىمۇ پىشىپ بولغاند.
    _كەچ بولۇپ كەتتى مەن قايتىپ كېتەي ،سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ ئەتە كۆرۈشەيلى دىگىنىچە ئاسفالىت يولغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى قىز.
    سۈزۈك ئاسماندا يۇلتۇزلار جىمىرلىشاتتى ئاسىم ئاسفالىت يولدىن ئۆتۈپ توپىلىق يولنى بويلاپ مەھەللە تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى، كوچىدا ئۇنىڭدىن باشقا جانلىق كۆرۈنمەيتتى .باغ تەرەپتىن ئۆرۈكنىڭ ھىددى كېلىپ تۇراتتى ،ئېرىقتىكى سۇلار مۇڭلىنىپ ئېقىشاتتى،ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى كىشىنى تەشۋىشكە سالاتتى ئۇ تۇرۇپ –تۇرۇپ ئارقىغا قاراپ قوياتتى.
    ئاسىم قايتىپ كەلگەندە سېلىم بوۋاي ئاللا بۇرۇن ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرق بولغاندى.ئۇ بوۋىسىنى ئۇيغۇتۇۋەتمەسلىككە تىرىشاتتى بىراق ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن بۇ ھۇشيار بوۋاي ئۇيغۇنۇپ كەتكەندى.
    _كەلدىڭمۇ ئوغلۇم.
    _كەلدىم بوۋا .
    _زىرائەتلەر خېلى ئوخشاپتۇمۇ ؟
    _ھەرقايسى يىللارقىغا قارىغاندا بەكلا ئوخشاپتۇ بوۋا.
    _بۇ يىل يەنە بۇلتۇرقىدەك ئاپەت بولۇپ كەتمىسە بولاتتى، دىدى بوۋاي ساقىلىنى سىللاپ تۇرۇپ.ئاسىم چايداندىكى قايناقسۇنى چەينەككە قۇيۇپ چاي دەملىدى ۋە داستىرخان سېلىشقا تەمشەلدى.ئىككىيلەن مۇڭداشقاچ چاي ئىچىشتى .سۆز ئارىلىقىدا ئاسىم ئويلىغانلىرىنى بوۋايغا بىرنى قالدۇرماي ئېيتتى.بوۋاي بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىۋالغاندىن كېيىن .
    _رەھمەتلىك داداڭ-ئاناڭ بولغان بولسا قانچە خۇش بولار ئىدى دىدى ۋە كۆزيېىشى قىلىشقا باشلىدى ،ئىككىيلەن بىر پەس كۆز يېشى قىلىشقاندىن كېىن ._بولىدۇ ئوغلۇم ناھايىتى ئوبداب ئويلاپسەن ئۇمۇ ساڭا ئوخشاش قارا يىتىم .مەن ئەتە نامازدىن يېنىپ بىرقانچە جامائەت بىلەن ئەلچىلىككە باراي دىدى مەمنۇن بولغان قىياپەتتى.
    مانا ئاخرى بۇ بىر جۈپ ياش مۇرادىغا يەتتى ،كۈنلە ئايلارنى،ئايلار يىللارنى قوغلۇشۇپ ئۆتتى ئۇلار ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇدى.بالىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە 3ياشقا كىرىپ قالدى.سېلىم بوۋاي نەۋرىلىك بولغانلىقىدىن تولىمۇ مەمنۇن ئىدى، كۈندە دىگۈدەك ئۇنىڭغاا قارايتى.‹‹ قوغۇن پىشسا ساپىقىدا تۇرماپتۇ›› دېگەندەك بوۋاي بۇ يىل ئەتىيازدا  ئالەمدىن ئۆتتى.
    ئاسىم بوۋىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن شەھەرگە ئىشلەمچىلىك قىلىش ئۈچۈن كەتتى.ئېتىز –ئېرىق ئىشلىرى ئىززەتگۈلگە قالدى،بۈگۈن كەچقۇرۇن ئېتىز ئىشىدىن ھېرىپ –ئېچىپ كەلگەن ئىززەتگۈل ئىمىراننىڭ قۇرسىقىنى توقلاپ ئۇخلۇتۇپ قويغاندىن كېيىن ،چارۋىلارغا ئوت-چۆپ سېلىپ بېرىۋاتاتتى،دەرۋازىنىڭ ئېچىلغانلىقىنىمۇ سەزمىگەن ئىدى .تۇيۇقسىز ئەتىرەت باشلىقى ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى .
    _بۇ كەچتە بىزنىڭ قورادا نېمە قىلىسىز؟
    __نېمە قىلاتتىم سىزنى سېغىنىپ كەلدىم .
    _يوقال كۆزۈمدىن!
    _نېمە ئاچچىقلايسىز ،مېھمان دىگەنگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلامدۇ؟دىدى مۇغەمبەرلىك بىلەن ئەتىرەت باشلىقى.
    _دەرھال كۆزۈمدىن يوقال !بولمىسا ئادەم چاقىرىمەن.
    _چاقىرىڭ قېنى كىمنى چاقىرىسىزكىن بۇ كېچىدە.ماڭا تەگكەن بولسىڭىز بۇنداق جاپالارنى تارتمىغان بولاتتىڭىز،دىگىنىچە ئۇنىڭ يۈزىگە قولىنى ئۇزاتتى.
    _ئىپلاس قولۇڭنى تارت !بولمىسا كۆرگىلىكىڭنى كۆرسىتىمەن .
    _نىمانداق ئاچچىقىڭىز يامان جېنىم كېلىڭە  سىزنى بىر خوش قىلىپ قوياي!
    _مېنى خۇش قىلىمەن دىگۈچە ئايالىڭنى خۇش قىلغىنە بېرىپ ھوي كالا.
    _نېمە دىگىنىچە ئۇ ئىززەتگۈلگە ئېتىلدى ۋە بىر دەمدىلا تۇتۇۋالدلدى .بىچارە ئايال خۇددى بۈركۈرتىڭ چاڭگىلىغا چۈشكەن ئولجىدەك قىمىر قىلالمىدى، ئۇ كۈچىنىڭ بارىچە قارشىلىق كۆرسەتتى بىراق يەنىلا ئۇ قاۋانغا تەڭ كېلەلمىدى.ئەتىرەت باشلىقى ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن   سىرتقا قاراپ ماڭدى .بۇ خورلۇققا چىدىمىغان ئىززەتگۈلنىڭ كۆزى سەل نېرىدا تۇرغان ئورغاققا چۈشتى ۋە ئۇنى قولىغا ئالغىنىچە ئارقا تەرەپتىن ئۇنىڭ پاتتىڭىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى چاپتى،ئۇ يەر چىشلىدى ۋە چوشقىدەك بىر نەچچىنى خىرتلىدىغاندىن كېيىن جان بەردى.
    ئىززەتگۈل يۇيۇنۇپ پاكلانغاندىن كېيىن بىر ۋاراق قەغەزنىڭ ئۈستىگە خىەت يېزىشقا باشلىدى ،خەتمۇ يېزىلىپ بولدى،ئۇ ئوغلى ئىمىراننى كۆتۈرگىنىچە نەۋرە ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدى .ئۇيقىدىكى بالىنى ئاستا كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن .
    _بالىغا قاراپ تۇرۇڭلار مېنىڭ ئازراق ئىشىم بارئىدى دىگەن پېتى چىقىپ كەتتى، ئۇلار ئۇنى تاڭ ئاتقىچە ساقلىغان بولسىمۇ ،قايتىپ كىرمىدى.نەۋرە ئاچىسىنىڭ كۆڭلى بىر ئىشنى تۇيغاندەك بولۇپ ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدى لېكىن سومكىدىن تېلىفون ئاۋزى ئاڭلاندى.
    _تېلىفونىنىمۇ ئالماي نەلەرگە كەتكەندۇ؟ بۇ دىدى خاپا ھالدا سومكىنى ئېچىشقا تەمشەلدى،شۇ ئان بىر پىر پارچە خەتكە كۆزى چۈشتى. خەتكە ھۆرمەتلىك ئاچا مەن سىلەرگە .شۇنداقلا ئاسىمغا يۈز كېلەلمەيمەن.ئاخشام ئەتىرەت باشلىقى ئاسىمنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ مېنىڭ نۇمۇسۇمغا تەگىدى مەن بۇ قاۋاننى جەھەننەمگە يولغا سېلىپ قويدۇم.بالا كىچىك ئاسىم قاراپ كېتەلمەيدۇ خاپا بولماي قارىشىپ بەرسەڭلا خەير مەن كەتتىم ئۇ ئالەمدە كۆرۈشەيلى.ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن سېرىلىپ چۈشكەن ياش تامچىلىرى خەتنى ھۆل قىلىۋەتتى.  ئۈنسېلىپ يېغلىغىنىچە سىرتقا قاراپ چاپتى.نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن يولدىشى ئىمىراننى كۆتۈرىگىنىچە ئۇنىڭ ئارقىسىن  ئەگەشتى...
    ئىززەتگۈل ئېغىر قەدەملىرىنى ئاستا يۆتكىگىنىچە دەريا بويىغا كەلدى،ئۇ چاچلىرىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن ،دەرياغا ئۆزىنى تاشلىدى، دەريا سۈيى غەزەب بىلەن چايقىلىشقا باشلىدى شۇنداق قىلىپ ،ۋىجدانلىق ئاسىمگۈل يولدىشى ،ئوغلى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقان ،دوست –بۇرادەرلىرىنى ئەلەمدە قويۇپ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى...(مەنبە ئۆزۈم)
     




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    پەرھات جەمشىت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 12:02 20-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 23:05 05-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار