ئاپتورى: مەلىكە مۇھەممەت ئايزىت تىزىمغا بىشىڭنى قۇيۇپ مۇلايىم،
ئولتۇرغان تۇرقۇڭنى ئەسلىدىم بۈگۈن.
سائەتنىڭ كۆزىگە غەمكىن تىكىلىپ ، بىدارلىق ئىچىدە ئۆتتى ئاھ ،بۇ تۈن.
ئەسلىدە مەن شامال ،سەن ئىدىڭ يامغۇر، ئايرىلماي يۈرەتتۇق سۆيىشىپ پىنھان. چۈشمەستىن تاللارنىڭ چاچلىرى كۆلگە ، ئەينەكتەك چىقىلىپ،بولدۇق مىڭ سەرسان.
يېشىل چۈش ھەققىدە يازغان شېئىرىمنى،
ئوقۇدۇم بۇلۇتنىڭ باغرىغا چىلاپ. ئالمىدىم كۈنلۈكنى ئىسىلغان جايدىن، يۇيۇلسۇن ھەسرىتىم ،يۇيۇلسۇن شۇتاپ،
1
تىڭشايمەن سائەتنىڭ چىكىلدىشىنى،
ياستۇقۇم يۇمشاق ،ئۇيقۇسىز تۈنۈم.
ھىلالنىڭ ئىقىپتۇ تارتقان سۈرمىسى،
ئاھ،يەنە ئۆتتىغۇ سەنسىز بىر كۈنۈم.
سېغىنىش ،سېغىنىش يەنە سېغىنىش،
تىۋىشسىز ئۆتمەكتە ھەربىر كۈن تولۇق.
رەنجىدىم كۈنلۈكنى چەككەن يامغۇردىن،
شامالنىڭ قوشۇمىسى تۈرۇلگەچ سۇغۇق.
ئىككىمىز ئارسىغا چۈشكەن يامغۇرنى،
قوشساقلا تۇلاتتى چوقۇم بىر دەريا.
شامالنىڭ قولىدا يامغۇرنىڭ ھىدى،
تۇيۇقسىز ئىشىكىم ئىچىلدى قىيا.
2
سېغىنىش سىغدالغان يۈرەك تېۋىشى ،
تۇرىدۇ ئۇپۇققا ئۈمۈدسىز قاراپ .
تاغىقىم تارىسا ئۇزۇن چىچىمنى ،
ھەي،شامال دەپ قالدىم ئىچىمدىن قاناپ.
بەك ئۇزۇن سۇزۇلۇپ تورىدۇ كۈتۈش،
دەرەخنىڭ تىرنىقى كىتىپتۇ ئۈسۈپ.
ئالدىمغا ،كەينىمگە يىنىپ ماڭىمەن،
كۈنلەمچى شامال دەپ ئىچىمدە كۈلۈپ.
مەن يامغۇر ،سەن شامال پىنھان ئىككىمىز،
ھىجراندا بەزىدە قالىمىز قىيداپ .
مۇبادا ئىككىمىز تەڭ كەلسەك ئەگەر،
قالىدۇ ئادەملەر ئۆزىگە قاراپ .
سېغىنىش ئالماشقان ۋىسال كۈنىدە ،
يۇلتۇزدەك باغرىڭغا كىتىمەن تاراپ.
3
سەھەر بىلەن موڭلاندىم يەنە،
گۈلگە باقسام ياپراقمۇ غېرىپ.
پىنھان پۇراپ يالپۇز ھىدىنى،
چىقىپ كەتتىم ئۆزۈمدىن تىزىپ .
ئىچىلمىدى يەنە دەرىزەم ،
بەرق ئۇرغان گۈللەرگە كۈلۈپ.
شىۋىر-شىۋىر سۈيۈملۈك ئاۋاز،
تىڭىۋالدىم قولۇمنى كىسىپ.
ۋىسال پەيتى بولسىمۇ قىسقا،
يامغۇر ،شامال بولايلى ئەركەم.
سېغىنىشنىڭ قارا كېچىسى ،
سۆيىۋالغان يامغۇرنى بىردەم.
4
بەرق ئۇرغان گۈللەر ئىچىدە،
ئىزدەپ يۈردۈم مەيىن شامالنى.
كېپىنەكلەر كەتكەن يول تامان ،
تاشلىۋەتتىم قول ياغلىقىمنى.
ساڭگىلىغان قارا بۇلۇتتا،
رومىلىمنىڭ قالدى پارچىسى.
تىزراق كەلگىن ئەركەك شامىلىم،
ھەسەن-ھۈسەن كۆزۈمنى چاقتى.
تۈڭلۈكى يوق ئۆيدە بولساممۇ،
شامال دەيمەن ئويغانماي تۇرۇپ.
ياققىسى يوق چاپان كىيسەڭمۇ،
يامغۇر دېگىن يۈرەككە ئۇيۇپ.
5
ئاسمان بەكلا ئېغىر سۈكۈتتە،
بۇلۇتلارغا قالدىم باغلىنىپ.
قىياس قىلدىم يۆنىلىشىمنى،
ئەتراپىڭدا غەمكىن ئايلىنىپ.
چۈشۈپ باقاي دىدىم ئىچىدە،
مەغرىپ تامان شامال ئۆيىگە.
تۇتۇپ باقتىم قۇلاقلىرىمنى،
مەيىن ئۆتتىڭ چۇقۇم شەرىقتە.
جېنىم يامغۇرىڭمەن سېنىڭكى،
سىم-سىم ،كۈتتۈم سېنى سۈزىلىپ.
تىك-تىك ،چەكمەي كەلگىن شامىلىم .
ئۇدۇل كەل ، باغرىمنى سەن يېرىپ.
6
شامال ئۈنگەن ھېلىقى دوقمۇش،
بۇلۇتلارنى كەتتى ئۇچۇرۇپ.
سايە قىلىپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم،
كۈن سانىدىم قولۇمنى پۈكۈپ.
يۈگرەپ چىقتىم يوللارغا ھەر چاغ،
ئېرىمەكتە سىمىنوت يوللار.
يامغۇر،يامغۇر دېگەن ئاۋازدىن،
چوغ سورايدۇ سۈيۈملۈك قوللار.
دۇنيا بىزنى ئۇنۇتسۇن بىردەم،
بىز ئۇچرىشار بولغان قوشۇشتا.
گۇگۇم بىلەن كەلگىن ئەي شامال،
چۈش كۆرەيلى بىللە ئۇپۇقتا.
7
ئاشىق شامال كەتكەن يول بىلەن،
مىڭىپ باقتىم چۈشۈمدەك يىنىك.
قىزىل گۈلنىڭ مۇڭلانغان ھىدى،
يۈرىكىمدىن ئاچماقتا ئېشىك.
قوشۇش بىلەن رەڭلەنگەن يوللار،
توسىۋالدى ئالدىمنى ئۇدۇل.
ئېيتتى دەرەخ كۆزۈمگە قاراپ ،
يالغۇز كەپسەن قىلمايمىز قوبۇل.
پىنھان چۈشتەك ئەتراپتا مانان،
سىم-سىم يامغۇر كەتتى سۈزۈلۈپ.
غەمكىن بولۇپ قارىدىم يەرگە ،
ئىچ –ئىچىمدىن تەنھا ئۆرتىنىپ.
8
شامال يىغلاپ قويۇن بولغان دەم،
يامغۇر بولدۇم تىم-تىم تامچىلاپ.
قىزىل گۈلنىڭ بەرگىنى ئەگىپ ،
ئۈتۈپ كەتتىم شامالنى ھىدلاپ.
شامال،شامال دېدىدىم يوللارغا،
قىزىل ياپراق تىترەر غەم بىلەن.
يىغلاپ سىڭىپ كەتتىم تۇپراققا،
توسىۋالغىن ئالدىڭدىكى مەن.
مەكتوبىڭنى ئۇقۇدۇم ئاخشام،
ياپراقلارغا زىناقلار سىزىپ.
جاۋاپ خەتنى بەردىم سۇلارغا،
قۇياش بىلەن ئالسۇن دەپ سۆيۈپ.
ئاسمان جىمجىت تۇرغان دەقىقە،
بۇلۇت باغرى مەن ئۈچۈن قاتتىق.
يامغۇر بولغۇم كىلەر سىم-سىم،
پىنھان چۈشتەك سۈيۈملۈك تاتلىق.
9
يوللارغا تاشلىدىم بارچە كەچمىشنى،
سۇۋادان ئاسمانغا تۇرار ئىنتىلىپ.
ھىجراننىڭ توكۇلداپ باغرىنى تىشىپ ،
توختۇدۇم يەنىلاشامالنى كۈتۈپ.
كۆرۈندى يىراقتىن غۇۋا بىر سىما،
بىلمەيمەن ئۆزۈمنى ئوخشاتتىم كىمگە.
يىنىمغا كىلىشنى ئويلىغان بىر رەت،
بەلكىم ئۇ ياكى... ھەممىسى ئەتە.
ياسايمەن يوللارنى خىيالىم بىلەن،
شامال ھەم يامغۇرغا شاھىد سۇۋادان.
يوللاردا پارلىدى شامالنىڭ سۈرى ،
ۋىلىقلاپ كۈلمەكتە يامغۇر شادىمان.
10
بىلىندۈرمەي بۇلۇتنى سۈرۈپ،
مەغرىپ تامان كەتتى شوق شامال.
قولى يېرىق ئىگىز تاغ ئارا،
قارغاي بولاي دېمەكتە خىيال.
قۇمۇشلارمۇ ئېيتمىدى ناخشا.
مەغرىپ كوچا تورىدۇ غەمكىن،
ناخشا ئېيتتىم مەشرىق كوچىدا.
تاپالماستىن كۈتۈشتىن تەسكىن،
ئۇقۇپ بەردىم قارا بۇلۇتقا،
ھىجران دېگەن كونا ناخشىنى.
غىچىرلىغان كىمنىڭ ئېشىكى،
بىلمەي قالدىم كەلگەن يولۇمنى.
ئۆز-ئۆزەمگە ئاستا پىچىرلاپ،
ئۈنچە تېزىپ ئولتۇردۇم سەھەر.
يامغۇر بىلەن شامالدىن قېچىپ ،
چوقۇم سۇغۇق قالدى تاش شەھەر.
|


|