• ئاخىرقى ئەر (ھىكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:26-02-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 31 قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    بىر ئايالنىڭ نىكاھنى ئويون ئورنىداكورۇپ توختىماي ئەرگە تەككەنلىگىدىن ئىبارەت ھازىرقى زامان تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىدۇ

     

    ئاخىرقى ئەر
     
    (ھىكايە)
     
    تۇدىمەمەت سەئىىدى
     
    خانتۆرەمنىڭ ھاياتى كۈچكە تولغان ياشلىق باھارى، خۇددى يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتتەك سىھرى كۈچكە ئىگە ئىدى، ئۇ ئۈزىنىڭ چىرايلىق ھەم نازۇك ئىكەنلىگىنى بىلەتتى، رەڭگى-روھى جەھەتتىكى بۇنداق ئامەت ھەردائىم خانتۆرەمنى ھاياجانغا سالاتتى.
    ئوت چۆپلەر ياپيېشىل تۇرسا ئەلۋەتتە مال يىمەي قالمايدۇ دە!
    دىمىسىمۇ خانتۆرەمنىڭ تەڭتۇشلىرىدىن توي قىلمىغانلىرىدىن بىر قانچىسىلا قالغان ئىدى، ئانىسى نىساخاننىڭ باشقۇرشى قاتتىق بولغانلىقىدىنمىكىن خانتۆرەم سىرىتلارغا كۆپ چىقمايتتى.
    -خانتۆرەم، ماڭ ئېتىزلىققا ماڭدۇق، مالغا ئوت ئۇتاپ كىلىمىز: ھويلىدا ئانىسى بىلەن كالا سېغىۋاتقان خانتۆرەم ئۈسۈپلا كىرگەن ئەنەلخاننى كۈرۈپ چىلەكنى يەردە قويدى.
    -ئانا، قانداق قىلىمەن....خانتۆرەم ئانىسىغا قارىدى، بەللىرى مۈكچىيىپ قالغان نىساخان ئەنەلخاندىن تىنچىلىق سۇراشقاندىن كىيىن كالىنى يىتىلەپ ئېغىلغا ماڭدى.
    -بېرىڭلار قىزلىرىم، بۇرۇنراق قايتىپ كىلىڭلار، ئوتنى جىق ئالىمىز دەپ يۈرمەي، تاماق ۋاقتىغىچە قايتىپ كىلىڭلار ..... دىدى نىساخان.
    خانتۆرەم قۇلىغا ئاق خەسىدە تىكىلگەن شىدىشاپ ئۇتىغۇچىنى ئالدى دە ئەنەلخان بىلەن سىرىتقا ماڭدى، ئەنەلخان بىلەن خانتۆرەم كىچىكىدىن باشلاپ ھەم قوشنا ھەم ساۋاقداش بۇلۇپ مەكتەپنى تەڭ پۈتتۈرۈپ ئۇقۇشتىن توختاپ قالغان ئىدى، ئەمدىلا 17-18ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ قىزلار ئەڭ يېقىن سىرداشلاردىن ئىدى.
    -خوش خەۋەر..... دىدى ئەنەلخان.
    -ئەر چىققان ئوخشىمامدۇ.......ئۆيگە كۈلۈپ كىرگىنىڭدىلا بىر ئىشنى سەزگەن...! دىدى خانتۆرەم.
     -ئەجەپ موللا تاپقاقتە سەن ....... ئاخشام ئۆيگە ئەلچى كىردى. ئەنەلخاننىڭ يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى.
    -نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مورىمەي يۈرەتتىڭغۇ......
    -مەنمۇ تىخى ئاخشام كۆردۈم......
    -يىگىتىڭ كىم شۇنى ئېيتقىنە.......
    -سەن تۇنۇيسەن، ھاشىم بۇرۇت.........
    -ھاشىم بۇرۇت، ياخشى بالا ياخشى بۇپتۇ....
    -شۇغىنىسى.....چىرايى سەترەك .....دىدى ئەنەلخان دومسىيىپ.
    -ئۈزەڭگە بىر قارىغىنە ..... سەنمۇ ئۇنچىلا ئۇز ئەمەس.... ھالىنى بۇ خىنىمنىڭ ..... خوش بۇلە .... قارىمامسەن مىنى ھېچ بىرى ئالاي دىمىسە.....! خانتۆرەم كۈلدى.
    -مىنى، زاڭلىق قىلمىغىنە، گۈلدەك چىرايىڭ تۇرسا، مەھەللىدىكى يىگىتلەرنىڭ ھېچقايسىسى سەندىن ئەيمىنىپ گەپ قىلالمىغان گەپ، سىنىڭ بۇسۇغاڭ شۇنچە ئۈستۈن تۇرسا، ئاق ئاتلىق شاھزادەڭنى ساقلاۋاتقانسەن تايىنلىق..... دىدى ئەنەلخان.
    -ئوت ئالغىلى مېڭىشتىڭلارمۇ، مەنمۇ دۆڭدىكى يەرگە ئوت ئالغىلى ماڭدىم، ....خانتۆرەم ئالدىدا تۇرغان كۆزلىرىگە لاك سۈرىۋالغان، قۇلىقىغا چەمبەر شەكىللىك ھالقا سېلىۋالغان، چاچلىرى بۈدىرە قىلىۋالغان، بېشىدا ئارتىۋالغان ياغلىقى چاچلىرىغا ماس كەلمىگەن قىزغا قارىدى.
    -بۇ كىم، سورىدى ئەنەلخاندىن.
    -تۇنۇمىدىڭما، بىزدىن بىر يىل بۇرۇن ئۇقۇغان ھەنىپە ئەمەسمۇ: دىدى ئەنەلخان.
    ھەنىپەنىڭ يېنىدا يەنە 2-3قىز بار ئىدى.
    -ھەنىپە توي قىلىۋالدىڭما.....دىدى ئەنەلخان.
    -توي قىلىۋالدىڭما دىگىنىنى....مەن 3-قېتىم ئەرگە تىگىپ، 3-ئىرىمگىمۇ بىر ئۇغۇل تۇغۇپ بىرىپ بولدۇم، ئالدىنقىلىرىغىمۇ بىردىن ئۇغۇل بالا تۇغۇپ بەرگەن....دىدى ھەنىپە گىدىيىپ.
    -يېشىڭ ئەمدىلا 20گە بارغاندۇ ياكى 21گە، ھەر يىلى بىردىن تۇغمىغانسەن.....
    -ھەي، ئەنەل....نىمە دىگىنىڭ ئاداش، مىنىڭ ئاناممۇ 15ياشتا توي قىلىپ مىنى تۇغۇپتىكەن. تەككەن ئەرلىرىم توي خېتىنى كۆز بۇياپ ئالدى، شۇڭا مەنچۇ سىز خانلىرىم ئۇقۇۋاتقاندا توي قىلىپ بولغان ....دىدى ھەنىپە.
    دىمىسىمۇ ھەنىپە ئۈزىنىڭ مۇشتۇمدەك تۇرغىنىغا قارىماي كەينى كەينىدىن ئاجىرشىپ كەتتى، بۇنداق تىز ئاجىرشىپ كىتىشتە ئەيىپ ھەنىپەدىلا ئەمەس ئىدى، 1-2-تەككەن ئەرلىرى ھەنىپە تۇققاندىن كىيىنلا باشقا خۇتۇن تېپىۋېلىشتى.
    باللىرىڭنى قانداق باقارسەن بىجارە ..... دىدى خانتۆرەم.
    -ئانام تۇغ دىگەچكە تۇغدۇم، ئەرلىرىم تۇغ دىگەچكە تۇغدۇم... ئۇلار باقمامدۇ... مەنمۇ تىخى بالا تۇرسام......
    خانتۆرەم ھەنىپەنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق ھىس قىلدى دە ياقىسىنى چىشلىدى.
    -ھوي، خىنىم، ياقاڭنى چىشلەپ مىنى زاڭلىق ئىتىۋاتامسەن، كۈرەرمىز تىخى، ماڭا سۆز قويماڭ ئادىشىم، تۆۋە دە.... مەنچۇ، ئەمدى ئەر بار كۇچىغا دەسسىمەيمەن.....دىدى ھەنىپە.
    -ھەنىپە ئاچا سىز 3-ئىرىڭىزدىنمۇ ئاجىراشماقچىمۇ.... دىدى ئەنەلخان.
    يامانلاپ كەلدىم، قۇيە، 3-ئىرىم بەڭگى چىقتى......
    -ھەنىپە ئاچا، سىز ھەممە ئەرلىرىڭىز بىلەن توي خېتى ئېلىپ توي قىلغانمۇ.... دىدى يېنىدىكى يەنە بىر قىز.
    -شۇنداق ......
    -ھەي، مەنمۇ تىزرەك توي خېتى ئالالىغان بولسام ھە ..... دىدى قىز.
    -ھەي، مەن ئۇنداق تىز توي خېتى ئالىدىغان يەرنى بىلمەيمەن، تەگمەكچى بولغان ئىرىڭ لامزەللە بولمىسا، ئۈزى ئامال قىلىدۇ.... دىدى ھەنىپە.
    -ئۇ ھېچ ھەل قىلالمىدى، 10قېتىمدەك باردۇق، ھەر قېتىم بىر ياش، 11ئاي، 10ئاي كىچىك دەپ پەقەت خەت ئالالمىدۇق: دىدى قىز.
    -ئەمىسە بىر قانچە ئاي ساقلا يېشىڭ يەتكەندە توي قىل، نىمە ئالدىرايسەن، توي قىلغۇڭ كەپكەتكەن ئوخشىمامدۇ: دىدى ئەنەلخان.
    - ئۇنى يېنىۋېلىپ، باشقىسىنى ئالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.... دىدى قىز.
    -ئەخمەق، ماڭا يەنە ئەلچى كەلدى، تىز توي خېتى ئالمىسىڭىز ئۆيدىكىلەر باشقىسىغا بىرىۋېتىدۇ دىسەڭ ئالماقچى بولغان ئىرىڭ تىز ھەل قىلىدۇ ساراڭ دىدى ھەنىپە.
    -ئامال قىلغان بىلەن مەھەللىدىكى موللام يامان، نىكاھ ئۇقۇغاندا، نۇپۇس دەپتىرى بىلەن توي خېتىنى، كىملىكىنى ھەممىسىنى كۈرۈپ ئاندىن نىكاھ ئۇقۇيدۇ، ساختىلىق قىلساق سىزىۋالىدۇ دەپ يۈرىيدۇ ئۇ غۇجام ..... دىدى قىز.
    -سىنىڭ تەگمەكچى بولغىنىڭ، تازا بىر قورقۇنچاق ئادەم ئوخشايدۇ.... دىدى ھەنىپە.
    قىزلار ھەش-پەش دىگۈچە باراقسان كەتكەن قۇناقلىققا كەلدى، ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئېتىزلىقلىرى ئىچىدە غايىپ بولدى.
    پەقەت خانتۆرەم بىلەن ئەنەلخانلا بىر يەردە ئولتۇرۇپ ئوت ئېلىشقا باشلىدى.
    -ئاداش بۇندىن كىيىن ھەنىپەگە ۋاي دەپ كەتمە، قارىمامسەن بىز بىلەن تەڭ تۇرۇپ 3ئەرنى يولغا سالدى، ئەخلاقى ياخشى بولسا ئەرلەر چۇقۇم ساقلايتتى، توي قىلماي تۇرۇپ بىزنى قارابالا باسمىسۇن، ئوتنى تىزرەك ئېلىپ ئاۋۇ قىزلار مېڭىپ بولغۇچە بالدۇرلا كىتەيلى...
     خانتۆرەم ئەنەلخان بىلەن ئوت ئېلىپ خېلى بالدۇر قايتىپ كەلدى.
    -قىزىم ھەنىمە بولسا بالدۇرلا كەپسەن، تىز بول كىيىملىرىڭنى يەڭگۈشلەپ ئولتۇرغىن : دىدى نىساخان خۇشال بۇلۇپ.
    -ئانا، نىمە ئىش بولدى....
    -نەرۋە ئاچاڭ ئۆز يېزىسىدىن ساڭا يىگىت تۇنۇشتۇرۇپ كەپتۇ، ساڭا دىمەيلا ماقۇللۇق بىلدۈرۈشكەن، بۈگۈن گۈل قويغىلى كەلگۈدەك- قىزىم قۇرامىڭغا يەتتىڭ، تۇنجى لايىقنى ياندۇرمىساق دەيمەن......
    -كىمكەن ئۇ.....
    -زوردۇن دەيدىغۇ.....
    خانتۆرەم ھېچنىمە دىمىدى.
    -جىم تۇرىسەنغۇ، ياراتمىدىڭما، نەرۋە ئاچاڭغا ياراپتۇ، ئۇنىڭمۇ كۈزى كور ئەمەس....
    -مەن ئۈزۈم لايىق تاپىمەن ئانا، ماڭا لايىق سايە قىلماڭلار........
    -ھەي، بالام..... نەدە ئۇنداق ئىش بار، قىز بالا دىگەننىڭ يۈزى تۈۋەن بولسا بۇلىدۇ. بىرەرسىگە مەن سىزگە تىگەي دەپ نەدىن ئىزدەيسەن لايىقنى، ئۇنداق قىلساڭ خەق سىنى قاشاڭ دەپ قالمامدۇ.........ئاۋال كۆرگىن، يارىمىسا مەيلى، ياراپ قالسا تۇيىڭنى قىلىۋېتەيلى، بۈگۈن كەلسە ئەتىلا توي قىلايلى دىمەس قىزىم ......... دىدى نىساخان.
    -زوردۇننىڭ چىرايىغۇ بۇلىدۇ، بۇيى سەل پاكار شۇ ..... دىدى خانتۆرەم.
    -سەن تۇنۇيدىكەنسەندە، دىمەك سەنمۇ ياق دىمەيدىكەنسەن، بۇيى ئىگىز بولسا ئىرىڭنى ئات ئىتىپ مىنەمتىڭ، ياكى شۇتا قىلىپ ئۆگزىگە چىقامتىڭ، چىرايى يارىدىمۇ بولدى قىزىم دىدى نىساخان.
    تۇرمۇشنىڭ ئۈزىمۇ مۇرەككەپ نەرسە، خۇددى سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى قېيىق سالغاندەك، توختىۋالسا زۇردۇندىن قۇرۇق قېلىشىدىن ئەنسىرگەن خانتۆرەم ئېغىر بېسىق، سالماق، كەمسۆز، جىمغور، ئۆز كەيپىياتىنى ئاسان ئاشكارلىمايدىغان زۇردۇن بىلەن توي قىلىشقا قۇشۇلدى.
    تىخىچە، تەمتىرەپ يۈرۈپ، كۈڭۈلدىكىدەك ھەمرا تاپالماي كىلىۋاتقان زۇردۇن خانتۆرەمنى كۈرۈپ ئېللىق مۇھەببەت ئېقىنى پۈتۈن ھۇجۇدىنى بىر ئالغاندەك، قەلبىدىكى مۇزلار ئاستا-ئاستا ئىرىگەندەك ھىس قىلدى.
    خانتۆرەممۇ زۇردۇننىڭ ئۆز تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ سەمىمى قەلبىنى مۇشۇ يىگىتكە بەخىش ئىتىش قارارىغا كەلدى.
    ئەپسۇس، توي قىلىپ توي كىچىسى ئەتتىگەندىلا خانتۆرەمنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرى كۈكىرىپ كەتتى.
    -سەن، مەن بۇرۇن ئارلىشىپ باققان قىزلاردەك نازاكەتلىك ئەمەسكەنسەن......
    -بۇ نىمە دىگىنىڭىز.......
    -مەن سىنى ئېلىشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن قىزلار بىلەن ئارلاشقان.....
    -نىمە، بۇنداق گەپنى ماڭا دەيسىز، مەن سىزدىن سورىدىممۇ.....
    -سۇراشقا ھەددىڭ ئەمەس، مەن دىگەن ئەر كىشى، سىنى ھەر كۈنى مۇشۇنداق ئۇرىمەن تازا، خانتۆرەم 3كۈن بولماستا ئۆز ئۈيىگە بېرىۋالدى.
    خانتۆرەم ئۈزىدىن ئەيىپ ئىزدىدى، لېكىن خانتۆرەمدە ھېچقانداق ئەيىپ يوق ئىدى، خانتۆرەم ھېچقانداق ئىشنى خاتا قىلمىغان ئىدى، ئوتتەك مۇھەببىتى ئارقىلىق زوردۇننىڭ يۈرەك تارىنى چەكمەكچى بولغان خانتۆرەم چەكسىز ئازاپ ئىچىدە ھېچكىمگە بىلدۈرمەي ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قالدى، خانتۆرەمنى نىساخان تۇنجى قېتىم يامانلاپ كىلىشى بولغاچقا زوردۇننىڭ ئۈيىگە ئاپىرىپ قويدى.
    -قىزىم، كەم ئەقىللىق قىپتۇ.....خاپا بولماڭ كىيوغلۇم.......
    -ئىرى بار خۇتۇن مۇش يەيدۇ، پۇلى بار ئادەم گۆش يەيدۇ دىگەن تەمسىلنى ھەر نىمە بولسا سىلى قېرى بولغاندىكىن بىلىدىكەنلا ئانا......مەندىنمۇ ئۆتتى، ئەمدى ئۇرمايمەن.......
    خانتۆرەم، زوردۇننىڭ ئۈيىگە زورىغا كەلدى.
    -زوردۇن، مىنى ياخشى كۈرەمسىز......
    -سىنى ياخشى كۆرمەي، كىمنى ياخشى كۈرىمەن.....سەن شۇنچە چىرايلىق كىلىشكەن تۇرساڭ خۇتۇن.....
    زوردۇن خانتۆرەمنى قۇچاقلىدى.
    خانتۆرەم ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى.
    -نىمىشقا مىنى ئۇرىسىز......
    -خاپا بولماڭلار........
    تاڭ ئاتتى، زوردۇننىڭ خۇيى يەنە تۇتتى، خانتۆرەم يەنە تاياق ئاستىدا قالدى.
    ئەسلىدە زوردۇن نەششىنى كۆپ چىكەتتى، زەھەر زوردۇننى خورىتىپ زوردۇننىڭ كاللىسىدىن چاتاق چىققان ئىدى، ئەسلىدە توي قىلىشتىن ئاۋالمۇ زوردۇن بىر قانچە قېتىم شۇنداق بۇلۇپ قالغان ئىدى. قاپاقنى ئەكىرىپ خورولدىتىپ چىكم تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خانتۆرەم قەتئى نىيەتكە كەلدى، زوردۇننى تۇسۇپمۇ تۇسۇپ بۇلالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىشقا باشلىدى، «تەقدىر-قىسمىتىم كاج دەپ ھەسرەت چىكىش كىرەكمۇ، دىمىغىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۈتۈش كىرەكمۇ، ياكى تۇرمۇش يۇلۇمنى قايتا تېپىشىم كىرەكمۇ» دىگەنلەرنى خىيال قىلغان خانتۆرەم قەتئى ئاجىرشىپ كىتىش نىيىتىگە كەلدى.
    -مەن ئاجىرشىپ كىتىمەن.....سەن بىر بەڭگى ئىكەنسەن....تاراسلاپ تەككەن شاپىلاق خانتۆرەمنىڭ ئىنەكلىرىنى قىزارتىۋەتتى.
    خانتۆرەم يەنە ئۈيىگە كەتتى.
    بۇدۇشقاقتەك زوردۇن كۈندە خانتۆرەمنىڭ ئۈيى ئالدىغا كىلىۋالاتتى، خانتۆرەم سوت ئارقىلىق زوردۇنغا قانچە تىز تەككەن بولسا شۇنچە تىز ئاجىراشتى، بىراق ئىشلار بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى، بۇ بۇدۇشقاق ئەر كىچىسى تىمسىقلاپ كىلىپ خانتۆرەملەرنىڭ ئۈيىگە ئوت قۇيىۋەتتى، بەخىتكە يارىشا خانتۆرەم ئانىسى بىلەن ئامان قالدى. بىراق خانتۆرەملەرنىڭ ئېغىل، ئۆيلىرىنىڭ ئازراق بىر قىسمى كۈيۈپ كەتتى، زوردۇن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلدى.
    تەكشۈرۈش داۋامىدا زوردۇننىڭ نىرۋا كىسىلى بارلىقى ئىسپاتلىنىپ نىراۋا كىسەل دۇختۇرخانىسىغا يولغا سېلىندى.
    زوردۇننى داۋالىسىمۇ ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى مۇتەخەسىسلەرمۇ بىكىتكەن ئىدى، زوردۇننىڭ ئاتا-ئانىسى ئەسلىدە ئوغلىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بىرى شۇنداق كىسەل ئىكەنلىكىنى باشقىلاردىن يۇشۇرۇپ توي قىلسا ئوڭشۇلۇپ قالار دەپ توي قىلغانلىقىنى دەپ نىساخان بىلەن خانتۆرەملەردىن كەچۈرۈم سورىدى، ئوغلى تەرىپىدىن كۆيدۈرۋېتىلگەن ئېغىل، ماللىرىنى تۈلەپ بەردى.
    خانتۆرەم ئۈزىنڭ بىلىشمەي بۇ ساراڭ بىلەن توي قىلغىنىغا كۈلەتتى، بىر تۇرۇپ يىغلايتتى.
    -قاراڭلار، خانتۆرەم تەككەن ئىرىنى ساراڭ قىلىپ قۇيۇپتۇ..........
    -ئىرى خانتۆرەمنىڭ ئىشقىدا ساراڭ بۇلۇپ ساراڭلار ساناتورىيەسىگە مەڭگۈلۈك يولغا سېلىنىپتۇ.......
    -ساراڭغا تەككەن خۇتۇنمۇ ساراڭ.........
    -ئىسىت بىچارە، گۈلدەك تۇرۇپ ئېچىلالمىدى دە......كىشىلەرنىڭ ئېغىزلىرىدا ھەر خىل گەپ سۆزلەر تارقىلىشىپ يۈرەتتى.
    تۇرمۇش دىگەن كەڭ بىر زىمىن، ئەتتىگەندىن كەچكۈچە ئاھ ئۇرۇپ، ھەسرەت چىكىپ، ھەممىلا يەردە خىجىل بۇلۇپ ئۆز-ئۈزىنى ئىنكار قىلىپ ئۈتۈش كىرەكمۇ ياكى تۇرمۇشقا قايتا قەدەم بېسىش كىرەكمۇ خانتۆرەم كۆپ ئويلاندى، ئويلا-ئويلا ئاخىرى ھەر خىل ئۇڭۇشسىزلىقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ، تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارنى بىتىجىت قىلغاندىلا تىخىمۇ پىشىپ يىتىشكىلى بۇلىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتكەندەك قىلدى، كۈچلۈك سەۋرى تاقىتى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ساراڭغا تەككەن قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتتى دە، ئەمدىلىكتە ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىرۋەردى.   
    خانتۆرەم، ئەمدىلىكتە، ئەنئەنىۋى كۆز قاراش ۋە كونا ئادىتىنى چۆرىپ تاشلاپ كۈڭۈلدىكىدەك ياخشى ئەرگە ئىرىشىش ئۈچۈن ئۆز تەلىيىنى سىناپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى.
    خانتۆرەم ساتىراچخانىغا كىرىپ چېچىنى سېرىق رەڭدە بۇيىۋالدى دە، خۇددى شەھەر قىزلىرىدەك ياساندى، ئۇ مۇھەببەت ئالمىسىنى خالىغانچە ئېتىپ، بەخىت گۈلىنىڭ ئۈزىگە قاراپ ئېچىلىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى.
    تۇساتتىن خانتۆرەم، قوشنا يېزىدىن ئۆمەر ئىسىملىك بىرسىنى ياقتۇرۇپ قالدى، تەن قۇرلىشى كۈچلۈك، ئەترەڭگى ساغلام، قارامتۇل كەلگەن بۇ يىگىت خانتۆرەمنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقى ئەر ئىدى، خانتۆرەم بىلەن ئۆمەر ئۇزۇنغا قالماي توي قىلدى.
    -سەن قەيەردە قالغانتىڭ جېنىم، مەن بۇرۇنقى خۇتۇنۇم بىلەن توي قىلغاندەك بولماپتىكەنمەن-دەيتتى ئۆمەر خانتۆرەمنى ھەر قېتىم باغرىغا باسقاندا.
    -شۇنى دەيمەن، مەنمۇ سىزنى نىمىشقا بۇرۇنراق ئۇچىراتمىغان بولغۇيتتىم، بۇرۇن ئەرگە تەككەندەك ھىسىياتتا بولماپتىمەن، خۇددى تۇنجى قېتىم ئەر كىشىنى ياخشى كۆرگەندەك ھىسىياتتا بۇلىۋاتىمەن-دەيتتى خانتۆرەم ئەركىلەپ.
    خانتۆرەم ئەمدىلىكتە ئەركە-نايناق خىنىمغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى مانا مۇشۇنداق شىرىن دەملەر ئىچىدە باشلاندى.    
    ئۆمەر يېزا بازىرىدا ئىلگىركى ئاغىنىسى توختى بىلەن ئۇچۇرشىپ قالدى، توختىمۇ 23ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان كىلىشكەن يىگىت ئىدى، توختى، ئۆمەردىن 10ياش كىچىك بولسىمۇ ئادەتتە ئۇلار «ئاكا-ئۇكا» ئاغىنىلەردىن ئىدى.
    توختىنى، ئۆمەرنىڭ سېرىق چاچلىق خۇتۇنى خانتۆرەم ئەسىر قىلىۋالدىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ ھەقىقى دوسلىغى بىرگە تىجارەت قىلىش يۇلىنى تاللاتقۇزدىمۇ، ئىش قىلىپ:
    -ئاداش، بىزمۇ سودىغا تۇتۇش قىلمامدۇق-دىدى بىر كۈنى توختى.
    -قانداق سودا قىلىمىز-دىدى ئۈمەر.
    -ئۈن-سىن، دۇكىنى ئاچايلى-دىدى توختى.
    -سەن بىلەن مەن، ئىسمىمىزنى ئاران يازالايدىغانلاردىن تۇرساق، ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى قانداق ساتىمىز-دىدى ئۈمەر.
    -ئەخمەق، خۇتۇنۇڭ ساۋاتلىقكەنغۇ، مەن مال كىرگۈزىمەن، خۇتۇنۇڭ دۇكاندا ئولتۇرۇپ ساتىدۇ. سەن، بازارلاردا ئۈن-سىن بۈيۇملىرىنى كۆتىرەپ يۈرۈپ ساتىسەن-دىدى توختى ئەقىل كۆرسىتىپ.
    توختىنىڭ بۇ گىپى، ئۆمەرگە ياغدەك ياقتى، شۇنىڭدىن كىيىن ئۆمەر بىلەن توختى ئاز بىر قىسىمدىن پۇل چىقىرىپ يېزا بازىرىدا بىر كىچىك ئۈن-سىن دۇكىنى ئاچتى.
    ئۆمەر، يېزا بازارلىرىغا سودىغا بېرىپ كەچ كىلەتتى.
    خانتۆرەم بىلەن توختى، ئۈن-سىن دۇكىنىدا كۈندە دىگۈدەك يالغۇز قالاتتى.
    خانتۆرەم، توختىغا نەزىرىنىمۇ سالمايتتى. 
    بىر كۈنى دۇكاندا ئۆمەر يالغۇز ئىدى، توختىنىڭ ئانىسى ئۆمەرنى ئىزدەپ كەلدى،
    -بالام ئۆمەر ئاخۇن، سىز نىمە ئىش قىلىپ يۈرىيسىز، خەخلەر توختىنىڭ ئىككى خۇتۇنى باركەن دىيىشىپ يۈرىشىدۇ. خۇتۇنىڭىز خانتۆرەمنى ياخشى باشقۇرۇڭ، ئەڭ ياخشىسى بۇ شىرىك دۇكاننى ئاچماڭ، بۇنداق ئىشنىڭ ئايىغى ياخشى چىقمايدۇ، خۇتۇننى شىرىك ئالمىغاندىكىن، داۋاملىق خۇتۇنىڭىزنى دۇكىنىڭىزدا ئوغلۇم بىلەن قالدۇرماڭ، ئوغلۇمنىڭمۇ خۇتۇنى بار غۇجام-ئايال قەھرى بىلەن شۇ گەپنى قىلدى دە چىقىپ كەتتى.
    -قارىسام ئايالىڭىز تۈنۈگۈن توختى بىلەن قاقاقلىشىپ كۈلىشىپ ئولتۇرىدىكەن........
    -خۇتۇنىڭىز بىر يەرگە كەتكەن ئوخشىمامدۇ، توختىمۇ يوق.
    -ئىشىڭنى قىلىشە، خۇتۇنۇم ئۆيدە، توختى مالغا كەتتى....
    ئۆمەر شۇ گەپنى قىلغانلارغا قەھرى بىلەن توۋلاشقا باشلىدى.
    ئۆمەرنىڭ كاللىسى ئەمدىلىكتە سەگىگەندەك بولدى، ئۇ خانتۆرەم بىلەن توختى بار يەردە ئېغىز ئاچتى.
    -توختى سەن ئۇكامنىڭ ئورنىدا، سىنىڭمۇ ئايالىڭ بار، خانتۆرەمنى ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز ئەمدى ياخشى كۆرمەڭ ......دىيىشىگىلا توختى ئۆمەرنىڭ ئىنىكىگە بىر تەستەك سالدى.
    -سەن ئاكامدەك تۇرساڭ، شۇنداق گەپنىمۇ قىلامسەن-دىدى توختى يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى.
    -دۇكاننى ساتىمەن-دىدى ئۆمەر.
    -نىمىشقا ساتىسىز، تىجارەت شۇنداق ياخشى تۇرسا، ئەگەر دۇكاننى ساتسىڭىز مەن ئاجىرشىمەن-دىدى خانتۆرەم.
    -پاسماق، ئۆمەر خانتۆرەمنى بىرنى سالدى.
    توختىنى دەپلا ئاجىرشىمەن دەيسەنغۇ سەن دىدى ئۆمەر قۇلىغا تاماكو ئېلىپ چىكىشكە باشلىدى.
    -سەن بىلەن شۇن-چە يىل ئۆي تۇتتۇم، ئەمدى بىر قەددىمىزنى رۇسلامىز دەپ تۇرغاندا گۇمانلىرىڭ ئىمانىڭنى قاچۇرۇپ نەدىكى گەپلەرنى قىلىپ يۈرىيسەن دىدى خانتۆرەم.
    -بىزگە ئىشەنمىسەڭ، ئوتتۇرمىزغا ياستۇق قۇياپ قوي....دىدى توختى.
    -ھۇ ئەبلەغ، بۇ نىمە دىگىنىڭ.....خەپ سىنى دىدى ئۆمەر.
    خانتۆرەم ئەمدىلىكتە توختىغا زەن سالدى، توختىنىڭ چىھرىدىن قايناق جاسارەت، قەتئى كۈچلۈك شىجائەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلگەندەك قىلدى.
    خانتۆرەم بىر تەستەكنى ئاجىرشىشنىڭ باھانىسى قىلىپ ئۈيىگە بېرىۋالدى، توختى بىلەن ئۆمەرنىڭ شىرىكچىلىگىمۇ ئايرىلدى، ئۆمەرنىڭ كۆڭلى تىنىپ، ئۈن-سىن تىجارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كاۋاپچىلىق قىلىشقا باشلىدى، ناگان-ناگاندا ئۆمەر كاۋاپ كۈتۈرۈپ خانتۆرەمنىڭ ئۈيىگە بېرىشقا باشلىدى.
    -سەن ئۆتكەن ھەپتە بازاردا توختى بىلەن كۈرۈشۈپسەنغۇ-دىدى ئۆمەر.
    -ئادەم، ئادەم بىلەن كۈرىشىدۇ، كۈرۈشسەم كۈرۈشتۈم، دىدى خانتۆرەم پەرۋاسىزلا.
    -سىلە قىزىمنى ئۇرۇنسىز كۈنلەرۋەرسىلە بولمايدۇ، قىزىمنىڭ خېتىنى بەرسىلە –دىدى نىساخانمۇ.
    -مەن ئۇنداق ئالدىراپ خەت بىرىدىغانلاردىن ئەمەس، مەن خانتۆرەمنى تەستە ئالغان –دىدى ئۈمەر.
    -تەستە ئالغاندىكىن قەدىرىنى بىلسىلە بۇلىدۇ، نىمە قىزىمنى قەدىرلىمەي، توختىماي كۈللەۋەرسىلە يالغان ئىشمۇ راستقا ئايلىنىپ قالمامدۇ-دىدى نىساخان.
    ئۆمەر قېينى ئانىسى بىلەن بىردەم زۇكالىشىپ قالدى.
    خانتۆرەم، مۇھەببەت سەپىرىگە قەدەم قويغاندا، بەخىت مەنزىلىگە بېرىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، تۇساتتىن ئۆمەر كۈللەمچى چىقىپ قالدى، پاك مۇھەببەتنى قوغلۇشۇپ ئۆمۈرلۈك بەختكە ئىرىشىش ئۈچۈن، ئەجىبا ئۆمەرنىڭ كۈنلەشلىرىنى بىر ئۆمۈر كۈتىرىش كىرەكمۇ، خانتۆرەم ئۆمەرنىڭمۇ كۈڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىگىنى ھىس قىلىشقا باشلىدى-دە ئاجىرشىپ كىتىش نىيىتىگە كەلدى.
    ئۈمەر خۇتۇنىنىڭ ئانىسى بىلەن تەگىشىپ قالغاندىن كىيىن ئۈيىگە قايتتى، ئۇ قانداق قىلىپ خانتۆرەم بىلەن يارىشىپ قېلىشنى ئويلايتتى، ئۆمەر خانتۆرەمنى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۈرەتتى.
     ئۆمەر بازاردا ئېشىپ قالغان ئاخىرقى كاۋاپنى ئېلىپ خانتۆرەمنى ياندۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن قېيىن ئانىسىنىڭ ئۈيىگە يەنە باردى.
    -قىيىن ئانا خاپا بولمىسىلا سىلىگە گوش ئېلىپ كەلدىم...دىدى ئۆمەر ئىشىكتىن كىرىپلا.
    -چىشلىرىم يوق، گوش يىيەلمەيدىغانلىقىمنى بىلىسىزغۇ ئۈزىڭىز يەڭ..... دىدى نىساخان.
    خانتۆرەم يوققۇ.... دىدى ئۈمەر.
    توختىنىڭ دادىسىنى ئىزدەپ كەتتى دىدى نىساخان.
    توختىنىڭ دادىسىنى نىمىگە ئىزدەيدىكەن....ئۆمەرنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.
    توختىنىڭ دادىسى مەزىن ئەمەسمۇ، قىزىمغا ئازىراق جىن جاپلاشقاندەك قىلىدۇ. سىزمۇ بىلسىز، سىز بىلەن توي قىلغاندىن بىرى چاچلىرىنى بۇياپ غەيرى كىيىنىپ يۇردى ئەمەسمۇ، دۇئا ئۇقۇتقىلى كەتتى...... دىدى نىساخان.
    ئۈمەر ئۈيدىن چىقتى، ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئويلىغان گۇمانلىرىنىڭ يالغان بۇلۇپ چىقشىنى، خانتۆرەمنى ئۆيگە قايتۇرۇپ بەخىتلىك تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلاشنى خىيال قىلاتتى.
    ئۆمەر توختىنىڭ ھويلىسىغا بۈسۈپلا كىردى........
    ئەمدىلا توختىنڭ دادىسىغا دۇئا ئۇقۇتۇپ چىققان خانتۆرەم توختىنىڭ ھويلىسىدا توختى بىلەن ئۆمەر توغۇرلۇق پاراڭلىشىۋاتاتتى.
    -نەخ تۇتتۇممۇ، ھو بۇزۇق......زىناخورنى توتساڭ جۈپتى بىلەن دەپتىكەن........ئۆمەر توۋلاشقا باشلىدى.
    -سەن، سەن، نىمە دەيسەن....مەن تىخى سەن بىلەن خانتۆرەمنى ياراشتۇرۇپ قۇيايلى دەپ مەسلەھەتلىشىۋاتقان..........
    -خۇپىيانە، سەندىن ئاشقاندا ماڭا بىرەمتىڭ-كىلە سىنى ئۆلتۈرىمەن.....دىدى ئۆمەر توختىنىڭ ياقىسىنى تۇتۇپ يېنىدىكى پىچىقىنى چىقىرىپ توختىنىڭ بېقىنىغا تىقتى ، توختىدىن شاقىراپ قان ئاقماقتا ئىدى.
    -ئادەم بارمۇ....قاتىل.....ئادەم بارمۇ....خانتۆرەم دەرھال ماشىنا چاقىرىپ توختىنى يۈلەپ دۇختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، بەخىتكە يارىشا توختىنىڭ ھاياتى ساقلاپ قېلىندى، بىراق توختى ئېغىر دەرىجىدە يارلانغان ئىدى.
    ئۆمەر تۇتۇپ كىتىلدى.
    كىيىنچە ئۆمەرنى 7يىللىق كىسىۋەتتى، توختىنىڭ خۇتىنىمۇ توختىدىن سۈزىنى ئېلىپ باشقا ئەرگە ياتلىق بولدى.
    توختى بىلەن خانتۆرەم توي قىلغىلى مانا ھەش-پەش دىگۈچە 2يىل بۇلاپ قالدى.
    شۇنچە يىلدىن بىرى خانتۆرەمنىڭ يارىشىملىق بەستى، تىرىشچانلىقى، چىقىشقاقلىقىغا يالغۇز توختىىڭلا ئەمەس، توختىنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ھەتتا پۈتكۈل مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قايىل ئىدى.
    خانتۆرەمنىڭ تۇنجى ئىرى ساراڭ، ئىككىنجى ئىرى گۇمانخور بۇلۇپ ئاخىرى تۈرمىدە توختىدى، خانتۆرەم توختىغا تەككەندە كۆپ ئويلاندى، تەقدىر قىسمىتىم كاج دەپ ھەسرەت چىكىرۋىرىشنىڭ ئاقىلانىلىك ئەمەسلىگىنى ھىس قىلدى. نىساخانمۇ ھەسرەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى، توختى خانتۆرەمنى دەپ ئۇرۇنسىز زەخمىلىنىپ يېرىم بۇلۇپ قالدى ئەمەسمۇ ئۇنىڭ ھالىدىن خانتۆرەم خەۋەر ئالمىسا، كىم خەۋەر ئالىدۇ، خانتۆرەم مۇشتۇمدەك تۇرۇپ ياشتا چوڭ ئاياللارمۇ ھەرگىز بېشىدىن ئۆتكۈزەلمەيدىغان قاباھەتلىك سەرگۈزەشتىلىرىنى باشتىن كەچۈردى، خانتۆرەم ئۈزىنى تاشلىۋەتمەيتتى، ئېتىز-ئېرىق ئۆي ئىشلىرىدىن باشلاپ قانداقلا قىلمىسۇن پاكىزە تارىنىپ، كىيىنىپ يولدىشى توختىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن بىرگە توختىنىڭ ھاسىغا چۈشۈپ قالغان مەزىن دادىسىنىڭ ئۈيىگە ئەتتىگەندىلا چىقىپ تامىقىنى ئىتىپ قېيىن ئانىسىنىڭ ئالدىدا، بۇ ئائىلىدىكى ئەڭ كۈيۈمچان كىلىنگە ئايلانغان ئىدى.
    -ئۈزۈمنىڭ قىزىمۇ خانتۆرەمدەك كۈيۈنمەيدۇ-دەيتتى توختىنىڭ ئانىسى مەھەللىدىكى مۇمايلارغا كىلىنىنى ماختاپ.
    -شۇنداق، خانتۆرەمنى خۇدا سىزگە نىسىپ قىلغان پەرىشتە دىسەك بۇلىدۇ: دەيتتى توختىنىڭ دادىسى ھەر قېتىم كىلىنلەر توغرىسىدا گەپ بولغاندا كىلىنى خانتۆرەمدىن سۈيۈنەتتى.
    خانتۆرەم بۇ ئائىلىگە كىلىن بۇلۇپ كىرگەندىن بىرى توختىنىڭ ئامىتى كەلدى، توختى گەرچە ئاقساپراق ماڭسىمۇ قۇشۇمچە تىجارەت بىلەن بېيىپ نۇرغۇن پۇللۇق بۇلۇپ قالدى، بۇ ئائىلىدە خانتۆرەم ئىشچان بولغانلىقى ئۈچۈنلا باشقا كىلىنلەردىن پەرىقلىنەتتى.
    توختىنىڭ 2ئاكىسىنىڭ خۇتۇنلىرى توي قىلغىلى بىر قانچە يىل بولغان بولسىمۇ بىرى قېچىر تۇغماس، بىرى قىز تۇققان بولسىمۇ بىرى ئۆكتەم، بىرى بىشەم ئاياللاردىن ئىدى. خانتۆرەم كىلىنلەرنىڭ ئۈيىگە كەمدىن كەم باراتتى، كىلىنلەرگە چوڭ ئۆيگە كەلسە ئۇلارنى تۆرگە باشلاپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىپ ئۇلارنى كۈتەتتى.
    -جاھاندا ئويناپ كۆنگەن ئايالنىڭ بەختى ئېچىلىدىكەن دىسە، قاراڭلار خانتۆرەم ئىلگىرى راسا ئوينىۋالدى....دەيتتى بىشەم كىلىن. 
    -شۇ ئەمەسمۇ، ئەرگە كۆپ تەككەن خۇتۇننىڭ كىيىملىرى يىرىتلۇق دىسە ئىشەنمەيمەن، قارىمامسىز خانتۆرەم 1-ئەرگە تىگىپ ئاجىراشتى، 2-سىدە يالاڭ باش يۈردى، قاراڭ ئەمدى يۈزىنى يېپىپ روپاش بۇلۇپ مەخمەل، دۇردۇن كىيىپ راھەتتە يۈرمەمدۇ....دەيتتى ئۆكتەم كىلىن.
    -ھا ھا .....
    خانتۆرەم بۇ كىلىنلەرنىڭ ھەر خىل سەت گەپلىرىگىمۇ كۈنۈپ قالغان ئىدى.
    يېقىندا توختى يېزا مەركىزىدىن تەنزە مال دۇكىنى ئاچقان بۇلۇپ توختىنىڭ تۇققانلىرى ئايال كىشى مال ساتسا بولمايدۇ دەپ خانتۆرەمنى دۇكانغا يولاتمىدى، ئەسلىدە دۇكان ئېچىش پىلاننى خانتۆرەم ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.
    توختى پۇل تاپقاندىن كىيىن يانچۇقىنىڭ توملىشىغا ئەگىشىپ شەھەرلەرگە بېرىپ كىچىلىرى ھاراق ئىچىپ مەس بۇلۇپ قايتىشقا باشلىدى، توختىنىڭ كۈنلىرى ياش خىنىملەر بىلەن ھەر خىل رەڭلىك سورۇنلاردا ئۈتۈشكە باشلىدى.
    بىر كۈنى توختى غەرىق مەس ھالەتتە ئۈيىگە كىردى.
    -ھاراقنى جىق ئىچىپسىز، دادىڭىز مەزىن ئوقسا سەت ئەمەسمۇ، ئۇلار نىمە دەر بۇندىن كىيىن ئىچمەڭ-دىدى.
    -نىمە چاتىقىڭ، ئۇلارغا سەن دىمىسەڭ، مەن دادامنى سۈيەمتىم، دىدى توختى ھويلىغا چىقىپ ياندۇرۇشقا باشلىدى.
    ئەتتىگەندىلا بومداتقا چىقىپ يېنىپ كىرگەن توختىنىڭ دادىسى ھويلىغا كىرىپ يەردىكى قۇسۇقلارنى كۈرۈپ ھويلا تازلاۋاتقان خانتۆرەمدىن سورىدى.
    -قىزىم نىمە ئىش بولدى.........
    -ھېچ ئىش يوق دادا، قەي قىلىپ سالدىم، ھازىرلا تازلىۋېتىمەن دىدى خانتۆرەم ئەيمىنىپ، خانتۆرەم قېيىن ئاتىسىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.
    -دادا، ئاخشام باشقىلار توختىنىڭ ھاراق ئىچكەنلىگىنى كۈرۈپتۇ....دىدى ئۆكتەم كىلىن.
    -راسىت، خېلى بۇپتۇ، ھەر كۈنى ئىچىپ مەس ھالەتتە كىلەرمىش، خۇتۇنى خانتۆرەم ئىچمىسەڭ ئۆي تۇتمايمەن، ئىلگىركى ئەرلىرىم ئىچەتتى دىگەچكىلا شۇڭا ھاراق ئىچىپ، تاماكو چىكىپ يۈرۈپتۇ ئۇ ئۇغۇللىرى.....دىدى بىشەم كىلىن.
    كىلىنلەردىن بۇ گەپنى ئاڭلىغان بۇۋاينىڭ ئاچچىقى كەلدى، ئەسلىدە بۇۋاي مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامى بولغان بۇلۇپ توختىنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكى ئۇنىڭ ئوغۇسىنى قاينىتىۋەتتى. بۇۋاي ھاسىسىنى ئېلىپ ئۇدۇل توختىنىڭ ئۈيىگە چىقىپ تىخى مەسچىلىكتىن يىشىلمەي يېتىۋاتقان توختىنى ھاسا بىلەن بىر ھازا سالدى، توختىنىڭ ئانىسىمۇ كىردى، تەقۋادار بۇ ئايال ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.
    -مەن سەندىن قانداقمۇ رازى بۇلىمەن، سەن ھاراق ئىچىپ مەس يۈرىيدىغان ئادەمنىڭ بالىسىمۇ ......
    خانتۆرەم بىر چەتتە قاراپ تۇراتتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ يىغلاشلىرىنى ئاڭلىغان توختى بۇ ئىشنى خانتۆرەمدىن كۆردى دە:
    -ھۇ پاسكىنا يۇقال، ئاتا-ئانامغا سەن دەپسەندە، ئىسىت ساڭا ئىشەنگىنىم، يۇقال ئەرگە تەككىن دەپ توۋلىدى.
    -مەن نىمە گۇناھ قىلدىم، نىمىشقا سۈزۈمنى بىرىسىز دىدى خانتۆرەم.
    -تالاق، سىنى كۆرمەي-دىدى توختى.
    -توۋا خىنىم، خوپ بولدىمۇ، نىمە قىلاتتىڭ ئىرىڭنىڭ ئىچكىنىنى جار سېلىپ.......
    -ئۈزىنى بىلمىگەن بۇ بىرنىمىنىچۇ، بۇرۇنلا يولغا سېلىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ئىدى.......
    توختىنىڭ كۈزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سۆز بىرىشى خانتۆرەمنى گاڭگىرتىپ قويدى، خانتۆرەم نەرسە-كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ سىرىتقا ماڭدى.
    -مەن ئاچچىغىمدا دەپ ساپتىمەن، مەسچىلىگىم تىخى يىشىلمىگەن ئىدى.....تۇققانلىرىنىڭ ئالدىدىلا شەرمەندىچىلەرچە خۇتۇنى خانتۆرەمنىڭ سۈزىنى بىرىپ ئۇيۇن قويغانلىقىغا توختى ئۈزىمۇ ئىشەنمەيلا قالدى.
    خانتۆرەم ئىشىك يېنىغا بېرىپ توختاپ قالدى.
    -نىمە دەيسەن، بىزنى ئۆلسۇن دەمسەن، سۈزىنى بەردىڭ، ئەمدى ھارام، يول يوق-بۇۋاي ھاسىسىنى توكولدىتىپ توختىنى تىللىدى.
    -شۇنداق ئەمەسمۇ، ھەممىمىزنىڭ ئالدىدا نەچچە تالاق قىلىپ يەنە دىگەن گىپىنى بۇ كۇپۇرنىڭ......
    -ھوي خىنىم چىقىپ كىتىڭ، سىز مۇسۇلمانمۇ......
    كىلىنلەرنىڭ نەشتەردەك سۆزلىرى خانتۆرەمنى بۇسۇغىدىن ئاتلاتتى، توختى يىغلىدى، بۇۋاي ئۈزىنىڭ قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئوغلى توختىنىڭ گەپلىرى ئىسىگە كىلىپ چىقىپ كەتتى.
    توختى ئۈيىدە يالغۇز قالدى، خانتۆرەم ئۆز ئۈيىگە كەتتى، خانتۆرەم توختىدىن بۇنداق ئايرىلىشنى ئەسلا ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
    -دادا مەن خاتا قىلدىم، ئەسلىدە كۆپ ئىچمىسەم بۇلاتتى، ھاراق ئىچىپ مەسلىك يىشىلمىگەندە، ئاچچىغىمدا سىنىڭ تايىقىڭغا چىدىماي دەپ ساپتىمەن، خانتۆرەمدىن ئۇنداق ئايرىلىپ كەتسەم بولمايدۇ، كىلىنلەرگە گەپ قىل، سىرىتلاردا گەپ تارقاتمىسۇن، خانتۆرەمنى ئەكىلىۋالاي.....ماڭا يول قوي دادا..........
    -خۇدانىڭ ھۈكۈمى پەرھەقتۇر.....يول يوق بالام، خانتۆرەم بىلەن يېنىشىۋالاي دىسەڭ باشقا پىكىرىم يوق، لېكىن خۇتۇنىڭنى ھالاللىساڭ ئاندىن بۇلىدۇ-دىدى بۇۋاي يەرگە قاراپ تەسپىي سىرىشقا باشلىدى.
    -قانداق ھالاللايمەن، خانتۆرەم ئەزەلدىن ماڭا نىسپەتەن پاك، ماڭا ھالال تۇرسا......
    -ئېغىزىڭنى يۇم، ھازىر ئۇ ساڭا ھالال ئەمەس.....
    پاكلاش ئۈچۈن خانتۆرەمنى باشقا بىر ئەرگە نىكاھلاپ بىر كىچە خۇتۇن بۇلىشى كىرەك، شۇندىلا ئاندىن ھالاللىنىدۇ.....سەن تويلۇنۇپ باققىن، مىنىڭمۇ خانتۆرەمگە ئىچىم كۈيىدۇ، دىمىسىمۇ ئۇ ئايال، ئاياللىق بۇرىچىنى ئادا قىلىپ سىنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىپ ھۆرمەتلەپ كىلىۋاتىدۇ، قاراپ باق سىنىڭ بىر پۇتۇڭ ئەيىپناق بۇلۇپ قالغان تۇرسا كىم ساڭا خۇتۇن بۇلۇشنى راۋا كۈرىدۇ.....كىم ساڭا تۇغۇپ بىرىدۇ.....بۇۋاي ئىشىك تەرەپكە ماڭدى.
    -دادا، مەن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ سۈزىنى بەرمىگەن، شۇنداقلا دەپ سالدىم.........
    بۇۋاي چىقىپ كەتتى.
    كۈنلەر ئۆتتى، توختى، خانتۆرەم بىلەن كۈرۈشتى.
    -خۇتۇن، مەن سۈزۈڭنى ھەقىقى بەرمىدىم، بۇنى بىلەمسەن.....
    -بىلىمەن، ھاراق شۇنداق قىلدى، چۈنكى سىز تاڭ ئېتىشقا يېقىن كىردىڭىز، مەسىت ئىدىڭىز، ئەمدىلا قۇسۇپ ياتقان، سىزمۇ مەنمۇ پاك، لېكىن شۇنچە كۈنلەردىن بىرى مەنمۇ دادىڭىزغا، ئانىڭىزغا يالۋۇردۇم، ئۇلار گەپ يىمىدى، ھەتتا مەندىن قاچتى.
    كىلىنلەرمۇ خەخلەرگە توختى بۇزۇلۇپتۇ باشقا خۇتۇن ئالغۇدەك دەپتۇ، .....مەن قانداق قىلىمەن.....ھازىر قانچىنچى ئەسىر؟ بىز نەدە ياشاۋاتىمىز، بىر ئېغىز گەپ مىنىڭ تۇرمۇشۇمنى ۋەيران قىلىۋېتەرمۇ، سىز بىلمەيسىز دادىڭىز كىلىنلەر بىلەن بېرىپ ئىككىمىزنىڭ توي خېتىمىزنىمۇ ئايرىۋەتتى.
    مەن ئەمدى نىمە دەپ سىزنىڭ ئۈيىڭىزگە بارالايمەن، توختى ئۇلار كىرگۈزمەيدۇ.....خانتۆرەم كەتتى.
    توختىنىڭ بېشى قېتىپ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى، توختى بېشىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز توختىنىڭ ئاغىنىسى مۇرات ئۆيگە كىردى.
    مۇراتمۇ يېزا بازىرىدا دۇكان ئاچىدىغان يىگىت بۇلۇپ خۇتۇندىن تەلىيى چىقماي، بىر قانچە خۇتۇن ئالغان بولسىمۇ، بىرى چاكىنا، بىرى ھۇرۇن بۇلۇپ چىقىپ خېلىدىن بىرى بويتاق يۈرەتتى، مۇرات يۇۋاش، مۇلايىم، بەستىلىك، كىلىشكەن بولسىمۇ ئۈچ خۇتۇننى كەينى-كەينىدىن ئېلىپ ئۈزىگە ماس كەلمىگەچكە ئايرىلىپ كەتكەن ئىدى.
    توختى بېشىدىن ئۆتكەن بۇ كۈڭۈلسىزلىكلەرنى بىر-بىرلەپ مۇراتقا سۆزلەپ بەردى.
    مۇرات تاماكو چىكىشكە باشلىدى.
    -ئەكىلە، ماڭا بىرنى بىرە چىكەي.....دىدى توختى.
    -سەن چەكمەيتتىڭغۇ......
    ئىككەيلەن بىردەم تاماكو چەكتى.
    -تاپتىم...تاپتىم.....ئامال تاپتىم-توۋلاپ كەتتى توختى.
    -نىمە تاپتىڭ......
    -خۇتۇنۇمنى ھالاللاشقا سەن مۇۋاپىقكەنسەن ئاداش، بىر كىمگە دىمە، داداملار خانتۆرەمنى ئەكىلىۋالاي دىسەم ھالاللىساڭ بۇلىدۇ دەپ تۇرىۋالدى.
    -ئەخمەق، قېچىپ بىر مەزگىل بىر ياققا كەتسەڭلار بولمامدۇ: دىدى مۇرات يەرگە قاراپ.
    -دادامنى، ئانامنى تاشلاپ كەتسەم خەق نىمە دەيدۇ......
    -خەق نىمە دىسە دىمەمدۇ، ئۈزەڭلار بەخىتلىك ئۆتسەڭلار بولمىدىمۇ، بالىلىق بۇلۇپ قايتىپ كەلسەڭلار، سىلەرنىمۇ قۇبۇل قىلماي ئامالى يوق، ئۇلارمۇ چۈشىنىدۇ....بىر ئېغىز گەپكە كۆڭلىڭدىن چىقىرىپ دىمىسەڭ يە، ياكى سىلەر چىقىشالمايدىغانلاردىن ئەمەس، ياكى خانتۆرەم بىر كىمگە بۇزۇلمىسا، نىمىدىن قورقاتتىڭ، قېچىپ كىتىرۋەر.........
    مۇرات، شەھەر كۆرگەن، كۆپنى كۆرگەن ھەقىقى يىگىت ئىدى.
    -ئاداش، ئەل-ئاغىنە دىگەن نەدە ئەسقاتىدۇ: شۇنىمۇ قىلالمامسەن.... مىنى ئويلىغىن، مىنى خاتىرجەم ياشىسۇن دىسەڭ شۇنداق قىلايلى...... ئاتا-ئانامنى رەنجىتكۈم يوق، خانتۆرەمنىمۇ قولدىن بەرگۈم يوق........
    مۇراتمۇ، خانتۆرەمنى كۆرگەن كۈندىن باشلاپ يۇشۇرۇن كۈيۈپ يۈرەتتى، خانتۆرەمنىڭ ئۈزىنىڭ ئايالى بولماي، توختىنىڭ ئايالى بولغانلىقىغا ئىچىدىن ئاغرىنسىمۇ لېكىن توختىنىڭ يۇۋاشلىقىغا قاراپ خانتۆرەمنى قوغلاشمىغان ئىدى. بىراق مۇرات ئالغان 3خۇتۇننىڭ ھەممىسى خانتۆرەمدەك ئەمەسكەن دەپ قۇيۇپ بەرگەن ئىدى، بۇنى مۇراتتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى، مۇرات خانتۆرەمگە قارايتتى، ئەمما 2يىلدىن بىرى چاندۇرمىغان ئىدى، مۇراتنىڭ خانتۆرەمگە ئىچى ئاغرىدى، توۋا ماڭىمۇ جاھان باقىدىكەن، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىشقى پىراقىدا كۈيۈپ يۈرگەن مەھبۇبەسىنى ساڭا بىر كۈنلۈك بىرىمەن دەۋاتسا، مەيلى بىر سائەت، يېرىم سائەت، 5مىنۇت بەرسىمۇ يۈرەك سۆزلىرىمنى ئىزھار قىلىۋالسام ئۈلۈپ كەتسەم رازى دەپ ئويلىدى، مۇرات ھاياجانغا چۆمدى.
    -بۇلىدۇ، ئاداش قۇشۇلدۇم....
    -لېكىن شەكىلدە نىكاھلىنىسەن، يېقىن كىلىشكە بولمايدۇ.......
    -لېكىن، بىزنى قۇيۇپ،.....داداڭغا دەپ باق....دىدى مۇرات........
    ماڭايلى..........
    -توختا، ئۈزەڭ دە، مەن چىقمايمەن.....داداڭدىن خىجىل بولمامدىمەن.......
    توختى چىقىپ كەتتى، مۇرات سوپۇدىكى گىلەمگە ئۈزىنى تاشلاپ گىلەملەرنى سىلاشقا باشلىدى.
    -ئاھ، خۇدا، سىنىڭمۇ ماڭا شاپائەت قىلىدىغان كۈنلىرىڭ بۇلىدىكەن، مەن بىر ئېغىز ئىزھار قىلالمىغان جانانىمنىڭ ۋەسلىگە يىتىدىغان بولدۇم...........
    توختىنىڭ دادىسى قۇشۇلغان ئىدى، بۇۋاي توختىنىڭ ھوجۇرسىغا كىردى، توختى سىرىتتا قالغان ئىدى، بۇۋاي ئىشىكنى يىم ياپتى دە مۇراتنىڭ يېنىغا كەلدى.
    -بالام مۇراتجان، مەن ئاڭلىدىم، توختى بىلەن سەن يېقىن، بۇنداق بولسا بولمايتتى، لېكىن خانتۆرەم كىلىنىمگە مىنىڭمۇ كۈزۈم قىيمايدۇ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاقىلانىلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ھەقىقى ھالاللاپ پاكلىشىڭ كىرەك، مىنى ئالدىما، ئالدىساڭ خۇدانى ئالدىغان بۇلىسەن..... ساڭا گەپ كەتمەيدۇ....ھالاللانغاندىن كىيىن خانتۆرەمنى ياندۇرۇپ كىلىمىز.......دىدى بۇۋاي.
    -بۇلىدۇ، سىلەر دىگەندەك بولسۇن، خانتۆرەم قۇشۇلارمۇ : دىدى مۇرات.
    -مەن، گەپ قىلىمەن، كىلىنىم گىپىمنى ئاڭلايدۇ، كەچتە ئۈيىڭدە مىنى ساقلا، مەن بىر مويسىپىت بىلەن ئىككى ئەر گۇۋاھچىنى ئېلىپ بارىمەن، ئۈيىڭنى ياخشىراق تازلاپ قوي، سەن پاكلاپ ئەتىسى خانتۆرەمنى ماڭا تاپشۇرۇپ بىرىسەن، سىنىڭ ئاتا-ئاناڭ يوق، خانتۆرەمنى ھالاللىغاندىن كىيىن مەن سىنى ياخشىراق يەردىن ئاتىدارچىلىق قىلىپ ھەقىقى ئۆيلەپ قۇيىمەن........
    -رەھمەت بۇۋا.......مۇراتنىڭ يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى، بۇۋاينىڭ چىھرىدىمۇ ھەسرەت ئارلاش خۇشاللىق جىلۋىنەتتى. بۇۋاي مۇراتنى ئۇزۇتۇپ قويدى، بۇۋاينىڭ كەچ كىرگۈچە يەنە نۇرغۇن ئىشى بار ئىدى.
    -بولمايدۇ، دادا، مەن پاك، مىنى ھالاللىمىسىلىمۇ بۇلىدۇ، كىلىنلىرىنى ئۇغۇللىرىغا ھالال دەپ بىلسىلە-دىدى خانتۆرەم.
    بۇۋاي قۇرئاندىن نۇرغۇن سۆزلىدى، خانتۆرەم يىغلايتتى.
    -نىمىشقا يىغلايسەن ئەخمەق، بىز ئەتىلا يارىشىۋالىمىز، مۇرات سىنى بۇزەك قىلمايدۇ. چوڭلار ئالدىدا شەكىلگە ماقۇل دەپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلساڭلا بولدى. مۇراتنىڭ مىنىڭ ئاغىنەم ئىكەنلىكىنى بىلىسەنغۇ......دىدى توختى، خانتۆرەمنى بەزلىدى.
    خانتۆرەم ئويلىغانسىرى بىر خىل سىزىم ئىچىدە قالدى، قايسىدۇر بىر چاغ، مۇرات، توختىنىڭ ھويلىسىنى ئاقارتىشىپ بەرگەندە كۆينىكىگە لاي يۇقۇپ قالغاچقا خانتۆرەمنىڭ ئالدىدا كۆينىكىنى سېلىۋېتىپ، يۇيۇشقا تەمشەلگەندە خانتۆرەم مۇراتنىڭ كۆينىگىنى يۇيۇپ بەرگەن ئىدى، شۇ چاغدا مۇراتنىڭ مەيدىسىدىكى ئاندا-ساندا قارا تۈكلەرگە خانتۆرەمنىڭ كۈزى چۈشكەن، ئەجەپ ئىرىمنىڭ مەيدىسىدە تۈك يوقكەن، دەپ خېلىغىچە مۇراتنىڭ مەيدىسىگە ئاستىرىتتىن قارىغان ئىدى، مۇراتنىڭ كۈزى بىلەن ئۈزىنىڭ كۈزى ئۇچۇرشۇپ قالغاندا، خانتۆرەم نىمە قىلارىنى بىلەلمەي، بۇ ئوتلۇق كۈزىدىن ئۈزىنى ئېلىپ قاچقان ھەمدە، ئۆز گۇناھىنى شۇنىڭدىن بىرى خۇدادىن تىلىگەن ئىدى، خانتۆرەم شۇ كۈندىن باشلاپ مۇراتقا سىنچىلاپ قارىمايتتى، مۇرات ئۆيىگە كەلسە بىر ئشلارنى قىلىپ ئۈزىنى قاچۇراتتى، كەچكى شەپەق، خانتۆرەمگە شۇنچىلىك تىز يىتىپ كەلگەندەك بىلىندى.
    «مەيلى، مۇرات، توختىنىڭ ئاغىنىسى نىكاھ ئۇقۇپ بولسىلا، باشقىلار چىقىپ كىتىدۇ، مۇراتمۇ كىتەر، توختى كىلىپ مىنى ئېلىپ كىتەر.....»دىگەنلەرنى خىيال قىلغان خانتۆرەم چىرايلىق يۇيۇنۇپ تاراندى، كۈن قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى.
    -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم....:توختىنىڭ دادىسى قوشنا يېزىدىن خانتۆرەم تۇنىمايدىغان 3ئەرنى ئەگەشتۈرۈپ كەلدى.
    خانتۆرەم ئىككىلەندىيۇ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ بۇۋاينىڭ كەينىدىن سىرىتقا چىقتى، ئىشىك تىۋىدە بىر ئىشەك ھارۋۇسى بار ئىدى، خانتۆرەم 4ئەر بىلەن ھارۋىغا چىقتى، ھارۋا تەستە مېڭىۋاتاتتى.
    تۇپىلق يول، كاتاڭ.....مۇراتنىڭ ئۈيى تەنھا بىر دۆڭدە ئىدى، ئىشەك ھارۋىسى مۇراتنىڭ ئۈيى ئالدىدا توختىدى. خانتۆرەم ئاسمانغا قارىدى، ئاسماندا تۇلۇنئاي، شۇنچىلىك يۇرۇق بۇلۇپ بۇ خىلۋەت ئۆينىڭ بېغىغا ئاجايىپ بىر خىل سىھرى قۇدىرەت ئاتا قىلغان ئىدى.
    مۇراتنىڭ بېغىدىكى كەپتەرخانىدىن دەمدەر، كەپتەرنىڭ مۇڭلۇق سايرىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى.
    بۇۋاي ئاۋال ئۈيىگە كىردى، بۇۋاي ئېلىپ كەلگەن بىر ئەر بىر كىچىك خورجۇننى كۈتۈرۋالغان ئىدى.
    مۇرات ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى.
    -يۈرۈشسىلە، ئۆيگە مەرھەممەت......
    خانتۆرەمنىڭ يۈرىگى سېلىشقا باشلىدى، ئۆي ئىچى شۇنچىلىك ئازادە ئىدىكى، مۇراتنىڭ ئايالى بولمىسىمۇ ئۆيلەرنى ياخشى سەرەمجانلاشتۇرۋالغان ئىدى. مۇرات ئالدىن دىيىشىۋالغىنى بۇيىچە تۇخۇ، كاۋاپلارنى داستىخانغا تىزدى، تاماق يىيىلگەندىن كىيىن ئارىدىن بىرى نىكاھ ئۇقۇشقا باشلىدى.
    خانتۆرەم جىم ئولتۇرۇپ بۇ ئىشنىڭ ئۇڭى ياكى چۈشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغۇچە:
    -قىزىم، تەگدىم دەڭ....بۇۋاينىڭ ئاۋازى خانتۆرەمنى خىيالىدىن ئويغاتتى.
    -تەگدىم، خانتۆرەم ئاستا ئاۋازدا تەستە دىيەلىدى.
    بۇۋاي، خورجۇندىن يىڭى كىيىم-كىچەكتىن 4-3قۇر كىيىمنى ئالدى دە داستىخاندا قويدى. دۇئادىن كىيىن بۇۋاي 3ئەرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، ئىشىك سىرتىدىن تاقالدى.
    خانتۆرەم، مۇراتقا قارىدى، قارىدىيۇ يەرگە قارىۋالدى، مۇرات ئالدىن ئۇرۇن راسلاپ بولغان ئىدى.
    مۇرات ئاستا-ئاستا خانتۆرەمگە يېقىنلاشتى.
    -مەن كىتەي مۇرات، ئۇنداق قىلماڭ......
    مۇراتنىڭ لىۋى، خانتۆرەمنىڭ لىۋىگە تەگدى.......
    مۇرات خانتۆرەمنى قۇچاقلىدى، خانتۆرەمنىڭ پۈتۈن ھۇجىدى تىتىرەپ كەتتى.
    تۇيۇقسىز كىچە باشلىنىپ تاڭ ئېتىشقا باشلىدى.
    -مۇرات، جېنىم مۇراتجان، مەن مۇرادىمغا يەتتىم، مەن سىنىڭ بولدۇم، ئەسلىدە بۇنداق بولسا بولمايتتى، مىنى ئۇزۇنراق پاكلا.....
    -بىلىمەن، جېنىم خانتۆرەم، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مىنىڭ يۈرىكىمدە ئۇرغىغىنى سىنىڭ پىراقىڭ ئىدى، مەن سىنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن، كىم سىنى ھالال ئەمەس دەيدۇ، سەن ماڭا مەڭگۈ ھالال..
    -ئەجەپ پەرۋانىدەك ئىرىپ كىتىدىغان شەقىقە خۇتۇنكەن دەپ قالغانسەن، مەندىكى يۇشۇرۇن سۆيگۈنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سىرىتقا چىقماي، ئۈن تىنسىز، ئۆز تىنىمدە، يۈرۈگىمدە ساقلانغانلىقىنى سەزگەن بولساممۇ چىقىرالمىغان، كونا قائىدە تۈنۈگۈن ماڭا ئازاپ ئېلىپ كەلگەن بولسا، بۈگۈن ماڭا بەخىت ئېلىپ كەلدى، مەن بۈگۈن كىچە ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئايال ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم.......
    -خانتۆرەم بىز ئەتىلا توي خېتى ئېلىپ يىڭى تۇرمۇشىمىزنى باشلايلى........
    تاڭ تۇلۇق يۇرىدى، ئىشىك ئېچىلىپ توختى دادىسى بىلەن كىردى.
    -سەن، سەن، دىدى توختى، مۇراتنىڭ ئەمدىلا يۇيۇنۇپ چاچلىرىنى تاراۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ.
    -ئەمدى، كىلىنىمنىڭ سۈزىنى بەر مۇرات، دىدى بۇۋاي.
    -توختى كەچۈرۈڭ، مەن ئەزەلدىنلا ھالال ئىدىم، سىز مىنى ئۈزىڭىز مۇراتقا بەردىڭىز، مەن ئەمدى مۇراتنىڭ بولدۇم، مەن كەتمەيمەن، بىز بۈگۈنلا توي خېتى ئالماقچى، سىزگىمۇ مەندىن ياخشى قىز ئۇچىرايدۇ-دىدى خانتۆرەم.
    -ھو بۇزۇق.....توختى خانتۆرەمگە قۇلىنى چۆرىدى.
    -ئۇنداق دىمە ئاداش، خانتۆرەم مىنىڭ ھالال نىكاھلاپ ئالغان خۇتۇنۇم، مەن خانتۆرەمنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن، سەن قەدىرىگە يەتمىدىڭ ئەمەسمۇ-مۇرات توختىنىڭ قۇلىنى ئامبۇردەك قوللىرى بىلەن تۇتتى.
    -كىلىنىمنى بەر.......
    -كەچۈرسىلە، مەن ئەمدى سىلىنىڭ كىلىنلىرى ئەمەس، مىنى باشقىچە ئايالى دەپ ئويلىسىلىمۇ مەيلى، پىشانىمىزگە شۇنداق پۈتىلىپتىكەن-مەن ئەمدى مۇرات بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ياشايمەن....
    -ھو....دەييۈز......
    شۇ كۈنى مۇرات بىلەن خانتۆرەم توي خېتى ئالدى.
    خانتۆرەم بىر يىلدىن كىيىن مۇراتقا بىر ئۇغۇل تۇغۇپ بەردى.
    خانتۆرەمنىڭ نەزىرىدە مۇرات ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىرى ئىدى. تۇرمۇش ئۇ زىددىيەتكە تولغان، ئۇنىڭدا خۇشاللىقمۇ، قايغۇ ئەلەممۇ، بەخىتمۇ، كۈلپەتمۇ بۇلىدۇ، سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ، خانتۆرەمنىڭ بۇ ئەر ئەڭ ئاخىرقى ئىرىمۇ ياكى ئەمەسمۇ بۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئادەمنىڭ ھايات سەپىرى ئۇڭۇشلۇق بۇلىۋەرمەيدۇ-دە........

                              ئاپتۇر:قاراقاش ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىدىن




    ھالقىلىق سۆزلەر : ھىكايە


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    تۇدىمەمەت سەئىدى تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 18:02 17-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 14:05 02-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار