• ئاشىنا(ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:24-03-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    قۇياش گويا تاغ ئۈستىدىكى بۈك-باراقسان قارىغايلىقلار ئارىسىدىن بىرەر نەرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك ئورمانلىق ئىچىگە چۆكمەكتە .ئۇزۇنىغا كە

    ئاشنا

    (ھېكايە)

    پەرھات جەمشىت

        قۇياش گويا تاغ ئۈستىدىكى بۈك-باراقسان قارىغايلىقلار ئارىسىدىن بىرەر نەرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك ئورمانلىق ئىچىگە چۆكمەكتە .ئۇزۇنىغا كەتكەن بۇ جىلغىنىڭ غەرىب تەرىپى گويا چوغدەك قىزىرىشقا باشلىدى،تار كوچىلاردا بىردىنلا ئۇششاق بالىلار كۆپەيدى ئۇلارنىڭ "ئاق تاش-كۆك تاش دەريا بويىدا سۈزۈك تاش،ئوينايدىغان بالىلار بارمۇ"دەپ سۈرەن –چۇقان سېلىشلىرى جىلغىنى بىر ئالدى .
    كەچلىك ئىسمىناغا كېتىۋاتقان،ئىشتىن چۈشۈپ ئېغىر دەملىرىنى ئاران سۆرىشىپ ئۆيلىرىگە يول ئالغان ئىشچىلارنىڭ قالپىقىغا ئورنىتىلغان چىراغلار ئۇلارنىڭ يولىنى خىرە يورۇتاتتى،يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى درەخلەرنىڭ قارىداپ كەتكەن شاخلىرى ئىزغىرىن شامالدا ئاستا مىدىرلايتى ،تاملىرى قارىداپ كەتكەن ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرىدىن غۇۋا چىراق يورۇقى كۆرۈنەتتە .تالىيجان بىلەن ئالىم مەھەللە ئىچىگە كىرىپ كەلدى ئۇلار ماگازىندىن بىر نەچچە بوتۇلكا ھاراق بىلەن ئازراق زاكوسكىنى نىسىيگە  ئالغاندىن كېيىن بويتاقلار ياتىقى تەرەپكە يول ئالدى. ئىككىيلەن ياتاققا كەلگەندىن كېيىن كىيىم-كېچەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىشقا تەمشەلدى .تۇيۇقسىز ئىشىك يىنىك چېكىلدى تالىيجان ئىشىكنى ئاچتى.
    -ھە ئىشتىن چۈشتۈڭلارمۇ دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر نەچچەيلەن ياتاققا يۇپۇرۇلۇپ كىردى.سالام سائەتتىن كېيىن سۆز باشلىدى نىياز كېكەچ.
    _ئا..ئاخشام جې...جېق ...كې...كېتىپتۇ.مە...مەن بۈ...بۈگۈن ئىش...ئىشقا با..بارالمىدىم...ئا..ئاغىنىلەر...شۇ...شۇنۇڭ...بى...بىلەن ئو...ئورنۇمدىن ...تۇ..  .
    تۇرۇپلا ئا...ئازراق ...قې...قېقىۋېلىپ ...ئۇخ...ئۇخلاپ قاپتىمەن ...
    -سەن كېكەچكە ئىشقا بېرىش خۇش ياقماپتۇ دە؟دىدى تالىيجان ھەممە پاراققىدە كۈلۈشتى.
    -نە...نەدىكى گەپ...گەپنى قى...قىلىسەن ؟
    -ئۇنداق بولسا ئەتىگەندىمۇ ھاراق ئىچەمدۇ؟دىدى تالىيجان چاقچاق ئارىلاش.
    _ھا...ھاراق ئى...ئىچسەڭ ،سە...سەھەر ئىچ .بو ...بولمىسا زە...زەھەر دى...دىگەن گە...گەپنى بى...بىلمەمسەن؟
    -بىزنىڭ نىياز كېكەچ ئالامەت گەپچى جۇمۇ قىلىۋاتقان گېپىگە قارىمامدىغان ئالىمنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ ياقتاقتا كۈلكە-چاقچاق كۆتۈرۈلدى.
    -ئەتىگەن مېنىڭمۇ بېشىم چىقىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىپ كەتتى شۇنداق بولسىمۇ ئىشقا باردىم قۇدۇق ئاستىغا چۈشۈپ بىخەتەر جايدىن بىرنى تېپىپ بىرەر سائەتچە ئوخلىۋالدىم ،ماۋۇ تالىيجان ئۇيغاتمىغان بولسا-زە،چۈشكىچە ئۇخلىۋالغان بولاتتىم.
    _بىرەر سائەت دەيدۇ تېخى سەن ئاز بولغاندىمۇ 2-3سائەتچە ئۇخلىۋالدىڭ مەن ئۆزۈم يالغۇز پىدەي يېنىدا ئىشلىدىم .بىر چاغدا بەنجاڭ كېلىپ سېنى سورىغاندى مەن تەرەتكە كەتتى دەپ ئالداپ قويدۇم ئۇنىڭ كېتىشىگىلا بېرىپ سېنى  ئۇيغاتتىم.
    -بو...بولدى ...ئۇ ،ئۇ ...گەپلەرنى قىلىشمايلى ئى...ئىچەيلى ...ھا...ھاراقمۇ تە...تەييار ،تې...تېخى ،زا...زاكوسكىلارمۇ با...بار نىياز كېكەچ شۇنداق دىگەن پېتى قولىدىكى  سومكىنى ئۈستەلگە قويدى.
    -بىزمۇ ئەكىرىپ قويغاندۇق ،نېمە ئاۋارە بولىسەن دىدى ئالىم.
    -ئۇمۇ ئازلىق قىلمايدۇ ،ئەتە دەم ئالىمىز تاڭ ئاتقۇچە ئىچمەمدۇق.شۇنداق قىلايلى دىيىشتى ھەممەبىردەك.
    بارچە ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرىق ياتاقنىڭ دېرىزىسىدىن غۇۋا يۇرۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى،ھاراق رومكىلىرى قولدىن قولغا ئۆتۈشمەكتە.ئالىم بىر تەرەپتىن يۇمۇر سۆزلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ھاراق قۇياتتى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ تېلىفونى سايراپ كەتتى ، كەلگەن نومۇرغا بىر قاراپلا  ئۇنىڭ يۈرەكلىرى يايراپ كەتتە :
    -كەچۈرۈڭلار  مەن سىرتقا چىقىپ تېلىفون ئېلىۋالاي ،ھاراقنى باشقا بىرىڭلار قۇيۇپ تۇرۇڭلار دىدى ئالىم كۆپچىلىككە .
    -ئېلىۋەرمەمسەن بۇيەردە يات ئادەم بولمىغاندىن كېيىن دىدى قۇربان ئالىمغا.
    -شۇنداق بولسۇن مەن سىرتقا چىقىپ كېرەي خاپا بولماڭلار دىگىنىچە سىرتقا يول ئالدى ئالىم.
    -بولدى قىلىڭلار ئۇ خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دىگىنىچە تالىيجان بوتۇلكىنى قولىغا ئالدى.
    -ھە تومۇچۇقۇم بۇ كېچىدە تېلىفون قىلىپ قاپسەنغۇ ؟قانداق ئەھۋالىڭ مېنى سېغىنغان ئوخشىمامسەن؟
    -سېغىنمىسام تېلىفون قىلاتتىممۇ ؟نېمە ئالمايسىز بېسىۋەتتىڭىزغۇ يا باشقا بىرى بارمىدى ياتاقتا نازلىنىپ سۆزلەيتى قارشى تەرەپ.
    -كىم بولىدۇ دەيسەن ،مەن سەندىن باشقىسىنى ياخشى كۆرمەيمەن .
    -ئەمىسە تامققا كەلمىگىنىڭگە  ئۇزۇن بولدىغۇ؟تېلىفون قىلسام بىر دەم ئېتىك بىردەم پۇل تۆلىمىدى دەيدۇ شۇ ھالەتكە چۈشۈپ قالدىڭمۇ؟
    -ھە بۇ كېچىدە تېلىفون قىلىپ قاپسەنغۇ؟سېغىنىپ قىلدىم بولماپتۇمۇ؟
    -ناھيىتى ياخشى بوپتۇ ،راستىنى ئېيتقاندا مەنمۇ سېنى بەكلا سېغىندىم .
    -سېغىنغان بولساڭ كەلمەمسەن !
    -يولدۇشۇڭ يوق ئوخشىمامدۇ؟
    -يۇرتقا كەتتى .
    -قاچان بۈگۈن ئەتىگەن ،شۇڭلاشقا ساڭا تېلىفون قىلغاندىم بىراق تېلىفونۇڭ ئېلىنمىدى.
    -قۇدۇق ئاستىدا تېلىفون ئىشلىمەيدۇ ،ئىتىۋېتىپ ياتاققا تاشلاپ قويغاندىم.
    -كېلەمسەن ؟
    -بولىدۇ.
    -ھە قانداق تاماق يەيسەن ئېتىپ قوياي.
    -تاماق يىمەيمەن سېنى يىسەملا بولىدۇ ؟
    -قېلىننىڭ دەۋاتقىنىنى قارىمامدىغان.ئەمىسە ساقلايمەن .ھە راست ھاراىنى كۆپ ئىچىۋالما يەنە ئۆيكەن نۆۋەتتىكىدەك ئىش بولمىسۇن ،بوللامدۇ ؟
    -بولمامدىغان ئالىم خېلى ئۇزۇندىن كېيىن قايتىپ كىردى ھەممە بىردەك .
    -يا ئاللا ئالىمجان تېلىفونۇڭنىڭ توكى تۈگەپ كەتكىچە سۆزلىشىدىكەنسەن،نىمانداق تۈگىمەيدىغان پاراڭ ئۇ؟دىيىشتى بىر ئېغىزدىن.
    -ئالىمجان يېقىندىن بېرى سەتەڭدىن بىرىنى تېپىۋالدى قارىغاندا شۇنۇڭدىن تېلىفون كەلگەن گەپ دىدى تالىيجان كۈلۈپ تۇرۇپ.
    -راستما ئالىمجان شۇنداق بىرىنى تېپىۋالدىڭما؟دىدى قۇربان چاقچاق ئارىلاش.
    -ياقەي نەدىكىنى ئۇنداق ئىش بولسۇن دىدى ئالىم سەل خىجالەت بولغان قىياپەتتە.
    -ئەمىسە تۇرۇپ –تۇرۇپلا يوقاپ كېتىسەنغۇ؟
    -بىر يۇرتلۇقۇمنىڭ ئۆيىگە باردىم شۇ دىدى ئالىم ئۆزىنى ئاقلاپ.
    -كىمۇ ئۇ بىر يۇتلۇقۇڭ ؟دىدى قۇربان ئالىمغا تىكىلىپ تۇرۇپ.
    -ھېلىقى سۇلايمان دىگەن ئەبگاھ بولمامدۇ دىدى تالىيجان چاقچاق ئارىلاش.
    -تازا ئوبدان يەرنى تېپىپسەن ئالىم ئاداش،ئۇنىڭ ھېلىقى ئايالى دىگەن موشۇ كانغا داڭقى كەتكەن بۇزۇق ،بۇندىن كېيىن بارما ئۇنىڭ ئۆيىگە يەنە سېنىمۇ ئۆگىتىۋالمىسۇن ئۇ دىدى تۇرسۇن ئالىمغا.
    -ياقەي باشقا ۋاقىتلاردا بارمىدىم سۇلايمان چاقىرغاندى ئامال يوق بىر نەچچە قېتىم باردىم شۇ دىدى ئالىم قىزىرىپ تۇرۇپ.
    -ھەر ھالدا ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى تارتقىنىڭ تۈزۈك دىيىشتى باشقىلارمۇ بىر ئېغىزدىن.
    - بولدى-بولدى بۇ توغۇرلۇق ئارتۇقچە سۆز قىلىشمايلى، ئالىم شۇنداق دىگىنىچە ئورنىغا كېلىپ ئولتۇردى،رومكىلار قايتىدىن ئىشقا چۈشتى...
    تۈن نىسبىي بىلەن ھەممە مەست بولۇشتى بەزىلەر ئولتۇرغان ئورنىدا يەنە بەزىلەر كارىۋاتقا يانپاشلىغان پېتى ئۇيقۇغا كېتىشتى. ئالىم قۇربان بىلەن مەمەتنى ئۇزۇتۇپ قويش ئۈچۈن سىرتقا چىقتى ، ئۇلار بىلەن خۇشلاشقاندىن كېيىن يۇقۇرى مەھەللە تەرەپكە يول ئالدى.
    گومباڭشىتىپ ئۇرۇلغان دەرۋازىدىن پۈتۈن مەھەللە ئەنسىزلىككە چۆمۈپ ئىتلار قاۋاشقا باشلىدى.ھەممە ئۆينىڭ چىراقلىرى ئۆچۈك پەقەت موشۇ ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن غۇۋا چىراق نۇرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.بىر ھازادىن كېيىن كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىغان پېتى قورۇغا چىققان پەرىدە :
    -كىم دىدى تۆۋەن ئاۋازدا.
    -مەن ئاچە ئىشىكىڭنى .
    -نىمانداق قاتتىق ئۇرۇسەن قوشنىلار ئاڭلاپ قالمامدۇ؟دىدى ئايال سەل خاپا بولغان ھالدا.
    -ئەمىسە نىمىشقا ئىشىكنى ئاچمايسەن ؟ئىشىكىڭنى ئۇرۇۋاتقىلى خېلى بولدى ،يا باشقا بىرىنى ئەكىرىۋالدىڭمۇ؟دىدى دەلدەڭشىپ تۇرۇپ ئالىم.
    دەرۋازا ئېچىلدى ئۇ ئالدىدىكى قوش قاپاق،بۇغداي ئۆڭ،قوي كۆز،ئايالغا ئېسىلدى ۋە ئۇنىڭ تال چىۋىقتەك بەللىرىنى ئوشتۇۋەتكىلى تاسلا قالدى.
    -ساراڭ موشۇنداقمۇ مەست بولۇپ كەتكەن بارمۇ؟دىگەچ دەرۋازىنى ئەتتى ئايال  ۋە ئۇنى يۆلىگەن پېتى ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى....
    مېھمانخانا ئۆيدىكى ئۈستەلگە ئاغزى ئېچىلغان بىر بوتۇلكا ھاراق بىلەن بىر لېگەن پىشۇرۇلغان گۆش ۋە بىر نەچچە خىل قورۇما ئىككى تال چوكا ،ئىككى دانە پىيالە قويۇلغاندى .بۇلارنى كۆرگەن ئالىمنىڭ كۈندەشلىكى تۇتتى بولغاي.
    -سەنزە باشقا بىرىنى باشلاپ كەپسەندە،دىدى ئايالغا ئالىيىپ تۇرۇپ.
    -ھەي ساراڭ مەن كىمنى ئەكىرگىدەكمەن ،ئەگەر شۇنداق قىلىش نىيىتىم بولغان بولسا ساڭا تېلىفون قىلاتتىممۇ؟شەھلا كۆزلىرى  بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ.
    -ئەمىسە ھاراقنى كىم بىلەن ئىچتىڭ.
    -سېنى ساقلاپ كەلمىگەندىن كېيىن ئۆزۈم يالغۇز ئىچتىم، تېلىفوننى نىمىشقا ئالمايسەن؟
    -ئاڭلىماپتىمەن.
    -ھاراقنى كۆپ ئىچىۋالما دىگەندىمغۇ مەن.
    -جىق ئىچمىدىم .
    -ئەمىسە مەست بولۇپ كېتىپسەنغۇ ؟
    -كىم مەستكەن ،مەنما؟ مېنى مەست دىگەن ئادەم ئاخماق مەن يەنە بىر بوتۇلكا ئىچەلەيمەن .
    -ئىچىشنىغۇ ئىچىسەن مەست بولغاندىن كېيىن پۇشۇلداپ ئۇخلاشتىن باشقىنى بىلمەيسەن ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ .
    -بۈگۈن ئۇنداق بولمايدۇ سېنى ئوبدان بىر رازى قىلىپ قويمىسام قانداق بولىدۇ؟.
    -قېلىننىڭ دەۋتقان گېپىنى قارىمامدىغان.ئۈستەلدىكىلەرنى ياتاق ئۆيگە ئەكىرەيمۇ ؟
    -ئىختىيارىڭ .ئايال ھەش-پەش دىگۈچە ئۈستەلدىكىلەرنى ياتاق ئۆيگە يۆتكىدى،ۋە شورپىنى ئىسسىتىپ بىر پىيالىگە ئۇسۇپ ئالىمنىڭ ئالدىغا قويدى.ئۇ شورپىدىن بىر ئوتلام ئىچتى ھەم ئايال توغراپ قويغان گۆشتىن بىر پارچىنى ئاغزىغا سالغاندى كېيىن ئىككى پىيالىگە تولدۇرۇپ قۇيۇپ بىرنى ئايالغا ئۇزارتتى.ئايال ئالىم بىلەن پىيالىنى سوقۇشتۇرغاندىن كېيىن بىرلا كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتتى ئالىم يېرىمىنى يەرگە تۆكۈپ دىگۈدەك ئارانلا ئىچەلىدى ئۇنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلۇشقا باشلىدى ئايال ئۇنى ئەيىبلىگەچ يەنە بىر پىيالە ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنى يۆلەپ كارىۋاتقا ئېلىپ كىيملىرىنى يەشكەندىن كېيىن ئۆزىمۇ يالىڭاچلىنىپ ئۇنىڭ يېنىغا كىردى .ئالىم شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى ئايال ھەر خىل ئاماللار بىلەن ئۇنى ئۇيغۇتۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ بىراق ئۇ يەنىلا چالا بۇغۇزلانغان چوشقىدەك خورەك تارتىشقا باشلىدى .پەرىدە ئاستا ئورنىدىن تۇردى-دە،پىيالىگە تولدۇرۇپ قۇيۇپ بىرنى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن دۇتتارنى قولىغا ئېلىپ ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى.
    كەلسەڭ ئەگەر بۈگۈن كەل يايرىم،
    تاڭنا كەلسەڭ بۇ چىرايىم يوق .
    -كىم سەن، بۇزۇق كانايدەك ۋارقىراۋاتقان ؟چىقە ياتىقىمدىن ،قانداق گەپ بۇ ئادەمنى ئۇخلىغىلى قويماي.دىگەن ئاۋازدىن كېيىن ئايالنىڭ يۈرەكلىرى يايراپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا تاشلاندى.
    -ئۇيغاندىڭىزمۇ جېنىم.
    -كىم سېنىڭ جېنىڭ كەن؟چىقە ياتىقىمدىن.
    -ھوييەي !ئالىمجان نىمە دەيدىغانسىز سىز ھازىر ياتقىڭىزدا ئەمسەس بەلكى مېنىڭ ئۆيۈمدە ،ئازراق ئىچىڭ دىسەم گېپىمنى ئاڭلىماي مەست بولۇپ كەپسىز،مانا ھالىڭىز شۇ قىلغان ئىشىڭىزنىڭ تاينى يوق ،پۇشۇلداپ ئۇخلاشتىن باشقىنى بىلمەيسىز .بولۇڭە جېنىم ئادەمنى تەلمۈرۈتمەي قېنى دىگىنىچە ئۇنىڭ قوينىغا كىرىپ كەتتى...
    -ھوي لاتا كارغا كەلمەيدىغان ئۆيۈمگە ئۇخلىغىلى كەلگەنما؟ يارىماس.
    -نېمە دەيدۇ ماۋۇ پاسكىنا .
    -كىمىڭنى تىللاۋاتىسەن ھەي لاتا.
    -سېنى تىللىماي كىمنى تىللايتتىم.
    -ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە بولمىسا كۆرگۈلۈكىڭنى كۆرسىتىمەن،تۈگىمەس بالادا قالماي دىسەڭ يوقال كۆزۈمدىن لاتا غىلاپ-ياغاچ پىچاق .
    -ھېلى بېكا جېنىڭنى ئالماي قانجۇق .
    -كىمنىڭ جېنىنى ئالىسەن ھەي خۇمسى؟.
    -نىمە دەيدۇ ماۋۇ بۇزۇق ھېلى بكار جېنىڭنى ئالىمەن دىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى ئۇ.
    -مانا بۇ پىچاقنى ئالە !نوچى بولساڭ جېنىمنى ئېلىپ باقە ھوي. تۇز كور ھارىمى.
    -مانا ئەمىسە دىگىنىچە  قولىدىكى پىچاقنى ئېلىپ ئۇنىڭغا شىلتىدى .
    -ۋويجان ،بۇ نىمە قىلغىنىڭىز جېنىم ؟ئايال شۇنداق دىگىنىچە ئاستا يېقىلدە .ئالىم سەل  ئېسىگە كەلگەندەك بولدى-دە،ئۇنى يۆلىدى. ئۇنىڭ كۆكسىدىن قان چىقىۋاتاتتى .  ئايال بىر نىمىلەرنى دەپ ئىڭىرىماقتا ئىدى.قۇرققىنىدىن ئۇنىڭ مەستلىكى يېشىلىپ كەتكەندەك بولدى-دە،  ھەي كۆڭۈل!ساراڭ كۆڭۈل،تويە ئاشىنىغا ،مەن نېمگ قىلىپ قويدۇم ؟دەپ پىچىرلىغىنان پېتى ئۆيدىن چىقىپ تاغ تەرەپكە  يول ئالدى.... 
     




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    پەرھات جەمشىت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 12:02 20-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 23:05 05-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار