گۈل ۋە شەبنەم
(نەســــىرلەر)
ئىلھام مۇھەممەت
يالغۇزلۇق
يالغۇزلۇق ۋاقتنىڭ تەنھالىق سۈيى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئاشىقلىقتۇر.
ئۇنىڭ ھېكمەت شاماللىرى مېنى سېيپاپ ئۆتكەندە، تەپەككۇر تۇيغۇلىرىم لەرزىگە كېلىپ، ھايات سەپىرىمدىكى يىتۈك دانىشمەنگە ئايلىنىمەن.
ئۇنىڭ مىسكىن سايىلىرى مېنى سۆيۈپ ئۆتكەندە، روھىيەت قاخشاللىقى قەلبىمدە قاقاخلاپ، جۇدۇنلۇق باياۋانىدىكى تەنھا قۇشقا ئايلىنىمەن.
ئۇنىڭ مەيۈسلۈك پىنھانلىقى ماڭا سوزۇلغاندا، قەلب ياشلىرىم ئۈمىدلىرىمنى كېشەنلەپ، غەمكىنلىك دولقۇنلىرىغا چېلىشىپ ياتىمەن.
ئۇنىڭ ئاشىقلىق تېنىقلىرى مېنى پەپىلەپ سۆيگەندە، تومۇرۇمدا لاۋالار ئۆركەشلەپ، بىر قارام تەنھا پىدائىيغا ئۆزگىرىمەن، ھەيھات ...
ھەي يالغۇزلۇق! ... مەن دوستمەن، سەن ماڭا ھەمراھسەن ... توغرىسى: مەن ساڭا ئاشىق، سەن ماڭا مەشۇقسەن! ئىككىمىز مۇقەددەس روھ بىلەن ئاجىز تەننىڭ ئېرىتمىسى ...
كۆك يانتاق كەبى خىيالىم،
تىكىنىمدە مەۋجۇتلۇق ھەمدە
ئىقبالنى تېرەپ،
ئۆتەر پىنھان ھاياتىم.
مېنى ئەسلەش ــــ
يىراقلاردا، چەكسىز يىراقتا.
مېنى سىغىنىش ــــ
ھېچ ۋاقىتتا ئەمەس پىراقتا.
شۇڭلاشقىمۇ شۇنداق ئويلايمەن:
ئىھ، مېنىڭكى خىلۋەت ھاياتىم
پىنھان كۆكلەپ، پىنھان چېچەكلەپ،
ھاياتلىققا يارىشىپ تەنھا،
سېڭىپ كېتەر نۇرلۇق ئۇپۇققا ...
بۇزۇلغان قىرغاق
ئاھ ... يەنىلا سېنىڭ ۋەيرانە تۇرقۇڭدىن ئېچىنىمەن. نىمىشقا سېنى باغرىغا بېسىپ مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن يىلتىزلاردىن يالتايدىڭ؟!
شۇ تاپتا، ئاسىيلىق قاپلىغان خىياللىرىڭدىن سادىق ھېمايىچىلىرىڭ پىغان چەكمەكتە. سەن بولساڭ تىنىمسىز دولقۇنلار زەربىسىدىن دېرەكسىز ئۇپرىماقتىسەن.
ئۇلۇغۋار ئىنتىزارلىق
كۆزلىرىڭنىڭ كىرپىك قاقماس مىنۇتلىرىدىن يىگانىلىقتا چەكسىز شۈبھىلىكسەن!
غەمكىن كۆزلىرىڭ قادالغان مۇقەددەس مەۋھۇم توچكا مەسۇم خىياللىرىڭ تىلسىمىدىن تەدرىجى يۇلتۇزغا، ئايغا ھاتتا قۇياشقا ئايلىنىدۇ. پەقەتلا شۇ چاغدا، مەڭزىڭنى بويلاپ تۇيدۇرماي يوچۇنلا سىرغىۋاتقان پىنھان ياشلىرىڭ توپلىمىدىن بىر «ئۇلۇغ كۆلەڭگە»نىڭ تەبەسسۇمىنى بايقايسەن - دە، تولىمۇ بەختلىكسەن! ...
پاكلىق توزانلىرى
ـــــــ نىمىشقا خىلۋەت ئارا نۇرلىرىڭدىن چاچقانسەن؟ ... ئەشۇ نۇرلىرىڭنىڭ پىنھانلىق ئىچرە قەدىرسىز قىلىشىدىن قورۇقمامسەن؟ ...
ـــــــ ياق، ئۇ جايمۇ مېنىڭ مۇھەببىتىمگە تەشنا.
ـــــــ ئۇنداقتا، ئۇ جايغا كۆرسەتكەن ھېممىتىڭنىڭ ھەققى ئۈچۈن نىمە كۈتىسەن؟
ـــــــ پەقەتلا شۇ خىلۋەتنى يورۇتقان نۇرۇمنىڭ بەدىلىگە ئۇ جاينىڭ بىغۇبارلىقىنى كۆرۈپ تۇرساملا بەختىيارمەن...
ئەلۋىدا
«ئەلۋىدا» ... پەقەت ئىچىمدىلا غۇربەت باسقان تىلىم بىلەن شۇنداق دېيەلەيمەن. ئەمما، سېنى ئۇزۇتۇشقا قادىر ئەمەسمەن.
پەقەت، قانداقتۇر سېنىڭ دىدارىڭنى كۆزلىرىمدىن ئۈچۈرۈشكە تىرىشىمەنۇ، تۈن - تۈنلەپ چۈشلىرىمدىكى لاتاپىتىڭدىن مەھرۇم قىلىشقا قادىر ئەمەسمەن ...
بىراق، سەن بۇنى بايقىدىڭمۇ؟! ...
مەن بولسام، ئامالسىز خۇرسىنىپلا ساڭا «ئەلۋىدا» دەيمەن.
سەن باھار ئىزدەپ
سەن باھار ئىزدەپ ھەريانغا قاترىدىڭ. مۇساپىلىرىڭ ئايازنىڭ شەپەسى مۇتلەق سادىر بولمايدىغان ماكان ۋە زامانلاردىمۇ ئۆز ئىزنالىرىنى قالدۇردى. پەقەت، ئەقىل كارۋانلىرىڭ تۇترۇقسىز خىيال پەرەسلىكىڭدىن غالىپ كېلىپ، ۋۇجۇت ناخشاڭغا كۈي قاتقاندىلا، باھارنىڭ قەلب قاتلاملىرىڭدىن كۈلۈمسىرەپ مارىشىدىن چۆچۈپ ئويغاندىڭ...
سەن ۋە مەن ئىككىمىز
سېنىڭ مەقسىتىڭ ماڭا ئېرىشىش؛ مېنىڭ مەقسىتىممۇ ساڭا ئېرىشىش. ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ئورتاقلىق دۈشمەنلىك! ...
لەززەتسىز سۆيۈش
سۆيۈشلىرىڭنىڭ قايسى مۇقاملارغىچە يەتكەنلىكىنى زىنھار ھېس قىلالمايمەن. ئەمما، سېنىڭ سۆيۈشلىرىڭنى ئاجىزلىق بىلەن روھلىرىمنىڭ سۇنۇقلىرى ئارقىلىقلا قۇتلۇقلايمەن. سەنچۇ؟ ... سەن، نەپسىڭ ئۈچۈن ئەسەبىيلىكتە مەرتىۋىلىكسەن ...
مېنىڭ ناخشام
سېنىڭ ناخشاڭنى ئېيىتقۇم يوق. سېنىڭ ناخشاڭ چىمەنلەر ھۆسنىگە تاج بولغان لاۋۇلداق شەبنەملەردە مىسلىسىز چايقالسىمۇ مەيلى. ئۇنى بوغۇنلار ھەر خىل خۇشپۇراق چېچەكلەردىن ئاۋايلاپ تېرىپ يۈرگەن بولسىمۇ ھەتتا! ... مەن يەنىلا ئۆز ناخشامنى توۋلايمان. چۈنكى مېنىڭ ناخشام ئۆز ئەركىدە چۆل باياۋانلارغىمۇ، قىش - زىمىستانلارغىمۇ ئاشىق. ئۇ ئۆز ئاشىقىنىڭ ئۆتمۈشىدىن بىخلانغان، بۈگۈن شاخلاندى، ئەتە يۇمران ياپراقلىرى بىلەن قۇياشنى مېھمانغا چىللايدۇ ...
ئىھ، مېنىڭ ناخشام !!! ...
غەمكىنلىك
سېنىڭ كۈلۈشلىرىڭمۇ پىنھان، يىغلاشلىرىڭمۇ ھەم ...
كېچىلىرى تولۇنئاي خىيالچان نىگاھلىرىڭغا چۆمۈلۈۋېلىشقا مۇيەسسەر بولغىنىدىن شادلىناريۇ، ئەپسۇسكى، گاھىدا مۇڭلانغىنىڭنى كۆرۈپ، بۇلاتنى دالدا قىلىپ ياش تۆكىنىنى بىلمەيسەن.
ئىجادكار
ئەجەپمۇ توپىلاڭغا مىلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىپسەن بالام! پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن توپىلارنى تۈرتۈپ، بۇدرۇق قوللىرىڭ بىلەن پاكلانغان زېمىنىڭغا نىمىلەرنىدۇر سىزىپ كېتىپسەن.
ئۇ سىزغانلىرىڭ نىمىدۇر؟ ...
توغرا، سىزغانلىرىڭ سېنىڭ شادلىقىڭ، ئەركىڭ، كەلگۈسىڭ. شۇنداقلا، سەن كېلىچەكتە ياراتماقچى بولغان بۈيۈك ۋە يېڭى دۇنيا ...
گۈل ۋە شەبنەم
گۈل بەرگىنى سۆيۈش بەدىلىگە تۈنلەرنى ھېرىسمەنلىك ئىلكىدە ئۆتكۈزىۋاتقان شەبنەم نەقەدەر بەختىيارـ ھە! ...
كەلگىن ئامرىقىم، ئەنە شەپەق قىزىرىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. قۇياشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تارتىنچاق نۇرلىرى بىزگە ھېسسىياتچان نىگاھلىرىنى ئاغدۇرۇشتىن ئىلگىرى بىز بۇ گۈلشەننى سەيلى قىلايلى.
قارا ! ئەشۇ گۈل بەرگىلىرىدە تۈنەپ، زۇمرەتتەك قامىشىپ تۇرغان شەبنەملەرگە. مۇشۇ دەملەردە، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا تەڭداشسىز مېھىر - مۇھەببەت ۋە پاكلىكتىن باشقا ھېچ نەرسە غالىپ ئەمەس. شۇڭا، گۈل ئۇنىڭغا ئۆز زىبالىقى ۋە پۈتمەس - تۈگۈمەس مېھرىبانلىقىدىن مۇقەددەس ئورۇن بەرگەن؛ ئۆزىنىڭ مۇبارەك گۈزەل رۇخسارىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن كەڭرى قىلغان.
قارا ئامرىقىم، قۇياش تال - تال نۇرلىرىنى چۇڭقۇر سۆيۈنۈش ئىچرە شەبنەم باغرىدا تاۋلىماقتا. ئەممە شۇ تاپتا، گۈل بەرگىدىكى شەبنەم ئاستا - ئاستا يوشۇرۇن مەۋھۇملاشماقتا. ئۇ، قايسى ئۇلۇغلۇقنىڭ كارامىتىدىن نەلەرگىدۇر غايىپ بولغاندۇ؟
بىراق، مۇڭلانما ئامرىقىم، ھەممىسى ماڭا ئايان. ئەشۇ، پاكلىق ۋە چىنلىقنىڭ يۈكسەك ئىززىتىگە سازاۋەر بولغان شەبنەم، ساداقەت شەرىپىگە شۇدەمدە، ئۆز ئاشىقىنىڭ كۆيدۈرگۈچى قۇياش نۇرىدا سۇلماسلىقى، سۆيگۈ يۈكسەكلىكىدە تولغان گۈزەللىكنىڭ ۋاقىتسىز خاراپ بولماسلىقى ئۈچۈن گۈلنىڭ تومۇر - تومۇرلىرىدا ۋاپادارلىق تۇيغۇسىدا بەختىيار ئاقماقتا، گۈلگە كۈچ ۋە قۇۋۋەت بەرمەكتە ...
يۈر ئامرىقىم، بىز بۇ گۈلشەندىن گۈزەللىك ۋە سۆيگۈ ھەقىقىتى ئۈچۈن چەكسىز ئىمكان قازايلى!...
بىر دەستە گۈل
پاھ ... تولىمۇ سېخىيلىق بىلەن خۇشپۇراق چاچقان، تەڭداشسىز ھۆسىنگە مۇيەسسەر بولغان بىر دەستە گۈل... سەن ئۆز قەدىر - قىممىتىڭ بىرلە زىننەتلەر مەرىكىسىنىڭ سۇلتانىسەن. پاھ ... ئەشۇ زىبالىقىڭغا مەپتۇنمەن سېنىڭ!
شۇنىڭغا ئىقرارمەنكى، سەندىكى مۇقەددەس گۈزەللىك بىز ئۈچۈن تىلسىمدۇر ھامان. ۋاقىتلار قۇتلۇقلىقىدا شۇنى كۆردۈمكى، ساڭا شەيدا بولغانلار بارلىقىڭغا ئېيتىشار تەھسىن، سېنى ئاشىقلىق قىبلىسى بىلىپ. ئۇلار ساڭا قاراپ، قاراپ تويمايتتى، خۇش ھېدىڭنى پۇراپ، ھېدلاپ قانمايتتى، مەڭگۈلۈك مەھبۇبى بولۇشۇڭنى تىلەپ. ئىھ، بىر دەستە گۈل، سەن مېنىڭ بارلىقىم، سەن بىزنىڭ بارلىقىمىز. سەن بىلەن بىز ئامان، سەنسىز دىللاردا ھەسرەتۇ - پىغان! ...
|


|