• سەدىقە(مىكرو ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:25-02-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 227 قېتىم   ئىنكاس: 4 پارچە
    يانۋار ئايلىرىنىڭ بىرى كېچىدىن ياغقان قار تېخىچىلا يېغىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندى.ئالىم كىرلىشىپ كەتكەن يوتقىنىدىن قىيمىغاندەك سوز

    يانۋار ئايلىرىنىڭ بىرى كېچىدىن ياغقان قار تېخىچىلا يېغىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندى.ئالىم كىرلىشىپ كەتكەن يوتقىنىدىن قىيمىغاندەك سوزۇلۇپ چىققىنىچە مەش تەرەپكە يېقىنلاشتى مەشنىڭ ئوتى ئاللا بۇرۇن ئۆچۈپ قالغاندى.ئۇ يۈز-كۆزلىرىنى يۇغاندىن كېيىن چايداندىكى سويۇپ قالغان قايناقسۇندىن پىيالىگە قۇيغاندىن كېيىن .شىرە ئۈستىدىكى قېتىپ تاشتەك بولۇپ قالغان ناننى مىڭ بىر مۈشكۈلاتتا پارچىلىغاندى ئازراقىنى سۇغا چىلاپ يۇمشاتتى-دە،قۇرسىقىنى ئازدۇر -كۆپتۇر ئەستەرلىۋالغاندىن كېيىن سىرتقا قاراپ يول ئالدى...
    ئۇ خۇددى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ ھېچ بىر خىزمەت تاپالمىدى كەچمۇ كىرىپ قالدى،قانداق قېلىش كېرەك؟ئۇنىڭ خىيال كەپتەرلىرى پەرۋاز قىلماقتا...

    تۇيۇقسىز ئۇ بىر تاللا بازىرىغا خادىم قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۆرۈپ قالدى-دە،،تەلىيىنى سىنىپ بېقىش ئۈچۈن تاللا بازىرىغا كىرىدى خوجايىن ئۇنۇڭ تەققى -تۇرقى پۈتتۈرگەن مەكتىپى قاتارلىقلارنى تەپسېلى سرۈشتۈرگەندىن كېيىن .
      -سىز دىپلوم،كىملىك قاتارلىق ئىسپاتلىرىڭىزنى نۇسخىلاپ كېرىڭ دىدى  ئۇنۇڭغا .ئالىم خۇشاللىقىدىن سىرتقا قاراپ چاپتى ئۇيان -بۇيان قاتىراپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۇ بىر نۇسخلاشى ئورىنىنىغا كىرىپ يېنىدىكى تەۋەرۈك پۇللىرىنىڭ ھەممىسىگە ئارانلا بىر پارچىدىن نۇسخىلاتقاندىن كېيىن ئۇنى خوجايىنغا تاپشۇرۇپ ۋە يولىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ غېربخانىسى تەرەپكە يول ئالدى. ئۇ ئاچلىق،سوغۇق دەستىدىن غال-غال تىتىرەشكە باشلىدى ۋە يانجۇقىدىكى تاماكا قېپىدا قالغان ئىككى تال تاماكىسىدىن بىرنى ئېلىپ ئەمدىلا تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇشىغا تۇيۇقسىز بىر قول ئۇ تەرەپكە ئۇزارتىلدى.ئالىم قول تەرەپكە نەزىرىنى خۇش ياقمىغان قىياپەتتە ئاغدۇردى ئۇدۇلىدا بالداق تايىنىۋالغان 40ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان يۈزلىرى سوغۇق دەستىدىن خۇددى قۇرۇتقان قىزىل مۇچتەك بولۇپ كەتكەن جۇل-جۇل كېىيمى ئىچىدىكى بەدەنلىرى تىتىرەۋاتقان بىرى غەمكىن كۆزلىرىنى ئۈزمەي ئۇنۇڭغا تەشنالىق بىلەن قول تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى ئۇنىڭ قولى تىتىرەيتتى .
    ئالىم ئىختىيارسىز يانجۇقىغا قول سالدى بىراق ھەممە يانجۇقىنى ئاختۇرغان بولسىمۇ سەدىقە بەرگۈدەك بىرنەرسە چىقمىدى ئۇ دەرھاللا پۇللىرىنىڭ ھەممىسى بايتاىن نۇسخلاشقا ئارانلا يەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى-دە.
    __كەچۈرۈڭ پۇل سالماپتىمەن دىيەلىدى ئارانلا .
    __ھېچقىسى يوق بىرەر تال تاماكا بولسىمۇ بولىدۇ دىدى جاۋابەن تىترەپ تۇرۇپ تىللەمچى.
    __مانا دىگىنىچە ئاخىرقى بىر تال تاماكىسىنى قېپى بىلەنلا تىللەمچىگە ئۇزارتتى ئالىم.
    __رەھمەت! تىللەمچى ئۇنۇڭ قولىدىن ئالغان تاماكىغا سوغۇقتىن تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئوت تۇتاشتۇرغىنىچە كېتىپ قالدى.
    (مەنبە ئۆزۈم)
     




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    پەرھات جەمشىت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 12:02 20-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 23:05 05-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار