• رىسىق (ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:08-04-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 1 قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    رىسىق (ھېكايە) تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار بۈگۈن كېچە نېمىشقىدۇر ئىمامنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان ئىدى.ئۇ كېچىنىڭ بۇنداق ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى ب

     

    رىسىق
     
    (ھېكايە)
     
    تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار
     
     بۈگۈن كېچە نېمىشقىدۇر ئىمامنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان ئىدى.ئۇ كېچىنىڭ بۇنداق ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدى.بولمىسا ئۇ كېچە-كېچىلەپ جاينامازدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ خەتمە ئوقۇغانلىرىدىمۇ بۇنچىلىك بىئارام بولۇپ كەتمەيتتى.ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچقانلىقى پۇت-قوللىر ىنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس ئاغرىۋاتقانلىقىدىن، چېكىسىنىڭ بوش لۇقۇلداۋاتقا نلىقىدىن ئەمەس، ئۇنىڭ كۆڭلىدە، مېڭىسىنىڭ بىر يەرلىرىدە توختىماي كېزىۋاتقان نېمىدۇر بىر نېمە بار.ئۇ قېلىن يوتقان ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆرۈلدى، كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ ئاقۇش كۆرۈنۈپ تۇرغان دەرىزىگە قارىدى.دەرىزىنىڭ كىرلىشىپ كەتكەن ئەينەكلىرىدىن ئاسماننىڭ بىر يەرلىرىدە يۇلتۇزلار جىمىرلاۋاتقاندەك كۆرۈندى.ئېھتىمال تېخى يېرىم كېچىمۇ بولمىغاندۇ، بولمىسا ئاۋۇ بىر كۈنى نېرىقى مەھەللىدىكى بىر تۇلخۇتۇن ئېلىپ كەلگەن ئورۇق خوراز ئاخشام دان سېلىپ بېرىش ئۇنتۇلۇپ قالغىنى ئۈچۈن بۇ چاققىچە نەچچە قېتىم چىللاپ بولغان بولاتتى.ئۆزى ئۇرۇق بولغىنى بىلەن زۇۋانى ئۇنىڭغا خۇددى ئۆزىدىن ئىماملىق تالىشىپ قوسىقىدا چوت سوقۇپ يۈرگەندەكلا كۆرۈنىدىغان بويى پاكار، سېمىز مەزىننىڭ زۇۋانىدىنمۇ ئۈنلۈك كاساپەتنىڭ. ئىمام بىئاراملىق ئىچىدە خىيال سۈرەتتى؛ «ھەر شۇ يۇۋاش خوتۇن بۇ ئالەمنى قويۇپ بېرىپ بالدۇرلا كېتىۋالدى-دە، بولمىسا، بۇچاققىچە خورازنى توپتەك سەمرىتىپ، ئاللىقاچان بىھى بىلەن قوشۇپ پولۇغا باسقان بولاتتى».بىھى باسقان پولو يادىغا كېلىش بىلەن ئىمانىڭ بۇرنى قىچىشىپ، قوسىقى ئاچقاندەك بولۇپ، يەنە بىر ئۆرۈلدى ۋە خيالىنى داۋاملاشتۇردى؛«مۇشۇ جامائەتمۇ مۇشۇ كۈنلەردە تازا بىر قىسما بولىۋالدى، بىرەرسىمۇ ھەپتە-ھەپتىلەپ نەزىرگە قازان ئاسمايدۇ، تويغا چاقىرمايدۇ.ئىلگىرى كۈندە دېگۈدەك نەزىر-چىراقلار ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى، مىيىتى نامازلىرىدا «ئاق ئاش»لار ئېتىلىپ تۇراتتى.بۇنداق چاغلاردا ئۇ داستىخاننىڭ تۆرى ھىساپلىنىدىغان «ئوڭ پۇت»قا چىقىپ قېلىن كۆرپىدە راھەت ئولتۇرۇپ، سېمىز گۆش بېسىلغان ياغلىق پولونى بەھوزۇر ئوڭچە يىسە، ھېلىقى پاكار سېمىز مەزىن ئۇنىڭ تاۋىقىغا قاراپ كۆزلىرى ئوغرى مۈشۈكنىڭكىدەك پاقىراپ كېتەتتى.مىيىتى نامىزىدىن يانغاندا مىيىت ئىگىسى يىپ-يېڭى پۇلدىن بىر-ئىككىنى قاتلاپ ئىمامنىڭ قولىغا سىقىمدىتىپ قويسا، يەنە شۇ پاكار سېمىز مەزىندىن باشقا ھېچكىم سەزمەيتتى...ئۇھ، توۋا شۇ بىچارە كەمپىرنىڭ قەدرى ھەجەپ ئۆتۈلدى. ئۆمىرىدە بىرەر بالا تۇغۇش نېسىپ بولمىغىنى ئۈچۈن پات-پات ئىمامدىن زاقا يەپ، دەشنام ئىشىتىپ، كۆزلىرىدىن ياش قۇرىمىسىمۇ، يەنىلا خۇداغا شۈكرى قىلىپ، ئىمانىڭ بەش ۋاخ تەرىتىگە بەش قېتىم سۇ ئىسسىتىپ، ماۋۇ رودىپاي چاپلىشىۋالغاندەك زىڭىلداپ ئاغرىپ، قىشمۇ-ياز توڭۇپلا تۇرىدىغان قاداق پۇتلىر ىنى سولىشىپ قالغان بولسىمۇ ئىسسىقى كەتمىگەن كۆكسىلىرى ئارىسىغا ئېلىپ كېچە-كېچىلەپ ئىسسىتاتتى.بالا تۇغالىمىغانلىقى ياكى ئېرى بىلەن ئەپ ئۆتەلمىگەنلىكى...دېگەندەك قانداقتۇر بىر ھاجەتلەر بىلەن دەم سالدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن خېىلا چىرايلىق ياش چوكانلارنى ئىچكىرى ئۆيگە ئەكىرىپ دەم سېلىپ، سۈپكۈچلەپ ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى مۇجۇپ دېمىدە قىلىپ بېرىۋاتقاندىمۇ، ئىشىكنى ھىم يېپىپ قويۇپ، ھويلىدا ئولتۇرۇپ غىڭ قىلماي ياماق يامايتتى. ئىماممۇ مۇشۇ شور پىشانە قەدىناسى بۇ ئالەمدىن كەتكىچە يۇرت جامائىتىنىڭ ئالدىدا، مېھراپتا تۇرۇپ ئۆزىگە ئۇلۇغ خۇدا، كەرەملىك ئاللاھتىن تالاي قېتىم پەرزەنت ئاتا قىلىشنى تىلىدى.لېكىن تەقدىر قېرىشقاندەك مۇشۇ ئىمامغا كەلگەندە بېخىللىق قىلدى.ئىمام بەزىدە ھەسرەت بىلەن ئويلاپ كېتەتتى؛ «ئاۋۇ پاكار سېمىز مەزىنگە توققۇزدىن ئاشۇرۇپ ئون پەرزەنت بەرگەن كارامىتىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۇققۇزىنى تەل قىلىپ، مەندەك يۇرت جامائىتى، مۆمىن بەندىلىرىڭ ئالدىدا كۈندە بەش ۋاخ ئۆزەڭگە تىز چۆكۈپ قۇللۇق قىلىۋاتقان ئاجىز بەندەڭگە بىرنى بېرىشتىن ئايانمىساڭ بولمامدۇ، ئەي ئۇلۇغ خۇدا!؟...».موماي ئۆلۈپ كەتتى، بەللىرى مۈكچىيىپ، ساقاللىرى ئۇچتەڭ ئاقارغان قەدىناسىنىڭ بۇ يۇرۇق ئالەمدە تىكەندەك يالغۇز قالغانلىقىغا چىدىمىغاندەك كۆزلىرى ئوچۇق كەتتى، ئمام نەچچە قېتىم رازىلىق بېرىپ، پاتىھە ئوقۇپ قاپاقلىرىنى ئۇۋىلىسىمۇ كۆزلىرى يۇمۇلماي كەتتى، بىچارە.موماي كەتتى، ئەمدى ئۇنىڭ پۇتلىرى ھەمىيشە سوغۇق، بەللىرى تېلىپ ئاغرىدۇ، پەرزەنت كۆرۈش ئۈمىدىدىنمۇ ۋازكەچتى، لېكىن ئىمامنىڭ خۇدا نىسىپ قىلسا ياشراق تۇلخۇتۇنلاردىن بىرەرىگە ئۆيلىنىۋېلىش خىيالىمۇ يوق ئەمەس ئىدى.بەر بىر تىرىك جاننىڭ يالغۇز ئۆتىشى مۇسۇلماندارچىلىقتىمۇ دۇرۇست بولمايدۇ-دە...



    ھالقىلىق سۆزلەر : رىسىق)ھېكايە)


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار