• قەلبىمدە بىر ئاۋاز... (نەسرى مۇۋەششەھ)

    يوللانغان ۋاقتى:08-04-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 2 قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
    چىن مۇھەببەتنى قەدىرلەش... ھەتتا ئۇ ساڭا مەڭگۈلۈك ھىجراننى ھەدىيە قىلسىمۇ...

    قەلبىمدە بىر ئاۋاز...

     

    (نەسرى مۇۋەششەھ)

                                              پاتىگۈل نىياز

    مەن يەنە ئۆزۈمگە چۆكتۈم. قەغەزدەك شىۋىرلاپ تۇرغان يۈرەك تىۋىشىمنى تىڭشىدىم. سېغىنىشنىڭ ئاچچىق دەملىرىدە سەن ئاشۇ مەغرۇر قامىتىڭ بىلەن نازۇكلىقىمغا سايە تاشلاپ، يېشىل تۇيغۇڭ بىلەن قاغجىراپ كەتكەن روھىمغا توپاندەك باستۇرۇپ كەلگىنىڭدە ئۇسسۇزلۇقتىن يېگىلەپ قالغان مايسىدەك ئاجىز بۇ تېنىم دەھشەتلىك دولقۇنلىرىڭدا غەرق بولۇپ، ۋىسال شەربىتىڭگە لەۋ ياقماي تۇرۇپلا مەست بولغان ئىدى... شۇ دەمدە خۇشاللىق، تېڭىرقاش بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بىر تەرىزدە ئويلىنىپ قالدىم. چۈنكى مەن شۇنچە يىل زارىقىپ ئېرىشەلمىگەن، تالاي كۈتۈشلەرگە سىڭىپ كەتكەن ۋىسال پەرىسىنىڭ شۇنداق جىمجىتلا، شەپىسىز كەلگەن مۇبارەك قەدىمىدىن گۇمانلىنىشقا ھەقلىق ئىدىم. ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىققان بىر نىدا بىلەن ــ ئاھ تەڭرى! سەندىن ئۆتۈنەي مېنى بىر ئۆمۈر ۋىسالسىز قالدۇرساڭمۇ مەيلى، ئۆزۈمگە، پەقەت ئۆزۈمگىلا تەۋە بولغان كۈتۈشلەرنى بەرگىن!!!... ــ دەپ چىرايلىق ئاۋازىمنى چەكسىزلىككە چېچىۋەتتىم

    ئەزىزىم، مەن سېنى سېغىنغان، سېنى كۈتكەن ھەر دەقىقىلىرىمنىمۇ مېھرىم بىلەن سۆيۈپ كەلدىم. گەرچە، كۈتۈشلىرىم كەچكۈز غازاڭلىرىدەك سارغىيىپ ئاياقلىرىڭدا پايە بولسىمۇ، مەن سېنى بىر ئۆمۈر كۈتۈشكە رازىمەنكى، كۈتۈشلىرىمگە چەك قويغان ئەمەسمەن! بەلكىم ھەممىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى مۇدھىش ئۆلۈملا مېنىڭ كۈتۈشلىرىمگە خاتىمە بېرەلىشى مۇمكىن. مەن ھەر سەھەردە قۇياش تەۋەللۇتىدىكى ئۇپۇق رەڭگىدەك قىزىللىق بىلەن كۈتۈشلىرىمنى يېڭىلايمەن... تىنىمسىز يېڭىلىنىپ، قەلبىمنى گۈزەل ئىستەكلەرگە تولدۇرۇپ كەلگەن سۆيۈشلىرىم بىلەن مەڭگۈلۈك ھىجرانلىرىڭنىمۇ بىر ئۆمۈر سۆيۈپ ئۆتىمەن!... ـــ دەپ ئەھدى قىلدىم... ئۆزۈمگە.

    نەرگىس گۈللىرىنىڭ ۋاقىتسىز توزىغان قات-قات بەرگىلىرى شاماللارغا ئەگىشىپ يىراق-يىراقلارغا كېتىپ قالدى. مەن ئاشۇ چىرايلىق گۈللەرنىڭ سۇلغان بەرگىلىرىگە قانچىلىك قىيالماي قالغان بولسام، يەنە بىر گۈل پەسلىمنىڭ ئاشۇ گۈلدەك چېكى يوق كۈتۈشلەردە سۇلۇپ كەتكىنىدىن مەيۈسلەندىم. لېكىن زارلىنىشقا ھەقلىق ئەمەس ئىدىم. چۈنكى قەلب قەسىرىمگە بىر ئۆزۈڭ شاھ ئىدىڭ. شۇنداق ئىكەن ئۆزۈمنى قانداقمۇ ئىنكار قالاي...

    يىراق ئوكيانلاردىن باھار ئىزدەپ كەلگەن قارلىغاچلار... ئۆيۈمدىن ئۆي سورىدى، بەردىم. دان سورىدى، بەردىم. باچكىلىرى ئۇچۇرما بولۇش ئالدىدا باراڭلىرىمنى خالىغانچە قونداق قىلدى... ئەپسۇس باچكىلار ئالدىراپ ئۇچماقچى بولۇپ ئۇچالمىدى... چۇرۇقلاپ ماڭا ئۈمىد بىلەن باققاندىكى ئىلتىجالىرى جاۋابسىز قالدى. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئۇچۇشىغا ياردەم بېرەلمەيتتىم... ئەپسۇس، باچكىلار شۇ تاپتا مېنىڭ ئۆزلىرىدىنمۇ نەچچە ھەسسە بىچارە ئىكەنلىكىمنى بىلمەيتتى... چۈنكى مەن ئاللىقاچان سېنىڭ روھىيەت قەپىزىڭدىكى قانىتى بوغۇچلانغان قۇش ئىدىم... قانىتىم تۇرۇپ ئۇچالمايتتىم... پەقەت سەن قالدۇرغان مۇھەببەتنىڭ ۋىسالسىز بوشلۇقىدا كۈتۈش بىلەن كۈننى ئايغا، ئاينى يىلغا ئۇلاپ زارىقىشنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا چۆكەتتىم... چۆكۈش ئىچىدە يەنە ئۈزۈمگە كېلەتتىم. ئۆزۈم ئىچىدە يەنە ئۆزۈمنى سۆيەتتىم چۈنكى، مېنىڭ تۇرغان-پۈتكىنىم پۈتۈنلەي سېنىڭ قورشاۋىڭغا چۈشۈپ بولغانىدى. خۇددى مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ ھەر دەقىقىسىنى سەنسىز تەسەۋۋۇر قىلالمىغىنىمدەك...

    ئەڭ چوڭقۇر ئازابلىرىمغا رەڭ بېرىپ، سەن قالدۇرغان ئەستىلىكلەرنى ئەسلىگىنىمدە قەلب قاراڭغۇلىقىمغا نۇر چېچىپ تۇرغان سېيمايىڭنى ئىپتىخار بىلەن ئەسكە ئالىمەن... ئېسىڭدىمىكىن سەن ھەردەم ماڭا: «گەپ قىلىڭ، سىز ئاۋۋال سۆزلەڭ...» دەيتتىڭ مېھرىڭ بىلەن قۇلاقلىرىمغا شىۋىرلاپ. ئەمدى بىلسەم، مەن خۇددى كىچىك بالىلاردەك رومانتىك غايىلىرىمنى، گۈزەل ئارمانلىرىمنى توختىماي سۆزلەپ ئارامىڭنى قويمىساممۇ، قىلچە بىزار بولماستىن، ئاشۇ بىغۇبارلىقىمدىنمۇ ئۆزگىچە تەم ۋە مەنالارنى ھېس قىلغان ئىكەنسەن. مانا ئەمدى قەلب قەسىرىمدە سەن قالدۇرغان بوشلۇق رەھىمسىزلىك بىلەن مېنى قىيناپ كەلمەكتە. كىمگە، نېمە دەيمەن؟! ساڭا دېگەنلەرنى دېيەلەمتىم ئۆزگىلەرگە!... بىلسەڭ جېنىم، خۇشلۇقۇممۇ سەن، ئازابلىرىممۇ سەن ئىدىڭ... سەن ماڭا كۈلكە بېرىپلا قالماي، يىغا ئىچىدىنمۇ كۈلكە ئىزدەشنى، ئاچچىق ھىجراننىڭ چەكسىزلىكىدىن ئۇلۇغ بىر مۇھەببەتنىڭ مېۋە بېرىدىغانلىقىنى تونۇتقان ئىدىڭ. چۈنكى مەن ئاشۇ چېكى يوق كۈتۈشنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ئازابىنى؛ سۆيگۈنىڭ تولىمۇ شېرىنلىكىنى؛ سېغىنىشلىق دەملەرنىڭ ئىنسانغا قىممەتلىك پىكىر ئاتا قىلىپ، تەپەككۇر سەھىرىگە باشلايدىغانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدىم. مەن يەنە سۆيگۈمىز چەكسىزلىككە يېيىلىپ، ھىجران چۆلىدە توغراقتەك يىلتىز تارتقاندا؛ يۇلغۇنلار قىزىرىپ ھالرەڭ ئۇپۇق بىلەن سۆيۈشكەن شۇنداق بىر دەملەردە ۋىسال پەرىسى بىزنى ئارمانسىز قالدۇرمايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئۆز-ئۆزۈمگە بىر تاتلىق ئۈمىدلەرنى بېرەتتىم...

    نۇرۇز گۈلىنىڭ بەرگىدە يالتىرىغان شەبنەم نەينىڭ مۇڭلۇق كۈيىدە ياش تۆكەر ئىدى... مەن مىسالى شەبنەمدەكلا بىر قەترە، سەن بولساڭ بىر ئېقىن ئىدىڭ. شىددەتلىك ئېقىنىڭدا يوق بولۇپ كەتتىم، شۇندىلا مەن ھايات ئىدىم... قەلب قەسىرەمدە سەن گويا، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان يېگانە چىنار ئىدىڭ. كۆك بىلەن بوي تالاشقان چىنارلار ئاشۇ مەردانىلىقى بىلەن ئىنسانغا جەسۇرلۇق ئاتا قىلغىنىدەك سېنىڭ ھەردەم ئۆزۈڭنى دوئىلغا چىللاپ تۇرىدىغان رەھىمسىز خاراكتېرىڭمۇ ماڭا جەسۇرلۇقنىڭ يېڭى بىر قىسسىلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى. سەن تامامى ئازابتىن پۈتكەن قەلب قاتىلى ئىدىڭ. بۇ قاتىللىقىڭ ئالدىدا ئەسلى تەبىئىتىڭدىكى چىن ئىنسانىيلىقىڭمۇ ھېچنېمە ئەمەس ئىدى...شۇڭىمۇ سەن ھەر سەھەردە سۈترەڭ تاڭنى مېھرىڭ بىلەن ئوقۇپ چىققىنىڭدا؛ ۋۇجۇدىڭدىن چاراقلاپ تۆكۈلگەن سۆز ئۈنچىلىرىڭ بىلەن ئالتۇندەك مىسرالارنى پۈتكىنىڭدە؛ قەلبىڭنى شۇررىدە ئېرىتىپ ئۆتكەن مۇھەببىتىڭنى شۇنچە رەھىمسىزلىك بىلەن ئىنكار قىلاتتىڭ... لېكىن سەن قەلبىڭدىكى مەڭگۈ بىر گۈزەل باشلىنىش بولۇپ، سېنى ھەردەم تاتلىق ئىلھاملىرى بىلەن چىرايلىق لېرىكىلىرىغا بەند قىلىپ تۇرغان مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى ئىنكار قىلالمايتتىڭ...

    ئىجاد-مېھنەتنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا بىلىشنىڭ چەكسىزلىكىدە ماگمىدەك ئېرىپ كېتىۋاتقان جىسمىڭ، باھادىرلارغا خاس شىجائەتكە تولغان ئىدى. مېنىڭ نەزىرىمدە سەن گويا، پۈتمۈشىڭدىن تەقدىرنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىگە قۇچاق ئېچىپ كەلگەن تالاي كەچمىشلىرىڭگىچە تامامى ئازاب بىلەن ئېچىتىلغان لىققىدە بىر جام شاراب ئىدىڭ... سەن ھەردەم ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭگە ئاشۇ ئاچچىق شارابدەك مۇھەببەت بىلەن سۇنغىنىڭدا، روھىيەت ئۆتەڭلىرىدە ئۆزلۈكنىڭ چوڭقۇرلىقىغا چۆكۈپ كەتكەن ئۆزۈڭنى يېڭى بىر تۇغۇم بىلەن ئايان قىلاتتىڭ. روھىڭ ھەر لەھزە سىلكىنگىنىدە ئىچىڭدىن پارتلاپ چىققان ئۆزۈڭنى يېڭى بىر ئارمان، يېڭى بىر بۈگۈن بىلەن قۇراشتۇرۇپ چىقاتتىڭ... ئەپسۇس سەن ئۆزۈڭنى يەنىلا سۆيگۈ ئوتىدا تاۋلىماي تۇرۇپ قانائەت تاپالمىغىنىڭدەك مەنمۇ ھەم سېنىڭ ئاشۇ روھىيەت سەپەرلىرىڭگە سىرداش بولۇپ كېتىۋاتقان ئۆزۈمنى ئىنكار قىلالمايتتىم. شۇ تاپتا سەن ھەدىيە قىلغان ھىجرانلىرىڭدا بېغىمدىكى يېشىل چىمەنلەر قۇرۇپ، رەڭدار گۈللەر سۇلدى... لېكىن سەن يېشىل روھىڭ بىلەن قەلب خانەمدە چۆل توغراقلىرىدەك ياشىرىپ، ئەڭ پىنھان قاراڭغۇلىقىمغا نۇر بېرىپ كەلدىڭ...

    لالىزار بېغىمدا ئەسلىمىلەر قوينىدىن سېنى ئىزدەپ يۈرگەن ئۆزۈمگە يۆلەنگىنىمچە، خىيالىمدىكى سەن بىلەن يەنە سىرداشتىم. ئالدىمدىكى ئاپئاق قەغەز مەۋجۇدلۇققا زار بولماقتا، ئاستا قولۇمغا قەلەم ئالدىم... بەلكىم شاماللارغا كۈي قوشۇپ سېنى ئىزدەپ كېتىپ قالغان يۈرەك سۆزلىرىمنىڭ ئىزھارلىرى تەقەززا قىلىۋاتسا كېرەك. بىلەمسەن جېنىم، گۈل تۈۋىدە ئۇخلاپ قالغان ئايدىڭ كېچىدە شۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە؛ بىز قىپقىزىل نۇرغا چۆمۈلگەن دەريا ساھىلىدا ئۇپۇققا قاراپ يانمۇ يان تۇرغۇدەكمىز. سەن ماڭا: «مەن سۇغا ئامراق، سۇ بولۇپ يىراق-يىراقلارغا ئېقىپ بارسام، گۈللەرنىمۇ، چۆللەرنىمۇ سۇغا قاندۇرسام قانداق ياخشى بولاتتى-ھە!... »، ـــ دېگۈدەكسەن مېھرىڭ بىلەن قولۇمنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ: مەنمۇ ساڭا: «ئۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىڭ بولغان چاڭقىغان تۇپراق بولۇپ سېنى بارلىقىم بىلەن سۆيەتتىم... شۇ چاغدىلا سۆيگۈڭگە قانغان بولاتتىم... » دەپتىمەن قىزىرىپ تۇرۇپ، لېكىن شۇ دەمدە قولۇم بوشلۇقتا ئېسىلىپ قالدى، سېنى قايتا كۆرەلمىدىم، سەن ئاللىقاچان غايىب بولغان ئىدىڭ... مەن بارچە ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ سېنى توۋلاپ ئويغىنىپ كەتتىم... سېنى يەنە يوقۇتۇپ قويۇپ چۈش كۆرۈپتىمەن... كۆڭلۈم ئەسكى بولۇپ، يىغىدىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتىۋالدىم ۋە بۇ بىر چۈشقۇ!؟... دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بەرگەن بولساممۇ، چۈشلىرىمدىكى مۇھەببەتنىڭ يېنىك پىچىرلاشلىرى مېنى خېلى كۈنلەرگىچە ئارامىمدا قويماي، سېزىملىرىمنى پارا-پارە قىلىپ چۇۋۇپ، كاردىن چىقارماقتا ئىدى.

    ئازابلىرىم چېكىگە يەتتىمۇ بىلمەيمەن. كېچىنىڭ گۈزەل قاراڭغۇلىقىنى بۇزۇپ يەنە چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشلىرىمدە؛ نۇر بولۇپ باھار ئىزدەپ يۈرگەن ئۆزۈم بىلەن، رېئاللىقنىڭ قات-قاتلىرىدا سىقىلغان ئۆزۈم ئاخىرى ئۇچراشتى...شۇندىلا مەن يېنىك تىندىم... گەرچە دولقۇننىڭ قىرغاقنى سۆيۈشى قانچىلىق مېھىرلىك بولسا، دولقۇننىڭ ئاشۇ قىرغاقنى مەڭگۈلۈك ھىجرانغا مۇپتىلا قىلىپ، تاشلاپ كېتىشىمۇ شۇنچىلىك رەھىمسىز بولغىنىدەك مەن سېنىڭ سۆيگۈڭنى دولقۇنغا، ئۆزۈمنى قىرغاققا ئوخشىتىپ قېلىشتىن قورقۇپ تۇرساممۇ، بىزگە سۇ بىلەن تۇپراقتەك سىڭىشلىك چىن سۆيگۈ نېسىپ بولمىغان ئىكەن. يەنىلا دولقۇن بىلەن قىرغاقنىڭ سۆيگۈسىدەك تەلۋە بىر سۆيگۈڭگە ئەسىر بولدۇم. سەن ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قىرغاق بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھىجرانلىرىڭدىن پۈتكەن ھېكمەتلىرىمنى قۇرۇق ئېقىنىمنىڭ بويلىرىغا ئۇرۇق قىلىپ چاچالىسام، ئەقىدەمدىن يىلتىز تارتقان يۇلغۇنلار قىزارغاندا، ئۇپۇق بىلەن رەڭلىشىپ قىزىل كەچمىشلەرنى، ھالرەڭ چۈشلەرنى، يېشىل ئۈمىدلەرنى ئايان قىلالىسا ئەجەب ئەمەس...

    سارغايغان يوپۇرماقنىڭ مەڭزىنى سۆيۈپ قانمىغان شەبنەم تۇپراق باغرىغا ئۈنسىز سىڭىپ كەتتى... دېرىزە ئالدىدا قانچە ئۇزاق تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن... دېرىزەم قىيا ئوچۇق، قاچانلاردۇر بىر چاغدا سەن ئېچىۋەتكەنچە تۇرىدۇ... يېپىۋېتەي دەيمەن-يۇ، لېكىن قولۇم بارمايدۇ. بەلكىم سېنىڭ بىر كۈنلەردە دېرىزەمنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىپ كىچىككىنە ئۆيۈمگە لىققىدە باھارنى باشلاپ كېلىشىڭنى كۈتسەم كېرەك... ئالتۇنرەڭ كۈز يەنە كەلدى. ئىشىكىمنىڭ يوچۇقلىرىدىن قىسىلىپ كىرىۋاتقان سېرىق رەڭ ماڭا ئېغىر سۇئاللارنى قويماقتا...قەلب بېغىمدىكى ھىجران دەرىخىنىڭ بەرگىلىرىمۇ سارغىيىپ بىر تال، بىر تالدىن لەيلەپ چۈشمەكتە... «كۈز ئاخىرلىشىپ قىش كىرگىنىدەك، قىشنىڭ قەدىمى باھارغا تۇتاش... باھار يەنە كېلىدۇ!...» دەيتتىم ـــ، ئىچىمگە پاتماي قالغان بىر ھارغىنلىق بىلەن تەكرار-تەكرار...

    ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن مۇشەققەتلىك كەچمىشلەرنىڭ، ھەسرەتلىك قان-ياشلارنىڭ تۈگىنى بولۇپ كەلگەن مۇھەببەتنىڭ سىرلىق بوسۇغىسى ئالدىمدا تۇرۇپتىمەن. شۇ دەمدە گۈلدەك سەھەرنىڭ مەيىن تاڭ شامىلى مېنى سەگىتمەكتە، ئىچىڭ بىلەن تېشىڭ چېگراسىدىكى سىرلىق بوسۇغاڭ قىزىللىق ئىچىدە جىلۋە قىلىپ مېنى ئۆزىگە تارتماقتا... ئۆزلۈكۈمنى ئەقىل ئەلگەكلىرىمدە تاسقاپ رەھىمسىز تاللاشنىڭ، ئاچچىق قىيانلىرىدا سۇ بولۇپ ئېقىۋاتقىنىمدا ئاسىي روھىم ئاللىقاچان توپانىڭدا يۇيۇنۇپ، ۋىسال دەملىرىڭگە زار بولۇپ سىرلىق بوسۇغاڭدىن ئاتلاپ غالىب روھىڭغا ئەسىر بولغان ئىدى... شۇ تاپتا مەن مۇھەببەتنىڭ ھېچقانداق بىر سەۋەب كەتمەيدىغان چۈشىنىش، ھېچقانداق بىر ئەقلى كۈچ بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ھېس قىلىش بىلەن ئۈنسىز بېغىشلاشنىڭ يۇغۇرۇلمىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكىنىمدە ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدىم...

    نۇر بولۇپ قەلبلەرنى يورۇتۇپ كەلگەن مۇھەببەت، قات-قات تراگېدىيەلىرى بىلەن ئەڭ گۈزەل قىسسىلەرگە خۇرۇچ بولۇپ ئىنسان روھىنى تاۋلاپ كەلگىنىدەك، قەدىم-قەدىمدە ئاشىق-مەشۇقلار ئۆلۈپ كەتكەنىكەن. زوھرامۇ، لەيلىمۇ شۇ كۆيۈك بىلەن كۈل بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئەقىدىسىدىن قايتمىغان، شۇڭىمۇ ئۇلارنىڭ سەپەرلىرىدىن ئۆلمەس قىممەتلەر قىسسە بولۇپ پۈتۈلگەن ئىكەن. بالىلىقىمدا مومام ئېيتقان تالاي ئاشىقلار قىسسىلىرى سىڭىپ كەتكەن قەلب ئېتىزىمدا ئەقىدە ئۇرۇقلىرى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىدى. تەقدىر قاچان سېنى ماڭا يولۇقتۇردى؟! شۇندىن بۇيان سېنىڭ يېشىل روھىڭدا پاكىز ئەقىدەمگە خۇرۇچ بولغان قىزىل يىلتىزىم باراقسان نوتىلارنى چىقارماقتا ئىدى. مانا مەن سېنىڭ جەزىرەڭدە، سېنىڭ بارخانلىرىڭدا، سېنىڭ سەپەرلىرىڭدە سېنى ئىزدەپ سەرسان ئىدىم... سېنىڭ تالاي كېچىكلىرىڭنى كەچتىم... سېھىرلىك بۇلاقلىرىڭدا سەگىدىم. ھېلىھەم كېتىۋاتىمەن... ئۇپۇق بىلەن گىرەلەشكەن غۇۋا بىر مەنزىل مېنى چاقىرماقتا... كېتىۋاتىمەن... ھەر قەدەملىرىمدە سەن قالدۇرغان ئاچچىق-ئاچچىق ھىجران شارابلىرىڭ بىلەن چاڭقاشلىرىمنى قاندۇرۇپ كېتىۋاتىمەن. ماڭغانچە سەپەرلىرىم ئۇزىراپ بارماقتا. ئۇزۇن-ئۇزۇن چېكى يوق بۇ سەپەرلەردىن؛ تەنھالىقىمنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئىسكەنجىگە ئالغان ھىجران تىۋىشلىرىدىن سېنىڭ ماڭا مەڭگۈلۈك ھىجراننى ھەدىيە قىلغانلىقىڭ ئايان بولماقتا... خۇددى لەيلىنىڭ، زوھرانىڭ قىسمىتىدەك بىر ۋىسالسىز جۇدالىق سوغۇق جىلۋە قىلماقتا...

    ئىچىمدە ئۇلۇغ بىر كۆيۈش مېنى كۆيدۈرمەكتە، گاھ چوغ بولۇپ، گاھ يالقۇن بولۇپ تىنىمسىز كۆيۈۋاتقان بۇ ئىنتىلىش ماڭا بىر مىنۇتمۇ ئاراملىق بەرگىنى يوق. كۆيۈپ-كۆيۈپ تاۋلىنىۋاتقان بۇ مۇھەببەت سەھەر شەپىقىگە يېزىلغان تۈگىمەس ئاشىقلار داستانى بولۇپ، قىزىللىق ئىچىدە تىنىمسىز يېڭىلىنىپ بارماقتا... شۇ دەمدە ئەڭ ئىسسىق، ئەڭ شېرىن بىر مۇھەببەت تېنىمنى مەھكەم چىرماپ ئاق يىلاندەك قىپقىزىل تىللىرىنى چىقىرىپ قېنىمنى كۈچەپ-كۈچەپ شورىماقتا... دەمدىن-دەمگە مانا بۇ ۋىسال... بىز زارىققان ۋىسال، ـــ دەيتتى يىلان ئاتەشتەك نەپەسلەر بىلەن شىۋىرلاپ.

    ساماۋىي قىسسىلەردە ئېيتىلىشىچە، يىراق زامانلار بۇرۇن ئاشىقلار جەڭگاھلاردا ئارسلاندەك نەرە تارتىپ مۇھەببەت داستانلىرىنى ئىسسىق قان بىلەن يازغان بولسا، مەشۇقلار چەكسىز كۈتۈشلىرىدىن ئۈمىدلىرىنى چېچەك ئاچقۇزۇپ ئەھدى-ۋاپادىن قىسسىلەر پۈتكەن ئىكەن. بىلسەڭ جېنىم سەندىن ئايرىلغان شۇ دەمدىن بۇيان سوغۇق ھىجراننىڭ قات-قاتلىرىدىن سېنى ئىزدىمىگەن، سېنى ئوقۇمىغان كۈنۈم يوق، چۈنكى سەن مەن ئۈچۈن تۈگىمەس بىر قامۇس ئىدىڭ. ساڭا ئاتاپ پۈتۈلگەن خاتىرەمدىكى قارا سىياھدەك بىر قارا ھىجران قەلىمىمدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ئىچىمدىكى ئىچىمنى ئوقۇماقتا، يۈرىكىمنى لەختە-لەختە قان قىلماقتا...

    ئۆزۈمنى ئاخىرى يەڭدىم... قەلبىم يېشىلمەكتە، پىكرىم ئېچىلماقتا... مەن ئاخىرى مۇھەببەتكە تەلۋىلەرچە ئېرىشمەكنى ئىستىگەن تەننىڭ ئاسىيلىقىدىن تەل-تۆكۈس ئازاد بولۇپ، مۇھەببەتنىڭ ئاشۇ سۈزۈك ــ پاكىزلىقى بىلەن روھىمغا سىڭىپ كىرىپ، قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى چۈشەندىم. مۇھەببەتنىڭ ئەسلىدە ئەڭ چوڭقۇر سېغىنىش، ئەڭ شېرىن ئازاب، ئەڭ ئۇلۇغ بىر ئىنتىلىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمەكتە ئىدىم. ماڭا شۇ يېتەرلىك ئىدى. ئۇنىڭسىزمۇ سەندىن ئېرىشكەنلىرىم بەكمۇ كۆپ ئىدى.

    يۇلتۇزۇڭ بەكمۇ نۇرلۇق ئىدى... چۈنكى، سەن ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئۆز-ئۆزۈڭنى تىنىمسىز يېڭىلاپ ئەقىدە سۈيىدە يۇيۇپ يېڭى بىر تۇغۇمدا ئايان قىلىپ كەلگەچكىمۇ، ھەر نەپەسلىرىڭدە زاھىر بولغان ئىلاھىي سۆيگۈڭنىڭ لېرىكىلىرى مېنى مەست قىلاتتى. كۆمۈش ياپراقتەك سۈزۈك قەلبىڭدە چېچەك ئاچقان يېڭى-يېڭى مىسرالىرىڭدىن مەن سېنى ئوقۇپ-ئوقۇپ ھارمايتتىم. مەن سېنىڭ زەيتۇندەك يېشىل قەلبىڭگە سىڭىپ كىرىپ، ئاق كەپتەردەك ئۈنلەپ، قىسسىلىرىمنى بايان قىلىۋاتقىنىمدا سەن يەنە گۈزەل بىر لېرىكىلارنى پۈتەر ئىدىڭ. كۈيلىرىمىز ئۈزۈلمەس بىر كۈي ئىدى. سەن كۈيلىرىڭگە زەرەپشاندىن باشلىنىپ، تارىمنىڭ ئاخىرقى تاراملىرىغىچە ئۈزۈلمەس بىر سىمپونىيەدەك سىڭەتتىڭ، ھەربىر تۈپ گىياھ، توغراق، يۇلغۇن، قامغاقلارنى سۆيەتتىڭ، تەكلىماكاننىڭ نەرە تارتىشىنى، تومۇزدىكى ئالۋۇنلارنى، زېمىستاندىكى دەريا كاچكۇللىرىنىڭ ھاياتلىق نىداسىنى، قانغۇچە سۈمۈرەتتىڭ. بىلسەڭ جېنىم، سەن بىلەن چېھرىمىز دىدار پەسلىگە يېتىپ نۇر بېرىشكەن شۇ دەملەردە سېنىڭ ئاشۇ ئۈزۈلمەس كۈيلىرىڭگە ئەسىر بولغانمەن. ئەپسۇس، سەن مېنىڭ ئۆزگىچە مەنالارغا تويۇنغان تېگى يوق چوڭقۇرلۇققا يىلتىز تارتقان روھىڭغا يانداشقىنىمنى بىلمەيتتىڭ. مەن سېنىڭ شېئىرلىرىڭدىكى قان ھەققىدىكى پەلسەپىلىرىڭدىن نۇرغۇن مەنىلەرنى ھېس قىلغان بولسام، يەنە نۇرغۇن سۇئاللارغا بوغۇلغان ئىدىم. قىزىل ھېسلىرىڭدىن، ئىسسىق تۇيغۇلىرىڭدىن مەست بولغىنىمدا سەندىن ئەمەس، يەنىلا ئۆزۈمدىن رەنجىگەن ئىدىم...

    ئىزلىرىڭنى بويلاپ كېتىۋاتىمەن. شۇنچە ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرىلا مەن روھ چۆلىدىكى بىر يېگانە ئىدىم... چاڭقاشلاردىن باغرىم چاك-چاك تىلىنسىمۇ؛ بىر تامچە سۇغا زار بولساممۇ؛ سەۋر بىلەن، چىدام بىلەن، ئۈمىد بىلەن بىر سېنىلا كۈتتۈم. ئاھ! تەڭرى ئەسلىدە مېنىڭ شۇنچە ئۇزۇن سەپەرلەردە ئىزدەپ سەرسان بولغىنىم، كۈتۈپ-كۈتۈپ زار بولغىنىم سەن ئەمەسمىدىڭ؟! مەن تەقدىرنىڭ پۈتمىشىدىن شۇنداق سۆيۈندۈمكى ئۆزۈمگە، پەقەت ئۆزۈمگىلا مەنسۇپ بولغان ئاداققى كۈتۈشلىرىمگە چوڭقۇر ئىز سالغان ھىجرانلىرىڭنى مېھرىم بىلەن سۆيدۈم... ئىزدىدىم، ئېرىشتىم ئەپسۇس يەنە ئايرىلدىم. يەنە كېتىۋاتىمەن. يەنە شۇ سەپەرلەردە... سەپەرلىرىم بەكمۇ ئۇزىراپ كەتتى... ھەر باھاردا ئاپئاق چېچەكلەرگە قارىغىنىمچە تەگسىز ئويلارغا چۆكۈمەن... «باھارىمنى بەرسەڭچۇ جېنىم! چېچەكلىرىم بىھۇدە توزۇپ كەتسە مەيلىمۇ!؟... » نىدالىرىم يەنە ئۆزۈمگە ئەكس سادا بولۇپ قايتقىنىدا غۇر-غۇر شاماللار «بولدى قىل بىچارە قىز، ئەمدى يېتەر! ھەممىنىڭ چېكى بار. قارا، ساڭا قارىغان كۆزلەرگە قارا... ساڭا ئېيتىلغان سۆزلەرگە قارا...» دېگىنىچە ئاچچىق سۇئاللارنى تاشلاپ كېتىپ قالدى...

    مەن تالاي سۇئاللارغا بوغۇلۇپ، چوڭقۇرلۇقتىن چىقالماي يۈرگەن بىر سەھەردە مۇدھىش چۈشلىرىمدىن ئويغانغاندەكلا بىر ئەندىكىش بىلەن چۆچۈپ تۇرۇپ كەتتىم-دە، قۇياشنىڭ چىقىشىنى مېھرىم بىلەن كۆزەتتىم. زېمىنغا نۇر ۋە ھارارەت بېرىپ قىيالمىغان ھالدا ئاستا-ئاستا پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ زېمىنغا قانمىغان ئاچچىق ھەسرىتىگە تېخى ئاخشاملا شاھىد بولغان بولسام، مانا شۇ تاپتا زېمىنغا بارچە مېھرى بىلەن تاتلىق تەبەسسۇم قىلىۋاتقان شۇ قۇياشنى يەنە كۆرۈۋاتىمەن. قۇياشنىڭ زېمىنغا بولغان بۇ مىننەتسىز پاك سۆيگۈسى قەلبىمدىكى يېشىلمەس تۈگۈنلەرگە خاتىمە بېرىپ مېنى ئۆزۈمگە قايتۇرماقتا... روھىم بىلەن قارشىلىشىپ كەلگەن ئۆزۈمنى رېئاللىقنىڭ تەكرار-تەكرار ئاچچىقلىرى بىلەن تولغان بۈگۈنۈمگە تاپشۇرماقتا... توزۇپ كېتىۋاتقان گۈل بەرگىلىرى گۈل پەسلىمنى بىرمۇ بىر ساناپ چىقماقتا... گۈل بېغىمنىڭ يېشىل رەڭگىدىن سۇلماس روھىڭنى، قات-قات گۈل بەرگىلىرىمنىڭ قىپقىزىل جۇلاسىدىن ئۆچمەس سۆيگۈڭنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن... بىلىپ قال جېنىم! ئاخىرقى دەملەرگىچە سېنى كۈتىمەن!...

    ئەتىگەنلىك قۇياش بىلەن تەڭ پارلىغان قەلب قۇياشىم مېنى تاتلىق بىر سەھەرگە باشلاپ كىرمەكتە... سەن بىلەن بىر كېچە سىردىشىپ تۈننى تاڭغا ئۇلاپ چىقىپتىمەن. ساڭا يازىدىغان خەتلىرىم تېخى ئەمدى باشلاندى. مەن ساڭا بۇ بىر پارچە خەتنى باشتىن–ئاخىرى ئۆزۈم ئوقۇپ بەردىم. قەلبىمدىكى بىر ئاۋاز... ئاشۇ يۇمشاق بىر ئاۋازدىن مۇھەببىتىمنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى، ساڭا بولغان تۇيغۇلىرىمنىڭ بەكمۇ سۈزۈكلۈكىنى ھېس قىلغانسەنمۇ!؟. شۇ تاپتا ئىچىمدىن ئاچچىق بىر ھەسرەت سۇغۇرۇلۇپ چىقىۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇدا بولغىنىمنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەن.

    ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان قەلبتىن قەلبكە كۆچۈپ كەلگەن مۇھەببەت ھەققىدە، ھىجرا ھەققىدە بىز تېخى نۇرغۇن نەرسىلەرنى دېيىشىمىز. ئېھتىمال بۇ ھەقتىكى قىسسىلەر ئەمدى باشلانغاندۇ. باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىشنىڭ چېكى ئىككىمىز ئارىسىدىكى بىر پارچە ھاياتقا ئوخشايدۇ. بىر قارىساڭ ئۇ ئۇپۇققا سۇزۇلغان، يەنە بىر قارىساڭ ئۇ كۆز ئالدىڭدىلا، بىر قەدەم ئالساڭلا ئاخىرلىشىش نۇقتىسىغا يېتىسەن...

    2011-يىلى 10- ئاينىڭ 2- كۈنى

     

    ئاپتور: كۇچا ناھىيە ياقا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 

     

     

     

     

     






    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    پاتىگۈل نىياز تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 12:02 05-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 19:05 01-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار