دىل بايان
تۇلپىرىم
(ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرككە تەقلىد) كىشنىسەڭ قەھرىڭ قەمەردە تۇلپىرىم، ھەيۋىتىڭ جەڭدە-سەپەردە تۇلپىرىم. يورغىغا چۈشسەڭ ئەگەردە بىر نەپەس، ئۇخلىغاي يۇلتۇز ئېگەردە تۇلپىرىم. بەيگىدە ئۇچساڭ گوياكى ئوق بولۇپ، قامىتىڭ تەققاس ھۆكەرگە تۇلپىرىم. تۇيىقىڭ تىلغايدۇ تاشنىڭ باغرىنى، دۇچ كېلىپ قالساڭ خەتەرگە تۇلپىرىم. باق ئەنە تارىخ بېتىدە لىققىدە شۆھرىتىڭ، شانۇ-زەپەردە تۇلپىرىم. دەرىخا ، پۈتمىشلىرىڭنىڭ ۋەجىمۇ، بەند بۈگۈن نوختا – كەمەرگە تۇلپىرىم. 2
ساقىيا جامىڭنى لىقلاپ تۇت ، قېنى،
جام بىلەن سۇنغان كۆڭۈلنى ئۇت ، قېنى.
بىر ئۆمۈر يۈردۈم ھېجىرنىڭ دەشتىدە،
تەلىيىم كاج ، ئىزلىرىمدا قۇت قېنى؟
رەڭگى-روھىمنىڭ ساماندىن پەرقى يوق،
ئىچ-ئىچىمنى يەيدۇ سانسىز قۇرت ، قېنى.
ۋە لېكىن ھالىمغا يارىم بېنەزەر،
پۇتلىرىمنى سۆرەيدۇ ھاڭغا جۇت، قېنى.
بىر نۆۋەت ئۈلپەت بولۇشنى خالىساڭ،
ئۇشبۇ مەيدىن بىرلا ئاپقۇر يۇت قېنى!
3
كەلمىدى ، جانۇ – جاھانىم كەلمىدى،
ھۆسنى ئاي ، ماھىي تابانىم كەلمىدى.
لەۋلىرىدىن سىرغىتىپ دۇررى- گۆھەر،
ئاھ نېتەي ، شېرىن زابانىم كەلمىدى.
ئاخشىمى ئۆركەشلىرىگە شۇڭغۇتۇپ ،
بىر يولى جاننى ئاتارىم كەلمىدى.
ئۇشبۇ دەم كىيگەنلىرىم جەندە – كۇلا،
تىلغىدى دەشتلەرنى ئاھىم ، كەلمىدى.
رەھمە قىل ، قويغىن پەقەتلا بىر ئۈپۈپ،
بارىدا بۇ تەندە جانىم ، كەلمىدى.
4
گاھ ئېگىز ، گاھ پەس ئۇچارسەن كەپتىرىم
زوق بىلەن كۆكنى قۇچارسەن كەپتىرىم.
پەرلىرىڭ تىلغانچە كۆكنىڭ باغرىنى،
خۇيلىنىپ دىلنى ئۇتارسەن كەپتىرىم.
سولىنىپ قالساڭ قەپەزگە بىر نەپەس،
مىڭ قاپاق ئەفغان يۇتارسەن كەپتىرىم.
<<خۇشلۇقۇم كۆكتە-سامادا >>دەپ ھامان،
بىر ئۇلۇغ ھېكمەت سۇنارسەن كەپتىرىم.
ھەسرىتا پەر قاقمىقىڭ ئۆتكۈنچىدۇر،
يەنە شۇ دەردكە دۇچارسەن كەپتىرىم.
5
جان نېمە كەرەشمە نازىڭ ئالدىدا،
ئۆكسىمەس باھارۇ-يازىڭ ئالدىدا.
بىر ئۆمۈر قوشماق ئۆتۈشنى ئەھدىلەپ،
ياڭرىغان بالدەك ئاۋازىڭ ئالدىدا.
مەست بولۇپ ۋەسلى-ۋىسالنىڭ بەھرىدىن،
خۇيلۇنۇپ چالغان شۇ سازىڭ ئالدىدا.
كەل قېنى ، ئۇشبۇ سەپەردە قول بېرەي،
ئەۋۋىلى –ئاخىر ھەمرازىڭ ، ئالدىدا .
6
سۈبھىدەم قەلبىمدە تاڭدەك كۆكلىدىڭ،
تاڭ نېمە ؟ ماھى تاباندەك كۆكلىدىڭ.
شەپىسىز قەسرى دىلىمنىڭ تەكتىگە،
سويلىبان مىھرى يىلاندەك ، كۆكلىدىڭ.
پالىقى سۇنغان قىيىقنىڭ ۋەزنىدە،
لەڭ ئۇرۇپ قانىمدا ، قاندەك كۆكلىدىڭ.
بىخسىغان تۇيغۇلىرىمغا ئوت يېقىپ،
چۆلدىكى ئاھۇ،قۇلاندەك ، كۆكلىدىڭ.
يىلتىزىڭ ئالغانچە چىرماپ ( ياپىرىم)،
بەرق ئۇرۇپ جانىمدا ، جاندەك كۆكلىدىڭ.
7
جىلۋىسىدە ئوتنى سالغان پوندىلەك،
ئەبەدىيلىك دىلدا قالغان پوندىلەك.
ئۇپۇقىغا يەتمەي تۇرۇپ ۋىسالنىڭ،
تەڭ يېرىمدا سۆزى يالغان پوندىلەك،
قوندۇرۇپ زاغنى قىزىلگۈل شېخىغا،
‹‹ئايرىلىش››قا ناغرا چالغان پوندىلەك.
ۋىسالىدىن شاراب سۇنۇپ بىر يۇتۇم،
ئىچەرىمدە تارتىۋالغان پوندىلەك .
قولۋىقىغا پالاق ئۇرۇپ ھېجىرنىڭ،
ھە دېمەستە جاننى ئالغان پوندىلەك.
|


|