يۇلتۇزلار تۆكۈلەر چاناقلىرىمدىن
تۇراپجان مۇھەممەت تەلقىن
يۇلتۇزلار تۆكۈلەر چاناقلىرىمدىن
چاراسلاپ كۆيمەكتە باھار شامىلى،
يۈرۈكۈم تەكتىدە تاشقىنلار قىيان.
يۇلتۇزلار تۆكۈلەر چاناقلىرىمدىن،
مەن يازغان شېئىرغا تۇرۇپ يانمۇ-يان.
خىياللار تۇرىدۇ ماڭا ماي تارتىپ،
چۈشلىرىم قاراڭغۇ ئاينىڭ بەرگىدە.
سۆيۈشنى ئىزلەيمەن،سۆيۈلۈشنى ھەم،
پۇرەكلەپ ئىچىلغان گۈلنىڭ رەڭگىدە.
ئۆزۈمگە قايتىمەن ئۆزۈمدىن چىقىپ،
ھېجراننىڭ تەختىدە يەككە-يىگانە.
ئوتتۇز بىر ھاياتنى ياشاپ تۈگەتتىم،
ئاشىقلىق دەشتىدە بولۇپ دىۋانە.
بەخىت
نىگاھلار ئۇچراشتى باھاردەك ئىللىق،
خىيالنىڭ بەرگىگە قوندى تەبەسسۇم.
مەن يازغان شېئىردەك سىلىق-سىپايە،
يۈرەكنىڭ يامغۇرى تۆكۈلدى يۇم-يۇم.
يۇلتۇزلار ئولتۇردى ئالتۇن تەخىتتە،
ھىلالئاي زېمىنغا تۆكتى ھاياجان.
ئويناقشىپ-ئويناقشىپ شۇخلۇقى بىلەن،
باغرىمغا باغرىنى ياقماقتا جاھان.
تۇيغۇمدىن باشلانغان داغدام يول بىلەن،
سۆيگۈنىڭ شەھرىگە ماڭدىممەن ئۇدۇل.
مەن سۈرگەن بەخىتنىڭ رىۋايىتىنى،
كۈيلىدى بەك ئۇزاق گۈل بىلەن بۇلبۇل.
|


|