ئىت تاپى تاشلانغان كۆل
(پوۋىسىت)
1. ئىت تاپى تاشلانغان كۆل
بۇ مەھەللىنىڭ ئىسمى «پالۋاش » بۇلۇپ ، ھازىرمۇ مەھەللىمىز 7-مەھەللە ياكى پالۋاش مەھەللىسى دەپ ئاتىلىدۇ.مەھەللىمىزدىكى مەسچىتنى پالۋاش مەسچىتى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەھەللە ئىسمىنىڭ ئاتىلىشىدا ھەرخىل قاراشلار بارئىدى. مەھەللىدىكى مويسىپىتلارنىڭ دىىيشىچە بۇنىڭدىن بىرنەچچە يۈز يىللار بۇرۇن، بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز پالۋاش ئۆردىكى دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل ئۆردەكنى تۇتۇپ سېتىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن ئىكەن شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ مەھەللىنىڭ ئسىمى پالۋاش دەپ ئاتىلىپ قالغان ئىكەن. پالۋاش مەھەللىسى كەنتىنىڭ ئەڭ چەتتىكى بىر مەھەللىسى ئىدى، مەھەللىنىڭ ئەڭ چېتى باشقا يېزا بىلەن چىگىرلىناتتى. ئائىلىلەر ناھايىتى تارقاق ئولتۇراقلاشقان، بەزى جايلىرى ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشقان ئىدى.
مۇشۇ مەھەللىنڭ چىگرا تەرىپىدىن بېشىغا ئاق تەلپەك، ئۇزۇن يەكتەك، كېڭيگەن 35ياشلار چاممىسىدىكى ساقاللىرى قاپقارا بىر كىشى ۋە 20ياشلار چاممىسىدىكى يۈزى سېرىق، بويى پاكار، كىرپىڭلرىنى قىراۋ قاپلىغان بىر بالا كېلۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن ناھايىتى ئۇزۇن يول يۈرۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلغى بۇلاتتى. ئۇلار پالۋاش مەھەللىسىگە كىرىدىغان يول بويىدىكى سۆگەت تۈۋىدە ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ چوڭنىڭ ئسىمى روزى، كچىگىنىڭ ئىسمى غېنى ئىدى:- جان باقماق ئەجەپ تەسلىشىپ كەتتى دېدى روزى، شۇنداق ئۇستام دەپ بېشىنى لىڭشىتتى غېنى. قارىغاندا بۇ بىر مەھەللىدەك قىلىدۇ، بۇدا كاللىمىزنى ئوبدانراق ئىشلىتىپ قىشنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزىۋىلايلى. قاراپ تۇرماي قېنى خورجۇندىن ھېلىقىنى ئالغىن، غېنى دەرھال روزىنىڭ تاماكۇ چىكىدىغان نەرسىلىرىنى ئالدى. ئۇستام بۇيەردە مۇخىركا چەكسىلەر خەق بىزنى كۆرسە بىرنەرسە بىرەمۇ، ئەخمەت.. بەڭگى ئىكەن دەپ بىرنەرسە بەرسە بىرەر بولسىما خۇدايىمغۇ بىرەر. ھەي ئەخمەق بۇ يەردە تىلەمچىلىك قىلساق تازا بولسا ئىككى كۈن تۇرالامىز، مەن بۇ يەردە قىشنى ئۆتكۈزىلى دەۋاتىمەن، كاللىمىزنى ئىشلەتمىسەك بۇ قىشتا باراي-جايمىز يوق توڭلاپ ئۆلەپ كېتىمىز.رۇزى تاماكۇنى ئوراپ ئىسنى چوڭقۇر شورىدى. قاراتال ناھىيسىدە تازا رەسۋا بۇلۇپ قوغلاندۇق؛ شۇنى دىمەمسەن، شۇ نادانلارنىڭ ئىچىدىمۇ كاللسىى ئشلەيدىغانلارنىڭ چىقىپ قالغىنىغا ئشەنمەيۋاتىمەن دېدى غېنى. شۇڭلاشقا بۇدا كاللىمىزنى تازا ئىشلىتەيلى، بۇ مەھەللىگە كىرگەندىن كىين كەيىپ قىلىشقا قەتئى بولمايدۇ، كەيىپنىڭ ئورنىغا قولىمىزدىن تەپسى چۈشمەسلىكى كېرەك. قوساق تازا ئاچتى دېسە، تىز بول بۇ مەھەللىگە كىرىپ تىزدىن قورساقنى بىر ئەستالىۋالايلى. ئۇلار سۇغۇقتىن تىترەپ مەھەللىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى. ئۇلار مەھەللە بېشىدىكى چوڭ بىر كۆلنى كۆردى. ئۇستام دېدى غېنى روزىغا مۇزدىن بولسىمۇ ئىككى پارچە ئېلپ چىقاي ئۇسسۇزلۇق بولسىمۇ قانسۇن.
-بۇپتۇ ئەمىسە ئېلىپ چىق. غېنى ئىكى پارچە مۇزنى ئېلىپ چىقتى، ئۇلار كۆلدىن سەل نېراقتا ئېتىز بېشىدىكى قاشتا ئولتۇرۇپ قوللرىنىڭ مۇزلاۋاتقىنىغا چىداپ مۇزىن غاجىلاپ ئولتۇردى.
شۇ تاپتا 10ياشلار چاممىسىدىكى ئىككى ئوغۇل كاشكولدىن چىلەكلىرىگە سۇ ئېلىپ تولدۇرپ، ئاندىن ئىككى چىلەكنىڭ ئوتتورسىغا كالتەكتىن بىرنى ئۆتكۈزۈپ سۇ ئېلىپ ماڭدى. دەل شۇ ۋاقىتتا روزىنىڭ كاللىسىغا ئىنتايىن بىر شېرىن خىيال كەلدى. ئۆزىدىن مەننۇن بولغان ھالدا كۈلۈپ قويدى ئاندىن مۇزنى دەرھال تاشلاپ،-غېنىغا تۇر ئورنىڭدىن ياخشى كۈنلىرىمىز ئەمدى كېلىدىغان بولدى. غېنى ئۇستازى روزىنىڭ خىيالىنى بىلەممىدى. روزى غېنىنى باشلاپ مەھەللىگە ئەمەس مەھەللىنىڭ سىرتىغا قاراپ ماڭدى. ئۇستام ئەمدى بۇ مەھەللىگە كىرمەمدۇق، ئەمدى بۇ مەھەللىگە كىرمىسەك بۇ چاغدا نەگە بېرىپ بۇلىمىز. سەن بىلمىگەندىن كىين كۆتۈڭنى قسىپ كېينىمدىن ماڭ بىردەمدىن كىين بىلىپ قالىسەن. ئەسلىدە بۇ مەھەللىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى جاڭگالدا روزى بىر ئىتنىڭ ئۆلىگىنى كۆرگەن ئىدى. رۇزى قەيەردە كۆرگەنلىكى ئىسىدە يوق كەلگەن يىرى بۇينچە بويلاپ مڭىر يەردى ئالاھىزەل بىر سائەت ماڭغاندىن كىين يول بويىدىكى بىر نەرسىنى كۆردى. روزى ناھايىتى خوشال بولدى. تاپتىم.. تاپتىم... شۇ تاپتا بۇ غېنى ئۈچۈن بىر سر ئىدى. ئۇستام نىمە تاپتىڭىز؟ ئالتۇنمۇ؟ كۆمۈچمۇ؟ ياكى يەيدىغان نان تاپتىڭىزمۇ؟ ئاۋۇنى بېرىپ ئېلپ كەل، ئاۋۇنى ئاۋۇ ئىتىنىڭ ئۆلىگىنى دەۋاتىمەن. ئۇستام بۇنى نىمە قىلىمىز كاۋاپ قىلىپ يەيلى دىمەيدىغانسىز؟ نىمە دەۋاتىسەن ۋۇ لاۋزا، كاللىسى پەقەت ئىشلىمەيدىغان بىر نىمە ئىكەنسەن. غېنى ئىتىنىڭ ئۆلىگىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئەمدى مەھللىگە قايىتپ كۆل ئەتراپىنى كۈزىتىشكە باشلىدى. ئادەم يوق پۇرسەت يىتىپ كېلىشى بىلەن ئىتىنىڭ ئۆلىگىنى كاشكولدىن سۇغا كىرگۈزۈۋەتتى ۋە ئۇھ دەپ مەھەللە تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى..
2. تۇنجى بەللەنگەن ئوق.
توختى ئاخۇن داستىخاندا باللىرى بىلەن تاماق يىيىشكە تاييارلىنىۋاتاتتى، تۇيقىسىز دەرۋازىنىڭ ئۇرلىشى ئۇنىڭ ئارامىنى بىر بۇزدى، شۇنداق بولسىمۇ توختى ئاخۇن كىمدۇ بۇ دەپ ئېرنگەن ھالدا دەرۋازىنى ئاچتى ۋە دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان غەلىتە كىينگەن بۇ ئىككى كىشى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى ۋە تەمكىنلىك بىلەن نىمە ئىش ئىدى دېدى. روزى ناھايىتى مەغرۇر ھالەتتە بىز ئىمامى جاففار زاراتگارلىقىدىن بۇيەرگە كەلگەن، مازارى-ماشايىقلارنى تاۋاپ قىلىپ بۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدۇق. شۇنداق كېتىپ بارساق بىر خىل ۋەھىمە كۆڭلۈمگە كەلدى. ۋە مۇشۇ ئۆيدە بىر دۇئا قىلىپ ئۆتەيلى دەپ ئىشكلىرىنى ئورىۋىدۇق. ۋەھىمە، شۇملۇق دىگەنلەرنى ئويلىغان توختى ئاخۇننىڭ سەل ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ لىكىن دۇئا قىلىپ ئۆتەيلى دىگەن گېپىنى ئويلاپ، ئۇلارنى ئۆيىگە باشلىدى.- ياخشى مېھمان تاماق ئۈستىگە دەپتىكەن، قېنى تۈرگە مەرھەمەت تاماققا باقسىلا دېدى توختى ئاخۇن، روزى قۇشۇقنى قولىغا ئالدى، غېنىمۇ روزىغا ئەگەشتى. روزى بىسمىللا دەپ قوشۇقنى قولىغا ئالدى ۋە دەرھاللا جايىغا قويۇپ قويدى، غېنى قورسىقى ئېچىپ ئۈچىيى تارتىشىپ كەتكەچكە ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۈگرە ئاشنى شاپاشلىتىپ ئېچىشكە باشلىدى. روزىنىڭ تاماققا يارى بارمىغىنى كۆرگەن توختى ئاخۇن روزىغا قاراپ،-قانداق مېھمان بۇ تاماققا كۆڭۈللرى تارتمىدىمۇ؟ ئەجەپ تاماق يىمىدىلىغۇ؟دېدى توختى ئاخۇن،-بۇ تاماقنى شۇنداق يىگۈم بار ئىدى لىكىن مەن بۇ تاماقتىن بىر ۋەھىمىلىكنى سېزىۋاتىمەن، بۇ تاماقتىن بىر خىل مۇدىھىش پۇراق چىقىۋاتىدۇ دېدى روزى، بۇنى ئاڭلىغان توختى ئاخۇننىڭ ئايالى ئېغىزىنى قويىۋەتتى. ۋاي-ۋۇي ماۋۇ قەلەندەرنى بىزنىڭ تامىقىمىزدا نىمە مۇدىھىش بار ئىكەن؟ قاملاشمىغان بىر نىمىلەر ئىكەنغۇ بۇ؟ توختى ئاخۇن ئوڭايسىز قېلپ قالغان روزىنى قۇتۇلدۇرماقچى بولغۇنىدەك، قارىم بۇ بىزنىڭ ئېتىزدا بولغان بوغداينىڭ ئۇنى، سەيلىرىنىمۇ ئۆزىمىز تېرىغان، بۇ تاماقنىڭ قانداق يىرىدە مەسىلە بار ئىكەن؟ ئۇندا، ۋە سەيدە مەسىلە يوق ئىكەن، بۇ تاماقنڭ سۈيىدىن بىر خىل مۇدېھىش پۇراق چىقىۋاتىدۇ، ھە راس سىلەر سۇنى نەدىن ئەكىلىپ ئىچىسىلەر؟دېدى؛ روزى.-مۇشۇ مەھەللىدە بىر كۆل بار ھەممە ئادەم شۇ كۆلدىن سۇ ئىچىدۇ، روزى ئىنتايىن تەمكىنلىك ۋە مەغرۇرلۇق بىلەن ساقىلىنى سىلاپ قويۇپ، ھە مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە دەپ سۆز باشلىدى بۇ سۇدىن يا ئىتنىڭ، يا مۈشۈكنىڭ، يا ئىشەك قاتارلىق گۆشىنى يىيىش مەنئى قىلنغان ھارام ھايۋاننىڭ تائىپى بار ئىكەن. بۇنى ئاڭلىغان توختى ئاخۇننىڭ باللىرى قۇشۇقنى تۇتۇپلا ھەيرانلىق بىلەن روزىغا قارىدى. غېنىمۇ پوقنى بىلىپ تۇرۇپ يىگەندەك خىجىللىقتا قالدى. قارىم ئۇنداق ئەمەستۇ؟ مەن بۇ تاماققا قۇشۇق سېلىشىمغىلا غايىپتىن بۇنى يىمە دىگەن ئاۋاز كەلدى. ئىشەنمىسىلە مېىنى شۇ كۆل بويىغا باشلاپ بارسىلا،-توختى ئاخۇن روزى، غېنىنى باشلاپ كۆل تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. غەلىتە ئىككى ئادەمنى باشلاپ ماڭغان توختى ئاخۇننى كۆرگەن مەھەللىدىكىلەر توختى ئاخۇندىن بۇلغان گەپنى ئاڭلاپ ئۇلارمۇ كۆل بويىغا قاراپ مېڭىشتى. ھەش-پەش دىگۈچە جامائەت روزىنىڭ كۆرسەتكەن ئورننىڭ مۇزىنى چېقىپ ئېتنىڭ ئۆلىگىنى سۈزىۋىلىشتى. بۇنى كۆرگەن توختى ئاخۇن جامائەتلەرگە بولغان ئىشنى يىپتىن-يىڭنىسىگىچە سۆزلەپ بەردى، جامائەت ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن روزىغا قاراشتى، روزى ناھايىتى مەغرۇر ھالەتتە گېلىنى قىرقىپ قويدى. توختى ئاخۇن روزىنىڭ قوللىرىنى قايتىدىن تۇتتى. ۋاي ھايات ئەۋلىيايىم، مەن سېلىنى تۇنىماي قېلىپ سالغان گۇنايىمنى كەچۈرسىلە، ئاغېزى يامان خوتۇنۇمنى كەچۈرسىلە. مەھەللىدىكىلەر بىر-بىرلەپ كېلىپ روزى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. غېنى ئەمدىلىكتە بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى تۇلۇق چۈشەنگەندەك قىلدى، شۇنچىلىك كۈلكە تۇتسىمۇ يەرگە قاراپ تۇرۇپ چاندۇرمىدى.
مەھەللىدىكىلەر روزىغا قاراپ، بىزنىغۇ نىجاسەتتىن قۇتۇلدۇردىلار، ئەمدى بۇ سۇنى ئىچمىسەك، نەدىن سۇ تېپىپ ئىچىمىز دېدى. روزى بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كىين بىر پەس ئاسمانغا قاراپ تۇردى. ئاندىن دۇئاغا قول كۆتۈردى. ئاندىن كىين ماڭا شۇنداق نىدا كەلدىكى بۇ سۇدىن سىلەر سۇ ئىچىدىغان چىلەكتە 80چىلەك ئۇسۇپ تۆكىۋەتسە ئاندىن پاك بۇلىدىكەن، مەھەللىدىكىلەر خوشال بۇلۇپ رۇزىنىڭ دىگىنىدەك قىلدى. توختى ئاخۇن روزى ۋە غېنىنى ئۆيىگە باشلاپ، بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ بىرىشنى ئۆتۈندى، روزى ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئالدىراشلىقى ئېيتىپ ئۆزرە سورىدى لىكىن توختى ئاخۇننىڭ قايتا-قايتا يالۋۇرىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ قېپ قېلىشقا ماقۇل بولدى. مەھەللىدە روزى توغىرسىدىكى خەۋەر چاقماق تىزلىكىدە تارالدى بىر نەچچە جامائەت يوقلاپ كىرگەنمۇ بولدى لىكىن بۇ ئىتنىڭ تائىپى توغىرلىق بۇ ۋەقە ئانچە چوڭ تەسىر قىلمىدى. توختى ئاخۇن ئۇلارنى خېلى ياخشى كۈتىۋالدى. بىر ئۆيگە مەش قويۇپ ئىسستىپ بەردى، تەرىتىگە ئىسسىق سۇ بەردى، ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ ئۇلارنى كۈتتى. گۆش يىگۈسى كېلىپ قالغان روزى تەپسى سىرىپ ئولتۇرۇپ غېنىغا ئەجەپ گۆش يىگۈم كېلىپ كەتتى، يا بۇ توختاخۇننىڭ تامىقى ھەممىسى گۆشسىز، پۇلونىمۇ توخۇمدا ئىتىپتۇ بۇ قېتىم بىر ئامال تاپمسىام بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا توختى ئاخۇن يىتپ كەلدى. روزى پۇرسەت كەلگەنلىكىنى بىلىپ توختى ئاخۇنغا ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن ئاۋازىنى قىرقىپ، تەمكىنلىك بىلەن،-توختى ئاخۇن دوئا ۋايىغا يەتتى ئەمدى قان قىلماق زورۈردۇر، ئەگەر قان قىلمىسىاق ياخشى دۇئا ئاپەتكە ئايلىنىدۇ، بۇ سېلىنىڭ يا جانلىرىغا يا ماللىرىغا ياكى باللىرىغا يۈرۈپ كېتىشى مۇمكىن شۇڭا قانلىقنى ياخشى قىلماق جايىزدۇر دېدى روزى. توختى ئاخۇن دەرھال ئېغىلدىكى سېمىز قوچقىرىنى قۇربانلىق قىلىپ روزىنىڭ پەرماننى بەجا كەلتۈردى. روزى بىلەن غېنى گۆشنى تويغۇچە يېدى. غېنى روزىغا ئۇستام بۇ يەردە قاچانغىچە تۇرىمىز؟ بۇنداق تۇراۋالساق توختى ئاخۇنمۇ ھامان بىر كۈنى بىزدىن زىركىدۇ، شۇنچە ئىشلارنى پىلانلىساقمۇ بۇ مەھەللىدىكىلەر بىزگە ھاجەتلرىىنى ئېيتىپ كەلمەيۋاتىدۇ.. قارىغاندا كۆلنىڭ ئىشى ئانچە تەسىر كۆرسەتمىگەن چېغى. توغرا دېدىڭ دېدى روزى غېنىغا قاراپ بۇ قېتىم ياخشىراق ئامال تاپمىسام بولمىدى. روزى توختى ئاخۇنغا بىز ماڭماقچى بۇلىۋاتىمىز، بىز مېڭىش ئالدىدا بۇ ئۆيدىكى بالا-قازانىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى بايقىدۇق، شۇڭلاشقا ئاۋۇ ئېسىقلىق چاپاننى ھەدىيە قىلسىلا بۇپتىكەن دېدى. توختى ئاخۇن سەل ئىككىلىنىپ بۇ بىزنىڭ خوتۇننىڭ دادىسىدىن قالغان تەۋەرۈك چاپان ئىدى. باشقا نەرسە بەرسەم بولماسمۇ؟دېدى. بىرىشكە كۆزلىرى قىيمىغان بولسا بۇپتۇ ئەمىسە؟ بىرەر زىيان-زەخمەت كەلسە مەندىن ئاغېرىنمسىلا دېدى روزى ئالىيپ تۇرۇپ، توختى ئاخۇن ئىككىلىنىپ چاپاننى روزىغا بەردى. رۇزى چاپاننى يېپىنىپلا دۇئاغا قول كۆتۈرگەندىن كىين توختى ئاخۇن بىلەن خوشلىشىپ يېنىپ چىقتى. ئۇلار مەھەللىدىن ئۇزاپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كەتكىنى بىلگەن توختى ئاخۇننىڭ ئايالى ھۆرۈلخان توختى ئاخۇننىڭ چاپاننى ھەدىيە قىلغانلىقىنى بىلگەندىن ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ كەتتى. ماڭ بېرىپ دەرھال چاپاننى قايتۇرۇپ كەل، بۇ دادامدىن قالغان تەۋەرۈك چاپان تۇرسا، توختى ئاخۇن خىجىللىق بىلەن جېنىم خوتۇن چاپان دىگەن بىزنىڭ جېنىمىزدىن، مېلىمىزدىن مۇھىممۇ؟ مەن بارمايمەن، ئەۋلىيادىن قاغىش ئالغۇم يوق، بارساڭ ئۆزۈڭ بار؟ ھۆرۈلخان ئاغېزىنى بۇزغاچ ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلىدى. ئۇلار ھۆرۈلخاننىڭ كېلىشىنى بىلىدىغاندەك ئىنتايىن ئاستا ماڭغاندى. رۇزى يىراقتىن بىر ئايالنىڭ ھوي توختاپ تۇرسىلا دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، غېىنىغا تىز بول تاماكۇ چىكىدىغان سەرەڭگىنى ئال. مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ تاماكۇم چىكەمدىلا ئۇستام، قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تىز ئال، غېنى خورجۇندىن سەرەڭگىنى ئېلىپ روزىغا بەردى روزى چاپاننىڭ ئەستىرىنى يىتىپ چاپاننىڭ مېزىغا ئوت يېقىۋەتتى ۋە چاپاننى قاتلاپ ھۆرۈلخاننڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. ھۆرۈلخان كېلىشى بىلەن مانا ماڭا بەرگىلى چىدىمىغان چاپنىڭغىمۇ؟ ئۆيڭىگمۇ ئوت كېتەر ئىلاھىم! تۈفى قەلەندەر! سەندەك قەلەندەرنىڭ قارغىشىغا پىت ئۈلەمتى. ھۆرۈلخان چاپاننى قاتلاقلىق پېتى كۆتۈرۈپ كېتىپ قالدى دە، قاتلانغان يوتقان-كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇپ ئۆز ئىشىغا مەشخۇل بۇلۇپ كەتتى.
داۋامى بار |


|