ئالدانغان مۇھەببەت
مىھرىگۈل باۋدۇن
(ھىكايە)
ئەلى تامىقىنى يەپ بۇلۇپلا ،ئۇدۇل مىھمانخا ئۆيگە كىردى –دە ،ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ پۇل سۈرتىۋاتقان ئايزىمەگە بىر خىل مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قۇيۇپ ،ئشىكنى «جاققىدە» يېپىپ چىقىپ كەتتى .ئايزىمە ئىشىكنىڭ يېپىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ پولدا ئۇلتۇرۇپ قالدى .ئايزىمەنىڭ كۆزلىرى نەلەرگىدۇر تىكىلگەن ئىدى ،كۆز چاناقلىرىدىن ياش سىرغىپ چۈشەتتى ،ئۇ ئۆز-ئۆزۈگە بىر نىمىلەرنى دەپ پىچچىىرلايتى:
ـ ئەلى سەن مىنى ئالدىدىڭ ،مۇھەببىتىمىنى ئالدىدىڭ !!!!
ئايزىمە ئەمدى ئۆزىنى باسالماي بۇقۇلداپ يېغلىۋەتتى ،ئۇنىڭ يېغسى يۈرىكىدىن قايناپ چىقۋاتاتتى،ئۇخۇددى بارلىق دەرىتلىرىنى يېغا
بىلەن چىقارماقچى بۇلغاندەك بار ئاۋازى بىلەن يېغلايتى .شۇ تاپتا ئۇنىىڭ كۆز ئالدىغا يىراق سەھرادا قالغان ئاتا-ئانىسى ،دۇسىتلىرى ،ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كېلۋالغان ئىدى ،ئۇنىڭ ئۇلاردىن ياردەم سۇرىغۇسى ،ئۇلاردىن ئۆزىنى قۇتقۇزىۋېلىشنى ئۈتۈنگۈسى كىلەتتى ،بىراق ........ئەمدى ئۇ نىمە دەپ ئۇلاردىن ياردەم سۇرايدۇ ،ئەينى چاغدا «بالام،كۆزۈمىزدە تۇرغىن»دسە ،تىرناق تاتلىغان كىمۇ؟ ،ئۇ ئاشۇ مۇھەببىىتىنى دەپ شۇ مىھرىبانلىرىدىن ئايرىلىپ بۇ مىھرى سۇغۇق شەھەرگە كەلگەن ئەمسمىدى ،بىراق ئاخىرى نىىمە بۇلدى ،مۇھەببىتى ،ئاشۇ جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلگەن مۇھەببىتى ئۇنى ئالدىدىغۇ ،خارلىدىغۇ .....ئايزىمە ئۆتمۈشنى ئەسلىدى ،ئۈتۈپ كەتكەن نەچچە ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن بىر-بىرلەپ ئۈتۈشكە باشلىدى ...........
دۇختۇرخانا ئالدىغا بىر تۇپ كىشلەر ئۇلۇشۇپ قالغاندى ،ئايزىمە خالىتىىنى ئېلىىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى :
-ئەمىىسە ،ھەممىڭلار ئاڭلاڭلار ،بۈگۈن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەھىيە نازارىتىدىن تەكشۈرۈش ئۈمىكى كەلمەكچى ،شۇڭا بۈگۈن چۈشتمۇ دەم ئالماي ئىشلەيمىز ،بۇلدى گەپ تۈگىدى ،تارقاڭلار-دۇختۇرخانا باشلىقى سۆزىنى تۈگۈتۈپلا ماشىنىسىنى ھەيدەپ چىقىپ كەتتى .
دۇختۇر –سېستىرالار غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى :
-ۋايجان ،چۈشتە يەنە تاماق يىگىلى ۋاقتىمىز يەتمەيدىكەن-دە -دېدى سەبىخە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ .
ـ تاماق يىمىسەڭ ساڭا پايدىسى تەگمەمدۇ ،ئۇرۇقلايسەن -ئايزىمە ئۇنىڭغا چېقىشىپ قۇيۇپ قېچىپ كەتتى .
ـ خەپ سىنى ،يەنە مىنى سىمىز دەپ زاڭلىىق قىلۋاتىىسەن-ھە! -سەبىخە ئايزىمەنىڭ كەينىدىن قۇغلاشقا باشلىدى ،باشقا قىزلار كۈلۈپ تېلىقپ قالايلا دىگەن ئىدى .
شۇنداق قىلىپ باھالاش ئۈمىكىمۇ ئاخىرى كەلدى،ئۇلار دۇختۇرخانىنى ئەتراپلىق تەكشۈرگەندىن كىيىن ،دۇختۇر –سېستىرالارغا يىغىن ئاچىدىغانلىقىنى ئۇختۇردى ،دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئايزىمە بىىر باققۇچىسى يۇق مۇماينىى تازىلىق ئۈيىگە ئەكرىپ كەتكەچكە ،ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالغاندى .
ـ ئاستا مىڭىڭ ،قۇلىڭىزغا دىققەت قىلىڭ ،ئۇكۇل چىقىپ كەتمىسۇن !-ئايزىمە مۇماينى پەلەمپەيدىن ئاۋايلاپ چۈشۈرگۈزىۋاتاتتى ،تۇيۇقسىز بىر گەۋدە ئۇنىڭغا سۇقۇلدى ،ئايزىمە ئۆزىنى تۇختۇتۇپ بۇلالماي پەلەمپەيدىن تېيىلىپ كەتتى .
ـ بىر نىمە بۇلمىغانسىز ،كەچۈرۈڭ مەن قەستەن قىلمىدىم - شۇنچىلىك جاراڭلىق ۋە يېقىملىق بىر ئاۋاز ئايزىمەنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلىدى .
ئۇ ئاستا بېشىنى كۆتۈردى ،ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا كىلىشكەن بىر يىگىت تۇراتتى .يىگىت ئايزىمەنىڭ قاپقارا كۆزلىرىگە ،ئەگىم-ئەگىم قاشلىرىغا تۇيماي-تۇيماي قارايتى ،ئايزىمەنىڭ يۈزلىرى قىىزىرىپ كۆزىنى يىگىتنىڭ ئۇتلۇق كۆزلىرىدىن ئېلىپ قاچتى ۋە ئىىتتىك ئۇرنىدىن تۇرماقچى بۇلدى بىراق پۇتى زەخمىلەنگەچكىمىن قايتا ئۇرنىدا ئۇلتۇرۇپ قالدى .
ـ كەچۈرۈڭ ....- يىگىت ئايزىمەنى يۆلىۋالدى ،ئايزىمە ئاستا ئۆزىنى تارتىتى ۋە ئۇرنىدىن تۇرۇپ ياتاققا قاراپ ماڭماقچى بۇلدى .
ـ خانقىز ،ئىسمىڭىز نىمە ؟ تۇنۇشۇپ قالساق بۇلامدۇ - يىگىت ئايزىمە ئاڭلىغىدەك قىلىپ دىدى ،لىكىن ئۇنىىڭ سۇئالى جاۋاپسىز قالدى .ئايزىمە ئىتتىك ئۇنىىڭ كۆزلىرىگە قارىدى ،ئۇنىڭ يۈرىكى ئۇنىڭغا نىمىلەرنىدۇر سۆزلەۋاتاتتى .
ئەتىسى ئەتىگەندە ئايزىمە ياتاقتىن چىقىشىغا ،بىرىنىڭ تۇۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى .
- ئايزىمە ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟يىگىت ئايزىمەدىن كۈلۈپ تۇرۇپ ئەھۋال سۇرىدى .
ـ ياخشى - ئايزىمە قىسقىلا جاۋاپ بەردى .ئۇ ھەيران بۇلغاندى ،كاللىسىدا نۇرغۇن سۇئال ئەگىيتى ،ئۇ مىنىڭ ئىسمىىمنى قانداق بىلگەندۇ ؟ئۇ نەدىن پەيدا بۇلدى ؟ ئۇ زادى كىم ؟
ـ پۇتىڭىز ياخشى بۇلۇپ قالدىمۇ؟ كەچۈرۈڭ ،تۈنۈگۈن مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن .....دېدى يىگىت خىجىل بۇلۇپ .
ـ ھىچقىىسى يۇق ،ھازىر ياخشى بۇلۇپ قالدىم - ئايزىمە ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەچ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارايتى ،نىمىدىگەن ئۇتلۇق كۆزلەر ،ئايزىمەنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭ كۆزلىرى يەنە ئۇچرىشىپ قالدى .يىگىت ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ دېدى :
ـ مىنىڭ ئىسمىم ئەلى ،ئۆزۈم شۇپۇر ،باھالاش ئۈمىكى بىلەن بىللە كەلگەن ،سىز بىلەن تۇنۇشۇپ قىلىشنى بەكمۇ خالايمەن – ئۇ كۈلۈپ قۇيدى .
ئايزىمەمۇ كۈلۈپ قۇيۇپ :
ـ مىنىڭ ئىسمىمنى دىمىسەممۇ بىلىپ بۇپسىز ،مۇشۇ يەردە ئىشلەيمەن
سىلەرنى تۈنۈگۈن كەچ كەتتى دىگنتىغۇ ،سىز -دىدى ئەلىگە ھەيرانلىق نەزىرىدە قاراپ .
ـ مەن بۈگۈن قايتىمەن ،ھازىر شۇ سىز بىلەن خۇشلىشاي دەپ كەلگەن ئىدىم –دىدى يىگىت قىيمىغاندەك بىر خىل ئاھاڭدا .
ئايزىمە « خۇشلىشاي دەپ»دىگەن گەپنى ئاڭلاپ نىمە دېيىشنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى .
ئەلى يانچۇقۇدىن تېلغۇننى چىقرىپ تۇرۇپ :
-كەچۈرۈڭ، تېلغۇن نۇمۇرىڭىزنى دەپ بەرگەن بەرسىڭىز بۇلامدۇ؟
ئايزىمە «ماقۇل» دىگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ ،يانچۇقۇدىن تېلغۇنىنى چىقرىپ ئۇنىڭغا نۇمىرىنى دەپ بەردى .
ئەلى قايىتقاندىن كىيىنمۇ ،ئايزىمە بىلەن كۈندە دىگۈدەك تېلغۇنلىشىپ تۇردى .ئايزىمە ھەر قېتىم تېلغۇندىن ئەلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا ئۆزىنى شۇنچىلىك خۇشال ھېس قىلاتتى ،تېلغۇننى قۇيۇپلا شېرىن خىياللارنى سۈرۈپ ئۇزاق-ئۇزاق ئۇلتۇرۇپ كىتەتتى ،بەزى كېچىللىرى چۈشلىرىدىمۇ ئەلى بىلەن پاراڭلىشىپ ،تاتلىق –تاتلىق كۈلۈپ كىتەتتى .
كۈنلەرنىڭ ئۈتۈشى بىلەن ئايزىمە ئەلىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى ،ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭسىز تەسەۋۇر قىلالمايتى ،ئەلى بۇلمىسا بۇ دۇنيا زۇلمەتتەك بىلىنىدىغاندەك سىزەتتى .ئەلىنىنىڭمۇ ئۇنىڭغا تېلغۇن قىلمايدىغان كۈنى يۇق ئىدى ،ئۇ دائىم باشقىلاردىن ئۇنىڭغا ھەر خىل سۇۋغىلارنى ئەۋەتىپ تۇراتتى .
يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە تۇيۇقسىزكەلگەن بىر تېلغۇن ھەممىنىڭ ئارامىنى بۇزغان ئىدى .
ـ ۋەي ، - ئايزىمە تېلغۇننى قۇلىغا ئېلىشىغا :
ـ ۋەي،مىنى سېغىندىڭىزمۇ ئايزىمە ؟ ،ئۇنداقتا تېزچىقىڭ ،مەن ياتىقىڭىزنىڭ ئالدىدا ـ يانغۇندىن ئەلىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
ئايزىمە ئەلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى ،ئىشىكنىىڭ «تۇڭ،تۇڭ،تۇڭ..»قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ ئايزىمە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى .ئىشىك ئالدىدا راستىنلا ئەلى تۇراتتى ،ئايزىمە ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدى،ئەلى ئۇنىڭ قۇلىدىن تارتىپ سىرىتقا ئەپچىقتى ۋە ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ :
ـ بىز توي قىلايلى ،ماڭا ياتلىق بۇلۇڭ !! ـ ئەلىنىڭ بىر جۈپ ئۇتلۇق كۆزلىرى ئايزىمەگە تىكىلگەن ئىدى ،ئايزىمەنىڭ يۈرەكلىرى ھاياجاندىن تتىرەيتى .
ـ مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن ئايزىمە ،ئۇزۇندىن بىرى دېيەلمەي كەلگەن ئىدىم ،بىراق پۇرسەت بۇلمىدى .مەن سىزنى تۇنجى كۆرگەندىلا ياخشى كۆرۈپ قالغانتىم .مەن سىزنى بىر ئۆمۈر بەخىتلىك قىلىمەن ،سىزنى قەدىرلەيمەن .ماڭا ئىشىنىڭ ،ماڭا ياتلىق بۇلۇڭ ،ماقۇل دەڭ - ئەلى ئايزىمەنىڭ ئىككىلىنىپ قالغان كۆزلىرىگە تىكلىپ تۇرۇپ يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيىتتى .
شۇ تاپتا ئايزىمەنىڭ كۆڭلى ئاجايىپ بىرخىل تاتلىق ھېسلار قۇينىغا چۆكۈپ كەتكەندى ،ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ سۆزلەرلا كۇپايىدەك بىلىنەتتى .شۇ تاپتا ئۇنىڭمۇ ئەلىگە « مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن»دەپ تۇۋلىغۇسى كىلەتتى ،بىراق ئايزىمە يەنە ئۇيلاندى ،ئۇ مىنى راسىت ياخشى كۆرەمدىغاندۇ ؟ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام بەخىتلىك بۇلالايمەنمۇ ؟ئەلىنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى ۋە ۋەدىلەرنى بەرگەندەك قىلىپ
ۇختىماي سۆزلەيتى ،ئۇنىڭغا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بىرەتتى .« تۇغرا،مەن ياخشى كۆرىمەن » ئايزىمە ئەمدى قارار قىلغانىدى ،ئۇ« ماقۇل»دىگەن مەنىدە بېشىنى لېڭشىتتى .ئەلى خۇشال بۇلۇپ ئايزىمەنى باغرىغا باستى ،ئەتىگەندە كۈلۈپ چىققان قۇياش خۇددى بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ ۋىسال شادلىقىغا جۈر بۇلۇۋاتقاندەك قىلاتتى .
شۇنداق قىلىپ ئايزىمە ئانىسىنىڭ«قىزىم ،ئۇ دىگەن شەھەر كۆرگەن بالائىكەن ،سېنى ئالداپ كەتمىسۇن ،بەك ئىشىنىپ كەتمە ،يەنە كىلىپ سەن بىزدىن ئايرىلىپ ئاشۇ يىراق جايغا بىرىپ تۇرۇشقا قانداق چېدايسەن ،مۇشۇ يەردىمۇ نى-نى يىگتلەر تۇرسا ،مەن قۇشۇلمايمەن ...»دىگىنىگىمۇ قارىماي ،ئانىسىنىڭ گەپلىرىگە چىرايلىق قائىدىلەرنى سېلىپ چۈشەندۈرۈپ توي ئىشغا تۇتۇش قىلدى .ئۇنىڭ نەزىرىدە ئانىسىنىڭ دىگىنى ساددىلىق ئىدى .
شۇنداق قىلىپ توي كۈنىمۇ بىكىتىلىپ بۇلدى، ھەممە ئالدىراش يۈرىشەتتى .ئايزىمە دۇسىتلىرى بىلەن ئۆي-جابدۇقلىرى ،قاچا-قۇچا .....دىگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى .
ھەش-پەش دىگۈچە ،توي كۈنىمۇ يىتىپ كەلدى ،ھەممە ئۇلارغا بەخىت تىلەشتى . شۇ تاپتا ،توي سەھنىسىدە ئۇلتۇرغان بۇ بىر جۈپ ياش ھەممىنىڭ ھەۋىسىنى قۇزغىغان ئىدى .ئايزىمەنىڭ زىلۋا بۇيلىرىغا تۇلىمۇ ياراشقان يېڭى پاسۇندىكى ئەتلەس توي كۆينىكى ،ئەلىنىڭ كىلىشكەن قامىتىگە باپ كەلگەن كاستۇم –بۇرۇلكىسى بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قۇشقان ئىدى . ئۇلار بىر-بىرىگەخۇددى كۇنىلار ئېيىتقاندەك «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قۇيغاندەك »ماس كەلگەن ئىدى . دۇسىت-بۇرادەرلىرى ئۇلارغا چاقچاق قىلاتتى ،ئۇلارنى كۈلدۈرەتتى .تۇيۇقسىز ئەلىنىڭ يانغۇنى سايراپ كەتتى ،ئەلى كۈلكىدىن ئۆزىنى ئاران تۇختىتىپ ،تېلغۇننى قۇلىغا ئالدى .
ـ ۋەي،ياخشىمۇسىز! - ئەلى پەس ئاۋازدا دىدى .
ـ ۋەي،جېنىم ،بارمۇ،تويىڭىغا مىنى چاقىرماپسىەن ھە ،سىەن نىمانچە تاش يۈرەك ماڭا دەپمۇ قۇيماي ،خەپ جۇمۇ سىنى ...-تېلغۇندىن بىر ئايالنىڭ نايناقشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
ئەلى بۇ تۇنۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كەتتى ۋەئىتتىك ئەتراپقا قارىۋېىتىپ :
ـ رەھمەت،ئاداش ،بۇپتۇ ،بۇپتۇ ،كىيىنمۇ بارغۇ بىز تېخى ،ماقۇل ئەمىسە ،خۇش ..- ئەلى گىپىنى تۈگىىتپ تىلغۇننى ئىتتىك قۇيىۋەتتى .
ـ كىمۇ؟ -ئايزىمە ئەلىدىن سۇرىدى .
ـ بىر ئاغىنەم ئىكەن، بۈگۈن كىلەلمەيدىغان بۇلدۇم ،كەچۈرگىن دەيدۇ ..- ئەلى ئۆزى دىگەن يالغان گەپكە ئۆزى ئىشەنمگەندەك مىيىقىدا كۈلۈپ قۇيدى .
توي كۈچۈرگىلى كەلگەنلەرمۇ كىلىپ بۇلدى ،ئايزىمەئاتا-ئانىسىدىن ،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغۇسى كەلمەي تۇختىماي يېغلايتى .خۇددى مۇشۇ كەتكەنچە قايتىپ كىلەلمەيدىغاندەك ،ئانىسىنى قۇچاقلايتى ،سۈيەتتى .
ـ يېغلىما قىزىم ،بەخىتلىك بۇل ،كۈيئۇغۇل بالامنىڭ ئىنسابىنى تىلەيمەن ....ئانا كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ بۇ دۇنيالىقتىكى جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىدىغان تۇتىياسىنى تۇختىماي پۇرايتى ،پىشانىسىگە ئۇتلۇق نەپەسلىرى بىلەن سۈيەتتى ،ئۇنىڭغا تۈگىمەس بەخىتلەرنى تىلەيتى .
تۇي ناخشىسى بىلەن تەڭ ماشىنا قۇزغالدى .
يېغلىماڭ قىز،يېغلىماڭ قىز ،
تويىڭىز بۇلدى .
ئالتۇن بىلەن بۈشىكىڭىز ،
ئۆيىڭىز بۇلدى .
شۇنداق قىلىپ ئايزىمە ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ بۇ شەھەرگە كەلدى .ئاخىرقى ھېساپتامۇراد –مەقسىتىگە يەتتى ،بىراق نىمىشقىكىن ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارامسىزلىناتتى ،ئەلىنى تۇي قىلغاندىن كىيىن باشقىچىلا بۇلۇپ قالغاندەك سېزەتتى .خۇددى ئۆزىدىن يۇشۇرىۋاتقان بىرەر ئىشى باردەك ھىس قىلاتتى .ئۇنىڭ بارا-باار كۆپىيىۋاتقان ئۇلتۇرۇشلىرى ،تۇختىماي كىلىۋاتقان تېلغۇنلار .....ئەلىنى ئايزىمەدىن يېراقلاشتۇرىۋاتىدىغاندەك بىلىنەتتى .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلى كۈندىن –كۈنگەخۇلىق چىقرىپ كېچە-كېچىلەپ ئاغىنىللىرىنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ تاڭ ئاتقۇچە ھاراق ئىچەتىتى .ئايزىمە بەكرەك گەپ قىلسىا ئۇنى مەسچىلىكتە ئۇراتتى ،تىللايتى .
بىرەر-ئىككى ھەپتە ئۆتە ئۆتمەيلا ئايزىمەنىڭ ئەلىگە بۇلغان بۇھەببىتى سۇسلىشىپ ،ئۇرنىدا نەپرەت قالغان ئىدى ،پۇرەكلەپ ئېچىلغان گۈلنى يىلتىزىدىن يۇلىۋەتكەندەك ،ئايزىمە ھالسىزلىنىپ قالغاى ئىدى .ئۇئۆزىنى چۈش كۈرىۋاتقاندەك سېزەتتى ،مۇلايىم، خۇشپئىل ئەلىسىنى چۈشلىرىدە ئىزدەيتى ،بىراق..........
ئايزىمەنىڭ كۈنلىرى مۇشۇنداق مەنىسىز،قالايمىقان رېتىمدا ئۆتۈپ كىتىپ باراتتى .
ـ ئايزىمە ،چاپىنىمنىڭ يانچۇقىدا پۇرىتمالىم بار ئىىدى ،ئەپچىقىپ بەرگىنە - ئەلى ئالدىراشچىلىقتا ھۆججەتلرىنى رەتلىگەچ قاچا-قۇچىلارنى رەتلەۋاتقان ئايزىمەنى تۇۋلىدى .
ئايزىمە پۇرىتمالنى ئېلىپ ئىشىكتىن چىقاي دەپ تۇرىشىغا ،بىر پارچە رەسىم ئايزىمەنىڭ ئالدىغىلا چۈشتى .ئايزىمە ئاستا ئىڭىشىپ يەردىكى رەسىمنى قۇلىغا ئالدى .
ـ نىمە ئىىش قىلۋاتىسەن – ئەلى ئالدىراپ ئۆيگە كىردى .
ـ بۇ كىم ؟ - ئايزىمەنىڭ سۇئالى جاۋاپسىز قالدى .
ئەلى رەسىمگە قاراپمۇ قۇيماستىن ،ئايزىمەنىڭ قۇلىدىكى پۇرىتمالنى «شارىتتىدە»تارتىپ ئېلىپلا چىقىپ كەتتى .
ئايزىمەنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى .شۇ كۈنى كەچتە ئەلى مەس ھالەتتە قايتىپ كەلدى ،ئۇ ئايزىمەنى تۇختىماي ئۇراتتى،
ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايتى .
ـ ھەي ، بۇزۇق ،سەن نىمە ئىش قىلىسەن بۇ ئۆيدە ،مىنىڭ پاتىمەرىم قېنى ،سەن ئۇنى نەگە مۆكتۈرۈپ قۇيدۇڭ ،ئېيتە ،ئۇ بايىلا باتتىغۇ ،گەپ قىلە دەيمەن ...
قاچا-قۇچىلارنىڭ چېقىلغان ئاۋازى ئايزىمەنىڭ يېغا ئاۋازىغا قۇشۇلۇپ كېچىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزغان ئىدى .
ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 6لەر ئەتراپىدا ئىشىك قۇڭغۇرىقى جىرىڭلىدى ،ئايزىمە نىڭ كېچىچە يېغلاپ ئىشىپ كەتكەن كۆزلىرى بىرەر نەرسىنى كۆرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، ئۇ قاپاقتەك ئېغىر بۇلۇپ كەتكەن بېشىنى تەستە كۆتۈرۈپ ،يەرنى سىلاشتۇرۇپ دىگۈدەك مېڭىپ ھۇجرا ئۆيىنىڭ ئىشىكىنىڭ تۈۋىگە كىلىشىگە ،مىھمانخانا ئۆيدىن ئەلى چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى .
ـ ئەسسالام ! تىچلىقتۇ ! ،مەن بىلەن كارىڭمۇ يۇق ،ھە ! –ئۆيگە 25ياشلار ئەتراپىدىكى مۇدا ياسانغان بىر ئايال كىرىپ كەلدى .
ـ ئاستىراق گەپ قىل ، بۇ ئۆيگە نىمە دەپ كەلدىڭ ؟ - ئەلى ئايالنى سىلكىشلەپ ئۇنى سىرىتقا تارىتتى .
- ئۆيدە ئايالىم بار ،نىمانداق ئۆزۈڭنى بىلمەيسەن - ئەلى ئايالنى تىللاشقا باشلىدى .
ـ ئايالىم دە ،ئۇنداقتا مەنچۇ؟ ،گەپ قىلە – ئايال تېخىممۇ ئەزۋەيلەپ سۆزلەشكە باشلىدى .ئۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈن ئۆينى بىر ئالغان ئىدى .ئايزىمە شۇ تاپتا يۈرىكىنى قاماللاپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى ،ئۇنىڭ ھازىر نە گەپ قىلغۇدەك ماغدۇرى ،نە ماڭغۇدەك دەرمانى يۇق ئىدى .ئۈزىنىڭ ئۆيىدە بۇلىنىۋاتقان گەپلەر خۇددى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەستەك ،بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە قاراپ تۇراتتى .
ـ بۇلدى قىلغىنە ،مەن سىنى سۆيىمەنغۇ ......._.ئەلى يەنە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلدى .ئۇلار ئۆيدىن يىراقلاشقانچە ،ئاۋازى سۇسلاشقا باشلىدى .
«سىنى سۆيىمەنغۇ»ئايزىمەنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئەلىنىڭ گىپى تەكرار لىناتتى .« ئەلى ،بىر چاغلاردا سەن مىنى سۈيەتتىڭغۇ ،سەن ئۇنىڭغا يالغان گەپ قىلدىڭ شۇنداقمۇ ؟»ئايزىمە ئۆز-ئۆزىگە تەسەلللى بىرەتتى .
ئايزىمە شۇلارنى ئۇيلىدى ،ئۆزنىڭ نەقەدەر ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى.ئەمدى ئۇ بىردىنلا ئۆزىنى چۇڭىيىپ قالغاندەك ،ئەقىل تاپقاندەك بۇلدى .قۇلىدىكى پۇل سۈرۈتكۈچنى جايىغا قۇيۇپ ،تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈزىدىكى قېتىپ قالغان ياشنى يۇيۇپ ئەينەككە قارىدى .« ئايزىمە ،سەن ئۆزۈڭگە ئۇخشىماي قالدىڭ .......»ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايتى .ئايزىمەنىڭ چىرايىدا بىر خىل كەسكىنلىك چىقىپ تۇراتتى ،ئۇ ئۇدۇل ياتاق ئۆيگە كىرىپ قۇل سۇمكىسىنى ئالدى ۋە ئۆيدىن چىقتى .ئۇ ئۆيدىن چىقىۋېتىپ ئۆزىنى شۇنداق ئەركىن سەزدى ..............
(شىنجاڭ يېزا –ئگلىك ئۇنۋېىرسىتىتى ،يېزا –ئگلىىگىنى ماشىنلاشتۇرۇش ۋە ئاپتۇماتلاشتۇرۇش 091 -سىنىپ ئۇقۇغۇچىسى )
|