• ئويۇنلىرىم بەك تولا(شېئىرلار)

    يوللانغان ۋاقتى:20-04-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    بالىلىق تۇيعۇلار كۅيلەنگەن.

     

    ئويۇنلىرىم بەك تولا
     
    قۇربان ئابلىمىت
     
    ئۇچار گىلەم
     
    ئۇچار گىلەم قىلدىم مەن،
    ياغلىقىنى ئانامنىڭ.
    ئۇچۇپ بېرىپ قوندى ئۇ،
    ئۈستىگە ئاق تاغلارنىڭ.
     
    شۇدەم ئىرىپ سۇ بولدى،
    تاغلاردىكى قار –مۇزلار.
    شىۋىرلاپ كۈي ياڭراتتى،
    دەل-دەرەخلەر،ئېتىزلار.
     
    ئاقتى دەريا،ئۆستەڭدە،
    دولقۇن ياساپ مۇھەببەت.
    قاراپ ئۇچار گىلەمگە،
    كۈلدى ئانا تەبىئەت.
     
    ئاق تېرەك،كۆك تېرەك
     
    ئاق تېرەك،كۆك تېرەك،
    دوستۇم نېمە كېرەك.
    دەپتەر يوقمۇ،قەلەممۇ،
    بولاي يار يۈلەك.
     
     
    ئاق تېرەك،كۆك تېرەك،
    ئۆتەيلى بىردەك.
    كىچىكلەرنى جان دوستلار،
    قىلمايلى بوزەك.
     
    ئاق تېرەك،كۆك تېرەك،
    يۈرگىنە تېزرەك.
    يىتىلەيلى مەكتەپتە،
    بولۇپ ئوت يۈرەك.
     
    لاتا قونچاق
     
    ئانا،ئانا تىكىپ بەرگىن،
    ئوماققىنا لاتا قونچاق.
    ئېسىپ قوياي ئۇنىڭغا مەن،
    تىل تەگمىسۇن دەپ كۆز مۇنچاق.
     
    كېتىپ قالساڭ ئېتىزلىققا،
    ئويناي بىللە قونچاق بىلەن.
    بېقىپ تۇرسا ئۇكامنى ئۇ،
    ئۆي ئىشىنى قىپ تۇراي مەن.
     
    ئاشۇ ئوماق قونچۇقۇمنى،
    ئۇخلاپ قالسام چىڭ قۇچاقلاپ.
    بوۋام چۆچەك سۆزلىگەندە،
    مېنىڭ ئۈچۈن قويسۇن ئاڭلاپ.
     
    تاڭ ئاتقاندا تۈن قوينىغا،
    قايتىپ كەتسە چۆچەكلىرىم.
    قونچاق بىلەن قالسۇن يەنە،
    نۇردەك سەبىي گۆدەكلىكىم.
     
    قەغەز كېمە
     
    ئۆيۈم دەريا بويىدا،
    دۇستلىرىمدۇر بېلىقلار.
    بىللە سۇغا چۈمۇلسەك،
    قۇچاقلايدۇ دولقۇنلار.
     
    سۇ ئۈزۈشنى ئۈگەندىم،
    بېلىقلاردىن ھەر كۈنى.
    ئېقىپ كەتسە بېلىقلار،
    بەردىم قەغەز كېمىنى.
     
    چىقىپ قەغەز كېمىگە،
    سەيلە قىلدۇق دەريانى.
    ماڭدۇق يىراق بىر جايغا،
    لىق قاچىلاپ ئارماننى.
     
    چىۋىق ئات
     
    چىۋىق ئېتىم،چىۋىق ئات،
    يايلىسى يوق ئورۇق ئات.
    مىنىپ سېنى چاپتۇرسام،
    بولار كۆڭلۈم شۇنچە شاد.
     
    كۆپكۆك دالا،كەڭ يوللار،
    كۈيگە تولار سەن بىلەن.
    دۇستلار ئارا بەس-بەستە،
    بەيگىلەرگە چۈشسەم مەن.
     
    چىۋىق ئېتىم،چىۋىق ئات،
    چاپقىن يەنە چاپ تېزراق.
    ئالغا باساي داۋاملىق،
    مەنزىل ئۇزۇن،يول يىراق.
     
    چامغۇر يۇلدى ئويناش
     
    بىر-بىرىگە چىڭ ئېسىلىپ ،
    چامغۇر بولدى نۇرغۇن بالا.
    تارتسام كۈچەپ«چامغۇر»لارنى،
    يۇلالمايسەن دېدى ماڭا.
     
    قايتا-قايتا تارتىپ باقتىم،
    يۇلالمىدىم مەن راستىنلا.
    چامغۇر ئىكەن بەكمۇ يۇغان،
    يىلتىزى چىڭ يەر چىرمىغان،
    يۇلالمىدىم مەن راستىنلا.
     
    مەن يېڭىلدىم ناخشا ئېيتاي،
    بىلەكلىرىم بولسۇن راۋاپ.
    قىزلار چۈشسە ئۇسۇلغا گەر،
    ئوغۇل دۇستلار قولنى سوزۇپ،
    قىلسۇن ئۇلار قۇياشنى داپ.
     
    دىھقان ئاتام تېرىپ چامغۇر،
    سۇغارغانكەن تەرلىرىدە.
    كەتمەن بىلەن كولاپ كۈزدە،
    ئېلىپ كەلگەن ئىكەن ئۆيگە.
     
    چامغۇر قانداق؟،
    بەكمۇ تاتلىق،
    ئاش ئىتىدۇ ئانام توغراپ.
    ئويۇن قانداق؟،
     بەكمۇ قىزىق،
    بىز قانمايمىز ئويناپ-ئويناپ.
     
    لاي ئۆيۈم
     
    ياساپ چىقتىم لايدىن ئۆي،
    پاكار-پاكار تام سېلىپ.
    ھويلىسىنى بىزىدىم،
    ھەرخىل ئىسىل گۈل تېرىپ.
     
    سۈپۈردۈم مەن پاك-پاكىز،
    مەھەللىنى، يوللارنى.
    چاقىرىمەن مېھمانغا،
    تۇنجى قېتىم چوڭلارنى.
     
    سىڭلىم ياقتى لاي توقاچ،
    ئوتتەك قىزىق قۇملارغا.
    داستىخېنىم ئېچىغلىق،
    بىللە ئۆتكەن دوستلارغا.
     
    لاي ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا،
    چىۋىق ئېتىم باغلاغلىق.
    باردۇر ياغاچ قىلىچىم،
    ئۆي ئىچىدە ساقلاقلىق.
     
    مەختۇمسۇلا، چىن تۆمۈر،
    سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز.
    مېھماندۇست ھەم ئەمگەكچان،
    باتۇر ئۇيغۇر نەسلى بىز.
     
     
    قۇربان ئابلىمىت(قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)
    库尔班。阿卜力米提(喀什疏勒县亚曼亚乡中学教师)
    身份证号码:653122197301201412
    电话号码:13565672884
     



    ھالقىلىق سۆزلەر : يۇلقۇن


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    قۇربان ئابلىمىت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 18:02 03-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 09:04 28-04-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار