پىغانلار پىچىرلايدۇ گۇلشەندە سويگۇدىن كۆز ئاچقان بۇلاق، شۇ ئېقىن باغرىنى سۆيدى سەل بولۇپ. ئاي بىلەن چولپاندەك ئۇزۇپ بىر مەنزىل، كاككۇكتەك نەزمىدە قالدىم ئاھ ئۇرۇپ. ياشلىقىنىڭ گۇل بىغى رەڭگارەڭ سەر خىل، شۇ كۇيىلەر ئىچىدە – سۆيگەن چىرايلىق. ئاشىقلىق ھىجرانى سالدى ھەر كويغا، مۇھەببەتنى ئىنسانغا قىلغاچقا بايلىق. پارلايسەن قۇياشتەك ئاخشىمى ئايدەك، بەزى ھەم يوشۇرۇپ يىرىم جامالىڭنى. سۆزلىرىم ھىجران، كۆزلىرىم ۋىسال سەۋرىدە، نىچۇن ئەمدى سۆيەلمەيمەن قايرىپ سىنىڭ رومالىڭنى. ياردەمنى بىلدىڭ خوشامەت قىلىش، كۆينۇشنى چۇشەنگىن غىرىب قەلبى دەپ. چۇشەندۇرۇش شوبھىسىز بولدىغۇ يىلىنىش، ۋەلىكىن ئاچچىقتىن كۆرمىدۇق ئەدەپ، قانۇنىيەت ئۆزگەرمەس سۆيگۇدە ھەۋەس، كىم كىمگە كۆز تىكسە بىرىدۇر گۇمان. كويۇكنى سالدىڭ سەن، مەن ھەم باشقىغا، بۇ ئىشلار داۋامىكەن يەككە پاي ھامان.
|


|