غەزەللەر
ئىمىن تۆمۈر
1
كۆز ياشىمدىن نامە يازدىم يارغا،
يەتكۈزەر دەپ شوخ شامال دىلدارغا.
ئەرزۇ ھالىمنى تامام قىلدىم بايان ،
رەھم ئېتەردەپ مەن كەبى بىچارىغا.
قالمىدى تاقەت تېشىلدى كۆزلىرىم،
كېچە-كۈندۈز تەلمۈرۈپ يوللارىغا.
دەرۋىشۇ مەجنۇن سىياقتۇر ھالىتىم،
ياتىمەن ئوخشاش بولۇپ بىمارغا.
مەن ئۈچۈن يوقتۇر تىرىكلىك دەپتىرى،
كەتمىسەممۇ ئاخىرەت بازارىغا.
خەيرىيەت بولما ئەمىنى نائۈمىد،
يەتكۈسى بۇلبۇلمۇ گۈل ۋىسالىغا.
2
يارىڭ دېگەن يار-يارلار يار ئەمەس،
بارىڭ دېگەن جىۋىدارلار يار ئەمەس.
خۇشناۋا بۇلبۇلنىمۇ تاڭ قالدۇرۇپ،
گۈل شېخىدا سايرىغانلار يار ئەمەس.
تىللىرىدا سۆيگۈدىن لاپلار ئۇرۇپ،
شۇنچە شىرىن نازلىغانلار يار ئەمەس.
سازىنى سازلاپ ۋاپانىڭ ھەرزامان،
دىل كۈيىگە چالمىغانلار يار ئەمەس.
ھىجر دەشتىدە سىناقلار ياغدۇرۇپ،
ئىشق كويىغا سالمىغانلار يار ئەمەس.
3
يار ئوتۇڭدا كۆيىمەن گۈلخان بولۇپ.
ھەم كويۇڭدا يۈرىمەن سەرسان بولۇپ.
بەلكى يوق مەھكۇم ۋىسالسىز سۆيگۈگە
مەن كەبى قالغانى باغرى قان بولۇپ.
كاجمۇ تەقدىرى ئەزەلدە تالىيىم،
گاھى ئويلاپ قالىمەن ھەيران بولۇپ.
ئاھ ئۇرۇپ، پەرياد چېكىپ، ياشلار تۆكۈپ،
تەلمۈرۈشتە ياتىمەن نىمجان بولۇپ.
ئېسۇ يادىمدۇر ئاباد يادىڭ بىلەن،
چۈشلىرىمدە تۇرىسەن مېھمان بولۇپ.
مۆككىنىدەك سېزىمەن ئون بەشىدە،
ئاي بۇلۇتلار كەينىگە پىنھان بولۇپ.
بار ئۈمىدىم ۋەسلى دىيداردىن ھامان،
قالغۇسى بىركۈنلىرى ئىمكان بولۇپ.
4
باق جاھانغا بارمىكىن غەمسىز كىشى،
ھەركىشىنىڭ غەمدە ئاغرىقدۇر بېشى.
دەردۇغەملەردىن يىراقمەن دەيدۇ كىم،
بارچە غەملەردىن قۇتۇلماقدۇر ئىشى.
ئىستەبان بولماقنى غەملەردىن ئازاد،
ئۆتىدۇ كۈندۈز-كېچە، يازۇ قىشى.
باسىدۇ غەمدىن قۇتۇلسا غەم يەنە،
شۇ يوسۇن ئىنسان خىيالى، سىردىشى.
ئەي ئەمىن سەن غەملىرىڭدىن غەم يېمە،
تۈزىلۇر بىركۈن پەلەكنىڭ گەردىشى.
5
بارمۇ قەستىڭ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلغىلى،
تەلمۈرۈشتە بىر ئۆمۈرقۇل قىلغىلى.
ياكى بىچارە يۈسۈپ كەنئان كەبى
قۇل بازارىدا سېتىپ پۇل قىلغىلى.
بىئەدەد ھىجران بالاسى ياغدۇرۇپ
جانۇ تەن جىسمىمنى چۈل-چۈل قىلغىلى.
قانچە قىلسام ھېچ كۆرسەتمەي ۋىسال
بۇ يۈرەك باغرىمنى مۇنچە تىلغىلى.
كەلمىگەيمۇ ئەسلا رەھمىڭ ئەي نىگار،
مەن غېرىپ بىچارىنى كۈلدۈرگىلى.
ھېچبىر ئاشىق ۋەسلسىز قالغانى يوق
بار ئىگەم مۇرادنى ھاسىل قىلغىلى!
6
ئاشىقىڭنى يوقلا يارىم بىر كېلىپ،
مەشۇقۇم، سۆيگەن نىگارىم بىر كېلىپ.
ئىشق ئوتۇڭدا يۈرىكىم بولدى كاۋاپ،
سورغىل ھالىمنى جانانىم بىر كېلىپ.
ياكى بەر دىيدارى ۋەسلىڭدىن خەۋەر،
سال نەزەر ساھىبجامالىم بىر كېلىپ.
بىقارار ھىجران ئازابىدىن مېنى
قىل ئازاد ! ئەي مېھرىبانىم بىر كېلىپ.
قىلما خەلقئالەمگە مۇنچە شەرمىسار،
بەرتەسەللى غەمگۇزارىم بىر كېلىپ.
بىر قېتىم قاندۇر ۋىسالىڭغا مېنى،
بارىدا بۇ تەندە جانىم بىر كېلىپ.
ئاپتور: خوتەن ۋىلايەتلىك مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىدا
تېلېفون نومۇرى: 18999653369
13999659139
|


|