تەنھالىقتىكى سېغىنىش
مەتنۇرى ئۆزھال
تەنھالىققا كۆنگەن ئارالسەن، قىرغىقىڭدا يېشىل سېغىنىش. ۋاراقلىنار قەلبىڭدە دۇنيا، چۈشلىرىڭدە تاتلىق ۋاز كېچىش.
مۇڭدىشىسەن يۈرىكىڭ بىلەن، كۆزلىرىڭدە ئارمان ئۇچقۇنى. سۆزلەپ -سۆزلەپ ھارمايسەن قىسسە، پەقەت ئاڭلار جىمجىت ئولتۇرۇپ، چىن سۆيگۈڭنىڭ سۈزۈك بۇلىقى.
تەنھالىقتىن ئىزلەيسەن ۋىسال، قىپ-قىزارغان سۆيگۈڭ ياپرىغى. ئېچىلىسەن قەلبىڭدە رەت-رەت، شەھلا كۆزنىڭ كىرسە يۇرىقى.
چەكسىز كەتكەن بارخانلار ئارا، چېلىنىسەن يىگانە نەيدەك. چىغىر يولدا تۇرار يەلپۈنۈپ، يۈرىكىڭدىن چاچرىغان تىلەك.
تەنھالىققا كۆنگەن ئارالسەن، ۋاراقلىنار قەلبىڭدە دۇنيا. سەن تاشلىغان ياپ- يېشىل پەيلەر، خىيال ئىچرە ئۇچار ساماغا...
كارۋان بۇلۇپ كەتتى سېغىنىش
كارۋان بۇلۇپ كەتتى سېغىنىش، ئۇپۇق تامان يولنى ئۇزارتىپ. قىپ-قىزارغان كولدۇما ئۈنى، شوخ شامالدا تۇرار يەلپۈنىپ.
پەسىللەرنىڭ چېچى ئاقاردى، بىراق،ئۈمۈت بولمىدى قاقشال. قۇرىغىچە ئۆمۈر بۇلىقى، چۇقۇم قۇنار قۇلۇمغا ۋىسال.
جەزىرىگە ئايلىنار بەلكى، كۈرۈشەلمەي كۈزىمىز ئەبەت. قەبرىمىزدە نىشانە بۇلۇپ، ئۈنۈپ چىقار سۆيگۈ دىگەن خەت.
كارۋان بۇلۇپ كەتتى سېغىنىش، قىرغىقىڭغا ئۈنسىز يېقىنلاپ. رۇجىكىمگە قوندى چۈشۈمدە، ۋىسال قۇشى يېقىملىق سايراپ.
|


|