يۇرىكىمدە بىر ئوت بار (غەزەللەر) ئابدۇلئەھەد قادىرى (1)   سېنى كۆرسەم بولۇر  دىلبەر، ۋۇجۇد مۇلكۇمگە جان پەيدا ، نىگاھىڭ شولىسى چۈشكەن ھامان مەڭزىمگە قان پەيدا . چىمەنسىز زەر قەپەس ئىچرە  زەبۇندۇر ھالى بۇلبۇلنىڭ ، قاچان گۈل ۋەسلىگە يەتسە  بولۇر ئاندىن زۇۋان پەيدا . نېتەي ، دەشتى قىيامەتتە تېنەپ يۈرگەنلىرىم ئازمۇ ، رەقىبلەر دەستىدىن ھەرئان يولۇمدا جۇت- بوران پەيدا . ئەجەپ قىسمەت ئىكەن ھىجران ئايانى بار ، پايانى يوق ، غېرىچتا بىر  بالا  زاھىر ، قەدەمدە  بىر  داۋان   پەيدا . كىشىكىم بولمىسۇن مەندەك تەلەيسىز بىناۋا ئاشىق ، ۋىسالنىڭ مەنزىلى مەۋھۇم ، جۇدالىق ھەرزامان پەيدا . نە بولغاي سەن سېغىنغاندا  يېنىڭغا مەن ئۇچۇپ بارسام ، قاچان قىلسام خىيال  بولساڭ قېشىمدا  سەن شۇئان پەيدا ... ئەھەدى ، سەبرى قىل خەستە جېنىڭ تەندە ئامان بولسا ، جانانىڭ بولغۇسى بىركۇن  قۇچاغىڭدا ھامان پەيدا ... !                          (2)   ئەي نىگارا ، ۋەسلى ئىمكان بەرمىدىڭ بىردەم ماڭا ، بولمىساڭ دەردىمگە دەرمان ، كىم قىلۇر ياردەم ماڭا ؟ سۈبھىدىن تا شامغىچە  بولسام  يولۇڭغا     ئىنتىزار، تۈن بويى بەرمەس ئارام‹پىژ-پىژ›قىلىپ مەيدەم ماڭا . دوق قىلارسەن‹ مۇز چىراي›دەپ،ئېيتقىنا قانداق كۈلەي ، رۇدۇپايدەك سوڭدىشىپلا يۈرسە تەشۋىش ، غەم ماڭا . ‹جان تەسەددۇق سەن ئۈچۈن›دەپ ئېيتقىنىڭ يالغانمىدى ، قېنى كۈن چۈشكەندە باشقا  بولغىنىڭ ھەمدەم ماڭا ؟ يوق تامايىم خەيرى- ئېھسان ،ئىلتىپاتتىن بىر ئۆمۇر، چۈنكى ، مىننەتلىك لىباستىن ياخشىدۇر جەندەم ماڭا . ‹يا ۋىسال بەر، يا جېنىمنى ئال خۇدا› دەپ ئاھ ئۇرۇپ ، نالە قىلماق بولدى ئادەت كۈندە مىڭ مەرتەم ماڭا . ئەي نىگار ، سەۋدايى نىمجان كۆڭلىگە كۆكلەم ئەكەل ، گەر ئۈزەر بولساڭ   ئەقىدەم   تارىنى ، ماتەم ماڭا !                          (3)   (4) 
 ئەي پەرى ، ئىشقىڭدا ئۆچمەس چوغ بولۇپ ياندى يۈرەك ،  زار بولۇپ ۋىسالغا ، ھىجران  ۋەسلىگە  قاندى   يۈرەك .  جۈپ ئانار مەي باغلىغان ئالتۇن لىگەندۇر  كۆكسىڭىز ،  بۇندا باغرىم بىر قەپەس، تۇتقۇنغا   ئايلاندى  يۈرەك .  بىر دەقىق جىم تۇرسا كاشكى ، يۇلقۇنۇپ بەرمەس ئارام ،  قانچە كىشنەپ چاپچىغانچە  شۇنچە داغلاندى يۈرەك .  تاش كۆمۇرگە ئوتنى ياقسا كۈل بىلەن داشقال قالۇر ،  بىقەدىر جىسمىمدا ئوت كۆيگەنچە چوغلاندى يۈرەك .  مەن تۆرەلدىم قايسى كۈن ئىشقى -پىراق سەيناسىدا،  سۆڭرى ھىجرانغا بەنت - زەنجىردە باغلاندى يۈرەك .  نە ئەجەپتۇر ئەيلىسەڭ كۆكسۈمنى خۇمدانغا قىياس ،  شۇ ئەزىم خۇمدان ئارا يالقۇنغا ئايلاندى يۈرەك .  بەس!كۆتۇر باشىڭنى نىمجان  ياتما غەپلەت ئۇيقىدا ،  چاچ-ساقالىڭغا قىرو قونغاندا ئويغاندى يۈرەك ! (5) 
     ئاھ، مېنىڭ باشىمغا مىڭ سەۋدانى جەم قىلدى پەلەك ،  گاھ ئىشىق شاھزادىسى ، دىۋانە ھەم قىلدى پەلەك .  مۇپتىلا ئەيلەپ گۈزەل ماھى تاباننىڭ  ئىشقىغا ،  بەردى ئارماننى تولا، دەرماننى كەم قىلدى پەلەك .  نە بولۇر لەۋ جامىدىن بىر قەترە  زەمزەم   ئوتلىسام ،  جانۇ - جىسمىمنى تۈگەل ھىجرانغا يەم قىلدى پەلەك .  ناگىھان يەتسە ۋىسالنىڭ شېخىغا سۇنغان  قولۇم ،  شۇھامان مىكرى بىلەن جەبرى - سىتەم قىلدى پەلەك .  يار ۋىسالىن  تۇتىيا ئەيلەپ  مېنى خەس   بورىيا ،  ئاز كېلىپ يىغلاتقىنى  قوشلاپ ئەلەم قىلدى پەلەك .  ئۆتكىچە ئەللىك يەنە ئالتە  داۋاندىن  يامىشىپ ،  باشتا ساچىمدىن تولا  بىسيارى غەم قىلدى پەلەك .  شۈكرى قىل ، نىمجان يىتىم ئاشىقلىغىڭدىن  ئۇرما ئاھ ،  بەلكى قىسمەتتە سېنى‹غېرىپ-سەنەم›قىلدى پەلەك .  
 
 | 
  | 
  |||||||














