• خوتۇن پۇرۇچ(ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:14-04-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    بويلىرى خۇددى قوناق شېخىغا ئوخشاش،قاڭشارلىق،بۇغىداي ئۆڭ،قوي كۆزلىرىدىن ئەقىللىقلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان ، بېشى گويا بېلىيارت ئۇرۇق

    بويلىرى خۇددى قوناق شېخىغا ئوخشاش،قاڭشارلىق،بۇغىداي ئۆڭ،قوي كۆزلىرىدىن ئەقىللىقلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان ، بېشى گويا بېلىيارت ئۇرۇقىدەك پاقىراپلا تۇرىدىغان ياسىنجان  يېزا تەۋەسىدە كەمدىن-كەم تېپىلىدىغان سازەندە بولۇپ ئۇنىڭغا قايىل بولمايدىغانلار يوق دىيەرلىك ئىدى .ئۇنىڭ شېئىرىيەتتىنمۇ ئانچە-مۇنچە خەۋىرى بولۇپ گاھىدا ئانچە-مۇنچە شئېىرلارنىمۇ يېزىپ قوياتتى قېرىشقاندەك ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمايۋاتاتتى. ئۇ بۇنىڭدىن سەل خاپا ئىدى شۇڭلاشقا  سورۇنلاردا دائىم دىگۈدەك موشۇ ئىشلار توغۇرلۇق ئانچە—مۇنچە ئۆزنارازىلىقىنى سورۇن ئەھلىگە ئىپادىلەپمۇ قوياتتى .سورۇن ئەھلىنىڭمۇ بۇ ئىشلار قولىدىن كەلمىگەچ ئامالسىز ئۇنى قوللاش يۈزىسىدىن ئۇلۇغ-كېچىك تىنىپلا قوياتتى خالاس.
    تولۇق ئوتتۇرىنى تۈگىتىپ ئالى مەكتەپتە ئوقۇش نىسىپ بولمىغان ياسىنجان ،مەرھۇم ئەمەت ئاكا بىلەن سارىخان ھەدىنىڭ يالغۇز پەرزەنتى بولغاچقا ئۇلار ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا تولىمۇ ئامىراق بولۇپ ئۇنى مەكتەپ پۈتتۈرگەنگە قەدەر  ھېچقانداق ئىشقا سېلىپ باقمىغاندى.مانا ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى تاماملىغاندىن كېيىنمۇ خۇددى بايۋەتچىلەردەك ئايىقىغا توپا قوندۇرماي،  شىمنىڭ قىرىنى بۇزماي، ئويۇن-تاماشىا بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدى.  ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ تويىنى قىلىپ قويساق ئوڭشۇلۇپ قالار،دىگەن خىياللار بىلەن ئۇنى ئۆيلەپ قويدى .بىراق ئۇ يەنىلا تاماشا قىلىش بىلەن كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى .بىچارە چوڭلار  ئۇنىڭدىن قىلچە ئاغرىنمايتى كېلىن سەل ناچارچىقىپ قالدى، دىگەن خىياللار بىلەن بارلىق گۇناھنى كېلىنىگە قويۇشاتتى. ياسىنجان 4ئاي ئۆي تۇتقاندىن كېيىن ئايالىدىن زېرىكىپ قالدىمۇ قانداق باشقا بىرىنى تېپىۋالدى. شۇ ۋەجىدىن ئۆيى بۇزۇلدى.ئىككىنچى،ئۈچۈنچى ئايالى بىلەنمۇ شۇنداق بولدى .مانا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ خۇددى بۇ رەھىمسىز دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن سەل رەنجىدىمۇ قانداق ئارقا –ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.ئەمدى ئۇنىڭ كۈنى تۇغۇلدى-دە، كۈنلىرىنى تاماشا بىلەن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.توۋا قىزلار دىگەنمۇ ئەجەپ بولىدۇ بىلىپ تۇرۇغلۇق يەنە موشۇنداقلارغا ئامىراق بولىدىكەن.ھەش-پەش دىگغچ ئۇ يەتتىنچى ئايالىدىن ئاجىراشىپ يېزىدىكى قىزلارنىڭ ئالدى بولغان سەلىمەگە ئۆيلەنمەكچى بولدى سەلىمە بۇغداي ئۆڭ ،بۈدرە چاچ ،تال چىۋىقتەك بەللىرى ھېلىلا ئۇشتۇلۇپ كېتىدىغاندەك  چىشلىرى بەئەينى سەدەپتەك ، كۆزلىرىدىن ھۇشييارلىقى چىقىپ تۇرىدىغان قىز ئىدى.
      ئاش ۋاقتى بىلەن ئېتىزدىن ئىشلىرىنى تۈگىتىپ كەلگەن قاسىم ئاكىنىڭ قەدەملىرى ياسىنجاننىڭ ئۆيى يېنىغا كەلگەندە توختاپ قالدى -دە،سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرۋازىنى قاقتى.بىرھازادىن كېيىن، ياسىنجان ساپما كەشىنى سۆرىگىنىچە ،كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ ئۆيدىن چىققان
     پېتى دەرۋازىنى ئاچتى.
    ئەسسسلسمۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز ؟ئۆيگە كىرىڭ .
    -ئۆيگە كىرمەي ئۇكام موشۇ يەردىلا ساڭا دەپ قويۇدىغان گېپىم بار ئىدى. داداڭ -ئاناڭ رەھمەتلىك بەكمۇ ئوبدان ئادەملەر ئىدى بىراق ياخشىغا كۈن يوق،يامانغا ئۆلۈم دىگەندەك ئۇلار بالدۇرلا كېتىپ قالدى. ئەمدى ساڭا دەيدىغان گېپىم .سەن شۇلارنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ خاتىرجەم تۇرموش كەچۈرسەڭ،ئاشۇ رەھمەتلىكلەرنىڭ روھى خۇش بولۇر ئىدى بىراق نىمە ئىشلىكىنى بىلمىدىن ئوغلۇم ،ئۆيۈڭ ئۆي بولمايۋاتىدۇ كونىلاردا ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش خوتۇن ئالساڭ يىل كېڭەش دەيدىغان سۆز بار. تېخى خوتۇنۇڭدىن ئاجراشقىنىڭغا بىر ئاي بولماستىنلا يەنە ئۆيلەنگۈدەك دىگەن گەپلەر قۇلۇقۇمغا كىرىۋاتىدۇ، مەنچە بىرەر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆيلەنسەڭمۇ ياخشى بولاتتى دىگەن پىكىردىمەن شۇڭا سەن بىلەن پاراڭلىشىپ باقاي دىگەندىم دىدى ئۇنىڭغا.
    -ئەسلىدىغۇ شۇنداق قىلسام ياخشى بولاتتى بىراق ئۆي دىگەندە ئايال كىشى بولمىسا بولمايدىكەن ،مېنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشقا ۋاقتىممۇ يەتمەيدۇ ھەم قىلالمايمەن. باشلىقلارغا ساز چېلىپ بەرمىسەم بولمايدۇ،شۇڭلاشقا بالدۇرراق ئۆيلىنىۋالمىسام كېۋەزلىكنى ئوت-چۆپ بېسىپ كېتەرمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم دىدى جاۋابەن ئۇ.
    -ئەركىشى تۇرۇپ قولۇمدىن ئىش كەلمەيدۇ دىگىنىڭ نېمىسى؟سەنزە خوتۇننى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا سالغىلى ئالىدىكەنسەندە؟ئوغۇل بالا بولغاندىن كېيىن ئويۇن -تاماشىنى سەل ئازلىتىپ ئۆزۈڭ قىلساڭ بولمامدۇ؟ئەگەر يەنىلا شۇنداق قىلساڭ ئۆيۈڭ ھەرگىزمۇ ئۆي بولمايدۇ.
    -مەن سىزگە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلالمايمەن دىدىمغۇ ھازىر،خوتۇن دىگەننى ئىشقا سالمىسا قانداق بولىدۇ؟ سەل رەنجىگەن قىياپەتتە دىدى ياسىنجان.
    -قاسىمكام بېشىنى لىڭشىتقنىچە لام-جىم دىمەستىن ئارقىغا ياندى. 
     ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ تويى بولدى . ئۇنىڭ كۆزىگە قىزلار بەكمۇ چىرايلىقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىپ ئايالى  كۈندىن-كۈنگە سەتلىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيلۇۋاتاتتى.ئۇنىڭ كۆڭلىدە بۇ خوتۇننى قويۇۋېتىپ تازا كىلىشكەن چىرايلىق خوتۇندىن بىرنى ئالسام نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى دىگەن خىياللار بىرىنىڭ -كەينىدى بىرى كېلىشكە باشلىدى.
    بۈگۈن ئۇ رېستۇراندا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدى،قىز ئۇنىڭ سازىنى شۇنداق ئىشتىياق بلەن ئاڭلىدى ،ھەر-بىر مۇزىكا ئاخىرلاشقاندا چاۋاك چېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتەتتى، مانا ئۇ ئاخىرى ئىككى رومكىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە.
    -رەھمەت سىزگە سازنى بەك ئوبدان چالىدىكەنسىز ،بۇ ئاز بولسىمۇ مىنىڭ كۆڭلۈم قېنى سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن بىر قەدەھتىن ئىچىۋېتەيلى! ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن دىگىنىچە ئۇ قولىدىكىنى ياسىنجانغا تۇتتى.ئۇ ھاياجانلىناتتى چۈنكى ئۇ موشۇ ۋاققىچە ساز چېلىپ بىرەرسىنىڭ ئۆزىنى بۇنداق ماختىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغاندى.
    خوش ئەمىسە سىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىڭىز ئۈچۈن دىگىنىچە ئۇ ھېلىلا قولىغا ئالغان رومكىنى قىزنىڭ قولىدىكى بىلەن سوقۇشتۇردى .كۆڭلىدە نىمە دىگەن چىرايلىق ،نىمە دىگەن گەپدان مەن نېمىشقا موشۇنداق قىزلار بىلەن توي قىلمىغاندىمەن توۋا 8خوتۇن ئاپتىمەن بىرەرسىمۇ مىنى بۇنداق خۇش قىلىپ باقمىغان دىگەنلەرنى چاقماق تېزلىكىدە خىيالىغا كەلتۈرۈپ ئۈلگۈردى ئۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن كۆزلىرىنى ئۈزمەي قاراپلا قالدى .تۇيۇقسىز بىرىنىڭ :
    -ھەي ئاداش نىمگە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرىسەن چالمامسەن دەپ ۋاقىرىغان ئاۋازى ئۇنىڭ خىيالىنىڭ بېلىگە تېپىۋەتتى ۋە سەل رەنجىگەن قىياپەتتە چېلىشقا باشلىدى.ئولتۇرۇش داۋاملاشماقتا ئۇ ساز چېلىۋاتقىنى بىلەن بار خىيالى ھېىلىقى سەتەڭدە ئىدى،سەتەڭمۇ تۇرۇپ -تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھاراق تەڭلەپ تۇرۇاتتى.مانا سورۇن تۈن نىسبى بىلەن ئاخىرلاشتى ھەممە ئۆيلىرىگە راۋان بولۇشتى ،كوچىدا ئىككى سايە ئۇيان-بۇيان دەلدەڭشىپ كېتىپ بارماقتا ياسىنجانمۇ تاز تەڭشەلگەندى ھېلىقى قىزمۇ ،  شۇنداق ئۇلار بىر مېھمان سارايغا كىرىپ كېتىشتى .قىز كېچىچە ئۇنىڭغا ئەركىلەپ ھەر خىل قىلىقلارنى قىلاتتى ياسىنجان بولسا ئۆزىنى شۇنداق راھەت،بەخىتلىك سەزمەكتە ئىدى مانا تاڭمۇ ئاتتى ئىككىيلەن ئاشپۇزۇلغا كىرىشىپ ناشتا قىلىشتى شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر ھەپتە شۇ قىز بىلەن بىرگە بولدى. ئۇنىڭ خىيالىغا نە ئۆيى نە ئايالى كىرىپ چىقمايتتى . شۇندىن ئېتىبارەن كۈندە دىگۈدەك شۇ قىز بىلەن بىرگە يۈردى مانا كۈز ئايلىرى يىتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۆيىگە قايتمىغىنىغا بىر نەچچەئاي بولغاندى .بۈگۈن ئەتىگەنلا ئۇ ھېلىقى سەتەڭ بىلەن خۇشلىشىپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى،يول بويى قانداق قىلسام بۇ خوتۇندىن ئاجرىشىپ ھېلىقى سەتەڭنى ئالارمەن؟دىگەن خىياللارنى قىلاتتى .ئۇ ئۆيگە كەلگەندە ئايالى  ئېتىزلىققا كەتكەنمدى .ئۇ ئېتىزلىققا قاراپ يول ئالدى ۋە قىرنىڭ بېشىدا قوشنىسى بىلەن پاراڭلشپ ئولتۇرغان ئايالىنى كۆردى ۋە بوراندەك ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى شۇ جايدىلا ئۇرۇشقا باشلىدى.
    -ھوي نىمە بولدۇڭ ئاداش ؟بۇ نىمە قىلغىنىڭ ؟قوشنىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئاجراتماقچى بولدى.
    -نىمە بولغانلىقىنى تېخى مەندىن سوراۋاتامسەن ياسىنجان ئۇنىڭغا ئېتىلدى مانا جېدەل ئۇلغۇيۇشقا باشلىدى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا تەرپ -تەرەپتىن پۇلسىز كىنو كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەنلەر يىغىلدى.ۋە ئۇلارنىڭ جېدىلىنى ئارىشقا باشلىدى.
    -نىمە بولدۇڭ ئۇكام؟بۇ نىمە ئىش سورىدى ئەتىرەت باشلىقى.
    -كۆرمەمدىغان بۇ ئىككىسى بۇ يەردە يېقىن ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ بۇ نىمە ئىش ئۇلاردا بىرەر ئىش بولمىسا شۇنداق قىلىشامدۇ؟نەچچە ۋاقتىن بۇيان مەن ئۆيدە يوق بۇ قانجۇقنىڭ ئۇنىڭ بىلەن نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كىم بىلىدۇ. ئايالنىڭ ئاغزى -بۇرنى قانغا مىلەنگەن ھالدا ئۆزىنى ئاقلىماقتا  بىراق ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشلىرى كارغا كەلمەيتى. ياسىنجان غەزەپ بىلەن:
    - سېنى بۈگۈندىن ئېتىبارەن  تالاق قىلىۋەتتىم يوقال كۆزۈمدىن! دىدى ئەسەببىيلەشكەن ھالدا.
    كۆپچىلىك توۋا دىيىشكىنىچە ياقىلرىنى تۇتۇشتى،توۋا ماۋۇ  خوتىن پۇرۇچنىڭ  يەنە خوتۇن يەڭگۈشلىگۈسى كېلىپ قالغانغا ئوخشايدۇ دىيىشتى باشلىرىنى چايقىغان قاياپەتتە.شۇنداق قىلىپ ئۇ ئايالى بىلەن تېزلا ئاجىراشتى ئايالىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى  ۋە قۇلۇم قوشنىلارنىڭ ئۇنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىغا ئاچچىقى كېلىشكەن بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭغا نىمە ئامال دەيسىز.
     ئۇ ئاخرىشىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ناھىيە بازىرىغا قاراپ يول ئالدى ۋە سەتەڭ بىلەن تېپىشتى.ئىككىيلەن بىر نەچچە كۈن بازاردا تاماششا قىلغاندىن كېيىن يېزىغا يىتىپ كېلىشتى .ئۇ ئەتىسىلا مەھەللىدىكى بىر نەچچە ئاغىنىسى بىلەن ناھىيىدىن كەلگەن ئاغىنىلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ ئولتۇرۇش قىلدى ۋە يېڭى ئايالىنى بىر قۇر ماختاپ چىققتى ئاغىنىلىرمۇ بىردەك.
    -ئايالىڭ تاماققا ئۇستىكەن،ئۆي ئىشىغىمۇ پۇختا ئىكەن ،ھاراقنىمۇ تازا ئىچىدىكەن دىيىشىتى بىردەك.  شۇندىن ئېتىبارەن ئۇ ئايالىنى نەگە بارسا بىرگە ئېلىپ بارىدغان بولدى. بولۇپمۇ مەھەللىدە ئازراقلا ۋاقتى چىقسا بۇرۇن ئېلىپ قويۇۋەتكەن خوتۇنلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن بىر نەچچە قېتىمدىن ئۆتىدىغان بولۇپ قالدى.بۈگۈنمۇ ئۇ كۈندىلىك ئادىتى بويىچە تېخى يېقىندىلا تالاققا چۈشۈرىۋەتكەن ئايالىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بار ئاۋازى بىلەن.
    يېڭىدىن ئۇچلاپ كېيدىم ،
    چاپىنىمنىڭ  يېڭىنى.
    بۈگۈن-ئەتە ئاڭلارسىز،
    بىزنىڭ يارنىڭ دېڭىنى.
    دەپ ناخشا ئېيتىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى ، سابىق ئايالنىڭ نېرىۋىسى سەل ئاجىز بىر ئىنىسى بارئىدى.
    ئۇ يۈگۈرۈپ چىققىنىچە ياسىنجانغا ئېتىلدى ۋە  بىردەمنىڭ ئىچىدىلا باش-كۆزىنى قارىغۇسىز قىلىۋەتتى.
    ياسىنجان بۇ يېزىدىن غايىپ بولدى،ئۇ ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ بېرىپ  سورۇنلاردا ساز چېلىشنى تاشلاپ   كىيم-كېچەك دۇكىنى ئېچىۋالغاندى.
    ــ قاراڭ ياسىنجان كىچىك يەر دىگەننىڭ كىچىكلىكى بار،خۇدايىم بىزنىڭ پېشانىمىزگە موشۇ ناھىيىدىن چىقماسلىقنى پۈتۈۋەتكەندەك قاچانلىققىچە بۇ كىچىككىنە دۇكانغا تەلمۈرۈپ تۇرىمىز؟دىدى ئايالى ئەركىلەپ تۇرۇپ.
    ـ  ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟
    -قانداق قىلىمىزدىگىنىڭز نېمىسى؟بىر نەچچە يۈزمىڭ سومنى بانكىغا قويۇپ موشۇ كىچىككىنە دۇكاننى ئېچىپ يۈرسەك  بولامدۇ پۇلنى پۇل تاپىدۇ دىگەن سۆز بار ،پۇل بولغاندىن كېيىن ئىچكىرىگە بېرىپ ئوقەت قىلمايمىزمۇ؟
    - نىمە ئوقەت قىلىمىز؟
    - ئۇ جايدا دېگەن قانداقلا ئوقەت قىلساق بولىۋېرىدۇ.
    - ئۇ جايدا تونۇشىمىز بولمىسا ؟
    - شۇمۇ دىگىنىڭىزمۇ؟تونۇشنى نېمە قىلىسىز؟پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا دىگەن سۆز بار بېرىپ بىر نەچچە يىل ئوقەت قىلىپ پۇل تېپىپ كەلسەك ياخشى ئەمەسمۇ؟
    - تاپقىلى بولارمۇ؟
    - نىمىشقا بولمىغۇدەك؟مەن بۇرۇنقى يولدىشىم بىلەن ئىچكىرىدە بىر نەچچە يىل رەختچىلىك قىلغاندۇق ،يولدۇشۇم دېگەن نائەھلى پۇل تېپىپ كۆزى قىزىرىپ،مەن بىلەن ئاجىرىشىپ كەتتى.
    ئايال كۆزىگە ياش ئالغان قىياپەتتە سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.
    - پۇل تاپىدىغانلا ئىش بولسا بارساق ،باردۇق دىدى ياسىنجان جاۋابەن شۇنداق قىلىپ .ئۇ ئىككى يۈزمىڭ سوم پۇلنى كارتىغا قاچىلاپ ئايالى بىلەن ئىچكىرىگە يول ئالدى...
    - پويىز چاقماق تېزلىكىدە ئىلگىرلىمەكتە ياسىنجان ئايالى بىلەن گۇڭۇر-مۇڭۇر مۇڭداشماقتا ،ئۇلار قانداقتۇر بىر شېرىن خىيال ئىلىكىدە يول ئازابىمۇ ھېس قىلىشمىغاندەك قىلاتتى.پويىز جېڭجۇ ۋوگزالىغا كەلدى.بىز موشۇ جايدا چۈشۈپ قالايلى بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن گۇئاڭجۇغا بارايلى دىدى ئايالى .شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن جڭجۇدا چۈشۈپ قېلىشتى ۋوگزالدىن چىققاندىن كېيىن ياسىنجان ئايالىغا.
    - قارا خوتۇن ئاۋۇ مۇنار ‹‹شاۋلىن ئىبادەتخانىسى››دېگەن كىنودىكى مۇنارغا ئەجەپمۇ ئوخشايدىكەن دىگىنىچە يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان مۇنارنى ئىشارە قىلدى.
    - شۇنداق ئوخشايدۇ بىراق ئۇ ئەمەس ، خالىسىڭىز ئەتە مەن سىزنى ‹‹شاۋلىن ئىبادەتخانىسى››
     غا باشلاپ باراي دىدى يولدىشىغا.شۇنداق قىلىپ ئۇلار خۇيزۇلار كوچىسىدىكى بىر مېھمان سارايغا ئورۇنلاشتى ۋە قاراڭغۇ چۈشكىچە كوچا ئارىلىدى .كەچلىك تاماقتىن يېنىپ ئۇنىڭ گېلى قىچىشىشقا باشلىدى.
    -ئازىراقتىن ئىچىشمەمدۇق دىدى ئايالىغا،شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن بىر بوتۇلكا ھاراق بىلەن زاكوسكىلارنى ئېلىشىپ مېھمانسارايغا قايتىشتى...
    ياسىنجاننىڭ بېشى چېقىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىشقا باشلىدى،ئۇ بېشىنى كۆتىرەلمەيتتى
    تەسلىكتە يانغا قارىدى ئايالى كۆرۈنمەيتتى.خوتۇن تاماق ئەكەلگىلى چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ
    دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ يەنە ئۇيقۇغا كەتتى...
    ياسىنجان ئۇيغانغاندا قاراڭغۇ چۈشكەندى ئۇ ئورنىدىن مىڭ بىر مۇشەققەتتە تۇرۇپ كىرسلودا ئولتۇردى. بېشى يەنىلا چېقىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىماقتا ئىدى .تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزى
    بىردىنلا يېنىدىكى قالايمىقان تاشلاغلىق تۇرغان كىيملەرگە چۈشتى،چاپىنىنىڭ يانجۇقىنى ئاختۇردى 
    يانجۇق قۇرۇغدالغان بولۇپ كارتا يوق ئىدى .ئاپلا بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ سىرتقا چاپتى . تۈن قاراڭغۇسىدا ئايالىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى .ۋوي ئىسىت!دىگىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى خوتۇن پۇرۇچ...
     




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    پەرھات جەمشىت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 12:02 20-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 23:05 05-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار