• كىتاب قىتىدىكى گۈل بەرگى( پوۋسىت)

    يوللانغان ۋاقتى:12-04-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: توختى مامۇت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 1 قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
    كىتاب بەتلىرىگە يىڭىلا ئۈزۋىلىنغان قىزىل ئەتتىر گۈل بەرگى قىستۇرۇلغان ئىدى ...

     كىتاب قىتىدىكى گۈل بەرگى

    ( پوۋسىت)

    رابىيە ئىبراھىم

    يازنىڭ سەھەردىكى سالقىن شامىلى كۇچا ئاپتۇبۇسىدىن چۈشكەن ئەنقەرگە ھۇزور بېغىشلىدى.ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ يىنىك خۇرسىنىپ قويدى .
    ھەي، تۈنۆگۈن سىڭلىمنىڭ تۇيى بىلەن مەردان پېرافىسورنىڭ نۇتۇقىنىڭ بىر كۈندە كىلىپ قالغىنىنى دەيمەن، بۇ نۇتۇقنى بەكمۇ ئاڭلىغۇم بار ئىدى.مەنمۇ بىرەرسىگە «نۇتۇقنى لېنتىغا ئىلۋىلىڭلار»دەپ تاپىلاپ قويماپتىمەن .ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرىدىغان بىرەرسىنىڭ خاتىرىنى بولسىمۇ ئۇقۋالاي،«بىر دانا سۆھبىتىدە بولساڭ ،بىر ئىسىل كىتاپ ئۇقۇغاندەك بۇلىسەن »دەيدىغان ھىكمەت بار ئەمەسمۇ.گەرچە سۆھبىتىگە داخىل بولالمىساممۇ،سۆھبەتنىڭ جەۋھىرىنى بولسىمۇ بىلۋالاي.كىمنىڭ خاتىرسىنى ئۇقۇسام بولار؟ بۇ ئوي بىلەن تەڭ ئۇنىڭ كۆزئالدىدىن ئەگمە قاشلىرى ئاستىدىكى بۇلاقتەك كۆزلىرى دائىم ھايالىق بىلەن يەرگە بىقىپ تۇرىدىغان ،گىلاستەك لەۋلىرى ئاق سۈزۈك يۈزىگە خويمۇ ياراشقان 27-28ياشلاردىكى زىلۋاغىنە كەلگەن ئاينەزەرنىڭ سىماھى لىپ قىلىپ ئۈتتى.
    نىمە دىگەن ئۈتكۈر پىكىرلىك ئايال–ھە!سىنىپتىكى يىگرىمە نەچچە ئايالنىڭ ئىچىدە تىرىشچانلىقى، تەپەككۈرىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن ئۆزگىچە خوش پۇراق چاچقان بىر گۈل _دە.ئەنقەر ئۆز خىيالى بىلەن ئۇقۇتۇش بىناسى ئالدىدىكى ئۈزۈم تال بارىڭى ئاستىغا جايلاشقان ئۈستەل –ئورۇندۇقلارنىڭ يىنىغا كىلىپ قالغىنىنى تۇيمايلا قالدى.ئۇ ئورۇنداقلارغا مەقسەتسىزلا نەزەر تاشلىدى-يۇ،چۈچۈپ كەتتى.تۇۋا،مۇشۇ كۈنلەردە كىمنى ئويلىساڭ،كىمنىڭ گىپىنى قىلساڭ شۇ كۆز ئالدىڭدا پەيدا بولىدۇ دىسە.
    ئاپپاق نىپىز شايىدا كۆينەك كىيىپ ،بېلىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان تەبىي دۇلقۇن چاچلىرىنى ئەركىن قۇيۋەتكەن ئاينەزەر پۈتۈن زېھنى بىلەن كىتاب ئۇقۋاتاتتى.ئۇ شۇ تۇرقىدا بەئەينى ئىلىم تەھسىل قىلۋاتقان بىر پەرىشتە ئىدى.
    ئەنقەرنىڭ يۈرىكى شېرىن جىغىلداپ ،ئىلىق بىر سەزگۈ دەقىقە ئىچىدە پۈتۈن ۋۇجودىنى قاپلىدى.يىقىندىن بىرى بۇخىل تويغۇ ئۇنىڭ رايىغا باقماي ئاينەزەرنى كۆرسىلا يۈرىكىنى لەرزىگە سالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنى تۇتۋىلىپ ،ئاينەزەرگە قاراپ ماڭدى.
    _ئەتگەنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن ،كىتاپخۇمار .ئۇقۋاتقىنىڭىز نىمە كىتاپ ؟
    تۇنۇش ئاۋازدىن بىشىنى كۈتەرگەن ئاينەزەر ئالدىدا ئۇلتۇرغان ئەنقەرگە قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ جاۋاپ بەردى:
    _ئەسئەد سۇلايماننىڭ« تارىم قۇۋىقى چىكىلگەندە » دىگەن كىتابى. تۈنۆگۈن كۆرۈنمەيسىزغۇ؟   _ سىڭلىمنىڭ ماركىسى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇخسەت سۇرىغان ئىدىم .سىز ئۇقۋاتقان بۇ كىتاپ مىلەت تارىخنى چۈشۈنىشتە ناھايىتى ياخشى ئاساس بۇلىدۇ، ئۇقۇغانسىرى تەپەككۈرىڭىزنى بىيىتىدۇ.
    _بىر قىتىم ئۇقۇپ بولۇپ يەنە ئۇقۋاتىمەن ،ئۇقۇغانسىرى بىلىمىم كۈپىيىپ قىلۋاتقاندەك ھېس قىلۋاتىمەن.مەن تىخى سىزنى شۇنچە مۇھىم لېكسىيەدىن ۋاز كەچكۈدەك نىمە ئىشى چىقىپ قالغاندۇ دەپ ئۇيلىغانتىم.
    _مىنىڭمۇ ئۇ لېكسىيەنى بەكمۇ ئاڭلىغىم بار ئىدى .ئەپسوس ،ئاڭلىيالمىدىم.خاتىرە قالدۇردىڭىزمۇ؟خاتىرسىنى بولسىمۇ ئۇقۋالاي دەيمەن .
    _ ئاينەزەر!_بىر ئايال ئۇقۇتۇش بىناسىدىن چىقىپ توۋىلدى.
    _بۇستان ھەدەم چاقىرۋاتىدۇ_دىدى ئاينەزەر ئورنىدىن تۇرۋىتىپ،چاققانلىق بىلەن سۇمكىسىدىن قىلىن، شاپلاقچىلىق چوڭلۇقتىكى خاتىرنى چىقىرىپ ئەنقەرگە سۇنغاچ.
    يىنىك قەدەملەر بىلەن بىناغا قاراپ كىتۋاتقان ئاينەزەرنىڭ كەينىدىن زۇقمەنلىك بىلەن قاراپ قالغان ئەنقەر بىردىنلا خاتىرنى ئىسىگە ئىلىپ ئۇقۇش ئۈچۈن ئاچتى،ئاچتىيۇ چۈچۈپ كەتتى .
    ھايات ئاجايىپ تاساددىبىيلىقلارغا تولغان .بو ئاينەزەرنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرسىدەك قىلاتتى.بۇ كىچىككنە خاتىرە ئەنقەرنىڭ ئالقىنىدا چوغقا ئايلانغان ئىدى. بۇ ئاتەش چۇغ ئۇنىڭ ئالقىنىنى ئەمەس بەلكى يۈرىكىنى كۆيدۈرۋاتاتتى.
    «بۇ كۈندۈلۈك خاتىرغۇ؟ ئۇ لېكسىيەنى كۈندۈلۈك خاتىرسىگە يازغاندىمۇ؟ ياق، چۇقۇم ئالدىراشلىقتا ئالماشتۇرۇپ بىرىپ قويدى.قايتۇرۇپ بېرەي ...ياق،ياق!ماۋۇ تىنىمسىز دۈپۈلداۋاتقان يۈرىكىمگە داۋا چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...»ئۇ كۈڭۈل تويغۇلىرىنىڭ ۋەسۋەسىدە خاتىرنى ئۇقۇش ئۈچۈن خىلۋەت جاي ئىزدەپ بىنا كەينىگە قاراپ ماڭدى،ھەمدە تۇنجى قىتىم يالغان باھانە كەلتۈرۈپ مۇئەللىمگە رۇخسەت سوراش ئۈچۈن تىلفۇن ئۇردى.
    ※       ※         ※        ※
    25-دىكابىر
    كەل خاتىرەم ،قوينىڭنى ئاچ!سىنى يەنە بۈگۈندىن باشلاپ سىردىشىم قىلۋالاي.يۈرۈگۈم ئۆزىگە سىغدۇرالمايۋاتقان ئازاپلىرىنى ساڭا ئېيتۋالسۇن،موڭلىرىنى تۈكۋالسۇن .
    كىچە سائەت ئىككى بولدى ،ئۇ ھازىرغىچە كەلمىدى.بەلكىم يەنە بىرىنىڭ ئۈيىدە ماجاڭغا دۈم چۈشكەندۇ،ئۇنىڭ خىيالىغا بۇيەردە ئۇيقىسىز ئۇنى كۈتۋاتقان ئايالى ۋە«ئاتا..ئاتا»دەپ جۆيلۈپ ئۇخلاۋاتقان قىزى كىرىپ چىقمىغاندىمىز.
    _تۇۋا،بۈگۈن كۈندىكى ئەرلەرگە نىمە بولغاندۇ؟ قارت ،ماجاڭ،تور ئۇلارنىڭ بارلىقى...
    _ۋاي ،بولدى قىلە دۇستۇم.ئەرلەر ئۇلاغا دۈم چۈشمىسە،«سېرىق قوشقاچلار»غا دۈم چۈشۈپ كىتىدۇ.بىر ھىساپتا شۇمۇ بولغىنى...
    بۇ بۈگۈن ئاخشامقى چىيىمىزدىكى تېما ئىدى.ئەرلىرى ماجاڭ، قارت ئويناپ كىچىچە ئۈيىگە كىرمەيدىغان مەندەك دەرتمەنلەر بىرلىشىپ بىزمۇ چاي ئوينىۋالغان ئىدۇق.
    كەچ چايدىن تاراپ خۇشىنىمىزنىڭ ئۆيىدە ئۇماق لەۋلىرىنى ئۇچلاپ ئۇخلاپ قالغان قىزىمنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئىچىشىپ كەتتى.ئۇنى يەسلىدىن ئەپ كىلىپ ،قۇرسىقىنى ئاندا-مۇندا توقلاپ خوشىنلارنىڭ ئۆيىگە تاشلاپ قويۇپلا چايغا يۈگۈرگەن ئىدىم .بۇ قىلىقىم «ئانا»دىگەن نامغا ماس كىلەمدۇ؟بۇنى مەن بۈگۈن تۇنجى قىتىم ھېس قىلدىم.«بىزمۇ ئۆزىمىزنى كۈتىشنى ئۈگنۋالايلى.تۇرمۇش،خىزمەت بىسىمىمىزنى بىر دەملىك بولسىمۇ ئۇنتۇيلى...»دىيىشىپ يىغىلىشقان چىيىمىزمۇ بۈگۈن ماڭا مەنىسىز بىلىنىپ قالدى.ھە دىسە،ھەپتە ئون كۈندە يىغىلىپ ئولتۇرىدىكەنمىز،بىردەم ئېرىمىزنىڭ ،بىردەم بالىمىزنىڭ گىپىنى؛بىردە ئۇنىڭ، بىردە بۇنىڭ كىيىم كىچىگىنى، ئىقۋاتقان يىلتىزى يوق پاراڭلارنى دىيىشىپ،بىكاردىن _بىكار 3-4سائەت ۋاقتىمىزنى ئسراپ قىلىدىكەنمىز،يەنە...
    نەچچە ۋاقىتتىن ماۋۇ بۇيۇن قىسىپ خوشىنلارنىكىدە قالغان قىزىم كۆزۈمگە كۆرۈنمىگەندىمۇ؟ بىچارە قىزىم ،ئاتاڭدىغۇ بىر ئاتىدا بۇلىدىغان ساپا ھازارلانمىدى ئەمدى مەندىچۇ؟!مەن كىمگە باتناۋاتىمەن .ئۆزەگىمۇ،جۈرئەتكىمۇ،ياكى تۇرمىشىمغىمۇ؟
    بۇ ئۆي ماڭا سۇغۇق بىلىندىغان بۇلۇپ قالدى.3-4يىلدىن بېرى جۈرئەت بىلەن بىللە ئۇلتۇرۇپ قىزغىن سۆزلەشكىنىمنى،بىرەر ئجتىمائى مەسلە ئۈستىدە پىكىردەشكىنىمنى بىلمەيمەن.بەزىدەخىزمىتىمدىكى بەزى ئىشلار ياكى ئەتىمىز توغۇرلۇق سۆزلەشكىم كىلىپ ئۇنى ئىزدىگىنىمدە ئۇ يوق ،بەزىدە ئۇخلاق.بۇنداق چاغلاردا ئۇنى ئۇيغىتىپلا قويدىممۇ ،تاپا-تەنىگە كۈمۈپلا قۇيىدۇ.كۈندۈزىمۇ بوش ۋاقتى بولسىلا مۈشۈكتەك ئۇخلايدۇ،ئاخشىمى ئۆيگە كىرمەيدۇ.تۇۋا دەپ قالىمەن ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە.تىخى ئۇ ياش ئىدىغۇ؟ قىنى قانلىرىنى ئۇرغۇتۇپ تۇرىدىغان ئەرلەردىكى جۇشقۇن روھ ؟ھازىر قايسى دەۋىر ،ئۇ قانداق ساپادا،باشقىلارچۇ؟ قىسقىسى ئۇ-مەن قانداق مەسۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز؟ بۇلارنى ئويلايدىغانغا ئۇنىڭ ۋاقتى ،زېھنى ياق قايناپ تۇرغان ئىنسانىي ۋىجدانى يوقمىكىن دەيمەن.ئالىي مەلۇماتلىق بىر كادىر تۇرۇپ بۇ ھالدا  مىڭشىنى نىمە دىگۈلۈك.
    ئائىلەمدىكى بۇرۇختىمىچىلىق ئەسەبىيلىرىمنى قوزغاپ ،خوشخويلىقىمنى بوغۇپ،سۇغۇقلۇقنى ئاپىردە قىلماقتا...
    7- فىرال
         كىچە سائەت12 بولدى،ئۇ تىخىچە قايتىپ كەلمىدى. بۈگۈن بولسىمۇ ئەتىگەن كىلىپ،خۇتۇن–بالىلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشى كېرەك ئىدىغۇ؟
         بۈگۈن توي قىلغىنىمىزغا دەل بەش يىل بولغان كۈن ئىدى .ئەتىگەندە ئۇ چايمۇ ئىچمەي ئالدىراپ چىقىپ كەتكىنىچە چۈشتىمۇ كەلمىدى.بۇ قىتىم بولسىمۇ ئۇنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ كۈننى خاتىرلەشنى ئېيتامدىكىن دىسەم يەنە ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش .يىتىم بالىدەك بۇيۇن قىسىپ قالغان يۈرۈكۈم ئۈچۈن بولسىمۇ ،ئۆز-ئۆزەمگە تەسەللى بېرىپ،كەچ ئشتىن كىلىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن ئۇردۇم.
    _بۈگۈن قانداق كۈن ،جۈرئەت؟
    _ھازىر سەل ئالدىراش ئىدىم ،مىنى تىپىشماق تاپتۇرماي ئىش بولسا تىزەرەك دەڭ.
    _ھەر قانچە ئالدىراش بۇلسىڭىزمۇ ئۆيگە كەچ قالماڭ،سىزنى ساقلايمىز.ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ،بۈگۈن توي قىلغىنىمىزغا بەش يىل بولغان كۈنغۇ؟
    _ھە! ھەي...قاراڭ ما كىلىشمەسلىكنى ،ھازىر مۇھىم سورۇندا ئىدىم ،ئامال بار بالدۇر قايتىمەن.مىنى بەك ساقلاپ كەتمەڭلار-ھە.
         ئۇنىڭ بۇ سۆزى تۇيۇقسىز كىرگەن سۇغۇق ئىقىمدەك تىلفۇن تۇتقان قوللىرىمنى تىتىرتىپلا قالماي بەلكى پۈتۈن ۋۇجودۇمنى ئۈششۈكتە قالغان يۇپۇرماقتەك ھالغا قويدى.بۇ ھالاتتە قانچىلىك ئولتۇردۇم ،نىمىلەرنى ئويلىدىم ھىچ بىلمەيمەن.ئۈيۈمدە ئازاپلىق بوشلۇق ھۈكۈم سۈرگەن،يۈرۈكۈم شۇ بۇشلۇقتا  سۇسىز قالغان بىلجاندەك قىينالماقتا.بىردىنلا كۆز ئالدىمدا قىزىم ئۇماققىنە، بۇدۇرۇق قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ پەيدا بولدى.دەرھال ئۇنى تورسودىن ئىلىپ كەلمىگەنلىكىم يادىمغا كەلدى-دە، تورسوغا قاراپ يۈگۈردۈم...
         قىزىم مىنىڭ خوشلۇقۇم ،زېركىشلىك، سۇغۇقلۇق ھۈكۈم سۈرگەن ئائىلەمدىكى ئىللىق نۇرۇم ئىدى.بۈگۈن بۇ پەرىشتەمنى يەتكۈدەك خوش قىلدىم، بۇ ئارقىلىق ئۆزەممۇ خوش بولۇپ قالدىم .ئۇ ھېرىپ ئۇخلاپ قالدى .ئۇيقۇ قاچقان كۆز ئالدىمدا، ئاپامنىڭ تويدىن بۇرۇنقى ھىلىقى ئاخشامدىكى مېھىرلىك چىرايى پەيدا بولدى.
    تۇيۇم يىقىنلاپ قالغان بىر كۈن ئاخشىمى ئەمدىلا ياتاي دەپ تۇراتتىم .ئاپام ئالەمچە مېھرىۋانلىق ئەكىس ئەتكەن ئىللىق كۈلۈمسىرىشىدە ھۇجۇرامغا كىرىپ :
    _سىز بىلەن بىللە يىتۋالاي دەيمەن ،قىزىم._دىدى.
       شۇ ھامان كۆزلىرىمدە ياش ئەگىدى .ئاھ، قىز بالىنى 19-20يىل سۈيىدە ئېقىپ ،ئۇتىدا كۈيۈپ باقسۇن ،ئەمدىلا ئاق قارىنى بىلىپ ئاتا-ئانا ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇدەك بولغاندا باشقا بىرىگە مەڭگۆلۈك ھەمرا قىلىپ بېرۋاتسۇن .ئى ئاللا !بۇ سىنىڭ جەننەت ئىگىسى بولغان ئانىلارنى سىنىغىنىڭمۇ؟! ئۈنسىز نىدا قىلدىم.
    ئاپام چىراقنى ئۈچۈرۈپ يىنىمغا كىرىپ ياتتى ۋە چاچلىرىمنى يىنىك سىلاپ:
    _سىزدىن تىخىچە سۈت ھىددى پۇراۋاتقاندەك ھېس قىلۋاتىمەن_دىدى.ئاپامنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ چىقتى، كۆرەلمىسەممۇ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم .مەنمۇ ئاۋازىمنىڭ چىقىپ كىتىشىنى ئارانلا كۇنتۇرول قىلۋالغان ئىدىم .يىقىندىن بىرى ئاتام-ئاپاملارنى كۆرسەملا خۇددى ئۇلاردىن مەڭگۆلۈك ئايرىلىپ قالىدىغاندەك قىيالماسلىق ھېسلىرىدەئۈپكەم ئۆرىلىپ،مىنى يىغا تۇتىدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى.
    _ قىزىم ،سىزگە بىر ھىكايە ئېيتىپ بىرەي _دىدى ئاپام. ئۇ كەيپىياتىنى تىزلا ئوڭشىۋالغان ئىدى.ئاپام دائىم بىزگە ھىكايە ئارقىلىق تەربىيە قىلاتتى.ئۇنىڭ ئېيتقان ھىكايەتلىرى شۇنچە تەسىرلىك ۋە ئىبرەتلىك چىقاتتى.ئاپام ھىكايىسىنى باشلىدى.
    بۇرۇن ئۇلۇغلارنىڭ زامانىسىدا بىر ئۇلۇغ زاتنىڭ ئايالى توغۇتىدا كىتىپ،ئۈچ قىزى قاپتۇ، ئۇ زات قايتا ئۆيلەنمەي قىزلىرىنى بىقىپتۇ.بىر كۈنلىرى قىزلىرىنىڭ چوڭ بولۇپ قالغىنى كۆرۈپ، كەچە_كۈندۈز ئىبادەت قىلىپ ،دۇئاسىدا:
    _ئى ئاللا،مىنى پەرىشتىدەك قىزلارغا ئاتا قىلدىڭ ،ئۇلار بالاغەتكە يەتتى.مەن ئۇلارغا قانداق تەربىيە قىلسام يۈزۈم يورۇق بولۇپ ،ئاتىلىق پەرزىمنى ئادا قىلالايمەن ،ماڭا بىر يول كۆرسەتسەڭ_دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ.
    ئاللا ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى ماقۇل كۆرۈپ ،خىزىرنى ئەۋەتىپتۇ .خىزىر ئۇ زاتقا كۆرۈنمەس توننى كىيگۈزۈپ،بىر يۇرتقا باشلاپ كەپتۇ-دە،كۆرىنىشى ۋەيرانە بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپتۇ. ئۇلار قارغۇدەك بولسا ،ھويلا _ئارام ئەخلەت-چاۋا بىلەن تولغان ،ئۆيلەر رەتسىز،قالايماقان،قاسماق بىسىپ كەتكەن ئىككى بالا مەينەت سۇ ئويناۋاتقان ؛بىر ئايال باش-كۆزىگە قۇنۋاتقان چىۋىن بىلەن بىر كارى يوق بەخىرامان ئوخلاۋاتقۇدەك .ئۈستى بىشى ئاۋارە بىر ئەر قويلارغا 1 ئەلەپ بېرۋاتقۇدەك .
    _قارا بۇ ھورۇن ئايالنىڭ تۇتقان ئۆيىنى ،ئۇنىڭ ئېرى مەھەلە بويىچە ئىشچان ئەر.ئايال كىشى
    چىچەن ،چىۋەر بولمىسا ،ئەر تۈينىكتىن دۇنيا قويسىمۇ بۇلىشى شۇنچە. ئۆينىڭ بەركىتى ئايال كىشىدە تورىدۇ _دەپتۇ خىزىر ۋە ئۇنى باشلاپ كۆرىنىشى بايقى ئۆيدىن ياخشاراق يەنە بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپتۇ. بۇ ئۆيگەقارغۇدەك بولسا، بىر ئەر زاغىرا ناننى مۇزدەك سۇغا مىنپ يەۋاتقان ، ئۈيىدىن بوران ئۇچۇپ تۇرغىدەك،بىر قۇراق كۆرپىدە بىر بالا ئۇخلاۋاتقۇدەك.
    _بۇ ئۆيدىكى ئايال بەك بىشەم ئايال.يولدىشىنى باشقا ئەرلەرگە سىلىشتۇرۇپ ،ئۆز تۇرمۇشىدىن قانائەت تاپماي دائىم ئۇرۇشۇپ ئانىسىنىڭ ئۈيىگە يامانلاپ كىتىدۇ.بۇ بىچارە ئەر بالىسىنى دەپلا بۇ تۇرمۇشقا چىداۋاتىدۇ_دەپتۇخىزىر ۋە _قانائەتسىز ئايال بىلەن ئۈتكەن تۇرمۇشتا بەخىت كۈلمەيدۇ._دەپ قۇشۇپ قۇيۇپتۇ.خىزىر ئۇنى يەنە بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپتۇ.بۇ چۈش ۋاقتى بولۇپ ،بۇ ئۆيدىكى ئائىلە ئەزالىرى جەم بولغان چاغ ئىكەن .چوڭ _كىچىكنىڭ چىھرىدە كۈلكە ،كۆزىدە بەخىت نۇرى جىلۋىلىنىپ تۇرغىدەك.ئۆيلەر سەرەمجان ۋە پاك-پاكىز بولۇپ ،كىشىگە ئىللىق،باياشات تويغىسى بىرىدىكەن.بۇھالدىن ئۇ زاتنىڭ دىلى يۇرۇپ كىتىپتۇ.
    _نىمىنى چۈشەندىڭ _دەپ سۇراپتۇ خىزىر بۇ قىتىم ئۇنىڭدىن.
    -«ئەرنى ئەر قىلغانمۇ،يەر قىلغانمۇ خۇتۇن ئىكەن»_دەپتۇ ئۇ زات.
    _شۇنداق، بۇ ئۆيدىكى ئەر، ئايالىنىڭ پەم _پارىسىتى ھەم ئەخلاق _پەزىلەتلىرىدىن بەگدەك تۇرمۇشقا ئېرىشتى.دىمەك ئاياللار گۈزەللىكنىڭ ،پاكىزلىقنىڭ،پاكلىقنىڭ شۇنداقلا بەخىتنىڭ ئەلچىسى.ئۇلار بۇ رولىنى تۇلۇق
    1ئەلەپ_سامان بىلەن كىۋەك ياكى دان ئارلاشتۇرۇلغان ئارلاشما يەملىك.
    جارى قىلدۇرالىسا،ئۆزىلا ئەمەس بەلكى ئاتا_ئانىسىمۇ جەننەتكە كىرىدۇ ._دەپتۇ _دە كۆزدىن غايىپ بۇپتۇ.ھىلىقى زات بولسا بۇ تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ قىزلىرىغا تەربىيە بىرىپتۇ.قىزلىرى ئاتىسىنىڭ تەربىيەسىنى ئەمىليىتىدە كۆرسۈتۈپ بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇپتۇ،ھىلىقى زات بولسا ئۈمىرىنىڭ ئاخىرىدا خاتىرجەم كۆز يۇمۇپتۇ.
         ئاپام ھىكايىسىنى ئېيتىپ بولۇپ ،يىنىك نەپەس ئىلىپ ئۇيقىغا كەتتى.
    ھەدەم توي قىلغان شۇنچە يىلدىن بىرى ئۆيگە كىلىپ بىرەر قىتىم يولدىشىدىن ياكى قىيىن ئاپىسىدىن زارلاپ باققىنىنى ئاڭلىمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئائىلە تورمۇشىنى بەك بەخىتلىك ۋە ئىناق دەپ ئويلايتتىم،ئەسلىدە ئاپام ئۆز يۈرەك پارىلىرىنىڭ ئائىلە تۇرمىشدىكى كۈلكىنىڭ ھەمراسى يىغىغا دۈچ كىلىپ قالغاندا، كۆز ياشلىرىمىزنىڭ سەلگە ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن «تۇغان»تۇتۇپتىكەن –دە، دەپ ئويلىغان ئىدىم ...
    جىنىم ئاپا ،سەن ئەقىللىق دەپ ھىساپلايدىغان مىنىڭدەك ئۇنۋىرىسىتنى پۈتتۈرگەن قىزىڭ ، ئەقىلسىز چىقىپ قالدىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن .2-3يىلدىن بۇيان قىزىڭنىڭ كۈلكىسىدىن يىغىسى كۆپ بولۇپ قالدى.بۇ كۆز ياشلىرىمنىڭ يىغىلىپ كەلكۈنگە ئايلىنىپ قىلىشىدىن قورۇقۋاتىمەن.
    جۈرئەت تۇيىمىز بولۇپ بىر يىل بۇلا –بولمايلا ماجاڭ ۋە قارتقا ئۆزىنى ئاتتى.شېرىن سۆزلىرىم،كايىشلىرىم ۋە دوق قىلىشلىرىممۇ ئۇنىڭ بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمىدى.كۈندە بىزنىڭ ياكى ئاغىنىلىرىنىڭ ئۈيىدە سورۇن قۇرۇپ ئولتۇرغىنى –ئولتۇرغان ،كىچە بۇلۇپ كەتكىنى ياكى تاڭ ئاتقىنى بىلەن كارى يوق .ئۆي ئايرىپ چىقىپمۇ ئۆز مەسئولىيىتىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى تىخى تۇنىغىنى يوق .بىر بالىغا ئاتا بولۇپ قىلىپمۇ ئاتىدا قانداق ساپا بولىشى كېرەكلىكىنى ئويلاپمۇ قويمىدى .ئۇنىڭ گىپىچە ئائىلىنى ئايال كىشى تۇتارمىش،بالىنىمۇ ئايال تەربىلەرمىش،ئەردىگەن ئەتىدىن- كەچكەچە خۇتۇنىنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرسا ئەردەك بۇلالماسىمش.ئۇنىڭ بۇنداق بولۇپ قىلىشىغا نىمە سەۋەپچى بولغاندۇ؟ ياكى مەن «مۇھەببەتلەشكەندە كۆزى قارغۇ بولۇپ قالىدۇ»دىگەندەك ئۇنىڭ بۇ مىجەزلىرىنى بايقىيالمىدىممۇ_يە؟
    ئۆزەم ئارزولاپ تۇتقان بۇ ئۆيىمدە نەچچە يىلدىن بىرى بىر نەرسە كامدەك ھېس قىلىپ كىلۋاتىمەن.خۇددى تۇزى كام تاماق يىگەن ئادەمدەك قانداقتۇ بىر نەرسىنى ئىزدىگۈم كىلىدۇ...
     
    17-مارت
     بۈگۈن شەنبە.ئاپام بىلەن موڭداشقىم كىلىپ ،قىزىمنى ئىلىپ چوڭ ئۆيگەباردىم.ئەمدىلا ئاتام ئاپاملار بىلەن ئەھۋاللىشىپ بولۇشىمغا قىزىم چۇڭۇلداپ سايراپ كەتتى.
    _ئانا، ئاتامغا تېكىپ بەسىلە.
    _نىمە ئۈچۈن ،قىزىم ؟_ئاپام بىلەن ئىككىمىز تەڭلا سورىدۇق.
    _ئاخشام ئاتام ئاپامنى بى شاپلاق ئۇيدى.ئۆزىلە ئاپامنىڭ ئاپىسى بولغاچقا تېكىپ بەمەملا؟
    قىزىمنىڭ بۇنداق دىيىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن .يۈزلىرىم شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى.
    -يالغان ئېيتماڭ ،قىزىم .بەرنا يالغانچى بولۇپ قاپتۇ _دىدىم دەرھاللا.
    _ياغان ئېيتمىدىم،ياسىت تويۇپتىغۇ؟ئاخشام سەن يىغلىدىڭغۇ؟
    مەن بەكمۇ ئۇڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم.
    _بەرنا ،يۈرۈڭ قىزىم.مەن سىزگە قوزىچاقنى كۆسىتىپ قۇياي_ئاتام قىزىمنى ئىلىپ سىرتقا ئەپ ماڭدى.ئاپام چاي دەملەشنى باھانە قىلىپ ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭدى.گەرچە ئاپامنىڭ كۆزلىرىگە قارىيالمىغان بولساممۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەگىپ قالغانلىقىنى يۈرىكىم سەزمەكتە .«ئانىنىڭ كۈڭلى تۇيغۇن كىلىدۇ »ئاپام تۇرمۇشۇمنىڭ كۈڭۈللۈك ئەمەسلىكىنى سىزۋالغان ئىدى.ئىختىيارسىز ئاخشامقى ئازاپلىق مىنوتلارنى ئەسىلەپ قالدىم.
    _جۈرئەت ،بەرنا ئۈچۈن يىغۋاتقان پۇل كارتىسىنى تاپالمايمەنغۇ؟_ئىشكاپنى ئاختۇرۋىتىپ سورىدىم ئۇنىڭدىن .
    _مەن ئشلەتتىم.
    _نىمىگە ئىشلەتتىڭىز؟
    _ئۆزەم ئۈچۈن ئىشلەتتىم.
       ئۇ يىقىندىلا تاساددىبىي بىرەر ئىش چىقىپ قالسا ئىشلىتەرمىز دەپ يىغىپ قويغان پۇلنىمۇ خەجلەپ بولغان ئىدى.بۇقىتىم خېلىلا ئاچچىغىم كەلدى.
    _سىز مۇشۇ كۈنلەردە نىمە ئىشلارنى قىلۋاتىسىز؟پۇلنى زادى نىمە ئىشلارغا خەجلەۋاتىسىز؟!
    _نىمە دىمەكچىسەن؟
        مىنىڭ گىپىم ئۇنىڭ زەردىسىنى قايناتتى بولغاي چەكچىيىپ ئۇرنىدىن تۇردى.
    _ئۆينىڭ لازىمەتلىكلىرى بىلەنغۇ كارىڭىز يوق،ئەمدى قىزىمنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يىغىپ قويغان شۇ پۇلغىمۇ چاڭگال سەپسىز.بۇ ئىشتا بولسىمۇ مەن بىلەن مەسلىھەتلەشمەمسىز؟
    _مەن ئۇ پۇلنى تاۋكاغا ئاتمىدىم،ئىستىقبالىم ئۈچۈن ئىشلەتتىم .ئەتە _ئۈگۈن مەنسىپىم ئۈسۈپ قالسا بۇ ئائىلىگىمۇ ياخشىدە.مەن «سايىمئاخۇن»ئەمەس بىر يۈەن پۇلنىمۇ خۇتىنىڭ كۆزىگە قاراپ خەجلەيدىغان.
    _تۇۋا،ئۆزەم قىسىنىپ تۇرساممۇ قىزىم ئۈچۈن يىغىپ قويغان شۇ پۇلدا مىنىڭمۇ ھەققىم بارغۇ؟ماڭا مەسلىھەت سالساڭ كۈرسۇڭ چۈشۈپ كىتەمدۇ ؟!_ئۆزەمنى تۇتالماي قالدىم.
    چاڭڭىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يۈزلىرىمگە ئوت كەتتى.داڭ قىتىپ تۇرۇپلا قالدىم .
    _سەن تىخى مەن بىلەن تەڭ تۇرماقچىمۇ؟مىنى سەنلىگدەك بولدىڭمۇ تىخى!!_ئۇ يەنە ماڭا قاراپ ھۈرپەيمەكتە ،سەللە ئىنكاس قايتۇرسام ئۇرۇشقاق خورازدەك ماڭا ئىتىلىش ئۈچۈن تەييارلانماقتا.
         _ئاپا! _قىزىمنىڭ قورقۇمسىراپ چاقىرىشى بىلەن قايناۋاتقان قازانغا سۇغۇق سۇ قويغاندەك ئېغىر بىسىق ھالىتىمگە قايتتىم-دە قىزىمنى باغرىمغا باستىم .ئۇ ئىشىكنى جالاقىدە يىپىپ چىقىپ كەتتى.كۆزلىرىمدىن تۇتۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى ھەسەرەتلىك ياشلىرىم ئىقىشقا باشلىدى...
         _قىزىم ئۇسلۇق ئىچىڭ _ئاپامنىڭ ئاۋازى مىنى يۈرۈكىمگە جاراھەت سالغان ئازاپلىق ئەسلىمە قوينىدىن تارتۋالدى .
    كۆزلىرىمدە لېغىرلاپ قالغان يىشىمنى ئاپامغا كۆرەتمەسلىك ئۈچۈن قىزىق چايدىن بىر يۇتۇم ئۇتلۇدۇم .چاي دورىلىرى ياخشى تەڭشەلگەن ،ئاپامنىڭ مېھرى سىڭگەن بىر يۇتۇم چاي بىلەن تەڭ پۈتۈن ۋۇجودۇم بۇشىماقتا .كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشماقتا ...
    _ئاينەزەر ،ئاينەزەر..._ئاپامنىڭ ئاۋازىنى غۇۋا ئاڭلىغاندەك بولدۇمدە كۆزىمنى ئاچتىم .
    _نىمە بولدۇم_ئۆز ھالىمغا ھەيران قالدىم .داستىخان يىنىدىلا يىتىپ قاپتىمەن.ئىتتىك ئورنىمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
    _چايدىن بىر ئوتلاپلا قىڭغىيىپ قالدىڭىز .بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟_ئاپامىنڭ كۆزلىرى ياش ئىدى.
    _ھىچ يېرىم ئاغرىمىدى._ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدۈم.
    _شۈكرى خۇدايىم،ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم.ئەگەر بىردەمگىچە كۆزىڭىزنى ئاچمىسىڭىز مەنمۇ..._ئاپام سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۈتۋەتتى .
    _ئەمدى ماڭا تاۋلىق چاي بىرىڭ ھە ،ئاپا.چىيىڭىزنى ئىچكۈم كىلىپ كىتىپ ،يەنە قىزىق چاي ئىچۋىلىپ ھۇشىمدىن كىتىپ يۈرمەي_دىدىم ئاپامغا ئەركىلەپ،شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ.ئۇمۇ كۈلدى،بۇ كۈلۈشىمىز ھەر ئىككىمىزنى ،بۇلۇپمۇ ئاپامنى خاتىجەم قىلدى.
    قىزىق چاي ئىچكەنگىلا ئەمەس بەلكى چاي بىلەن تەڭ ئاچچىق ،ئەلەملىك يىشىمنىمۇ تەڭ ئىچكەچكە بۇ ئەلەم يۈرىكىمىنى بىر دەملىك ئىسكەنجىگە ئالغان ئۇخشايدۇ.
    كەچتە ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقتىمدا ئاپام ماتىرياللار سىلىنغان يالتىراق خالتىنى ماڭا سۇندى.
    _ئىشكاپلارنى رەتلەۋاتسام ماتىرياللىرىڭىز ئۇچراپ قالدى .لازىم بولۇپ قالۇر دەپ ئىلىپ قويغان .سىز بۇرۇن بەكلا كىتاپ خۇمار ئىدىڭىز ،ھىلىمۇ كىتاپ ئۇقۋاتامسىز ياكى ۋاقىت چىقىرالمىدىڭىزمۇ؟_دىدى ئاپام كۆزلىرىمگە تىكىلىپ .
    قەدىرلىك ئاپا ،سەن مىنى يىڭى بىر ئىش بىلەن مىلىكا بولسا ،تۇرمۇشتىكى كۈڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇيدۇ دىمەكچىمۇ؟
    5-ئاپرىل
    ئەينەكتىكى ئەكسىمنى كۆرۋاتىمەن .كۆزلىرىمدىن ئۈمۈتۋارلىق ،ئىشەنچ نۇرلىرى چاقناپ، يۈزلىرىمدە كۈلكە ئۇينىماقتا.
    مەن بىر قانچە يىلدىن بېرى ئىزدەۋاتقان ،تۇرمۇشىمدا ياق ،مەندە كام بۇلۋاتقان «خۇرچ»نى تاپقان ئىدىم.ئائىلەمدىكى نەچچە كۈنلەردىن بىرى ئىگەللىگەن بۇرۇقتىما كەيپىياتنىڭ ئورنىغا ئىللىق ئالماشقان ،مۇلايىم سۆزلىرىمدىن جۈرئەتمۇ ھەيران.(ئۈتكەنكى ئىشتىن كىيىن ئۇنىڭغا چىراي ئاچماس بولۇپ قالغانتىم ) مەن ئۈچۈن زېركىشلىك بۇلۇپ قالغان تۈگمەس ئائىلە ئىشلىرىمۇ كۈڭۈللۈك بىلىنمەكتە.نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆچ بۇلۇپ كەتكەن شوخ ئۇقۇغۇچىلىرىممۇ شۇنچە ئۇماق ،تىخى بەزىدە ئۇلارغا چاخچاقمۇ قىلىپ قۇيىمەن.
    _ئېيتقىنا نىمىگە بۇنچە خۇشھالمەن؟_ سۇرىدىم يۈرۈكۈمدىن.
    _چۇنكى سەن ئەڭ چۇڭقۇر قاتلامرىمدىكى تۇرمۇش، نىكاھ ، مۇھەببەت،خىزمەتنىڭ ئەڭ ئاستىغا بىسىلىپ كەتكەن ئارزۇيۇڭنى قىزىپ چىقاردىڭ.
    _قايسى ئارزو؟
    _ئۈگۈنىش، ئىزدىنىش ،تەتقىقاتتىن ھاسىل بولغان ئىزىڭدا گۈل چىچەك ئىچىلدۇرۇش .
    ئۈتكەندە ئاپام بەرگەن ماتىريالىرىم ئىچىدىن ئالى مەكتەپتە ئۇقۋاتقان ۋاقتىمدىكى كۈندۈلۈك خاتىرەمنى ئۇقۇپ تۇرمۇشىمدا كام بۇلۋاتقان،مەن ئىزدەۋاتقان ،تەشنا بۇلۋاتقان ئەنگۈشتەرنى تاپقان ئىدىم.ئۇ بولسىمۇ كىتاپ ئۇقۇش ۋە تارىخى ماتىرياللاردىن بىلىم توپلاش ئادىتىم ئىدى.مەن كىچىكىمدىن باشلاپ تارىخقا قىزىقاتتىم،ھەم بۇ تۇغۇرلۇق كۆپ كىتابلارنى ئۇقۇغان ئىدىم .گەرچە ئۇنۋىرىستتىكى كەسپىم قىزىقىشىم بىلەن بىردەك چىقمىسىمۇ بۇش ۋاقتىم بولسىلا كۈتۈپخانىغا يۈگرەيتتىم .ھەيران قىلۋاتىمەن ،بۇنداق ئوتتەك قىزىقىشىمنى ئۇنتۇلدۇرغىنى مۇھەببەتمۇ ،تۇرمۇشمۇ ياكى خىزمەتمۇ ؟ ياق مەن ئۆزلۈكىمنى نامايان قىلىدىغان ئارزويۇمدا نىشان تىكلەپ شۇ بۇيىچە داۋاملىق تىرىشالمىدىم ،ئىزدىنالمىدىم .مۇھەببەت،ئائىلە ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىمنى بەردىميۇ ئارزۇيۇمغا ۋاقىت چىقارمىدىم.ئۇنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا بىلىپ- بىلمەي بەنىت قىلۋىتىپتىمەن.مۇھەببەت ئۇتلىرىنىڭ ئۇتى پەسلەپ ،خىزمەت ئائىلە تۇرمۇشۇم بىر خىل رىتىمغا چۈشۈپ قالغاندا ھاياتتىن يىڭى مەنە ئىزدەپ قاتار چاي ،موداكىيىم ئىقىملىرىدىمۇ ئاز -تۇلا ئىقىپتىمەن .بىراق يەنىلا ئۈتۋاتقان كۈنلىرىمدىن رازى بولالمىدىم.
    28يىللىق ھايات مۇساپەمدىن ھەمدە 2-3يىلدىن بويانقى موڭلىرىمدىن شۇنى چۇڭقۇر چۈشەندىمكى ھاياتنىڭ مەنىسى ئۆز غايەڭ يولىدا ئىزدىنىش ،تىرىششتا ئىكەن .غايەڭ قانچە يۈكسەك بولسا ،شۇنچە ياخشى بۇلىدىكەن .گەرچە بۈيۈك غايەڭگە يىتەلمىسەڭمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن باسقان ھەربىر قەدىمىڭدىن رازى بولىدىكەنسەن،شادلىنىدىكەنسەن ،غايەڭ يولىدا تارتقان جاپالىرىڭ كۆزىڭگە كۆرۈنمەيدىكەن .
    جۈرئەتنى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم .ئۇ مۇھەببەتكە،ئائىلىگە ،مۇقۇم ئىقتىسادىي مەنبە بولغان خىزمەتكە ئېرىشىپ بولغاچقا تۇرمۇشتىكى ئارزو –ئارمانلىرى تۈگەپ قالغاندەك بولۇپ ،ئۆزىنى قارت ،ماجاڭ قوينىغا ئىتىپتىكەن .ئەسلىدە ئادەمدە نىشان بولمىسا ،نىشانسىز ئۈتكەن كۈنلىرى زىېركىشلىك، مەنىسىزلىكتە ئۈتىدىكەن.بو خىل ھالەتتە نىشان تىكلىيەلمىگەنلەر تۇرمۇشنىڭ قاراڭغۇ كۇچىلىرىدىكى ئېزىتقۇ نىشانغا ئالدىنىپ قالىدىكەندە،كۈڭۈل خۇشى ئۈچۈن «سېرىق قۇچقاچ»ئوۋلايدىكەن،ئىنسانىي سۈپىتىدىكى ۋىجدان ،پەزىلىتىنى پايخان قىلىدىكەن...جۈرئەتنىڭ ھازىرقى ھۇقوقتىن ئىبارەت نىشان تاپقىنغا شۈكرى.لېكىن ئىنساننىڭ كۈرەش قىلۋاتقان ،يەتمەكچى بولغان غايىسى ئۆزى ياشاۋاتقان زېمىنغا ،  ئۆز قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۋاتقان مىللىتىگە ئاز تولا بولسىمۇ پايدىسى يىتىش كېرەك .ئۇ بونى چۈشىنەرمۇ؟ ئاددى بىر چىم چىغىدا ئۆزىنى ئۈستۈرگەن ئانا تۇپۇراققا زىننەت بۇلالايدىغۇ...

    مەنمۇ ئۆز نىشانىم بۇيىچە بىر ھەپتىدىن بىرى كىتاب ئۇقۋاتىمەن .ئەمدى بولسىمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتاي ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۆز بىلىمىمنى ،قابىليىتىمنى تاكاممۇللاشتۇراي .

     19-ماي

    كۈندە ئەينەككە قارغىنىمدا كۆزىمدە ،لەۋلىرىمدە كۈلكە ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈمەن .كۈندە ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىر سائەت ئەتىراپىدا خەنزۇچە ماتىريال ،ئۈچ سائەت ئەتراپىدا كىتاپ كۆرۋاتىمەن .بۇ ئادىتىمدىن يۈرۈكۈم ياق پۈتۈن  ۋۇجۇدۇم خوش.
    ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»كىتابىنى ئۇقۇپ تۈگەتتىم .كۆز نۇرلىرىمدا ئۈتكۈر نۇر چاقناۋاتقاندەك ،زېھنىم بىر ھەسسە ئۈتكۈرلەشكەندەك ، بىلىمىم تىخىمۇ كۈپەيگەندەك بولۇپ قالدىم.جۈرئەتتىن ئاغرىندىغانغا ،ئۇنىڭ پەرۋاسىزلىقىدىن زارلىنىدىغانغا ۋاقتىم يوق ئىدى .ئۇ كۆزلىگەن نىشانىغا ،كىچىككىنە بولسىمۇ ھۇقۇققا ئېرىشكەن بولۇپ،بۇ توندىن پەخىرلىنۋاتاتتى.ئۇنى ئايىغى چىقماس ، نەپسى تويماس زىياپەتتلەر يەپ كەتمىسىلا بۇلاتتىغۇ...
    29-ماي
    ئون نەچچە كۈندىن بويان توپلىغان يەرلىك ماتىرياللىرىم ئاساسىدا يېزۋاتقان ماقالەمنى پۈتتۈرۋىتەي دەپ ئەمدىلا قۇلۇمغا ماتىريالىمنى ئىلىپ ئولتۇرىشىمغا ،ئىشىك ئىچىلىپ جۈرئەت بىر مۇنچە مېھمانلارنى باشلاپ كىردى.ئامالسىز يەنە ماتىرياللىرىمنى يىغىشتۇرىشقا مەجبۇر بۇلدۇم.بۇ ھەپتە ئون كۈندىن بېرى كۈندە دىگەندەك ئۆيدە مېھمان بار ئىدى.ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ ئاخىرىنى يىغۇشتۇرۇپ بۇلغىچە كىچە سائەت 12-1بۇلۋاتقان ،ماتىريال كۆرۈشكە ، كىتاپ ئۇقۇشقا ۋاقىت چىقىرالماي بىر نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك بىئارام بولىدىغان بۇلۇپ قالدىم .
    بۈگۈنمۇ مېھمانلارنى ئۇزۇتۇپ بولۇپ ،ئاخىرىنى يىغۇشتۇرۇپ بولغىچە 12بولدى.چارچاپ كەتسەممۇ غەيرەت قىلىپ ئەمدىلا كىتاب كۆرەي دەپ قۇلۇمغا كىتابنى ئىلىپ ئولتۇرۇشۇمغا ئۇ كەيىپلىكتىن قىزارغان كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە يىنىمغا كەلدى .
    _بۈگۈن ئەجەپ مېھمانلىرىمغا چىرايى ئىچىلمايدىغۇ دىسەم ،بىر پوڭغا ئەرزىمەس كىتابىڭنى ئۇقالمىدىم دەپ تۇتۇلۋاپسەندە._دەپ تۇيۇقسىزلا قۇلۇمدىن كىتابنى يۇلۇپ ئىلۋالدى.
    _مېھمانلىرىڭىزنى چىرايلىق ئۇزۇتۇشۇپ بەردىمغۇ؟
    _ھىم، يەيدىغىنىڭ مۇشۇمۇ دىگەندەك قىلىپ تاماق ئىتىپ بەرسەڭلا بولامدۇ!تاماققا تەكلىپ قىلىپ بىرەر يېرىمدەم ئولتۇرغىنىڭنى كۆرمىدىمغۇ؟!
    -ھەممىسى ئەرلەر تۇرسا، سىز كۈتۈپ ئولتۇرغاندىكىن بولمىدىمۇ .
    _ئەرلەر بولسا نىمە بۇپتۇ،ئۇلار مىنىڭ يۈزۈمنى دەپ مېھمان بولوپ كەلگەن،ئۇلارنى چوڭ كۆرگىنىڭ مىنى چوڭ كۆرگىنىڭ ئەمەسمۇ ؟نەچچە كۈنلەردىمۇ شۇ،تاماقنى ئەكىرىپ قويىسەن،چىقىپ كىتىسەن.سەن مىنىڭ ئايالىممۇ ياكى خىزمەتكارمۇ؟!باشقىلارنىڭ ئۈيىگە بارساق سەندەك قىلمايدۇ،ئاياللىرىمۇ شۇنچە خوش چاخچاق ئازادە ئولتۇرۇپ كىتىمىز.زادى سىنىڭ مەقسىتىڭ باشقا. بۇ ئۆيگە مېھمان باشلىسام ساڭا خوش ياقمايدۇ ،سەن مىنىڭ ھۈرمىتىمنى قىلامسەن –قىلماممسەن؟_ئۇ ھاراق پۇراپ تۇرغان ئاغزىدىن شالىنى چاچىرتىپ قايناپلا كەتتى.
    مەس بىلەن تەڭ بولغاندىن كۆرە ،پەسكۇيغا چۈشۈپ تىنىچ ئۈتۈپ كىتەي دەپ ئويلىدۇم .
    _كەچۈرۈڭ ، مەن بۇندىن كىيىن تۈزىتەي،كىتاۋىمنى بېرۋىتىڭ.
    _ قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ تۈزىتەي دەمسەن.ئۇلارنى چاقىرىپ كېلىپ كەچۈرۈم سورالامسەن!_ئۇنىڭ گىپى تۇلا خۇتۇن كىشىدەك، بىر ئىشنى تەگەپلا تۇرىدىغان مىجەزى بار ئىدى _ھەممە ئىش مۇشۇ كىتابتىن چىقۋاتىدىغۇ، مانا سىنىڭ كىتابىڭ!!_ئۇ ئويلىمىغان يەردىن كىتابنى نەچچە پارچە قىلىپ يىرتۋەتتى.كۆز ئالدىممدا مەن ئاران تەستە باشقىلاردىن سۈرىشتە قىلىپ،ئارىيەت ئىلىپ ئۇقۋاتقان كونا نەشىردىكى قىممەتلىك كىتابىم پارچە –پارچە بولۇپ نالە قىلىپ ياتاتتى.
    _ئەبلەخ!!_ ئاچچىق بىلەن تىللىۋەتتىم ئۇنى.
    چاڭڭىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىپ كەتتى.ماڭا نەدىن كەلگەن كۈچ ئۇنى غەزەپ بىلەن ئىتىرگىنىمچە ياتاق ئۆيدىن چىقىرۋىتىپ ئۆينى ئىچىدىن ئىلۋالدىم.
    _مىنى ئۆزەڭ بىلەن بىللە يىتىشقا خوشتار دەپ قالدىڭمۇ تىخى ،كىتابلىرىڭنى قۇچاقلاپ يىتۋال _ئۇ شۇنداق دەپ ۋاقىرغىنىچە ئىشىكنى زەردە بىلەن بىرنى تەپتى.
    يەردە يىرتىلىپ ياتقان كىتابنى ئىلىپ ،يەملەشكە باشلىدىم .كۆزلىرىمدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياشلار قويۇلوشقا باشلىدى.
    تۇۋا ،بىز نىمە بولدۇق ؟مەن ئۇنى چۈشىنەلمىدىممۇ ياكى ئۇ مىنى؟ ئىككى ئادەمنىڭ مۇھەببىتى ، ئىشەنچى ، ئورتاق نىشانى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئائىلىدە،ئاندىن بەخىت كۈلۈدىغان ئوخشايدۇ.مەن نىمە ئۈچۈن بۇرۇن بۇنى ئويلىمىغاندىمەن؟...بىز مۇشۇنداق ئۈتۈپ كىتەرمىزمۇ؟...
    6-ئىيون
    كۆزلىرىمنى موڭ قاپلىغان ،ئارمانلىرى بوغۇلغان يۈرۈكۈم تىپىرلىماقتا...
    كەچلىك تاماق ۋاقتىدا نەچچە كۈندىن بىرى كۈڭلۈمگە پۈككەن ئارزويۇمنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم.
    _مەن ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرۇپ كىلەيمىكىن ،بەرناغا ئاپاملار قارايدۇ،سىز تۇرمۇشتا سەل قىينىلىپ قالسىڭىزمۇ ماڭا بىر ياردەم قىلىڭ .ياش ۋاقتىمدا ئۇقۋالايمىكىن ...
    _مەن خۇتۇنىنى ئۈرۈمچى كۇچىلىرىغا سىلىپ قويۇپ ،ئۆزى ئۆيدە ئولتۇرىدىغان لاتتىلاردىن ئەمەس._ئۇ سۆزىمنىڭ تۈگۈشىنى ساقلىمايلا ئىپادە بىلدۈردى.
    _نىمە دىگىنىڭىز بۇ؟ سىزمۇ ،مەنمۇ ئۈرۈمچىدە ئۇقۇغانغۇ؟مەن ئۇ يەرگە ئوينىغىلى چىقمايمەن.
    _بىز ئۇقۇغان زامان بىلەن ھازىر ئۇخشىمايدۇ .بىلىم ئاشۇرۇپ كىلۋاتقانلارنىڭ داڭقىنى ئاڭلاۋاتىمىز.
    _سىز ماڭا ئىشەنمەمسىز؟
    _بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ،چۇنكى ھازىر ئۈرۈمچىدە ئادەمگە شەيتان ھۈكۈمران .ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى بىلىمىڭىزمۇخىزمەت قىلىشىڭىزغا يىتىدىغۇ؟_ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى يۈرۈكۈمگە نەشتەردەك سانچىلىپ تۇرسىمۇ،يەنە ئارزويۇم ئۈچۈن ئۆزەمنى بىسۋالدىم .
    _ھازىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى،بىزدىنمۇ داۋاملىق ئۈگۈنىشنى تەلەپ قىلۋاتىدۇ.
    _بۇلدىلا ،كىيىن ئەگەر ئۇقۇتقۇچىلىققا يارماي قالسىڭىزمۇ مەيلى. مەن دىگەن بىر ئەر ،بىر خۇتۇننى باققۇچىلىكىم بار.
    -ھىلىمۇ قىزىمنى ،سىزنى دەپ بىلىم ئاشۇرۇش ئارزويۇمنى بىر چەتكە تاشلاپ قويغىلى 4-5يىل بولدى .تويدىن بۇرۇن ،كىيىن ئۇقۇشقا چىقىشىمغا قۇشىلغانتىڭىزغۇ؟
    _ۋاي ،بۇلدى قىلىڭە! ئۇ ۋاقىتتا سىزنى گوللاپ بولىدۇ دەپ قويغان .
    ئەمدە بىر نەرسە دەي دەپ تۇرىشىمغا ئۇنىڭغا تىلغۇن كىلىپ قالدى_دە:
    -مەن قەتئىي قۇشۇلمايمەن_دىگىنىچە قۇلىنى شىلىتىپ تىلغۇندا سۆزلەشكىنچە سىرتقا ماڭدى.
             بىر ھەپتە ئويلىنىپ چىقارغان قارارىمنىڭ بىر مىنۇتتىلا سۇغا چىلىشىپ كىتىشىنى ئويلىماپتىمەن. ئۇنڭ نىشانى يۇلىدا مىڭىشىنى ھىچنىمە دىمىدىمغۇ ؟نىمە ئۈچۈن ئۇ ماڭا يول قويمايدۇ؟ قىنى ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن زىيالىلىيلىقى؟
    توي قىلىپ ئۇزۇن ئۈتمەيلا ئۇنىڭ تۇلىمۇ شەخسىيەتچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم .«سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ»دىگەندەك ئۇنىڭ بىلەن تەڭلەشكەننىڭ پايدىسى يوق ئىدى.ئۇنىڭ بۇ خىل شەخسىيەتچى مىجەزى ئاستا _ئاستا ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى مىتە قۇرۇت كەبى يىمەكتە ئىدى.ھازىر ئىككىمىزنى باغلاپ تۇرغىنى مەسئولىيەت ۋە ۋىجدان بولۇپ ،مۇھەببەت گۈلى سۇلاشماقتا ئىدى.گەرچە مەن پات-پات سۇ قۇيۇپ تۇرساممۇ لېكىن ئۇنىڭغا قۇياشنىڭ نۇرى كام ئىدى .جۈرئەت مۇھەببىتىمنىڭ ،ئائىلەمنىڭ قۇياشى ئىدى . لېكىن ئۇ مۇھەببەتكە تەشنا بۇلۋاتقان مەن ئۈچۈن ،مۇھەببەتسىز مۇھىتتىن بۇرۇختىما بولۋاتقان ئائىلىسى ئۈچۈن ئۆز مېھرىنى بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئويلىمايتتى،ئويلىيالمايتتى.ئۇنىڭ كۈڭۈل بۈلىدىغىنى ئۆزى ئىدى.
    شەخسىيەتچىلىك ئۈستۈنلىكنى ئىگەللىگەن ئادەمدىن گۈزەل پەزىلەت نۇرلىرىنى ئىزدەش ئەخمەقلىق.مەن بۇ قىتىم ئارزويۇمدىن ۋاز كىچەلمەيمەن ،ئائىلەمدىن ۋاز كىچەلەرمەنمۇ؟ بۇ ئائىلە قىزىمنىڭ جەننىتى،ئاياللىق سۈپىتىمنىڭ نامايەندىسى، ئۇنداقتا مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟...
    3-ئىيۇل
    بۈگۈن بۇ شەھەرگە داۋاملىق تەربىيە ئۈگۈنىشىگە چىققىنىمىزنىڭ 3- كۈنى. مەكتەپدىشىم بۇستان ھەدەم بىلەن چۈشتىن بۇرۇنقى دەرستىن كىيىن ،تاماق يەپ بولۇپلا ياتاققا كىرىپ ئارام ئىلىش ئۈچۈن بازارغا قاراپ ماڭدۇق.
    بۇ شەھەرنىڭ يازلىقى بەكمۇ ئىسسىق بولۇپ، چوڭلارنىڭ «بۇ يۇرتنىڭ ئىسسىقىداتۇخۇممۇ پىشىپ كىتىدۇ»دەيدىغان ئىسسىق كۈنلىرى بۇلۋاتاتتى.ھىلىمۇ تەلىيىمىزگە بۇ قىتىمقى ساۋاقداشلىرىمىز ئىچىدىكى بۇستان ھەدەمنىڭ بۇ شەھەرلىك تۇققىنى دىنارە مەكتەپكە ھەم بازارغا يىقىن بىر ئۆينى ئىجارىگە ئىلىشىپ بەرگەن ئىدى. بىزنىڭ بۇ 20نەچچە كۈنلۈك ياتىقىمىز ئازادە ھەم بىخەتەر ئىدى .
    بىز پاراڭدىشىپ مىڭىپ باشقىلاردىن داڭقىنى ئاڭلىغان «گۈھەر زېمىن »رېستۇرانىغا تۇيمايلا كىلىپ قالدۇق .كۈتكۈچىلەرنىڭ باشلىشى بىلەن تاماق زالىغا قەدەم قويدۇق .بۇ زال چوڭ ھەم ئازادە بولۇپ ،مىللى ئۇسلۇپتا زىننەتلەنگەچكىمىكىن كىشىگە ئىللىق تويغۇ بېرەتتى. كۈتكۈچىلەرمۇ ھەر بىر خىرىدارغا قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.
    _قاراڭ ئاينەزەر، سىزگە ئۇخشاش كىتابخۇماردىن بىرى بار ئىكەن ._دەپ ئىشارەت قىلدى بۇستان ھەدەم تاماق بۇيرۇتۇپ بۇلۇپ.
    ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىميۇ ھەيران قالدىم. مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئالتە يىلدىن بۇيان بىرەرسىنىڭ بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ،ئاممىۋى سورۇنلاردا بۇنچە بېرىلىپ كىتاپ كۆرۋاتقىنىنى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم ئىدى.بۇلوپمۇ بىر ئەرنىڭ ئەتراپىدىكى تاماق كۆتۈپ ئولتۇرغاچ تىلۋىزۇر كۆرۈۋاتقان،پاراڭلىشىۋاتقان شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئىچىدە، ۋاقىتتىن بۇنچە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ھۈرمىتىمنى قوزغىدى.
     -ئۇ ئەنقەر مۇئەللىمغۇ ؟-دىدىم بوستان ھەدەمگە.
     -شۇكەن،دىنارەنىڭ دەپ بىرىشىچە ئۇنىڭ ماقالىلىرى «شىنجاڭ مائارىپى»،«شىجاڭ مەدەنيىتى»،«جۇڭگو مىللەتلىرى »قاتارلىق ژۇرناللاردا دائىم ئېلان قىلىنىپ تۇرغىدەك.
    _شۇنداقمۇ؟ ئۇنىڭ ئىسىمىنى ئەجەپ تۇنۇش ئىسىمغۇ دەپ ئويلاپ قالغانتىم.
    بۇ سۆزىم بىلەن تەڭ ئۈگۈنىشكە چىققان 1-كۈنىدىكى سايلام لىپ قىلىپ كۆز ئالدىمدىن ئۈتتى.
    سىنىپ مەسئۇلىمىز بۇ قىتىمقى ئۈگۈنىشنىڭ مەقسىتىنى ،تۈزىمىنى ،ئۇقتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن بىر سىنىپ باشلىقى سايلاپ بىرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدى.بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى مەسلىھەتلىشۋالغاندەك :«ئەنقەر قىيىم بولسۇن »دەپ نامزات كۆرسىتىشتى.باشقىلارمۇ قۇشىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىشتۇق.
    -قېنى ئەنقەر قىيىم ،سىزنى ساۋاقداشلىرىڭىز تۇنىۋالسۇن._دىدى مۇئەللىم.
    ئگىز بويلۇق ،قۇندۇزدەك قارا ،قۇيۇق چاچلىرىنى سەل ئۇزۇن ياسىتۋالغان ،ئاق يۈزلۈك ،قاپقارا بىر جۈپ كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان،قارىماققا 32-33ياشقا كىرگەندەك كۆرىنىدىغان جۇشقۇن ، روھلۇق بىر ئەر ئورنىدىن تۇرۇپ ،قۇلىنى كۆكسىگە ئىلىپ ھەممىزگە سالام قىلدى. «ئۇنىڭ ئىسىمى مەن قايىل بولغان ھىلىقى ماقالىنىڭ ئاپتورىغا ئۇخشايدىكەن» دەپ ئويلىغانتىم.
    -خىيالغا چۈكۈپ كەتتىڭىزغۇ؟_ خىيالىمنى بۆلدى بۇستان ھەدەم.
    -«شىنجاڭ مەدىنيىتى»دە ئۇنىڭ بىر ماقالىسىنى ئۇقۇغان .ئىنتايىن ياخشى يېزىلىپتىكەن .
    -دىنارەنىڭ دىيىشىچە ئۇ، بۇ شەھەردىكى «ئون مۇنەۋەر ئۇقۇتقۇچى »نىڭ بىرى ئىكەن.تىخى بىر قىتىملىق مەكتەپ مۇدىرى نامزاتىغا كىرىپتىكەن، ئۇ ئۆزلىكىدىن ۋاز كىچىپتۇ. كىيىن باشقىلار سورىسا «مەن ھۇقوققا قىزىقمايمەن»دەپتۇ قاراڭ.
    بىر ئادەمنىڭ ھۇقۇقىدىن كۆرە بىلىم قابىليىتى ،ئەخلاق پەزىلىتى ئۇنىڭ كىشىلەر نەزىرىدىكى ھۈمىتىنى يۇقۇرى كۈتىرىدىكەن .بۇ ئۈگۈنىشكە ئۈچ كۈن بولمايلا ئەنقەرنىڭ ،قىزغىن ،سەمىمى مىجەزى،يۈرۈش تۇرىشتىكى پەزىلەتلىرى ،ھەر قايسى دەرسلەردىكى قايىل قىلارلىق ،ئورونلۇق پىكىرلىرى ھەممىزنىڭ ھۈرمىتىنى قوزغىغان ئىدى.مەنمۇ ئۇنىغا بەكمۇ قايىل بولدۇم .
    مەنمۇ ھەر بىر  مىنۇت ۋاقتىمنى بىكارغا ئۈتكۈزمەي ئۆز بىلىمىمنى مۇكەممەللەشتۈرەي.
    6-ئىيون
    بۈگۈن بىر كۈننى ناھايىتى خۇشھال ئۈتكۈزدۈم.بۇ خۇشھاللىقىم قىزىم بەرنانىڭ تىلفوندىلا بالىلىق مېھرى بىلەن بىر سۈيۈش سوغات قىلغىنىدىنمۇ ياكى ئەتگەنكى دىنارەنىڭ چاخچىقىدىنىمۇ بىلەلمىدىم.نىمە ئۈچۈندۇر خۇشھالمەن.
    ئەتگەنلىك دەرس باشلىنىشتىن بورۇن ئاخشام ئۇقۇپ تۈگۈتەلمىگەن كىتابنى ئۇقۇش ئۈچۈن ئەمدىلا ئىلىشىمغا ئەنقەر كىلىپ ئالدىمدىكى بوش ئورۇندا ماڭا قاراپ ئولتۇردى.
    -تۈنۆگۈن ئۇقۋاتقان كىتابڭىز مۇ؟
    _ھەئە،ئاخشام بۇستان ھەدەم بىلەن دىنارەلەرنىكىگە بارغان ئىدۇق ،شۇڭا ئۇقالمىدىم _ دىدىم ئەپسوسلىنىش ئىچىدە.
    _بەزىلەر ئەنە شۇنداق قائىدىلەر سەۋەبىدىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشىغا ۋاقىت چىقىرالماي قالىدۇ، بەزىلەر تىلۋۇزۇرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قىلىپ«كىتاپ ئۇقۇيدىغانغا ۋاقىتىم يوق» دەپ قاخشىشىدۇ. ،بىز قاچان ۋاقتىمىزنى باشقۇرالايدىغان بولىمىزكىن.ئەمىليەتتە مەنىسىز سۆھبەتتىن ، تىلۋۇزوردىكى كىنوغا مەستانە بولغاندىن ،ئۆزىگە بىلىم بېرىدىغان كىتاپ ئۇقۇغان ياخشى _دىدى ئۇ مەنىلىك قىلىپ.
    _سىزنىڭ كۈندىلىك ۋاقىت جەدۋىلىڭىز بارمۇ؟_دەپ سورىدىم ئۇنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقىپ.
    _بار.كۈندۈلۈك، ھەپتىلىك...پىلانلىرىم بار .كۈندە كىتاپ كۆرىدىغان ۋاقتىم ئۈچ سائەتتىن كام بولمايدۇ،تىل ئۈگۈنىدىغانغا ئىككى سائەت ئاجىرتىمەن.كۈندە كەچ سائەت 12دىن بۇرۇن ئۇخلىمايمەن .
    _يېزىقچىلىق بىلەنمۇ كۈندە شوغۇللىنامسىز؟بىر قانچە پارچە ماقالىڭىزنى ئۇقۇغان ،بەك ياخشى يېزىپسىز.
    -يېزىقچىلىق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ .مەن پەلسەپەگە قىزىقىمەن ،شۇڭا بەزى ئىشلارغا بولغان كۆز قاراشلىرىمنى ئىپادىلەپ يېزىپ باقتىم.
    بىز ئۇقۇغان كىتابلىرىمىز،قىزىقىشلىرىمىز ۋە كەلگۈسىدىكى نىشانلىرىمىز توغۇرسىدا قىزغىن سۆزلىشىپ  كەتتۇق.
    _قاراڭلار ،ماۋۇ ئىككى كىتابخۇمارنىڭ موڭدىشىپ كەتكىنىنى. ئىسسىق ئۈتۈشۈپ قالمىسۇن يەنە-دىدى دىنارە چىرايلىق كۆزلىرىنى ئوينۇتۇپ شوخلۇق بىلەن.
       ئۇ ئەنقەر بىلەن بىر مەكتەپتىن بولۇپ،32_33ياشلاردىكى بەكمۇ سۆزمەن ،جانلىق ،چاخچاققا ئۇستا ئايال ئىدى.تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ چاخچاقتىن ۋىللىدە قىزارغان بولساممۇ ،نىمە ئۈچۈندۇر يۈرۈكىمنىڭ بىر جايلىرىدىن خۇشاللىق ئۇخچىۋاتاتتى.شۇنداقتىمۇ ،   مەنمۇ بوش كەلمەي:
    _سىزدەك شەيتان پارىڭىنى قىلىپ ئولتۇرغاندىن ،بىزدەك ئىلىم پارىڭىنى قىلغان ياخشىدۇ _دىدىم جاۋابەن .
    بىز بىر سىنىپقا يىغىلغىلى ئەمدىلا بىر ھەپتىدەك بولغان بولساقمۇ ،كۈپۈنچىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ساۋاقداش ، بۇرۇنقى بىر كۇرسانىتلار يىغىلىپ كەتكەچكە ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللاردىن دىنارە،ئەرلەردىن 35ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان سەردار  مۇئەللىمنىڭ سۆزمەنلىكى ،خوش –چاخچاق مىجەزلىرى بىلەن مىنىڭدەك ئىچ مىجەزلەرمۇ ياتسىرماي ھەممىز چىقىشىپ كەتكەن ئىدۇق.
    ئىختىيارسىز بۈگۈن كەچكىچە دىنارەنىڭ ھىلىقى چاخچىقى خىيالىمدا ئەگىيتتى .
    ھاياتنىڭ سىرلىقلىقى شۇ بولسا كېرەك.بەزىلەر ئىلىم تەھسىل قىلىپ،ھاياتىنى بىزەش ، ئەۋلاتلىرىغا ئاز- تۇلا مىۋە قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشسا ؛بەزىلەر مودا كىيىم ،ھەشەمەتلىك تۇرمۇش،ھۇقوق ،پۇل ئارقىلىق تۇرمۇشىنى رەڭگا-رەڭ قىلغۇسى ،ئەۋلادىغا مال _دۇنيا قالدۇرغىسى كىلىدۇ. ھاياتنىڭ قىزىقى دەل مەن بىلەن جۈرئەتتەك بىر-بىرىنىڭ غايىسى ئوخشىمايدىغانلارنىڭ ئەر _خۇتۇنلاردىن بولۇپ قىلىشىدا .مارى كىيورى خانىملار دەك بىر ئۈمۈر ئورتاق غايە ئۈچۈن تىرىشىدىغان بەختلىك ئەر-خوتونلاردىن بۇلالىغانلار قانچىلىك؟...
    مەن بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپمۇ نىمە ئۈچۈن دىنارەنىڭ چاخچىقىنى ئۇيلايمەن؟
    جۈرئەت نىمە ئىش قىلۋاتقاندۇ؟ ئۇ ماڭا تىلفون قىلايمۇ دىمەيدىغۇ؟ ئۇنىڭ تىلفۇنىنى ساقلىغاندىن كۆرە ئۆزەملا تىلغۇن ئۇراي...
    8-ئىيول
    بۈگۈن چۈشتىن كىيىن ئەمدىلا سىنىپقا كىرىپ تۇرتتىم.
    _ھەي،ئاياللار!ئاڭلاڭلار!ماۋو سەردار ئۆزىچە بىز ئاياللارنى« ھازىر ھەممىسىلا بۇزۇلۇپ كىتۋاتىدۇ »دەيدۇ.ئۇلارچۇ؟_دەپ تۇۋىلاپ كەتتى دىنارە.
    ئۇنىڭ بۇ گىپى بىلەن سىنىپتىكى ئاياللار دۈررىدە يىغىلىپ ، تۇشمۇ_تۇشتىن ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدۇق.
    _ئاياللارنى بۇزۋاتقان ئەرلەرغۇ؟
    _ھازىر ئاياللارغا قارغاندا بۇزۇق ئەرلەر كۆپقۇ؟
    _زادى ئەرلەر بۇزۇقمۇ،ئاياللارمۇ؟
    _...
    _قورۇقما سەردار بىز بار_ئەرلەرمۇ قىتىلدى.
    _ئەرلەر غۇرورىنى يۇقاتقان يەردە ،ئاياللارنىڭ شەرىم_ھايا پەردىسى يىرتىلىدۇ_دىدىم مەنمۇ .
    _ئاينەزەر توغرا دەيدۇ،ئاياللارنىڭ بوزىلىشىنى ئەرلەردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.بىز ئۇ بۇزۇق ،بۇ بۇزۇقنى قويۇپ تۇرۇپ ،ئۆزىمىزگە قاراپ باقايلى!ھازىر بۇ سىنىپتىكى ئاياللار ياكى ئەرلەردىن بىرەرىمىز بوزۇقمۇ؟!_قاپقارا ، نۇرلۇق كۆزلىرىدە ھەممىزگە تەكشى قاراپ چىقتى ئەنقەر،_ياق ،بىرەرسىمىز بۇزۇق ئەمەس.ئۇنداقتا مەكتەپلەردىكى ،مەھەلىلەردىكى ئادەملەردىن زادى بۇزۇقلار بارمۇ؟ بار دىيىلسە بۇزۇقلار كۆپمۇ ياكى ئەخلاق_پەزىلەتلىك كىشىلىرىمىزمۇ؟ئەلۋەتتە پەزىلەتلىك ،دۇرۇس ئادەملەر كۆپ .بۇزۇقلار بولسا ئىنتايىن ئازدۇر.شۇنداققۇ؟
    _شۇنداق.
    _ئەجەپ بۇنى ئويلاپ باقماپتىمىزغۇ...
    _ئىنتايىن توغرا دىدىڭىز .ئەخلاقلىق ئادەملەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ._دىيىشتى ئەتىراپتىكىلەر.
    _قايسىلا ئەسەرنى ئۇقۇساڭ ،قايسىلا كىنونى كۆرسەڭ ئەر_ئاياللارنىڭ غەيرى مۇناسىۋىتى، ئۈچ ئادەم توپلاشقان يەردىمۇ شۇ گەپ.مەنمۇ شۇلارغا ئەگىشىپ مۇنداقلا چاخچاق قىلىپ قويغان، دىنارەمۇ_زە ..._دەپ غۇدۇڭشىدى سەردار.
    _گىزىت _ژۇرناللاردىكى ئەسەرلەر ،كىنولار ناچار قىلىقلارنى قامچىلاپ،كۆپچىلىككە ئىبرەت قىلىشنى  مەقسەت قىلغان .كۇچىدىكى گەپ_سۆزلەرگە كەلسەك بىزدە ھازىر ياخشى گەپتىن ، يامان گەپ تىز تارقىلىدىغان بولۇپ قالدى .شۇڭا كىمنىڭلا ئاغزىغا قارساڭ شۇ گەپ .بىز بوزۇقلارنىڭ خەۋرىگە بەرگەن زېھنىمىزنى مىلىتىمىزدىن چىقۋاتقان ئالىم ،يازغۇچى ،پەن –تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا بېرەيلى.شۇ ۋاقىتتا بىزدە بۇزۇق كۆپ ئەمەس بەلكى ئالىم ،دوكتۇر ، يازغۇچى، دۇختۇرلار كۆپ ئىكەن دەيمىز .بىز ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆز-ئۆزىمىگە توغرا باھا بېرەيلى.سەن بۇزۇق ،ئۇ بۇزۇق دىيىشسەك باشقا مىلللەتلەر بىزنى نىمە دەر؟!
    ئەمدىلا 32-33ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ ياش مۇئەللىمنىڭ سۆزى ھەممىزنىڭ يۈزىنى قىزارتىپ،مەسلىلەرگە بولغان قارىشىمىزنى چۇڭقۇرلاتتى. شۇنداقلا تەپەككۈر كۆزىمىزنى ئىچىپ قويدى.
    ھۈرمەت ،قايىللىق نەزىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم.كۆزلىرىمىز ئۇچۇرۇشۇپ قالدى،ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىدىكى ئۈتكۈر نۇر يۈرۈكۈمگە سانچىلغاندەك بولدىدە جىغىلداپ كەتتى.
    11-ئىيول



    ھالقىلىق سۆزلەر : غايە ۋە رىئاللىق


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    رابىيە ئىبراھىم تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 21:02 15-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 23:04 21-04-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار