• مۇزلىغان يۈرەك(ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:12-04-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 31 قېتىم   ئىنكاس: 4 پارچە
    ئىست نىمىشقىمۇ بۇرۇن ئويلۇشۇپ بىر ئىش قىلمىغاندىمەن ،شۇ چاغلاردا ئاشۇ نېجىس كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمىگەن بولسام بۈگۈنكىدەك ئىشلار بو

      مۇزلىغان يۈرەك

    ھېكايە

    پەرھات جەمشىت

         ئىست نىمىشقىمۇ بۇرۇن ئويلۇشۇپ  ئىش قىلمىغان بولغۇيدوم ،شۇ چاغلاردا ئاشۇ نېجىس كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمىگەن بولسام بۈگۈنكىدەك ئىشلار بولمىغان بولاتتى! ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەيتى بىراق نىمىلا قىلغان بىلەن بولغۇلۇق بولغاندى  .ئاجىرىشىپ كېتەي دىسە خەلقى ئالەمنىڭ سۆز-چۆچەك قىلىشىدىن قورقۇپ ،ئاجىراشماي دىسە  ئېرىنىڭ زۇلۇمى .بىچارە ئايگۈلنىڭ گۈلدەك چىرايلىرى ساماندەك سارغىيىشقا باشلىدى. بىراق ئۇ يەنىلا ئوڭشۇلۇپ قالار دىگەن ئۈمۈدتە كۆڭۈلسىزلىكلەر ئىچىدە ئۆيىنى تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى .مانا بۈگۈن ئۇ بىر قارارغا كەلگەندەك قىلاتتى.خىزمەتتىن بالدۇرلا قايتىپ كەلگەن ئايگۈل تاماق تەييارلاپ يولدىشىنىڭ  كېلىشىنى كۈتمەكتە ...

    ئۇ تېخىچىلا قايتىپ كەلمەيتى قۇياش ئۆزىنى تاغ كەينىگە شارتتىدە قىلىپ يوشۇردى،ئايگۈل تاماق ئۈستېلى ئالدىدا قانداقتۇر بىر چىگىش خىياللار بىلەن بەند .كېچە ،ئاي جامالىنى قارا بۇلۇت بىلەن قېلىن چۈمپەردە قىلىپ يېپىۋالغان.يۇلتۇزلار تولىمۇ شالاڭ،ھەيۋەتلىك ئاسمان گۈمبېزىنىڭ ئۇ يەر-بۇيېرىدە غۇۋا جۇلالىماقتا .بارچە ئۇيقۇ دېڭىزىدا ئۈزۈشمەكتە بىراق ئۇ يەنىلا شۇ ئايىقى چىقمايدىغان چېگىش خىياللار ئىلىكىدە پەرۋاز قىلماقتا ...
    -تۈن نېسبى بىلەن ئىشىكنىڭ قاتتىق چېكىلىشى ئۇنىڭ خىيانىڭ  بۆلۈۋەتتى ،ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
    -تېخىچە ئۇخلىمىدىڭما؟
    -ياق سىزنى ساقلاپ ئولتۇردۇم.
    -تاماقنى ئىسسىتىپ كېلەي بىرگە يەيلى .
    -ئۆزۈڭ يە، مەن يەپ كەلدىم .ئۇ دەلدەڭشىگەن پېتى ياتاق ئۆيگە
      ماڭدى .ئايگۈلمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كىرىدى ۋە ئورۇن راسلاپ بېرىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى.
    -نەگە بارىسەن ؟كەل بۇياققا پۇتۇمنى تۇتۇپ قوي ۋارقىرىدى قادىر .ئايگۈل كېلىپ ئۇنىڭ پۇتىنى تۇتۇشقا باشلىدى .ھە قېىنى يىشىنمەمسەن تېز بول ،يىشىنىۋېتىپ دىدى قادىر .ئۇ ئامالسىزلىقتىن يېشىنىپ تەييار بولدى كېلە قېنى كۆڭلۈمنى خۇش قىلىپ قويە .
    سەن نىمانداق دۆت خوتۇن؟ يا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلمىسەڭ دىگىنىچە ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى ھەم سومكامدا پىلاستىكا بار قويە دەپ بۇيرۇق قىلدى قادىر.ئايگۈل پىلاستىنكىنى قويدى مانا ئانى كۆردۈڭمۇ ؟سەنمۇ ئاشۇ خوتۇنلاردەك مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئېلىشىڭ كېرەك .
    -نىمە دەۋاتىسىز قادىر ؟نەلەردىن تېپىپ كەلگەنسىز ئۇ ئىپلاس لېنتىلارنى؟ مەن دىگەن سىزنىڭ ئايالىڭىز پاھىشە ئەمەس بىلىپ قويۇڭ !گەپ قىلمىسام بىردەم ئۇنداق بىردەم بۇنداق دەپ ئادەمنى نىمانچە قىينايسىز ئۆي تۇتقىڭىز بولمىسا چىرايلىقچە ئاجرىشىپ كېتەيلى .
    -ھە نىمە دەيسەن سەنزە تېخى ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلىشقا پېتىندىڭمۇ؟ ھوي قاپ يۈرەك مانا ئەمىسە «قاراس»قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۇ ئوڭدىسىغا يېقىلدى .ھوي تۇزى كور پاسكىنا يوقال كۆزۈمدىن سەندىن «ئىت ئۈژمىدىن زېرىككەندەك زېرىكتىم»ھازىرلا يوقال .
    -  توۋلىماڭ قوشنىلارنىڭ ئارامىغا تەسىر يېتىدۇ ،ئەتە ئەتىگەندە

    چوقۇم كۆزىڭىزدىن يوقۇلىمەن ،مەڭگۈگە يوقۇلىمەن.ماڭا ھېچ نەرسە كېرەك ئەمەس. بولدى قىلىڭ سەۋرىنىڭمۇ چېكى بولىدۇ ھېلىمۇ 4يىلدىن بۇيان سىزنىڭ تايىقىڭزنى يەپ ئۆتۈۋاتىمەن،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن   ياش تامچىلىرى ئاق يېغىندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى.
    قادېر ئۇنى ئۇرۇۋېرىپ ھېرىپ قالدىمۇ تاڭ ئېيتاۋۇر چوشقىدەك خورەك تارتقىنىچە ئۇيقۇغا غەرىق بولدى .ئىسىت قىلغان ئەقىدىلىرىم دەسلىپىدە" سىز سىز ياشىيالمايمەن ،سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن" دىگەن ئەمەسمىدى بەخىتلىك كۈنلىرىمىز بىر يىلغىمۇ بارمىدى مەن زادى ئۇنىڭ ئالدىدا نىمە گۇناھ قىلغاندىمەن ؟نىكاھ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى دىگەن سۆزلەر راست ئوخشايدۇ. ئاھ خۇدا مەن زادى قانداق گۇناھ ئۆتكۈزگەندىمەن؟ياق مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزگىنىم يوق .ئەگەر گۇناھ ئۆتكۈزدى دىيىلسە مىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھىم ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللىغانلىقىمدا،ئوقۇۋاتقاندا ئىمتىھانلاردا ياردەم قىلغانلىقىمدا ،ياق ئۇنداقمۇ ئەمەس مەندە گۇناھ يوق قىلچىلىكمۇ گۇناھ يوق.گۇناھ بار دىيىلسە ئۇنىڭ باشلىق بولغانلىقىدا ئۇ باشلىق بولغاندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر مىنى خورلاپ كەلدى .چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدا نايناقشىپ يۈرۈىدىغانلار كۆپ شۇ تۈپەيلى ئۇ موشۇنداق قىلىۋاتىدۇ دىگەنلەرنى ھەمدە ئالىي مەكتەپتە بىرگە ئۆتكەن خۇشال كۈنلەرنى بىرمۇ -بىر ئەسلەپ چىقتى .سۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان تاڭ نېپپىز بۇلۇت قاپلىمىغان شەھەر ئاسمىنىنى يورۇتماقتا قادىرمۇ ئۇيغاندى ئۇ قاپاقلىرىنى تۈرگەن ھالدا.
    -ھە قېنى ئاجرىشىمەن دىگەنىدىڭغۇ ئاخشام دىدى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ.
    -شۇنداق بىز ئۆي بولالمايدىغان ئوخشايمىز. بۇنداق ئۆتكەندىن ئاجرىشىپ كەتكىنىمىز تۈزۈك ئوخشايدۇ دىيەلىدى ئارانلا ئايگۈل.
    -بولىدۇ ئاجرىشىپ كېتەيلى لېكىن ئۆينى مەن ئالىمەن دىدى قادىر.
    -بولىدىۇ ماڭا ئۆي كېرەك ئەمەس ھايتالىق كېرەك ،ئۆيدىن تامايىم يوق .
    -بۇ سۆزلەر سېنىڭ ئاغزىڭدىن چىقتى-ھە،
    -شۇنداق خاتىرجەم بولۇڭ ئۆينى تالاشمايمەن .
    -ئەمىسە ئىلتىماسقىمۇ شۇنداق يازە! ئايگۈل قادىرنىڭ دىگەنلىرى بويىچە ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى يېزىپ پۈتتۈردى ئىككىيلەن خەلىق ئىشلار ئىدارىسىغا بېرىپ ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىردى.بىچارە ئايگۈل كىشىلەر بىلىپ قالمىسۇن دىگەن خىياللار نى قىلاتتى قۇلۇم-قوشنىلىرىغا «چوڭلارنىڭ مىجەزى يوق ،بېرىپ بىر مەزگىل ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىمەن »دىگىنىچە بىر چامادانغا قاچىلانغان كىيىمىنى كۆتۈرگەن پېتى قورادىن مىڭ تەسلىكتە چىقىپ كەتتى.
    مىڭ بىر مۇشەققەتتە قۇتۇلدۇم بۇ خوتۇندىن ئەمدى سىز بىلەن دائىم دىگۈدەك بىرگە بولىمەن جېنىم مەن سىزنى سۆيىمەن دەيتى يېنىدا ئولتۇرغان ئىگىز بوي،زىلۋا،قوشما قاپاق،ئاق پىشماق،چېقىر كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان ئۆزىدىن بۇرۇن كۆزى كۈلۈپ بولىدىغان،بۈدرە چاچلىرىنى بىر نەچچە خىل رەڭدە بويىۋالغان ،ئوڭ مەڭزىدىكى خالى يۇمۇلاق چىرايىغا تولىمۇ ياراشقان ئەمدىلا 22-23ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان سەتەڭگە .
    -مەنمۇ سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن سىز مېنىڭ بەختىم،مىنىڭ قەلبىمدىكى شاھزادەم مەن سىزدىن بېلەكنى ياخشى كۆرمەيمەن دىگىنىچە ئەركىلىگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ يۈز لىرىنى خۇددى مۈشۈكتەك يالاشقا باشلىدى.بىر ھازادىن كېيىن ھېلىقى سەتەڭ ئىككى رومكىغا تولدۇرۇپ ھاراق قۇيدى ۋە قېنى سىزنىڭ ئاجراشقانلىقىڭىز بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى بەختىمىز ئۈچۈن كۆتۈرەيلى دىگىنىچە ھاراق تۇتۇشقا باشلىدى ئۇنىڭغا .شۇنداق قىلىپ ئۇلار تۈن نىسبىگىچە ھاراق ئىچىشتى ھەمدە سورۇنلىرىنى يىغىشىپ
      قادىرنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.
    ئىككىيلەن ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن خۇددى ئاچ قالغان بۆرىلەردەك يوتقانغا كىرىپ كېتىشتى .
    -نىمە دىگەن پەيزى سىزنىڭ ھەقىقەتەن پەيزىڭىز بار جۇمۇ خوتۇن .ھېلىقى ساراڭ خوتۇن بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىمگە ئىست دەيمەن سۆزلىمەكتە قادىر.
    -كىمىڭزنى خوتۇن دەۋاتىسىز ئالدى بىلەن رەسمىيەتلەرنى ئۆتىۋېتىپ شۇنداق دىسىڭىز بولارمىكىن؟
    -بولىدۇ خوتۇن بولمامدىغان .
    -مەن سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈنلا موشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن كېيىن يەنە كوچىدا قالغان بىر نىمە ئىكەن دەپ ئويلاپ يۈرمەڭ مىنى جۇمۇ؟
    -ياق مەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق دىمەيمەن سىزنىڭ موشۇنداق قىلىشىڭىزغا موشۇ خۇلقىڭىزغا تەشنامەن.دىدى قادىر.
    زۇلپىيە  ناز بىلەن ئەركىلىمەكتە. قادىر
       گويا سىماپتەك ئېرىپ كېتىۋاتاتتى ،ئۆزىنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىشق باشلىدى . 

    شۇندىن ئېتىبارەن ئۇ كۈندە دىگۈدەك زۇلپىيە بىلەن بىرگە تاماشىنى دۆڭ قىلىشماقتا بۇرۇن خىزمەتتىن چۈشۈپ ئۆيگە ئالدىرىمايدىغان ئۇ،ئەمدىلىكتە ئۆيىگە يەنى شۇ جاناننىڭ قېىشىغا بالدۇرراق قايتىشقا ئالدىرايدىغان بولۇپ قالدى.
    مانا بۈگۈن قادىر زۇلپىيە بىلەن توي قىلدى ئايگۈلنىڭ نىمىگىدۇر ئىچى پۇشقاندەك بولۇپ ئۆيدىن سىرتقا چىقماي مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلەشكە باشلىدى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن قادىر بىلەن دەسلەپ تونۇشقان كۈنلەر ،ھېلىقى مىرزات دىگەن يىگىتنىڭ ئۇنىڭغا تېزلىنىپ تۇرۇپ تەلەپ قويۇشلىرى .ئۆزىنىڭ بولسا قادىرنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە ئېرىپ كېتىپ ئۇنى رەت قىلغانلىرى .قادىر بىلەن سەيلە قىلغان باغلار ،قادىرنىڭ ئۆزىگە قىلغان ۋەدىلىرى كۆز ئالدىدىن گويا كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىغاندا، كۆز ياشلىرى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆۈلۈشكە باشلىدى ئۇ ئۈنسىز ياش تۆكمەكتە ئۆز-ئۆزىگە قانداقتۇر بىر سۇئاللارنى قويماقتا ھەي بىچارە .....
      ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئايگۈلنى ئىدارە چەت بىر يېزىغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتتى ئايگۈل كۆڭلىدە مەن ئۇ جايدا ھېچ كىمنى تونۇمىسام قانداقمۇ قىلارمەن دىگەنلەرنى خىيال قىغان بولسىمۇ بىراق كۆز ئالدىدىكى بۇ رىئاللىقنى كۆرۈشنى خالىمىغاچقا تەشكىلنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇش نىيىتىگە كەلدى.مانا بۈگۈن سەھەردىلا ئۇ ئاتا-ئانا ،خىزمەتداش،دوستلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ خۇشلىشىپ شەھەردىن 130كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شۇ يېزىغا قاراپ يولغا چىقتى.ماشىنا ئاسفالىت يولدا ئۇچقاندەك ئىلگىرلىمەكتە ئالا ھەزەل 2-3سائەتچە يول يۈرگەندىن كېيىن ئۇلار ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ كەلدى.ماشىنا 4قەۋەت قىلىپ ئاددىغىنە سېلىنغان ئىشخانا بىناسى ئالدىدا توختىدى.ئايگۈل چەبدەسلىك بىلەن ماشىنىدىن چۈشتى .ئۇنى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقلىرى قارشى ئېلىش ئۈچۈن پەسكەچۈشكەندى.ئاقپىشماق،قاشلىرى تۇتۇشۇپ كەتكەن،خۇش-خۇي،قاڭشارلىق،ئىلمەك بۇرۇن،ساقال بۇرۇتلىرى پاكىزە ياسالغان ،خۇمار كۆزلۈك،ئىگىز بوي ئەمدىلا 33-34ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر يىگىت سەپنىڭ ئالدىدا ئۇلار تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى توۋا بۇ چىراي نىمانچە تونۇش مەن قايەردىدۇر كۆرگەندەكلا قىلىمەنغۇ ئايگۈلنىڭ كاللىسىغا چاقماق تېزلىكىدە شۇ خىياللار كېلىشكە باشلىدى.
    -ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ئايال كىشىنىڭ قولىدەك يۇمشاق ئەمما كۈچلۈك قولىنى ئۇزارتتى ئۇنىڭغا ھېلىقى كۈچلۈك قول ئۇنىڭ قولىغا تېگىشى بىلەن قانداقتۇر بىر سېزىم ئۇنىڭ
      ئايىقىدىن  كىرىپ چوققىسىدىن چىقىپ كەتكەندەك  سېزىم
     پەيدا بولدى يىگىتمۇ نىمىنىدۇر خىيال  قىلماقتا گويا بىرەر ئىش ئېسىگە كېلىپ قالغاندەك ئۇنىڭ شەھلا كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراپلا قالدى بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ،قىزنىڭ قولىنى ئاستىغىنە قويۇۋەتتى  ۋە ئىشخانا بىناسى تەرەپكە باشلاپ ماڭدى ئۇ ئايگۈلگە قاراپ -قاراپ تويمايتى .ئايگۈل بىلەن بىرگە كەلگەنلەرمۇ بۇ ھالدىن ھەيران قېلىشتى بىر پەستىن كېيىن يىگىت سەل ئېسىنى يىغدى بولغاي ئەتەي باشقا ياقلارغا نەزىرىنى ئاغدىۇردى بىراق ئۇنىڭ يۈرىكى قىزنى مارلىماقتا ،توۋا موشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ ؟ئۇ راستلا شۇ مىدۇ ئادەمگە ئادەملەر ھەجەپمۇ بەك ئوخشايدىكەن دىگەندەك سۇئاللارنى قويماقتا ،ئۇنىڭغا تەلمۈرمەكتە ،شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئىچىدە قانداقتۇر بىر  ئوت پەيدا بولۇشقا باشلىدى .
    مانا ئۇلار 3-قەۋەت يىغىن زالىغا يىتىپ كېلىشتى ناھىيە رەھبەرلىرى يىغىندا ئايگۈلنىڭ موشۇ يېزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسى بىلەن 2يىل چېنىقىدىغانلىقىنى يېزا باشلىقلىرىغا ئۇقتۇردى.يېزا باشلىقىنىڭ كۆزى يەنىلا ئۇنىڭدا ئۇ، بۇ زادى ئايگۈلنىڭ ئۆزى شۇمىدۇ توۋا ئەمەسمىكىن دىسەم شۇ دەكلا ،شۇ مىكىن دىسەم ئەمەستەكلا دىگەنلەرنى ئويلىماقتا...
    ئايگۈلمۇ ئىشخانا ۋە ياتاققا ئورۇنلۇشۇپ بولدى ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بىر ئەتىگەنلىكى يېزا باشلىقى مىرزات ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى ھەمدە ئايگۈلگە سەپ سېلىپ قارىغاندىن كېيىن.
    -مەن سىزنى بىر يەردە كۆرگەندەكلا قىلىۋاتىمەن ئىش قىلىپ سىز ماڭا بەكلا تونۇش ،سىز شىنجاڭ ئونۋېرسىتتىدا ئوقۇغانغۇ دەيمەن سورىدى ئايگۈلدىن.
    -شۇنداق دىدى جاۋابەن ئايگۈلمۇ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ.
    -مەن سىزنى ئايگۈل تۇرسۇنغا ئوخشىتىۋاتىمەنغۇ؟ سورىدى يىگىت.
    -مەن شۇ، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى قان دەرھاللا يۈرلىرىگە تەپچىدى-دە،گويا ئاتۇشنىڭ ئانىرىدەك قىزىرىپ كەتتى.
    -توۋا مەن نەچچە كۈندىن بېرىسى چوقۇم شۇ دەپ ئويلىغاندىم دەل سىز شۇ كەنسىز؟ھە راست سىزنى ئۈرۈمچىدە قالدى دىمىگەنمىدى .
    -شۇنداق مەن تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىدا قالغان، بىراق قادىرنىڭ خىزمەت مەسىلىسى ھەل بولمىغاچقا   3يىلدىن كېيىن ئۇنى دەپ  قايتىپ كەلگەن.
    -ھە قادىر ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟
    -قىزنىڭ گېلىغا ئاچچىق بىر نەرسە تۈرۈپ قالغاندەك بولۇپ قالدى لېكىن ئۇ يەنىلا چاندۇرماستىن ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئاددىلا جاۋاب بەردى.
    -چۈشتىن كېيىن بىرگە تاماق يەيلى بولامدۇ؟سورىدى مىرزات .
    -ئايگۈل بىر پەس تۇرۇۋالغاندىن كېيىن بولىدۇ دىدى جاۋابەن.مانا كەچقۇرۇنلۇقى يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى بىر قانچە كىشى بىرگە تاماققا باردى ھەممىنىڭ جۈپتى بار بىراق مىرزاتلا يالغۇز ئىدى .تاماقتىن كېيىن ھەممە تارقاشتى مىرزاتمۇ ئۆيىگە قايتتى ئۇ بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلاپ تاڭ ئاتقىچە كىرپىك قاقماي چىقتى .ئايگۈلمۇ قانداقتۇر بىر خىل كۈچنىڭ تەسىرىدە تۈننى ئارانلا تاڭغا ئۇلاشتۇردى...
    ئۇنىڭ بۇ يېزىغا كەلگىنىگىنۇ ھەش-پەش دىگۈچە بىر يىلدىن ئاشتى چوڭلار ئۇنىڭغا بىر نەچچە يەردىن لايىق تاپقان بولسىمۇ بىراق ئۇ بىر -بىرلەپ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلدى.ئايگۈل مىرزاتنىڭ ئايالىنىڭ تۇغۇتىدا قازا قىلغانلىقىنى ئىدارىدىكىلەردىن ئاڭلىغان بولسىمۇ بىراق مىرزات ئۇنىڭغا بۇ توغۇرلۇق سۆز قىلمىغاندى.
    بۈگۈن بالدۇرلا ئىشخانىسىغا كەلگەن مىرزات ئايگۈلنىڭ يېنىغا كىردە ۋە :
    -كەچلىككە بىرگە تاماق يىسەك بولامدۇ دىدى ئۇنىڭغا .ئۇ بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىگە نماقۇل بولدى .ئۇ كەچقۇرۇن خىزمەتتىن چۈشكەندىن كېيىن ياتىقىغا كىرىپ چىرايلىق ياسانغاندىن كېيىن ئارامگاھ تەرەپكە قاراپ يول ئالدى كوچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بۇ باشلىققا ھېرىسمەنلىك بىلەن كۆزلىرىنىڭ قۇيرۇقىدا ھەۋەس بىلەن قاراشماقتا ،بەزىلەر نىمانچە چىرايلىق   دىيىشىپ ئۇھ تارتىشاتتى يەنە بەزىلەر كۆزلىرى تشىلىپ   كېتىدىغاندەك قاراشاتتى .
     بۇ ئايرىمىخانىدا پەقەت ئىككىلا كىشى تاماق يىگەچ گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلاشماقتا ئىدى.
    يېرىم كېچە بىلەن بۇ ئىككى گەۋدە ئارامگاھتىن چىقىپ كېتىشتى مىرزات ئۇنى ياتىقىغا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن ئۆيى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى .ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان ئوت ئۇنى ئازابلىماقتا ئىدى .
      بۈگۈن مىرزات تولىمۇ خۇشال كۆرۈنەتتى ،ئۇ ئايگۈلگە توي قىلىش تەكلىپىنى قانداق قويۇش توغرىسىدا ئويلايتى،ئويلىغانسېرى خۇشال بولاتتى.مانا خىزمەتتىنمۇ چۈشتتى.ئۇ ئايگۈل بىلەن كونا جايدا كۆرۈشىدىغان بولغاندى.
    بۈگۈن ئايگۈل تولىمۇ چىرايلىق ياسىنىۋالغاندى ،مىرزات ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەيتى ئارىنى بىر ئاز جىم-جىتلىك ھۆكۈم سۈردى .بىر ھازادىن كېيىن مىرزات ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئۇنىڭغا يۈرىكىدىكىنى ئېيتتى.تۇيۇقسىز ئايگۈلنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆز بىلەن ئۇ نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدا.ئۇ ئىلتىجا نەزىرى بىلەن قىزغا يەنە بىر قېتىم قارىدى.
     " كەچۈرۈڭ مىرزات مەن تەكلىپىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمەن چۈنكى مېنىڭ يۈرىكىم ئاللاقاچان مۇزلاپ كەتكەن" تەكرارلىدى  قىز ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ... 



    ھالقىلىق سۆزلەر : مۇزلىغان يۈرەك، ھېكايە


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    پەرھات جەمشىت تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 12:02 20-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 23:05 05-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار