• ئۆتلۇق نەپەسلەر(نەسىر)

    يوللانغان ۋاقتى:12-04-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    ئوتـــلۇق نەپەسلەر يۈرىگىم ھاياتلىق پاياندىزىنى ئالدىمغا يېيىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ، سەن مېنى پۈتۈنلەي ئىلكىمدە دەپ قىياس قىلىس

     
    ئوتـــلۇق نەپەسلەر

      نەسىر

    ئايشەمگۇل بارات

     

         يۈرىگىم ھاياتلىق پاياندىزىنى ئالدىمغا يېيىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ،  سەن مېنى پۈتۈنلەي ئىلكىمدە دەپ قىياس قىلىسەن ھەم شۇنىڭغا ئىنتىلىسەن ، بىراق گاھىدا شوخلۇق قىلىپ ئىزگۈلىرىمنى ھەر ياندا  چاچقۇن قىلغۇم كىلىپ قالغېنىدا يەنىلا توختاپ قالىمەن .چۈنكى سەن مېنى ھاياتىم دىدىڭ.شۇئان گۇناھ ئارىلىدا جىمجىتقىنە توختاپ ھاياتلىق  چۇلۋۇرۇمنى كەينىگە قايتۇرۇشقا بار كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.چۈنكى قەلىپ تېزگىنىم سېنىڭ قۇلۇڭدا.سەن بارلىق ۋۇجۇدۇمنى كونتىرول قىلماقچى بولغىنىڭدا ھەيران قالىمەن .چۈنكى سەن ھېلىمۇ ھەممىگە ئېرىشتىڭ.ئەمما يەنىلا ماڭا ئىشەنمەيسەن .توۋا بەكلا ھەيرانمەن ..بارلىق خاتىرىلىرىم سېنىڭ قۇلۇڭدا تۇرغان بولسىمۇ يەنىلا مەندىن شۇنچىلىك شۇھبىلىنىسەن .بۇلانى بىلىپ سىزىپ تۇرىمەن . يۈرىگىمدىن چىققان مۇڭ سەن ئەڭ ئامراق شۇ مۇڭ ئىكەنلىكىنى سىزىپ تۇرۇپ يەنىلا گۇمان بىلەن تىڭشايسەن . سەن ۋۇجۇدۇمدىكى بارلىق ھىس تۇيغۇلىرىمنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ بولغان بولساڭمۇ بىراق ئۇنىڭ كۈلكىسىگە شىرىكلا بۇلالمىدىڭ...يىغىسىنى تېڭشىمىدىڭ..نالىسىگە قۇلاق سالمىدىڭ....غايە بىلەن رىياللىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىدەللەرگە بولسا قىلچىلىكمۇ ئارلاشقۇڭ كەلمىدى.ئەسلى سەن مېنى ھەممىدىن قول ئۈزەلەيدىغان جاسارەتكە ئىگە قىلدۇرماقچى ئىدىڭ.مەن سېنىڭ بىلەن مېڭىۋاتقان شۇ ئۇزاق خەتەرلىك سەپەر ئۈستىدە تۇرۇپ ھارغىنىمنى تالغىنىمنى ساڭا قىلچىلىكمۇ  چاندۇرماي پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سېنىڭ ئۈچۈن تېۋىندىم.....چىدام غەيرەتنىڭمۇ چېكى بۇلىدۇ دەيدۇ ئەمما مەندىكى بۇ چىدام ۋە غەيرەتكە پۈتمەس- تۈگىمەس شىجائەت يۇشۇرۇنغان .سەن مېنى مەيلى ئاسمانغا ئاتقىن ياكى ئازگاللارغا تاشلىۋەتكىن مەن قېشىڭدا يەنىلا شۇنچىلىك مەغرۇر تۇرىۋاتىمەن.مەن ئەشۇ ئۇزۇن سەپەردىن ھېرىپ قايتىپ كەلگىنىمدە يەنە بىر مۇشكۈل سەپەرنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرۋاتقىنىنى سەن بىلىپ تۇرىسەنۇ ماڭا بەكمۇ بىپەرۋاسەن ....مەن باتۇرلارچە شۇ دېڭىزدا لەيلەپ يۈرىۋاتىمەن ..گاھ چۆكۈۋاتىمەن ،گاھ لەيلەۋاتىمەن ...ھەددى ھىساپسىز بايلىق ئالتۇن كۈمۈشلەر دەريالارغا غەرىق بۇلۇپ ئېقىپ كەتسىمۇ مەن ئۈچۈن  ھەممىسى بەرىبىر چۈنكى مەن مۇشۇ دېڭىزدىن ساق سالامەت چىقىپلا كەتسەم مىنى قارشى قىرغاقتا كۈتۈپ تۇرىۋاتقىنى سەن مىنىڭ ھاياتىم ..

    ئاپتۇر:كېرىيە ناھىيلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىدا




    ھالقىلىق سۆزلەر : ئوتلۇق نەپەسلەر، نەسىر


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    ئايشەمگۈل بارات تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 16:04 11-04-2012 كىرگەن ۋاقتى: 12:04 13-04-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار