• سەھراغا مۇھەببەت(شېئىر)

    يوللانغان ۋاقتى:11-04-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    سەھراغا مۇھەببەت ئايشەمگۈل بارات(دىليار) تويۇنغان قۇياشقا، ئايغا، زىمىنغا، ئەي،ئىللىق خىسلەتلىك تۇزانسىز ماكان. ساپلىقىڭ ،پاكلىقى

     

    سەھراغا مۇھەببەت

     

    ئايشەمگۈل بارات(دىليار) 


      

      

    تويۇنغان قۇياشقا، ئايغا، زىمىنغا،

    ئەي،ئىللىق خىسلەتلىك تۇزانسىز ماكان.

    ساپلىقىڭ ،پاكلىقىڭ دىللارغا ھۇزۇر،

    مۇزلىغان قەلىبكە ياقار ھەر زامان.

      

    قوينۇڭغا ئال مېنى ياتاي باغرىڭدا،

    ساپ خۇشبۇي ھاۋادىن نەپەسلەر ئالاي.

    چۆللەردە قىينالغان چاڭقاق تەنلىرىم،

    شۇ توققۇز بۇلاقتنىڭ ھۆسنىگە قانغاي .

      

    باغاش ئەت قوينۇڭدا پەپىلەت مېنى،

    خىسلىتىڭ مۇجەسسەم بولسۇن دىلىمغا.

    يېشىللىق ئەلچىسى بولسۇن ھەم گۇۋاھ،

    غۇبارسىز ياشاي مەن رەڭدار تۇپراقتا.

      

    كېچىلەر قاراي ھەم زەڭگەر ئاسمانغا،

    كۆرەي شۇ بالىلىق چۆچەكلىرىمنى.

    پەرىشتە مومامنىڭ ئاپئاق چېچىدەك،

    لىپمۇلىق يۇلتۇزلۇق گۈزەل ئاسماننى.

      

    بۇ خىسلەت بۇ ھالەت كەلگەن نەلەردىن؟

    كەلگەنغۇ ھەر گىياھ ھەردان ھەر تەردىن.

    تاڭ سەھەر سۈت سېغىپ ماڭغان چوكاننىڭ ،

    ھەم دىھقان يىگىتنىڭ مېھنەت ئەجرىدىن.

      

    باھاردا سايرايدۇ توپ-توپ قۇشقاچلار ،

    قارلىغاچ ھەم سالغان ئايۋانغا ئۇۋا.

    مەڭرىگەن دالىدا قوي ھەم كالىلار،

    كەينىڭدىن ئەگىشەر دالاندا قۇزا.

      

    باغلاردا مىۋىلەر پىشقان مەي باغلاپ ،

    ھويلىدا ئۇغۇتسىز يۇمران ئوت –ياشلار.

    تاڭ سەھەر ئويغۇتۇپ چىللايدۇ خۇراز،

    قىشمۇ يازئۈزۈلمەس ئېقىندىن سۇلار .

      

    ئاڭلىنار دۆڭلەردىن پادا ئاۋازى،

    ئېتىزدا ياڭرايدۇ ئورما ناخشىسى.

    مومامنىڭ چاڭ باسقان ئىتەكلىرىدە،

    ئۇخلايدۇ نەۋرىلەر قېنىپ ئۇيقۇسى.

      

    پۇتلىرى يېرىلغان ھەم قاداق باسقان،

    بەك يىرىك ھەم قاتتىق بوۋام قوللىرى،

    يۈزلەرگە ۋاقىتسىز چۈشكەن قورۇقلار،

    ھەممىسى ئەجىر ھەم جاپا تامغۇسى.

      

    نە بولسۇن بۇ يەردە غەيۋەت شىكايەت،

    نە جىدەل  غەۋغا ھەم ئورا كولاشلار.

    چاڭ سالماس ھېچكىشى كىشى رىسقىگە،

    ھەم ھەسەت ئاداۋەت يوق ھەم مىشچانلار.

      

    ھالىغا يىتىشىپ خۇلۇم –خوشنىلار،

    بەك ئىجىل ، ئايىماس بارۇ نەرسىنى .

    كىلىنلەر پەتىلەپ ماڭار ھەر جۈمە،

    ئادەت بوپ  يوقلاش ئاتا –ئانىنى.

      

    مەسچىتلەر تولغان جامائەتلەر بىلەن،

    توي تۈكۈن ئۈلۈملەر يىتىم قالمىغان.

    ئاغرىساڭ داۋا ھەم ياۋا گىياھلار،

    بىر جەننەت ماكان بۇ سىھىرگە تولغان.

      

    ئاھ، كەڭرى ئېتىكى جەننىتىم سەھرا،

    سىرلارغا تۇيۇنغان قەدىمى ماكان.

    قوينۇڭدا بار يەنە نېنى ھىكمەتلەر،

    يىشىلگەي بىر كۈنى تىلسىملار ھامان.




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    ئايشەمگۈل بارات تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 16:04 11-04-2012 كىرگەن ۋاقتى: 12:04 13-04-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار