• چېچەكلەردە دىدارىڭ )شېئىرلار(

    يوللانغان ۋاقتى:11-04-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: بەگيار   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    چېچەكلەردە دىدارىڭ ئابدۇرەشىد غەزەل مەيىن شامال ھىدىڭنى ئېلىپ كەلدى ، ئەي باھار، نە مەجرۇھ تېنىمنى سۆيگۈ ئىشقىڭ قىلدى ناكار. مايسىل

     

    چېچەكلەردە دىدارىڭ
     
    ئابدۇرەشىد
     
    غەزەل

    مەيىن شامال ھىدىڭنى ئېلىپ كەلدى ، ئەي باھار،
    نە مەجرۇھ تېنىمنى سۆيگۈ ئىشقىڭ قىلدى ناكار.

    مايسىلار تولىغىنار نازلىنىپ، لەرزان  چىمەندە،
    مەستۇ- مەستۇ غەرىق قىدىلەر ئەنبەر يۇ، ئىپار!

    خىياللارغا قانات بەرسەم كەتتى سەن تامان،
    شاماللارغا ئەگىشىپ بىر سېنى تاپار...

    گۈللەرگە رەڭ بەرگەن ھۆسنى جامالىڭدىن،
    پەردىسىن تارتىپ نىھايەت، ئايمۇ قىزغىنار؟!

    باغلارغا رەڭ بەرگەن چېچەكلەر جىلۋىسىگە،
    قۇشلار خەندان ئۇرۇشۇپ، قوشاققا قاتار...

    تۈنلىرى مۇڭدا تۆكتۈم ھەسرەت بىرلە دىلمنى،
    غەملىرىڭ چېكىپ ئۇنى قىلسىمۇ ساتار؟!

    ئەي قەلەندەر، چېچەكلەردىن ئىزدە دىدارىن،
    ئول ئىشق باش قويۇپ، كۈن باغرىدا ياتار!
     
    بوپتىلا

    ئىشقنى سالدى خۇدا،پاك سۆيگۈگە قىلىپ مۇپتىلا،
    ئەيلىدى جاننى پايخان،نە ئىلاج،كۆيەي، بوپتىلا!
    كۆرگىنىم چىن ساداقەت ئەھلى ۋاپانىڭ نەسلىدىن،
    نە سەۋەپ كۆيگەنلىكىمنى داپ يۈرەكتىن بىلدىما؟!
    باغ سەيلىگە چىللىدىم كۆيگەن يۈرەك ئىشقى ئۈچۈن،
    مىڭ بالالار ياغدۇرۇپ،دەردى ھىجرانغا سالدىڭا؟!
    گۈل سۇنۇپ باراي زۆھرە،سەنەم...تامان كەلسەڭ،
    قىلىپ سەۋدا، چېكىپ دىل تار، ۋاھ،ئەجەپ چالدىڭا!
    ئىز بېسىپ يۈرسەممۇ باغى –رەيھان، چۆلدە يەنە،
    قالمىدىم يا بىر ئېزىپ، بىلمىدىم، سەن قالدىڭا؟!
    جان تەسەددۇق قىلغاي قەلەندەر ئول باھار ۋىسالىغا،
    جاننى ئالماي، ۋادەرىخ! ئوي-خىيالنى ئالدىڭا...
    يانمىقىم ئەھدىم ئەمەس، تانمىقىم ئىماندا يوق،
    كۆيدۈرۈپ،كۈلدۈرۈپ،ئىشق ئوتۇڭغا سالدىڭا!!!

     
    دىل بەر
     
    خىيالىمنى رام قىلدىڭ، كۆيدۈم،جانان ئىشقىغا دىل بەر،
    نېتەي جاننى ئالارسەنمۇ گۈل رۇخسار ماھى تابان دىلبەر؟!

    مۇراد تاپماقنى ئىستەيمەن ۋىسالغا قۇچاق ئېچىپ تاڭدا،
    قىلاي دەيمەن سەيلىلەر باغدا،مەن كەبى مەجنۇنغا دىل بەر.

    تۈگەل جاندىن كېچەر ئاشىق باھارغا ئۇرۇپ خەندان،
    بىلىپ يەتكىن دەردۇ ھالىمنى، رەڭگى سامانغا دىل بەر.

    ئايغا تەققاس يۈزۈڭنى، قۇياشقا يانداش كۆزۈڭنى،
    نىسىپ ئەت يار، ئۆزۈڭنى، باغرى قان جانانغا دىل بەر.

    كۈتۈپ ئۆتتى ئۆمرۈم دىدارىڭغا قانمىدى يا دىل،
    كېچەلمەيمەن، كېتەلمەيمەن ،نىيەت - ئارمانغا دىل بەر.

    تىنمىدى ئىشقى گاھ قەلەندەر،گاھى مەجنۇن بولۇپ بىرلە،
    خۇدا سالدى ئوتنى، يۈرىگى ئاتەش- گۈلخانغا دىل بەر.

    كۈل بوپ كەتسەممۇ ئەھدىدىن يانماسمەن زىنھار،
    كەل، ئەي باھار،نەزەر سالما سۆزى شەيتانغا، دىل بەر...

    سەجدىگە باشىم قويۇپ تىلەكلەرنى پۈتۈپ قالدىم،
    ئىنتىھا يۇ ئىپتىدا شەپقىتى راھمانغا دىل بەر!!!





    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار