زۆھرەگۈل ھامۇت بۆشۈكتىكى ئانا
(ھىكايە)
زىمىستان قىشنىڭ رەھىمسىز سوغۇقى سالامەتخاننىڭ قىيا ئوچۇق قالغان ئىشىك سىرتىدىكى كونىراپ جۇلىقى چىققان ئىشىك پەردىسىدىن يېرىپ ئۆتۈپ،ئانىنىڭ تىلىم-تىلىم قورۇق باسقان يۈزلىرىنى،مىدىرلىتىشقا ئىمكان بەرمەي تاياقتەك قېتىپ تۇرغان قۇرۇق قاقشالدەك ئورۇق،ئەتسىز بىلەكلىرىنى مۇزلىتىشقا باشلىدى.ئۇچتەك ئاقارغان چاچلىرىغا ئەتىگەن كېلىنى رەيھان كېلىپ ياغلىقنى چېكىلەپ چىگىپ،پوق-سۈيدۈككە مىلەنگىنىچە دۈت پۇراپ ياتقان مەزلۇمنىڭ زاكىسىنى ئاغزىغا ماسكا تارتىپ تۇرۇپ تازىلاپ يەڭگۈشلەپ،يەنە ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق مەينەتچىلىكنى تازىلىغانلىقىغا دارتمىلاپ بىر مۇنچە سېسىق گەپلەرنى قىلىۋېتىپ ئىشىكنى زەردە بىلەن «جاڭڭىدە» يېپىپ چىقىپ كەتكەندە كەينىگە يېنىپ قىيا ئوچۇق قالغانچە،بوسۇغىدىن بىرەر مۈشۈكمۇ قەدەم ئالمىغان ئىدى.كەنجى ئوغلى كىرا تارتقىلى چىقىپ كەتكەنچە ھېچ قايتىپ كېلەي دىمەيتتى.ئانىنىڭ نۇرسىز خۇنۈك كۆزلىرى قىيا ئوچۇق ئىشىككە تەلمۈرەتتى،قورۇقتىن پۈرۈلگەن نېپىز لەۋلىرى گويا دۈرۈت ئوقۇۋاتقاندەك مىدىراپ،سۇس شىۋىرلاشلىرى ئۇنىڭغا يېقىنلا دائىرىدە لەيلەيتتى.
-مېھرىبان ئاللاھ،شۇ پەرزەنتلىرىمنىڭ مۈشكۈلىنى ئاسان،بەختى-دۆلىتىنى زىيادە قىلغايسەن،ھالالدىن رىزىق بەرگەيسەن،كۆڭلىگە ئىنساب-تۆۋپىق ئاتا قىلغايسەن...
ئانىنىڭ جۈپلەشكەن كىرپىكسىز كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياش سىرغىپ ياستۇقىغا تامچىلاشقا باشلىدى.ئۇ شۇ تاپتا مىدىر-سىدىر قىلالماي ياتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان،جانسىز بەدىنىنىڭ كېسەكتىن ھېچ پەرقى قالمىغان،پەقەت تىرىكلىكىدىن بىشارەت بېرىپ گۈنسىز بىر جۈپ كۆزى لۆمۈلدەپ تۇرغان بىر پارچە گۆش،كۆيۈۋېرىپ ئېقىپ تۈگەش ئالدىدا تۇرغان شام ئىدى.ئۇ ئېرى رەھمەتلىكتىن ئارقا-ئارقىدىن بىر قىز،ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ،قىزىنى يات بىر ناھىيىدىكى تۇغقىنىغا ياتلىق قىلىۋەتكەندىن كېيىنقىرىق يېشىدىلا تۇل قالغان ئىدى، ئەر-ئايالنىڭ موزدوزلۇق،كەشتىچىلىك ھۈنىرى بىلەن كىشىلەرگە بېقىنىپ قالماي نورمال كۈن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ ئائىلە ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن گويا ئۈششۈك تەگگەن يۇمران مايسىدەك خارابلىشىشقا باشلىدى.سالامەتخان بىر مەزگىل ئېرىدىن ئايرىلىشنىڭ دەرد-پىغانىدا ئۆزىنى يوقىتىپ،گويا گاراڭ ئادەمدەك يۈردى.ئەمما، زىممىسىگە ئارتىلغان ئۈچ ئوغۇل،بىر قىزنى بېقىپ قاتارغا قوشۇشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپە ئۇنى ئاستا-ئاستا سەگىتىپ، رىئاللىق ئالىمىگە باشلاپ كەلدى.ئۇ ئاخىرقى ھىسابتا تەقدىرىگە تەن بەرمەي ئامال يوق ئىدى.غۇچچىدە گۈل نەقىشلەنگەن بىر جۈپ كانىۋا ياستۇقنى باش كۆتۈرمەي سىپتا ھەم كۆركەم قىلىپ ئۈچ ھەپتىدە ئاران پۈتتۈرسە خېرىدارنىڭ قويىدىغان باھاسى ئاران بىر يۈز ئەللىك يۈەن،ئېشىپ كەتسە بىر يۈز ئاتمىش-يەتمىش يۈەن بولاتتى،ئۇنىڭغا كەتكەن رەخت،يىپ ،ئەمگەك ۋە ۋاقىت خېرىدارلارنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى.بولسا توپ باھادىلا ئېلىۋالسا،يا بولمىسا مال ئىگىسى بىكارغىلا بېرىۋەتسە ...خېرىدارلار رازى بولۇشامدىكىن؟شۇ چاغدا خېرىدارلارنىڭ يۈزسىزلىكىدىن«بۇ مال يا ئوغرىلانغان،يا بولمىسا سۈپەتسىز مەھسۇلات.بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ جىڭى دىگەن ئەسلىدە پالانى پۇل بولاتتى»دەپ پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالمىسا قۇلىقىمنى داڭگالدا كېسىپ بېرىمەن.
شۇنداق قىلىپ سالامەتخان جاپالىق،مىۋىسى ئاز بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈپ،قول ھارۋىسىدا پايپاق،يىپ ئىشتان،ئىچ كىيىم دىگەندەك باھاسى ئەرزان مالغا دەسمايە سېلىپ،شۇنىڭدىن تاپقان پۇلغا يىمەك-ئىچمەك،بالىلارغا كىيىم-كېچەك،ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بېرىپ يۈردى.تۆت پەرزەنتىنى چوڭ قىلىش يولىدا كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە بالا باقتى،كىر-قات يۇيدى،ئۆي تازىلىدى.كىشىلەرنىڭ چوڭ گېلەم-كىگىزلىرىنى قېقىپ بەردى.قىزىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۈز كۆرۈشكەن بالىلىرىنىڭ قىرىقىنى چىقىرىپ، قىزىغا تۇغۇت ئاسارىتىدىن قالغان كېسەل چاپلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۆت بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش جەريانىدىكى تەجرىبىسىگە ئاساسەن كۆيۈنۈپ بېقىپ،سالامەتلىكى تولۇق ئەسلىگە كەلگەندە ئۇنىڭ نازۇك بارمىقىغا قېينىئاتا-قېينىئانىسى ۋە ئېرىنىڭ ئالدىدا ئالتۇن ئۈزۈك سېلىپ قويۇپ تۇغۇتىنى مۇبارەكلەپ،ئۇلارنىڭ قولىغا ساق-سالامەت تۇتقۇزدى.گۆدەكلىكتە بالىنى قانداق بېقىشنى بىلەلمىگەن قىز ئايدا بىر قېتىم ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بالىنى بىرلا تاشلاپ قويۇپ كەتسە،ئاي ئۆرۈلۈپ قايتا كەلگىچە بالا مۇنتىزىم چوڭ ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتى.سالامەتخان قىزىنىڭ بىر-بىرىدىن ئوماق بۇ بالىلىرىغا بەكلا ئامراق ئىدى،نەۋرىلەر كەتكەن چاغدا ئۆيلەر چۆلدەرەپ قالغاندەك غېرىبسىناتتى.بۇ جەرياندا ئۇنىڭ قىرانلىققا يەتكەن نازۇك جىسمى يادەك ئېگىلدى.بالا ئۈچۈن ئاتەش بولۇپ يانغان يۈرىكى ئۇنى ھەممىگە چىداشقا،سەۋر-تاقەتلىك بولۇشقا مەجبۇر قىلىپ تۇراتتى.ئانا كىچىك ئوغلىنى ئويلىسىلا يۈرەك باغرى قوقاستا قالغاندەك پۇچۇلىناتتى.بار غەم-ئەندىشىسى كىچىك ئوغلىدا ئىدى.كەنجى ئوغلى كىچىكىدە مېڭە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ،داۋالاش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن تۈرلۈك داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي كېسەل ئاسارىتى قېپقالغان ئىدى،ئىنكاسى ئاستا بولۇپ،سۆزلەش،ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم ئىدى.شۇڭا كەنجى ئوغۇل ئۇنىڭغا كېچە-كۈندۈز ھەمراھ ئىدى.چوڭ ئوغۇل ۋە ئىككىنچى ئوغلى ئارقا-ئارقىدىن ئەقىل تېپىپ جىسمانىي قۇۋۋىتىگە تولۇپ ئانىنىڭ قولىغا-قول،پۇتىغا-پۇت بولۇپ ياردەملىشەلەيدىغان بولغان بولسىمۇ،ئانا ئۇلارنى ئۇششاق ئىشلارغا بەنت قىلىپ زېھنىنى خورىتىشىنى خالىمىدى.ئۇنىڭ يۈرەك پارىلىرىنى ئوقۇتۇش ئارزۇسى كۈچلۈك ئىدى،تىرىشىپ-تىرمىشىپ تاپقان پۇلغا ئىككى ئوغلىنى ئوقۇتتى.ئىككى ئوغۇل مەكتەپنى ھەر ھالدا ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ،ئالىي مەكتەپ قوينىغا قەدەم ئالدى. ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى يىقىلغان جاپالىق شارائىتتا بالىلارنىڭ تۈرلۈك ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىپ،ئالىي مەكتەپ ئوقۇش راسخودى ۋە بالىلارنىڭ تۇرمۇش چىقىملىرىنى غەملەش ئۈچۈن بىچارە ئانىنىڭ كىرمىگىنى گۆر،كىيمىگىنى كېپەن قالدى،بالىلار ئانىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئەيىبكار ھېس قىلىشاتتى،ئانىسىغا ئىچ ئاغرىتىشاتتى،ئەمما خۇلۇم-خوشنىلارنىڭ،تونۇش-بىلىشلەرنىڭ،ساۋاقداش-دوستلىرىنىڭ يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ،سېمىز بەدەنلىرىنى لىغىرلىتىپ ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تاقاپ غونىيىشىپ يۈرىدىغان سالاپەتلىك ئانىلىرى بىلەن ئۆز ئانىسىنىڭ مەزگىلسىز قورۇق باسقان جۈدەڭگۈ چىرايىنى،ئۇچتەك ئاقارغان چاچلىرىنى،ياراشسىمۇ-ياراشمىسىمۇ ئۇچىسىغا ئارتىۋالىدىغان كونا جۇل-جۇل كىيىملىرىنى،ئاددىيغىنە ئۆيلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، سەبىي قەلبىگە ئۆزلىرىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى بىلەن ئائىلىسىدىن بىزارلىق ۋە ئانىسىنى پەس كۆرۈش پىسخىكىسى يېتىلىشكە باشلىدى.شۇ ۋەجىدىن ئۆيدە بىرەر قىيىنچىلىقنىڭ ئېتىنى ئاڭلىسا قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ،ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق تۆۋەن تەبىقىدىكى ئائىلىنىڭ بالىسى بولۇپ تۆرىلىپ قالغانلىقدىن ئاغرىنىشاتتى.جاپاكەش ئانىنىڭ ئانىلىق قەلبى بالىلارنىڭ قاتارغا قېتىلغاندىن كېيىنكى كەمسىتىش ۋە دوق تېگىشلىرى،ھەتتا ئاچچىقى كەلگەندە ئۆينى بېشىغا كىيىپ ۋارقىراپ-جارقىراشلىرى بىلەن سۇنۇپ،ئىچ-ئىچىدىن يىغا تۇتاتتى-يۇ،كۆز يېشى قىلسا بالىلارنىڭ قەغىش قېپى بولۇپ، ئانا قاغىشى تۇتۇپ ياخشى كۈن كۆرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ،كىرپىكىگە يامرىغان يېشىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولاتتى.چوڭ ئوغلى ياقۇپ ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش تەقسىملىشى بىلەن بىر ئىدارىدە خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى،ئىككىنچى ئوغلى ئارۇپمۇ ئىككى يىلدىن كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە كادىر بولۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتى.مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشقۇچە جاپاكەش ئانا بالىلارنىڭ قورسىقىنى توق،كىيىمىنى پۈتۈن قىلىش ھەلەكچىلىكىدە چېچىنى سۈپۈرگە قىلىپ كىشىلەرگە چاكار ئىشلەپ ئۆز ياشلىق باھارىدىن،كۈچ-قۇۋۋىتىدىن ئايرىلدى.ئوغۇللار خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن تۇنجى ئايلىق مائاشىنى ئانىسىغا ئەكىلىپ تاپشۇرغاندا،ئانىنىڭ خوشلۇقتىن كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى...
ياقۇپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان دەسلەپكى چاغلاردا ئائىلىنىڭ پارچە خىراجەتلىرىنى كۆتۈرۈپ،سالامەتخاننىڭ يۈكى خېلى يېنىكلەپ قالدى.كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ دوستلىرى كۆپىيىپ،بەزىدە مائاشى ئۆزىدىن ئاشمايدىغان بولۇشقا باشلىدى.سالامەتخان شۇنچە كۈچەپ تاپقان پۇلنىڭ قورساقتىن ئاشمايۋاتقانلىقىغا قاتتىق ئۆكۈنۈۋاتاتتى.چۈنكى ياقۇپ بۇرۇتلىرى خەت تارتىپ بوي-بەستلىرى كېلىشكەن نەۋقىران يىگىتكە ئايلاندى.كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس دىگەندەك ئۇنىڭ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولىدىغان ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى.ئەمما،ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ رەددىدە بانكىدا زۆرۈر تېپىلغاندا ئىشلىتىشكە زاپاس قويۇپ قويغان پۇلى يوق ئىدى. كۈنلەر شۇ تەرزدە ئۆتۈپ ئىككىنچى يىلى سالامەتخاننىڭ ئەنسىرىگەن ئىشى ئاخىرى يۈز بەردى.ياقۇپ سالامەتخانغا ئۆزىنىڭ ئۆيلىنىش ئارزۇسىنى ئېيتقاندا،بىچارە ئانا ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا يۆلەنچۈكسىز ئىكەنلىكىدىن ئۆزىنى بەكمۇ چارىسىز ھېس قىلدى.ياقۇپ تاپقان لايىق ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان،ئائىلە شارائىتى يامان ئەمەس ئائىلىنىڭ قىزى بولۇپ،سالامەتخان ياقۇپنىڭ قىزنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدىن ئۇنىڭ قىزغا ھەقىقەتەن كۆڭلى بارلىقىنى بىلدى.ئانا ئوغلىغا بۇ توي ئىشىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى،ياقۇپنىڭمۇ پۇلنى بۇزۇپ-چاچماي ئىقتىساد توپلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى، سالامەتخان ئوغلىنىڭ توي ئىشى ئۈچۈن ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ھەم قولىنىڭ ئاراچلىرىدىن ساقىغان پۇللارنى كونسېرۋا قۇتىسىغا سېلىپ،ساندۇقنىڭ ئاستىغا قويۇپ يىغىشقا باشلىدى.ئېرى ئالغان تويلۇق قاپاق نۇسخىلىق ئالتۇن ھالقىسىنى سېتىپ ياقۇپنىڭ نامىدا بانكىغا قەرەلسىز ئامانەت قويدى.بىر ئانا ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش يولىدا بويۇن تولغىشى مۇمكىن ئەمەس.بۇ جەرياندا جاپاكەش ئانا خېلىلا تارتىلىپ،چاچلىرىدىكى ئاق كۆپەيدى،ئارۇپنىڭ ئوقۇشى پۈتۈپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ،ئالغان مائاشىدا تۇرمۇش قامدالغان بولسىمۇ،ئارۇپ ئاكىسىغا قارىغاندا ئۆز مائاشىنىڭ ھىساب-كىتابىنى ئېنىق قىلىپ،ئانا ئۆز يانچۇقىدىكى پۇلنى خەجلىگەندەك ئەركىن بولالمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارۇپ بىر قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىش دىلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقتىن،قىز تەرەپ سوتقا ئەرز سۇندى.ئوغلى ئارۇپنىڭ بەڭباشلىقى سالامەتخاننىڭ يۈرىكىنى خۇن قىلماقتا ئىدى.توققۇز قىزنىڭ تولغىقى بىر تۇتقاندەك،ياقۇپ ئۆيلىنىمەن دەۋاتسا،ئارۇپ بۇ پىشكەلچىلىكنى تېرىپ قويدى.سالامەتخان ئۆز پۇشتىدىن تامغان بۇ ناكەس ئوغلىنى كۈچسىز قوللىرىغا كالتەك ئېلىپ قوغلاپ،كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇردى،ئۇرۇپ ھارغاندا ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ يىغلاپ،ھالسىزلىنىپ ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇپ قالدى.ياقۇپ ئاۋال ئاپىسىنىڭ ئالدىدا قېچىپ ئۇنىڭغا يېتىك بەرمەي،گۇناھىنى بوينىغا ئالمىدى،كېيىن سالامەتخاننىڭ ئۆرتىنىپ-ئۆرتىنىپ يىغلىشى بىلەن ئانىسىنىڭ تايىقى ئاستىدىن قاچماي، ياۋاشلىق بىلەن بېشىنى تۆۋەن سالغانچە تۇردى.ئانا ياقۇپ بىلەن ئارۇپنى ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتۇپ نېنىنى پۈتۈن قىلغىچە ئاز جاپا تارتقانمىدى؟ئۇلار ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ جاۋابى ئاخىرقى ھىسابتا مۇشۇمىدى؟قىز تەرەپ سوتقا ئەرز سۇندى دىگەن ئارۇپ ئىشتىن ھەيدىلىپ تۈرمىگە كىردى دىگەن سۆز. ئۇ ھويلىدا قانچە ئۇزۇن يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى بىلمەيتتى، كۈن چۈشتىن قايرىلغاندا كەنجى ئوغلىنىڭ يۆلىشى بىلەن زورۇقۇپ ئورنىدىن تۇردى.ئۇ ئېسىگە كېلىپ ئەتراپىغا باققىنىدا ئارۇپنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.ئۇنىڭ بېشىغا تاغ يىقىلغاندى.كاللىسى قوداڭشىپ،نىمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي ئەلەڭلەپ مېڭىپ تام خوشنىسى ئايزىمخاننىڭ ئۆيىگە كىردى.بېشىغا كەلگەن بۇ دەردلەرنى خوشنىسىغا مىڭ يەردىن ئېقىپ تۇرۇپ تۆكۈۋىدى،خوشنىسى ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ،سالامەتخاننى قىز ئىگىسىدىن كەچۈرۈم سوراپ، ئىككىسىنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇشقا قايىل قىلىش توغرىسىدا سۆزلەپ،ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارغاندا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىىغا دەيدىغان گەپنى سالامەتخانغا ئېزىپ ئىچۈردى.خوشنىسىنىڭ كۆرسەتكەن ئەقلى بويىچە سالامەتخان ئۆيىگە قايتىپ كىرىپ،كەنجى ئوغلىنى ئارۇپنى تېپىپ كېلىشكە بۇيرىدى.بايا ئاپىسىدىن ئۆلگىدەك تىل-ئاھانەت،تاياق-دەشنام يىگەن ئارۇپتا ئۆز ئىستىقبال مەنزىلىنىڭ تەقدىرنىڭ تەتۈر قويۇنلىرىدا پايخان بولىدىغانلىقىدىن،ياشلىق گۈلىنىڭ تۈرمىدە ئۆتىدىغانلىقىدىن قىلچە گۇمان قالمىدى،ئۇ ئۆينىڭ ئارقا تەرىپىدىكى سۇلىرى شىرقىراپ ئېقىۋاتقان زامان ئۆستىڭى دەپ ئاتىلىدىغان ئۆستەڭنىڭ قىرغىقىدا تاماكىسىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ،ئىككى كۈن ئاۋال قىز-ئوغۇل ساۋاقداشلار بىلەن كەچلىك بازاردا تويغىچە يەپ-ئىچىپ،ئارقىدىن كېچلىك كۇلۇبقا كىرگەندىن كېيىن ھاراقنى چىلاشقۇدەك ئىچىشكەنلىكىنى،مەستلىكتە قىز ساۋاقداشلىرىنى تولا تانسىغا تەكلىپ قىلىپ ھېچ ھالىنى قويمىغانلىقىنى،دوستىنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىۋېلىپ،قىزلارنىڭ ئىچىدىكى رەيھان ئىسىملىك ئورۇق، نازۇك ۋە شوخ كەلگەن بىر ساۋاقدىشىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئالداپ توپتىن ئايرىپ،كۇلۇبتىن چىققانچە ماشىنىنى شەھەر سىرتىغا ھەيدەپ،قىزنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلماي ئۇنىڭغا زورلۇق قىلغانلىقلىرىنى،ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئۇنى شەھەر ئىچىگە ئەكىلىپ قويۇپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ خىرامان ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىنى پۇشايمان ئىچىدە كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەكتە ئىدى.ئۇ ئەتىسى ھېچ ئىش بولمىغاندەك دوستىنىڭ قولىغا ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقۇزۇپ،دوستىنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا مۇجىمەل جاۋاب بېرىپ ئۈندەرىگەن ھالدا كېتىپ قالغاندى.ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭغا بۇنچە ئاچچىقلانغانلىقىنى تۇنجى كۆرۈۋاتقان بولغاچقا،يۈرىكى نامەلۇم بىر شۇملۇقتىن ئۆزىگە ئاڭلانغۇدەك سوقۇپ،غايىبتىن بىر قول كېلىپ كارنىيىنى بوغقاندەك نەپەس ئالالمايلا قالدى.ئۇ ئىنىسىنىڭ ئۆينى شەرەتلەپ قولىنى ھەر تەرەپكە مىدىرلىتىشىدىن ئۆزىگە كېلىپ ئاپىسىدىن قورقۇپ تۇرسىمۇ ئۆي تەرەپكە مەجبۇرەن قەدەم ئالدى.سالامەتخان ياقۇپنىڭ تويىغا ئاتاپ ساندۇققا يىغىۋاتقان پۇلدىن ئېلىپ بازاردىن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە قىزغا ئاتاپ سوۋغاتلىق ئالدى-دە،ئارۇپنىڭ يول باشلىشى بىلەن قىزنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
سالامەتخان قىزنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە،ئارۇپ غىپپىدە ئۆزىنى دالدىغا ئالدى.سالامەتخاننى سۈر بېسىپ،قولىدا كۆتىرىۋالغان نەرسىلەرنى بىر قولىدا غىجىملاپ تۇتقىنىچە،يەنە بىر قولىدا دەرۋازىنى بوش ئۇردى.ھايال ئۆتمەي ئىشىكنى دوغىلاق كەلگەن،يۈزلىرىنى قاپقارا داغ قاپلىغان 45ياشلاردىكى بىر ئايال ئېچىپ،ئالدىدا تۇرغان بۇ ناتونۇش چاقىرىلمىغان مېھمانغا ئەجەبلىنىپ قارىدى.ئۇلار سالاملاشقاندىن كېيىن سالامەتخان ھۇدۇققىنىچە گەپ باشلىدى.
-تىنىچلىقمۇ؟مەن...سىلىنى يوقلاپ كەلگەن ئىدىم...-ئۇ دەۋاتقان گېپىدىن ئۆزى خۇدۈكسىرەپ،ئالدىدىكى ئايالنىڭ چىرايىغا يەر ئاستىدىن سەپسالدى.
ئايال سالامەتخانغا كۆزلىرىنى جامدەك ئېچىپ سۇئال نەزەرىدە تىكىلدى.
-مەن سىلىنى تونۇيالمىدىمغۇ؟
-مەن...ئارۇپنىڭ ئاپىسى...-سالامەتخاننىڭ گەپكە ئۆمەللىگەن لەۋلىرى تىترەپ،ئاغزى ئۈمچەيدى.
ئايال سالامەتخاننىڭ چىرايىغا قاراپ بايىقى ئىپادىسىز تۇرقىغا ئۆزگىرىش كىرىپ،گويا سالامەتخاننى چايناپ پۈركۈۋېتىدىغاندەك چەكچەيدى.
-ھە،سىلى شۇ ئارۇپ لۈكچەكنىڭ ئاپىسى ئىكەنلا-دە،بىز سوتتا كۆرۈشسەك بولىدۇ،بۇ يەرگە نىمە دەپ كەلدىلە؟
-مەن سىلىنىڭ ئاياقلىرىغا باش قوياي خېنىم،ئوغلۇم ئەقلىدىن ئېزىپتۇ،ئۇ دادىسىدىن كىچىك قېلىپ،يېتەرلىك تەربىيە بېرەلمەپتىمەن،بۇ گۇناھ مەندە.
-نىمە ۋاتاڭشىيدۇ بۇخوتۇن؟-ئايال بېشىنى سىلكىپ قولىنى دەرۋازىغا ئۇزاتتى.
-كىمكەن؟-دەرۋازا ئىچىدىن بىر ئەرنىڭ بوم ئاۋازى كەلدى.ئارقىدىنلا ئاۋازغا ئەگىشىپ ئۆزىمۇ دەرۋازا يېنىغا كېلىپ بولغاندى.
-كىم بولاتتى؟-دىدى ئايال سالامەتخانغا نەشتەردەك تىكىلىپ-بالىسىنى ئوبدان تەربىيلمىگەن ناكەس بىر خوتۇن.
سالامەتخان ئايالنىڭ سۆزىدىن غالىلداپ تىترەپ،كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ،يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى.كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپ،چاپىنىنىڭ ياقىسىغا تامچىيتتى.ئەر دەرۋازا سىرتىدا سالامەتخاننى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.كۆز ئالدىدا دەريادەك ياش تۆكۈپ تۇرغان ئايال-ئەينى چاغدا ئۇ ئەرنىڭ يۈرىكىگە تۇنجى سۆيگۈنىڭ ئاتەشلىك يالقۇنىنى تۇتاشتۇرغان مەھەللىدىشى سالامەتخان ئىدى. سالامەتخان تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئەرنىڭ مۇھەببەت تەلىپىنى رەت قىلىپ،ئېرىگە ياتلىق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ پىراقىدا خېلى يىللارغىچە ھەسرەت چېكىپ يۈردى.ئامال قانچە؟ئۇ ھازىرقى ئايالغا ئۆيلىنىپ بىر نەچچە بالىلىق بولغاندىمۇ سالامەتخاننى بىرەر يەردە ئۇچراتسىلا يۈرىكى قانداقتۇر بىر ئارماننىڭ قىينىشىدا ئۆرتىنەتتى.ئۇ سالامەتخاننىڭ تۇل قېلىپ،تۇرمۇشنىڭ جاپا-مۇشەققىتىدە مەزگىلسىز پۈكۈلگەن قەددىگە قاراپ ئىچى ئاغرىدى.ئۇنىڭ ئالدىدا قار-يامغۇر ياش تۆكۈپ تۇرغان بۇ ئايالغا قاراپ ئەرنىڭ كاللىسىدا چاقماق چېقىلدى.«توۋا،شۇنداقمۇ قىسمەتلەر ئادەمنىڭ بېشىدا ئەگىيدىكەنغۇ؟ئالدىمدا تۇرغان بۇ ئايال نۆۋەر ۋاقتىدا كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك گۈزەل قىز ئىدى،ئالدىغا چۈشۈۋالىدىغان ئىككى تال سېكىلىكىنى ئارقىغا تاشلاپ قويۇپ قىيا باقىدىغان بولسا،جېنىمنى ئېلىپ جاڭگالدا قوياتتى،ئارىدا سەمەتۋاي شۇمبۇيا بولۇپ ئۈنمىگەن بولسىدى،ئۇمۇ ماڭا ئەل بولۇپ بېغىمدىكى خۇشپۇراق گۈلگە ئايلانغان بولاتتى،ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن يېنىغا باردىم،ئايالىمنى قويۇۋېتىمەن دەپ يالۋۇردۇم،ئەمما ئۇ مېنى يېنىغا يېقىن يولاتمىدى،بۇ زادى قانداق خوتۇن دەيمەن؟مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئوغلى قىزىمنى ئاياق-ئاستى قىلدى،ئۇنىڭمۇ مېنىڭ ئالدىمدا ئاجىز كېلىدىغان يېرى بولىدىكەن»-ئەر ئەنە شۇنداق ئويلار بىلەن سالامەتخانغا چەكچىيىپ قاراپ كەتتى.
«رەقىبلەر تار يولدا ئۇچرىشىپتۇ»دىگەن شۇ بولسا كېرەك.سالامەتخان ئەرنى كۆرۈپلا ۋۇجۇدىنى تىترەك قاپلاپ،كۆزلىرىدىن ئەگىۋاتقان يېشىنى سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي دەلدۈگۈنۈپ ياندىكى تامغا يۆلىنىپ قالدى.ئۇ تەسلىكتە ئۆزىنى ئوڭشاپ ئالدىدىكى ئەر-خوتۇنغا نىجادلىق تىلىگەندەك قاراپ،بايا خوشنىسى ئۆگەتكەن ئەقىل بويىچە ئۇلارغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى.
-بالىنى تۇغقان بىلەن ئەقلىنى تۇغقىلى بولمايدىكەن...-سالامەتخان قوۋۇزىغا بىر نىمە كەپلىشىپ قالغاندەك سۆزلىيەلمەي قالدى،شۇنداقتىمۇ ئالدىدىكى بۇ ئەر-ئايالغا ئۆز ئوغلىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبكار ھېس قىلىپ بېشىنى يەرگە ئەگكىنىچە سۆزىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىۋىدى،ئەر ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى.ئايالى ئېرىگە كۆزىنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ ئالىيىپ قويدى.سالامەتخان ھويلىغا كىرىپ ئەتراپىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا سەپسالدى،ھويلا ئىچى ئەپچىل ھەم ئاددىي كۆرۈنەتتى.ئۇ ئۆزىگە ھومىيىپ تۇرغان ئايال بىلەن ئۇنىڭغا پات-پات يەر ئاستىدىن قاراپ قويۇۋاتقان ئەرگە قاراپ ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى.ئايالنىڭ سەت قاراشلىرىدىن خۇددى ئۇنى يالماپ يۈتۈۋېتىدىغاندەك ئەلپاز چاقناپ تۇراتتى.ئارۇپ بالا تېرىمىغان بولسا سالامەتخانمۇ كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە بويۇن قىسىپ يۈرمىگەن بولاتتى. تۇنجى قېتىم ئاياق باسقان بۇ ئۆيدە ئۇ قەدىر-قىممەتسىز جانسىز مۇردىدەك ئۆزىنى تاشلىغان ھالدا ئولتۇرۇپ قالدى،ئەمما،ئۇ ۋاقىتنى بۇنداقلا ئۆتكۈزىۋەتسە بولمايتتى.ئۈمچەيگەن لەۋلىرىنى پۈرۈپ غەيرەتكە كەلدى-دە،قولىدىكى سوۋغا-سالامنى شىرە ئۈستىگە قويۇپ غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا گەپ باشلىدى:
-ئوغلۇمنى ياخشى تەربىيلىمىگەن گۇناھ مەندە، بالام پوق يىمەسلىك قىلىپ بۇ بالانى تېرىپ قويۇپتۇ،مەن ئەتىگەندىن بېرى ئۇنى كالتەكلەپ ئۇرۇپ قارغىدىم،يىغلاپ-قاقشىدىم،ئەمما،مەسىلە بۇنىڭلىق بىلەن ھەل بولامدۇ؟ھەي...ھەر قايسىڭلارنىڭ كۆڭلۈڭلارنى غەش قىلىدىغانغا قىلچە ھەققىمىز يوق ئىدى، مەن ئالدىڭلاردا ئۆمۈرۋايەت قەرزدارمەن،ئوغلۇم رەيھانگۈل بىلەن ساۋاقداش ئىكەن،ئانا-بالا ئىككىمىزگە رەھىم-شەپقەت قىلىپ،شۇ قىزنى ماڭا كېلىنلىككە بەرگەن بولۇشسىلا،ئۇنى ئۆز قىزىمدىن چارە كۆرۈپ بالا قىلىۋالغان بولسام...-ئۇ شۇنداق دەپ خىش ياتقۇزۇلغان يەرگە تىزلىنىپ ئايالنىڭ پۇتىغا ئېسىلدى،كۆز ياشلىرى سەلدەك ئېقىپ ئاغزىغا كىرمەكتە ئىدى.
ئايال غەزەب بىلەن سالامەتخاننىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ،ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىراشقا باشلىدى:
-ئۇنداق ئاسان ئىش نەدە باركەن؟ئوغۇللىرى گۇناھ ئۆتكۈزسە تارتقۇلۇقىنى ئۆزى تارتسۇن! سىلى تولا ئاغزىلىرىنى ئۇپراتماي ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتسلە!-ئۇ سالامەتخان ئەكەلگەن نەرسىلەرنى يىغىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئاتتى.
سالامەتخان گويا كاللىسىغا بىر قاپاق قايناق سۇ قۇيۇلغاندەك بىئارام بولۇپ،يۈرىكىنى بىراۋ «شارتتىدە»سۇغۇرىۋالغاندەك ئاغرىق كىرىپ،مېڭىسى قوچۇۋېتىلگەندەك زىڭىلداپ كەتتى. ئۇ ئولتۇرغان ئورنىدىن قوزغالماقچى بولدى-يۇ،يەرگە بارغانچە چاپلىشىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى.ئاغزىنى نىمىگىدۇر ئۆمەللەيتتى-يۇ،زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالغاندەك ھىچنىمە دىيەلمەيتتى.ئۇ شۇ تەرزدە قانچىلىك ئولتۇرغانلىقىنى بىلەلمىدى.بىر چاغدا ئەرنىڭ:
-ھەممىنى قىلغان سەن،قىزىڭنى يامان ئۆگىتىپ قويدۇڭ،قىز بالا تۇرۇپ يەتتە كېچىگىچە ئېشەك ھاڭرىغان،داپ تاراڭلىغان يەردە يۈرگەندىن كېيىن ئاقىۋەت نىمە بولماقچىدى؟قىزىمىزغا ياخشى بولسۇن دەپ چىڭ تۇتسام ھەمىشە ئارىلىشىۋېلىپ،ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان بولۇۋالدىڭ،قاتتىقراق گەپ قىلسام ئۇنىڭغىمۇ يول قويمىدىڭ،ئۇ كۈنى قىزىڭ دوپپىمىزغا جىگدە سېلىپ:«ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيمىز»دەپ يالغان سۆزلىسە سەن ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ ئۇنىڭغا يانتاياق بولۇۋىدىڭ، تەڭ كېچىگىچە ئۆيگە كىرمىدى،ئەمدى بۇنى كىمدىن كۆرەتتىڭ؟!ھەر ئىش بولسا مەسلىھەت-مۇزاكىرە بىلەن ئىش قىلايلى،بۇ ئىشلارنى ئەلە-مەلىگە يېيىپ قىزىمىزنىڭ يۈزىنى تۆككىچە قېتىقنىڭ يۈزىنى بۇزغان نوچى ئەمرىگە ئېلىپ،بۇ سەتچىلىكنى يۇيسۇن-دىگەنلىكىنى،ئارقىدىنلا ئايالنىڭ چىرقىراق ئاۋازدا:
-ۋاي ئاتامەي؟بالاغا مەن قالدىممۇ ئەمدى؟ئۇ لۈكچەكنى تۈرمىگە سولاتماي قويمايمەن دەۋاتاتتىلە،بىر دەمدىلا ئۆزگىرىپ قالدىلىغۇ؟-دىگەنلىكىنى ئاڭلىدى.ئىككىسى يەنە نىمىلەرنى دىيىشتى،بۇ سالامەتخانغا قاپقاراڭغۇ،بېشى پىررىدە قايغاندەك بولۇپ يېنىغا پالاققىدە يىقىلىپ چۈشتى.ئايال ئاچچىقلىنىپ:
-نىمانچە كۆكەرمە ئايال بۇ؟-دىگىنىچە سالامەتخانغا نەشتەردەك تىكىلدى.
ئەر ئۇنىڭغا لەپپىدە قاراپ قويۇپ ئايالىغا سالامەتخاننى يۆلەش ئىشارىسىنى قىلىۋىدى،ئايال غودۇراپ تۇرۇپ ئۇنى كارۋاتنىڭ لېۋىگە يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.ئۇ گويا بەتبۇي بىر نەرسىدىن سەسكەنگەندەك سالامەتخاندىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى.بېشى يېنىغا قىيسايغان سالامەتخان «ئاھ!»دىگەن بىر نىدا بىلەن ئاستا ھۇشىغا كېلىپ دەلدۈگۈنۈپ ئورنىدىن تۇردى-دە،كۆز يېشىنى توختىتالماي ئەلەڭشىگىنىچە ئىشىك تەرەپكە ماڭدى.
-توختاپ تۇرسىلا!
ئەرنىڭ كەسكىن ئاۋازىدىن ئۆزىگە كەلگەن سالامەتخان زورۇقۇپ كەينىگە قارىدى،
-سىلى ئۆيلىرىگە قايتىپ تۇرسىلا،بايا دىگەن گەپلىرىنىڭ جاۋابىنى ئەتە بېرىمىز-دىدى ئەر سالامەتخاننىڭ جۆدەڭگۈ چىرايىغا قاراپ.
سالامەتخاننىڭ غەمناك قەلبىدە قانداقتۇر ئۈمىد ئۇچقۇنى يالتىراپ،پۇتلىرىغا ماغدۇر كىرگەندەك بولدى-دە،ئارقا-ئارقىدىن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەنگە تازىم قىلىپ ئۆز پۇتىغا ئۆزى پۇتلىشىپ دىگۈدەك دەرۋازىنىڭ سىرتىغا ئۈمتۈلدى.
سالامەتخان ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن كەتكەندىن كېيىن رەيھاننىڭ ئۆيىدە قاتتىق جەڭگە-جېدەل يۈز بەردى.رەيھان دادىسىدىن چوڭ بولۇپ يىمىگەن تاياقنى يىگەن،ئىشتىمىگەن تىلنى ئاڭلىغان بولسا،ئايالى قىزىنىڭ تۈن كېچىدە تالادا تىمسىقلاپ يۈرگىنىگە چاپان ياپقىنىغا ھويلىدا چاچلىرىدىن تارتىلىپ سۆرەلدى،ئاچ بېقىنلىرىغا دەسسىلىپ،گەپ ياندۇرغان ئېغىزى مۇرلاندى،جاۋغايلىرىدىن ئاققان قان كۆينەكلىرىنى بىر ئالدى،ياش بىر يەرگە بارغاندا يامانلاپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق تامنىڭ بۇلۇڭىغا تۈگۈلۈپ بۇغۇلۇپ يىغلىدى،قىز تۇغقانغا تۇنجى قېتىم تولىمۇ پۇشايمان قىلغان،ياشاشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ يۈرىكىنى قاماللاپ، ئولتۇرغان ئورنىدا لاپچىيىپ ئولتۇرۇپ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى،نىمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەي تۇرغان پەيتتە رەيھان ئاپىسىنىڭ يۈزىدىكى يود رەڭگىگە كىرگەن كۆك ۋە خام كاۋىدەك ئىششىققا قاراپ ئۆزىنى ئاپىسىنىڭ باغرىغا تاشلاپ بوزلاپ يىغلاپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى ۋە بۇ تويغا قوشۇلۇشنى ئۆتۈندى،ئالدىنقى ئاخشام تۈن نىسبىدە رەيھان ئۆيگە چاچلىرى پاخپايغان،كىيىملىرى توپىغا مىلەنگەن ۋە يىرتىلغان،بويۇن تېرىلىرىدا كۆرۈنەرلىك بارماق ئىزى قالغان ھالدا ئىچ-ئىچىدىن يىغلامسىراپ كىرگەن چاغدا ئايال يۈرىكىنى مەۋھۇم بىر قارا قول كېلىپ شارتتىدە سۇغۇرىۋالغاندەك ئەندىككەن،ئارزۇلۇق بىر تاللا قىزىنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھاقارەتلىك ئىبارىلەرنى ئاڭلاپ ئانىلىق قەلبى ئازاب ئىلكىدە لەختە-لەختە قان بولغان ئىدى،ئۇ قىزىنى كىچىكىدىن ئەركە-نايناق ئۆگىتىپ قويغاچقا،ھەر قاچان ئۆز قاياشى بويىچە ئىش كۆرۈپ،ئانىسىنىڭ توسۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي،دادىسىنىڭ بۆكىگە جىگدە سېلىپ ئۆيدىن چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭغىمۇ ئاز!!!ئايال قىزىغا قار-يامغۇر ياش تۆكۈلىۋاتقان كۆزلىرىنى تىككىنىدە،ئالدىدا ئولتۇرغان قىز ئۆز قىزى ئەمەس،بەلكى ئالۋاستىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى،ئۇ ھېلىقى كۈنى ئاخشىمى ئاپىسىغا يىغلاپ-زارلاپ تۇرۇپ ئەھۋالنى ئېيتقاچقا،ئاپىسى قىزىنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ، ئۇنى نابۇت قىلغان ئارۇپنىڭ قىلمىشىنى ئەتىسلا ئېرىگە ئېيتقان ئىدى،ئەر غەزەبتىن تىترەپ ھويلىدا قولىغا ئۇچرىغانلىكى نەرسىنى ئېتىپ،ئانا-بالا ئىككىسىنى سۈر توقاي قىلىپ قوغلىغان، قىزىنىڭ نۇمۇسىنى يۇيماقچى بولۇپ شۇ كۈنىلا سوتقا ئەرز سۇنغاندى،ئارۇپنىڭ ئاپىسى قاچان كۆزىنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتىپ بۇ ھويلىغا كەلدى،ئەر ئارۇپنى سوتقا ئەرز قىلمايدىغان،قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدىغان بولدى ،ھەتتا ئايال ئەر ئالدىدا قىزنى چىڭ تۇتمىغان باش جىنايەتچى،قىزى بولسا ئار-نۇمۇسنى بىلمەيدىغان بۇزۇق دەپ قاتتىق ھاقارەتلەندى.ئەر ئەنە شۇنداق خاپىچىلىق تارتىپ يۈرەك سانجىقى قوزغىلىپ يىقىلغانچە ئۆرە بولالماي،سۈبھى بىلەن تەڭ چىللىغان خورازنىڭ ئاۋازىغا جۆر بولۇپ ئاستا-ئاستا ياخشى بولۇپ قالدى،ئەمما،ئاسارىتى قالغاچقا ئاغرىق ئۇنى يەنىلا ئۆز چاڭگىلىدا قىيناۋاتاتتى.
ئەتىسى سالامەتخان خوشنىسى ئايزىمىخاننى ئەگەشتۈرۈپ رەيھاننىڭ قوروسىغا قورۇنۇپ كىرىپ كەلگىنىدە،ئەر ھويلىدىكى كارۋاتتا كۆزىنى يۇمۇپ ياستۇققا يانپاشلىغىنىچە ياتاتتى.ئايال بولسا ئۇنىڭ مۈرىلىرىگە بوش مۇشتلاۋاتاتتى.ئايال ئۇلارنى كۆرۈپ ئۆڭسۈلى ئۆچتى.يۈزىدىكى كۆك ۋە ئىششىقنى ئۇلاردىن يۇشۇرۇپ ياغلىقنى دەرھال ئالدىغا تاڭدى-دە،كارۋاتتىن چۈشتى.ئاياق تىۋىشىدىن كۆزىنى ئاچقان ئەر ئۇلارنى كۆرۈپ ئاستا ئىرغىنىپ ئورنىدىن تۇردى.
قىسقىلا سالام-سەھەتتىن كېيىن ئەر ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ،ۋەزمىن ئاۋازدا سۆزگە كىرىشتى.ئۇنىڭ تەلەپپۇزى تۈنۈگۈنكىدىن قوپاللاشقان،تەلەتى سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئىپادىگە قاراپ سالامەتخاننىڭ پۇت-قولىدا جان قالمىدى،قۇربانلىققا تەييارلانغان قوشقاردەك دىر-دىر تىترەپ،ئايزىمىخانغا يۆلەنگىنىچە ئوغلىنىڭ تەقدىرى بەلگىلىنىش ئالدىدا تۇرغان دورداي كالپۇككا قورقۇنچ ئارىلاش تىكىلدى.
-سىلىنىڭ تۈنۈگۈنكى تەلەپلىرى ئورۇنلۇق،بۇ ئىشنى پىرىنسىپقا كۆتۈرگەندە،ئارۇپ تۈرمىگە لايىق ئىدى،ئەمما رەيھانگۈلنىڭ نام-شەرىپى ئۈچۈن بۇ تويغا قوشۇلدۇق.ئەلە-مەلە تاڭ قالغۇدەك توي قىلىپ قىزىمنى كېلىن قىلسىلا!
سالامەتخانغا قايتا جان كىرگەندەك بولۇپ،ئەتسىز جىسمى ھاياجاندىن سىلكىنىشكە،قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قۇياش پارلىغاندەك خۇشاللىققا چۆمۈلۈشكە باشلىدى.ئۇ ئايزىمىخاننىڭ ياردىمىدە كۆينىكىنىڭ ئېتىكىگە دەسسەپ دىگۈدەك ئورنىدىن تۇردى-دە،ئارقا-ئارقىدىن ھەشقاللا ئېيتىپ تازىم بىجا كەلتۈردى.
ئەر قولىنى ئايالغا شەرەتلىۋىدى،ئايال ئۆيگە كىرىپ كېتىپ ھايال ئۆتمەيلا قولىدا بىر دانە پۈكلەنگەن قەغەزنى كۆتۈرگەنچە يېنىپ چىقتى.ئايال كۆزلىرىنىڭ ئاق پاختىسىنى چىقىرىپ سالامەتخانغا ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن ئىششىقتىن دوردايغان كالپۇكلىرىنى تەسلىكتە مىدىرلىتىپ قولىدىكى قەغەزنى ئېچىپ،ئىچىدىكى قۇرلارنى ئوقۇشقا باشلىدى.قەغەزگە پۈتۈلگىنى ئۇلار پۈتكەن تويلۇق تىزىملىك بولۇپ،ئايالنىڭ كالپۇكى ئارىسىدىن تۆكۈلىۋاتقىنى سالامەتخان نەچچە يىل ئىشلەپمۇ تاپالمايدىغان نەرسىلەر ئىدى،گەرچە ئۇلارنىڭ تىزىملىكى كۆپ،سالغان توي ئېغىر بولسىمۇ،ئارۇپنىڭ تۈرمىگە كىرىشى ئالدىدا بۇ ھىچنىمە ئەمەس ئىدى،شۇلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن سالامەتخان گويا پادىشاھ ئالدىدا پەرمان كۈتۈپ تۇرغان قۇلدەك ئۇلارغا باش ئېگىپ توختىماي باش لىڭشىتتى.ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىدە ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ئارقا-ئارقىدىن رەھمەت ئېيتىپ ياندى.ئۇ يول بويى ئايزىمىخانغا ھال ئېيتىپ،ئوغلىنىڭ تويى ئۈچۈن نىمە قىلىش كېرەكلىكى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ ماڭدى.ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ياقۇپقا بولغان ئەھۋالنى ئېيتىپ،ئىنىسى ئۈچۈن ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنى،ئۇنىڭ تويىنى كېيىنگە سۈرۈشىنى ئېيتىۋىدى،ياقۇپ ئاچچىقلانغانچە ئارۇپنى كالتەكلەپ ئۇرۇپ كەتتى.ئاچچىقلىنىش بىلەن ھېچنىمىنى ھەل قىلغىلى بولمايتتى.پەقەت رەيھاننىڭ دادىسى ئېيتقان تويلۇققا بويلاشقۇدەك پۇللا ئارۇپنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ،نورمال ئادەم قاتارىدا جەمئىيەتتە ياشاپ كېتەلەيتتى.تويلۇق ئۈچۈن 30مىڭ يۈەن پۇل تەقلىنىشى يەنە كېلىپ تېز سۈرئەتتە تېپىلىشى كېرەك ئىدى.ياقۇپ يېقىننىڭياقى ئۆزىنىڭ توي ئىشىغا ئاتاپ يىغقان 10مىڭ يۈەن پۇلنى ئانىسىغا نارازىلىق ئارىلاش تۇتقۇزغاچ،كەم پۇلنىڭ دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن بوسۇغا ئاتلىدى.ئارۇپمۇ يېقىنلىرىدىن سوراشتۇرۇپ يۈرۈپ بەش مىڭ يۈەن تاپتى.سالامەتخان يىمەي-ئىچمەي ساندۇققا يىغىپ ساقلىغان ئۈچ مىڭ يۈەننى ئوتتۇرىغا چىقاردى.ئانا ئەتىدىن كەچكىچە قۇرۇلۇش ئورنىدا خىش،قۇم،سىمۇنت،لاي توشۇپ بېلى مۈكچەيدى،ئىككى ئوغۇل خىزمەتتىن بوشانغاندىلا ئانىسىغا قارىشىپ بېرەلەيتتى.ئۇلار بىر ياقىدىن باش،بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئەجىرگە يارىشا تويلۇق پۇلنى غەملىۋالدى...
توي ئەل قاتارى ئۆتكۈزۈلۈپ،رەيھان سالامەتخاننىڭ قورۇسىدىكى كاتەكتەك ئىككى ئېغىزلىق ئۆيگە كۆچۈرۈلدى.سالامەتخان ئارۇپنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نىمە بولۇشى بىلەن قىلچە ھىسابلىشىپ ئولتۇرمىدى،تويدا رەيھاننىڭ ئانىسى ئۇنى مېھمانلار ئالدىدا قىلچە كۆزگە ئىلماي گويا مالايغا مۇئامىلە قىلغاندەك خورلىسىمۇ بەرداشلىق بېرىپ،مىيقىدا كۈلۈپ قويۇش بىلەن كۇپايىلەندى.تويدىن كېيىن رەيھاننىڭ دىلىنىڭ چىگىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بارلىق ئانىلىق مېھرى-مۇھەببىتىنى ئەر-خوتۇن ئىككىسىگە بېغىشلاپ،ئۇلار بالىلىق بولغاندا رەيھاننىڭ تۇغۇتىنى ئۆزى باقتى.تاھارەتلىرىنى سەسكەنمەي ئادالىدى.نەۋرىسىنى قۇچىقىدىن چۈشۈرمەي،زاكىسىنى يەڭگۈشلەپ بۇلماق تەييارلايتتى.
يازنىڭ پىژغىرىن ئاپتىپىدا سالامەتخان نەۋرىسىگە قارىغاچ چۈشلۈك تاماققا تۇتۇش قىلىشقا باشلىدى.رەيھاننىڭ تۇغۇت رۇخسىتى ئاللىقاچان توشۇپ ئىشقا چۈشكەن، ئەر-خوتۇن ئانىسىغا بالىنىڭ ئايلىق بېقىلىش راسخودى ئۈچۈن ئۈچ يۈز يۈەن بېرىشكە مەسلىھەتلىشىپ،بالا ئوڭچە سالامەتخاننىڭ بېقىشىغا قالغاندى.ئۇنىڭ بىر كۆزى بارغانچە چاقماقتەك تېز ئىلگىرلەۋاتقان سائەتنىڭ ئىنچىكە تىللىرىدا بولسا،بىر كۆزى بۆشۈكتە غىڭشىپ غەلۋە قىلىۋاتقان نەۋرىسىدە ئىدى،يەنە قازانغا قۇيۇپ قويغان مايغىمۇ پات-پات قارىغاچ كۆكتات توغراۋاتاتتى.ئۇ قىچا مېيى قۇيۇق بۇس چىقىرىپ چۈچۈپ بولۇشىغا نىپىز توغرالغان كالا گۆشىنى مايغا تاشلىدى.قازاندىن چىققان«گاژ...» قىلغان ئاۋازدىن قاتتىق چۆچۈگەن نەۋرە قىقىراپ يىغلاپ سالامەتخاننى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى.ئۇ گاز ئوچاقنىڭ ئوتىنى پەسەيتىپلا بالىنى بۆشۈكتىن يەشتى-دە،سوسكىغا سۈت پاراشوكى تەڭشەپ بالىغا بېرىشكە باشلىدى،سۈت پاراشوكى سوۋۇغىچە بالىنىڭ قەغىشلىكى ھېچ بېسىقاي دىمىدى.كەنجى ئوغلى سىرىتلاردا ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىتتا كىرا توشۇپ پۇل تاپقاچقا،ئۆيگە مەزگىلسىز ۋاقىتلاردا پەيدا بولاتتى.ئۇ نەۋرىسىنىڭ يىغىسىنى بېسىقتۇرۇپ ئەمدى قازان بېشىغا بېرىشىغا ھويلىدا ياقۇپ پەيدا بولدى.ئۇ تەلەتىدىن قار-بوران ياغدۇرغان ھالەتتە سالامەتخانغا ھومىيىپ قارايتتى،نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن سالامەتخان ئوغلىنىڭ غەزەبلىك قارىشىدىن شۈبھىلىنىپ ئۇنىڭغا سۇئال قويدى.
-ئوغلۇم،نىمە بولدۇڭ؟چىرايىڭ بىر قىسمىلا تۇرىدىغۇ؟
ياقۇپ گويا پارتىلاش ئالدىدا تۇرغان بومبىنىڭ پىلتىسى تارتىۋېتىلگەندەك ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ئانىسىغا ۋارقىراشقا باشلىدى:
-مەندىن ھالىڭ نىمە دەپ سوراپمۇ قويمايسەن؟ئەتىۋارلىق ئوغلۇڭغا بار تەئەللۇقاتىڭنى چىقىرىپ ئۆيلەپ قويدۇڭ،مېنىڭ تەسلىكتە يىغقان پۇلۇمنىمۇ ئۇنىڭغا سەرپ قىلىۋەتتىڭ،ئۇ ھايۋان ئەينى چاغدا ئىش چىقارمىغان بولسا لايىقىم بىلەن ئاللىقاچان تويلىشىپ بولماسمىدىم؟سەن ئارىغا كىرىپ پۇلۇمنى ئۇ جوھوتقا ئېلىپ بەرگەچكە تويۇمغا پۇل يىغالمىدىم،يا ئۇمۇ ئۆزىنى بىلىپ قايتۇرمىدى،يا سەن ئارىغا چۈشۈپ ئېلىپ بەرمىدىڭ!ئەمدى خوپ بولدىمۇ؟لايىقىم مېنى تاشلاپ باشقا بىرى بىلەن كېتىپ قالدى-ياقۇپ كالا ھۆڭرىگەندەك يىغلىۋەتتى.
سالامەتخان نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي چۆمۈچنى قازانغا يۆلەپ قويدى-دە،ياقۇپنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساشقا باشلىدى:
-جېنىم بالام،ئىچىڭنى پۇشۇرمىغىن،ئىنىڭ ئۇ پۇلنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىدۇ،لايىقىڭ كېتىپ قالغان بولسا قىز دىگەن كۆپقۇ.
سالامەتخاننىڭ گېپى تۈگە-تۈگىمەيلا ياقۇپ ئۇنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تەپتى:
-سەن ئەزەلدىن مېنى ياخشى كۆرمەيسەن ئانا،ئارۇپ-ئارۇپلا دەيسەن، ماڭا بېرىشكە قىيمىغان ھەر قانداق نەرسەڭنى ئۇنىڭدىن ئايىمايسەن!
-نىمە دىدىڭ؟!سەن...-ئۇنىڭ تىلى كېكەچلەپ بېشى ئايلىنىپ، ئالدى-كەينىگە دەلدۈگۈنۈپ جايىغىلا ئولتۇرۇپ قالدى.
ياقۇپ ئانىسىغا زەردە بىلەن ئالىيىپ قويۇپ، تېخى ئەمبەلدە توغراقلىق تۇرغان كۆكتاتقا قارىدى-دە، ئەرۋاھى ئۇچتى.قورسىقى ئېچىپ كوركىراپ،بېشىمۇ ۋىڭىلداپ قېيىشقا باشلىدى.شۇ ئەسنادا كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن ھويلىغا كىرىپ كەلگەن ئارۇپ بىلەن رەيھان ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى سۆرۈنلۈكنى كۆرۈپ بىر-بىرىگە قاراشقىنىچە تۇرۇپ قېلىشتى.سالامەتخان تەسلىكتە ئۆزىنى ئوڭشاپ ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى-دە،قازانغا ئوت ياقتى.تاماقنىڭ تېخى پىشمىغانلىقىدىن ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭمۇ خۇيى تۇتقاندەك قىلاتتى.رەيھان دەرھال بالىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەن زاكىسىنى ئالماشتۇرغاچ قېينىئانىسىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئالىيىپ قويدى.
سالامەتخان پىلتىنى تارتىشقا باشلىغاندا ئارۇپ رەيھاننىڭ يېنىغا كەلدى-دە،بوش ئاۋازدا:
-خوتۇن،ئانامغا قارىشىپ بەرسەڭلارچۇ!-دىۋىدى،رەيھان ئارۇپقا يەۋەتكۈدەك ئالىيىپ قويۇپ زەردە بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپلا سالامەتخاننىڭ يېنىغا ئۆتۈپ، لەغمەن پىلتىسىنى ئۈنسىزلا ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالدى.
سالامەتخان رەيھان بۇ ئۆيگە كەلگەندىن بۇيان گويا ئىككىسىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى،ئەمما،ئۇنىڭ بۇ ئۆيگە كېلىش تارىخىنى ئويلىسىلا ھەممىگە بەرداشلىق بېرەتتى،بەزىدە ئۇنىڭ قوپال مۇئامىلىسىدىن ئىزا تارتىپ ئۈن چىقارماي يالغۇز ئولتۇرۇپ كۆز يېشىمۇ قىلاتتى.ئۇنىڭ بۇ دەردلەرنى تارتىشىغا ئوغلى ئارۇپ سەۋەبچى بولغاچقا،رەيھاندىن رەنجىشنىڭ ئورنىغا ئۆز ئوغلىدىن خاپا بولاتتى.چۈشلۈك تاماق كۆڭۈلسىز يىيىلىپ،ياقۇپ ئانىسىغا:«ئارۇپقا پۇل توغرىلىق بىر نىمە دىمەمسەن؟»دىگەن ئىشارىنى نەچچە قېتىم قىلغاندا،سالامەتخان كېلىننىڭ يېنىدا بۇ گەپنى تېشىشنى لايىق كۆرمەي،ئۇ ھاجەتخانىغا كەتكەن پۇرسەتتە ئارۇپقا پۇرىتىپ ئۆتتى.ئارۇپ گويا بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا بىغەم كۆرۈنەتتى.ئۇ قاپاقلىرىنى سېلىپ تۇرۇپ ئانىسىغا:«ئاكام ئالدىرىماي تۇرسۇن،ھامان قايتۇرىمەن!»دەپ جاۋاب بېرىپلا ئۆز ئۆيىگە چىقىپ كەتتى.
ئارۇپنىڭ مائاش كارتىسىنى رەيھان مۇنتىزىم كونتىرول قىلغانلىقتىن،ئارۇپ تويدىن ئىلگىرىكى قەرزنىڭ گېپىنى ئۇنىڭغا يۈرەكلىك ئېيتالمايتتى،ئۇ ئانىسىنىڭ ئالدىدا قىلغان چوڭچىلىقىنى رەيھاننىڭ ئالدىدا قىلالمايتتى، رەيھاننىڭ بىشەم،ھازازۇللۇقى ۋە يۈزسىزلىكى،قېينىئاتا-قېينىئانىسىنىڭ كەمسىتىشلىرى،قېينىئاتىسىنىڭ ئۇنىڭغا ھۈرپىيىپ تۇرۇپ قىزىنىڭ بىر تال مويىغا تەگسە پۇت-قولىنى چېقىپ ئەدىپىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سېلىشلىرى ئارۇپنى يۈرەكسىز قىلىپ قويدى.ئۇ تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ ئەرلىك ئورنىنىڭ بۇنچە قەدىر-قىممەتسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئويلىسىلا ئىچ-ئىچىدىن خورلۇق ھېس قىلاتتى-يۇ،ئەتراپىنى قاماللىۋالغان بۇ تاشتەك مۇنتىزىم قورغاننىڭ مەزمۇت سېپىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتەلمەي قىينىلاتتى،ئەمما ئانىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن خوتۇن ۋە قېينىئانىسىدىن قانچىلىك ئازار يەپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ تونۇشلىرىدىن ئالغان بەش مىڭ يۈەن بىلەن ياقۇپ ياردەم قىلغان ئون مىڭ يۈەننىڭ ئورنىنى قىلىش ئۈچۈن رەيھاننىڭ تاپا-تەنىسىگە،ئۇرۇش-جېدىلىگە چىدىدى،سەۋر-تاقەتنىڭ چېكى بولغاندەك،رەيھاننىڭ ئۆينى بېشىغا كىيىپ ياقىسىدا ئىلەڭگۈچ ئۇچۇپ ۋارقىراشلىرى ئالدىدا ئۇنىڭ ئەرلىك غورۇرى ئۈستۈن كېلىپ تاياقمۇ سالدى.ئەمما شۇنىڭ بىلەن بالانىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا قالدى.ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى پەرەزمۇ قىلالمايتتى.بوغچىسىنى تۈگۈپ ياناملاپ كەلگەن رەيھاننىڭ مىچىلداپ يىغلىشى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئارۇپقا بولغان غەزىپىنى نەچچە ھەسسە ئۆرلىتىپ،ئىشقا ئالدىراپ كېتىۋاتقان ئارۇپنىڭ ئالدىنى توسۇپ كىشىلەرنىڭ كۆزىچىلا ئۇنىڭغا قول كۆتۈردى.ئارۇپ قاپىقى يامان،كۈچتۈڭگۈر قېينىئاتىسىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئۆزىنى ھاقارەتلىشىگە چىداپ يەردىن بېشىنى ئالماي تۇردى،دۈشكەلىنىشكىمۇ بەرداشلىق بەردى،قېينىئاتىسى ئاخىردا ئۇنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى توغرىسىدا توختالدى ۋە رەيھانغا قول تەگكۈزمەسلىككە ۋەدە ئېلىپ ئارۇپتىن يىراقلاشتى.ئارۇپ ئۆزىنىڭ ياشلىقتىكى بەڭباشلىقى تۈپەيلىدىن بەخت گۈلىنى ئۆز قولى بىلەن خازان قىلغانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنەتتى،ئۇ بەزىدە ئۆزىنىڭ باشباشتاقلىقى ۋەجىدىن كۆڭۈل ئاغرىقى تارتقان ئانىسىغا ئىچ ئاغرىتىدىغان،رەيھاندىن يوشۇرۇن ئىنىسىنىڭ قولىغا ئانچە-مۇنچە پۇل تۇتقۇزىدىغان بولدى.ئايرىم ئۆي-ئوچاقلىق بولغىنى بىلەن ئوپچە قازاندا تاماق يەۋاتقان بولغاچقا،رەيھاننىڭ قېينىئانىسى بىلەن بولغان ھىساب-كىتابى ئىنتايىن ئېنىق ئىدى.ۋاقىت چەمبىرىكى ئاستىدا يەنجىلىپ كېتىۋاتقان ئارۇپنىڭ دوستىغا بېرىدىغان قەرزى تۈگەپ،ياقۇپقا قايتۇرۇشقا تېگىشلىك بەش مىڭ يۈەن قالغاندا زىممىسىدىكى قەرزنى تۇلۇقى بىلەن قايتۇرۇشتىن ئۈمىدى چورتلا ئۈزۈلدى.ئەمما ئۇنىڭ لەقۋالىقى بەدىلىگە سالامەتخان ياقۇپ بىلەن ئارۇپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۈگىمەس جېدەل ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىپ قېلىپ،يارىشىقىدا ھەل قىلالماي بېشىنىڭ ئىچىمۇ-تېشىمۇ قاتتى،ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئېرىنىڭ مېھرىۋان سىماسى كەلدى.رەھمەتلىك ھايات بولغان بولسا بىچارە بالىلار شۇنچە قىيىنىلىپ قالارمىدى؟ئۇنىڭ بۇنچە كۆڭۈل ئاغرىقى تارتىشىغا قاراپ تۇرارمىدى؟شۇ تاپتا ئۇنىڭ قولىدا يېتەرلىك ئىقتىساد بولغان بولسا، ئىككى ئوغلى ئوتتۇرىسىدىكى جېدەلنى بېسىقتۇرغان بولاتتى.ئۇ ئۆزى سىرىتلاردا ئىشلەپ پۇل تاپاي دىسە نەۋرىسىنى مۇنتىزىم بېقىش ۋەزىپىسى زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئىدى. بۇ چىگىش ئىشلار ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىۋېلىپ كېچىلەپ ئۇيقۇسى كەلمەيتتى،تاماققا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ پۇت-قولىدا ماجال يوق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.ياش ئۇلغايغانچە ياقۇپ ئائىلىدىكى قىيىنچىلىقنى چۈشىنىشكە،ئانىسىنىڭ ھالىغا يېتىشكە باشلىدى.ئىلگىرىكى ئەل-ئاغىينىلىرىنىمۇ تاشلاپ پۇل يىغدى.سالامەتخان ئۇزۇن يىلدىن بېرى تۇز-تاماق يىيىشىپ ئىجىل-ئىناق ئۆتكەن مەھەللىدىشىنىڭ مەخپىزە ئىسىملىك سەيپۇڭ قىزىنى ئۆز ئائىلىسىگە مۇناسىپ دەپ قاراپ بۇ ئويىنى ياقۇپقا ئېيتىۋىدى،ياقۇپ باشتا قوشۇلمىدى،كېيىن ئانىسىنىڭ ئىزىپ ئىچۈرۈپ چۈشەندۈرۈشى بىلەن بۇ تويغا رازىلىق بەردى.دىمىسىمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن سايىدەك ئەگەشكەن قىزلار ئۇنىڭ ئائىلە شارائىتىدىن خەۋەر تېپىپلا غىپپىدە ئۆزىنى چەتكە ئالغان،بۇنىڭدىن ياقۇپ ئۆزىچە خورلۇق ھېس قىلغاندى.مەخپىزە يۈز تېرىسى قاشتېشىدەك سۈزۈك كەلگەن،بويى پاكارراق قىز ئىدى،قارىماققا چېھرىدىن رايىشلىق،نازۇكلۇق چىقىپ تۇراتتى.
ياقۇپ ئانىسىنىڭ تۆۋەن كاپالەت سوممىسى ئېلىش كېنىشكىسىغا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش تەقسىملەيدىغان ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ،مەخپىزە بىلەن ئەل قاتارى توي قىلىۋالدى.سالامەتخاننىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكى ياقۇپ توي قىلغاندىن كېيىن بىراقلا بۇزۇلدى.رەيھان ھەدىسىلا مەخپىزەنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلاتتى،كىيگەن كىيىمى،ئۆي تۇتۇشلىرىدىن قۇسۇر ئىزدەيتتى،ئارۇپ بىلەن ياقۇپنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرەتتى.مەخپىزەنىڭ بۇ ئائىلىدە ئەتىۋارلىنىشىغا زىنھار چىدىيالمايتتى.شۇ سەۋەبتىن ئارۇپنىڭ ئائىلە ئىناقلىقى بۇزۇلغان بولسا،ياقۇپنىڭ ئائىلىسىدىمۇ رەيھان توغرىلىق دەتالاش،كۆڭۈل ئاغرىقى بولۇپ تۇراتتى.بۇنىڭ تەسىرىدە بىر پۈتۈن ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىگە دەز كېتىشكە،سالامەتخان بالا ۋە كېلىنلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئايىقى چىقماس كۆڭۈل ئاغرىقى،دەتالاشلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا چارچاپ،پۈتۈن جىسمىنى ئاغرىق چىرماشقا باشلىدى.كېلىنلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا كۆرەلمەسلىك،غەيۋەتخورلۇققا يارىشىقىدا مۇئامىلە قىلالماي تىت-تىت بولاتتى.قىزىنىڭ بۇ ئۆيگە كېلىدىغان ۋاقتى ئىلگىرىكىدىن ئازايغان ئىدى.ئەمما بالىلىرى تەتىلگە قويۇپ بېرىلسە مومىسىنىڭ يېنىدا مۇنتىزىم تۇراتتى.ئۇ بالىلار،كېلىنلەر،كۈيئوغۇل،نەۋرىلەرنىڭ ئالدىدا موچەنگە زار بولسىمۇ بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشاتتى،ئارۇپلار بەرگەن ئۈچ يۈز يۈەنگە ئۇن،ماي،گۈرۈچ،كۆكتات سېتىۋېلىپ بالىلار كەلگەندە تاماق قىلىپ بېرەتتى،ئەمما پارچە خىراجەت قىلغۇدەك قولىغا پۇل ئاشمايتتى.بالىلارنىڭ ئىنساب قىلىپ ئەكەلگەن ئازغىنە نەرسىلىرىدىن كۆڭلى ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمۈلۈپ،قورۇق باسقان چېھرىگە كۈلكە يامرايتتى.تاماققا تۇتۇش قىلغانلىرىدا رەيھان بىلەن مەخپىزەنى ئۆز بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى تاپىلاپ ئۆزى قازان بېشىدا پەرۋانە بولاتتى.مەخپىزە تۇنجى ئوغلىنى يەڭگىگەندە سالامەتخاننىڭ ئىلگرىكى چەبدەسلىكى قالمىغاندى،پۇت-قولىدىن مادار قېچىپ،رىماتىزىم كېسىلى ئۆز چاڭگىلىدا ئانىنى توختاۋسىز قىيناۋاتاتتى،مەخپىزە بۇ ئۆيگە يېڭى كېلىن بولۇپ كىرگەندە،ياقۇپ ئالدىدا كېلىدىغان ئىشنى بىلمىگەچكە،يېنىكلىك قىلىپ ئارۇپنىڭ رەيھان بىلەن توي قىش جەريانىنى،ئانىسىنىڭ رەيھاننىڭ تۇغۇتىنى بېقىش ئۈچۈن چەككەن رىيازەتلىرىنى مەخپىزەگە ئېيتقان ئىدى.كىم بىلسۇن؟ئۇ يەڭگىۋېلىپلا ھەدەپ رەيھان بىلەن بەسلىشەتتى،سالامەتخاننىڭ ئۆزى بىلەن كارى بولماي ئۆز ئانىسىغا جاپا سالغانلىقىنى دارتمىلايتتى.بۇ يۇرتتا ئەزەلدىن تۇغۇتلۇق ئايالنى قىزنىڭ ئائىلىسى بېقىپ،سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن يىگىتنىڭ ئائىلىسىگە تاپشۇرىدۇ.سالامەتخان ئەينى چاغدا ئارۇپنىڭ گۇناھى ئۈچۈن رەيھاننىڭ ھەر قانداق ئەسكىلىكىگە چىداپ،ئۇنىڭ ئايىقىدا ئۆمىلىمىدى،ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىنى قىلىشقا رازى بولدى،ئەمما، ئانىلىق قەدىر-قىممىتى ۋە ھۆرمىتىنى تاپالمىدى.ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەخپىزەمۇ ئۇنى تار يەردە قىستاپ،ھەدىسىلا رەيھان بىلەن بەسلىشىپ سالامەتخاندىن رەيھانغا قىلغان ئەجىرنى تەلەپ قىلماقتا.بۇنىڭ ئۈچۈن ياقۇپقا دوق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ھەدەپ جېدەللەشمەكتە ئىدى.ئەمما ئۇلارنىڭ جېدىلى ھەر ھالدا ئار-نۇمۇس ئىچىدە،ئۆيدە ئىككىسى يالغۇز قېلىپ،مەخپىزەنىڭ دادا-ئاپىسى،سىڭىللىرى سىرىتقا چىقىپ كەتكەندە بولۇۋاتاتتى.سالامەتخان ياقۇپنىڭ چارىسىز قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن كېلىننى قىرىقى توشۇشى بىلەنلا قايتۇرۇپ ئەكىلىۋېلىپ ئارۇپنىڭ ئۆيىدە ئانا-بالا ئىكىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.ئەمما،كېلىننىڭ تۇغۇتىنى مۇبارەكلەشكە كېتەرلىك سوۋغاتقا پۇلى بولمىغانلىقتىن ياقۇپ ئېلىپ بەردى.رەيھان ئەمدىلا بىر يېرىم ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان،ئالدى-كەينىگە بىلگەنچە مېڭىپ،ئەتراپىدا ئوت بولامدۇ ياكى سۇ بولامدۇ نىمە بولۇشى بىلەن ھىسابلاشمايدىغان كەپسىز قىزىنى باقىدىغان قېينىئانىسىنىڭ تۇيۇقسىزلا مەخپىزەنىڭ ئۆيىگە كېتىپ قالغىنىدىن غەزەبلىنىپ،چارىسىز ئانىسىنىڭ يېنىغا قويۇشقا مەجبۇر بولۇۋىدى،ئانىسى سالامەتخاننى غەيۋىگە نەچچىنى تىللىغىنىغىچە نەۋرىسىنى يېنىدا ئېلىپ قالدى.ئوغۇللار ئانىسىنىڭ جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى-يۇ،ئەمما، ئانىسىنىڭ قولىنىڭ قىسقىلىقى قېينىئاتا-قېينىئانىلىرى ئالدىدا ئۆز تىلىنىمۇ قىسقانلىقىدىن پەرىشان بولاتتى،بولۇپمۇ ياقۇپ ئانىسىنىڭ يورۇق دۇنياغا يېڭىلا كۆز ئاچقان ئوغلىغا ئانىسىنىڭ يۈرەكلىك ھالدا بىرەر قاپ سۈت پاراشوكى چاغلىق نەرسە ئېلىپ بېرەلمىگىنىگە ئۆز كۆڭلىدە نارازى بولاتتى،ئەمما ئېغىزىدىن چىقىرالمايتتى.
سالامەتخان ياقۇپنىڭ كەپتەر كاتىكىدەك كىچىككىنە ئۆيىدە قورۇنۇپ قالغان،پۇت-قوللىرى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك ئاغرىپ تۇرغان بولسىمۇ بارلىق غەيرىتىنى يىغىپ مەخپىزەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى،نەۋرىسىنىڭ زاكىسىنى يەڭگۈشلەيتتى،بۇلماق بېرىپ،بۆشۈككە سېلىپ ئۇخلىتاتتى.شۇ تەرزدە ئارىدىن ئون كۈن ئۆتتى،كېچىلەپ مەخپىزە بىلەن تەڭ ئورنىدىن تۇرۇپ چۈچۈك چېقىپ مىت ئۇخلىمىغان نەۋرىسىنىڭ يېنىدا پايپېتەك بولغان سالامەتخاننىڭ تاڭ يورۇشى بىلەن بېشى قېيىپ،پۇت-قولى گويا پالەچلىنىپ قالغاندەك ئورنىدىن تۇرۇشقا ماجالى يەتمەي ياندىكى ئۆيدە لايدەك ئۇيۇپ ئۇخلاپ قالدى.ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتكەندە ياندىكى ئۆيدىن ئوقتەك چىقىۋاتقان پاراڭدىن ئەندىكىپ ئويغاندى-دە،قىزارغان ۋە چاپاق باسقان كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ گەپكە قۇلاق سالدى.
-ئانىمۇ شۇنداق بولامدۇ-ھە؟-دەيتتى مەخپىزە چىڭقىلىپ سۆزلەپ-كېچىدىن بېرى بالىنىڭ ھىچ مىجەزى يوق يىغلاپ چىقسا،سىز بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپارماقتا يوق،بىغەم ئۇخلاپ كېتىپتۇ-يا؟
-ئۇخلىماي قانداق قىلاتتى ئەمىسە؟ئانام ياشىنىپ قالغان،كېسەلچان تۇرسا،ھېلىمۇ بەرداشلىق بېرىپ ئىككىڭلارغا قاراۋاتىدۇ،شۇنىڭغىمۇ رازى بولمىدىڭمۇ؟-ياقۇپ ئاۋازىنى پەس چىقىرىپ سۆزلەۋاتاتتى.
-ئانىڭىز ھەجەپ رەيھاننى باققاندا ئاغرىپ قالدىم دىمەي پوق-سۈيدۈكىنى ئادالاپ بېقىپتىكەن،مەن نىمە جاپا ساپتىمەن ئانىڭىزغا؟
-بوش گەپ قىل ھوي ساراڭ!
-راست دەيسىز،سىزگە ئوخشاش كۆك ئۈچەي تېگى پەسكە تەگكەندىن كېيىن مەن ساراڭ!
شۇ گەپ بولۇنۇپ«چاڭڭىدە»تەگكەن تەستەك ئاۋازى بىلەن تەڭ مەخپىزەنىڭ«ھۈ»تارتىپ يىغلىغان ئاۋازى ئوقتەك ئاڭلىنىشقا باشلىدى.سالامەتخان نىمە قىلىشىنى بىلەلمەيتتى،قۇلاقلىرى ۋاڭشىپ ئۆزىڭ قانداق ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى،ئىشىكنى قانداق ئېچىپ چىققانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.ئىشىكنىڭ«جاڭڭىدە»يېپىلىشىدىن ئۆزىگە كەلگەن ياقۇپ ئۇچقاندەك سىرىتقا يۈگۈردى.ئۇ ئىشىك سىرتىغا چىققاندا پەلەمپەيدىن دومىلاپ چۈشكەن سالامەتخان ئىككى قەۋەتنىڭ ئارىسىدىكى پەلەمپەينىڭ دوقمۇشىدىكى بوش يەردە بېشى قانغا مىلەنگەن ھالدا ھۇشسىز ياتاتتى.ياقۇپنىڭ بۇ مەنزىرىدىن يۈرىكى سېلىپ،سالامەتخاننى يۆلەپ قۇچىقىدا ياتقۇزدى،كۆز ياشلىرى مەڭىزلىرىنى بويلاپ ئېقىپ سالامەتخاننىڭ مەيدىسىگە تامچىلايتتى.نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمىگەن مەخپىزە ساپما كەش بىلەن سىرتقا چىقىپ،ئىچىگە تارتقىنىچە تۇرۇپ قالدى،ئۆي ئىچىدىن بوۋاق بالىنىڭ قىقىراپ يىغلىغان ئاۋازى ئوقتەك ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
سالامەتخان شۇ يىقىلىشتا بىر بىلىكى سۇنغان بولۇپ،مېڭىسى قېقىلىپ كەتكەن ئىدى.ئەر-خوتۇن ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى شەخسىي دوختۇرخانىدا داۋالاتقاچ،باشقىلارغا ئۆزلىكىدىن يىقىلىپ كەتكەن قىلىپ چۈشەندۈرگەچكە،قالغان بالىلار سالامەتخاننىڭ ئاۋايلاپ ماڭمىغانلىقىنى ئەيىبلەپ كېتىشتى.ئانا قولىنىڭ چىدىغۇسىز ئاغرىقى،بېشىنىڭ گويا چەمبىرەكتە قىسىۋەتكەندەك بىئارام قىلىپ،كۆڭلىنىڭ ئاينىپ تۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيلا قالدى،بالىلارنىڭ ئالدىدا مەخپىزەنىڭ ئېيتقانلىرىنى تىلغا ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.سالامەتخان شۇ ياتقانچە ئىككى ئايدا ئاران ئەسلىگە كەلدى.بۇ جەرياندا دوختۇر چىقىمىنى ياقۇپ ئۈستىگە ئالغاچ،ئانىسى ئۈچۈن مەخپىزە بىلەن قاتتىق سوقۇشتى.
سالامەتخاننىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىشى بىلەن رەيھان خىزمىتىنىڭ بەك جىددىي بولۇۋاتقانلىقىنى،بالا باقىدىغان ئادەم تاپماقنىڭ بەك مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ،بالىسىنى سالامەتخانغا تاڭدى. سالامەتخان كەنجى ئوغلىنىڭ ياردىمىدە نەۋرىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا باشلىدى.سالامەتخان يىقىلغاندا گەرچە دوختۇرلار جىددىي تۇتۇپ داۋالىغان بولسىمۇ،شەخسىي دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش سۈپىتى ئۇنچە ياخشى بولمىغانلىقتىن سەللىمازا ساقايماي،كېسەل ئاسارىتى قالدى.ئۇنىڭ تۇرۇپلا بېشى ئىچ-ئىچىدىن چېقىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىيتتى،بۇنداق چاغدا ئاۋال دورا يەپ باقاتتى،دورا تەسىر قىلمىغاندىن كېيىن ئۆز بېشىغا ئۆزى مۇشتلايتتى، ئەمما ھېچ ئارام بەرمەيتتى.دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكىدەك يېنىدا پۇلىمۇ يوق ئىدى.ئۆزىدىكى بىنورماللىقنى ئارۇپقا ئېيتىۋىدى،ئارۇپ سالامەتخانغا ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى ئەكىلىپ بېرىپ بولدى قىلدى.
ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى كار قىلمىغان سالامەتخان ياقۇپقا تېلىفۇن قىلىۋىدى،ياقۇپ ئۇچقاندەك كېلىپلا ئۇنى شەھەر مەركىزىدىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتى.ياقۇپ دوختۇردىن ئانىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاڭلاپ ئۇنى قاتتىق يىغا تۇتتى.دوختۇر سالامەتخاننىڭ داۋالىنىش ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى،بىماردا مېڭە قېقىلىش كۆرۈلگەندە توغرا داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلمىغانلىقتىن مېڭە يىگىلەش كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.بۇنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنىڭ يوقلۇقىنى،پەقەت كونتىرول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا بولسا پۇشايمان ئوتىدا ئۆرتىنىپ ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى قاتتىق گۇناھكار ھېس قىلدى.ئۇ دوختۇر بويرىغان دورىلارنى ئېلىپ ئانىسىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا دورا يىيىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى.دورا يىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە سالامەتخان خېلى ياخشى بولۇپ قالغاندەك قىلسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كېسىلى بارغانچە ئەدەپ بارماقتا ئىدى.ئۇ بارغانچە تاھارەت تۇتالمايدىغان،يىقىلغان جايىدىن ئۆرە بولالمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى.ئوغۇللار ئۆز خىزمىتى بىلەن ئالدىراش،كېلىنلەر ئۆز بالىلىرىنى بېقىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.كەنجى ئوغلىلا ئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولۇپ،يۈگۈر-يىتىم ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرەلەيتتى.ياقۇپ ياغاچچىغا چاچۆپ بۇيرۇتۇپ،ئۇنىڭدا ئانىسىنى ياتقۇزدى.بوۋاقنى زاكىلىغاندەك ئەدىيالدا يۆگەپ،ئاستىغا تاھارەت قىلىدىغان كۈلتۈك قويدى.
بۇ بىر پەيشەنبە كۈنى ئىدى.سالامەتخان ئۆزىچە بېشىنىڭ ئاغرىقى پەسىيىپ پۇت-قولى يەڭگىللەپ قالغاندەك سەزدى.خۇددى سىرىتلارغا ئۆزىلا مېڭىپ چىقىپ كېتەلەيدىغاندەك سېزىۋاتاتتى.ئاخشام ياقۇپنىڭ:«ئانا،بۇ دورىنى سەن ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن ئەكەلدۈردۈم،يەپ كۆرگىن،پايدا قىلسا داۋاملىق بۇيرۇتاي»دىگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالغان سالامەتخان دورىنىڭ راستلا ئۈنۈم بەرگىنىدىن خۇشال بولۇپ بوش توۋلىۋەتتى.كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دورا كۈچىنى كۆرسىتىپ سالامەتخان ئورنىدىن ئۆزى تۇرۇپ تەرىتىگە چىقالىغۇدەك،ئۆيدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ ئىش قىلالىغۇدەك بولغاندا،ئارۇپ بالىسىنى ئانسىنىڭ قارىشىغا تاپىلاپ رەيھان بىلەن ئىشقا كەتتى.ئۆيلەرنى تىمسىقلاپ يۈرۈپ رەتلەپ،سائەت ئونلار بولغاندا تاماققا قوپقان سالامەتخان ھويلىدا ئۇياقتىن-بۇياققا كەپسىزلىك قىلىپ يۈگۈرۈپ يۈرگەن نەۋرىسىگە ئامراقلىق قىلىپ پات-پات قارىغاچ،كۆكتات ئادالاۋاتاتتى،ھويلا دەرۋازىسىنى ئايزىمىخان قېقىپ قالدى.ئۇلار كۆڭۈللۈك ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ئايال ئۇزاپ دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە،ئارۇپنىڭ بالىسى ئىككى ئايالغا يېتىك بەرمەي دەرۋازىدىن سىرىتقا قاچتى.دەل شۇ پەيتتە ئۆي ئالدىدىن قۇم باسقان تىراكتۇر ئۆتۈپ بالا تىراكتۇرنىڭ چاقى ئاستىدا ئېچىنىشلىق چىرقىرىغانچە جىمىپ قالدى.بالىنىڭ بېشى يەنجىلىپ،ئەتراپقا قىپقىزىل قان چاچرىدى.شوپۇر ئالاقزادە بولغىنىچە تىراكتۇرنى يول ياقىسىغا تارتىپ،ئالدىدىكى مەنزىرىدىن غال-غال تىترىگىنىچە نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇراتتى.سالامەتخان كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ۋەقەدىن خۇدىنى يوقىتىپ،يىغلىغانچە بېرىپ نەۋرىسىگە ئۆزىنى ئاتتى،مېڭىسىنىڭ قېتىقى چىقىپ قالغان نەۋرىسىنىڭ جەسىدى ئالدىدا ھۇشسىزلىنىپ يىقىلدى.ئايزىمىخان ۋارقىراپ-جارقىرايتتى،بىردەمدىلا ئەتراپ ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى.چۈشلۈك ئارامغا كەلگەن ئارۇپ بىلەن رەيھان ئۆي ئالدىدا ئولىشىۋالغان ئادەملەرگە ئەجەبلىنىپ قاراپ،توپنىڭ ئىچىدىن بويۇنداپ قارىدى-دە، يۈرەك پارىسىنىڭ جەسىدى ۋە سالامەتخاننى كۆرۈپ «بالام!...»دەپ ۋارقىراپ توپنى يېرىپ ئۆتۈپ يىغلاپ – قاقشاشقا باشلىدى.كىشىلەر ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىشاتتى.
سالامەتخان ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن دىشۋارچىلىقتىن خۇدىنى يوقىتىپلا قويغاندى.نەۋرىسىنىڭ ئۆلۈمىگە ئۆزىنى ئەيىبكار ھىسابلايتتى.ئارۇپ ئەر-خوتۇن بالا يەرلىكىگە قويۇلۇپ يەتتە كۈنگىچە سالامەتخانغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.يەتتىنچى كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى سالامەتخاننىڭ كەنجى ئوغلى كىرا تارتقىلى بازارغا كەتكەندە ئۇلار سالامەتخانغا يوپۇرۇلۇپ كەلدى-دە،پۇت-قولىنى چاچۆپكە باغلاشقا باشلىدى،نامەلۇم شۇملۇقتىن يۈرىكى سىقىلغان سالامەتخان ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئارۇپقا يېلىنىش ئاھاڭىدا ۋارقىراپ:
-ئوغلۇم،مېنى قويۇۋەتكىن،ئۇنداق قىلما،گۇناھ بولىدۇ!...-دەپ تەكرارلىدى.
قۇلىقىغا ھېچ گەپ كىرمىگەن ئارۇپتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن سالامەتخان رەيھانغا يىغلاپ يالۋۇردى.ئۇلار قوشۇمىسى تۈرۈلگەن،كۆزلىرىدىن شۇملۇق ياغقان ھالدا ھېچ زۇۋانسىز ئۆز ئىشىنى قىلىش بىلەن ھەلەك ئىدى.ئانىنىڭ يىغىغا ئۈمچەيگەن لەۋلىرى ئوغلى تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن ئېچىلىپ،ئاستى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن ماي باكىنىڭ ماي قۇيۇش ئېغىزى سالامەتخاننىڭ ئېغىزىغا توغرىلانغاندا،ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلماقچى بولغىنىنى ھېچ چۈشىنەلمىگەن ئانا ھەر تەرەپكە يۇلقۇندى،بېشىنى مىدىراتماقچى بولۇۋىدى،رەيھاننىڭ كۈچلىنىپ كەتكەن قوللىرى ئۇنى مىدىرلاشقا ئىمكانسىز قالدۇردى.ئارۇپ قازاندا ۋاراقلاپ قايناپ بايىلا ئۇسۇلغان چايداندىكى چاينى كۆتىرىپ كەلگەندە ئانا قورقۇنچ ئىچىدە چىرقىراشقا،كۈچىنىڭ بېرىچە يۇلقۇنۇشقا باشلىدى،ئېڭىكىگە كۈچەپ تەگكەن تەستەك زەربىسىدىن ئۈنى ئۆچۈپ ئىككى قارا قولنىڭ كۈچتۈڭگۈر قوللىرىغا نائىلاج بويسۇنغان پەيتتە،چايدانغا لىققىدە ئېلىنغان قايناقسۇ ئاغزىغا شارقىرىتىپ قۇيۇلدى.100گىرادۇسلۇق تېمپىراتۇرىدا قاينىغان سۈپسۈزۈك سۇيۇقلۇق گېلىدىن ئۆتكىچە بىچارە مەزلۇمنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى،ئوتقا چۈشكەن قىلدەك ئۆزىنى ھەر يان تاشلاپ تولغاندى.ئانىنىڭ ئاغزى-بۇرنىنىڭ ئەتراپى بىر دەمدىلا قاپارچۇقلاپ،كالپۇكلىرى دوردايدى،ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئارۇپنىڭ بوۋاق چېغى ئەلەڭلەشكە باشلىدى.ئارۇپ چۈچۈك قىلىقلىرى بىلەن چىرايلىق جابدۇلغان بۆشۈكتە غەمسىز گۇڭراپ ياتقان،ئانىنىڭ سوسكىدا ئوغلىغا سۈت پاراشوكى بېرىۋاتقان ھالىتى بىلەن ۋاپاسىز ئوغلىنىڭ قارا كۆڭۈللۈكى قەترىدە ئۆچۈش ئالدىدا تۇرغان ھاياتلىق شامىنى پۈۋلەپ كۈچەيتىشكە ئىمكانسىز كۆزلىرىدىن ياش سىرغىپ،قارىچۇقىدا ئارۇپ بىلەن رەيھاننىڭ رەھىمسىز سىيماسى ئاداققى قېتىپ قالدى...
(تۈگىدى)
(شايار ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن)
|


|