ئايرىلىشنىڭ ئاساۋ شامىلى
مەتنۇرى ئابدۇغېنى( ئۆزھال)
ئايرىلىشنىڭ ئاساۋ شامىلى
سېرغىپ چۈشتى مارجان ياشلىرىڭ، خوش دىيەلمەي قالدىڭ بىكەتتە. لەپ-لەپ ياغار توختىماستىن قار، كۆيۈۋاتقان گۈلخان يۈرەككە .
ئاپپاق قاردىن ئارتتى ئاق رومال، سەن ئۇزۇتۇپ قالغان شۇ بىكەت. قار نەمدىگەن پويىز گۈدىكى قۇنار دىلغا بولۇپ بىر ھەسرەت.
قارا رېلىس تۇتاشقان بەلكى، يېڭى تۇرمۇش،يېڭى مەنزىلگە. مۇھتاجمىدى يۇمران سۆيگۈمىز، بىر غايىۋى يېڭى پەسىلگە!...
نەلەرگىدۇ سوزۇلغان دېڭىز، ئەمەس بىزنىڭ يېزىغا تەققاس. شۇ چاغدىمۇ كۆرۈندىڭ جېنىم، سۇ ئىچىدىن چىققاندەك قوياش.
قاراپ باقسام بىپايان دېڭىز، كەڭرى ئىكەن بوۋام كۆڭلىدەك. چايكىلارنىڭ سايرىغان ئۈنى، تۇيۇلىدۇ سەن ئېيتقان كۆيدەك.
كېلىپ قۇندى يازغان خەتلىرىڭ، سېغىنىشنىڭ كۆيگەن بەرگىگە. يانفۇندىكى قىسقا ئۇچۇرىڭ، ئاقار سۆيگۈ بولۇپ يۈرەككە...
ئايرىلىشنىڭ ئاساۋ شامىلى، كۈچەيتسىمۇ دىللاردا ھەسرەت. بۇ ئايرىلىش سۆيگۈ كۆكىدە، بىر ئۆتكۈنچى جۇدۇندۇر پەقەت.
ياپرىغىنى ئاي ۋە پەسىلنىڭ، ئاساۋ شامال تۆكتى نەچچە رەت. ئايرىلىشنىڭ ئۇچاقلىرىدا، تاۋلانغۇسى سۆيگۈ- مۇھەببەت.
مۇز تاغ ئاتا لىرىكىسى
نەچچە تۈمەن ئەسىر قاتمىسى، كۆك مۇز ئىچرە ياتار ئۇيقۇدا. كۆيدۈرسىمۇ قۇياش تىنىقى، چاقناپ تۇرار ئېگىز چوققىدا. يېشىل يايلاق مەركىزىدە ئۇ، يالتىرىغان شەمشەردەك گويا، ئانا يەرنىڭ قىسسەلىرىنى، كائىناتقا قىلىدۇ جاكا. مىنگىشىدۇ ئاق رومال ئارتقان، چوققىدىكى ئۇلۇق پەرىشتە، خىيال كەبى ئاينىڭ نۇرىدا، قارا كۆلنىڭ دولقۇنلىرىغا. مۇز تاغ ئاتا تومۇرلىرىدا ، ئانا دەريا مۇقام ياڭرىتىپ، توختىماستىن ئېقىپ بارىدۇ، ئانا يەرنىڭ يۆرەك باغرىغا.
* مۇز تاغ ئاتا -- پامىر تاغ تىزمىسىدىكى ئىككىنچى ئىگىز چوققا ،تاشقورغان بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسى چىگرىسىدا. * قارا كۆل -- مۇز تاغ باغرىدىكى تەبىئى كۆل.
بۇ ئۆمرۈڭدە سۆيگۈ بىر ئامەت
كىم -كىملەرنى ياخشى كۆردۈڭ دەپ، سۇراپ كۆرگىن ئۆزۈڭدىن ئۈنسىز. قاراپ باققىن قەلبىڭگە ، ئوندا، قالدى بەلكى ساپ سۆيگۈدىن ئىز.
كىملەر بەردى كۆڭلىنى ساڭا، ئۇ سەن بىلمەس ئەبەدىلىك سىر. ساڭئا ئاتاپ پىنھان بۇلۇڭدا، يازغان بەلكى بىراۋلار نەسىر.
بۇ ئۆمرۈڭدە سۆيگۈ بىر ئامەت، دۇنيا قۇنۇپ ئۆتەر بىر قەسىر. مۇھەببەتسىز مەنىسىز ھەر كۈن، ياشىساڭمۇ ھەتتا بىر ئەسىر...
يەر ئانا
سۆيۈملۈكسەن ئانا يەر شارى، سەن بولغاچقا گۈزەل كائىنات. ئىنسان،ھايۋان،ئۆسۈملۈك بەرى، تۇپرىقىڭدىن تۆرەلگەن ھايات.
سەن توپراقسەن كەڭرى بىپايان، ئىنسان ئۈچۈن ئۇلۇق داستىخان. بىزنى بېقىپ قىلمايسەن مىننەت، تاغ ئۈنگەنگە بولمايسەن ۋەيران.
سەن تۇپراقسەن،ئۇلۇق ئانىسەن، يارالغاندۇر سېنىڭدە ئىنسان، بارلىق جانلىق سېنىڭدە ياشناپ، يەنە قايتار قوينۇڭغا ھامان...
يالغان
1
زوقىڭ بىلەن كۈلگىنىڭ يالغان، قەلبىڭگە لىق دەرت- ھەسرەت توشقان. كۆزۈڭدىكى تۆكۈلمىگەن ياش، دولقۇن ياساپ سالىدۇ چوقان، يۈرىكىڭنىڭ زەر بېغىشىنى، ئۈزمەك بۇلار تۈنلىرى ھىجران، قىسمەتلەرنىڭ دۈشكەللىشىگە، سەن كۆنگەنسەن،ھەم شۇنداق پىشقان.
2
سېغىنمىدىم دىگىنىڭ يالغان، ئۇنىڭسىز كۈن بۇلۇدۇ گۇمران. كۈندە بىر رەت كۆرسەڭ كۇپايە، بەلكى تەقدىر شۇنداق يېزىلغان. دەرتلىرىڭگە بىرىپ تەسەللى، ھىسلىرىڭنى تۇتىسەن پىنھان. كۈزۈڭدىكى نوتىسىز شۇ كۆي، ئۇ دىن باشقا ھەممىگە ئايان.
3
زوقىڭ بىلەن كۈلگىنىڭ يالغان، يۈرىكىڭنى كۆڭۈل ئالدىغان. ئىزھار قىلماي سۆيۈش شىرىنمۇ؟ داستانلاردا قاچان يېزىلغان؟ ئۇ بىلمەيدۇ كۆيگەنلىرىڭنى، ئۇ باشقىنىڭ ئۇچاقلىرىدا، كۈيۈپ-كۈيۈپ چوغ بۇلۇپ قالغان. يۈرىكىممۇ ئۈنلەر سېنى دەپ، ئېچىلدۇرۇپ پورەك-پورەك قان... شۇنداق ئۆتۈپ كېتەر باھارمۇ، چۈنكى،دۇنيا...ھەممىسى يالغان.
قۇراللىق ساقچى تورغارت چىگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان. مەنزىل: ئاتۇش شەھەر بەخىت(مەھەللىسى) ئولتۇراق رايۇنى 17-بىنا 2- ئىشىك (كورپۇس) 301-ئۆي.
|


|