• ۋاقىتسىز سېغىنىش(ھېكايە)

    يوللانغان ۋاقتى:14-04-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 8 قېتىم   ئىنكاس: 4 پارچە
    ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھىر - مۇھەببىتىنىڭ تەشنالىق ئىچىدە مەڭگۈ قالغانلىقىنى يازدىم .

     

    بۈگۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشاللىنىدىغان كۈن ئىدى . ئۇ ئون يىلدىن بېرى مۇشۇنداق كۈننىڭ كېلىشىنى كۈتكەنلىكتىن ئۇنىڭ چىرايىدىكى نۇرلار ئۆچۈپ ماغدۇرسىزلانغان ، كۆز چاناقلىرىدىكى ئۇششاق – ئۇششاق قورۇقلار يىللارنىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە ئۆچمەس ئىز بولغانىدى .
    ئۇ تاڭ سەھەردىن تارتىپ كۆزىنى يولنىڭ ئۇ قاسنىقىدىن ئۈزمەي قارايىتتى . گاھىلىرى سول قولىدا يىپلار بىلەن ئۇلاشتۇرۇپ تۇرغۇزۇپ قويغان ئاددىيغىنە سائەتكە قاراپ شۈك بولاتتى . ئۆز قەلبىدىكى ئۇزۇن يىللار قوينىدا چىراي – شەكلى خىرەلىشىپ كەتكەن بۇ زاتنى تولا كۈتكەنىدى . ھېلىھەم ئۇنى تاكى ئۆلگىچە تەشنالىق بىلەن كۈتەتتى . ئۇ شۇ تۇرغانچە كۈننى چۈش قىلدى . ئېسىنى يىغىپ قازانغا دۈملەپ قويغان پولۇسىنىڭ كۆيۈپ كەتمەسلىكى ئويلاپ ئۆيگە يۈگۈردى . ئۆي ئىچىنى پولۇنىڭ مېززىلىك پۇرىقى بىر ئالغانىدى . بۇ پۇراققا مەپتۇن بولغان چىۋىنلار گىژىلدىشىپ ئۆي ئىچىدە ناخشا ئىيتاتتى . تۇيۇقسىز ئورۇندۇق ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان قىزىل رەڭلىك تېلىفۇن جىرىڭلىدى . ئۇ دەرھال يۈگىرىپ بېرىپ تېلفۇننى قۇلىقىغا تۇتتى :
    _ ۋەي ! تېچلىقمۇ ؟ كىم بولىسىز ؟ _ ئۇ شۇنداق ئۈمىد بىلەن جاۋاب كۈتتى .
    _ ۋەي ! مەن ئانا ، ئوغلىڭىز باتۇر . _ ئانا بۇ گەپنى ئاڭلىشى بىلەن يۈرىكى تېخىمۇ تېز سوقۇپ كەتتى :
    _ ۋاي ، جىنىم بالام نېمانچە كېلىپ بولالمايسىز ؟! ئەتىگەندە كەلمەكچى ئىدىڭىز ھازىر چۈش بولدى :
    _ ئەنسىرىمەڭ ئانا ئاز قالدىم يەنە بىر سائەت ئىچىدە يېتىپ بارىمەن .
    _ خوپ بالام ، ئەمسە تىنىچ ئامان يېتىپ كېلەرسىز . _ ئۇ قىيماسلىق ئىلكىدە تۇرۇپكىنى قويدى ھەمدە قازاندىكى پولۇنى مەشنىڭ كەينىگە ئېلىپ قويۇپ تالاغا چىقتى . خوشنىلىرىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ بىر چىنە سۈت سوراپ چىقتى . ئۆيگە كىرىپ قازاندىكى ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان پولۇنى لېگەنگە ئۇسسۇدى پولۇنىڭ ئارىسىدىكى قاپقارا گۆشلەرنى ئۇششاق توغراپ ، ساپسېرىق بولۇپ پىشقان گۈرۈچ ئۈستىگە چاچتى . ئۆيىدىكى بار قاتتىق – قۇرۇق نەرسىلىرىنى چىقىرىپ داستىخاننى مول قىلدى . ئۇ تەخمىنەن بىر سائەت مۆلچەرلەپ تالاغا يۈگۈردى . تالادا قولىدىكى سائەتكە قاراپ خېلى ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ بولدى . بىر ھازادىن كېيىن يىراقتىن كۆرۈنگەن ئادەمنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ ئۈمىدلىك ھىجايدى . ئەمما ئۇ ئادەم باشقا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم سۇسلاپ يەنە سائەتكە قارىدى ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ بالىسىنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىدىن خېلى ئۆتۈپ كەتكەنىدى . ئانا بىردەم سائەتكە ، بىردەم يولغا قاراپ قۇياشنىڭ تاغنىڭ كەينىگە يېرىم ئۆتۈپ بولغانلىقىنى سەزمەي قالدى . تۈن پەردىسى زېمىننى ئۆز قوينىغا ئالغاندىلا ئاندىن كۆزىگە ياش ئالغىنىچە ئۆز ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . ئۆي ئىچىدىكى پولۇنىڭ مېززىلىك پۇرىقى تېخى يوقىمىغانىدى . ئۇ تاملارنىڭ يۈزىنى سىيپاشتۇرۇپ چىراغنىڭ يىپىنى تاپتى . ئۆي ئىچى غۇۋا قىزغۇچ رەڭگە كىردى . ئۆينىڭ ئۈستىدىكى پەنەركە قىزغۇچ رەڭدە يالتىرىدى . چىراغ ياندۇرغۇچنىڭ يىپى چىراغ  يورىقىدا سايە تاشلاپ ئۇياق – بۇياققا تەۋرىنەتتى . ئۇ ئاستا كېلىپ شىرە ئۈستىگە جەينەكلەپ ئولتۇرۇپ تېلفۇن تەرەپكە قارىدى . ئۇ كۆزىنى شۇ نۇقتىغا تىككىنىچە خىيالغا كەتكەنىدى . ئۇنىڭ قورسىقى خۇددى پاقا كىرىۋالغاندەك كوركىراپ ئاۋاز چىقىرىشقا باشلىدى . چۈنكى ئۇنىڭ ئەتىگەنكى خۇشاللىقى ناشتا بىلەن ئارىلىشىپ پۈتۈن بىر كۈن قورسىقىدا تۇرغانىدى . ئۇ ئاخىر خىيالىى بۇراپ قوشۇقنى ئېلىپ ئوغلى ئۈچۈن تەييارلىغان پولۇغا سالدى . قوشۇقىغا بىر نەچچە تال گۆش بىلەن گۈرۈچنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېلىپ ئاغزىنىڭ ئۇدىلىغا ئەكەلدىيۇ يەنە چۈشۈرىۋالدى ، بىر نەچچە مىنۇت تۇرۇپ يەنە كۆتۈرۈپ لەۋلىرى ئارىسىدا ئېچىلىشتىن شەكىللەنگەن تورسىمان شۆلگەي ئۈستىدىن كىرگۈزۈپ ئۇزاق چايناپ ئاندىن يۇتىۋەتتى . ئانا شۇ تەرىقىدە بىر نەچچە قېتىم قوشۇق بىلەن پولۇغا ئېغىز تەگكەندىن كېيىن شىرەنى شۇ پېتى چەتكە ئىتتىرىپ قويۇپ ئورۇن – كۆرپىسىنى چەتكە سېلىپ تورۇسقا تىكىلگىنىچە ئازاب ئىچىدە ياتتى . ئون يىلدىن بېرى چىراغ بىلەن ھەمرا بولۇپ كەلگەن پەرۋانە قىززىق چىراغ نۇرىدا ئايلىنىپ ئۆزىنى ئوتقا مەردانىلەرچە ئۇرۇپ تۇراتتى . ئۇ قولىنى كەينىگە سوزۇپ تامدىكى چىراغ ئۆچۈرگۈچنى تارتىپ ئۆچۈردى . ئۇ ئۇياققا – بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئاخىرى قانداق ئۇيقىغا كەتتىكىن ئەتىگەن بامدات نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ ئورنىدىن تۇردى . شىرەدىكى نېممەتلەر ئۆز پېتىچە تۇراتتى . ئۆي ئىچىدىن پولۇنىڭ سۇس ھىدى ئەگىپ تۇراتتى . تاڭ سەھەردىكى بىر – ئىككى تال چىۋىن پولۇ ئۈستىدە تۇرغان گۆش ئۈستىگە قونىۋالغانىدى . ئۇ قولىنى ئۇزۇتۇپ چىۋىنلارنى ئۇچىرىۋەتتى . ھەمدە مەش يېنىدىكى ئېۋرىقىغا شۇ تەڭشەپ تاھارەت ئالغىلى تالاغا چىقتى . بىر ھازادىن كېيىن قايتىپ كىرىپ نامازغا تىز چۆكتى . ئۇ نامىزىدا ئۆز بالىسىنىڭ ئۆز قوينىدا تۇرىشىنى تىلەپ ئۇزاق دۇئا قىلدى . جەينامازنى يىغىپ تالاغا چىقتى . ئۇنىڭ تۈنۈگۈن سەھەردىكى خۇشاللىقى ھەم تېلفۇن ئالغاندىكى ھاياجىنى ھازىر غەم تۇمانلىرى ئارىسىدا قېلىپ ئۇنىڭ چىرايىدا ئەكىس ئېتەتتى . ئۇ قوللىرىنى كېرىپ ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ بىر ئەسنىۋەتكەندىن كېيىن ئەپچىلگىنە قويۇپ قويۇلغان تاشنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئولتۇردى . ئۇنىڭ گېلىدىن نە تاماق ئۆتمەيىتتى . ئالتۇندەك قۇياشنىڭ نۇرى زېمىننى ھارارەتسىز ئىللىتىپ تۇراتتى ، ئەتىگەنكى قۇشلار ئۇنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگەندەك « بەزمە » قىلىشتىن توختىغانىدى . تۇيۇقسىز تېلفۇننىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيگە يۈگۈردى . ئىشىكتىن ئېتىلىپ كىرىپ تېلفۇننى قولىغا ئالدى .
    _ ۋەي ، جېنىم بالام نەدە سىز ؟ ... _ ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش سىرغىپ ئاخىرى يىغلاپ تاشلىدى .
    _ ۋەي ، مەريەمخان ئاپايمۇ ؟
    _ ھە ... ئە ... مەن شۇ ، سىز كىم بولىسىز ؟
    _ مەن دوختۇر ، سىزنىڭ باتۇر دەپ ئوغلىڭىز بارمىتى ؟
    _ ھەئە ، ھەئە ئۇ مېنىڭ ئوغلۇم ! _ مەريەمخان ئاپاينىڭ يۈرەك سوقۇشى تېزلەپ كەتتى .
    _ بالىڭىز باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقان ئوخشايدۇ ھازىر ئۇ بېھوش ياتىدۇ ، ئەھۋالى بەك خەتەرلىك تېزدىن كەلگەن بولسىڭىز ! _ دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان مەريەمخان ئاپاي تۇرۇپكىنى تاشلىۋەتتى . كالىچىنىڭ كەينىنى چەيلەپ كىيىپ يۈگۈردى ، ئۇ بىر توختىمىدى ، ئۆز يۈرەك پارىسىنىڭ تىنىچ – ئامان بولۇشىنى تىلەپ ھەمدۇ – سانا ئوقىدى . ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئالدىراشچىلىق ياش يۇقىغا ئارلىشىپ كۆز چانىقىدا قېتىپ قالدى . يۈرىكىدە پەيدا بولغان تەشۋىشلىك ئوغلىنىڭ دوختۇرخانىدا ھەممە يېرى ئاق داكا بىلەن ئورالغان ، نادانلىقى تۈپەيلىدىن جېدەل چىقىرىپ ئانا ئالدىدا يىغلامسىراپ تۇرغان ھالىتىنى سۈرئەتلىدى .
    ئۇ ھاسىراپ ھۆمىدەپ دوختۇرخانا ئالدىغا كەلدى . يۈرىكىنى بىردەم تۇتىۋىلىپ بوسۇغىدىن قەدەم يۆتكىدى . ئانا شۇنداق بولامدىكىن ياكى ئۇنىڭ يۈرىكى تۇيدىمىكىن ئۇدۇل « جىددىي قۇتقۇزۇش » بۆلبمچىسىگە كىردى . ئۇنىڭ ئىچىدە نە داكا بىلەن تېڭىپ قويۇلغان ئوغلى ، نە ئون يىللىق ھاياتىدا سېغىنىپلا ئۆتكەن سېغىندۇرغۇچىسى يوق . ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ دوختۇر كىردى . ئۇنى كۆرۈپ كۆزىدىكى ئىچ ئاغرىتىشنىڭ ئالامەتلىرىنى يوقىتىشقا تىرىشتى :
    _ دوختۇر ، ئوغلۇم قېنى ؟ _ ئانا يىغلاپ تۇرۇپ دوختۇرغا تىكىلدى . دوختۇر قولى بىلەن سول تەرەپ تامنىڭ بۇلىڭىدىكى ئاپئاق رەخت بىلەن يېپىپ قويۇلغان « نەرسىنى » كۆرسەتتى . ئانىنىڭ كۆزىدىكى ياش يۈزىدە دومىلاشقا باشلىدى . ئۇ قەدەملىرىنى ئېغىر يۆتكەپ شۇ يەرگە باردى . كارىۋات ئالدىغا تىزلىنىپ ئاق داكىنى ئاچتى . ئۇنىڭ ئوغلى جىمجىت ياتاتتى . قۇلاق ئاستىلىرىدا قىپقىزىل قان داغلىرى ئۇيۇپ قالغانىدى . ئىككى قاپقارا قوي كۆزى يۇقىرى تورۇس بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنىدى . « ئوغلۇمنىڭ كۆزى ئوچۇقكەن ، ئۇنىڭغا ھېچنىمە بولماپتۇ !... » ئانا شۇنداق دەپ بالىسىنى سىلكىشكە باشلىدى .
    _ بالام ، مەن ئانىڭىز قېنى كېلىڭ مەن سىزنى باغرىمغا باساي ... _ ئانا بالىسىنىڭ قۇلىقى ئاستىدىكى قان داغلىرىنى تاتىلاشقا باشلىدى . ئەمما بالىسى كۆزىنى ئانىسىغا ئاغدۇرۇپمۇ قويمىدى . بالىسىدا ھېچقانداق سېزىم يوق ئىدى ، ئانا بالىسىنى تارتقۇشلىدى ، كۆكرىكىگە بېشىنى قويۇپ يىغلىدى ، ئەمما « ۋاپاسىز » بالا ئانىسىنى يىغلىتىۋەردى . ئانا شۇنداق يىغلايىتتى ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى سېغىنىشى ، كۈتىشى مانا مۇشۇنداق ھازىدار بولۇپ ئۈنسىز يىغلايىتتى . ئەمدى كەلگەندە ئۇ ۋاقىتلىق سېغىنىشتىن ، مەڭگۈلۈك ۋاقىتسىز قوينىدا يىغلاپ قالدى .





    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    شېرزات ئادىلجان تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 21:03 19-03-2012 كىرگەن ۋاقتى: 22:05 04-05-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار