تەقدىر ھېكايە پەرھات جەمشىت كېچە،ئاي جامالىنى قارا بۇلۇت بىلەن قېلىن چۈمپەرپەردە قىلىپ يېپىۋالغان.يۇلتۇزلار تولىمۇ شالاڭ،ھەيۋەتلىك ئاسمان گۈمبېزىنىڭ ئۇيەر-بۇيېرىدە غۇۋا جۇلالايتتى...بۇ كىچىككىنە يېزا ئەتىراپىدىكى يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى باراقسان ئۆسكەنسۆگەت،مەجنۇنتال،سۇۋادان،جىگدىلەر،غۇۋا ئاي نۇرىدا قارىيىپ سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. ئۈچ قەۋەتلىك بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ،بالىنىستتا پەقەت ئۈچلا كىشى بىمارغا تەلمۈرۈشۈپ تۇرۇشاتتى.بىمار ئاغرىق ئازابىدىن ئىڭرايتتى .نېمىدىندۇر ئەنسىرىگەندەك ئەتراپقا سەپ سېلىپ قارايتتى،ھەم گەپ قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللىتەتتى.ئۇ بۇ جاھاندىن موشۇنداقلا كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتامدىغاندۇ؟ياكى باشقا بىرەر ئىشتىن ئەنسىرەۋاتامدىغاندۇر؟بىلىپ بولمايتتى،ئۇ تۇيقسىز قەلبىنۇر! قەلبىنۇر! دەپ چاقىرىشقا باشلىدى.ئۇنىڭ گۈلدەك چىرايلىرى ئاللابۇرۇن ساماندەك سارغايغان،لەۋلىرى كۆكىرىپ،كۆزلىرىئولتۇرۇشۇپ كەتكەندى،بىلەكلىرى گويا كىچىك بالىنىڭ بىلىكىگىلا ئوخشاپ قالغاندى. _بىمارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئېيتىدىغان سۆز بارئىدى،بۇغداي ئۆڭ،قارا قاش،قۇرساقلىرى سەل ئالدىغا پومپىيىپ چىققان،30نەچچە ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان دوختۇر دىدى، بالنىستىكىلەرگە.چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان ئاق پىشماق،ئوتتۇرا بوي،چېچېىنى ئىككى تال ئۆرۈۋالغان،يارىشىملىق كىيىنگەن،قوي كۆزلۈك،چىرايىدىنمېھرىبانلىقى چىقىپ تۇرىدىشدىغان 40ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان سارىخان ھەدە بۇ سۆزلەردىن كېيىن ئاستىغىنە دوختۇرنىڭ كەينىدىن چىقتى. _سىز بامارنىڭ نېمىسى بولىسىز؟ _قوشنىسى بولىمەن. _ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىچۇ؟ _بىچارىنىڭ يولدىشى بەش يىل بۇرۇن بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغاندى.دۇنيالىقتا 12ياشقا كىرگەن قىزىدىن بېلەك ھېچكىمى يوق،نەۋرە ئىنىسى بۇ جايدا ئەمەس سىرتتا ئوقەت قىلىدۇ.دىدى جاۋابەن سارىخان ھەدە. _قىزىچۇ؟ _بالا ئۈچ ئايدىن بېرى ئانىسىغا قارايمەن دەپ بەك چارچاپ كەتتى،شۇ تۈپەيلى ئاخشام ئۇنى قىزىم ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن بىزنىڭكىگە ئېلىپ كەتكەندى.بۇ گەپلەردىن كېيىن دوختۇر بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىۋالغاندىن كېيىن سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ. -تولىمۇ ئەپسۇس بىمارنىڭ كېسىلى پىشىپ قاپتۇ،ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ كېتىپ ئاخرەتلىك ئىشلىرىنى بېجىرىڭلار، دىدى ئەپسۇسلانغان سالدا. _نىمە ؟سارىخان ھەدە قۇلاقلىرىغا ئىشەنمىگەن قىياپەتتە قايتىلاپ سورىدى. _شۇنداق كېسىلى پىشىپ قاپتۇ _ئامال بولماسمۇ؟ _ئامال يوق .كەچۈرىسىز دىدى دوختۇر كەسكىنلىك بىلەن.سارىخاننىڭ كۆز ئالدىدا چاقماق چېقىېاتقاندەك سېزىم پەيدا بولدى شۇنۇڭ بىلەن كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى ئىختىيارسىز چۈشۈكە باشلىدى.نېمىشقىدۇر دوختۇرنىڭ كۆز چاناقلىرىمۇ نەملىشىشكە باشلىدى.سارىخان ھەدە كۆز ياشلىرىنى سۈرۈتۈۋەتكەندىن كېيىن سىرتقا چىقتى-دە،قول تېلىفونىنى ئېلىپ ئائىلىسىگە تېلىفون قىلىشقا باشلىدى. -قىزىم قەلبىنۇرنى ئېلىپ دەرھال دوختۇرخانىغا كەلگىن،ھە!راست 2000سوم ئالغاچ كەل تېز بول.دىگىنىچە بالنىستقا كىرىپ كەتتى.ئۇ كۈلۈمسېرەپ تۇرۇپ. -مېھرىنىسا سىز خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىز، چىرايىڭىزمۇ خېلى ياخشى، بىراق سەل كەمماغدۇر دەيدۇ دوختۇر سىزنى. شۇڭلاشقا بىزنىڭكىگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن ئارام ئالىغاندىن كېيىن يەنە كېلىدىغان بولدۇق.دىدى كۈلۈمسىرىگەن قىيپەتتە.مېرىنىسامۇ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىۋاتقاندەك كۈلۈمسىرەپ قويدى.سارىخان ھەدىنىڭ قىزى ھايال ئۆتمەستىنلا قەلبىنۇرنى ئەگەشتۈرۈپ دوختۇرخانىغا پەيدا بولدى.قەلبىنۇر ئانىسىغا تويماي قارايتتى،تىنماي پۇت-قوللىرىنى تۇتاتتى... مېھرىنىسا سارىخان ھەدىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ چىقىلدى.يولدىشى بىلەن ئوغۇللىرى ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بېجىرگەچ يىراق -يېقىنغا خەۋەر قىلىشقا باشلىدى.شۇ قاتاردا مېھرىنىسانىڭ نەۋرە ئىنىسى ئابدۇللا ھاجىغىمۇ تېلىفون قىلىپ ئۈلگۈردى . ئابدۇللا مېھرىنىسانىڭ دادىسىنىڭ ئىنىسى قاسىم ئاخۇننىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى ئىدى، ئۇ دادىسىنىڭ بارىدا بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتماي ئويۇن-تاماشا بىلەن ئۆتتى .دادىسىنىڭ ۋاپتىدىن كېيىن ئۇ تۇيۇقسىزلا بۇ چەت ،خىلۋەت يېزىدىن غايىپ بولۇپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن يەنى بۇلتۇر كەلگەندى .ئۇ بەللىرى تال چىۋىقتەك ،چېقىر كۆزلۈك ،بۈدرە چاچلىق بىر ئايالنى باشلاپ كەلگەن بولۇپ ئۇنىڭ ماشىنىسى يېزىغا كەلگەندە پۈتۈن يۇرت ئەھلى ھەيرانلىق ئىچىدە يۇقۇرىدىن خىزمەت تەكشۈرۈشكە كادىرلار كەلگەن چېغى دەپ ھەيران قېلىشقانىدى.ئۇ تولىمۇ باي كۆرۈنەتتى.ئېيتىشلارغا قارىغاندا يۇرتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ،تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىپ ئۆي-ئوچاقلىق بولغان ھەمدە ھەجگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كەلگەنمىش.ئۇ نەۋرە ھەدىسىنى،يۇرتنى سېغىنغانلىقى تۈپەيلى ئالاھىدە كەلگەنلىكىدىن يۇرت-جامائەت مەمنۇن بولۇشقان شۇنداقلا ئۇنى ئابدۇللاھاجىم دەپ ئاتاشقاندى.مېھرىنىسانىڭ يەرلىكى كولىنىپ تەييار قىلىنىپ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمۇ پۈتۈپ قالدى ئۇنىڭ ھالى بارغانچە پەسلەۋاتماقتا ... مانا ئابدۇللا ھاجىممۇ يېتىپ كەلدى نەۋرە ھەدىسنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردارمۇ بولدى ،ئۇ ھەدىسىگە قىيمايۋاتقاندەك بىر قەدەممۇ ئۇنىڭ يېنىدىن نېرى بولمايتتى .ھە دىگەندىلا قەلبىنۇرنىڭ باش-كۆزلىرىنى سىللايتتى، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەتتى ھاجىمنىڭ ئايالىمۇ نىمە دىگەن ئوماق قىز بۇ ؟دىگەنلەرنى خىيال قىلاتتى شۇنداقلا قەلبىنۇرنىڭ كۆڭلىنى ياسىماقتا ،تەسەللىي بەرمەكتە... تۈن نىسبىي بىلەن مېھرىنىسا قازا قىلدى. _جېنىم ئاپا مىنى تاشلاپ كەتمەڭ !مەنمۇ سىز بىلەن كېتەي ئەمدى مەن دادا -ئانا دىگەننىڭ ئاغزىغا قاراپ قالىدىغان بولدۇم.ئاھ خۇدا ئاپامنى قايتۇرۇپ بېرىڭ ،كۆزىڭىزنى ئېچىڭ ئاپا ،جېنىم ئاپا مەن سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي بولامدۇ؟ئاپامنى نەگە ئېلىپ بارىسىلەن؟مەنمۇ بىرگە باراي ئاپامنىڭ يۈزىنى ئېچىڭلار مەن بىر قېتم كۆرۈۋال، سارىخان ئاپا ئۆتۈنۈپ قالاي يۈزىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىڭلارچۇ كۆرۈپ ئالاي ،سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي ئاھ!رەھىمسىز تەقدىر ،ئاھ خۇدا مەن نىمانداق شوم پىشانە؟ قىز ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يېغلىماقتا ھە دەپ تاۋۇتقا ئۆزىنى ئاتماقتا .قىزنىڭ بۇ ھالىدىن پۈتۈن يۇرت ئەھلى ياق پۈتۈن كائىنات لەرزىگە كەلدى سىم-سىم يامغۇر چۈشۈشكە باشلىدى قارىغاندا تەبىئەتمۇ كۆز يېشى قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.ئىمامنىڭ مۇڭلۇق ھەم كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېزىدىغان قىرائىتى ئاخىرلىشىشى بىلەن كىشىلەر تۇپراق بېشىدىن قايتىپ كېلىشتى قىز ھۇشىدىن كەتكەنلىكتىن دوختۇرغا ئېلىپ كېتىلگەندى. ھەش-پەش دىگۈچە مېھرىنىسانىڭ يەتتە نەزىرىمۇ ئاخىرلاشتى سارىخان ھەدە . _جېنىم ئوغلۇم.ھاجىم بالام ،مەن سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي بۇ بالىنىڭ كۆزىدىن ياش تامچىپ قالمىسۇن!رەمەتلىك ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنى يەرگە تەگمەيدۇ .ئەسلىدە بىزنىڭكىدە تۇرۇپ چوڭ بولسىمۇ بولاتتى بۇ بالا يەپ نىمىنى يەيەتى كېيىپ نېمىنى كېيەتتى ،كۆرۈپ تۇرۇپسەن ھال كۈنىمىزمۇ يامان ئەمەس ھېلىغۇ بىر قەلبىنۇركەن،بىر نەچچىنى بېقىپ قاتارغا قوشقىچىلىكىمىز بار ،سەھرا دىگەننىڭ ئاسمىنى كەڭرى ئېغىرىنى يەر كۆتىرىدۇ،رىسقىنى خۇدا بېرىدۇ.بىراق سەن چىڭ تۇرۇۋالغاچقىلا بىز ماقۇل بولدۇق ئوغلۇم ئۇ نەزىرىنى ھاجىمنىڭ ئايالى گۈ لنىساغا ئاغدۇدى ۋە يەنە باياتىنقى سۆزنى تەكرارلىدى.ئارقىدىن قەلبىنۇرغا جېنىم قىزىم تاغاڭنىڭ .ھەدەڭنىڭ سۆزىنى ئوبدان ئاڭلا !تىرىشىپ ئوقۇغىن ،ۋاقتىڭ يەتسە بىزگە تېلىفون قىلغىن دىدى كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا سارىخان ھەدىنىڭ يولدىشى توختاخۇن ئاكا ھاجىمنىڭ قۇلىنى مەھكەم سىققان قىياپەتتە. _ئوبدان ئىنىم بالىغا ياخشى قارا ،ھالىدىن ئوبداب خەۋەر ئالغىن ،چوقۇم مەكتەپتە ئوقۇتقىن،قىز بالا دىگەن كەلگۈسىدىكى ئانا ياخشى ئوقۇمىسا بولمايدۇ دىدى ۋە گۈلنسانى بىر چەتكە تارتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن بالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىنى ئۆتۈندى. _خاتىرجەم بولۇڭلار ھەدە ئاكىلار بىز چوقۇم بالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمىز دىگەن ۋەدىلەرنى بېرىشتى ئىككىيلەن.شۇنداق قىلىپ خۇشلۇشۇلارمۇ ئاخىرلاشتى مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك ،قېرى -ياش ھەممىسىنىڭ قەلبىنۇردىن ئايرىلغۇسى كەلمەيتتى ،ئۇنىڭغا قىيالمايتتى بىراق تەقدىر شۇنداق بۇنىڭغا نمە ئامال دەيسىز.خۇشلۇش ئاخىرلاشتى ھاجىم ماشىنىنى قوزغاتتى .قەلبىنۇر كۆزلىرىگە لېققىدە ياش ئالغان ھالدا ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشى قالغان،ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن گۈزەل ماكان، سارىخان ئانا ۋە يۇرتداشلىرى ،تەڭ تۇشلىرى بىلەن خۇشلىشىپ يۈرۈپ كەتتى.سارىخان ئانا قاتارلىقلار ماشىنا كۆزدىن غايىپ بولغانغا قەدەر ئۇلارنىڭ كەينىدىن قاراپ قېلىشتى. گۈزەل شەھەر ئۈرۈمچى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شەرقى ئىتىكىگە جايلاشقان گۈزەل شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ كۈز كۈنلىرىدىكى ھاۋاسى تولىمۇ سالقىن بولۇپ ،كۈز شاماللىرى كىشىنىڭ مەڭزىنى يىنىك سۆيۈپ ئۆتەتتى. كۆك بىلەن بوي تالىشىپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك بىنالار كىشىگە زامانىۋىلىقنى ئەسلىتەتتى .كەڭ ۋە پاكىزە يوللار كىشىگە ئارام بەخىش ئېتەتتى،يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى چىملىقلار ،گۈللۈكلەر كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى،بىراق گويا چۈمۆلىدەك ئايىقى ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلار كىشىنى بىزار قىلاتتى. مانا قەلبىنۇرنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگنىگىمۇ ھايت-ھۇيت دىگۈچە بىر نەچچە ئاي بولۇپ قالدى ،بۇ جەرياندا گۈلنىسا خان بىلەن ئابدۇللا بالنىڭ ھالىدىن تولىمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىشقا باشلىدى.كونىلارنىڭ ئادەم سەتى ئەمەس،كىيىم سەتى دىگىنىدەك قىز تولىمۇ چىرايلىقلىشىپ كەتكەن بولۇپ پۈتۈن ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا زوق-شوخ بىلەن قارىشاتتى .قىزنىڭ ئەقىللىقلىقى تىرىشچانلىقى بارچىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى قىزمۇ ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا شۇ يۇرتىنى سارىخان ھەدىنى ،قۇلۇم-قوشنىلارنى ساۋاقداشلىرى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ قەبرە گاھىنى خىيالىدىن چىقارمايتتى تۇرۇپ -تۇرۇپ قانداقتۇر بىر خىياللارغا غەرق بولۇپ كېتەتتى... ھاجىم بىلەن گۈلنىساخاننىڭ قانداق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدغانلىقى كىشىگە ئايان ئەمەس ئىدى،ئۇلار ئەتىگەن چىقىپ كەتسە كەچقۇرۇن قاتىپ كېلەتتى ،گاھىدا ھاجىم بىر نەچچە كۈنلەپ يوقاپمۇ كېتەتتى.بۇ چاغلاردا قىز گۈلنىساخدندىن . _ھەدە تاغام نەگە كەتتى؟ دەپ سوراپمۇ قوياتتى سەل ئەنسىرىگەندەك. _ئىچكىرىگە مال ئالغىلى كەتتى دەپ جاۋاب بېرەتتى ئۇ سۆيۈنگەن ھالدا. شۇنداق قىلىپ قىزنىڭ بۇ شەھەرگە كەلگىنىگىمۇ ئىككى يىلدىن ئاشتى،قىز ئىچىدەبۇ ئۆيگە ھەر كۈنى ھەر خىل كىشىلەر كېلىپ تۇرىدىكەن ،تاغام پۇللارنى چامادانغا سېلىپ يۈرىدىكەن نىمە ئوقەت قىلىدىغاندۇر ؟مىنىمۇ دۇكىنىغا ئاپارسا بولمامدىغاندۇر دىگەندەك خىياللارنىمۇ سۈرۈپ قوياتتى.مانابۈگۈن سەھەردە ھاجىم بىلەن گۈلنىساخان مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا تۇرغان قەلبىنۇرغا. _بىزنىڭ ئىچكىرىگە بارىدىغان ئىشىمىز چىقىپ قالدى،سىز ئۆيدە يالغۇر تۇرۇپ تۇرۇڭ،مانا بۇ مىڭ سوم پۇل قالايمىقان خەجلىمەڭ تاماق يەپ تۇرۇڭ مەكتەپتىن قالماڭ بالدۇر قايتىپ كېلىڭ دەپ جېكىلەپ قويۇپ ئايرۇدۇرۇمغا يۈرۈپ كەتتى.قىزمۇ مەكتەپكە كەتتى... ھاجىم بىلەن گۈلنىساخاننىڭ كەتكىنىگىمۇ ئىككى ئاي بولدى بىراق ئۇلاردىن خەۋەر يوق قىز كۈندە دىگۈدەك بىر قېتىم ھاجىمغا تېلىفون قىلاتتى .ھاجىم ئەر -ئايال بولسا ئۇنىڭغا. _ئىشىمىز تېخى پۈتمىدى ،ئىش تۈگىگەندىن كېيىن بارىمىز ،قورقتىڭىزمۇ ؟پۇل تۈگىدىمۇ ؟دەپ سورايتتى تېلىفوندا قىز بولسا . _قورقمۇدۇم ،پۇلمۇ تۈگىمىدى يەكشەنبە كۈنلىرى تاماقنى ئۆزۈم ئېتىپ يەۋاتىمەن ،بىراق سىلەردىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن دەپ جاۋاب بېرەتتى.شۇنداق قىلىپ ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار قايتىپ كەلدى.شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئۆيگە كېلىدىغانلارنىڭ ئايقى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى.قىز بۇنىڭدىن بەكلا ھەيراندى. كۈنلەر مانا شۇ تەرقىدە ئۆتۈشكە باشلىدى قىزمۇ تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدى.كەچقۇرۇن مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن قىز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى .چۈنكى بىر نەچچە ساقچى گۈلنىسانى ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىپ باراتتى.قىز يۈگۈرگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە. _ھەدە بۇ نىمە ئىش دەپ سورىدى. _ھازىرلا كېلىمەن ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇتۇڭ دىدى جاۋابەن گۈلنىسا. _سىلەر ھەدەمنى نەگە ئېلىپ بارىسىلە كېلىشكەن بىر ئايال ساقچىدىن سورىدى قىز يېلىنىش تەلەپپۇزىدا. _قورقماڭ خان سورايدىغان گېپىمىز بار دىگىنىچە ئۇنى ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى .قىز ئۆيگە كىرىپ ئۆي ئىچىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى ۋە دەر ھاللا سومكىسىنى قويغاندىن كېيىن يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى.ئۇ ئۆينى بىر قۇر يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇدۇل سەقچىخنا تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.بىراق ئۇ يەنىلا ھەدىسىنى كۆرەلمىدى شۇنۇڭ بىلەن تاغىسىغا تېلىفون قىلدى بىراق تېلىفون ئىتىكلىك بولۇپ ئېلىنمىدى .ئۇ تاكا قاراڭغۇ چۈشكىچە ساقلىغان بولسىمۇ ھەدىسى يەنىلا قايتىپ چىقمىدى .ئۇ ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن تاغىسىغا تېلىفون قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن تاماققا تۇتۇندى تاماقمۇ پىشتى تاغىسىنىڭ تېلىفونى يەنىلا ئىتىگلىك ئىدى. ئۇ تىت-تىت بولاتتى نېمىلەرنىدۇر خىايلىغا كەلتۈرەتتى.بارچە ئۇيقۇ دۇنياسىغا سەپەر قىلغان بولسىمۇ بىراق قىز ئۆي ئىچىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقماقتا ئىدى. دەرس باشلاندى قىزنىڭ كاللىسىغا مۇئەللىمنىڭ سۆزى كىرىمەيتتى ،تۇيۇقسىز سورالغان سۇئالدىن ھۇدۇقۇپ كەتكەن قىز سەل ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇردى ۋە پاتتىڭىغىچە قىزىرىپ كەتتى.دەرستىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ئۇنى ئىشخانىسىغا ئېلىپ چىقتى .قىز بولغان ئەھۋالنى ئوقۇتقۇچىسىغا بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بەردى. _مېنىڭ ئاكام شۇ ساقچىخانىدا ئىشلەيدۇ مەن بىر سوراپ باقاي سىز خاتىرجەم بولۇڭ دىدى جاۋابەن مۇئەللىم .ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن قىزنىڭ يۈرىكى سەل جايىغا چۈشكەندەك بولدى.مانا يەنە كەچ كىرىدى چوڭلاردىن خەۋەر يوق قىز يەنىلا كىرپىك قاقماي دىگۈدەك تۈننى تاڭغا ئۇلىدى. -قەلبىنۇر!ھەي قەلبىنۇر مەيداندا خىيال سۈرۈپ يۈرگەن قىزنىڭ بۇ ئاۋازدىن خىياللىرى بۆلۈنۈپ كەتتى ئۇ دەررۇ ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە نەزەر سالدى.ۋە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىنا ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى ۋە دەرھاللا شۇ تەرەپكە چاپتى. _ئاستا-يۈگۈرۈڭ ئاستا يېقىلىپ كېتىسىز.قىز ھاسىرىغان ھالدا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.ھەدىڭىزدىن سورايدىغان گەپ بار ئىكەندۇق سوراپ بولۇپ قويۇپ بېرىدىگەن خاتىرجەم بولۇڭ دىدى قىزغا بىر قۇر سەپ -سالغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى.ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ئۇ سەل خاتىرجەملىك ھېس قىلدى. ئېغىر خىايللارغا چۆمگەن قەلبىنۇر ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندىن كېيىن ئىشىكنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى سەزدى-دە،يۈرەكلىرى يايراپ كەتتى ،ئۇ ئۆيگە كىرگەندە گۈلنىسا كىرىسلودا ئولتۇرۇپ قانداقتۇر بىر خىياللار دېڭىزىدا پەرۋاز قىلىۋاتاتتى. _تېچلىقمۇ ھەدە؟قاچان قايتىپ كەلدىڭىز؟بۇ ئاۋز بىلەن ئۇ سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولدى ۋە قەلبىنۇرغا سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن . تېچلىق باياتىن قايتىپ كەلدىم دىدى جاۋابەن. _تاغام قېنى ؟ _ئۇمۇ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ ؟ _تاغامنىمۇ تۇتۇۋالدىما؟ _ياق ئۇ ئىچكىرىدە دىدى گۈلنىسا زورىغا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ. ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتتى ھاجىمنىڭ خەۋىرى يوق قىز كۈندە دىگۈدەك ھەدىسىدىن سورايتى بىراق يەنىلا شۇ ئىچكىرىدە،ئىشى تۈگىمەپتۇ .ئىشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ دىگەندەك جاۋابلاردىن باشقىغا ئېرىشەلمەيتتى قىز.ئۇ تەشۋىشلانمەكتە ،ئەنسىرىمەكتە ئىدى.ھايت-ھۇيت دىگۈچە يېرىم يىلدەك بولۇپ قالدى يەنىلا تاغىسىدن خەۋەر يوق.مانا تەتىلگىمۇ قويۇپ بېرىلدى كەچلىك تاماقتىن كېيىن گۈلنىسا قىزغا. _بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ ئەتىلىككە تاغىڭىزنىڭ يېنىغا بارىمىز دىدى ئۇنىڭغا يەنە بىر قۇر سەپ سالغاندىن كېيىن. _تاغام نەدىكەن؟ _گۇاڭجۇدا . _نىمە دىگەن ياخشى ھەرنىمە بولسا تاغامنىڭ قېشىغا بارغاچ ئۇ يەرنى كۆرۈپ كېلىدىغان بولدۇم قىزنىڭ گۈل -قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى ۋە تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بالدۇرلا ئارام ئېلىشقا باشلىدى. پويىز يىلان باغرى يوللاردىن ،قاقاس تاغلاردىن ،چۆللۈكلەردىن ئۆتۈپ خۇددى گېلەم سېلىپ قويغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان يېشىل كارىدورلۇققا قاراپ ئىلگىرلەيتتى ئۇ ھەيرانلىق بىلەن ھەدە ئاۋۇ تاغنىڭ باغرىدىكى كەپىلەردىن ئادەم چىقىۋاتىدۇغۇ؟ئاۋۇ ئېتىز نىمانچە چىرايلىق خۇددى پەلمپەيدەكلا دىگەندەك سۇئاللارنى سواريتتى ،بۇ مەنزىلەردىن تويماي ھوزۇر ئالاتتى ۋە بىزنىڭ مەنلىكىتىمىز نىمانچە گۈزەل ،زىمىنى ھەقىقەتەنمۇ بەك كەڭ دىگەنلەرنى خىيالىغا كەلتۈرەتتى.مانا ئۇلار جىڭجۇدا پويىز ئالمىشىپ گۇاڭجۇغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى ... كەڭ كەتكەن ئاسفالىت يوللار ،ھەيۋەتلىك بىنالار،نەمخۇش ھاۋا ،بانانزارلىق،پاكار،پاناق ،قارامتۇق ،چىڭقىلىپ سۆزلەيدىغان كىشىلەر قىزنى تولىمۇ ھەيران قالدۇراتتى... ئىككىيلەن سەنيۈئەنلدە بىر مېھمانسارايغا چۈشتى،گۈلنىسا ياقاتنى تەقلەپ بولغاندىن كېيىن تاماققا چىقتى ۋە بىر كۈن كەچكىچە قىزنى كوچا ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ ئۇنى كىيىم بىلەن كۆمۈۋەتكىلى تاسلا قالدى. _مەن ئوقۇغۇچى بولغاندىن كېيىن بۇنداق كىيىملەرنى كىيسەم بولمايدۇ ھەدە دەيتى قىز. _ھېچنىمە بولمايدۇ سىز مەكتەپتە كىيمىگەندىن كېيىن دەيتى ئۇ .شۇنداق قىلىپ كەچ كىرگىچە كوچا ئايلانغان بۇ ئىككىيلەن بىر ساتىراچخانىغا كىردى-دە،قىزنىڭ چاچ پاسۇنلىرىدىن تارتىپ ئۆزگەرتى خۇددى ھېلىلا تويى بولىدىغان كېلىندەك ياسىۋەتتى قىزنى.قىز ئەينەككە قارىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ نەقەدەرمۇ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ۋە سەل خىجالەت بولغان ھالدا. _ھەدە مەن بۇنداق ياسانسام قانداق بولىدۇ دىدى. _ھېچنىمە بولمايدۇ مەكتەپەكە بارغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىدەك ياسىنىسىز دىدى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇ. _سىز بەك ياخشى جۇمۇ ھەدە مەن سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى قاچانمۇ قايتۇرۇپ بولارمەن دىدى قىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن. _ئۇنداق قىلىشىڭىز ھاجەتسىز سىز دىگەن بىزنىڭ بالىمىز دىدى گۈلنىسا.قىز ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە ھاياجان ياشلىرىنى تۆكۈشكە باشلىدى . _يېغلىماڭ ئەخماق قىز،يېغلىسىڭىز سەتلىشىپ كېتىدىكەنسىز. قىز كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ ، _تاغامنىڭ يېنىغا قاچانلىققا بارىمىز دەپ سورىدى . _كەچ قۇرۇن ئۇ ھازىر باشقا جايدا ئىكەن. ئەمدى گەپنى ھاجىمدىن ئاڭلايلى ئۇنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ ،قانۇن تورىغا چۈشۈپ باقمىغان بولۇپ شۇ جەرياندا ئىچكىرىدە گۈلنسا بىلەن تونۇشۇپ قالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندى.شۇندىن بېرى ئۇلارنىڭ ئوقىتى چوڭلاپ نۇرغۇن پۇل تاپقان بولسىمۇ بىراق يەنىلا شۇ ئوقەتتىن قول ئۈزمەي كېلىۋاتاتتى، قاشقا سانىساڭ كۆزگە،كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە دىگەندەك ئۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىغان ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايتتى ھەم ئويلاشقىمۇ قادىر ئەمەس چۈنكى ئۇنىڭ روھى قاراىداپ كەتكەندى.يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا يەنى گۈلنىسانى ساقچىلار تۇتۇپ چىقىپ كەتكەن كۈنى ئۇ خىرويىن بىلەن قولغا چۈشكەندى.ئۇ قەلبىنۇرغا قارايدىغان ئادەم يوق بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەممە جىنايەتنى ئۆز بوينىغا ئالغان شۇنداقلا ئۇنىڭ بەدىلىگە گۈلنىسانىڭ قەلبىنۇرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى كۆزلىگەن ھەتتامۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ئىش توغۇرلۇق گۈلنىسا بىلەن پۈتۈشكەندى. كەچمۇ كىردى گۈلنىسا بىرى بىلەن تېلىفوندا پاراڭلىشىۋاتاتتى ئۇ قارشى تەرەپكە . _مېنىڭ ئەكەلگىنىم جىڭ مال 100مىڭدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ دەيتى. _بەك يۇقۇرى باھاكەن بۇ ،نۆۋەتتە بازاردا ئېقىۋاتقىنى 50مىڭ يۈەندىن يۇقۇرى ئەمەس،سىز بىرەر پەرىشتىنى ئېلىپ كەلمىگەنسىز؟دەيتى قارشى تەرەپ. _پەرىشتىمۇ نىمە كۆرگەندە بىلىسىز مەن دىدىمغۇ ئۇ دىگەن پېچىتى بۇزۇلمىغان مال،ھازىر ئۇنداقلارنى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۇقۇرى يىللىقىدىنمۇ تاپالمايسىز جۇمۇ؟ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىمىسىڭىز مەن ئۇنى قار خوجايىنغا ئۆتكۈزىۋېتىمەن.ئالدىنقى قېتىم ماڭا تېلىفوندا مال تېپىپ بېرىشىمنى يەنى چوقۇم ئۇيغۇر بولۇشىنى تاپىلىغاندى.دىدى-دە تېلىفوننى قويۇۋەتتى ،تېلىفون يەنە ئۇلاندى قارشى تەرەپ ئۇنۇڭغا. _مەن تېخى ياق دىمىدىمغۇ،نىمانداق قىلىسىز ؟دىدى ئاچچىق ئارىلاش. ئەمىسە ئىنجىق-مىنجىق قىلماي گەپنى ئۈزىۋەتمەمسىز ئەر كىشىمۇ سىزدەك بولامۇ ؟بىر ئايال كىشى بىلەن باھا تالىشىپ دىدى ئۇ. _بولىدۇ شۇنداق پۈتۈشتۇق ئەمىسە،ئەگەر مەن ئويلىغاندەك بولمىسا باھاسىى ئۇنداق بولمايدۇ جۇمۇ ؟ _بولىدى ئەمىسە مەن ھازىرلا ئۇنى يېنىڭىزغا باشلاپ باراي. _فۇلىخۇا مېھمانسارىيىنىڭ 33قەۋەت 3310ياتاققا كېلىڭ خەير-خوش . قەلبىنۇر ياتاقتا قانداقتۇر خىياللار بىلەن مەشغۇل ئىدى ،كۆڭلىدە تاغام قاچانلىققا كېلىدىغاندۇر؟ئۇ مىنى كۆرسە نىمە دەپ قالار؟ _بۇنداق كېيىملەرنى كىيمەڭ ،نىمانداق ياسىنىۋالدىڭىز دەپ كايىپ كېتەرمۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ھەدىسىنىڭ قايتىپ كىرىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە ئىدى.تاراق قىلىپ ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئۇ خىايلار دېڭىزىدىن قايتىپ كەلدى ۋە كۈلۈمسېرىگەن ھالدا. _ھەدە تاغام كەپتۇمۇ دەپ سورىدى. _ھەئە قايتىپ كەپتۇ يۈرۈڭ ھازىرلا ئۇ چۈشكەن ياتاققا بارىمىز دىدى ھەم ئۇنى باشلاپ مېھمانسارايدىن چىقىپ كەتتى. ياۋروپا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بۇ ئىگىز قۇرۇلۇش تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى ،دېرىزىلەردىن كۆرۈنۈۋاتقان چىراغ يورۇقى بەئەينى يۇلتۇزلاردەك چاقنايتى.ئىككىيلەن لېفىتتىن چۈشۈپ بىردەمدىلا 33-قەۋەتتىكى 3310ياتاقنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى-دە،گۈلنىسا ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ 50نەچچە ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان چاچلىرى قارا رەڭدە بويالغان،بۇغداي ئۆڭ،ئوتتۇرا بوي،ساقاللىق بىرى چىقىتى ۋە. _قېنى خانلار ئىچىكىرىگە مەرھەممەت دىگىنىچە ياتاققا تەكلىپ قىلدى،قىزىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ كىشى ئۇنىڭ تاغىسى ئەمەسدى،ئۇ سەل تەشۋىشلەنگەن ھالدا ياتاققا كىرىدى.ئىككى ئېغىزلىق بۇ ياتاق ھەشەمەتلىك بېزەلگەن بولۇپ كىشى يەرگە دەسسەشتىنمۇ ئەيمىنەتتى ،قىز سەل قورۇنغان،تەشۋىشلەنگەن ھالدا گۈلنىسانىڭ بېقىنىدا يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئولتۇردى.ھېلىق كىشى بولسا ئۇنىڭدىن كۆزلىرىنى ئۈزمەيتتى تۇرۇپ -تۇرۇپ كالپۇكىنى يالاپ قوياتتى.ھاجىم ئىككى بوتۇلكا سوغۇق ئىچىملىكنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى .گۈلنىسا بىرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قىزغا تۇتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن يەنە بىرنىڭ ئاغزىنى ئاچتى-دە،غورتۇلدۇتۇپ ئىچكەچ قىزغا : -تارتىنماي ئىچىڭ بۇ ھاجىم داداش تاغىڭىزنىڭ دوستى بولىدۇ تاغىڭىز سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ ھازىرلا قايتىپ كېلىدۇ دىدى. قىز خاتىرجەم بولغان ھالدا قولىدىكىنى ئىچىشكە باشلىدى.ھېلىقى ھاجىم بولسا ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى ۋە بېشىدىن ئۇچىغىچە سەپ سالاتتى. _سىز جىمدەك ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ بىزنىڭ ئازراق پاراىڭىمىز بار سىرتقا چىقىپ كېلەيلى ،ئۇنۇڭغىچە تاغىڭىزمۇ كېلىپ قالار دىدى قىزغا گۈلنىسا ۋە ھېلىقى كىشى بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتى.قىز ئۇلارنىڭ شۇنداقلا مېھرىبان تاغىسىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندا ئىشىك يەنە تاراققىدە قىلىپ ئېچىلدى ۋە ھېلىقى ھاجىم يالغۇز قايتىپ كىرىدى. _ھەدەم قېنى سورىدى قىز ئۇنىڭدىن. _ھازىرلا كېرىدۇ،ھە راست ئىسىمىڭز كىم بولىدۇ سورىدى ھاجىم. _قەلبىنۇر دىدى قورۇنغان ھالدا قىز. _مىنىڭ ئىسىمىم ئابلەت ھاجىم بولىدۇ مىنى بۇندىن كېيىن ھاجىم دەپ چاقىرسىڭىز بولىدۇ دىدى جاۋابەن ئۇ.ئارىدىن بىرەر سائەتچە ۋاقىت ئۆتتى گۈلنىسا تېخچىلا قايتىپ كىرمەيتتى ،تەشۋىشلەنگەن قىز ئورنىدىن تۇردى ۋە سىرتقا قاراپ مېڭىشقا تەمشەلدى. _نەگە بارماقچى خانقىز ؟ئۇيان -بۇيان مېڭىپ يۈرمەي مېنىڭ قېشىمغا كەلسىلە دىگەن ئاۋازدىن چۆچۈپ ئارقىغا قارىدى قىز : _ھەدەم كىرمەيۋاتىدۇ قاراپ باقاي دىگەن دىدى جاۋابەن. _ھەدىلىرى ئەمدى كىرمەيدۇ ،ئۇ ھازىر بارىدىغان جايىغا بېرىپ بولدى .بۈگۈندىن باشلاپ سېلى ماڭا تەۋە مەن نىمە دىسەم شۇنى قىلسىلا بولمايدىكەن ياخشىلىق يوق دىدى ئۇ ھېجايغان قىياپەتتە. _نىمە ھەدەم كىرمەمدۇ ؟ _شۇنداق . _ئۇ مېنى تاغامنىڭ يېنىغا ئاپىرىمەن دەپ بۇ يەرگە ئەكەلگەندى دىدى قىز بىچارىلەرگە . _مانا مەن سىلىنىڭ تاغىلىرى شۇ .قىز ئىشىك تەرەپكە يۈگۈردى بىراق ھاجىم ئۇنى تۇتۇۋېلىپ قاتتىق بىرنى سېلكىدى قىز يېقىلىپ چۈشتى .قارىغاندا ھۆرمەت شاربىنى ئىچمەي جازا شارابىنى ئىچىدىغان ئوخشايلا ئەسلى سېلىدەك گۈزەل خانقىزغا قوپاللىق قىلغۇم يوق ئىدى،بىراق ماڭىمۇ ئامال بولمايدىغان ئوخشايدۇ .بىلىپ قويسىلا مەن سېلىنى تاراق -تارق پۇلدىن 100مىڭ سومنى ساناپ يۈرۈپ سېتىۋالدىم.ئەمدى تەقدىرگە تەن بەرمىسىلە بولمايدۇ خانقىز دىگىنىچە قىزنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭ قولىدىن تارتقىنىچە ئىچكەركى ئۆيگە سۆرەپ كىردى -دە، ئۇنى كۆتۈرۈپ كارىۋاتقا تاشلىدى.قىز ئالا-توۋا ئادەم بارمۇ قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرىدى بىراق ھېچكىممۇ ئۇنى قۇتقۇزۇشقا كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ قاۋان قىزغا تاشلاندى قىز قارشىلىق قىلدى،ھەتتا قاۋاننىڭ قولىنى چىشلەپمۇ ئالدى بىراق بىچارە مەسۈمە قانداقمۇ ئۇ قاۋانغا تەڭ كېلەلىسۇن دەيسىز ،ئۇنىڭ كىيىملىرى يىرتىلدى،تەستەكلرىگە شاپىلاقمۇ تەگدى ئاخىرى ئۇ قاۋان بىچارە مەسۈمەنى ئاياق ئاستى قىلدى.قىزنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى.نەپسىنى قاندۇرغاندىن كېيىن بۇ قاۋان قىزنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ پۇت -قوللىرىنى باغلاپ قويدى.مانا شۇنداق قىلىپ بۇ بىچارە مەسۈمە قاباھەتلىك تەقدىرگە مۇپتىلا بولدى. ئادەم قىلىپىدىن چىققان بۇ ھايۋان ئۇنى كۈندە باغلاپ قويىدىغان بولدى. ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتتى قىز گەرچە قېچىپ كېتىشنى ھەتتا بۇ ئادەم سۈرەتلىك ھايۋاننى ئۆلتۈرىۋېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ بىراق پۇرسەت كەلمىدى.مانا ئۇ ھازىر پۈتۈن ئەركىنلىكىنى يوقاتقاندى.كېچىدە قاۋانغا ھەمراھ بولسا كۈندۈزلىرى قاۋاننىڭ قول چوماقچىلىرى ئۇنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇراتتى شۇندق قىلىپ ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتتى.ھېلىقى ئادەم قىلىپىدىن چىققان ھايۋان ئۇنى باشقا بىرىگە سېتىۋېتىپ غايىپ بولدى. بۇ نۆۋەت ئۇ سەمەت ھاجى ئىسىملىك بىرىگە سېتىلدى .چوقۇر يۈزلۈك،تۈكى چۈشۈپ كەتكەن باشلىرى بېلىيارت ئۇرۇقىغا ئوخشاپ قالغان بۇ ئادىمىي ھايۋان تولىمۇ زالىم ،پەسكەچ كىشى بولۇپ ئۇنىڭ قول ئاستىدىمۇ بىر نەچچە ئونلىغان شوركىلىرى بار ئىدى.ئۇ شۇلارنى يانجۇقچىلىققا سېلىپ پۇل تاپاتتى،بىر كۈنى ئۇ قەلبىنۇرغا : _مەن سېنى 60مىڭ سومغا سېتىۋالدىم بىكار يەپ ياتىدىغانغا ھېچ نەرسە توشىمايدۇ ،سەنمۇ چىقىپ يانجۇقچىلىق قىلىشىڭ كېرەك .دەپ ئۇنى شوركىلىرىغا قوشۇپ قويدى.دەسلەپتە قىز ھېچ نەرسە قىلالمىدى.شۇ تۈپەلى تاياقتىن قۇتۇلالمىدى.كېيىن ئۇمۇ ئازدۇر -كۆپتۇر پۇل تاپىدىغان بولدى بىراق يەنىلا شۇ خىل قىسمەتتىن قۇتۇللامىدى.ئۇنىڭ كۈنلىرى كۈندۈزلىرى يانجۇچىلىق قىلىش ،كېچىلىرى ھېلىقى ھايۋانغا ھەمراھ بولۇش بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدى.ئۇ گەرچە بىر نەچچە رەت پايلاقچىلارنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ ساقچىخانىلارغا كىرىپ ئەھۋال مەلۇم قىلغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا ساقچىلار ئۇنى شۇ قاۋانغا تاپشۇرۇپ بەردى.چۈنكى بۇ قاۋاننىڭمۇ ساقچىلار بىلەن ئالقىسى قۇييۇق ئىكەن.مانا يىللار شۇ تەرققىدە ئۆتۈشكە بشلىدى.بىر كۈنى قىز پايلاقچىلارنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ قاچتى . ئۇ جىڭجۇ شەھرىگە ئارانلا كېلىۋالدى،يۇرتىغا كېتىشنىڭ ئامالىنى قىلىپ يۈرگىنىدە خۇددى بۆرىدىن قېچىپ ،يولۋاسقا تۇتۇلۇپتۇ دىگەندەك ئۇ ھېلىقى ئابلەت ھاجى دىگەنگە تۇتۇلۇپ قالدى .ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىش ئىشى سۇغا چىلاشتى. كۈنى يەنەكۈندۈزلىرى يانجۇقچىلىق قىلىپ پۇل تېپىش كېچىلىرى بولسا ھاجىغا خوتۇن بولۇش بىلەن ئۆتتى. قىز بۇ نۆۋەت ئۇنۇڭدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچمايدىغان ۋە ئەركىلەپ كۆڭلىنى ئالىدىغان بولدى.چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە غەزب ئوتى يالقۇنجاشقا باشلىغاندى. بىراقھاجى بۇنى سەشمىگەندى.كۈنلەر يەنە شۇنداق ئۆتۈشكە باشلىدى بىر كۈنى قىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. _ئابلەت ھاجىم سېلى ئاق كۆڭۈل كىشى تۇرۇپ مېنى يانجۇقچىلىققا سېلىپ قويسىلابۇ قانداق بولغىنى،سېلى دىگەنمىنىڭ «ئەڭگۈشتەرىم »نى ئالغان كىشى تۇرسىلا ،شۇنداق تۇرۇغلۇق موشۇ ئىشلارغا سالسىلا كۆڭۈللىرى قانداق چىدايدۇ دىدى. _بۇنىسىغۇ توغرا ئەتىدىن باشلاپ سىز كوچىغا چىقماڭ دىدى ئۇ جاۋابەن. _بولىدۇ جېنىم دىگىنىچە ئۇنى سۆيۈپ قويدى ۋە ئۆي بولغاندىن كېيىن ئاشخانىدىن تاماق يەپ يۈرگىچە ئېتىپ يەيلىچۇ ؟بولامدۇ ؟دىدى قىز ئەركىلىگەن قىياپەتتى. _بولىدۇ بولمامدىغان دىدى-دە،يۈرەكلىرى يايراپ كەتتى.ئۇلار كوچىدىن پىچاق قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالدى.قىز پىچاقنى بۈلەپ شۇنداق ئىتتىك قىلىۋەتتى ھاجىم . _پىچاقنىڭ بىسى قالماي قالمىسۇن يەنە خوتۇن دىدى قىزغا .قىز ئۈندىمىدى، ھاجىم كوچىغا چىقىپ كەتتى ئۇ لەڭمەن ئېتىشكە تەييارلىق قىلدى،لەڭمىننىڭ قورۇمىسى سىرتتىن كىرگەن ھاجىمنىڭ دېمىقىغا ئۇرۇلدى ۋە خۇش بولۇپ كەتتى .تاماقتىن كېيىن ئۇ ھاراق ئىچىشكە باشلىدى قىز يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنى ھەدەپ ماختىماقتا مانا ھاراقمۇ ئىچىلىپ بولدى ھەممە ئۇيقغا غەرىق ھاجىم يىشىنىپ يېتىشقا تەمشەلدى.قىز ئۇنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ پىچاقنى ياستۇقىنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ قويدى. ھاجىم كېيىپ بولغاندى.ئۇ چوشقىدەك خورەك تارتىشقا باشلىدى.قىز ئاستىغىنىە پىچاقنى قولىغا ئالدى-دە،ئىگىز كۆتۈرگەن پېتى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە سانجىدى،ئۇھ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇ مىدىرلاشقا تەمشەلدى، قىز چاققانلىق بىلەن يەنە بىر پىچاق سانچىۋىدى ھېلىقى قاۋاننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ پۇتلىرى ئاستا مىدىرلىغان پېتى جىمىپ قالدى .قىساس ئوتى كۆزلىرىدىن لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان قىز ئاھ خۇدا دىگىنىچە كۆككە تىكىلدى .جاھان لەرزىگە كەلدى قارىغاندا بۇ شۇم بۇيىنىڭ يوقالغانلىقىدىن پۈتۈن كائىناتمۇ خۇشال بولغاندەك قىلاتتى...
|


|