• قاسىمجان ئوسمان: شېئىرىيەت ھەققىدە

    يوللانغان ۋاقتى:03-04-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    شېىئىرىيەت قاراشلىرىمىزنى ئالماشتۇرىدىغان ۋاقىت كەلگەندەك قىلىدۇ.

     

    مېنىڭ شېئىرىيەت قارىشىم
                         قاسىمجان ئوسمان غازى                   
     
     شېئىر ئەزەلىيلىكتىن ئەبەدىيلىككە سوزۇلغان تەنھالىق تالالىرىنىڭ كەرەشمىلىرىدۇر. شائىرغا نىسبەتەن ئۇ مەۋجۇدىيەت ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش شۇنداقلا، ئۆزىنى مەۋجۇدىيەتكە بېغىشلاش سەپىرىدىكى شېئىر ئوردىسىغا بارىدىغان ئۆزگىچە پاراۋۇزدۇر.
     ئىنسان بىلەن تەبىئەت، ئىنسان بىلەن تەڭرى ۋە تەڭرى بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى گارمۇنىيەلىك باغلىنىشلار شېئىر بولۇپ خاتىرلىنىدۇ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك مىراسىغا ئايلىنىدۇ.
     ئىنساننىڭ تۇغۇلىشىدىن تارتىپ تاكى ھاياتى ئاخىرلاشقۇچە بولغان بۇ ئۆتكۈنچى مۇساپە شېئىر ھاۋاسى بىلەن نەمدەلگەن دېسەك، ھەرگىزمۇ ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز.
       ئۇنداقتا شېئىر دېگەن نېمە؟ مېنىڭ نەزەرىمدىكى شېئىر – ئۆزىنى مەۋجۇدىيەتكە تاپشۇرۇش، شەيئىلەرنىڭ ئاۋازىدا ياشاش ۋە شەيئىلەر بىلەن بىرلىشىپ كېتىدىغان روھىيەت تىنىقلىرىنىڭ يىغىندىسىدۇر.
     شائىر بىلەن شېئىرنىڭ مۇناسىۋىتىچۇ؟-شائىر بىلەن تەبىئەتمۇ ئۆز-ئۆزىگە شېئىرى تىلداتېنىمسىز مونۇلۇگ قىلىدۇ. شائىر بۇ  خۇش پەيتلىرى ۋە ئىزتىراپلىرىنى تۇيغۇسىئارقىلىق خاتىرىلەپ ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىدۇ. ئەسلىدىنلا بىر گەۋدە بولمىش بۇ سىيمالاريەنە ئايرىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تىكلەيدۇ-يۇ، شېئىرىي تىل بىلەن يەنە بىرلىككە كېلىدۇ. مانا مۇشۇنداق سۆھبەتمەڭگۈلۈكلىكىنى يوقاتمايدۇ. 
     شائىر مۇشۇ سۆھبەت ئىچىدە، ئانا تىلىغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق ھېچكىم يوق بۇ سۆھبەتنىڭ زاھىرەنلىكىنى تۇيىدۇ. شېئىر دائىم رېئاللىق بولىۋەرمىگىنىدەك تاشقى رېئاللىق شائىرنى ھەرۋاقىت يالماپ يۇتىۋېتىشنى ئىستەيدۇ، شائىرنىڭ ئىچكى رېئاللىقىلا ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، مەن مۇشۇ مۇستەقىللىققىنىمۇ ئورۇن بەرمەسلىك ئۈچۈن شېئىر يېزىۋاتىمەن...
     
               قاسىمجان ئوسمان غازى
     
                               2012-يىلى 1-ئاپىرېل، قەشقەر

    --داۋامى بار




    ھالقىلىق سۆزلەر : غازى


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    قاسىمجان ئوسمان تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 11:03 31-03-2012 كىرگەن ۋاقتى: 17:04 05-04-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار