xxxمەكتەپنىڭ x-يىللىق بىخەتەرلىك خىزمەت پىلانى
ئاساسى مەزمۇنى
xxx
پىلاننىڭ نىشانى
مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك تەشۋىقى-تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،تاسادىپى يۈز بىرىدىغان ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىپ،كۈتۈلمىگەن ئۆلۈم-يىتىم ھادىسىلىرىدىن ساقلىنىپ،مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇپ،ھەممە ئادەمدە«بىخەتەرلىك بىرىنچى »دەيدىغان ئىددىيىنى تۇرغۇزۇپ،بارلىق خىزمەتلەردە كوللىكتىپ ۋە ئادەم مەنپەتىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈملىرىنى مۈكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قىلىپلاشتۇرۇپ ،تۈرلۈك ئۆلۈم – يىتىم ھادىسىلىرىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىش ئۈچۈن كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەرلىك ئالدىنى ئىلىش خىزمىتىگە سەپەرۋەر قىلىپ ،ھەممە ئادەم قاتنىشىدىغان ،تىنچ ،مۇقىم بولغان بىخەتەر ئوقۇتۇش مۇھىتى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.
مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى نۇرغۇنلىغان ئائىلىگە چىتىلىدىغان بولۇپ جەمىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھايات كاپالەتكە ئىگە بولمىسا مائارىپتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ،كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ،مەكتەپ مائارىپ خىزمىتىدىكى بىرىنچى مۇھىم ئىش.ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە كۈچلۈك كاپالىتى،خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان مائارىپنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.شۇڭا بىزمەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىدە تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىمىز.
1.بىخەتەرلىك خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىك ھەقىقىي كۈچەيتىلىدۇ.
1)مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولغان ،مەكتەپ بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ،خادىملار مۇقىم،مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىنىق بولۇش ئىشقا ئاشۇرلۇپ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان 15 كىشىلىك مەكتەپ قوغداش ئەترىتى قۇرۇپ چىقىلىپ ئۇلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
2)مەكتەپ قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھالدا كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى» ،«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىزامى»،«قاتناش قائىدىسى»،«يىمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىك قانۇنى» ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنى ئەستايدىل تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىجرا قىلىپ مەكتىۋىمىزنىڭ بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەشۋىقات تەربىيە خىزمىتى ۋە قانۇن-تۈزۈم تەربىيسى خىزمىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
4)بىخەتەر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش،بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيلەشنى كۈچەيتىش،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىڭىنى،جىددى ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق،بىخەتەرلىك تەشۋىقى-تەربىيە خىزمىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى زورايتىلىدۇ.
①مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا (ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم،ئايدا تۆت قىتىم)بىخەتەرلىك بىلىملىرى بويىچە مەخسۇس تىمىدا مەكتەپ خاراكتىرلىك دوكىلات بىرىش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.
②ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قىتىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش،يەر تەۋرەشتىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش بويىچە بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئىگەللەشكە ئائىت تەربىيلەش ۋە پائالىيەتلەرگە تەشكىللىنىدۇ.ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يەر تەۋرەشتىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش تەربىيە كۈنى،11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك كۈنى مەزگىلىدە،«ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش،تاسادىپى يۈزبەرگەن ۋەقەلەردىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش»بىلىملىرى بويىچە،سىنىپلار ئارا زىھىن سىناش،نۇتۇق سۆزلەش،قارا دوسكا چىقىرىش،ئەدەبى-سەنئەت پائالىيتىگە تەشكىللىنىپ،تەشۋىقات ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.
③ھەر ئايدا بىر قىتىم ئىككى سان بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش،ئۆز ھاياتىنى قوغداش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملىك قارا دوسكا ئىشلىنىدۇ.
④مەكتەپتىكى مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەردىن پايدىنىلىپ،(رادىئو تەشۋىقاتى،كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى)بىخەتەرلىك تەربىيە بىلىملىرىنى دەرىسخانىغا كىرگۈزۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.
قاتناش قانۇن-تۈزۈم تەربىيسى،ساغلاملىق لوڭقىسى بىلىملىرىدىن زىھىن سىناش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەپ،يىتەكچىلىك قىلىش،خۇلاسىلەش،ئارخىپلاشتۇرۇش،ئۇچۇر خىزمىتى قاتارلىقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
2.تۈرگە ئايرىپ تەرتىپكە سىلىش،تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ.
1)مەكتەپنىڭ ئادەم تەربىيلەش مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى ئەھۋالى ئىگەللىنىدۇ.يەنى «تۆتنى بىلىش،تۆتنى ئىگەللەش»خىزمەت مىخانىزىمى بويىچە،قانۇنغا خىلاپلىق ياش-ئۆسمۈرلەر،«ئىككى خىل ئەمگەك»تىن قايىتقانلارنىڭ،دىننى زاتلارنىڭ ۋە چەتئەلگە چىقىپ ھەج قىلىپ كەلگەنلەرنىڭ پەرزەنىتلىرىگە بولغان ئىددىيۋى تەربىيەكۈچەيتىلىپ،ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئىددىيۋى ھالىتىنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ،ئۇلارنىڭ تىگى-تەكتى ئىنىق،ئەھۋالى ئايدىڭ بولۇش،تەربىيلەش،ياردەم بىرىش خىزمەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش چىڭ تۇتۇلىدۇ.
2)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دائىرىلەر بويىچە ھۆددىگە ئىلىش،ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش،قەرەرلىك ھالدا ئائىلە زىيارىتى ئىلىپ بىرىش قاتارلىق تۈزۈملەر مۈكەممەللەشتۈرۈلۈپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى ئەھۋالى،ئىجتىمائى مۇناسىۋىتى قاتارلىق خىزمەت ئارخىپلىرىنى تۈرگە ئايرىپ ئارخىپلاشتۇرۇش چىڭ تۇتۇلىدۇ.
3)ئادەم تەربىيلەش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ،«ئىشىك ئالدى بەش ھۆددە»تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئىجارە ئۆيلەرنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ.ئىجارە ئالغۇچىلارنى تىزىملاش،تەكتىنى ئىنىقلاش،بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاش،تەكشۈرۈپ خاتىرە قالدۇرۇش خىزمىتى دائىملىق تۈزۈمگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.
4)مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك ئالدىنى ئىلىش خىزمەتلىرىنى ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم ئومۇميۈزۈلۈك تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سىلىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلىدۇ.مەكتەپ تەجىربىخانىسىدىكى خىمىيىلىك دورىلارنىڭ تۈرگە ئايرىلىپ ساقلىنىش ئەھۋالى،تۈرلۈك فونكىسىيىلىك ئۆيلەردىكى ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكى،مەكتەپ ئىچىدىكى سۇ،توك يوللىرى،خالا،قورۇ تام،ئامبار،تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى،كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىش،مەكتەپ ئەتراپىدىكى يايما دۇكانلاردىكى ۋاقتى ئۆتكەن يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ۋاقتى-قەرەلىدە تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سىلىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىدۇ.
5)مەكتەپنىڭ 24 سائەتلىك ئامانلىق قوغداش دىجورنىلىك تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ،مەكتەپ مۇدىرى باشلامچى بولۇش،دىجورنىلىك قىلغان خادىملار دىجورنىلىك تۈزۈمىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىش،دىجورنىلىك ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلماسلىق،دىجورنىلىك ۋاقتىدا مەخسۇس كىيىم كىيىش،ئۇخلاپ قالماسلىق،دىجورنىلىكنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش ئۆتكۈزۈپ ئىلىش رەسمىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش،مەكتەپ ئىچىگە سىرتتىن كەلگەنلەرنى تىزىملاش،مەكتەپ ئىچىگە قاتناش ۋاستىلىرىنى كىرگۈزمەسلىك قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەر ھەقىقى ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
6)مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن،تور ئۇچۇر بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى،قاتناش بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ،مەسئۇلىيەتنامىنىڭ تەلىپى بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.
3.مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز.
1)مەسئۇلىيەت ئىڭىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ،سىياسى-قانۇن تارماقلىرىغا ئاكىتىپ ماسلىشىپ،«زوراۋان تىرورچى كۈچلەر»،«دىننى ئەسەبى كۈچلەر» ۋە باشقا تۈرلۈك جىنايى ئىشلار بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بىرىپ،زور ۋەقە سادىر بولۇشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالىمىز.(شەھۋانى،قىمار،زەھەرلىك چىكىملىك)قاتارلىق جەمىيەتتىكى رەزىل ھادىسىلەرنىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىمىز.ئامانلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر،قىزىق نۇقتا،قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز.
2)«تىنىچ-ئامان مەكتەپ»بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ،«ئالتە يوق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»،«ئالتە زىيانداش»نىڭ قاتتىق ئالدىنى ئىلىش خىزمىتىنى دائىملىق خىزمەتلەر قاتارىدا چىڭ تۇتىمىز.«ئالتە يوق بولۇش»-يەنى سىياسى دىلولار يوق بولۇش،جىنايى ئىشلار دىلولىرى يوق بولۇش،جەمىيەت ئامانلىقى دىلولىرى يوق بولۇش،چوڭ ھادىسىلەر يوق بولۇش،ئوت ئاپىتى ھادىسىلىرى يوق بولۇش،دىننى ئوقۇتۇش ھادىسىلىرى وق بولۇشتىن ئىبارەت.
«ئالتە زىيانداش»-يەنى قىمار ئويناش،ئىپپەت-نومۇسىنى سىتىش،ئالداپ سىتىش،ساختىپەزلىك قىلىش،زەھەر چىكىش ۋە ياساش،شەھۋانى مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى تارقىتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇ،مەكتەپ ھەرخىل قانۇنغا خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتىنى ھەقىقى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
3)مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك ھەقلىق مۇلازىمەت،ئەمگەك پائالىيەتلىرىگە تەشكىللىمەيمىز،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچىلارنى ئەمگەك پائالىيتىگە تەشكىللىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالىمىز.
4)تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى شەخسى ئىشىغا سىلىش،باشقىلارغا بۇيرۇپ بىرىش،مەكتەپتىن چىكىنىشىگە «يىشىل چىراق»يىقىپ بىرىش،ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىش سەۋەبى بىلەن كىلىپ چىقىدىغان ئۆلۈم-يىتىم ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز ۋە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.
5)ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىلىش،مەكتەپتىن قايتىش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىگەنلىكى مەكتەپكە كىلىش بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە يول بويىدا مەخسۇس دىجورنى ئوقۇتقۇچى بولۇش،دەرۋازا ئالدىدا مەكتەپنى قوغداش ئەترىتى بولۇش،ئوقۇغۇچىلار قايىتقاندا ئوقۇتقۇچىلار يولدىن رەتلىك ئۆتكۈزۈپ قويۇپ تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.
6)مەكتەپ ئامانلىق ئۆيى ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش بىلەن بىرگە،يەنە مەكتەپ ئامبىرى،تەجىربىخانا،كومپىيوتىرخانا قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارغا ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەسى سەپلەپ،ۋاقتى ئۆتكەنلىرىنى ۋاقتى قەرەلىدە ئالماشتۇرۇپ،مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئەسلىھە ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرىمىز.