مەكتەپنىڭ تايانىچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش خىزمەت پىلانى
1.ئومۇمى نىشان
كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ تەشكىلاتلار خىزمىتىدىكى جەڭگۋارلىق ئاۋانگارتلىق رولىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ مەكتەپنىڭ «تىنىچ-ئامان مەكتەپ»،«ئىلغار مەكتەپ»،«بەشتە ياخشى مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتى»،«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ئورۇن»....قاتارلىق تۈرلۈك بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش،ئۇلارنىڭ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش قۇرۇلىشىدىكى ئاكىتىپچانلىقى ۋە خىزمەت قىزغىلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ،مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئومۇمى جەھەتتىن يۈكسىلىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
2.ئاساسى ئەھۋال
مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسى جەھەتتىن تەربىيلىنىشىنى چىڭ تۇتۇپ،سىياسى جەھەتتە پىشقان،كەسىپتە نەتىجە ياراتقان غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنى پارتىيىگە تەۋسىيە قىلىپ،ئۇلارنى پارتىيىگە بۇرۇنراق ئەزا قىلىپ كىرگۈزۈپ،ۋەتەن،خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن باشتىن-ئاخىر تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق.ھازىر مەكتەپتىكى ئومۇمى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى نەپەرگە يىتىپ،مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى كادىرلار قوشۇنى ياكى رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى بولمىسۇن مەكتەپنىڭ ئاساسى تەشكىلاتلار خىزمىتى ھە ئۆز زىممىسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىن تولۇق چىقالايدىغان ياخشى ھالەت تەدرىجى شەكىللەندى.
3.ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشتىكى ئاساسلىق تەلەپ
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسى بىلىملىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،سىياسى پەرق ئىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ،سىياسىيدا پىشقان،كەسىپتە يىتىلگەن،مەيدانى مۇستەھكەم،بايرىقى رۇشەن،سۆزلەشكە،باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان،بولغان ياراملىق تەربىچىلەرنى يىتىشتۈرۈپ چىقىپ،ئۇلارنىڭ «ئىناق مەكتەپ» ۋە خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشتىكى نەمۇنىلىك رولىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.
4.تەربىيلەش مەزمۇنى
(1)تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، تونۇشنى يۇقىرى كۆتىرىمىز.
ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان سىياسى-نەزەرىيە بىلىملىرى بويىچە تەربىيلەشنى چىڭ تۇتىمىز.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەپتىلىك سىياسى ئۆگىنىش تۈزۈمىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسى نەزەرىيۋى بىلىملىرى سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسى خىزمەت ئىپادىسىنى ئوقۇتقۇچىلارنى پارتىيىگە تەۋسىيە قىلىش،ئۈنۋان بىرىش،ئىلغارلارنى تاللاش خىزمىتىنىڭ ئاساسى قىلىپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسى-نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ ئۆزىنى قوراللاندۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز.
(2)ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتىمىز.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايلىق،ھەپتىلىك خىزمەت ئىپادىسى ۋە سىياسى خىزمەت ئىپادىسىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ يىللىق خىزمەتلىرىنى باھالاش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قىلىپ،جازا-مۇكاپاتنى تەڭ ئىلىپ بارىمىز،ھەق-ناھەقنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكىتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز.
(3)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنى مۈكەممەللەشتۈرۈپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت تەقسىماتىدا «ئۈچ ئىنىق بولۇش»«يەنى سىنىپى ئىنىق بولۇش،مەكتەپ ئىچىدىكى قوشۇمچە ۋەزىپىسى ئىنىق بولۇش،ھەپتىدە ئۆتىدىغان دەرىس مىقدارى ئىنىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيەت دائىرىسنى كونكرتلاشتۇرىمىز.
(4)تەربىيلەش شارائېتىنى ياخشىلايمىز.
ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، مەكتەپ مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيلەش بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ تەربىيلىنىشىنى بىرلەشتۈرىمىز. مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيلەش، مۇستەقىل ئۆگىنىش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا تولۇقلاش، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل تەربىيلەش شەكىللىرىنى قوللۇنۇپ، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىمىز. قائىدە- تۈزۈملەرنى ئەتراپلىق تۈزۈپ چىقىپ، تەربىيلەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
(5)تەربىيلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولغان باشقۇرۇش قائىدە تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەربىيلەش خىزمىتىگە بولغان مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىمىز. بارلىق ئوقۇتقۇچىلاردا ئۆگىنىش خاتىرىسى بولۇش، تەربىيلەش دەرسلىكى بولۇش، تەربىيلەشكە مۇناسىۋەتلىك قوللانما- خاتىرىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئىشلەپ مېڭىش، ئۈنۈم بولۇش، ئۆگەنگەنلىرىنى ئوقۇتۇش خىزمىتىدە جانلىق قوللۇنۇش، ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش تەلىپىنى قويۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىمىز.
(6)ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشتە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان بىر تەرەپلىمىلىك ھادىسىسىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىمىز.مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى سىياسىيدا،كەسپتە ئاجىز بولغان ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا نۇقتا بىكىتىپ دائىرىنى يىتەكلەش،مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى يىتەكلەشنى ھۆددىگە ئىلىش قاتارلىق خىزمەت ئۇسۇللىرى ئارقىلىق،بىر قىسىم ئاجىز ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا يىتەكچىلىك قىلىش،ياردەم بىرىش،تەربىيلەش،سۆھبەتلىشىش،سىردىشىشنى ئاساس قىلىپ،ئۇلارنىڭ خىزمەت جەريانىدىكى ئوڭايسىز كەيپىياتىنى يىڭىشكە ياردەم قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۆزىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى تىكلىشىگە ياردەم بىرىمىز.
(7)يىڭى،ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىمىز.يىڭى ياش ئوقۇتقۇچىلار بولسا مەكتەپ تەلىم-تەربىيە،ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق تايانچى ھەم مەكتەپ كەلگۈسى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ تايانىچلىرىدۇر.شۇڭا مەكتەپ بۇ خىل خىزمەتكە قارىتا رەھبەرلىكنى ھەقىقى كۈچەيتىپ،يىڭى ئوقۇتقۇچىلارنى كەسپى جەھەتتىن يىتەكلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلار بىلەن سىردىشىش،سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق،ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ،ئۇلارنى خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋات تارىخى مۇساپە جەريانىغا پائال قاتناشتۇرىمىز.