xxxمەكتەپنىڭ x-يىللىق بىخەتەرلىك خىزمىتى لاھىيسى
مەكتىپىمىزنىڭ بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش پىلانىدىكى تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،مەكتىپىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرى سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،تۈرلۈك ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ،يىزىمىزنىڭ بۇ يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نىشان ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن،مائارىپ ئىدارىسى تۈزۈپ تارقاتقان «xxx ناھىيلىك مائارىپ سىستىمىسىنىڭ بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى»نىڭ روھىغا ئاساسەن،مەكتىپىمىزنىڭ ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ،xxxمەكتىپىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى لاھىيسىنى تۆۋەندىكىدەك تۈزۈپ چىقتۇق.
1.ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىلەر
ئىلمى تەرەققىيات قارىشى ۋە «بىخەتەر تەرەققى قىلىش»نى يىتەكچى قىلىپ،«بىخەتەرلىك مەسئۇلىيتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە»دەيدىغان ئاساسى تىمىنى چۆرىدەپ،تىنىچ-ئامان مەكتەپ،ئىناق مەكتەپ قۇرۇلىشىنى يادرو،بىخەتەرلك قارىشىنى كۈچەيتىپ بىخەتەرلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا يۈزلىنىپ،ئۇلارنى چۈشىنىدىغان،ئوڭايلا قاتنىشالايدىغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ،شەكلى كۆپ خىل،مەزمۇنى مول بولغان تەشۋىقات پائالىيەتلىىرنى قانات يايدۇرۇپ،«بىخەتەر تەرەققى قىلىش»،«بىخەتەرلىك بىرىنچى،ئالدىنى ئىلىش ئاساس،ئۈنۋىرسال تۈزەش»تىن ئىبارەت ئىلمى ئۇقۇمنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ،بىخەتەرلىك ساۋات تەربىيسى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۆزىنى قوغداش تەربىيسىنى دائىمى ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ چىڭ تۇتۇپ،كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىڭى ۋە ئۆزى مۇداپىئەلىنىش،ئۆزىنى قۇتقۇزۇش،ئۆز-ئۆزىنى ھىمايە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ،پائالىيەت ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئايلىق خىزمەت ئارقىلىق يىللىق خىزمەتكە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
2.خىزمەتلەرنىڭ كونكىرت مەزمۇنى ۋە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى
1) 2-ئايدىن 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ:
تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ.①مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىڭباشتىن تەرتىپكە سىلىنىپ،مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا قاتلامدىكى رەھبىرى خادىملىرى ۋە غوللۇق ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ،مەسئۇلىيەت كىشى بىشىغىچە كونكرتلاشتۇرۇلىدۇ. ②مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە ئائىت تۈرلۈك پىلان-لاھىيەلەر(مەكتەپنىڭ ماۋسۇملۇق بىخەتەر ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىش پىلانى،يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت پىلانى ۋە مانۋىر پىلانى،جىددى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمەت پىلانى ۋە مانۋىر لاھىيسى،ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت پىلانى ۋە مانۋىر پىلانى،يىمەكلىك بىخەتەرلىكى پىلانى ۋە تەشۋىق-تەربىيە پىلانى،بىخەتەرلىك تەشۋىقات پىلانى قاتارلىق تۈرلۈك ئاساسلىق پىلان لاھىيەلەر مەكتەپنىڭ ئەمەلىيتىگە ماس تۈزۈلۈپ،مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىدە «پىلان بولۇش،پائالىيەت ئىلىپ بىرىلغان بولۇش،پائالىيەت خاتىرىسى بولغان بولۇش،مۇكاپات-جازا ئىنىق ئايرىلغان بولۇش»ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. ③مەكتەپتىكى ئامبار باشقۇرغۇچى،تەجىربىخانا باشقۇرغۇچى،تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرغۇچى،دەرۋازىۋەن،ئامانلىق ساقلىغۇچىلار بىلەن يىللىق نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىنىدۇ.مەكتەپ،سىنىپ مۇدىرلىرى،ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن 4 تەرەپلىك يىللىق بىخەتەرلىك نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىنىپ،4 تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىدىكى ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيتى يەنىمۇ كونكرتلاشتۇرۇلىدۇ.ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قاتناش بىخەتەرلىك توختامنامىسى ئىمزالىنىپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «قوش گۇۋاھنامە»(يەنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى)ئالماي تۇرۇپ ھەرقانداق شەكىلدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىشى مەنئى قىلىنىدۇ.④بىخەتەر ئوقۇتۇش ئاساسى تىما قىلىنغان رادىئو تەشۋىقاتى كۈچەيتىلىدۇ.⑤بىخەتەرلىك ئاساسى تىما قىلىنغان 3 سان قارا دوسكا ئىشلىنىپ،30 پارچە تەشۋىقات شۇئارى يىزىلىپ،مەكتەپنىڭ كۆزگە ئاسان چىلىقىدىغان جايلىرىغا ئورنىتىلىپ،قويۇق بولغان تەشۋىقات مۇھىتى بەرپا قىلىنىدۇ.⑥بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى بويىچە مەسلىھەت سوراش كۈنى پائالىيتىگە ئۇيۇشتۇرىلىدۇ.⑦مەكتەپنى قوغداش ئەترىتى قۇرۇلۇپ،ئىش تەقسىماتى ۋە مەسئۇلىيەت دائىرىسى بىكىتىلىدۇ.⑧سىنىپلارنىڭ كەينى دوسكىسى بىخەتەرلىك بىلىملىرى ساۋاتلىرى بويىچە ئىشلىنىدۇ.⑨ئالاقىدار تۈزۈم-تەدبىرلەر تۈزۈپ مۈكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.⑩مەكتەپنىڭ جىددى يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش بويىچە مانۋىر ئىلىپ بىرىلىدۇ.
2)3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىنىدۇ:
①«3.31»مۇناسىۋىتى بىلەن،مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىر قىتىملىق يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش،جىددى تارقاقلاشتۇرۇش،ئوقۇغۇچىلارنى ھاياتىنى قۇتقۇزۇش باش تىما قىلىنغان يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش مانۋىرىغا تەشكىللىنىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەر تەۋرىگەندە جىددى تارقاقلىشىش ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ.②مەكتەپ ئىچىدىكى ئاساسلىق مۇھىم ئورۇنلار،ئاساسلىق پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە توك يوللىرىغا قارىتا بىر قىتىملىق ئومۇمى جەھەتتىن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ خەۋپ ئامىللىرىنى چىقىرىپ تاشلاش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ.③«بىخەتەر تەرەققى قىلىش،ئالدىنى ئىلىش ئاساس»باش تىما قىلىنغان ئىمزا قويۇش پائالىيتىگە تەشكىللىنىدۇ. ④«بىخەتەرلىك مەكتەپتە ماڭا ھەمراھ ،مەن بىخەتەرلىكنى ئۆيۈمگە ئىلىپ بارىمەن» دىگەن تىمىلاردا مەخسۇس تىمىلىق ئەترەت پائالىيتى ۋە سىنىپ يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.⑤بىخەتەرلىك،مۇقىملىق ساۋاتلىرىدىن زىھىن سىناش مۇسابىقىسىگە تەشكىللىنىدۇ.⑥بىر قىتىملىق ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش مانۋىرىغا تەشكىللىنىدۇ.⑦«5.12»مەملىكەتلىك يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئاپەتنى ئازايتىش تەشۋىقات كۈنى پائالىيتىنى قانات يايدۇرىمىز،پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى بىر قىتىملىق يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ئۆزىنى قۇتقۇزۇش مانۋىرىغا تەشكىللەيمىز،ئوقۇغۇچىلارغا يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ ئاپەتنى ئازايتىش ئاساسى تىما قىلىنغان تۈرلۈك تەربىيە پائالىيتىگە تەشكىللىنىپ،مەخسۇس تىمىلىق سىنىپ يىغىنى چاقىرىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.
3)5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 7-ئاينىڭ باشلىرىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز:
①«بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى دەرىسخانىغا كىرگۈزۈش»،«ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىكى ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ ئۆزىنى قوغداش»قاتارلىق مەكتەپ ئىچىدىكى ئاساسى تىمىلىق تەشۋىقى-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ،بىخەتەرلىك بىلىملىرى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ ئۆزىنى قوغداش بىلىملىرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىدۇ.②بىر قىتىملىق ئاساسى تىمىلىق بىخەتەرلىك دەرىسى ئۆتۈلىدۇ.③بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش دوسكا تەشۋىقاتى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.④ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن بىخەتەرلىك ھادىسلىرىدىن ئۆزىنى ئىلىپ قىچىش مانۋىرى ياكى ئەمەلى مەشىققە تەشكىللىنىدۇ.⑤مەكتەپ ئىچىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ ئامىللىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تىپىپ چىقىپ ئۇنۋىرسال تۈزەش ئىلىپ بىرىلىدۇ. وقۇغۇچىلارغا بولغان مەكتەپ سىرتىدىكى بىخەتەرلىك تەربىيسىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.⑥دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىرىش مەزگىلى شۇنداقلا ھاۋا ئىسسىق،تۈرلۈك مىۋە-چىۋەلەرنىڭ تەدرىجى پىشىدىغان ياز پەسلىنىڭ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەربىيسىنى كۈچەيتىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىرىق-ئۆستەڭ ۋە كۆللەردە سۇغا چۆمۈلۈش،مىۋىلىك دەرەخلەرگە يامىشىپ چىقىپ مىۋە ئۈزۈش يىيىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان بىخەتەرلىك ھادىسلىرىنىڭ قەتئى ئالدى ئىلىنىدۇ.⑦ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ياخشى يىمەك-ئىچمەك تەربىيسى كۈچەيتىلىدۇ ھەم بىر قىتىملىق يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش بويىچە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش مانۋىرى ئىلىپ بىرىلىدۇ.
4)7-ئاينىڭ باشلىرىدىن 9-ئاينىڭ باشلىرىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز:
①بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەم ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن تەتىل مەزگىللىك بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش،ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىنىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلنى خۇشال-خۇرام،ساق-سالامەت ئۆتكۈزىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.②ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىخەتەر ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىش تەشۋىقات رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرىلىدۇ.③«تۆتنى ئىنىقلاش تۆتنى ئىگەللەش»خىزمەت مىخانىزىمى بويىچە،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل ئىچىدە ئىلىپ بارغان ئىش-پائالىيەتلىرى ئەتراپلىق ئىگەللىنىپ،ئۇلارغا بولغان تەشۋىقات-تەربىيە يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ،تەتىل ئىچىدە سىرتقى جايلارغا بارماسلىق،يىزا(ناھىيە)ئاتلاپ باشقا جايلارغا چىققاندا چوقۇم ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا بىرىش،يالغۇز ھەرىكەت قىلماسلىق توغرىسىدىكى تەربىيە كۈچەيتىلىدۇ.④ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇش ۋە تەكتىنى ئىگەللەش كۈچەيتىلىپ،ئۇلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدە «ئالتە زىيانداش»قا چىتىلىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىنىڭ قەتئى ئالدى ئىلىنىدۇ.⑤ئوقۇغۇچىلارغا ئەمگەك تەربىيسى كۈچەيتىلىپ،چامىسى يەتمەيدىغان ئىغىر جىسمانى ئەمگەكلەرگە قاتناشماسلىق توغرىسدىكى تەربىيە كۈچەيتىلىدۇ.⑥«7.5»ئىغىر زوراۋانلىق تىرورلۇق ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن،مەكتەپ ئامانلىقىغا بولغان باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ،«ئىش بولسا ئىشنى مەلۇم قىلىش،ئىش بولمىسا ئامانلىقنى دوكىلات قىلىش تۈزۈمى»قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ.⑦پارتىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامانلىق قوغداش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىدۇ.⑧مەكتەپنىڭ يىرىم يىللىق بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك خۇلاسە قىلىنىپ،تەجىربە-ساۋاقلار ئەتراپلىق يەكۈنلىنىپ،كىيىنكى بىر ماۋسۇملۇق بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئاساس سىلىنىدۇ. ⑨ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يىمەك-ئىچمەك تەربىيسى كۈچەيتىلىپ،ئۇلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن،سۈپىتى ئۆزگەرگەن يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك تەربىيسى كۈچەيتىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قىلىشىنىڭ ھەقىقى ئالدىنى ئالىمىز.
5)9-ئاينىڭ باشلىرىدىن 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز:
①يىڭى ماۋسۇم مۇناسىۋىتى بىلەن،مەكتەپ ئىچىدىكى مۇھىم ئورۇنلار،پائالىيەت سورۇنلىرىغا قارىتا بىر قىتىملىق ئۆزىنى تەكشۈرۈش خەۋپ ئامىللىرىنى چىقىرىپ تاشلاش خىزمىتى ئىشلىنىپ،خەۋپ ئامىللىرى ئومۇميۈزۈلۈك چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.②بىخەتەرلىكنى ئاساسى تىما قىلغان سىنىپ يىغىنى(ئەترەت كۈنى،ئىتتىپا كۈنى)پائالىيتى ئىلىپ بىرىلىپ،بىخەتەرلىك تەربىيسى «سىنىپقا كىرگۈزۈلىدۇ».③قانداق قىلغاندا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چۆرىدەپ سىنىپ يىغىنى ياكى مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ،ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك بىلىملىرى ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ④دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامانلىق قوغداش مىخانىزىمى كۈچەيتىلىدۇ. ⑤بىخەتەرلىك خىزمىتى بويىچە 3 دانە قارا دوسكا ئىشلىنىپ،40 پارچە تەشۋىقات شۇئارى يىزىلىدۇ،2 پارچە لورزۇنكا ئىشلىنىدۇ. سىنىپلارنىڭ كەينى دوسكىسى ئىشلىنىدۇ.⑥«11.9»خەلقئارا ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات كۈنى پائالىيتىگە تەشكىللىنىپ،ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ساۋاتلىرى كەڭ تەشۋىق قىلىنىدۇ،بىر قىتىملىق مەكتەپ خاراكتىرلىك ئوتتىن مۇداپىئەلىنىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش مانۋىرى ئىلىپ بىرىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىپ جىددى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.
6)11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن يىل ئاخىرىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز:
①3-يىللىقلاردىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا «بىخەتەرلىكنى ئۆزۈمدىن باشلايمەن»دىگەن تىمىدا مۇكاپاتلىق ماقالە يىزىش مۇسابىقىسىگە تەشكىللىنىدۇ.②«12.4»مەملىكەتلىك قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات كۈنى پائالىيتى مۇناسىتى بىلەن،مەكتەپنىڭ قانۇن-تۈزۈمگە مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىنى تەكلىپ قىلىپ،كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن بىلىملىرىدىن ساۋات بىرىش،مەسلىھەت بىرىش پائالىيتى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ،«قانۇن-تۈزۈمنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش»،«قانۇن-تۈزۈمنى سىنىپقا كىرگۈزۈش»ئاساسى تىما قىلىنغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە تەشكىللىنىدۇ.③«قانۇن-تۈزۈم»تەشۋىقات كۆرگەزمىسى ئىلىپ بىرىلىپ،كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئىڭى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.④ئوقۇغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك بىلىملىرى بويىچە بىر قىتىملىق مۇكاپاتلىق زىھىن سىناش پائالىيتى تەشكىللىنىدۇ.⑤مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن بىخەتەرلىك بىلىملىرى بويىچە ئىمتاھان ئىلىنىپ،ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىڭى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.⑥قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە بىر قىتىملىق رەسىملىك كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك ئىڭى ئۆستۈرىلىدۇ.
7)x-يىلى 1-ئاينىڭ بىشىدىن 2-ئاينىڭ بىشىغىچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز:
①يىڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن،ئامانلىق قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىمىز.②ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى بىر قىتىملىق جىددى ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئۆزىنى ئىلىپ قىچىش مانۋىرىغا تەشكىللەيمىز.③تەتىلگە قويۇۋىتىشتىن ئىلگىرى مەكتەپ ئىچىدىكى مۇھىم ئورۇنلار ۋە پائالىيەت سورۇنلىرىغا قارىتا بىر قىتىملىق ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ،يوشۇرۇن خەۋپ ئامىللىرىنى ئۈنۈملۈك چىقىرىپ تاشلايمىز.④مەكتەپنىڭ بىر ماۋسۇملۇق(يىللىق)بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلاپ،نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ،يىڭى بىر يىللىق بىخەتەر ئوقۇتۇش خىزمىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىمىز.⑤تەتىلگە قويۇۋىتىشتىن بۇرۇن بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەم ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن تەتىل مەزگىللىك بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش،ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىنىپ،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىلنى خۇشال-خۇرام،ساق-سالامەت ئۆتكۈزىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.⑥ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا تەتىل ئىچىدە كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش،ئوت ئوينىماسلىق،مۇز تىيىلماسلىق تەربىيسىنى كۈچەيتىمىز.⑦«تۆتنى ئىنىقلاش تۆتنى ئىگەللەش»خىزمەت مىخانىزىمى بويىچە،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل ئىچىدە ئىلىپ بارغان ئىش-پائالىيەتلىرى ئەتراپلىق ئىگەللىنىپ،ئۇلارغا بولغان تەشۋىقات-تەربىيە يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ،تەتىل ئىچىدە سىرتقى جايلارغا بارماسلىق،يىزا(ناھىيە)ئاتلاپ باشقا جايلارغا چىققاندا چوقۇم ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا بىرىش،يالغۇز ھەرىكەت قىلماسلىق توغرىسىدىكى تەربىيە كۈچەيتىلىدۇ.⑧ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇش ۋە تەكتىنى ئىگەللەش كۈچەيتىلىپ،ئۇلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدە «ئالتە زىيانداش»قا چىتىلىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىنىڭ قەتئى ئالدى ئىلىنىدۇ.⑨ئوقۇغۇچىلارغا ئەمگەك تەربىيسى كۈچەيتىلىپ،چامىسى يەتمەيدىغان ئىغىر جىسمانى ئەمگەكلەرگە قاتناشماسلىق توغرىسدىكى تەربىيە كۈچەيتىلىدۇ.⑩ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يىمەك-ئىچمەك تەربىيسى كۈچەيتىلىپ،ئۇلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن،سۈپىتى ئۆزگەرگەن يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك تەربىيسى كۈچەيتىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قىلىشىنىڭ ھەقىقى ئالدىنى ئالىمىز.
3.تەشكىلى رەھبەرلىك
يۇقارقى خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن، مەكتىپىمىزدە مەكتەپنىڭ بىخەتەر ئوقۇتۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ،خىزمەتلەر تەشكىلى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
xxx
4. ئالاقىدار تەلەپلەر
مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى نۇرغۇنلىغان ئائىلىگە چىتىلىدىغان بولۇپ جەمىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىناقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھايات كاپالەتكە ئىگە بولمىسا مائارىپتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ،كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ،مەكتەپ مائارىپ خىزمىتىدىكى بىرىنچى مۇھىم ئىش.ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە كۈچلۈك كاپالىتى،خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان مائارىپنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.شۇڭا مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسنىڭ مەزكۇر خىزمەتنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ،مەكتەپ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ،بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەستايىدىل تەشكىللەش ئىلىپ بارىدۇ.ئىلىپ بىرىلغان خىزمەتلەرنى سىستىمىلىق خۇلاسىلەپ،نەتىجىنى كىشى بىشى بويىچە تەكشۈرۈپ،تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ خۇلاسىسى ۋە رەسىملىك ئۇچۇر ماتىرىياللىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ۋاقتى-قەرەلىدە يوللاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ساۋاتى تەربىيسى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۆزىنى قوغداش تەربىيسى شۇنداقلا ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى تۈزۈم-تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن،ئۆزگەرتىش سالمىقى ياكى خىزمەتتە بوشاڭلىق قىلىپ،«كۆز بوياپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋىلىش»پوزىتسىيسىدا بولغانلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىپ،مەكتەپنىڭ ئالاقىدار تۈزۈم-تەدبىرلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ھەم خىزمەت ئورنى ئويلىشىلىدۇ.
5. يوشۇرۇن خەۋپ ئامىللىرىنى چىقىرىپ تاشلاش مەخسۇس تۈر بويىچە تۈزەش مەزمۇنى
(1) ئوقۇتۇش بىناسى،مەمۇرى ئىشخانا بىناسى،تەجرىبىخانا،قىرائەتخانا،زال ۋە فونكىسىيىلىك ئۆيلەر قاتارلىق خادىملار زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلار
(2) ماشىنا قاتارلىق باشقا قاتناش ۋاستىلىرى
(3)توك ئىشلىتىش ئۆيى(ساندۇقى)،تۈرلۈك توك يوللىرى،توك سىملىرى قاتارلىق توك ئەسلىھەلىرى
(4)تەجىربىگە ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك خىمىيىۋىيلىك دورا قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملار
(5) چوڭ بوران،قاتتىق يامغۇر،كەلكۈن،چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش،قار-بوران،تاش گۆمۈرۈلۈش قاتارلىق تەبىئى ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئاساسن ئۇچرايدىغان مەكتەپ ۋە سورۇنلار
(6)ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تەربىيسى تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈردىمۇ يوق؛ئوقۇغۇچىلار كوللىكتىپ ياتىقى،ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار،يەسلى بالىلىرىنىڭ ئارام ئىلىش ئۆيى،يىغىن زالى،كومپىيوتىر ئۆيى،خىمىيۋىيلىك بۇيۇملار ئۆيى قاتارلىقلاردا يوشۇرۇن خەۋپ ئامىللىرى ساقلاندىمۇ يوق؛تارقاقلاشتۇرۇش يولى،پەلەمپەي ۋە بىخەتەر چىقىش ئىغىزىنىڭ ئىتىلىپ قىلىش،راۋان بولماسلىق ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىۋىلىش ئەھۋاللىرى بار-يوقلۇقى،جىددى ئەھۋاللاردىن سىگىنال بىرىش يورۇتۇش چىرىغى ئەسلىھەسى بارمۇ يوق؛تارقاقلاشتۇرۇش ئىشىكىنىڭ ئىچىلىش يۆنىلىشى خاتامۇ ئەمەسمۇ قاتارلىق ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ چىقىش لازىم.