خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

«كۆپ ئىقتىدارلىق توكدان» پاتېنتقا ئېرىشتى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2015-09-10 00:31



ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ «كۆپ ئىقتىدارلىق توكدان» ى پاتېنتقا ئېرىشتى

 «كۆپ ئىقتىدارلىق توكدان» پاتېنتقا ئېرىشتى

پاتېنت گۇۋاھنامىسى

 

مۇخبىرنىڭ 9-چېسلا ۋۇچاڭ سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر مەكتەپ تولۇق كۇرس ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى چيەن ۋېيلياڭ بىر خىل كۆپ ئىقتىدارلىق توكدان كەشىپ قىلغان، بۇ توكدانغا بىر قانچە USB چېتىش ئېغىزى ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماستىن، شەكلى يېڭىچە، ئىستاكانغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، يەنە قەلەمدان، يانفون تىرىكى (جازىسى)، ئۈستەل چىرىغى، مۇزىكا قويغۇچ قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە ئىكەن. بۇ تۈرلۈك كەشپىيات دۆلەت ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان قوللىنىشچان يېڭى تىپتىكى پاتېنت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن.

چيەن ۋېيلياڭ مەزكۇر مەكتەپ دورىگەرلىك 1401-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ توكدان ئىشلەتكەن ۋاقىتتا توكداندا نۇرغۇنلىغان كەمچىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان، بولۇپمۇ يانفون بىلەن توكداننى ئايرىم-ئايرىم كۆتۈرۈپ يۈرۈشنى ئاۋارىچىلىك ھېس قىلغان. ئۇ تونۇشتۇرۇپ: «بازارلاردىكى توكدانلارنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى USB چېتىش ئېغىزى بار، مەن كەشىپ قىلغان بۇ خىل يېڭى توكداندا USB چېتىش ئېغىزى كۆپەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توكداننى كۆپ ئادەم ئىشلىتىشتەك تەلىپىنى قاندۇردى. ھەمدە بازارلاردا سېتىلىۋاتقان توكدانلارغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى تىپتىكى توكداننىڭ ئىجادچانلىقى كۆپ تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ.» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، چيەن ۋېيلياڭ كەشىپ قىلغان بۇ خىل يېڭى كۆپ ئىقتىدارلىق توكداننىڭ شەكلى ئىستاكانغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، قەلەمدان قىلىپ ئىشلەتسىمۇ، توك قاچىلىنىۋاتقان يانفوننى ئىچىكە سېلىپ قويسىمۇ بولىدىكەن. قوللىنىشچان بۇ توكدانغا يانغون پاتقۇدەك بوشلۇق چىقىرىپ لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى توكدان بىلەن يانفوننى ئايرىپ قويۇشتەك قېيىن مەسىلىنى ھەل قىلغان. قوللىنىشچان يېڭى توكدان سىرتقى قەۋىتى ۋە ئىچكى بوشلۇق قۇرۇلمىسى بويىچە لايىھىلەنگەن، بۇ خىل توكدانغا ئوخشاش بولمىغان ئىككى توك قاچىلاش سىمى ئېغىزى چىقىرىلغان، بىرسى توكدان قېپىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، توك قاچىلىنىۋاتقان ۋاقىتتا سىمنىڭ سىرتقا چىقىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يەنە بىرى توكدان قېپىنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە بىر كامار چىقىرىپ قويۇلغان بولۇپ، سىرتتىن چاتقان سىم ئارقىلىق توك قاچىلىغىلى بولىدىكەن.

چيەن ۋېيلياڭنىڭ بۇ كەشپىياتى دۆلەت ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان قوللىنىشچان يېڭى تىپتىكى پاتېنت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن. ئۇ، مەكتەپ يېڭىلىق يارىتىشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇڭا مەن بۇ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەمنى پاتېنت ئېلىش تەرەپكە تەرەققىي قىلدۇردۇم، دېدى. ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ سەن ئۇنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ: «ئالىي مەكتەپتە تۇرۇپ كەشپىيات يارىتىپ، پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ئىدىيىنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلغانلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە كېيىنكى خىزمەت تېپىش جەھەتتىمۇ پايدىلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

چيەن ۋېيلياڭ: «مېنىڭچە كەشىپ قىلىش كەسىپ بىلەن چەكلەنمەيدۇ، نېمىنى ئويلىغان بولسا، شۇنى توختىماستىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىدىيىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ تۇرسا بولىدۇ. كەشپىيات دېگەن مەسىلە بايقاش ۋە ئامال قىلىش شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش دېگەنلىك، بۇ خىل ئىدىيىنى ئۆگىنىشتە قوللانسا، ئۆگىنىش ناھايىتى راھەت بىر ئىشقا ئايلىنىدۇ. پاتېنت بىر ئادەمنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى، مەن كەشىپ قىلىش، ئىجاد قىلىشىغا ناھايىتى قىزىقىمەن. بۇ قېتىمقى پاتېنتقا ئىلتىماس قىلىشىمنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ماڭا ناھايىتى چوڭ رىغبەت بولدى، ھازىر مەن ئىككىنچى پاتېنتىمغا ئىلتىماس سۇنۇۋاتىمەن» دېدى.

 
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
 ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا - ئ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار