خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9 ئېلان قىلىندى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : سەپەر2015-07-14 20:34


ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9 ئېلان قىلىندى

ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9 نىڭ ھەقسىز ۋە شەخسلەر نەشرى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى (دۈشەنبە) ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.

تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، ئۈندىدار دۇكىنىمىزنى زىيارەت قىلىڭ.

dukan

ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.9 دىكى يېڭىلىقلار
(1) يېڭىدىن ئىككى خەت نۇسخىسى قوشۇلدى، نامى ALKATIP Alim ۋە ALKATIP Osmaniy.
ALKATIP New Font

ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق خەت نۇسخىلىرىدىكى قازاقچە ھەمزەنىڭ كودى دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە U+0674 غا ئۆزگەرتىلدى، قىرغىزچە «ﯠ» ھەرپنىڭ ئاستى قىسمى بىرخىللاشتۇرۇلۇپ تۈزىتىلدى.

(2) بارلىق خەت نۇسخىلىرى ئەسلىدىكى True type فورماتىدىن Open type قا ئۆزگەرتىلدى.
ALKATIP Font List

خەت نۇسخىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىكلىرى بولۇپ، Windows دىن باشقا يەنە Mac OS ۋە Linux سىستېمىسىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

(3) چاغاتايچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ Windows دىكى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن باشقا يەنە جۇڭگو-ئۇيغۇر دېگەن جايغىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ALKATIP Keyboard
(4) Word مۇھىتىدىكى قىستۇرما كود ئالماشتۇرۇشتىكى ئەلكاتىپ 3.9 دىن ئەلكاتىپ 5.0 گە ئالماشتۇرغاندا، ئەرەبچە يېزىقلارغا تەسىر قىلماي پەقەت ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى تەمىنلەندى.
WordTran

ALKATIP Version

ئىزاھات: ھازىردىن ئەلكاتىپ 5.9 (شەخسلەر نۇسخىسى) ئۈندىدار دۇكىنىمىزدا 25 يۈەندىن سېتىلىشقا باشلىدى، بۇ باھادا 7-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە بولۇپ، روزا ھېيتتىن كېيىن ئەسلىدىكى باھاغا قايتىدۇ. ئەلكاتىپ 5.9 (ھەقسىز نۇسخىسى) ئۈندىدار دۇكىنىمىزدا 2 يۈەندىن چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى، قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت. ئەگەر كونا نەشرىنى ئىشلىتىمەن دېسىڭىز ئەلكاتىپ 5.7 نى داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ھەقسىز نەشرىدە يېڭىدىن قوشۇلغان خەت نۇسخىسى ALKATIP Alim بار، شەخسلەر نەشرىدە يېڭىدىن قوشۇلغان ئىككى خەت نۇسخىسى بار.

تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودىنى سايىلەپ، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سالونى»نى قوشۇۋېلىڭ، ئاندىن ئاستىدىكى تىزىملىكتىن «دۇكان»نى بېسىپ كىرىڭ، ئۆزىڭىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان نەشرىنى تاللاپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

dukan

chaghatay2
chaghatay1

ئۈندىدارىمىزغا بانكا كارتىمىزنى قانداق باغلايمىز؟ دېگەن تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭ.

http://www.alimahat.com/?p=4320

چاغاتايچە كۇنۇپكا تاختىسى

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
بالامنى مەكتەپكە بەرگۈ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار