تۇرسۇن كېرىم قارچۇق
ئانا تىلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ‹يۇندا قۇدۇقى مايلىرى› توغرىسىدىكى خەۋەرنى ۋە نەق مەيداندىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان شۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ كۆڭلى ئاينىغاندەك بولدى . - شۈكرى ئاللا ،بەرگەن كۈنلىرىڭگە مىڭ قەتىرە شۈكرى ،بەندىلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەيسەن . ئانا ئۇف تارتقىنىچە ياقىلىرىنى تۇتۇپ ئۇزاق تۇرۇپ قالدى .بىردەمدىن كېيىن كۆڭلىدىن كەچكەن بىر خىيالنىڭ تۈرتكىسىدە تىكەنگە دەسسىۋالغاندەك دىڭڭىدە چۆچۈپ ئورۇق جىسمى سۇس تىترەپ قالدى .‹ يۇندا قۇدۇقى مايلىرىنىڭ بەزى شەھەرلەرگە ،چوڭ-چوڭ ئاشخانىلارغا سېتىلغانلىقى ئېنىقلاندى...... ›. ئانا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ چوڭ شەھەردە قېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئوغلىنىڭ يېنىغا بارغاندا كېلىنىنىڭ بايا تىلىۋىزوردا كۆرسەتكەنگە ئوخشاش سولىياۋ توڭلۇق، بەكلا سۈزۈك مايلارنى ئىشلىتىۋاتقىنىنى كۆرگەن ئىدى . «-ئۇلار ئىشلىتىۋاتقان مايلارغىمۇ ئەشۇ يۇندا قۇدۇقى مايلىرى ئارلىشىپ قالماۋاتقاندۇ- ھە ؟ كېرەك بولغاندا يۈگۈرۈپ چىقىپلا ئىشىك ئالدىدىكى دۇكانلاردىن شۇنداق مايلارنى كۆتۈرۈپ كىرىپ ئىشلىتىۋېرىدىكەن،ئالدىردش دەپ سىرتنىڭ تاماقلىرىنى جىقراق ئىستىمال قىلىدىكەن ئەمەسمۇ ! خۇدايىم ساقلا».ئانىنىڭ كۆڭلىنى بىر غەشلىك ،ئەنسىزلىك قاپلىۋېلىپ شۈكلەپلا قېلىۋىدى دەررۇ كۆڭلىدىن لاپ قىلىپ كەچكەن بىر خىيال ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى غەشلىك ھەم ئەنسىزلىكلەرنى كۈچلۈك قۇياش نۇرىغا يولۇققان تۇماندەك تېزلا ئۇچۇرۇپ كېتىپ يىنىككىنە قىلىپ قويدى . -مەن كۈزدە ئاشلىق ساڭغا ئۆتكۈزگەن قىچا ،گازىردىن تېخى خېلىلا بار .جىنىم بالامغا شۇ قىچىدىن مەن يەۋاتقان مايغا تىگىشىپ ئەكىلىپ ئەۋەتىپ بېرەي .باغرىم بالام ،گۆھىرىم بالام ،مەن دۆت خوتۇننىڭ كاللىسىغا نىمىشكە شۇ ئەقىل بالدۇرراق كەلمىگەندۇ ھە ؟ ئانا ئاشلىق ساڭغا بېرىپ 10 كىلو قىچا مېيى ئەكىلىپ مىڭ تەستە ناھىيە بىكىتىگە كەلدى.ئوغلى خىزمەت قىلىدىغان چوڭ شەھەرگە بارىدىغان ئاپتۇۋۇزنىڭ شوپۇرىنى نەچچە ئادەمدىن سوراشتۇرۇپ يۈرۈپ ئاران تېپىپ قولىدىكى بىر توڭ ماينى شەھەردىكى ئوغلىغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۆتۈندى . -ئاپىرىپ بېرىش ھەققى ئۈچۈن 20 سوم بېرىسىز ھەدە ،دىدى شوپۇر مۇلايىملىق بىلەن . -نىمە ؟ ،20 سومما !؟ ئانا دەماللىققا قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي مەڭدەپ قالدى .20 سومنى شوپۇرغا بېرىۋەتسە يېزىسىغا قانداق كېتىدۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ 20 سوم پۇل ئۇنىڭ خېلى خىراجىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىۈان تۇرسا ؟! !ئوغلۇمدىن ئېلىۋالامسىزيا ،دىمەكچى بولدىيۇ يۈزى چىدىمىدى .ئانا ئېڭىشىپ سولىياۋ توڭنى ئاستا كۆتۈرۈپ كەينىگە ياندى . -ھەدە ! ئانا ئىتتىك كەينىگە قارىدى ،ئۇنىڭ شوپۇر بالىغا قارىغان كۆزلىرى ئاللاقاچان ياشلىنىپ بولغان ئىدى .شوپۇر قولىنى ئانا كۆتۈرۈۋالغان توڭغا سۇنغىنىچە ئىلدام كېلىپ توڭنى ئالدى . -ئوغلىڭىزنىڭ تېلىفون نومىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ شەھەرگە ئاز قالغاندا تېلىفون قىلىمەن .خاتىرجەم بولۇڭ ھەدە .ماينى ئوغلىڭىزنىڭ قولىغا بېرىمەن . -رەخمەت بالام، رەخمەت .خۇدايىم بەختىڭىزنى بەرسۇن .ئاق يول بولسۇن . بىر نەچچە كۈندىن كېيىن شەھەردىكى ئوغلى ئانىسىغا تېلىفون قىلدى ،تىنىچلىق سوراشقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن ماينىڭ تەمىنىڭ ئىنتايىن تېتىملىقلىقى لىكىن بۇسىنىڭ جىق ھەم كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى، كېيىكى قېتىم ئەۋەتكەندە چوقۇم چۈچۈتىۋېتىپ ئاندىن ئەۋەتىشىنى ئەسكەرتىپ قويدى . -يېرىمىزدىن چىققان قىچىنىڭ مېيى بولغاندىكىن تەملىك بولىدۇ جىنىم بالام ،سەن بۇنى ئوبدان بىلىسەن ئوغلۇم ،سىلەرگە تېتىغانلىكى بولسا مىنىڭ ھاردۇغۇم چىقىدۇغۇ قوزىلىرىم .....ئانا ئوغلى تېلىفوننى قويىۋەتكەندىن كېيىن تۇرۇپكىنى قىيمىغان ھالدا ئاستا قويغىنىچە ئۆز-ئۆزىگە ئاستا شىۋىرلىدى . - ئاللا بەندىلىرىڭنىڭ ئەقلىنىڭ بۇلغۇنۇپ كېتىشىدىن ساقلىغايسەن . ئانا ئايدا ھىچ بولمىغاندا 5 كىلو بولمىسا 10 كىلودىن ماينى ئاۋال راسا چۈچۈتۈۋېتىپ ئاندىن ئوغلىغا ئەۋەتىپ تۇردى .شەھەردىكى ئوغۇل-كىلىنى بۇ تەييار يەرلىك مايغا بەكلا كۆنىۋالدى . بىر كۈنى ئانا ئوغلىنىڭ ئۆيىگە تېلىفون قىلىپ ، ئۇنىڭ خېلى كۈنلەرنىڭياقى تېلىفون قىلمىغانلىقى ،بۇنداق قىلسا بەكلا ئەنسىرەپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆز يېشى قىلدى ،ئاندىن ، -بالام ھۆلىدىكى مىۋىلەرنىڭ باش بۇندى پىشىپ ،سەي-كۆكتاتلىرىمۇ يىگۈدەك بوپقالدى ،ھەممىڭلار دەقەمتى بىر كېلىپ شۇ نەرسىلەرگە ئېغىز تېگىپ،يېنىمدا بىر نەچچە كۈن بولسىمۇ تۇرۇپ كەتسەڭلار بوپتىكەن ،دەپ ئۆتۈندى . -ھازىرچە خىزمەت سەل ئالدىراش ئاپا ، بارالمايمىز ، دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ئوغلى ئاغزنىڭ ئۇچىدىلا ئېسىلىپ تۇرىدىغان ‹ئالدىراش ›سۆزىنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ ،بىزنىڭغۇ ئەلۋەتتە يېنىڭغا ھازىرلا ئۇچۇپ بارغىمىز ،باغدىكى شۇ مەي باغلاپ پىشقان يەرلىك مىۋىلەردىن ،ھويلىدىكى سەي-كۆكتاتلاردىن ئېغىز تەككىمىز ،يىگۈمىز بار ، ئامال بولمايۋاتىدۇغۇ شۇ.كۆڭلىڭنى چۈشىنىمەن ئاپا ،بىزگە يىگۈزمەي ،ئېغىز تەككۈزمەي تۇرۇپ سېنىڭ گېلىڭدىن ئۆتمەيدۇ ئەلۋەتتە .بولمىسا ھويلىنىڭ شۇ يەرلىك مىۋىلىرىدىن ، سەي-كۆكتاتلاردىن يىشىككە قاچىلاپ ماي ئەۋەتكەنگە ئوخشاش ئەۋەتىۋەتسەڭمۇ بولىدۇ ئاپا .ئۆزەڭمۇ بىلىسەن ،بۇ يەردە سېتىلىۋاتقان مىۋىلەرگە چېچىكىدىن باشلاپلا دورا چېچىشنى باشلىغان ، سەي-كۆكتاتلىرىنىغۇ دىمەيلا قوياي ئاپا ،ئەمدىلا چۈشكەن تەرخەمەكلەرگە كەچتە بىر ئوكۇل ئۇرۇپ قويسا ئەتىگىنى بازاغا ئەكىرگىدەكلا بولىدىكەن ئەمەسمۇ ،شوخۇلىلارمۇ شۇ ......كۈندە يىيىشىمىز خىمىيەۋى ئوغۇتلا بولۇپ كېتىۋاتىدۇ دىگىنە ئاپا..... ئانا ئەمدى ئۇلارنىڭ مىۋە-چىۋە ،سەي-كۆكتاتلىرىدىن ئەنسىرەپ قالدى ،ۋۇجۇدىنى بىر خىل ئەنسىزلىك قاپلىۋالدى .ئۇ ئاۋال خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئوغلىنىڭ ئەتە سەھەررەك تۇرۇپ ئۆزىگە ياردەملىشىپ ئۈرۈك ئۈزۈپ بېرىشىنى تاپىلاپ قويۇپ قايتىپ چىقتى . ئانا ئەتىسى سەھەردىلا ئونىدىن تۇرۇپ قازناق ئۆيدىن ئىككى يەشىكنى تېپىپ چىقتى، ئاندىن يىگۈدەك بولغان تەرخەمەك ،مۇچ ،قىزارغان شوخلىلارنىڭ ھەممىسىنى ئېتەكلىرىگە تولدۇرۇپ ئۈزۈپ ئەكەلدى ،يۇمران كەرەپشە ،كۈدىلەرنىمۇ تەييار قىلدى ،ئاڭغىچە خوشنىسىنىڭ بالىسىمۇ كىردى ئانا ئۇنىڭغا ھويلىدىكى ياغلىما ئۈرۈكتىن بەك پىشىپ كەتمىگەن ،چىڭلىرىنى تاللاپ بىر يىشىك ئۈزگۈزدى ئاندىن بالىنغا مەي باغلاپ پىشقان بىر جاۋۇر ئۈرۈكنى تۇتقۇزۇپ يولغا سالدى.ئانا تەييالىقلارنى قىلىپ بولۇپ قوتانغا كىردى .قوتاندىكى يۇڭلىرى خۇددى قوتانغا ئەمەس ئايۋان-سارايلارغا سولاپ بېقىۋاتقاندەك پاكىز،پاقىراپ تۇرىدىغان ،ئانا قوزا چېغىدىن تارتىپلا ئۆزى بىر قوللۇق تۈجۈپىلەپ بېقىۋاتقاشقا ،خۇددى ھەمراھىدەك ،سىردىشىدەك بولۇپ قالغان ،ئامراق ئىككى پاقلىنى ئىتتىك ئوقۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇلايىم، ئۆزلىرىگە بەك كۆيۈنىدىغان خوجايىنىغا تۇمۇشۇقلىرىنى سەل كۆتۈرۈشۈپ ،نېپىز كالپۇكلىرىنى يالىشىپ، ئۇچلاپ ،تەلمۈرۈپ قاراپ كېتىشتى .ئانا پاقلانلىرىغا كېپەكلىك قىلىپ ھەلەپ ئېتىپ بېرىۋىتىپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن بېكەتكە ئالدىراپ يۈرۈپ كەتتى . شەھەردىكى يىگىت يېزىنىڭ يېشىل يىمەكلىكلىرىگە ،كۆكتاتلىرىغا كۆنۈپلا قالدى .ئىشچان ،جاپاكەش ئانىنىڭ ئەجرىگە تۇپرىغىمۇ ناھايىتى مۇنبەت ئىدى .ئىشىك ئالدىدىلا ئۆستەڭ بولغاچقا ھويلىغا سۇ باشلاش ئانا ئۈچۈن تەسكە توختىمايتتى .تەرخەمەك ،مۇشلارغا سۇ قۇيۇپ قويسىلا ئۈزۈلمەي چۈشىۋېرەتتى ، شوخلىلارمۇ بەس-بەستە قىزىرىپ كەتتى .ئانا بالىسىغا ئەۋەتىپ ئېشىنغان مۇشلارنى، شوخلىلارنى ھويلىسىنىڭ ئەڭ كۈن چۈشىدىغان يېرىنى پاكىزە تازىلاپ، تاختاينىڭ ئۈستىگە يېيىپ قۇرۇتتى ،تۇيۇقسىز كەلگەن بىر نەچچە قېتىملىق ئۆتكۈنچى يانغۇر جاپاكەش ئانىنى خېلىلا يۈگۈرتىۋەتتى .چۈنكى مۇش ، شوخلىلارنىڭ قېقىغا يامغۇر چۈشسە رەڭگىنىڭ قارا بولۇپ قالىدىغىنىنى ئانا ئوبدان بىلەتتى،جاپادا قۇرۇتۇپ ئەۋەتكەن قاقلىرىنىڭ رەڭگىنى بالىلىرىنىڭ ياراتماي قېلىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيتتى.كۈز كىردى .ئەتىگەن ئاخشامنىڭ ھاۋاسى گەجگىنى قورۇغىدەك سوۋۇشقا باشلىدى . ھويلىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى باراڭدا يېشىل كىمخاپقا مىققىدە قىلىپ پاتۇرۇپ قويغان قىزىل مەرۋايىتتەك جۇلالىنىپ تۇرغان ، ئېلىپ ساتارلارنىڭ ،يەل-يىمىش يۆتكەيدىغانلارنىڭ كۆزى چۈشۈپ ھويلىغا نەچچە قېتىم كىرسىمۇ ئۇلارنى چىرايلىققىنە يولغا سېلىپ قول تەككۈزمەي ساقلاپ كەلگەن ئۈزۈملەرگە قارىغان كىشىنىڭ ئاغزىغا غۇژژىدە سېرىق سۇ كەلمەي قالماتتى .ئانا شەھەردىكى ئوغلىغا شۇ ئۈزۈملەردىنمۇ ئېرىنمەي ئىككى قېتىم ئەۋەتتى . شەھەردىكى ئوغۇل ئانىسى ئەۋەتكەن مۇش ، شوخلىلارنىڭ قېقى ۋە ئۈزۈملەرنى ئېلىپ بەكلا خوشال بولدى، ئانىسىغا تېلىفون ئېلىپ رەھمىتىنى ئېيتىپ ،ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە ئامانلىق تىلەپ چۈڭۇلداپ سۆزلەپ كەتتى ،ئاخىرىدا ئاللا خالىسا كېلەر يىلى يانۋارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا نەۋرىلىك بولىدىغانلىغىنى ئېيتىپ ئانىسىنى قەۋەتلاخوش قىلىۋەتتى ،بۇ خوش خەۋەردىن ئانىنىڭ بېشى كۆككە يەتتى .ئىچ-ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان خوشاللىق جاپاكەش ئانىنىڭ قورۇق باسقان ،ياداڭغۇ چىرايىغا تېپىپ چىقتى ،كۈلۈپ تۇرغان كۆزىدىن ئاققان خوشاللىق يېشى ماڭزىنى بويلاپ سېرىلماڭتا ئىدى . -ئاللا شىپاتلىق بەرسۇن ،ئاللا گۈل قىزىمنغا ئاسانلىق بەرسۇن ،جىنىم بالىلىرىم .ئانىنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ چىقتى . -ئانا ،شۇ چاغدا مەن بىرەر ھەپتە بۇرۇنراق يېنىڭغا بېرىپ سېنى ئەكەلگەچ يەرلىك قويدىن بىرەرنى سويدۇرۇپ كېلەرمەن .قىش ،ھاۋا سوغۇق بولغاندىكىن كەلگىچە ھىچنىمە بولمايدۇ دىگىنە .ئاساسلىقى سېنى ئويلاۋاتىمەن ئاپا ،سەن بۇ يەردىن ئالغان گۆشلەرگە چوقۇم كۆنەلمەيسەن ،ئاغزىڭغا پەقەتلا تېتىمايدۇ .ئۇ گۆشلەرگە قارىساڭ بۇژۇلداپلا تۇرغاندەك .يۇرتىمىزدىكى بىر قوللۇق باققان قويلارنىڭ گۆشىدەك قۇۋۋەتلىك ، تەملىك ئەمەس .بىزنىڭ ئۆيدە ئارام ئالغاچ شۇ گۆشلەرنى شورپا قىلىپ يىمەمسەن ئاپا ... مايتاغ نېفېت خېمىيە سانائىتى شىركىتى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى تۇرسۇن كېرىم QQ: 2604031258 تېلىفون :13999714807 پوچتا نومۇر:833600
ھىكايە |


|