• خوتەن(شېئىرلار)

    يوللانغان ۋاقتى:30-03-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 36 قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
    نى ئۇلۇغ ئۆتكەن ئەزىز قەشقەر كەبى، بار قەدىم يىپەك يولى كارۋان خوتەن.

     

    خوتەن(شېئىرلار)

    ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى

    خوتەن

    (ئۇچقۇنى)

     

    تارىخى يىل قوينىدا جەۋلان خوتەن،

    يۇرت ئارا سۈرگەن خېلى دەۋران خوتەن.

    نى ئۇلۇغ ئۆتكەن ئەزىز قەشقەر كەبى،

    بار قەدىم يىپەك يولى كارۋان خوتەن.

    شوخ تىرەن ئوغۇل-قىزى،بوۋاي تىمەن،

    ئاتلىغان يۈزدىن يېشى  چولپان خوتەن.

    بولسىمۇ تەرسا مىجەز خەلقى لىكىن،

    ساددا پاك دىھقان تىگى ئىشچان خوتەن.

    تاغلىرى قاشتاش ،`گويا زەم-زەم سۈيى،

    زەر،گۆھەر ئەت تۇپرىقى بوستان خوتەن.

    بار ياڭاق،گۆشگىردىسى ،ئەتلەس،گىلەم،

    كۆر ئەنە مول مىۋىسى سۇلتان خوتەن.

    باغرىدا كۆكلەپ ھۈنە،سەنئەت، كەشىپ،

    يىلتىزى چوڭقۇر ھۆرۇ-ماكان خوتەن.

    بار قۇيۇق مىللىيچە تۈس،مىللىي پۇراق،

    بىباھا ئەنئەنىگە فونتان خوتەن.

    تىبابەت گۈلتاجىسى ھەمراھ يەنە..

    كۈي مۇقام ئەل-نەغمىسى خەندان خوتەن.

    ياق تېخى بار تەكتىدە پۈتمەس مىراس،

    ئۈنچىدەك سىر ھىكمىتى،ئوكيان خوتەن.

    ئۆز پىتى ساقلار پاناھ تەكلىماكان،

    كىرورەن شاھ ئوردىسى داستان خوتەن.

    جەم  قېنى، ۋۇجۇدىغا  توغراقچە روھ،

    تاۋلىغاي يۇرت كۆركى نى ئوغلان خوتەن.

    يۇرۇڭقاش نۇر ۋادىسى ئىقبال يۇرۇق،

    تارىتار ئەلگە سۆيگۈ گۈلخان خوتەن.

     

    نورۇز

    نورۇز بىلەن گويا جەننەت بار كائىنات،

    نۇرۇز- باھار جىمى جاندا كۆكلەر ھايات.

    يېڭىچە ئوي گۈزەل ھېسلار كىزەر ھەريان،

    خىياللارغا بىرىپ كۆكلەم سۇلماس قانات.

    ئىلى، تارىم،يۇرۇڭقاشتا ئاقار شەربەت،

    نە شەربەتكى ئاقار دىلغا ئىلھام قۇۋەت.

    سىڭىپ نورۇز يېزا-قىشلاق،دالىلارغا،

    گۈزەل يۇرتۇم،ياغار ئەمدى تۈمەن بەركەت.

     

    تۇرار ھەيۋەت يىشىل قارغاي تەڭرىتاغدا،

    ئۇچار قۇشلار ناۋا ئەيلەپ چىمەن باغدا.

    دىلدىن- دىلغا ئۆتەر سۆيگۈ،ئىللىق قۇياش

    ئاداۋەتلىك توڭ-مۇزلارنى چاققان چاغدا.

    قەشقەر خوتەن يۇرت-يۇرتلاردا چېلىش بەزمە،

    ئىتىپ نورۇز ئېشى ھەمدە ئوقار نەزمە.

    سالار ساما كىيىپ ئەتلەس،چىمەن دوپپا،

    بۈگۈن نورۇز كۆڭۈللەر شاد،كۈلەر ھەممە.



    دوپپا

     

    خەلقىمنىڭ ئىجاد، تەر ،مىھنىتى دوپپا،

    غورۇرى، پەخرى ھەم قىممىتى دوپپا.

    ئەنئەنە يۇسۇننىڭ شاھىدى بولغان ،

    بەزمە، توي ،نەزىرنىڭ ئىززىتى دوپپا.

     

    ئەقىلنىڭ جەۋھىرى بىباھا مىراس،

    ئويغۇرنىڭ ئۆزگە خاس سەنئىتى دوپپا.

    قىز-يىگىت ھۆسنىنىڭ كۆركەم جۇلاسى،

    تون،شاھى ئەتلەسنىڭ زىننىتى دوپپا.

     

    خەلقىمنىڭ سەن بىلەن ئاشتى ھەسسىلەپ،

    گۈزەللىك بابىدا ھۆرمىتى دوپپا.

    شادلىنىپ باشلىرى كۆكلەرگە يەتتى،

    سەن بولغاچ تاجۇشان-شەۋكىتى دوپپا.

     

    سەندە شۇ خەلقىمنىڭ يارقىن نامايەن،

    ئەڭ ئىسىل پەزىلەت خىسلىتى دوپپا.

    ھەركىمدىن ئۆزگىچە پەرقلىق شۇڭا،

    كىيگەچكە بىز ئۇيغۇر مىللىتى دوپپا.

     

    قىزلار

     

    قىزلار باي ھىسسىيات مىھىر -سۆيۈككە،

    قىزلار ئاي،ناز-خۇلقى مەلھەم كۆيۈككە.

    قىزلاركۈي،مۇھەببەت،ۋاپا چەشمىسى،

    قىزلا ئوت،ھارارەت چاڭقاق يۈرەككە.

     

    قىزلارتار،نازۇك چىڭ تارتىلغان گويا،

    قىزلاردەرد،يۈرەككە ئېتىلغان ئوقيا.

    قىزلار سىر؟ۋەسلىگە يەتمەك بىر ئارمان،

    قىزلارسىز كۆز-ياشلار ئاقىدۇ دەريا.

     

    قىزلارقۇت،ئەرلەرگە زىننەت،تۇتىيا،

    قىزلار گۈل،خۇشپۇراق دىللار مەھلىيا.

    قىزلار چۆل-جەزىرنى ئەيلەيدۇ گۈلشەن،

    قىزلارنىڭ قەلبى كۆل سۇ ئىچەر دۇنيا.

     

    قىزلارتوز،پەرىشتە،ئاشىق كائىنات،

    قىزلار پاك،ھايالىق،ئانا ئۇلۇغ زات.

    قىزلار تاڭ باھارى جۇت-زىمىستاننىڭ،

    قىزلارسىز جان نىمە؟ زۇلمەت بۇھايات.

     

     

    ئاپتۇر: ئوتتۇرا جۇڭگۇ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكولتىتى 2010-يىللىق قارار ئوقۇغۇچىسى ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى

     

     




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    ئابلىكىم ئەركىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 11:03 27-03-2012 كىرگەن ۋاقتى: 16:04 14-04-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار