ئادىنقى يازمىدا لوۋاغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەر ئارقىلىق تونۇشۇپ چىققان ئىدۇق. بۈگۈن بۇ ماشىنىنىڭ ئەمەلىي سىناق ۋە باھالاش ئېلىپ بارغاندىكى سۈرەتلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق مۇلاھىزە ئېلىپ بارايلى.

داۋامىنى ئوقۇش »

دىيارىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيەسى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قارىغاندا بىر ئاز تۆۋەنرەك تۇرىدۇ. كوچىدىكى ماشىنىلارغا قارىساق ئوتتۇرا دەرىجىلىك ماشىنىلاردىن كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارغىچە بولغان بۇ قاتلام ئەڭ كۆپ. لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنىلا كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ سانى كۆپ سالماقنى ئېگەللەيدۇ. 1~2 پەرزەنتلىك ئائىلە ئۈچۈن ئىخچام، قولاي، ماي سەرپىياتى تۆۋەن ھەم رېمونت قىلىش چىقىملىرى ئاز بولغان ماشىنا ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاللىشى بولالايدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان فۇشىكاڭنىڭ چىڭدۇدىكى زاۋۇتىدا 20-ماي كەچ سائەت 7 ئەتراپىدا پارتىلاش يۈز بەردى. پارتىلاشتا 2 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 3 يارىدارنىڭ يارىسى ئېغىر. پارتىلاش يۈز بەرگەن ئورۇن دەل iPad 2 نىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا دەرسىنى تۇنجى ئاڭلىغان ۋاقتىمدىن باشلاپ بۇ پەنگە شۇنداق ئىشتىياق بىلەن قىزىقىپ كەتكەن ئېدىم. ئۆزۈمچە ئۇنىڭغا بۇنى چېتىپ، بۇنىڭغا ئۇنى باغلاپ بىر نەرسىلەرنى لايىھەلەپ كېتەتتىم. ماگىنىتنى قەلەمتراشقا سۈركەپ قەلەم قۇتىسىدىن چۈشۈپ قالمايدىغانمۇ قىلىۋالغان. شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ خېمىر ماگىنىتنى ھېندىستانلىقلار يىلاننى ئۇسۇلغا سېلىۋەتكەندەك ئوينىتىۋەتتى.

داۋامىنى ئوقۇش »

مۇشۇ تېمىدىكى بىر قاتار يازمىلارنى كۆپچىلىك قىزغىنلىق بىلەن كۆرىۋاتىدۇ. سىلەرگە پايدىسى ئوبدان تەگكەن بولسا مېنىڭمۇ ھاردۇقۇم چىقىدۇ، ئەلۋەتتە. ئالدىنقى تېمىدىكى بىرقانچە ئەپلەر چوقۇم سىلەرگە ياقتى، شۇنداقمۇ؟ بۈگۈنكىسى ئۇلاردىنمۇ ئىسىل! ھەقىقەتەن پەچەت ئەپ! چۈنكى بۇ - راستىنلا پەچەت ئەپ!

داۋامىنى ئوقۇش »

تۈرمىدىن قاچۇرۇش جۇڭگودا %90 لىك نەتىجە بىلەن پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرسا كېرەك. لېكىن كۆپ قىسىم كىشىلەر ئايفوننى بازاردىن ئېلىپ تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ يوق ھېساپلاشماستىن بىلمەيلا ئىشلىتىۋېرىدىكەن. مەن بۇنداق ئادەمدىن خېلى كۆپلىرىنى ئۇچراتتىم. تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ياخشى، قاچۇرغانكەن قاچۇرغاندەك ئىشلىتىپ ئاچچىقىنى چىقارغانمۇ ياخشى. تاز بولساڭ گەدەنگىچە

داۋامىنى ئوقۇش »

ئالدىنقى تېمىدا چەكسىز دوك ئايكونىنى قانداق قىلىدىغانلىق توغرىسىدا توختالغان ئېدۇق. Cydia قۇرغۇچىسى Saurik نىڭ ئايفونىنى كۆرگەنمىدىڭلار؟ ئۇنىڭ ئايفونىدا يەنە بىر خىل ئۈنۈم بار. بەت ئۆرۈگەندە قىستۇرما رەسىمگە ئوخشاش تولىمۇ چىرايلىق ئۈنۈم پەيدا بولىدۇ. بۇ ئۈنۈممۇ ئوخشاشلا تۈرمىدىن قاچۇرغان iDevice لار ئۈچۈندۇر. ئەگەر سىزمۇ تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز بۇ ئۈنۈمنى قوشمىسىڭىز ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغان بولىسىز!

داۋامىنى ئوقۇش »

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش