دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئايفون ئويۇنى بولمىش Angry Birds نىڭ نۆۋەتتە كومپىيۇتېر ئويۇنلىرىمۇ بار. بۇ ئويۇننى ئاساسەن ياقتۇرمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. بۇنى باش تېما قىلغان ئۇسلۇبلارمۇ ئاز ئەمەس. يېقىندا Microsoft شىركىتى ئۆزى قول تىقىپ Win7 ئۈچۈن Angry Birds ئۇسلۇبىنى تارقىتىپتۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

App Store دا رەسىمگە ئۈنۈم قوشىدىغان نەرسىلەر خېلىلا كۆپ. ھەقسىزلىرىنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈكلىرى ئاز. ياخشىراقلىرىنى بولسا «كۆك»كە ئالىدىغان گەپ. بۇ ئەپ ئارقىلىق سىز رەسىملىرىڭىزگە رەڭلىك ۋە رەڭسىز تېز سىزما ئۈنىمىنى سېكونت ئىچىدە قوشالايسىز. ئۆزگىچە سىدام سىزما ئۈنىمى لازىم بولسا بۇ ھەقسىز ئەپكە مۇراجىئەت قىلىڭ!

داۋامىنى ئوقۇش »

ئايفوننىڭ ئاۋازغا ئېلىش ئىقتىدارى خېلى بوپ قويىدۇ. ئۆزىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان ئاۋاز سۈزۈش قۇرۇلمىسى بار. ئاستى ۋە ئۈستىدىكى 2 مىكروفۇن ئارقىلىق ئاۋازنىڭ ھەقىقىيلىقىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ساقلىيالايدۇ. لېكىن بۈگۈنكى بۇ قورال بولسا مۇخبىرلارغا ۋەياكى ئالاھىدە ھەرىكەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلارغا ماس كېلىدۇ. چۈنكى بۇ پەقەت ئاۋاز سېگنالى پەيدا بولغاندىلا ئاندىن ئاۋازغا ئېلىشقا باشلايدۇ.

داۋامىنى ئوقۇش »

ئايفوننى ئىشلەتكەندىن بۇيان بۇ نەرسە ئارقىلىق بىز خىيالىمىزغا كەلتۈرۈپ باقمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتۇق. بەزىلىرىگە ئاغزىمىز ئېچىلىپلا قالدىغۇ دەيمەن. بۈگۈن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم قانداقتۇر ئېگىزنى پاكار قىلىدىغان، سېمىزنى ئورۇن قىلىدىغان ئەمەس بەلكى ئۇزۇننى قىسقارتىدىغان ئەپ!

داۋامىنى ئوقۇش »

يېقىندىن بۇيان بلوگ بەكلا تاشلىنىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ يوقلاپ تۇرغان دوسلار ئالدىدا خىجىلمەن. يازىدىغانغا تېما بەكلا كۆپ. لېكىن ۋاقىت چىقماي قېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا ئالمىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ يېڭىلىقلار يۈز بەردى. بۇنى ئەسلى كۆپچىلىك بىلەن ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش ئويۇم بولسىمۇ ئىمكان بولماي قالدى. بۈگۈن 2 ئېغىز سۆزلەپ باقاي.

داۋامىنى ئوقۇش »

ROKR يازمىسى

iOS 5 تىكى ئاۋاز كونۇپكىسى ئارقىلىق رەسىم تارتىش ئىقتىدارى مەندە تولىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. شۇڭا iOS 4 تىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا رەسىمگە تارتقىلى بولامدىغاندۇ دىگەن خىيال مەندە ئىزدىنىش ئىستىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئىزدەپ يۈرۈپ ئاخىرى تاپتىم. راستىنلا مۇشۇنداق بىر ياخشى ئەپ بار ئىكەن. شۇڭا بۇنى دوستلار بىلەن بىللە پايدىلانغۇم كەلدى.

داۋامىنى ئوقۇش »

ياپونلارنىڭ بويى پاكار بولىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنىڭ تېخنىكىسى دۇنيادا ھەقىقەتەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ماشىنا ئادەم ياساشتا ئۇلار غوللۇق تېخنىكىغا ئېگە. بۇ كەشپىياتى تولىمۇ ئۆزگىچە ئىكەن. دەسلەپ كۆرگەن كىشى ئاغزىنى ئېچىپ قالغۇدەك.

داۋامىنى ئوقۇش »

iPhone نىڭ 1- ۋە 2-ئەۋلاد نۇسقىسىنىڭ ياڭراتقۇسى بەكلا ئاجىز ئىدى. 3-ئەۋلاد ئايفوندا ئاۋازى خېلىلا كۈچەيدى. 4-سىدە تېخىمۇ شۇنداق. لېكىن بۇ يەنىلا يەتمەيدۇدە. بۇ ئالما شىركىتىنىڭ iPhone نىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىشقا قۇربىتىنىڭ يەتمىگەنلىكى ئەمەس. ئەلۋەتتە باتارىيەنىڭ ئۇزۇنغا يېتىشىنى ئويلىشىش مۇھىم. بۇ نوقتىنى ئويلاپ يەتكەن ئەقىللىق كىشىلەر iBamboo Speaker دەيدىغان يېشىل «كاناي» ياساپ چىقىپتۇ…

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش