iOS 5.0.1 ئېلان قىلىندى

نەچچە كۈندىن بۇيان ھېيتلىق پەتە تۈگىمەي قالدى. دىققەت قىلسام باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەردىمۇ ھېيتلىق پەتە بىزلەردىكىدەك قويۇق ئەمەس ئىكەن. بۇ قېتىمقى پەتىدىن يەنە بايقىدىمكى، پەتە پەقەت قەشقەردىلا ئىكەن. باشقا شەھەرلەردە بىزلەردىكىدەك قوشنىمۇ قوشنا، تۇققانمۇ تۇققان، دوست-يار بۇرادەرلەر ئارىسىدا قويۇق پەتە ئوقۇشىمىز. شۇڭا نەچچە كۈندىمۇ تۈگىمىدۇ بۇ پەتە. پەتە ئوقۇغۇچە ئالمىخانلارغا iOS 5 نىڭ يېڭى نەشىرى 5.0.1 نى ئېلان قىلىشىپتۇ.

ئەسكەرتىش! مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرماقچى بولغانلار 5.0.1 گە يېڭىلىماي تۇرۇڭ!

داۋامىنى ئوقۇش »

قۇربان ھېيتلىق سوۋغا ئالغاچ كەلدىم!

ھېيتلىق سالام يوللاپ تۇتۇلۇپ قالدىم. تورداشلار ھېيتلىق يوقمۇ، دەپقالدى. ھېيتلىق قۇرۇق سالام ياقمىغانمۇ ئوخشايدۇ. قۇرۇم سالامنىلا يوللىماي 2 تال ئەپ بولسىمۇ ئالغاچ كەلدىم. ئويۇن دېگەن ساماندەك. لېكىن ئويۇنغا تۇتۇپ بېرىشتىن كۆرە قوللىنىشچان 3 ئەپنى تەۋسىيە قىلاي دېدىم. ئىشتاھانى يوغان ئېچىپ يازمىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ئەمىسە!

داۋامىنى ئوقۇش »

قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! قۇربان ھېيتىڭلار قۇتلۇق بولسۇن! ئاتا-ئانا، بالا-چاقىلىرىڭلار بىلەن بىرگە بولالىغىنىڭلارغا ھېيت تېخىمۇ يارىشىپ، شاد-خۇراملىق خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكەي. ئۆزگە يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەنلەرگە ئاللاھتىن تېخىمۇ كۆپ ئەجىر تىلەيمەن. سىلەرگە مەندىن چوڭقۇر سالام بولسۇن! ھېيتنى خۇشال-خۇراملىق، شادلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەيسىلەر. ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك! :)

قۇربان ھېيتلىق سوۋغىنى بۇ يازمىدىن كۆرگەيسىز.

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى نادىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما

ھايۋانات فوتوگرافچىلىقى – فوتوگرافچىلىق ساھەسىدىكى بىر قەدەر مۇرەككەپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش روھى تەلەپ قىلىدىغان، كۆپ كۈچ سەرپ قىلىنىدىغان ۋە تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان فوتوگرافچىلىق تۈرى. ھايۋاناتلار بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلىمىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلغىنىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىددى ئىنكاس قايتۇرۇپ ئىنتايىن توغرا بىر ئۇسۇلدا زاتۋورنى بېسىشىمىز شەرت. چۈنكى «سەل ياخشى چىقماي قالدى، يەنە بىر چىشلەپ بېرەمسەن؟» دېگىلى بولمايدۇ…

داۋامىنى ئوقۇش »

ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھات - تولغىنىش مومېنتى

«ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھ» تېمىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئىلگىرىكى يازمىلاردا «ئات كۈچى» ۋە «چىقىرىش مىقدارى» توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن. بۈگۈن ئىزاھلاپ ئۆتمەكچى بولغىنىمىز، ماشىنىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىنىڭ يەنە بىر بەلگىسى بولغان ئاتالغۇ – تولغىنىش مومېنتى.

داۋامىنى ئوقۇش »

App Store دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر توپلىمى

بىز ھەممىمىنىڭ ئىنتايىن دىققەت قىلىدىغىنى، iPhone دا ئۇيغۇرچە فونتنىڭ بولىشى، ئاندىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ بولىشى بولسا كېرەك. بۇلار بولغاندىن كىيىن ئۆزىمىزنىڭ تىلىمىزدا ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مېنىڭچە بۇ ھەممەيلەندە ئورتاق. ھازىرغا قەدەر iPhone غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلمىغىنى بىلەن، App Store دا كىتاب شەكلىدە بولسىمۇ ئۇيغۇرچە ئەپتىن 2~3 ى بار ئىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

apple-age-movie-01

پۈتۈن دۇنيادا يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئالما تېلىفونى iPhone ئىنتايىن دەۋر سۈرۈپ كەتتى. بۇ تېلىفوننىڭ تەرەققىياتى، بازار تېپىشى، مودا بولىشى … ئىشقىلىپ ھەممە نېمىسى ئىنتايىن تېز بولىۋاتىدۇ. بەزىلەر مۇشۇ تېلىفوننى دەپ بەزىلەر بۆرىكىنىمۇ سېتىشتى. بەزىلەر يېڭى نۇسقىسىنى ساقلاش ئۈچۈن چىدىر تىكىپ ئايلار ساقلاشتى … ئىشقىلىپ، جوبس باشلىغان ئالما دەۋرى بىز ياشاۋاتقان دەۋرلەردە يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى …

داۋامىنى ئوقۇش »

half-jailbreak-ios5-01

iPhone نىڭ تۈرلىرى ئاۋۇغانسىرى، تۈرمىدىن قېچىشنىڭ ئۇسۇلىمۇ ھەرخىل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. تامدىن ئارتىلىپ قېچىش، يەرنى كولاپ قېچىش، تامنى چېقىپ قېچىش، گۇندىپاينى جايلاپ قېچىش، دوختۇرنى كەلتۈرۈپ قېچىش … شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىككى كۈندىن بۇيان «يېرىم مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش» دەپ بىر نېمە چىقىپتۇ دەيدۇ …

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量



App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.2 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2011 Beta 1215 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش