iPhone دا QQ غا چىقىۋاتقانلار بىلەتتى. ئىلگىرىكى ئايفون ھەتتا كىچىك بىر پارچە رەسىمنىمۇ ئىۋەتەلمەيتتى. بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ 微信 نى قوشۇپ ئىشلىتىپ ھېرىپ كېتەتتى كىشى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان QQ نىڭ 2011 نۇسقىسىنى ئاشكارا سىناش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ بۈگۈن App Store دا سېتىشقا باشلاپتۇدەك. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقسىز!

داۋامىنى ئوقۇش »

iOS 5 تىكى بەزى يېڭىلىقلارنى ئالدىنقى تېمىمىزدا بىر قاتار ئېيتىپ ئۆتكەن ئېدۇق. ئىلشىتىپ كۆرۈش ماڭا تېخى نىسىپ بولمىغان بولسىمۇ كۆپ ئىقتىدارلارنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ئۇيەر-بۇيەرلەردىن تولا ئاڭلاپ، تولا كۆرۈپ كەتتىم. سىناق باسقۇچى ئاخىرلىشىپ ھەقىقى نۇسقىسى تارقىتىلسىمۇ ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى ئايفون بولغانلىقتىن دەرھال قاچىلىيالماسلىقىمىز مۇمكىن. ئۇ چاغقىچە سىناپ كۆرگەنلەرنىڭ ئايفونىنى كۆرگەچ تۇرايلى.

داۋامىنى ئوقۇش »

iOS 5 ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ھەرخىل يېڭىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئۇجاي-بۇجايلاردىن دىگۈدەك كۆرۈپ كەلدۇق. مەن ئۆزۈم قاچىلاپ سىناپ كۆرگەندىن كىيىن يېڭى سېستىمىنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ يېڭىلىقلارنى ئۆز ئىچىدە مۇجەسسەملىگەنلىكىدىن سۆيۈندۈم. بۈگۈن مەن دوسلارغا iPhone 4 كە iOS 5 نى قانداق قاچىلاشنى سۆزلىمەكچىمەن. ئەلۋەتتە باشقا iPhone لارغىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا سىناپ باقساڭلار بولىدۇ. ئەگەر سىزمۇ يېڭىلىقنى بالدۇرراق تېتىپ باقماقچىمۇ؟ ئۇنداقتا سىزمۇ كېلىڭ!

داۋامىنى ئوقۇش »

iPhone نىڭ بىز بىلمەيدىغان يەنە قانداق نەرسىلىرى باردۇر؟ مۇشۇ كىچىككىنە بىر پارچە نەرسىدىن مۇشۇنچىۋالا كۆپ نەرسىنىڭ چىقىدىغانلىقى كىشىنى خەجلىگەن پۇلىغا پۇشايمان قىلدۇرمايدۇدە… بۇرۇن ئايفونىمدا بار بولغان بۇ نەرسىنى بۈگۈن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلغۇم كەپقالدى. شۇنداق، ئايفوندا تورت ياساپ باقمىدۇق، لېكىن شام ئۆچۈرۈپ باققانلار بار ئىكەن…

داۋامىنى ئوقۇش »

iPhone نىڭ بىز بىلمەيدىغان، ئاڭلاپ باقمىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى ۋە قوللىنىشچانلىقى بار. بىز تېخى بۇنىڭ ناھايىتىمۇ ئاز بىرقىسمىنى ئاڭلىغان ۋە ئىشلىتىۋاتقان بولىشمىز مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە خەنلەر تاماق قۇتىسىنىڭ ئاغزىغا iPhone نى باغلاپ NFS 14 ئويۇنىدىكى بۇگاتىنى چاپتۇرغىلى تۇرۇپتۇ…

داۋامىنى ئوقۇش »

ئالدىنقى كۈنى PaPaBong ناملىق ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئويۇننى تونۇشتۇرغان ئىدىم. بۈگۈنكىسى App Store دىكى مۇشۇ ساھەدە يول ئاچقۇچى، ئەڭ دەسلەپ ياسالغان ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئويۇن.

داۋامىنى ئوقۇش »

Pah دەيدىغان ئويۇن ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئويۇننى ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىپ ئويناش بىزگە كۆپ يېڭىلىق ئىدى. Pah بۇ ئېرىقنى ئېچىپ بەرگەندىن بۇيان خېلى كۆپ قىسىم پروگراممىرلار بۇ يېڭىلىق ئۈستىدە ئىزدەنگەن ئىكەن. بۈگۈنكى تونۇشتۇرماقچى بولغان Pa Pa Bong مۇ دەل مۇشۇنىڭ مەھسۇلى!

داۋامىنى ئوقۇش »

WWDC 2011 يىغىنى ئېچىلغاندىن كىيىن iOS 5 نىڭ Beta سىناق نۇسقىسى تارقىتىلدى. پروگراممىلار ئۆزىنىڭ پروگراممىر كودى ئارقىلىق بۇ يېڭىلىقنى ئەڭ دەسلەپتە سىناش پۇرسىتىگە ئېگە بولۇشتى. iEatApples يېڭى سېستىما iOS 5 تىكى يېڭىلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپتۇدەك. ئۇلار تونۇشتۇرغان يېڭىلىق جەمئىي 154 خىل ئىكەن.

داۋامىنى ئوقۇش »

无觅相关文章插件,快速提升流量

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش