نىنجا ياپون رىۋايەتلىرىدە تەسۋىرلىنىدىغان جانبازلىققا ئىنتايىن ماھىر بولغان يوشۇرۇن قاتىل بولۇپ مۇشۇ نامدىكى ئويۇنلارھەممە جايدا قارشى ئېلىنىدۇ. نىنجا ئويۇنلىرىنى «موگو» ئويۇنلىرىنى ئوينايدىغان ۋاقىتلىرىمىزدا ئويناپ باققان بولىشىڭىز مۇمكىن. ئىلگىرى مۇشۇنداق بىر ئويۇن بولىدىغان. قىز دوستىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر قاتار ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان. داۋامىنى ئوقۇش »
تولۇق ئىقتىدارلىق ئۈن خاتىرىنىڭ نامى Moe’s Notes بولۇپ، بۈگۈن ئايفون ۋە ئايپەد نۇسخىسى تەڭلا ھەقسىز تارقىتىلدى. بۇ ئۈن خاتىرە ئۆزىدىكى ئەسلى بار بولغان، ياكى بىز ئىلگىرى كۆرۈپ باققان ئۈن خاتىرىلەرگە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ سۈرەتكە ئېلىش، ئاۋازغا ئېلىش ۋە قىسقا فىلىمغا ئېلىش ئارقىلىق بارغان جايىڭىزدا ئېنىق – ئېنىق خاتىرە قالدۇرغىلى بولىدۇ. بۇ App ئايفوننىڭ ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىدىن پايدىلىنىپ خاتىرە قالدۇرغان ۋاقتىڭىزدا ئورۇننىمۇ ئاپتۇماتىك ساقلايدىغان بولۇپ، خاتىرىنىڭ توغرىلىقى، مۇكەممەللىكىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتىرىدۇ. داۋامىنى ئوقۇش »
يەككە رېفلېكىسنىڭ لېنزىلىرى ئۈستىدە مەنىسىنى بىلىپ بولمايدىغان ھەرخىل خەتلەر، سان-سىفىرلار بار. ئىقتىدارىنىڭ كۆپ-ئازلىقىغا ئاساسەن لېنزا ئۈسىتىدىمۇ نەچچە خىل كونۇپكىلار بولىدۇ. بۇلارنىڭ مەنىسى زادى نېمە؟ قايسى خىلدىكى لېنزا بىزگە ئەڭ ماس كېلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە جاۋاپ لېنزىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان ئاشۇ سان-سىفىرلاردىنلا كېلىدۇ. مەن بۈگۈن بۇ توغرىسىدا بىر – ئىككى ئېغىز بىلجىرلاپ باقاي. داۋامىنى ئوقۇش »
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى يىپيېڭى پولو كەڭ جامائەت ئەھلى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شاڭخەي ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئېلان قىلغان بۇ پولو 5-ئەۋلاد بولۇپ، كونكىرتنى باھا ۋە پاسونلىرىنى شاڭخەيدە ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى پولوغا 1.4 لىك ۋە 1.6 لىك ئىككى خىل ماتور، 5 خوتلۇق قولخوت ۋە 6 خوتلۇق ئاپتۇماتىك خوت سەپلەنگەن 7 خىل پاسونى بار ئىكەن. زاۋۇتنىڭ كۆرسەتمە باھاسى 85 مىڭ 9 يۈز يۈەندىن 123 مىڭ 9 يۈز يۈەنگىچە. داۋامىنى ئوقۇش »
بۇ يىلقى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە ئۇقۇم ماشىنىلىرىمۇ يىللاردىكىدىن كۆپ بولدى. بىر قاراشقا ئادەم لاسۋېگاس ماشىنا كۆرگەزمىسىگە كەپقالغاندەك ھېس قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئىشقىلىپ خېلى چوڭ كۆرگەزمىلەرگە ئوخشىدى. بۇ ماشىنىمۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ئاشۇ ئۇقۇم ماشىنىلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر كوچىدا مۇشۇ ماشىنىنى كۆرۈپ قالساق ھەممە ئادەم قاراپ، ماشىنا ھەيدەۋاتقانلار ئالدىدىكى ماشىنىغا ئۈسسۈسە، پىيادىلەر ئىستولبىغا… مانى ھەيدىگەن شوپۇر بولسا مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئاخسا ھەيدەپ كەتسە …
كۆرىۋاتقىنىمىزدەك ئايفون ۋە ئايپەدتىكى iBooks دېگەن بۇ دېتال ناھايىتى نەپس ئىشلەنگەن ياغاچتىن ياسالغان كىتاب جازىسى شەكلىدە. بۇنى ئاچقىنىمىزدا كۆز ئالدىمىزدا كۆرىنىدىغىنى كىتاب جازىسىغا تىزىلغان بىر قانچە ئېلكىتابلار. لېكىن بۇ PDF شەكلىدىكى كىتابلار بولماستىن AppStore نىڭ كىتاب بازىرىدىن سېتىۋالغان كىتابلاردۇر. ئايفون ۋە ئايپەدلەرنىڭ سېستىمىسىنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن iBooks نىڭ يېڭى نەشىرى PDF نى ئوقۇيالايدىغان بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە iTunes نى ئاۋارە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىزنىڭ دىيارىمىزغا كېچىكىپرەك كېلىشى بىلەن ئوموملىشىشمۇ سەل كىيىنرەك بولىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا يەنە ئىقتىسادى ئامىللارمۇ بار. بىر قىسىم ئالمىداشلارنىڭ iTunes ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئويۇن، پروگراممىلارنى ئايفون ياكى ئايپەدلىرىگە قاچىلىيالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ توغرىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن بىرەر نەرسە بولمىغاچ ئازراق قىيىنچىلىققا يولۇقۇپتۇ. بۈگۈن بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بىر-بىرلەپ رەسىملىك چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. داۋامىنى ئوقۇش »
ئايپەد، ئايفون ناھايىتى ئىسىل IT مەھسۇلاتى. لېكىن فىلەش ھۆججىتىنى قوللىماسلىقى ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەيلى يۇتيۇب بولسۇن، مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى يوۋكۇ، تۇدوۋ تورىدىكى فىلىملەر بولسۇن، كەڭ ئوموملاشقان FLV فورماتىدىكى فىلىملەرنى فىلەش قىستۇرمىسى سافارىنىڭ ئىچىدە بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن نورمال كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق قىستۇرمىنى قاچىلىغاندىن كىيىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە بۇ قىستۇرمىنى قانداق قاچىلاشنى قولىڭىزدىن يېتىلەپ تۇرۇپ رەسىملىك چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. داۋامىنى ئوقۇش »
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار