ئايفوننىڭ رەسىمگە تارتىشقا ئائىت ئەپلىرى نۇرغۇن. لېكىن شۇ ئەپلەر ئىچىدە ئىشىنىمەنكى بۇنىڭغا ئوخشاش پەچەت ئەپتىن ساناقلىقلا چىقسا كېرەك. بەلكىم بۇ ئەڭ ياخشىسىدۇر. بۇ ئەپ زادى قانداق قىلالايدۇ؟ بۇنى يازمىنىڭ داۋامىغا قاراپ ئاندىن بىلگەيسىز.
بۈگۈن سەھەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆزۈمچە شۈك بوپقالدىم. كاللامدا، ستېۋ جوبس ئەمدى قېرىپتۇ. ئەمدىلىكتە خىزمىتىدىن ھەقىقىي ئىستىپا بېرىپتۇ. ئالمىنىڭ يېڭى ئېراسى باشلىنىدىغان بوپتۇدە، دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
ھەرقانداق بىر ئالما ئىشلەتكۈچىسىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بىر دانە Apple ID (ئالما كىملىكى) بولىشى كېرەك. بۇ كىملىك بىلەن ئالمىنىڭ ھەرقانداق يېرىدىن ھەقسىز ۋە ھەقلىق بولغان نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى، ئالمىنىڭ ھەر خىل مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ كىملىكنى قانداق ئىلتىماس قىلىمىز؟
ئالما تېلىفۇنى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېلىفۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن بىز بىلىپ بولمايدىغان نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى، تېگىگە يېتىپ بولمايدىغان سىرلارنى، چەكسىز كېڭەيتىشچانلىققا ئېگە بولغانلىقى ئۈچۈن بىزگە كۈندە يېڭىلىق بېرەلەيدىغان يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. سىز ئايفون ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز ئايفونىڭىزنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ بەلكى مەن ئۆزۈممۇ بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن.
ئىلگىرى بەزى دوسلار مېنىڭ ئايفونىمنىڭ ئۈستىدە نېمىشقا ئۇيغۇرچە ”پاسىبان“ دىن باشقا يەنە بىرتال ماشىنا ۋە ئايفوننىڭ رەسىمى بارلىقىنى سورىغان ئىدى. بۇ ئەسلى رەسىم ئەمەس. بەلكى ئايفوننىڭ ئۆزىدە بار بولغان گۈزەل ئايكونلاردىن تەركىب تاپقان Emoji كونۇپكا تاختىسىنىڭ كارامىتى…
كومپىيۇتېردا بەزى تېكىست ھۆججەتلىرىنى ئايفوندا كۆرۈشكە ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ. بۇنى مۇرەككەپ جەريانلار ئارقىلىق PDF كە ئايلاندۇرۇپ iBooks ئارقىلىق ئېلكىتاب شەكلىدە كۆرۈشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. تۆۋەندە TXT فورماتىدىكى ھۆججەتنى ئايفوندا مۇكەممەل كۆرەلەيدىغان ھەقسىز ئەپنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.
بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا WiFi دېگەن ئۇقۇم ھازىرچە يېڭىلىق ئەمەس. بۇ ئۆزى نەچچە يىللىق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغىمۇ سىڭىپ كىردى. بۇرۇن پەقەت لەپتوپلاردا بولىدىغان بۇ تېخنىكا ھازىر ئەقىللىق تېلىفونلاردا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئايفون مۇشۇلارنىڭ بىرسى. ئەمدىلىكتە intel شىركىتى WiDi دەپ يېڭىدىن بىر ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيادا پەرزەنت خۇشاللىقىدىن ئارتۇق خۇشاللىق، ئۇلارنىڭ قايغۇسىدىن ئارتۇق قايغۇ بولمىسا كېرەك. بۇنى پەقەت ئاتا-ئانا بولغۇچىلا بىلىدۇ. پەرزەنت ئاللاھنىڭ ئۇ كىشىگە ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا بايلىقى. پەيغەمبەر ئەلەيھېسسالامنىڭ ئالدىغا كەلگەن تىلەمچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھېسسالام سوراپتۇ:
-سېنىڭ ئۆيۈڭ بارمۇ؟
-بار.
-خوتۇن-بالىلىرىڭ بارمۇ؟
-بار.
-ئۇنداقتا سەن پېقىر ئەمەس ئىكەنسەن، قايتىپ ئاللاھتىن تىرىكچىلىك يولى سورىغىن، ئىزدەنگىن. پەيغەمبەر ئەلەيھېسسالام مۇشۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىكەن.
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار