www.4tadu.com
  • 1-40 كىچە بولغان رېتسىپلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ!!!

    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/75208680.html

    قىرىق بىرىنچىسى : ئاغرىق پەسەيتكۈچى ۋە ئارام بەرگۈچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار خىلىتلارنىڭ قاينىشىنى پەسەيتىدۇ.مەسىلەن : ھەببى شەۋكىران ، ھەببى شىپا ، مەجۈنى پولونىيا......

     

    قىرىق ئىككىنچىسى: ئۇخلاتقۇچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۇخلىتىدۇ . مەسىلەن ئەرقى كۆكنار، داۋائى ئادەمگىياھ ، ئەرقى شىرە مۇرەككەب.....

     

  • ھەممىنى بېراقلا يوللاش مۇمكىن بولمىغاچقا ئىككىگە بۆلۈپ يوللاندى . بىرىنچى قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ! http://www.blogbus.com/kukyal-logs/75617438.html

     

     

    ئەزالار شېرىكچىلىكىدىن بولغان باش قېيىش

     

     بۇ خىلدىكى باش قېيىش بالىياتقۇ ، دوۋسۇن ، بۆرەك ، پۇت- پاقالچاقلار ۋە قورساق سېرىقئەت پەردىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .

  • كۆز قاراڭغۇلىشىش ۋە باش قېيىش

     ئورنىدىن تۇرغاندا كۆزنىڭ قاراڭغۇلىشىشى كۆز  قاراڭغۇلىشىش دەپ ئاتىلىدۇ . پۈتۈن ئەتراپتىكى نەرسە ئايلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنۈش باش قېيىش دەپ ئاتىلىدۇ  .

     

     ئۇمۇمىي سەۋەبى

  • مېۋە شەربىتى ئىچىملىكلىرىدە ‹‹شەربەت ››يوق

    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74073216.htmlبىرىنچى قىسمىغا بۇ يەردىن كىرىڭ:

    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74170149.htmlئىككىنچى قىسمىغا بۇ يەردىن كىرىڭ :  

    ئىلگىرى مەن يەسلىدىكى بالىلارغا مىۋە شەربىتى ياساش ئۇيۇنىنى كۆرسەتكەن ئىدىم .

    لىمۇن شەربىتى مۇنداق ياسىلىدۇ :

     ئالدى بىلەن 4- نۇمۇرلۇق سېرىق رەڭنى سۇدا ئېرىتسەك ، ناھايىتى چىرايلىق لىمۇن رەڭگىگە ئۆزگىرىدۇ . ئۇنىڭغا يەنە چۈچۈمەللەشتۈرگۈچى ماددا ۋىتامىن س  بىلەن لىمۇن كىسلاتاسىنى تۆكۈپ ، ئۇنىڭ  ئۈستىگە ئۇنىڭ بىر قىسمىدىن كۆپرەك مېۋە شىكىرى ئارىلاشتۇرساق

  • ئاق خۇننى توختاتقۇچى ۋە ھەيزنى نورماللاشتۇرغۇچى رېتسىپلار

     

    كۆك بۇيا ئۇرۇقىدىن ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 3-5 دانىغىچە 10 كۈن ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئاق خۇن نورمالسىز  كېلىشنى داۋالايدۇ .

     

    ئەسكەرتىش : بۇ دورىنى ئىچىش جەريانىدا باش قېيىش ، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە

  • ئەۋرىشىم ۋە ئەۋرىشىمنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى 

     

    بۇ پىلە پەرۋانىسىنىڭ غوزىسى بولۇپ ، تېبابەتتە ئەۋرىشىم نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

     

    ئىشلىتىشتە پىلە غوزىسىنى تازىلاپ ، قۇرتىنى ئېلىۋېتىپ ، قىرقىپ ئىشلىتىلىدۇ.

     

    خىمىيىلىك تەركىبى: ئۈجمە يۇپۇرمىقىدا بېقىلغان پىلە غوزىسىنىڭ تەركىبىدە سۇ ، كۈل ماددىسى ، %91 ئاقسىل ۋە تالالىق ماددىلار بار.

     

  • ئۆزىگە خاس ۋە ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە رېتسىپ تۈرلىرى

     

    بىرىنچىسى : توقۇلمىلارنى ئويغۇچى ، زېدىلەندۈرگۈچى رېتسىپ ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە تارقاتقۇچى قۇۋۋەتنىڭ ئارتۇقلىقىدىن توقۇلما ۋە ئەزانى يوق قىلىدۇۋە گۆشىنى يەيدۇ ، مەسىلەن : مەلھىمى ئىسپىداچ، سۇفۇفى مۇدارسەنگى، مەلھىمى تەنبا.....

     

    ئىككىنچىسى : شورىغۇچى رېتسىپ؛ بەزى رېتسىپلار ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقى ۋە سۈمۈرۈشچانلىقى تۈپەيلىدىن خىلىت تەركىبىدىكى ھۆللۈكنى تارتىپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماددا بەدەندىن ئوڭاي چىقىدۇ. مەسىلەن : ئەتتۇسى (چۈشكۈرتكۈچى) مۇقەۋۋى دىماغ ،

  • كۆپ ئېھتىلام بولۇشنى توختاتقۇچى يەككە رېتسىپلار

    ئېھتىلام ۋە ئاق خۇنلاردا سۇڭپىياز ئۇرۇقىنى سۇقۇپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر مىسقالدىن قايناقسۇ بىلەن ئىچىلىدۇ.

     

    جىنسىي ئاجىزلىق سەۋەبىدىن بولغان ئېھتىلامدا پىچەكگۈلدىن ئىككى سەر ، نىلۇفەر ئۇرۇقىنىڭ ئېتىدىن بىر سەر ، توشقان زەدىكى بىر سەر بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئۈچ مىسقاللىق كۇمۇلاچ ياساپ ، ھەر قېتىم بىر كۇمۇلاچتىن سۇس تۇزلۇق سۇ بىلەن ئىچىلىدۇ . مىقدارى : 0.3 ـــ 1 سەر.

  •  

    ئەگەر مەن شاراب ئىچىپ ، تاماكا چېكىپ ، خوتۇن – قىزلار بىلەن قالايمىقان ئوينىغان  بولسام ، 86 ياشقا كىرىپ ھازىرقى دۇنيانىڭ راھىتىنى كۆرمىگەن بولاتتىم – دەپتۇ بوۋاي يېنىدىكى كىشىگە .

    ياخشى ياشاپسەن ، - دەپتۇ  يەنە بىر بوۋاي ، - مەن 93 ياشقا كىردىم ، ئۆمۈر بويى ھەسەل ، قارا ئاشلىق ، سۈت ، مېۋە – كۆكتاتلا ئىستىمال قىلىپ كەلدىم.

    دادام ماڭا ئەگەر ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەي دېسەڭ ـ دەپ گەپكە ئارىلىشىپتۇ  ئاپئاق چاچلىق بىر كىشى

  • كىمىكى قان سىيىدىغان بولۇپ قالسا ، پىيازنى پىشۇرۇپ ، ھەسەلگە مىلەپ يەپ بەرسە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

    بۇرۇن قانىغاندا داۋا : كىرپە تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ ، كۈلىنى بۇرۇنغا پۈركۈپ بەرسە قان توختايدۇ ، يەنە داۋا:

    ئېلان بېشى مونچاقنى (:)  كۆيدۈرۈپ ، يۇمشاق سوقۇپ بۇرۇنغا پۈركۈپ بەرسە ، قان توختايدۇ. يەنە داۋا : كۈنجۈت يېغىنى ئۇپا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاندىن بۇرۇننى پاكىز يۇيۇپ ، بۇرۇنغا تۇتۇپ بەرسە قان ناھايىتى تېز توختايدۇ.

    چىش ئاغرىقىغا داۋا: بىر مىسقال قارىمۇچنى سىركە بىلەن قاينىتىپ ، سۇۋۇتۇپ ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە چىش ئاغرىقى توختايدۇ . يەنە داۋا: پىششىق سىڭىزنى سۇ بىلەن قاينىتىپ  ئېغىزغا ئېلىپ بەرسە ، چىش ئاغرىقى توختايدۇ .

  • جامالىدىن ئاق سارايى

    جامالىدىن ئاق سارايى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بارلىقىنى سەرىپ قىلغان بۈيۈك ئەللامەلەرنىڭ بىرى بولۇپ , ئۆزىنىڭ مەشھۇر تىببىي ئەسىرى <<ئاقسارايى>>بىلەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخىدا تىگىشلىك ئورۇن ئالدى .

    ئالىمنىڭ قاچان , قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە تېخى ئىشەنچلىك بىر ماتېرىياللار تېپىلغىنى يوق , بەزىلەر ئۇنى <<ئىستانبولنىڭ ئاقساراي دىگەن دىگەن يېرىدا تۇغۇلغان >>,دەيدۇ .ئەمما ئىشەنچلىك مەلۇما ت يوق . بەزى ماتېرىياللاردا <<بۇ كىشىنىڭ 11-ئەسىرنىڭ ئاياغلىرىدا تۇغۇلغانلىقى مەلۇم >>دەپ يېزىلغان بولسىمۇ

  • 1. قورساقنى كۆپتۈرىۋىتىدىغان يىمەكلىكلەر  
    بەزى يىمەكلىكلەر ھەزىم قىلىش جەريانىدا كۆپ مىقداردا گاز ھاسىل قىلىپ ، قورساقنى كۆپتۈرۈپ ، نورمال ئۇخلاشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ . مەسىلەن : پۇرچاق ، كاللەك يىسۋەلەك ، باش پىياز ، يېشىل كۆكىس ياڭىقى ، كۆك مۇچ قاتارلىقلار .
    2. ئاچچىق يىمەكلىكلەر مۇچ ، سامساق ، باش پىياز قاتارلىق ئاچچىق يىمەكلىكلەر كىشىلەرنىڭ ئاشقازىنىنى قىزىتىپ ۋە ھەزىم قىلىشنى ناچارلاشتۇرۇپ ، ئۇيىقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

  • كۈندىلىك تۇرمۇشتا چايدىن ئايرىلالمايمىز . چاينىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ، پىروۋىتامىن a ، p، e، c، b.1، b.2، كوفى ئىشقارى ، فىنول قاتارلىق تەركىبلەر مول بولۇپ ، بەدەندىكى ياغنىڭ ئالمىشىشىنى ياخشىلاپ ئارتىرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، بەدەننى ھەر خىل ۋىتامىنلار بىلەن تەمىنلەيدۇ .مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ ، ئۆپكىنى سىلىقلاشتۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ ، زەھەر قايتۇرىدۇ

  •  پۈتكۈل يەرشارىنى قاپلىغان 6 چوڭ يىمەكلىك بىلەن داۋالىنىش ئۇسۇلى

    1. قىزىل چاي يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    ياپۇنيىلىك ئالىملار ئادەتتىكى قىزىل چايدىن سۇسراق قىزىل چاي سۈيىنى ، يۇقۇملانغان يەرگە بەش سىكونىت قۇيۇپ قويغاندا، ۋىروسنىڭ يۇقۇش ئىقتىدارى يوقالغان. شۇڭا تەتقىقاتچىلار يۇقۇملۇق زۇكام كۆپ كۇرۇلدىغان پەسىلدە، قىزىل چاي كۆپرەك ئىچىپ بىرىلسە، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
    2. ۋىتامىن B6 دىئابىت كىسىلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  • باش ئاغرىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەرخىل بولىدۇ. باش ئاغرىسىلا دورا يېيىش ھاجەتسىز. ئادەتتە باش ئاغرىسا، ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى يېيىشكە ئالدىرىماي، تۆۋەندىكىدەك ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئائىلىدە داۋالاش ئېلىپ بارسىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
      نەپەس ئېلىش. ئۆينىڭ دېرىزىسىنى

  • ئىنسانلار ئىستىمال قىلىدىغان ئوزۇقلۇقلار تەركىبىگە قاراپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

    بىرىنچىسى: سىڭىشچان (لەتىف) غىزالار: بۇ خىل غىزالارنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ئېلېمېنتلار كۆپ بولۇپ ، ئۇلاردىن ئىشكەنگەن قان ساپ ، سۈزۈك بولىدۇ، بەدەنگە ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ ھەمدە ھەر قايسى ئەزالارغا نىسبەتەن تىز يېتىپ بارىدۇ.

    شۇڭا بۇ خىل غىزالار مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىنسا بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.مەسىلەن ؛ بۇ تۈرگە سۇيۇق ، يۇمشاق، ھەجىمى ئاز، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەر كىرىدۇ، يەنى چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم سېرىغى، مائۇللەھمى، كەكلىك ، قۇشقاچ ، چۈجە گۆشلىرى ، ئۈزۈم سۈيى قاتارلىقلار....

     

  • http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74392331.html  بىرىنچى قىسمى بۇ يەردە

    مۇئەللىپنىڭ سۆزى

     

    ئايىغۇچى ، كۆيۈنگۈچى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن ، ئۇ بارلىق كېسەللىكلەر ەۋ ئاغرىقلارغا شىپالىق بەرگۈچى ھەم بارلىق ئىش – پائالىيەت ، مۇراد-مەقسەدلىرىمىزنى بىز ئويلىغاندىنمۇ ئارتۇق ۋايىغا يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ھەم بارلىق شەيئىلەرنى مۇۋاپىق ياراتقۇچى ۋە زىننەتلەپ بەرگۈچىدۇر.

     ئاللاھ بارلىق كائىناتنى

  • بۇغۇم كېسەللىكلىرىگە ئالتە رېتسىپ

     

    بىرىنچى رېتسىپ:

    ئېيىق مېيىنى ئاپتاپتا  ياكى قازاندا ئېرىتىپ چىگىردىكىنى ئېلىۋېتىپ يەرلىك ئورۇننى مايلاپ بەرسە سۇزۇلما خارەكتىرلىك مۇپاسىل، پەيلەرنىڭ تارتىشىپ قېلىشى، بېغىشلارنىڭ ئاغرىشىدا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

     

    ئىككىنچى رېتسىپ

  • مۇھەممەد ئەزەمخان ۋە ئىكسىرى ئەزەم ھەققىدە

    بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھەكىم مۇھەممەد ئەزەمخان (مىلادىيە 1785-1875) ئاخىرقى ئۆمرى 90 ياشقىچە ئەمەلىي داۋالاش بىلەن بىرگە  ‹‹رۇمۇزى ئەزەم››، ‹‹ئەنۋارى ئەزەم››،‹‹نىرى ئەزەم››،‹‹قارابادىن ئەزەم›› قاتارلىق داڭلىق تېببىي ئەسەرلەرنى يازغان.

    ‹‹ئىكسىرى ئەزەم›› بولسا ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ سەر خىلى بولۇپ ، ئاپتور بۇ ئەسەرنى 7-ئەسەردىن 19-ئەسىرگىچە يېزىلغان ‹‹ئەلقانۇن فىتتىب››،‹‹زەخىرە خارەزىم شاھى››، ‹‹جاۋاھىرى فارابى››.....

  • تۇتاش كەتكەن قاتمۇ-قات تاغلاردا ،
    تىنچ خىلۋەت ئارانيا _دانتا .*1
    ئارتۇچ سوگۈت * 2 ئاستىدا ،

  • ئىچكىلىك ۋە ئىچىكبازلىق توغرىسىدا

       ئابدۇللا قاھار

     

       ھاراق دېگەن ئىپلاسنىڭ بىر تامچىسى قىرىق ئېغىز گەپتۇر . بىرىنچىدىن ، ئىچكىلىك توينى ئىككىگە بۆلۈپ تاشلايدۇ ، توي ئىەىسى چوڭلارغا ئالاھىدە چاي تەييارلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.نەتىجىدە چوڭلار‹‹كاتتا توي›› نىڭ ئۇيۇن – كۈلكىسىدىن مەھرۇم بولۇشىدۇ، بەزىدە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ . خۇسۇسەن يېزا - قىشلاقتا توي ئىگىلىرى ئىچەرمەن ئادەملەرنى ‹‹كاتتا توي››دىن ئايرىپ ، ئۇلارغا ئالاھىدە ئۇرۇن تەييارلايدۇ. تويغا ئېلھام بېرىپ ، ئۇنى قىزىتىشى مۇمكىن بولغان ئادەملەر شۇ توپقا كىرىپ قالسا ، ‹‹كاتتا توي›› نىڭ پەيزى قالمايدۇ

  • مەنىي ، مەزىي ، ۋەدىي ئېقىش

    مەنى دېگەن ئۇرۇق بېزى سۇيۇقلۇقىغا ، مەزى دېگەن مەنى خالتىسىنىڭ ئاغزى قىسمىغا جايلاشقان بەزنىڭ سۇيۇقلۇقىغا ،  ۋەدى دېگەن سۈيدۈك يولى شار بېزى ياكى ۋەدى بېزى دەپ ئاتىلىدىغان جىسمى ناھايىتى كىچىك ، شارسىمان  سۇيۇقلۇق بېزىنىڭ سۇيۇقلۇقىغا قارىتىلىدۇ

  • چىشنى كۆزىتىش ئارقىلىقمۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى بالدۇرراق بايقاش چىشنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشقا پايدىلىق.

      چىشنىڭ قىزىرىپ، سارغىيىپ قېلىشى

      چىشنىڭ قىزىرىپ قېلىشى، ئادەتتە، چىش مىلىكى قانىغانلىقتىن بولىدۇ، ئەمما ئاساسلىق سەۋەب ۋىتامىن C نىڭ يېتىشمىگەنلىكىدىندۇر. مەسىلەن: بەدەندە ۋىتامىن Cكەمچىل بولسا ئاسانلا چىش مىلىكى يەللىكلىنىپ، چىش مىلىكى قاناش ۋە چىش مىلىكى ئىششىش قاتارلىق كېسەللەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق چاغدا چىش مىلىكى

  • ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى

    نۇرغۇن ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. تىببى خادىملارنىڭ ئۇزاق مۇددەت كۈزىتىشى ۋە تەتقىقاتى جەريانىدا كۆكسى چىڭقىلىشنىڭ تۈۋەندىكىدەك ئالتە چوڭ سەۋەبتىن بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
    1. ياشلىق مەزگىلىدىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش. بۇ خىل ھالەت ئادەتتە، 9 ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بىرىدۇ. ئاغرىق ئۆزلىگىدىن توختاپ قالىدۇ.
    2. ھەيىزدىن ئىلگىرىكى كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىش: نۇرغۇن خانىم – قىزلار ھەيىز كېلىشتىن بۇرۇن كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ، تولۇپ، قاتتىقلىشىپ قالغانلىقىنى، بېسىلىپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئېغىرراق

  • بىرىنچىسى:  يۈرەك  كېسىلى،  سۇلۇق  ئىششىققا  گىرىپتار  بولغانلار  سۇ  تەركىبى  يۇقىرى  مېۋە  -  چېۋىلەر،  مەسىلەن،  تاۋۇز،  ئامۇت،  ئاپېلسىن  قاتارلىقلارنى  ئىمكانقەدەر  ئىستېمال  قىلماسلىقى  كېرەك.

        ئىككىنچىسى.  ھەزىم  قىلىش  سىستېمىسىدا  يارا  بولغان  بىمارلار  دولانە،  ئۈزۈم،  بۆلجۈرگەن  ۋە  ياۋا  چىلان  قاتارلىق  كىسلاتالىق  خۇسۇسىيەتكە  ئىگە  مېۋىلەرنى  ئىمكانقەدەر  ئىستېمال  قىلماسلىقى  كېرەك.

        ئۈچىنچىسى

  • http://www.blogbus.com/kukyal-logs/73788807.htmlماقالىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ!!!

    كىمنىڭ تېنىگە سۈگەل چىقسا ، ئىككى كۈنلۈك ئاينى كۆرگەندە يەرگە سىيىپ لېيىنى ئېلىپ

    سۆگەلگە سۈرتسە سۆگەل يوقايدۇ.

    بۆرىنىڭ سۆڭىكى بىلەن تىلىنى قۇرۇتۇپ ، غالجىر ئىت چىشلىۋالغان كىشىنىڭ بېشىغا سۈرتۈپ بەرسە ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

    قايسى كىشىگە يامان يارا چىقسا ، نۈشۈدۈر يىلىمىنى قۇرت بىلەن قۇشۇپ ، يارا ئۈستىگە سېپىپ بەرسە يارا ساقىيىدۇ.

    تەرەتتە قان كەلگەننىڭ داۋاسى: ئۈژمە ، قۇرۇق ئۈزۈم سۈيىنى ھەر كۈنى سەھەردە ئىچۈرۈپ بەرسە  ، ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

  • خىلىتسىز غەيرىي تەبىئىي كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى دورىلار:

     خىلىتسىز مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىق كىسەللىكلەر ، ھەر خىل ئىچكى – تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىسسىق، سۇغۇق، ھۆل ، قۇرۇق،ھۆل ئىسسىق ، قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل سۇغۇق ۋە قۇرۇق سۇغۇق كەيپىياتلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلىشى بىلەن بەدەندە ياكى بەدەندىكى ئايرىم بىر ئەزانىڭ ئاناتومىيەلىك تۈزۈلۈشىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماستىن ، فىزىلوگىيەلىك خىزمىتىدە

  • سۈت پاراشوكى دەل ‹‹كالا سۈتى شەكلىدىكى ئۈسۈملۈك مېيى››دۇر

    ئەمدى يەنە سۈت پاراشوكى ھەققىدە توختىلايلى. ماگىزىنلاردىكى قەھۋەگە سالىدىغان سۈت پاراشوكى ئاساسەن ھەقسىز بولغاچقا ، مەن دائىم دېگۈدەك بەزىلەرنىڭ ماگىزىندىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا قولىنى سۇزۇپلا بىر نەچچىنى ئېلىۋالغىنىنى كۆرىمەن . ئۇلار ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كىتىپ ئاستا – ئاستا ئىشلىتىشى مۇمكىن

  • جىگەر ئىنسان بەدىنىدىكى مۇھىم رەئىس ئەزا بولۇپ ، يىمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ پۈتۈن بەدەنگە ئۇزۇقلۇق قىلىپ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆستۈرىدۇ، تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭدەك جىگەر يەنە قاننىڭ ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ . تۆرت خىلىت (جان، سەپرا، بەلغەم ، سەۋدا) دەسلەپتە جىگەردە ھاسىل بولىدۇ، بولۇپمۇ سەپرا خىلىتى كۆكرەك جىگەردە ھاسىل بولىدۇ. تۆۋەندە جىگەرنىڭ ئورنى ۋە تۈزۈلۈشى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خىزمىتىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛

     

    جىگەرنىڭ ئورنى

كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!