www.4tadu.com
  • بۇغداي ئۇنى ۋە بۇغداي نېنى - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/76790936.html

    بۇغداي دۇنيادىكى دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدە  ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان ئۇزۇقلۇقلارنىڭ بىرى ، ئۇنىڭ تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق ياكى مۆدىتىل . بۇغداي ئىنساننىڭ مىزاجىغا ناھايىتى مۇۋاپىق بولۇپ ھاياتلىقتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ .(رىۋايەتلەردىكى ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھاۋا ئانىمىز يېگەن چەكلەنگەن مېۋىنى بۇغداي دەيدىغان قاراش بىلەن ئادەم ئاتىمىز زىمىندا كالا بىلەن تېرىقچىلىق قىلغاندا تېرىغان زىرائەتنىڭ بۇغدايلىقىدىن بىز بۇغداينى ئىنسان مىزاجىغا ئەڭ يېقىن ۋە ئىنسان ئىستىمال قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق زىرائەت دەپ قارايمىز -كۆكيال). شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹‹پۈتۈن ئۇزۇقلۇقلارنىڭ ئەڭ ئالى مۆتىۋىرى بۇغداي نېنى بىلەن گۆش›› دەپ ئېيتقان . سۈپەتلىك بۇغداي تەركىبىدە %70 - %53  كىچە كىراخمال (نىشاستە) ، %11 ئاقسىل ، %6-%1 ياغ، ئازراق فوسفور تۇزلىرى ، ئاز مىقداردا ۋېتامىن ب1 بار . ئۇنىڭغا نىسبەتەن كېپىكىدە قۇۋۋەت ماددىسى كۆپ ، لېكىن ناھايىتى قاتتىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەزىم بولۇپ كېتەلمەيدۇ . بەزى كىشىلەرنىڭ ئاشقازان ئۈچەيلىرىنى غىدىقلاپ  ئىسھال(ئىچ سۈرۈش) ، قورساق ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇن تاسقاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ . لېكىن ، بەك كۆپ تاسقاپ ئايرىۋالغان ئۇن قەۋزىيەت پەيدا قىلىپ ئەزالاردا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ . ئۇنىڭ قورۇلغان تالقىنى شېكەر بىلەن ئىستىمال قىلىنسا كۆكرەكنى تازىلايدۇ ، مېڭە ۋە كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ . تارتىلغان بۇغداي ئۇنىدا %80 ئۇن ، %16 كېپەك ،%4 باشقا تاشلاندۇق ماددىلار بولىدۇ . بۇغداي ئۇنىنىڭ كېپىكىنى بەك ئايرىۋېتىش ياخشى ئەمەس . ئەمەلىي تەجرىبىلەر ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا ، كېپىكى بەك تاسقاپ چىقىرىۋېتىلگەن ئاق ئۇن مىزاجنى بۇزۇپ ، ئادەم بەدىنىدە بەزى غەيرىي نورمال ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ . مەسىلەن ؛ ۋېتامىن ب1 يېتىشمەسلىكتىن بولغان بىرى-بىرى كېسەللىكى ، قان تۇمۇر كېسەللىكى ۋە باشقا كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى . بۇغداينىڭ كېپىكى بولسا كراخمالنىڭ بۇنداق تەسىرىنى تۈزىتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ چاپلاشقاقلىقىنى ۋە ئاسان سىڭىپ كېتىشىنى توسىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى جايلاردا بۇغداي ئۇنىدىن ئۇنىڭ كېپىكى ئەتىۋارلىق بولۇپ ، باھاسىمۇ يۇقىرى بولماقتا . پېشقەدەم ھەكىملەر مىزاجنى تەڭشەش ئۈچۈن ، ئارىلاپ كېپەكنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن .  تۇردى مۇھەممەد ئابدۇراخمان ئەللامە ئىستىسقا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا كېپەك نان (جىرىس نان) ئېستىمال قىلىشنى كۆپ بۇيرۇيتتى . بۇ ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەجرىبىلىرىدىن چىقارغان ئىلمىي خۇلاسىسى بولۇپ ، بۇنى ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىمۇ ئىسپاتلىدى . كېپىكى ئاز ئايرىلغان بۇغداي ئۇنىغا %5 ئەتراپىدا پۇرچاق ئۇنى قۇشۇپ ئېستىمال قىلىنسا ، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى  تېخىمۇ ياخسى بولىدۇ . بۇغداينىڭ خاس ئۇنى ئاق ھەم بىر ئاز سېرىققا مايىل ، پۇراقسىز بولۇپ ، ئازراقلا قۇشۇلمىلار قۇشۇلۇپ قالسا پۇراق پەيدا قىلىدۇ . بۇغداي ئۇنىنىڭ غىزاسى بېۋاسىتە ئوتتا ، ھوردا ، سۇدا ، ياغدا ياكى توكتا پىشۇرۇلىدۇ . بەزى ھېكىملەر بۇغداي خېمىرى سۇدا ياخشى پىشمايدۇ بەلكى ئوتتا ياخشى پىشىدۇ دەپ قارايدۇ . پېتىر خېمىردىن ئۆرلەتكەن خېمىرنىڭ غىزاسى سىڭىشلىك بولىدۇ .

     

                          نان

      نان ساپ ، تۇزلۇق ، خېمىرى ياخشى ئىشلەنگەن ، بولدۇرۇلغان ۋە تۇنۇردا ياخشى پۇشۇرۇلغان بولۇشى ۋە بىر كېچە تۇرغۇزۇلۇپ يېيىلىشى كېرەك . ئىسسىق ناننى كىشى تەبىئىتى ياخشى قوبۇل قىلسىمۇ ، ئۇنى ئىسسىق ھالدا يېيىش ياخشى ئەمەس بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇرۇندا كېسەكلىك تۇنۇردىن قىلىنغان ئۇششاق كاۋاكلىق تۇنۇردا پۇشۇرۇلغان نان تۇرىدۇ . باشقا ئۇسۇلغا يېپىلغان نان ياخشى ئەمەستۇر . كېپەكسىز ئۇندىن قىلىنغان نان كېپەكلىك ئۇندىن قىلىنغىنىدىن ياخشى . ئۇن قانچە تازا بولسا ، ئۇنى شۇنچە ياخشى خېمىر قىلىپ ، ئوبدان بولدۇرۇپ ، تۇزىنى تەڭشەپ ، ئوبدان تاۋلاش كېرەك .

    كېسەكتىن ياسالغان ئۇششاق كاۋاكلىق تۇنۇردا پىشۇرۇلغان نان ، ئادەتتىكى تۇنۇردا ئىككى تەرىپى بىر خىل پىشقان ناندەك ياخشى بولمايدۇ .

    ئوچاققا ئىسسىق كۈلگە كۆمگەن نان (كۆمەچ)نىڭ ئىچى خام بولىدۇ (بۇرۇنلاردا شۇنداق بولسا كېرەك ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئۆيلەردە پىشۇرۇلىدىغان كۆمەچ نان شۇنداق سىڭىپ پىشاتتى ) .

    يۇيۇلغان نان سۇۋۇتقۇچى بولۇپ ، ئۇزۇقلۇقى كەم بولىدۇ ۋە ئۇ ئاشقازاندا لەيلەپ يۈرىيدۇ . ئۇ ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەرگە پايدىلىق بولۇپ ، تىقىلمىلار پەيدا قىلمايدۇ ۋە قىزىتمايدۇ . ناننى يۇيۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك ؛ سۈيى قاچقان ناننىڭ مېغىزى ئىسسىق سۇدا ئېۋىتىلىدۇ ، ئاندىن ئۈستىگە چىققان سۇنى تۆكۈۋېتىپ سۇنى يېڭىلايدۇ . نان ئېچىتىش قۇۋۋىتىنى يوقاتقۇچە ۋە ياخشى چۆككۈچە شۇ خىلدا سۇ يېڭىلاپ تۇرۇلىدۇ .

     

     خۇسۇسىيىتى :

    كېپەكسىز نان باشقا نانلارغا قارىغاندا ياخشى ئۇزۇق بولىدۇ . لېكىن ئۇ ئاستا سىڭىدۇ . ساپ، ئاق ئۇندىن قىلىنغان نان ئۆز سۈپىتى بىلەن كېپەكسىز نانغا ئوخشايدۇ . تاسقالمىغان كېپەكلىك ئۇندا يېپىلغان نان تېز سىڭگۈچى ، لېكىن كەم ئۇزۇقلۇق ، سۈپەتسىز بولىدۇ . ياخشى پۇشۇرۇلمىغان ياكى خېمىرتۇرۇچى كام نان كۆپ يېيىشلىكتۇر ، لېكىن ئۇنىڭ خېمىرى يېپىشقاق بولۇپ ، تىقىلمىلار پەيدا قىلىدۇ . بۇنداق نان پەقەت كۆپ ھەرىكەت قىلغۇچىلارغا پايدىلىق . ئوچاققا كۆمۈپ پۇشۇرۇلغان نانمۇ شۇ خىلدىكى ناندۇر . چۈنكى ئۇنىڭ ئىچى ياخشى پىشمايدۇ .

    يۇيۇلغان نان بولسا كەم ئۇزۇقلۇق بولۇپ ، تىقىلما پەيدا قىلمايدۇ . ئۇ ئاسان پىشقۇچى ۋە يەڭگىل ئۇزۇقلۇقتۇر.

    يەڭگىل بۇغداي نېنىمۇ تاسقالمىغان ئۇندىن قىلىنغان نانغا ئوخشايدۇ .

    قەتائىف نېنى قۇيۇق خىلىتنى پەيدا قىلىدۇ تالقا

    ن قىلىنغان نان يەل پەيدا قىلغۇچى بولۇپ ئاستا ھەزىم بولىدۇ . ناننىڭ ياخشىسى بادام يېغى ئارىلاشتۇرغىنى بولۇپ ، نان سايىدا قۇرۇتۇلغان بولۇشى كېرەك .

    سۈت قوشۇپ يېپىلغان نان كۆپ يېيىشلىك بولۇپ ، ئاشقازاندا ئاستا تۆۋەنلەيدۇ ۋە تىقىلمىلار پەيدا قىلىدۇ .

    ناننىڭ تۇزى بولغانلىقى سەۋەبلىك ناندىن قىلىنغان قۇيۇق سۈرتمە ، بۇغدايدىن قىلىنغىنىغا قارىغاندا قىزدۇرۇشچاندۇر .

    يېڭى بۇغدايدىن قىلىنغان نان تېز سەمرىتكۈچىدۇر .

    بۇغداي نېنىنى ھەسەل ۋە مۇۋاپىق شىرنىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلسە ئىسسىق ئىششىقلار ئۈچۈن ياخشى بولۇپ ئۇلارنى يۇمشىتىدۇ ۋە سۇۋۇتىدۇ.

    تۇز ۋە سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان ناننى تەمرەتكىگە سۈركىسە پايدا قىلىدۇ .

    ئىسسىق نان ئۆزىنىڭ ھارارىتى بىلەن تەشنا قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇغسىمان ھۆللۈكى سەۋەبلىك ئاشقازاندا لەيلەپ يۈرىيدۇ . شۇ سەۋەبتىن تىز تويغۇزىدۇ. ئىسسىق نان تىز ھەزىم بولىدۇ ، لېكىن ئاستا تۆۋەنلەيدۇ.

    تاسقالمىغان ئۇندىن يېپىلغان نان ئىچىنى يۇمشىتىدۇ . ساپ ئاق ئۇندىن يېپىلغان نان بولسا ئىچىنى قاتۇرىدۇ . بولدۇرۇلغان نان يۇمشاتقۇچى بولۇپ ، پېتىر نان ئىچىنى  قاتۇرغۇچىدۇر . ئوچاققا كۆمۈپ پۇشۇرۇلغان نان ئىچىنى توختاتقۇچىدۇر . كونا قاتقان نان ئۇنىڭغا باشقا نانلار ئارىلاشتۇرۇلسىمۇ ئىچىنى قاتۇرىدۇ . قەتائىف نېنى بولسا ئىچىنى قاتۇرىدۇ.  

    ھاياتلىق دەستۇرى ۋە تېبابەت قانۇنى.

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى.


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ": بۇغداي نان كىپەك

    评论

  • ھازىرقى ئادەملەر ئاقارتىلغان ئۇننى يەۋېرىپ سەمرىپ كەتتىمۇ نىمە ؟
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!