-
گۈرۈچنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى - [خام دورىلار ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/76616129.html
گۈرۈچنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى بۇغدايغا قارىغاندا بىر ئاز تۆۋەنرەك بولىدۇ . گۈرۈچ تەركىبىدە كىراخمال %75 نى ، ئاقسىل % 8 نى ، ياغ %1.5 – 0.5 نى ئىگەللەيدۇ . يەنە ۋىتامىن ب1 گۇرۇپپىسىدىكى ۋېتامىنلار مول ، نۇرغۇن ئورگانىك كىسلاتالار ، ئۈزۈم قەنتى ، مېۋە قەنتى قاتارلىق يەككە قەنتلەر بار . ئادەتتە بۇغداي ، ئارپا ئىستىمال قىلغۇچىلارغا قارىغاندا گۈرۈچ ئېستىمال قىلغۇچىلارنىڭ تېنى ئاجىز ھەم سۇست ، بوشراق كېلىدۇ . لېكىن ، ياخشى پىشۇرۇلسا ھەزىم قىلىنىشى ياخشى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاشقازان ، ئۈچەي كېسەللىكى بارلارغا ياخشى پىشۇرۇلغان گۈرۈچتە تەييارلانغان ئاق ئاش مۇۋاپىق كېلىدۇ .
گۈرۈچنىڭ تەبىئىتى قۇرۇققا مايىل مۆئدىتىل ، يەڭگىل، يۇمشاتقۇچى ( مۇلەييىن) ئۇچۇچان(لەتىپ ) بولغانلىقى ئۈچۈن ، سۈت ، تۇخۇ ، چۈجە گۆشلىرى ياكى سېرىقياغ ، ھەسەل ، شېكەرلەر بىلەن ئىستىمال قىلىنسا ناھايىتى ياخشى ئۇزۇقلۇق رولىنى ئۆتەيدۇ . گۈرۈچنىڭ سىرتقى يۈزىدە ناھايىتى مۇھىم قۇۋۋەت ماددىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ، بەك ئاقارتىۋەتمەسلىك ھەم بەك كۆپ ئۇۋۇلاپ يۇماسلىق كېرەك ئەگەر ئالى دەرىجىلىك گۈرۈچنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلىۋەرسە ، قان ئازلىق ، (مەرەزى نۇقسانۇددەم ) بىرى-بىرى كىسەللىكى ، قورساققا سۇ چۈشۈش(ئىستىسقا) كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ . گۈرۈچنى سۇدا قايناتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بەزى ئۇزۇقلۇق ماددىلار(ۋېتامىن ب 1) سۇغا چىقىپ كېتىپ ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . ۋېتامىن ب1 گۇرۇپپىسىدىكى ۋېتامىنلار گۈرۈچنىڭ يۈزىدىكى پوستىدا مول ، بەزى كىشىلەر تاماق ئەتكەندە گۈرۈچنى بەك كۆپ يۇيۇۋېتىدۇ ، ھەتتا ئىسسىق سۇ بىلەن بىر نەچچە قېتىم چايقاپ سۈيىنى تۈكۈۋېتىدۇ . يەنە بەزىلەر گۈرۈچنى ئالدى بىلەن قاينىتىپ ، ئۇنىڭ سۈيىنى تۈكۈۋەتكەندىن كېيىن ، ئاندىن تاماق ئېتىدۇ . بۇ ، گۈرۈچنىڭ قۇۋۋىتىنى تۆكۈۋېتىپ ، پەقەت تىرىپىنى يېگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس . گۈرۈچنى يۇيۇشقا توغرا كەلگەندە ، ئۇنىڭدىكى توپا-چاڭلارنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن سۇغۇق سۇدا ئازراق چايقىۋەتسىلا بولىدۇ . گۈرۈچنى ئىمكانقەدەر قايناتماستىن دۈملەپ يېگەن ياخشى . گۈرۈچ تاماقلىرىنى گۆش ، كۆكتات بىلەن يېگەن ياخشى . يېڭى گۈرۈچتىن كونا گۈرۈچ ياخشى ھېسابلىنىدۇ . گۈرۈچ بىلەن تاتلىق نەرسىلەرنى قوشۇپ يېيىش ياخشى ئەمەس . تەجرىبىلەرگە قارىغاندا گۈرۈچ بىلەن تاتلىق نەرسىلەرنى بىللە يېگەن كىشىلەردە دېئابىت كېسەللىكى كۆپ كۆرۈلىدۇ .
ھاياتلىق دەستۇرىدىن ئېلىندى .
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى
收藏到:Del.icio.us