-
كەڭ تورداشلارغا - [تېببىي ھېكايەتلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/76348507.html
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار :
گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتىم . نەق گەپنىلا دەۋىرەي ؛
ئوغۇل – قىزلاردىكى جەلق ( ئانانىزىم) ئادىتى ۋە ھەمجىنىسلار ھەققىدە ئەمەلىيراق بولغان ماتىرىيال تەييارلاش نىيىتىم بار ئىدى .بۇنى ئاكا يوللۇق كۈيۈمچانلىرىمىزمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ۋە تور دۇنياسىدىكى مۇڭداشقۇ ۋە مۇنازىرە مۇنبەرلىرى ئارقىلىق ماتىرىيال يىغىشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە بۇ ھەقتە تېما يوللاشنى كەينىگە قالدۇرۇپ مۇڭداشقۇ ۋە چايخانىلاردىن ماتىرىيال يىغىپ باقاي دېگەن نىيەت بىلەن ئىش باشلىغان ئىدىم . بۇنىڭمۇ ئۈنۈمى بولۇۋاتىدۇ ئەمما كۈتكەن يېرىمدىن چىقماي قالدى . بىرىنچىدىن سۈرئىتى بەك ئاستا ، ئىككىنچىدىن مەن ئۇ يىغقان ماتىرىياللىرىمنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىگە ئېنىق ھۆكۈم قىلالمىدىم . شۇ سەۋەب بىلەن كېيىنگە قالدۇرۇلغان يول يەنى مۇنازىرە مۇنبەرلىرى ئارقىلىق ماتىرىيال يىغىشنى لايىق كۆردۈم . ماتىرىيال مەنبەسىنىڭ مولراق بولۇشى ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن قېرىندىشىمىز قارلۇق خەنزۇ تىلىدىكى ماتىرىياللارنى يىغىپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى . ئەمدى ھەر قايسى تورداشلاردىن مۇشۇ ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك (ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ياكى ئۇچراشقان) ئىشلار بىلەن بىزنى تەمىنلىسە دېگەن ئۈمىدىمىز بار . تورداش دوستلارنىڭ ئىمكان بار سەمىمىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . بلوگنىڭ ئىنكاس رايونىغا جىق خەت يازغىلى بولمىغاچقا خەت ساندۇقۇمغا ياكى مۇڭداشقۇغا ئەۋەتىپ بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .سىلەرنىڭ شەخسىيىتىڭلارغا چېتىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە ئاشكارىلانمايدۇ . بۇ تېمىنى يوللاشتىن مۇراد ھەر قايسىڭلار بىلگىنىدەك كىتابلاردا بىر بولسا غەربتىكى ئاساسلىق قاراش بويىچە بۇ دېگەن نورمال ھادىسە دەپلا تۈگەتسە ( ئەمەلىيەتتە ئېنگلىز تىلىدىكى ماتىرىياللاردىمۇ ئۇ ئىشنىڭ زىيانلىق تەسىرلىرى سۆزلەنگەن)يەنە بىر قاراشلاردا بۇ ئىشنى ئىنتايىن ئەخلاقسىزلىق ۋە ھايۋانى قىلمىش دەپ قاراپ بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا ئېغىر بولغان روھىي بېسىم پەيدا قىلماقتا . بىز مۇشۇ ھەقتە سىتاتىستىكىلىق مەلۇمات تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، بۇ ئىش ھەققىدە ئىشەنچلىك بىر ماتىرىيال تەييارلىماقچىمىز . ھەر قايسىڭلارنى مالال قىلىدىغان بولدۇق .
www.kukyal@126.com خەت ساندۇقى :
مۇڭداشقۇ نۇمۇرى : 1242717272
收藏到:Del.icio.us
评论